|
|
|
|
مەي ئىچىمەن گەپ بارمۇ؟
خىزمەتداشيۇ ئاغىنە، دوست-بۇرادەر كەلگىنە، ئېيتاي ئەمدى بىلگىنە، مەي ئىچىمەن گەپ بارمۇ؟
ئاشخانىلار تاقالدى، ئوچۇقلىرى دەم ئالدى، شاراپخورلار ئاچ قالدى، مەي ئىچىمەن گەپ بارمۇ؟
بېلىق كۆلى شىپاڭدا، پانۇس ئاستى پىنھاندا، سەي موما بار دۇكاندا، مەي ئىچىمەن گەپ بارمۇ؟
ئىچىشكە سەۋەبىم بار، دەيمەن پەقەت دەردىم بار، سەندە نېمە قەرزىم بار، مەي ئىچىمەن گەپ بارمۇ؟
ئايرىمايمەن رامازان، زابويلارغا يوق مىزان، تېشىلگۈچە ئاشقازان، مەي ئىچىمەن گەپ بارمۇ؟
ئاياللارمۇ ئىچىدۇ، ئىچىش نوچى ئىشىدۇ، توسقان قانداق كىشىدۇ؟ مەي ئىچىمەن گەپ بارمۇ؟
دورا بولار كېسەلگە، ھەتتا ئوخشار ھەسەلگە، نازلىرى بار گۈزەلگە، مەي ئىچىمەن گەپ بارمۇ؟
ئىچسەڭ ئىچ دانا بىلەن، دىل خۇشى رەنا بىلەن، دەپتىكەن، گۇناھ بىلەن مەي ئىچىمەن گەپ بارمۇ؟!
مەنبەسى: ئۆزەم xaxyax.com دىن سۇبات. مىلادى 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى(قەدىر كېچىسى) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xaxyax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-15 12:47 PM
|
|
|
|
|
|