مانا بۈگۈن دەل بىر ئاي بولغان كۈن،يولدا كىتىۋېتىپ خۇددى كەينىڭگە قارا دىگەندەك تۇيغۇ پەيدا بولدى،شۇزامانلار كەينىمگە قارىدىم،بىرقىزغا تىكىلگىنىمچە قېتىپلا قالدىم،بۇ ئوڭۇممۇ ياكى چۈشۈممۇ؟
بۇ ئادەممۇ ياكى ھېلىقى ئاۋاستى شۇمۇ؟
ئەگەر شۇ بولغان بولسا چىرايىغابۇنچىلىك تىكىلىپ قارىسا ماڭا تۇنۇشلۇق بىرەر ئىدى،ئۇ كىتىش ئالدىدا ئىككىنجىلەپ ئىنساللار ئارىسىغا قەدەم باسمايمەن دىگەن تۇرسا،ئاخىرى ئۇنىڭ كەينىدىن تەڭماڭدىم،كېيىن ئۇ قىز بىر ئۆيگە كىرىپ كەتتى.مەن خېلى ئۇزۇن ساقلىغاندىم،.ئۇ قىزئۇكىسىنى يىتىلەپ چىقىپ كەلدى،مەن چاندۇرماستىن جايىمدا جىم ئولتۇردۇم 2000-يىلى12-ئاينىڭ9-كۈنى››
‹‹كىچىدىن ھېلقى ئالۋاستى چۈشۈمگە كىردى،مەن ئۇنىڭدىن سورىدىم:
-بۈگۈن مەن سىزگە ئوخشاش بىر قىزنى ئۇچراتتىم،ئۇ سىزمۇ؟
-ياق،مەن ئىنساللارئارىسىدىن كەتكەندىن بىرى قايتا ئىنساللار ئارىسىغا بارماي دىگەن ئىدىم،ئەمما مەن ساڭا بەرگەن ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىنساللار ئارىسىغا بېرىپ ئاشۇ قىزنى سىنىڭ ئالدىڭدىن ئېلىپ ماڭدىم.
- ئۇ كىم؟
-مەن ئەينى چاغدا ئاشۇقىزنىڭ سۈرىتىدە ساڭا كۆرۈنگەن،سەن ماڭا ئاشىق بوپ قالدىڭ.مەن ۋەدەم بۇيىچەئىككىڭلارنى ئۇچراشتۇرۇپ قويدۇم،مەن ھەر ۋاقىت سەن خالىغان ۋاقىتتا ساڭا ياردەم بىرىشكە تەييار.
-ئەمما سەن ئىنساللارئارىسىغا قايتا كەلمەيمەن دىگەن ئىدىڭغۇ؟
-شۇنداق دىگەن،ئەمما مەن كەتكەندىن بىرى سەن ھەقىقەتەن ماڭا قىيالمىدىڭ،شۇ سەۋەبدىن مەن سۈرىتىگەكىرىۋالغان قىز بىلەن سىنى ئۇچراشتۇرۇپ قويسام كۆڭلى ئاز تۇلا تەسەللىي تېپىپ قالار دىگەن مەقسەتتە شۇنداق قىلدىم،خالىمىساڭ بۇندىن كىيىن قېشىڭغا بارماي.
-ياق،ئۇنداق دىمەكچى ئەمەسمەن.
-بولدى،كېيىن كۆرۈشەيلى.
ئۇ شۇنداق دىيىشىگەچۈشۈمدىن ئويغۇنۇپ كەتتىم 2000-يىلى 12-ئاينىڭ10-كۈنى››
‹‹بۈگۈن يۇرتۇمدا تۇنجى قارياغدى،مەن بىر دەستە قىزىل گۈلنى كۆتۈرۈپ چۈشۈمدە كۆرگەن،ئۆزۈممۇ تۇنىمايدىغان قىزنىڭ ئىشىك تۈۋىدە ساقلاۋاتىمەن،يېرىم كۈن ساقلىدىم،قۇرساقلىرىم ئېچىپ كوركىراپ كەتتى،ئاخىرى ئۈمۈدنى ئۈزۈپ كىتەي دەپ تۇرۇشىمغا ئۇ قىزئىشىكتىن چىقىپ كەلدى،مەن زادى نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم،ئاخىرى ئۇ قىزنى چاقىردىم:
-ھەي،قىزچاق توختاڭە
-مىنى چاقىرۋاتامسىز؟
-ھەئە،بۇ گۈلنى سىزگە ئېلىپ كەلگەن ئىدىم.
