|
|
|
|
ئىچىۋېرىڭ گېپىم يوق ‹‹مەي ئىچىمەن گەپ بارمۇ››غا جاۋاپ
خىزمەتداشلار ئويلۇشۇپ، ھاياسىزلار توپلۇشۇپ، دۆت ئىشەكتەك يۇملۇشۇپ كۆپرەك ئىچىڭ گېپىم يوق.
ئاشخانىلار تاقالسا، ئىمانلىقلار دەم ئالسا، يەيدىغان يوق ئاچ قېلىپ، يۇندا يالاڭ گېپىم يوق.
بېلىق كۆلدە شىپاڭدا، لەيلەيخانا دۇكاندا. مەھكەم بېسىپ پوكانغا ، تازا ئىچىڭ گېپىم يوق.
ئىچ پۇشىقى سەۋەپتۇر، ھاراقكەشلىك بىر دەتتۇر. ئاخىرەتتە كۈلپەتتۇر، راسا ئىچىڭ گېپىم يوق.
ئايرىمايسىز رامىزان، ھالال ۋەياكى ھارام. ھەتتا چىققىچە شۇ جان، زولاپ ئىچىڭ گېپىم يوق.
ئاياللارمۇ ئىچىدۇ، نومۇستىنمۇ كېچىدۇ. دوراڭ كىم ئەسكى بولسا، تۈنلەپ ئىچىڭ گېپىم يوق.
دورا ئەمەس كېسەلگە، دۇچ كېلىسىز جېدەلگە. يېزىلىپ تۇرار دەپتەرگە، گۇناھ بولۇر، گېپىم يوق.
ئىچىشمەيدۇ دانالار، ئىچەر كۆپرەك ئەبگالار. ئىچىپ ئۆلسە سەت بولار، ئويلاپ كۆرۈڭ گېپىم يوق.
مەيپۇرۇشنى باي قىلىڭ. كىيىملەرنى لاي قىلىڭ. ئوبۇرنىنى جاي قىلىڭ، سۇدەك ئىچىڭ گېپىم يوق.
يولدا مەس بوپ ياتتىڭىز، قىشتا مۇز بوپ قاتتىڭىز. كۆپ قەرىزگە پاتتىڭىز. يەنە ئىچىڭ گېپىم يوق.
سىز ئۆيدە يوق شۇ كېچە، خوتۇن ئوينار كۈنگىچە. مەستتىن ئۈمىد كۈتكىچە ‹‹يايراپ›› تۇرار گېپىم يوق.
بىر كۈن ئۆلۈپ كېتەرسىز، ‹‹مۇراد››قىمۇ يېتەرسىز. شۇ قەبرىدە بىلەرسىز، ئىچىۋېرىڭ گېپىم يوق.
مەنبەسى :ئۆز قەلىمىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-15 07:58 PM
|
|
|
|
|
|