مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1277|ئىنكاس: 6

نۇر چاچقان ياشلىق-ئادىل غاپپار كارىزى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81589
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3216
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2012-6-14
ئاخىرقى: 2014-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 06:03:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نۇر چاچقان ياشلىق


مىلاقىز

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ياشلىق ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ جۇشقۇن شۇنداقلا ئۆمۈرنىڭ كېيىنكى قىسمى ئۈچۈن ئاساس سالىدىغان ھەل قىلغۇچ مەزگىل. شۇڭا ئەلمىساقتىن تارتىپ تەجرىبىكار،پاراسەتلىك ئاتا – بۇۋىلىرىمىز ياشلىققا «ئىنسان ھاياتىنىڭ ئالتۇن دەۋىرى» دەپتەبىر بېرىشكەن. ئولۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ «ياشلىقىڭدا قېرىلىق ئۈچۈن ئىشلە،قېرىغاندا كۈچتىن قالىدۇ، كىشى ئۇنىڭغا ئۈلگۈرەلمەيدۇ،كىچىك يەنى ئوغۇل ۋاقتىڭدىلائىش – ھەرىكىتىڭنى ياخشى قىل، قېرىلىق يەتكەندە بۇ ئوت ئۆچىدۇ.» دېگەن ھېكمەتنى بىزگە قالدۇرغان. تۇغرا، ياشلىق مەزگىلى ئادەمنىڭ زېھنى ۋە جىسمانى قۇۋۋىتى ئورغۇپ تۇرىدىغان چاغ بولغاچقا كۆپىنچە كىشىلەر بىر كەلسە كەلمەيدىغان ياشلىقىنىڭ جۇشقۇن،جانلىق ۋاقىتلىرىنىڭ قەدىرىگە يېتىپ قەيسەرلىك، جاسارەتلىك بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ ھەم تۇختىماي ئىزدىنىپ ئەقلىي جەھەتتە بەلگىلىك تاكامۇللۇققا ئىگە بولۇش بىلەنبىرگە ئەنە شۇ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە بەلگىلىك مۇۋاپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنېۋېرسىتېتى تارىخ ۋە مىللەتشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ لىكتۇرى ئادىل غاپپار كارىزى ئەنە شۇنداق تىنىپ تاپماي ئىزدىنىدىغان، خەلقنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىش ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ دېگۈدەك تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىدىغان كەمتەر، سەمىمىي، تىرىشچان ياشلىرىمىزنىڭ بىرى.

ئادىل غاپپار كارىزى بېيجىڭ ئونۋېرسىتىتىدا

ئادىل غاپپار كارىزى بېيجىڭ ئونۋېرسىتىتىدا


ئادىل غاپپار كارىزى 2003-يىلى شىنجاڭپىداگوگىكا ئونېۋېرسىتېتىنىڭ مائارىپ فاكولتىتىدا ئوقۇپ، مائارىپشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە باكلاۋىرلىق ئونۋانىغا ئېرىشتى. 2003-يىلى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنغان ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتۈپ، شۇيىلى 9-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونېۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى مىللەتشۇناسلىق(مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىق) كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ،2006-يىلى 6-ئايدا قانۇن پەنلىرى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالدى. 2006-يىلى7-ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونېۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىدامىللەتشۇناسلىق (مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى) كەسپىي بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئادىل غاپپار كارىزى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىنباشلاپلا، ئەدەبىي يېزىقچىلىققا ئشتىياق باغلاپ، تۇرپان ژورنىلى ۋە تۇرپان گېزىتى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا «قەدىم كارىز تەزكىرىسى»، «كارىز سۈيى لىرىكىسى» قاتارلىق100پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە ھېكايىلەرنى ئېلان قىلدى. ئالىي مەكتەپكە چىققاندىنكېيىن، ئىلمىي تەتقىقاتقا قىزىقىپ، مەدەنىيەت، پىسخولوگىيە ۋە مائارىپشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىلمىي ماقالىلەرنى كۆپلەپ ئوقۇپ، نەزىرىيەۋىي ئاساسىنىپۇختىلىدى. 2000-يىلى بۇ ئاساستا يازغان «ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان ياريېزىسى» ناملىق ماقالىسى مەكتەپ جەمئىيەت تەكشۈرۈش ماقالىلەر مۇسابىقىسىدە1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرشتى 2002-يىلى يازغان «ئىمتىھاندا زىيادە جىددىيلىشىشنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ئىزدىنىش» تېمىسىدىكى ئىلمىي ماقالىسى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونېۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىل 3-سانىدا ئېلان قىلىندى ھەم مەكتەپ بويىچە «مۇنەۋەرئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسى» بولۇپ باھالىنىپ، مەكتەپ بويىچە «مۇنەۋەر ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى» شەرىپىگە ئېرىشتى،

ئىلىمگە ھېرىسمەن ئادىل غاپپار كارىزى ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ، بىر تەرەپتىن كەسىپ ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتسا، يەنە بىرتەرەپتىن تىل ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، خەنزۇ تىلى ۋە ئېنگىلىز تىلىنى تىرىشىپئ ۆگەنگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ قەيسەر ئىرادىلىكلىكى، تىرىشچانلىقى ۋە جاپا ئالدىدا تىزپۈكمەس روھى بىلەن ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىنىڭ ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.ئۇستازلىرىنىڭ ئىلھامى بىلەن ئۇنىڭ ئۆز كەسپىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىپ، ئۇيغۇرمىللىي پىسخىكىسىنى ۋە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى تەتقىق قىلىش قىزغىنلىقى قوزغالدى.ئۇنىڭ «تەجرىبە پىسخولوگىيىسى» دەرىسىنىڭ تاپشۇرۇقىغا يازغان «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي پىسخىكا ئالاھىدىلىكىنى تەكشۈرۈش سۇئالى ۋە ئۇنىڭ ئىلمى ئاساسى» توغىرىسىدىكى ماقالە ۋە سۇئال قەغىزى ئوقۇتقۇچىسى مەغپىرەت خانىمنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئۇنىڭ تەپەككۇرى ۋە قابىليىتىگە قايىللىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇنى يۇقىرىلاپ ئوقۇشقائىلھاملاندۇرۇپ، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونېۋېرستېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ مىللەتشۇناسلىق(مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى) كەسپىنى ۋە بۇ كەسىپنىڭ ماگىستىرئاسپىرانت يىتەكچىسى دىلمۇرات ئۆمەر ئەپەندىنى تۇنۇشتۇردى. پرۇفېسسۇر دىلمۇرات ئەپەندى ئادىل غاپپار كارىزىنىڭ قىزغىنلىق بىلەن ئېيتقان بايانلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق ئىرادىلىك، قابىليەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا ناھايىتى مۇھتاج ئىكەنلىكىنى، مىللەتشۇناسلىق(مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى) كەسپىدە ئوقۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ زور ئىلھام بەردى.  

ئادىل غاپپار كارىزى ئاسپىرانىتلىق ئوقۇشقا كىرگەندىن كېين پىرۇفېسسۇر دىلمۇرات ئەپەندىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، «ئۇيغۇرشامانىزم مەدەنىيەت ھادىسىلىرى» توغرىسىدا ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپباردى. تۇرپان رايۇنىدىكى تەكشۈرۈش تەتقىقات ماقالىسى «شامان دىنىنىڭ تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆرسەتكەن تەسىرى» ناملىق ماقالە 2006-يىلى«تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىپ، بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپشۇناسلىق ساھەسىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ ئۇقۇمىغا تەبىر بەردى. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسى «مىللىي مائارىپ ئۇقۇمى ۋە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ ئۇقۇمى» ناملىق ماقالە، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنېۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ 2006-يىل 2-سانىدا ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ «ئۇيغۇر يېزا ئەنئەنىۋىي مائارىپى ۋە يېزىلارنىڭ زامانىۋىيلىشىش مۇساپىسى تەتقىقاتى»ناملىق ماگىستىرئاسپىرانتلىق ئۇقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى بۇ ساھەدە يېڭى بىر سەھىپىنى ئاچتى ۋەئىلمىي بوشلۇقنى تولدۇرۇپ مەكتەپ بويىچە مۇنەۋەر ئۇقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى، 2006-يىلى«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 2006-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلار مۇنەۋۋەرئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى» بولۇپ باھالاندى.

تنىمسىز ئىزدىنىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغانئادىل غاپپار كارىزى خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ دىنئىنسانشۇناسلىقى، مائارىپ ئىنسانشۇناسلىقى ۋە ئېكولوگىيە ئىنشانشۇناسلىقى قاتارلىقساھەلەردە ئىزچىل تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىپ كەلدى. ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەت تەتقىقاتى ئۇنىڭ دىن ئىنسانشۇناسلىقى ساھەسىدىكى تەتقىقاتىدا كەۋدىلىك ئۇرۇنداتۇرىدۇ. 2010-يىلى ئۇ يازغان «ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەت قالدۇقلىرىنى تەكشۈرۈش تەتقىقاتى» ناملىق خەنزۇچە ئەسىرى مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپجەمئىيەتتە زۇر غۇلغۇلا قوزغىدى ۋە ئالقىشقا ئېرىشتى. ئۇ ھازىر بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى قايتا رەتلەپ تۇلۇقلاپ، نەشىرگە تەييارلاۋاتىدۇ. ئۇنىڭ مۇشۇ تەكشۈرۈشتەتقىقات ئاساسىدا يازغان، «ئۇيغۇرلارنىڭ جىن-ئالۋاستى ئىشەنچىلىرى تەتقىقاتى»ناملىق زور ھەجىملىك ماقالىسى «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى. بۇندىن باشقا بۇلاق ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 6-سانى «شامانىزم مەدەنىيەت قالدۇقى-تىل كېسىش مۇراسىمى» ۋە 2012-يىللىق 1-سانىدا «پىرە ئۇيۇنىدىكى شامانىزىم مەدەنىيەت قالدۇقلىرى ۋە ئۇنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسى » قاتارلىق ماقالىلەر ئېلانقىلىندى.

مەن ئادىل غاپپار كارىزىنىڭ خىزمەتكەقاتناشقان قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋەتىرىشچانلىقلىرىدىن خەۋەر تىپىپ ئۇنى زىيارەت قىلدىم.

مۇخبىر: سىز ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قىسقىغىنە بىرنەچچە يىل ئىچىدىلا كۆپلىگەن ئۇتۇق ۋە شان – شەرەپلەرگە نائىل بوپسىز، تېخى يېقىندىلا چىققان «ئۇيغۇر شامانىزىم مەدەنىيەت قالدۇقلىرىنى تەكشۈرۈشتەتقىقاتى» ناملىق خەنزۇچە كىتابىڭىز  جەمئىيەتتىكى ھەرساھە كىشىلىرىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بوپتۇ، .ئەلۋەتتە سىزنىڭ بۇنەتىجىلىرىڭىزنى ئاتا-ئانىڭىز، ۋە ئايالىڭىزنىڭ ئەجىرلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلىبولمايدۇ، موشۇ ھەقتە قىسقىچە تۇختىلىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟

ئادىل غاپپار كارىزى: تۇغرا دەيسىز،مېنىڭ بۇ نەتىجىلىرىمنى ئەلۋەتتە غەمگۈزار، جاپاكەش ئاتا-ئانام، ئايالىم ۋەئۇستازىم پىرۇفېسسۇر دىلمۇرات ئەپەندىنىڭ مىھنەت ۋە ئەجىرلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم، بۇ كىتابىمنى يېزىپ بولۇشقا ئۈچ يىل ۋاقىت كەتتى،ئۈچ يىل ۋاقتىمنىڭ كۆپۈنچىسى تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش بىلەن سىرتتا ئۆتتى. بۇ جەرياندائۇلار ماڭا يىقىندىن ياردەم بېرىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، ئىلھام-مەدەت بېرىپ مېنىڭ موشۇ كىتابىمنىڭ رۇياپقا چىقىشىغا ئاساس سالدى. مەن موشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا ئالەمچە بەخىت ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مەن ئېسىمنى بىلگەندىن باشلاپ ۋەتەنگە، خەلققە ۋە مېنى توغۇپ چوڭ قىلغان كۈيۈمچان ئاتا-ئانامغا قانداق جاۋاپ قايتۇرۇش توغرىسىدا كۆپ ئويلىناتتىم. دېمىسىمۇ، ئانازېمىندا ياشاۋاتقان ھەرقانداق بىر ئىنسان ۋەتىنىگە،خەلقىگە قەرزدار، ئۇلار ئالدىداچۇقۇم ئۆزىمىزنىڭ قەرز ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش بۇرچىمىز بار. ئۇندىن قالساياشلىقتىكى ۋاقىتلار بىر ئادەمگە نىسبەتەن تۇلىمۇ مۇھىم ھەم ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىكەن، دېمەكچىمەنكى، ئىنسان ياشلىق مەزگىلىدە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشسىلا،جاپا-مۇشەققەتلەرگە باش ئەگمەي داۋاملىق ئالغا قاراپ ئىلگىرلىسىلا كۆزلىگەن ئارمانلارغا ئېرىشىدىكەن. بۇندىن كېيىنمۇ مەن موشۇ يولدا داۋاملىق ئىزدىنىپ بۇنىڭدىنمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمەن.   

مۇخبىر:سىز قانداق قىلىپ ئۇيغۇرشامانىزىم مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا قىزىقىپ قالدىڭىز، موشۇ ھەقتە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

مېنىڭ بۇ تېمىنى تەتقىق قىلىشىمغا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونېۋېرسىتېتىدىكى ئۇستازىم، پىرافىسسور، دوكتۇر دىلمۇرات ئۆمەرئەپەندى تۈرتكە بولغان. مەن ماگىستىر ئاسپىرانلىقتا ئوقۇشقا كىرگەن ۋاقتىمدا،ئۇستازىم دىلمۇرات ئۆمەر ئەپەندى شىنجاڭدىكى تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ شامانىزم مەدەنىيىتى ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانىكەن. ئوقۇش جەريانىدا، مەنمۇبۇ تېمىنى ئىشلەشكە قاتناشتىم ۋە قىزىقىپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن، ئۇستازىمنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا ئۈرۈمچىنىڭ تىببىي ئونېۋېرسىتېت يولىدىن تاكى دوڭكۆۋرۈككىچە بولغانئارلىقتىكى پال سالىدىغان ئۇيغۇر، قازاق باخشىلار بىلەن كۆرۈشۈپ ۋە سۆھبەتلىشىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم. تەتىلدە يۇرتقا قايتقاندا، مەھەللە ئارىلاپ مەھەلىلەردىكى باخشى-پېرىخونلار ئارىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم. شۇ چاغلاردا يەنى 2003-يىلدىن2005 يىلغىچە، مەن تۇرپان رايۇنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ شامانىزم قالدۇقلىرى ئۈستىدەئەملىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، خېلى مول بىرىنچى قول ماتېرىيالغا ئېرىشىپ، بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ تېمىغا قىزىقىشىم ھەسسىلەپ ئاشتى.  