-مەن سىزنى تۇنىمىسام يا
-ئەمما مەن سىزنى تۇنۇيمەن،خالىسىڭىز تۇنۇشۇپ قالايلى.
-كەچۈرۈڭ،تۇنۇشقۇم يوق.
ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ بەكمۇ ئۈمۈدسىزلەنگەن ئىدىم،قىپقىزىل گۈل ئاپئاق قار ئۈستىگە چۈشۈش ئالدىداتۇراتتى.
تۇيۇقسىز مەندە قايتا ئۈمۈدتۇغۇلدى،ئۇ قىز گۈلنى تاشلىۋېتىشىمگە يول قويمىدى،
-زىمىستاندا ئېچىلغان قىزىلگۈل بۇ يەردە تۇزۇپ كەتمىسۇن،مەن قۇبۇل قىلاي،دىدى ئۇ قىز.
مەن ئۆزۈمنى تۇنۇشتۇردۇم،ئۇقىزمۇ ئۆزىنى تۇنۇش تۇردى،ئۇ قىزنىڭ ئىسمى دىلارە ئىكەن.بىز خېلى ئۇزۇن مۇڭدۇشۇپ بازارغا كىلىپ قالدۇق.دىلارە ئۆزىگە لازىملىق نەرسىلەرنى سېتىۋالغاندىن كېيىن مەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بۇلۇپ ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدۇم.2000-يىلى12-ئاينىڭ10-كۈنى››
‹‹بۈگۈن مەن دىلارەنى ئالغىلى ئۇنىڭ مەھەللىسىگە باردىم،چۈشكە يېقىن باغچا ئايلىنىپ قۇرساقلارمۇ ئېچىپ كەتكەن ئىدى.
-دىلارە،تاماق يەپ كىلەيلىمۇ؟
-ھە ماقۇل
چۈشلۈك تاماقنى بىرگە يىگەندىن كېيىن بىردەم ئايلىنىپ ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدۇم.
ئۇنىڭغا يۈرۈگۈمدىكى مۇھەببەتنى قانداق ئىزھار قىلىشنى زادى بىلەلمىدىم،ئاخىرى كىنولاردىكىدەك قۇلىغائۈزۈك سېلىپ مۇھاببەت ئىزھار قىلىشنى ئويلۇدۇم ،دە بىر زەرگەرنىڭ دۇكىنىغا كىرىپبىر ئۈزۈك ئالدىم.
خۇدايىم بۇيرىسا ئەتە چۇقۇمدىلارەگە مۇھاببەت ئىزھار قىلىمەن.2000-يىلى 12-ئاينىڭ11-كۈنى››
ئەسلىدە ھېلىقى ئەلبۇمدىكى سۈرەتلەر ئاشۇ قىزنىڭ سۈرىتى ئىكەندە،ئېچىمدە ماۋۇ خاتىرنىڭ ئىگىسىگە ئەجەپ چىرايلىق ئالۋاستى ئۇچراپتىكەن دەپ ئويلۇدۇم.
‹‹بۈگۈن چۈشكە يېقىن دىلارەبىلەن كۆرۈشتۈم.
-دىلارە قۇلىڭىزنى چىقىرىڭە،
ئۇ قۇلىنى ماڭا بەردى،مەن تۈنۈگۈن سېتىۋالغان ئۈزۈكنى ئۇنىڭ قۇلىغا سېلىپ بولغاندىن كېيىن:
-دىلارە سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم،بۇندىن كىيىنكى ھاياتىمدا ماڭا جۈپ بۇلۇشىڭىزنى تۇلىمۇ ئارزۇ قىلىمەن.ماڭاماقۇل دەڭ،بۇلامدۇ؟
ئۇنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى،نىمە دىيىشنى بىلەلمەيلا قالدى.
مەن دىلارەنى باغرىمغا چىڭ بېسىپ قۇچاقلىۋالدىم،دىلارەمۇ يۇمشاق قوللىرى بىلەن مىنى ئاستا قۇچاقلاپ قۇيىۋەتتى،دە
-ماڭا ئويلۇنۇشقا ۋاقىت بىرىڭ بۇلامدۇ؟كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام ماڭا ئەزەلدىن بىرەسى بۇنداق تەلەپ قۇيۇپ باقمىغان،جاۋابىمنى كۈتۈڭ.
