|
|
|
|
ئۆلۈمنىڭ نۆۋىتى كەلسە
غادايماڭلار مەن تېخى ياش دەپ،
ئوينايلى بىللە كەلگىن ئاداش دەپ.
ياش ،قېرىغا باقماي ئالىدۇ ، بۇ ئۆلۈمنىڭ نۆۋىتى كەلسە.
ئارزۇيىڭغا يېتەلمىسەڭمۇ ، پەرۋانىدەك كېتەلمىسەڭمۇ.
ۋاقىت ساڭا ئىمكان بەرمەيدۇ، بۇ ئۆلۈمنىڭ نۆۋىتى كەلسە.
بالىلارغا قانماي ئۆتىسەن،
نەۋرىلەرگە قانماي كېتىسەن.
قانمىساڭمۇ تۇپراق ساڭا يار،
بۇ ئۆلۈمنىڭ نۆۋىتى كەلسە.
مال_دۇنيانى تېپىپ بولالماي،
ياخشى ناننى تېتىپ بولالماي.
كېتىسەن ئارمانىڭغا يېتەلمەي،
بۇ ئۆلۈمنىڭ نۆۋىتى كەلسە.
ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭ قالدى،
ئۆمۇرلۇككە يالغۇز ئاتالدى.
قىيالمايسەن ئامالىڭ قانچە ،
بۇ ئۆلۈمنىڭ نۆۋىتى كەلسە
ساغلام _تېتىك جۇشقۇن بولساڭمۇ ،
مەيلى مۇش يە ،مەيلى ئۇرساڭمۇ .
مەيلى يىقىل ،مەيلى تۇرساڭمۇ،
ئالىدۇ ئۆلۇم نۆۋىتى كەلسە.
تۇرغۇن . تالىپ (ئەنقارى )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-15 12:13 PM
|
|
|
|
|
|