مەن دەسلىپىدە يىغىلغان ماتېرىياللارنىرەتلەش، پىشىقلاپ ئىشلەش ئاساسىدا، 2006-يىلى ئەركىن ئىممىننىياز قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتىدا «شامانىزمنىڭ تۇرپان رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرى» ناملىق زورھەجىملىك بىر پارچە تەكشۈرۈش دوكىلاتىنى ئېلان قىلدىم. ئارلىقتا يەنى 2006-  ئۇستازىم دىلمۇرات ئۆمەر ئەپەندى مەركىزى مىللەتلەر ئونېۋېرستېتىنىڭ 985 تەتقىقات تۈرى ــ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە تەتقىق قىلىش، تۈرىنىڭ شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ شامانىزم مەدەنىيەت قالدۇقلىرىنى تەكشۈرۈش تەتقىقات تېمىسىنىڭ تارماق تۈرىگە مەسئول بولدى. دىلمۇرات ئۆمەر ئەپەندى ئەستايىدىل ئويلىشىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ شامانىزم مەدەنىيەت قالدۇقلىرىنى تەكشۈرۈش تەتقىقاتىنىڭ تارماق تېمىسىنى مېنىڭ ئۈستۈمگە ئېلىشىمنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن شۇ يىلى كۈزدە، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونېۋېرسىتېتىنىڭ پىرۇفېسسورى دىلمۇرات ئەپەندىنىڭ تەۋسىيىسى ۋە ئىقتىساددىي ياردىمى ئاستىدا 2006-يىلى 9-ئايدىن 2007-يىلى 5-ئايغىچە غۇلجا،تۇرپان، قۇمۇل، كورلا، كۇچار، ئاقسۇ، ئاۋات، باي، كەلپىن، مارلبېشى، مەركىت،يەكەن، قەشقەر، يۇپۇرغا، قاغىلىق، خوتەن، قارىقاش، گۇما، نىيە، چىرىيە قاتارلىق شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چەت-ياقا، يىراق يېزا-سەھرالار ۋەبىر قىسىم شەھەر-بازالاردا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ شامانىزم مەدەنىيەت قالدۇقلىرىغامۇناسىۋەتلىك ئانتىرپولوگىيىلىك تەكشۇرۇش ئېلىپ باردىم ۋە زور ھەجىملىك بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە يېزىپ چىقتىم. رايۇنلاردا ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ،ناھايىتى مول ھەم مۇھىم بولغان بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى توپلىدىم. 2007-يىلىكۈزدە مۇشۇ تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىش ئاساسىدا،«ئۇيغۇرلانىڭ شامانىزم مەدەنىيەت قالدۇقلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش تەتقىقاتى» ناملىق ئەسەرنى تاماملىدىم. 2010-يىلى 11-ئايدا، بۇ ئەسەر مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرپىدىن خەنزۇچە نەشىر قىلىندى. بۇ ئەسەر نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، مۇشۇ ساھەدىك تەتقىقاتچىلارنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. 2011-يىلى مەزكىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ «نوپوزلۇقلار مۇنبىرى» پىراگىرامىسىدا موشۇ ئەسەر ۋەشامانىزم توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىندىم ھەم مەخسۇس مۇشۇ تېما ۋە كىتاپتوغرىسىدا بىر ئايدىن ئۇشۇق لېكسىيە سۆزلىدىم

مۇخبىر: شامانىزم توغرىسىدىكى ئەڭ دەسلەپكى تەتقىقات ۋە ئاساسىي نەزىرىيەلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى توغرىسىدا قىسقىچە تۇختىلىپ ئۆتسىڭىز؟

ئادىل غاپپار كارىزى:شامانىزم توغرىسىدىكى ئەڭ دەسلەپكى تەتقىقات ۋە ئاساسىي نەزىرىيىلەر روسىيە ۋە غەرىبلىكلەرنىڭ تەتقىقاتىدىن كەلگەن. ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەت تەتقىقاتى كەسپىي نەزىرىيەۋيئاساس ۋە نەزىرىيەۋى سېستىما قۇرۇلىشىغا مۇھتاج. چۈنكى، ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەت تەتقىقاتى-ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىش، ئۆزگىرىش، تەرەققىي قىلىش، ئەۋلاتتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىش ۋە قانۇنىيەتلىرىنى بىلىش ھەم ئۇنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دۇنيا قاراشى،مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، ئېتىقاد-ئادەتلىرىنى بىلشتە تۇلىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.گەرچە ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەت قالدۇقلىرى توغرىسىدىكى بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى توپلاش-رەتلەش خىزمىتى 1891-يىلى شەرقشۇناس نىكولاي فېدوروۋېچ كاتانوفدىن باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما بىزدىكى بۇ تەتقىقات تا-بۈگۈنگىچە ماتېرىيال توپلاش ۋە رەتلەش باسقۇچىدىن ھالقىپ ئۆتەلمىدى. ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەتتەتقىقاتى توغرىسىدىكى ئېلان قىنلغان ۋە نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەتراپلىق ۋە ئىنچىكە ماتېرىيال يىغىش ۋە توپلىغان ماتېرىياللارنى رەتلەش ۋە تۈرگەئايرىشنى ئاساسى مەقسەت قىلىپ كەلدى. بۇندىن كېيىنكى ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەتتەتقىقاتى توپلانغان ماتېرىياللارنى تېخىمۇ ئەستايىدىل ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىققىلىپ، ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەت قالدۇقلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەنىسىنى تارىخقا ۋەئەقىلگە ئۇيغۇن ھالدا يىشىپ چۈشەندۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرشامانىزىمىنىڭ ئۆزىگە خاس نەزىرىۋىي سېستىمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش نۆۋەتتىكى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى.

بۇ قابىل، تىرىشچان ياش يوقىرىقىدەك تەتقىقاتلاربىلەن شوغۇللىنىپلا قالماي، يەنە مائارىپ ئىنسانشۇناسلىقى ساھەسىدىكى بەلگىلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە مائارىپى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ تارىخى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەت مائارىپى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ مەكتەپلەرمائارىپى» ھەققىدە بىر قىسىم ماقالە ۋە مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقاتلارنى ئۆزى باش بولۇپ ئىشلىدى. 2010-يىلى ئۇنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە مائارىپى ۋە بالىلارنىڭ ئىجتىمائىلىشىش تەتقىقاتى» ناملىق تېمىسى دۆلەت پەلىسەپە-ئىجتمائىي پەنلەر فوندىغائېرىشىتى. ئۇ مۇشۇ ئاساستا يازغان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسى ھەققىدەتەتقىقات»، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىدىكى بالا بېقىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە تەتقىقات»، «شەھەرئائىلىلىرىدە بالىلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشىدە ئۇيغۇرچە تېلىۋىزىيە ئېلانلىرىنىڭ رولى» قاتارلىق ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ماقالىلەر «مىللىي مائارىپ تەتقىقاتى»، «مائارىپپەنلىرى تەتقىقاتى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» قاتارلىق ئىلمىي ژورناللاردا ئېلان قىلىندى. ئۇ ھازىر مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرستىتىنىڭ «985تەتقىقات تۈرى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ئىدىيە تارىخى تەتقىقاتى» ئىچىدىكى«ئۇيغۇر مائارىپ ئىدىيە تارىخى تەتقىقاتى» تۈرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، «ئۇيغۇر مائارىپئىدىيە تارىخى» ناملىق بۈيۈك ئەسەرنى يازماقتا.

بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ئىكولوگىيەئىنسانشۇناسلىقى تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېكولوگىيەمەدەنىيىتىنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئىچىدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش توغرىسىدىكىئاڭ-ئىدىيە ۋە ئەقىدە-كۆزقاراشلارنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنىقوغداش توغرىسىدا بەلگىلىك نەزىرىيىۋىي تۇنۇشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇندىن باشقائۇ يازغان «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكى ئېكولوگىيىلىك قاراشلار» ناملىق ماقالە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلىنىڭ 2007-يىللىق ئىككىنچىسانىدا ئېلان قىلىندى.  «تۈركى تىللاردىۋانىدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش ئېڭى توغرىسىدا» ناملىق ماقالە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلىنىڭ 2009-يىللىق ئىككىنچى سانىدا ئېلان قىلىندى. بۇندىن باشقا يەنە، ئۇ يازغان «ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرىدىكى ئېكولوگىيىلىك قاراشلار» ناملىق ماقالە مىراس ژورنىلىنىڭ 2009 –يىللىق 5-سانىدائېلان قىلىندى. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر كارىز مەدەنىيىتى ۋە ئۇنى قوغداش توغرىسىدىكى تەتقىقاتى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇ يازغان «تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ كارىز مەدەنىيىتى تەتقىقاتى –ئېكولوگىيە ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ناملىق ماقالىسى 2011-يىلى يۈننەن ئونېۋېرستېتىنىڭ «ئېكولوگىيەئىنشانشۇناسلىقى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالە يەنە 2012-يىلى شىخەنزەئونۋېرستىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مەملىكەتلىك ئىكولوگىيە ئىنسانشۇناسلىقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا ئوقۇلۇپ، كەڭ يىغىن قاتناشقۇچى تەتقىقاتچىلارنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغاپ، يىغىندىن كېيىن نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ئادىل غاپپار كارىزىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەخسۇس تۇرپانغا بېرىپ كارىز زىيارىتى ۋە تەكشۈرۈشىگە قاتناشتى.

زىيارەت ئاخىرىدا ئادىل غاپپار كارىزىنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئوتۇق ۋە ئامەتلەر تىلەپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ يولغاچىقتىم، كاللامنى بولسا تەگسىز خىياللار چىرمىۋالغانىدى. دېمىسىمۇ، ھازىر ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ خىزمەت تاپالمىغان، خىزمەت تىپىپ بەر دەپ جاپاكەش غەمگۈزارلىرىنىڭ بىلىكىگە ئېسىلىۋىلىپ ئۇلارنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۇققۇز تەزىمگە دۇچارقىلىۋاتقان ياشلىرىمىزنى ھەرگىزمۇ يوق دەپ كېسىپ ئېيتالمايمىز. ئەجەپلىنىدىغىنىم،ئۇلار ئەنە شۇ يوللار ئارقىلىق تىرىشىپ يوقىرى ئۆرلەپ ئوقۇسا بولمامدىغاندۇ؟ ئۇياشلارنىڭ كاللىسىدا ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن تۆھپە يارىتىش ئىستىكى زادى يوقمىدۇ؟ پەقەتئۆزى ئۈچۈنلا ياشىشى كېرەكمۇ؟ بۇ سۇئاللارنى ئويلىغىنىمدا يۈرۈگۈمنى خۇددى بىرسىقېلىپ مۇجىغاندەك ئىزتىراپ، تىڭىرقاش ۋە ئەپسۇسلىنىش ئىلكىدە تۇرۇپ قالىمەن.  شۇڭا ئاخىرىدا مۆھتىرەم ياشلىرىمىزغا شۇنى تەكىتلەيمىزكى، ياشلىقتىكى 10 يىل ۋاقىت بىر ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان،ئۆمۈرلۈك تەغدىرىنى بەلگىلەيدىغان مەزگىل. شۇڭا بۇ ھالقىلىق پەيتلەردە ھەرگىزمۇئىزىپ قالماسلىق، تۇغرا يولدا مېڭىشنى ۋە تۇغرا تاللاشنى داۋاملىق ئەستە تۇتۇپ،ۋاقىت ۋە پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماي مەردانىلارچە قەدەملىرىمىز بىلەن ئالغاقاراپ مېڭىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. شۇنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز لازىمكى، ۋاقىت-ئالتۇندىن قىممەت، بولۇپمۇ ياشلىقتىكى ۋاقىت ھەممىدىن قىممەت ۋە بىباھادۇر.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ2012-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى.

باشقۇرغۇچىنىڭ ئەسكەرتىشى: تىمىڭىزدا ئىملا خاتالىقى كۆپ، تىلىمىزنى ،يېزىقىمىزنى قەدىرلەش ھەممىمىزنىڭ بۇرچى. دىققەت قىلىشىڭىزنى تەۋىسيە قىلىمەن!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-16 12:17 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9514
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8448
تۆھپە نۇمۇرى: 402
توردا: 7116 سائەت
تىزىم: 2010-9-7
ئاخىرقى: 2012-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 07:12:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشلىق ۋاقتىنى قەدىرلەپ، تىنىمسىز ئۆگىنىپ، خېلى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق، ئىزدىنىشىنىڭ ھوسۇللۇق بولۇشىنى، دىيارىمىزدىن مۇشۇنداق ياشلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79233
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3198
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2012-4-23
ئاخىرقى: 2013-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 09:59:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئاكا ئاغىنىمىزنىڭ نۇرغۇن گەپلىرى ئېسىمدە . بۇرادەرگە سالامەتلىك. تەتقىقاتىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

مىللەتنى ئۇرۇش ئەمەس سۈكۈت ھالاك قىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4727
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11698
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 5044 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 11:51:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېيىنئاتىسى توغۇرلۇق گەپ قىلماپتىمۇ ؟   

مىللەتنىڭ ئارمىيىسى بولمىسا، مىللەتنىڭ ھېچنىمىسى بولمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11199
يازما سانى: 474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5756
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 1323 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 01:20:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دوستىمىزغا تېىخىمۇ زور نەتىجىلەرنى تىلەيمەن. ئىشلىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن.

ئانامنىڭ دۇئاسى مەن بىلەن بىللە،ھاياتىم شۇ دۇئا بىلەن بەخىتلىكتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9838
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1762 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 12:34:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادىل مۇئەللىم مىنىڭ 2010-2012-ئارلىقتا پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىدا قوش تىل بۇيىنچە تەربىيلەنگەن چاغدىكى سىنىپ مەسئۇلىم ئىدى. يېشىمىز كۆپ پەرقىلەنمەيدۇ ( بەلكى مەندىن 1-2 ياش كىچىك). ئوقۇۋاتقان چاغدا ئادىل مۇئەللىمنىڭ تىرىشچانلىق، ئىزدىنىش روھىغا ھەققەتەن قايىل بولغان ئىدىم. ئۇ كەسپىي جەھەتتىلا ئەمەس،ئەخلاقى ساپا جەھەتتىمۇ تەڭ يىتىشكەن مۇنەۋۋەرياشلىرىمىزنىڭ بىرى،كىچىكىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە ئوقۇغان بولسىمۇ ئالى مەكتەپ ۋە كېيىنكى خىزمەت ھاياتىدا خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگىلىز تىلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگۈنۈپ خېلى يۇقۇرى سەۋيەگە يەتكەن. بۇلۇپمۇ خەنزۇ تىلدا ئىلمىي ئەسەر يېزىپ نەشىر قىلىش ئادەتتىكى ئىش ئەمەس .ئۇ ھازىر دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا تەييارلىنۋاتىدۇ. ئىشىنمەنكى ئادىل مۇئەللىم كەلگۈسىدە ئۆز ساھەسىدە خېلى زور ئىشلارنى تەۋرىتىپ كارىزدىن ئىبارەت بۇ يەرئاستى سەدىچىن سېپلنى قوغداپ قېلىش،ئۇنىڭ شانۇ-شوھرىتىنى دۇنياغا نامايەن قىلشتا بايراقدارلىق رولىنى ئوينىيالايدۇ.ئۇنىڭ ساۋاپلىق ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئۇيغۇر مەدىنيەت تارىخدىن بىر كىشلىك ئورۇن ئالىدۇ.
مۇنبەر يۈزىدە بولسىمۇ بۇ ياش،ئىجتىھاتلىق مۇئەللمىمنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ،ئىلمىي ئەمگەكلىرىگەزور ئۇتۇقلار تىلەيمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-16 12:35 PM  


كامىل يۇۋاش

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34036
يازما سانى: 1428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8119
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 1729 سائەت
تىزىم: 2011-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 02:32:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەخەللوسى  مەنىلىككەن  

كامىل،يۇۋاش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش