مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5290|ئىنكاس: 42

ھېيىتلىق كىيىم ئېلىشتا ئەرلەرگە ئەسكەرتمە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22106
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9587
تۆھپە نۇمۇرى: 912
توردا: 2522 سائەت
تىزىم: 2010-12-13
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 04:26:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
بۈگۈن ھېيىتلىق ئېلىش ئۈچۈن  كەمپىرىم بىلەن بازارغا چىققان ئىدىم .راست گىپىمنى قىلسام ئىشتاندىن تۆت -بەشى ،مايكىدىن تۆت -بەشى تۇرۇپتۇ .گەرچە سىنى ۋە رەڭگى يېڭى ۋاقتىغا يەتمىسىمۇ لېكىن كونا ئەمەس ئىدى .شۇڭا يەنە ھېيىتلىق ئېلىشقا رايىم بارمايۋاتاتتى .لېكىن ماۋۇ جان كۆيەر كەمپىرىم مېنىڭ مۇشۇ خۇيۇمنى بىلگەچكە يېرىم ئايدىن بېرى سۆزلەپ قۇلاققا <توشقۇزۇپ> قويدى .شۇڭا ئۇنىڭ كۆڭلىنى يەنە ئاغرىتىشنى خالىماي بوپتىلا دىدىم .بۈگۈن ھەپتە ئوتتۇرسى بولسىمۇ لېكىن بازاردا ھېيىتلىق كىيىم كۆرىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن .ماڭا بىر ئىشتان بىر مايكا ئېلىپ بەرمەكچى بولغان كەمپىرىمنى ھېلى ئۇ دۇكانغا ھېلى بۇ دۇكانغا سۆرەپ ،روزىدار ماۋۇ جاننى خېلى ھالسىرتىپ قويدى .ئاخىرى بىر مايكىنى ياراتتۇق .مەن ئادىتىم بويىچە رەختىنىڭ تەركىبىگە قاراپ باقتىم .قارىسام 30 پىرسەنت يىپەك ،قالغىنى سۈنئىي تالاكەن .دىققەت قىلسام مەن ئۇچىراشقان بۇ بازاردا يۈز كوينىڭ ئۈستىدىكى مايكىلانىڭ كۆپىنچىسىگە شۇنداق يېزىۋاپتۇ ،راسمۇ يالغانمۇ بىر ئاللاھ بىلەر .



بۇرۇن يىپەكنىڭ ئەرلەرگە ھارام قىلىندىغانلىقى توغرىلىق بىر ھەدىس كۆرگەن .لېكىن ماۋۇنىڭدەك سۈنئىي تالاغا ئارلاش يىپەك بولامدۇ يوق بۇنىڭغا گۇمان قىپ قالدىم . شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە بۇرادىرىمگە تېلىفۇن سوقتۇم بۇرادەرلەردىن ئوحشاش جاۋاپ كەلدى ھارام قىلىنغان نەرسىنىڭ ئازىمۇ ھارام ،جىقىمۇ ھارام ،تەقۋالىق ئىستىسەڭ ئۇ كىيىمنى كەيمە دەپ جاۋاپ بەردى .شۇڭا مەن ئايالىمنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگىنىگە قارىماي ئۇ مايكىنى ئالمىدىم .لېكىن نەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق ، پاختىدىن ئىشلەنگەن يەنە بىر مايكىنى ئۇچۇرتىپ شۇنى ئالدىم .چۈشتە ھاۋا ئىسسىپ كەتكەچكە مەن بىر ئاز قىينالغانلىقىم ئۈچۈن ئۆيگە يېنىپ كەلدۇق .مەن يىپەك رەخىتنىڭ ئەرلەرگە نىمە ئۈچۈن ھارام قىلىنغانلىقى توغرىلىق تورلاردىن ئىزدەپ كۆرسەم قۇرئاندا ھارام قىلىنغانلىق توغرىلىق نەرسە يوقكەن ،لېكىن يىپەكنىڭ جەننەت ئەھلى كىيىدىغان كيىم توغرىلىق جىق يەرلەردە باركەن .ئەمدى ھەدىسلەرگە قاراپ باقايلى .چۈنكى پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىنى تۇتۇش بىز مۇسۇلمانلارغا بۇيرۇق .  مىشكاپ دىگەن ھەدىسلەر توپلىمىدا بۇ ھەقتە مۇنداق بايانلار باركەن .ئەسكەرتىش :مىشكاپ زامانىمىز ئۆلمالىرى بىردەك ئىتىراپ قىلغان سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى .بۇ توپلامنىڭ مەخسوس تور بىكىتى بار .
5343 – [ 5 ]
ئەبۇ ئامىر، ئەبۇ مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئەلۋەتتە مېنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدە زىنانى،يىپەك ئارلاش كىيىمنى، يىپەك رەخىتنى، ھاراقنى، نەغمە – ناۋا، سازلارنى ھالال قىلۋالىدىغان، ھالال سانايدىغان كىشىلەر مەيدانغا كېلىدۇ، بىر تۈركۈم قەۋىملەر تاغ باغرىغا چۈشۈپ، چارۋا ماللىرىنى يايلاقتا باقىدۇ، ئۇلاغلىرى ئوتلاپ كېلىدۇ، ئۇلارغا بىر ھاجەتمەن كىشى يەنى پېقىر كېلىپ، نەرسە سورىسا، ئۇلار ئۇنىڭغا؛ ئەتە كەلگىن دەپ نەرسە بەرمەيدۇ، شۇ كېچىسى ئاللاھتائالا ئۇلارنى ئۇخلۇتۇپ قويۇپ، تاغنى ئۇلارغا ئەۋەتىدۇ، تاغ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە گۆمۈرۈلۈپ چۈشىدۇ، ئاللاھتائالا ئۇلاردىن قېلىپ قالغانلارنى تا قىيامەت كۈنىگىچە مايمۇن، توڭگۇزغا ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، بۇخارى، ئەبۇ داۋۇد توپلىغان سەھىھ.

4810 – [ 28 ]
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ناخشا- مۇزىكا خۇددى سۇ زىرائەت ئۆسۈملۈكلىرىنى ئۈندۈرگەندەك، قەلىبتە مۇناپىقلىقنى ئۈندۈرىدۇ، بەيھەقى خاتىرلىگەن، ئەلبانى رەھمەھۇللا زەئىپ دىگەن. مۇئاۋىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يىپەك ئارىلاش كىيىمدىن، مىيىتكە ئاۋازلىق يىغلاشدىن، باتىل شېئىردىن، سۈرەت، رەسىم سىزىشدىن، ئورۇنسىز جاھالىيەتلەرچە زىينەتلىك ياسىنىشتىن، يىرىتقۇچى، گۆشخور ھايۋاننىڭ تېرىسىگە مىنىشدىن، ئۇنى كىيىشدىن، ئالتۇن، يىپەكتىن، ناخشا ئېيتىشتىن توسقان، (يەنى ھارام قىلغان). ئەھمەد 16327 – ھەدىس، سەھىھ. (لېكىن، بۇلاردىن ئىسلامى شېئىر، جانسىز نەرسىنىڭ سۈرىتى، يىپەك بىلەن ئالتۇننىڭ، ئاياللارغا ھالال بولۇشى مۇستەسنادۇر)


4395 – [ 13 ]
مۇئاۋىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يىلپىزنىڭ ، يولۋاسنىڭ تېرىسىدىن كىيىم كىيىشدىن، ئۇ تېرىگە مىنىشدىن توسقان. ئالتۇن قاچا، كۈمۈش قاچىدا ئىچىملىك ئىچىشدىن، نەرسە يىيىشدىن توسقان، ئەرلەرنى ئالتۇن سېلىش، يىپەك كىيىم كىيىشدىن توسقان،لېكىن كىچىككىنە بىر پارىغا رۇخسىت قىلغاندۇر.(ئالىملار؛بۇنى قىلىچقا ھەل بىرىشكە رۇخسەت قىلغان، ياكى كېسەل سەۋەبىدىن ، زۇزۇرىييەتتىن رۇخسەت قىلغان دېىدى.)ئەبۇداۋۇد،نەسەئى، تەبرانى توپلىغان، سەھىھ.


4394 – [ 12 ]
ئەلى ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملاردىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوڭ قولىدا يىپەك رەختنى، سول قولىدا ئالتۇننى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دىگەن: ھەقىقەتەن بۇ ئىككىسى يەنى ئالتۇن بىلەن يىپەك رەخت، ئۈممىتىمنىڭ ئەر كىشىلىرىگە ھارام قىلىندى، ئايال كىشىلىرىگە ھالال قىلىندى، ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى، ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ. بۇ سەھىھ ھەدىسدىن، ئالتۇن بىلەن يىپەك رەخت، ئەر كىشىلەرگە ھارام، چۈنكى، ھەدىستە ئوچۇقلا ھارام دىگەن، ئاياللارغا ھالالدۇر.


4384 – [ 2 ]
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يىپەك رەخت بىلەن زىغزىق تۇتۇلۇپ سىزىق چىقىرىلغان كىيىمدىن، سېرىق،قىزىلدا بۇيالغان كىيىمدىن، ئالتۇن ئۈزۈك سېلىشتىن، رۇكۇدا تۇرۇپ قۇرئان قىرائەت قىلىشتىن توسقان. مۇسلىم توپلىغان.


4377 – [ 74 ]
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى ئۆزىگە ھەدىي قىلىنغان، يىپەكتىن تىكىلگەن بىر توننى كىيىپ، ئاندىن تىزلا ئۇنى سېلىۋىتىپ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئەۋەتتى، ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى! ئۇ توننى تىزلا سەلىۋەتتىلىغۇ؟ دىيىلگەندە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم؛ مىنى ئۇنىڭدىن جىبرىئىل توستى دېدى، ئاندىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، يىغلىغىنىچە كىلىپ؛ ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى! سىلى ياقتۇرمىغان نەرسىنى ماڭا بېرىپلا، ئەمدى مەن قانداق قىلاي؟دېدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم؛ مەن ئۇنى ساڭا كەيسۇن دەپ بەرمىدىم، سېتىپ پۇلىنى خەژلىشىڭ ئۈچۈن بەردىم دېدى، ئاندىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئۇ توننى 2000 دەرھەمگە ساتتى.مۇسلىم 3861-ھەدىس.


4358 – [ 55 ]
بەررائى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يىپەكتىن ئىشلەنگەن قىزىل كۆرپىدىن يەنى ئىگە كۆرپىسىدىن، يىپەك رەخت بىلەن زىغزىق تۇتۇلۇپ سىزىق چىقىرىلغان كىيىمدىن توسقان. بۇخارى 5390 – ھەدىس، تىرمىزىيلار توپلىغان، سەھىھ.


4357 – [ 54 ]
مۇئاۋىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: يىپەك ئارىلاش توقۇلغان نەرسىگە، يىلپىزنىڭ تېرىسىگە مىنمەڭلار.نەسەئى، ئەبۇ داۋۇد توپلىغان، سەھىھ

مانا يوقىردىكى ھەدىسلەر يىپەكنىڭ ئەرلەرگە بولمايدىغانلىقى ئېيتىلغان .بەلكىم بۇنىڭغا بىر ھېكىمەت باردور .بۇنىڭ سىرلىرى تېخىمۇ ئاشكارىلانغىچە پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى چىڭ تۇتۇپ ماڭساق بىزگە ئاللاھ خالىسا چوڭ ساۋاپ بار .شۇڭا ئەرلەرگە ئىسلامنىڭ ئەسكەرتىشى شۇكى كيىم سېتىۋالغاندا رەخىت تەركىبىگە قاراڭ .
مەنبە:مەن ۋە  ھەدىسەر تورى
ئەسكەرتىش يازماندا ئەگەر ئۆزەم قاراق چىقارغاندەك پەتىۋا مەنىسى بار مەزمون بار بولۇپ مەن دىققەت قىلمىغان بولسام ماڭا قىسقا ئۇچۇر بىلەن ئەسكەرتىش بەسىڭىزلەر .ئازماس ئاللاھ .پەتىۋا پىچىش ئالىملارنىڭ ئىشى .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-15 05:04 PM  


ئىمپىراتور

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64728
يازما سانى: 1204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1109
تۆھپە نۇمۇرى: 838
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 05:00:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساناپ كەلسەك يۇقىرىقى ئىيتىلغان سۈننەتلەرنى بىلدىغان ھەم ئەمەل قىلدىغانلار قانچىلك؟ مەن بىلمەيدىكەنمەنتۇق ھەنم بولسا مۇنبەرگە كىرىپ يۇقىرىقى ھاراملارنى بىلۋالدىم، لىكىن بەزى ئەرلىرىمىز باكەنغۇ بوينغا ھەم قۇلىغا ئالتۇن ئۈزۈك ھەم ئالتۇن زەنجىر سىلۋالدىغانلار ،نۇرغۇن ئەرەپ مۇسۇلمانلىرىنىڭ رەسىمىدىمۇ نۇغۇنلىرىنىڭ قولىدا ئالتۇن ئۈزۈك بارغۇ؟ ئەجىبا شۇلارمۇ بىلمەمدىغاندۇ؟
مەن بىلۋالدىم ئامال بار بەك دىققەت قىلىمەن، تىما ئىگىسىگە رەھمەت!!!! ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى زىيادە قىلغاي!!!

