ئۆزۈم بۇ دۆلەتتە ئوقۇۋاتىمەن،ئىلگىرى بۇ دۆلەتكە چىقىشتىن بۇرۇن مالايسىيانىڭ قانداق ئىكەنلىكى ھەققىدە توردىن كۆپ ماتېرىيال ئىزدىگەن ئىدىم. ئەمما تورداكۆرگەنلىرىم،باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىرىم بىلەن ئۆزكۆزۈم بىلەن كۆرگىنىم ئاساسەن ئوخشاش بولسىمۇ لېكىن يەنىلا پەرق مەۋجۇد ئىدى،شۇ سەۋەب تۈپەيلى بۈگۈن بۇ ھەقتە مۇنبەردىكى جامائەت بىلەن ئورتاقلىشاي دەپ كونۇپكىلارنى تاراقلىتىپ ئولتۇرۇپتىمەن،ئەلۋەتتە بۇ ئارقىلىق مۇنبەردىكى مالايسىيانى كۆزلەۋاتقان،ساياھەت قىلىشنى خالايدىغان نىيىتى بارلارغا ئازراق بولسىمۇ پايدىسى تېگىپ قالسا تولىمۇ خوشال بولاتتىم.
مالايسىيا
پايتەختى كۇئالالۇمپۇر،شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى بىر دۆلەت، مەزكۇر دۆلەت جەمئى 30 ئوبلاستتىن تەركىب تاپقان،ئومۇمى جەھەتتىن چوڭ 2 گە ئايرىلىدۇ،بىرى غەربى مالايسىيا يېرىم ئارىلى،شىمال تەرەپتىن تايلاندقا تۇتىشىدۇ،جەنۇبى دېڭىز بوغۇزى ئارقىلىق سېنگاپورغا تۇتىشىدۇ. يەنە بىرى شەرقى مالايسىيا،كالىمانتان ئارىلىنىڭ شىمالىدا،جەنۇبى تەرىپى ھىندىنوزىيە بىلەن تۇتىشىدۇ.
مالايسىيا تەبىئى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكىسپورت قىلىدىغان دۆلەت،ئەڭ كۆپ چىقىرىلىدىنى نېفىت (ھازىر مالايسىيادا ماي قاچىلاش پونكىتىدىكى ماينىڭ باھاسى تەخمىنەن 1.8رېڭگىتتىن 1.9 رېڭگىتكىچە،خەلق پۇلىغا 4يۈەن ئەتراپىدا)
دۆلەت قۇرۇلغان ۋاقتى: 1957-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
ئومۇمى نوپۇسى: 27مىليون 560مىڭ (2010-يىلىدىكى ئىستاتىستىكا)
ئاساسلىق مىللەتلەر: مالاي مىللىتى 54.6%،خۇارېن 24.6% (جوڭگولۇق خەنزۇ) ، ھىندىلار 7.3%
ئاساسلىق دىنلار: ئىسلام دىنى،بۇددا دىنى،داۋجياۋ دىنى(تەرىقەتچىلەر دىنى)،ھىندى دىنى
يەر مەيدانى: 33تۈمەن كىۋادىرات كىلومېتىر
دۆلەت تېلفۇن ئالاقە رايون نومۇرى: +60
قاتناش يولى: سولنى بېسىپ ماڭىدۇ(ۋەتەندىكىنىڭ ئەكسىچە)
تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى كۆرۈڭلار