ئۇ شۇنداق دىگىنىچەئ ارقىسىغا بۇرۇلۇپلا يۈگۈرەپ كىتىپ قالدى.مەنمۇ ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن جۈپتىدىن ئايرىلغان بىچارە قۇشتەك،ھېلى ئۇياققا،ھېلى بۇياقلارغا قاراپ،ئۇنىڭ قايتىپ كىلىشىگە تەلمۈرۈپ مېڭىۋاتىمەن.ئۆيگە قانداق كەلگىنىممۇ ئىسىمدە يوق.2000-يىلى12-ئاينىڭ12-كۈنى››
‹‹بۈگۈن دىلارە بىلەن كۆرۈشمىگىلى ئۈچ كۈن بولدى،ئۇنى تۇلىمۇ سېغىنغان ئىدىم،يا ئۆيىنىڭ چاقىرغۇنۇمۇرىنى بىلمەيمەن،چاقىرغۇم ھەر قېتىم سايرىسا ئۇ تىلفۇن قىلغان ئوخشايدۇ دەپ 500نەچچەمىتىر ئارلىقنى بېسىپ تىلفۇنخانىغا بارىمەن،بۈگۈن چۈشكىچە ماڭا كەلگەن خاتاچاقىرغۇلارنى قايتۇرىمەن دەپ تىلفۇنخانىغا 10قېتىمدىن ئارتۇقراق باردىم،چۈشتىن كىيىن ئۇخلاپ ياتسام چاقىرغۇم سايراپ كەتتى،يەنە خاتا ئۇرۇلغان چاقىرغۇ بولساكىرەك دەپ كارىم يوق ئۇخلاپ قالدىم،بىر نەچچە قېتىم چاقىرغۇ كەلدى قايتۇرۇش خوشاقمىغان بولسىمۇ يەنە زور ئۈمۈدلەر بىلەن چاقىرغۇ قايتۇرۇش ئۈچۈ نماڭدىم،چاقىرغۇمغا ئۇچۇر كەلدى،قارىسام لىڭتۇڭ چاقىرغۇ ئىستانسىدىن ئەۋەتكەن ئۇچۇرئىكەن،سىزگە بىرەر ئىش بولدىمۇ،نىمىشقا تىلفۇن قايتۇرمايسىز؟سىزنى باغچىدا ساقلاپقالدىم.
كۆزلۈرۈمگە ئىشەنمەيلاقالدىم،خۇشاللىقىمدا يۈگرەپ باغچىغا بىردەمدىلا يېتىپ كەلدىم.
دىلارە مىنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئىدى،ئۇ مىنى كۆرۈپ كۈلۈمسىردى،
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىلارە،قانداق ئەھۋالىڭىز؟ياخشىمۇ؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،خۇداغا شۈكرى،ئۆزىڭىزچۇ؟
-مەنمۇ ياخشى
سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن مەن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئولتۇردۇم.دە جاۋابىنى ئېلىش ئۈچۈن سۆز ئاچتىم.
-دىلارە،جاۋابىچۇ؟
ئۇنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.
ئۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپ:
-گەپ قىلىشتىن راستىنلا خىجىل بۇلىۋاتىمەن.ھەممە گەپنى بۇ قەغەزگە يازدىم دەپ بىر پارچە خەتنى ماڭا سۇندى
دە ئۆيىڭىزگە بېرىپ ئوقۇڭ،ھازىر ئايلىنىپ كىتەيلى دىدى،بىز باغچا ئىچىدە ئىز چۈشمىگەن ئاپئاق قارئۈستىگە يىنىڭ قەدەملىرىمىز بىلەن دەسسەپ مېڭىۋاتىمىز،ئىككىمىزنىڭ قەلبىمۇ مۇشۇقاردەك ئاپئاق ئىدى.
مەن ئاستغىنە دىلارەنىڭ قۇلىنى تۇتىۋالدىم،ئۇ توك سۇقۇۋەتكەندە چۈچۈپ كەتتى،ئەمما يەنىلا مىنىڭ كۆڭلۈمنى ئاۋايلاپ قۇلۇمنى يىنىك سىقىمدىماقتا،بىز خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشماي ماڭدۇق،تۇيۇقسىزئۇنىڭ بۇرنى قاناپ كەتتى.
مەن مۇزدەك قارنى قۇلۇم بىلەن ئىرىتىپ ئۇنىڭ قانلىرىنى سۈرۈتۈپ قويدۇم.
دىلارە ماڭا تىكىلىپ قاراۋاتاتتى،قاراشلىرى خۇددى ھېلىقى ئالۋاستى بىلەن ئوخشاش ئىدى،مەن چۈچۈپ كەتتىم.
-مىجەزىم يوق ئوخشايدۇ،قايتىپ كىتەيلى.
-ھە ماقۇل
مەن ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قۇيۇپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.2000-يىلى12-ئاينىڭ16-كۈنى››
داۋامى بار...............
مەنبە:ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا weten520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-15 08:13 PM