سۈلھى قىلغانلار شۇ پىتى ئىزىلىدۇ!!!! شۇنداق بولغاچقا ئۈلۈپ كەتسەم رازىمەنكى ھەرگىز سۈلھى قىلمايمەن !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81246
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2012-6-7
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 05:01:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلگۈچى ئاللاھ،  خېلى بىلىمگە ئگە بۇلۇپ قالدىم،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80282
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3133
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-5-18
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 05:15:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىققەت قىلدىغان مەسلە ئىكەن رەخمەت سىزگە

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83555
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 519
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 05:16:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
تەۋپىق روھى

ياۋا ئات

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 738
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7486
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2219 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 05:24:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى كىشىلىرىمىز چۈشتە كۈن قايرىلغاندىن كىيىن سەدىقە بەرسە يامان بولىدۇ، دەپ قارايدىكەن. شۇڭا، ھەقىقىي مىسكىنلەر تىلەپ كېلىپ قالسا، «ئەتە كەلسىلە جىما» دەپ قۇرۇق قول يولغا سېلىپ قويىدىكەن. بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟
يۇقىرىدىكى ھەدىسلەرگە قارىغاندا، مىسكىنلەرنى قۇرۇق قول قايتۇرسا بولمايدىكەن. مەن ئويلايمەن، بىزمۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھاجەتمەنلەر، بىزمۇ  كېچە، كۈندۈز دىمەي ئاللاھتىن ھاجىتىمىزنى تىلەيمىز، گۇناھلىرىمىزنى تىلەيمىز، شۇنداق ئىكەن، ھەقىقىي مىسكىن قايسى ۋاقىتتا ئۇچرىمىسۇن، چوقۇم سەدىقە بېرىشىمىز كىرەك.


ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.

ئەپۇچانلىك _ گۇزەل ئەخلاق

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14852
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14859
تۆھپە نۇمۇرى: 1724
توردا: 5730 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 05:37:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىلمەيدىكەنمەنتۇق ھەنم بولسا مۇنبەرگە كىرىپ يۇقىرىقى ھاراملارنى بىلۋالدىم،

دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ،  ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر .
،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن  قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.

بەلكىم شۇنداقتۇ ~

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 1331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6183
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 415 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 05:39:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىققەت قىلمىساق بولمايدۇ . رەھمەت

بىر كۈن شۇنداق ۋاقىت بولىدۇ كۆزگە - كۆزلەر قادىلىدۇ `
كۆرىمىز ، ھىم ~ كىمنىڭ كۆزىدىن ياشلار ئاقىدۇ !


ANSWER   ( جاۋاب )

زەنجىردەك بوغارمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81203
يازما سانى: 1598
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5432
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 637 سائەت
تىزىم: 2012-6-7
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 05:48:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇشۇ  ئىشتان مەسىلىسىدىمۇ  ھازىر  بازارلاردا  بارغانسىرى  قىز بالىنىڭ  ئىشتىنىغا  ئوخشاش  پۇشقىقى  تار  ئىشتانلار  ئاينىپ  كەتتى  ،.،..

بۇندا  ئىشتاننى  كىيىپ  ماڭغان  خەقنى  كۆرسەم  كۆزۈمگە  خۇددى

  ھەزىلەك  چىرايدەكلا  كۆرۈندۇ  ،.،..

  بۇنداق  ئىشتان  كەيسە  ھارام  دىگەننى ئاڭلىمدىم  لىكىن  مىنىڭچە  ئوغۇللا  كەيسە  بولمايدۇ  

دەپ ئويلايمە .،.،
سودىگەرلەرمۇ  تاللاپ  تۇرۇپ  ئەپ كىلدىكە  ئۇنىڭ  ئۈستىگە   .،.
بەلكىم  بۇمۇ  ئەركىشىنىڭ  خوتۇن  كىشىگە  ئۆزگىرشىنىڭ  تىزلىشىپ  بېرىشىدەك  قىيامەتنىڭ ئالامىتىمۇ يا  .،.،،.،

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zanjir34 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-15 07:00 PM  


قاغا ئۇچسا  قاناتىگە قاراڭلار ، گۇناھ قىلسا زەنجىر بىلەن  باغلاپ  تاناۋىنى  تارتىڭلار !!!!

خەلقىم ئونۋىرسا

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44197
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3354
تۆھپە نۇمۇرى: 288
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2011-6-12
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 06:00:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىققەت قىلمىساق بولمايدۇ . رەھمەت بولدىلا كىرمەڭ

سەن مىنىڭ مەن سىنىڭ           ھەممە ئادەم ئۆزىگە چۈشلۇق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش