ئۇيغۇرلار ئولىمپىكتا نۆل
ئەمەتبەگ ئۆمەر
13-ئاۋغۇسىت پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن30-نۆۋەتلىك (لوندۇن )ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئاياقلاشتى . دۆلىتىمىزماھىرلىرى 38ئالتۇن مىدال ، 27كۆمۈش مىدال ، 23مىس مىدال ئېلىپ ئالتۇن مىدال شۇنداقلا ئۇمۇمىي مىدال سانى جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇپ دۇنيا تەنتەربىيەساھەسىدە ئۆز قۇدىرىتىنى نامايەن قىلدى .
بۇقېتىمقى مۇسابىقىگە دۇنيادىكى 204دۆلەت ۋە رايۇندىن كەلگەن 6634نەپەر ماھىر 26چوڭ تۈر 300نەچچە كىچىك تۈر بويىچە 16كۈن مۇسابىقىلەشتى ، دۆلىتىمىزدىن 621ماھىرقاتناشتى .
ھازىرقى زامان ئولىمپىك مۇسابىقىسى 1912-يىلى باشلانغاندىن تارتىپ ئاشكارا، ئىتتپاقلىق ،باراۋەرلىك ، دوستلۇق ، تىنىچلىقتىن ئىبارەت بەش تىمىنى مەركەز قىلىپ ھازىرغىچە30 نۆۋەت ئېلىپ بېرىلدى .
ئولىمپىك پەقەت بىر ئاددى مۇسابىقە شەكلى بولۇپلا قالماي ئۇ بىر دۇنياۋى يىغلىشتۇر . ئۇ يەنە ھەرقايسى دۆلەت ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تەن ساپاسىنى ، تەرەققىياتى ، ئىجتىمائى ساپاسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بىر بەلگە . قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇ بىر ئىس-تۈتەكسىز ئۇرۇش مەيدانىدۇر . دۇنيانىڭ ھازىرقى شۇئارى تىنىچلىقتۇر ، ئەمما ھاياتلىق كۆرەشكە رىقابەتكە تولغان . دىمەك تىنچلىق دەۋىردىكى دۆلەتلەر ،مىللەتلەر ئارا ئېلىپ بېرىلىدىغان كۆرەشنىڭ باشقىچە شەكىلدە ئىپادىلىنىشى دېسەك ھەرگىز ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز . ئولىمىپىكىنىڭ ئۆز نۆۋىتىدەئىنسانلارنىڭ تەن ساپاسىنى ئاشۇرۇشىتىكى بىۋاستە ئۈنۈمى مىسىلىسزدۇر .
ئەمماھازىرقى زامان مىللەتلىرىدىن بولمىش ئۇيغۇرلار ئولىمپكىنىڭ سىرتىدا قېلىۋاتىمىز . ئۇيغۇرلارنىڭ ئولىمپىك تارىخىغا قارايدىغان بولساق ئابدۇراھمان ئابلىكىم 2000-يىلى 27-نۆۋەتلىك(سىدنىيدا ئۆتكۈزۈلگەن ) تۈنجى بولۇپ ئولىمپىك مۇسابقىسىگە يەككە تۈر بويىچە (ۋاسكىتبولماھىرىمىز ئادىلجاننىڭ ئىلگىرى جوڭگۇ ۋاسكىتبول كوماندىسى سۈپىتىدە كوللىكتىپتۈردە ئولىمىپىك مۇسابقىسىگە قاتناشقانلىقى مەلۇم ) مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئولىمپىك مۇسابقىسىگە قاتنىشش چۈشىنى رىئاللىققا ئايلاندۇردى (سابىق سېۋىت ئىتتپاقى مەزگىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئولىمىپىكقاقاتناشقانلىقى ھەققىدە گەپ –سۆزلەر بولۇنغان بولسىمۇ بۇ خەۋەرلەرنى دەللىلەشكەئامالسىمىز ) . ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئۈچ نەپەر ماھىرىمىز تۆت قېتىم (ئابدۇراھمان ئابلىكىم بىر قېتىم ، نىجات ھۈسەن بىر قېتىم ، مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭ ئىككى قېتىم ) بۇ كاتتا مۇسابىقىنىڭ قاتنىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولالىدى .
2008-يىلقى بېيجىڭ ئولىىمپىك مۇسابىقىسنىڭ ئالدى كەينىدىكى تەييارلىقلار ، تەشۋىقاتلارئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئولىمپكىنى تۇنىدى ، بىلدى . قىزىقىشى يۇقىرى باسقۇچقا چىقتى .پەلەك شاھزادىسى ئادىل ھوشۇر داۋازلىقىنى ئولىمپكىنىڭ بىر تۈرى قىلىشقا ئىلتىماسقىلماقچى بولدى . ئولىمپىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن بېيجىڭىغا پىيادە بارغۇچىلار ،موتۇسىكلىت بىلەن مەملىكەتنى ئايلىنىپ چىققۇچىلار ، ئولىمپىك ئۈچۈن خاتىرە بۇيۇملارنى ياسىغۇچىلار بولدى . بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى تۈگىشى بىلەن بۇقىزغىنلىقمۇ قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قويغاندەك غايىب بولدى . ئەمما ئۇنىڭىدىن كىيىن تۆت يىلدا بىر قېتىمكىلىدىغان مۇسابىقىنى خەلىقىمىز گويا ئۇنتۇپ كەتكەندەك قىلاتتى . 2012-يىلى7-ئايدا مۇھەممەد تۇرسۇن چوڭنىڭ لوندۇن ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشش سالاھىتى بىكىتىلگەندىلا ھەر قايسى تور بىكەتلەر بەس-بەستە بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىشىپ ، مەدەت بىرىشلەر پەلەككە يىتىپ بۇ ئوغلانىمىزنى لوندۇنغا زور ئۈمىد بىلەن يولغا سالدى ،پۇلى بارلار يوللۇق تۇتتى ، پۇلى يوقلار ياخشى تىلەك تىلىدى .ئەمما مۇسابىقە باشلىنار باشلانمايلا يىتىپكەلگەن شۇم خەۋەر پۈتۈن ئارزۇ ئارمانلرىمىزنى كۆپۈككە ئايلاندۇردى . روسىيىلىك بوكىسىچى ماھىرىمىزنى بىرىنچى مەيداندىلا يېڭىۋاپتىمىش . كۆڭلىمىز يېرىم بولدى ،ئولىمپىكتا ئالماقچى بولغان شۇ ئالتۇن مىدالىنى ھېلىقى رۇس چوشقىسى يوق قىلدى .بەزىلەر دىدى ، ئوغلانىمىز دەسلىپىدىلا كۈچلۈك رەقىبكە دۈچ كەپ قالغاچقا شۇنداق بولدى دەپ . بەلكىم باتۇرىمىز بۇ سېرىق تۈكىنى مەنستىمىگەندۇ ، ياكى خەلىقىمىزنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسدىن بېىسم ھېس قىلغاندۇ . شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئولىمپىكىتىكى مىدالسانى نۆل پېتى قېلىۋەردى . ئەنە شۇنىڭدىن كىيىنكى 13كۈنلۈك ئولىمىپىك مۇسابىقىسى بىز ئۈچۈن مەنىسز بىلىندى . خەۋەرلىرىمىزدە ، تور بەتلىرىمىزدە ئولىمپىك ھەققىدىكىخەۋەرلەر ئۆچتى ، خۇددى پۈتۈن ئولىمىپىك مۇسابىقىسىنى 30-ئىيۇن مۇھەممەد تۇرسۇنچوڭ ئاخىرلاشتۇرغاندەك .
ئەممائولىمىپىك مۇسابىقىسى ئۆزىنىڭ ھەشەم دەرىمى بىلەن داۋاملاشتى . پۈتۈن دۇنيادىكى غالىبلارنى داۋاملىق شاتلاندۇردى .
شۇلارنىڭ ئىچىدە جۇڭگۇلۇقلارمۇ بار . مەن خەن مىللتىدىن بولغان خىزمەتداشلىرىمنىڭ ،دېھقانلارنىڭ ، ھەتتا كوچىدا تاۋۇز سېتىۋاتقان باققاللارنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ قانچەئالتۇن مىدال ئالغانلىقىنى ، ئامرىكىدىن ئېشىپ كېتەي دەپ قالغانلىقىنى ، قايسىدۇربىر ماھىرنىڭ قانداق ماھارەت بىلەن ئالتۇن مىدال ئالغانلىقىنى زۇق-شوخ بىلەن سۆزلەشكىننى ، مۇنازىرلەشكىننى كۆردۈم ، ئاڭلىدىم ، ھەتتا ئىشلەمچى مەدىكارلارنىڭمۇ بىر كۈنلۈك جاپالىق ئىشنى تۈگىتىپ ئارام ئالاي دىمەستىن خەلق مەيدانىدىكى چوڭ تېلۋىزۇر ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ھاياجان بىلەن مۇسابىقە كۆرگىنىگە شاھىت بولدۇم .
ئەمماخەلىقىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى پارىڭىنى بەكمۇ ئاز ئاڭلىدىم . گويا دۇنيا يۈزىدە بۇنداق ئىش بولمىغاندەكلا . غەلبە دىگەن ئاجايىپنەرسىكەن . شۇ كۈنلەردە خەنلەرنىڭ چىرايىدىن غەلبە تەنتەنىسىنى ، مەغرۇرلۇق ئالامەتلىرنى كۆردۈم . ھاياجانلىرىنى ھېس قىلدىم .
ئىلگىرى جوڭگۇلىقلار ئولىمپىنىڭ ئىشىكىدىن كىرەلمىگەندە ئولىمپىكىنى غەرىبنىڭ ئويۇنى دەپ ئويلايتتى . كىيىن مەلۇم بولدىكى ئولىمپىك ھەقىقەتەن بىر ئويۇن ئىكەن .ئويۇن بولغاندا راۋۇرۇس ئادىل ئويۇن ئىكەن . ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقى ئاسىيا كېسەل كۆرپىلىرى ئولىمپىك ئارقىلىق قەددىنى رۇسلىدى . ئولىمپىك ئارقىلىق قەلبىدىكى ئاجىزلىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى . ئۇ يەنە شۇنداق ئادىل بولدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ بۇ مۇسابىقىدە مىدال ئالسا بولىدىكەن . بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە زاڭ مىللىتىدىن چې ياڭشى جېي ئىسىملىك ئايال بىر ئالتۇن مىدال ئالدى . خۇيزۇ قىز جاۋ چاڭ شىڭ قازاقىستان ئۈچۈنبىر ئالتۇن مىدال ئالدى . مانا بۇلار نەتىجە . ئەمما بىزنىڭ ئالدىمىزدا يەنىلا بىرنۆل گۆشىيىپ تۇرۇپتۇ . مەن ئولىپمىك مۇسابىقسىگە قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشكەن ماھىرلىرىمىزنى ئەيىپلىمەكچى ئەمەسمەن ، ھەم ئەيىپلەشكە ھەددىممۇ ئەمەس . ئۇلارنىڭ غەيرىتىگە بارىكاللا.
شۇ سۇئالغا ئۆز –ئۆزۈمچە جاۋاپ ئىزدىدىم ، ئولىمپىك نىمىشقا بىز ئۇيغۇرلارنى جەلىپ قىلالمايدۇ ؟ نىمىشقا قىزىقتۇرالمايدۇ؟ بىزنىڭ تەن ساپايىمىز ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىششقا يار بەرمەمدۇ؟ بىزدىن نىمىشقا كۆپلەپ ئولىمپىك ماھىرلرى ،ئالتۇن مىدال ساھىبلىرى چىقمايدۇ ؟
كۆپچىلىكھەمىشە ئۇيغۇرلانىڭ تەن ساپاسى يۇقىرى دەپ قارايمىز ، تۆت پەسىلى ئېنىق ، يىمەك ئىچمكى مول ماكاندا ياشاپ چوڭ بولغان ، كەڭرى تەبىئەت قويىنىدا چېنىققان كىشلىرىمىزنىڭ تەن ساپاسى يۇقىرى بولۇشى تەبئىى، بىراق نەتىجە بىزنى گاڭگىرىتىپ قويماقتا، قارىغاندا تۇغما تەن ساپالا بولسا بولمايدىغان ئوخشايدۇ . مەن بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى ئەتىراپىمىدىن ئىزدىم .
مەن چوڭ بولغان سەھرانىڭ باشلانغۇچ مەكتەپىنىڭ يۇقىرى يىللىقىغا چىققاندىلا تەنتەربىيە دىگەننىڭ بىر پەن ئىكەنلىكىنى بىلىدىم . ئۇ ۋاقىتتا مەكتەپتە يىرتىلىپ كېتەي دىگەنبىر ۋاسكىتبول بىلەن پۇتبۇل بىزنىڭ بىردىبىر تەنتەربىيە ئەسلەھەيىمىز ئىدى . تەنتەربىيەدەرىس دىگىنىمىز يۈگرەش دىگەنىلىك ئىدى ، ئايدا بىرەر قېتىم مەكتەپىنىڭ توپىلاڭمەيدانىدا خىش كېسەكىنى ۋارىتار قىلىپ قويۇپ چاڭ –تۇزاڭغا مىلىنىپ پۇتبۇلئوينىيالايتتۇق . بۇ بىزنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىمىز ئىدى . چوڭ بولغانچە بىلدىمكىتەنتەربىيە دەرسى دىگەن بىر قوشۇمچە دەرىس ئىكەن ، ئۇنىڭ ئىمتاھانىدىن ئۆتسەكئۆتمىسەك بەرىبىر ئىكەن (بۇنى سىنىپ مەسئۇلىمىز ، ماتىماتىكا ئوقۇتۇقىچىمىز دىگەن،بىراق ئاساسلىق دەرىسلەرنىڭ ئىمتاھانىدىن چوقۇم ئۆتىشمىز كېرەككەن ، تەنتەربىيە دىگەن كىيىنمۇ ئەسقاتمايدىكەن ) .
كىيىن خىزمەتكە چىقىپ ھېس قىلدىمكى ئىشچى-خىزمەتىچىدىگەنلەر بەكمۇ ھۇرۇن بولدىكەن ، ئىشخانىسىدىن چىقمايدىكەن ، ئەتتگىنى سەھەرتۇرمايدىكەن ، قىسقىسى تەنتەربىيە دىگەننى ياقتۇرمايدىكەن . بارا-بارا مەنمۇ مۇشۇ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا كۆنۈپ كەتتىم . كىيىن يەنە بايقىدىمكى كادىرلار ئارىسىدىمۇئەتىگەن - كەچتە چېىنقىدىغانلار ، تەنتەربىيەگە قىزىقىدىغانلار بار ئىكەن ، توۋادەپ قالدىم تەنتەربىيەمۇ مىللەت ئايرىيىدىكەن . بىزلەر كۈندە كەچتە رېستۇرانغا قاتار چايغا قاتىراپ ، چوشقىدەك يەپ-ئىچىپ پۇل خەجلەپ سەمرىپ ئۆزىمىزگە كېسەل تېپىۋاتقىنىمىزدا خەن مىللىتىدىن بولغانلار مەيدانلاردا ھەقسىز گۈزەللىك گىمناستىكىسى ئويناپ ئورۇقلاۋېتىپتۇ ، سەھەر تۇرۇپمۇ ئايلىنىپ باقتىم بىزلەرنىڭ ئاز بىرقىسم كىشلەرنىڭ چېنىققىنى، تازلىقئىشچىلىرىمىزنى ھېسابقا ئالمىغاندا كۆپ قىسىم كىشلىرىمىزنىڭ ئەتتىگىنى يوتقان ئىچىدە پوق پۇراپ ، غايىبانەچۈش كۆرۈپ ياتىدىغانلىقىنى ئۇلارنىڭ بولساسەھەر تۇرۇپ چېنىقىپ بەدەن ساپاسىنى ئاشۇرۋاتقانلىقنى بايقىدىم .
ئۇيغۇر كادىرلار بىلەن خەنزۇ كادىرلارنى ، ئۇيغۇرپىنسىيۇنېرلىرى بىلەن خەنزۇ پىنسىيۇنېرلىرىنى سېلىشتۇرۇپ باقىمەن . ئۇيغۇركادىرلار ھۇرۇنلىقىتىن سەمرىپ قورساق سېلىپ كىتىۋاتقاندەك ، ئۇيغۇر پىنسىيۇنېرلار ئۆيىدىن تالاغا چىقىمايدىغاندەك .
باشتىكى گەپنى يەنە دېسەم بىزدە پۈتۈن بىر مىللەت سۈپىتىدە ئولىمپىكىقا ، تەنتەربىيىگە قىزىقىش تۇلىمۇ سۇس بولدى . مۇسابىقىگە چۈشكەنلەرنى دىمەي تۇرايلى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن كۆرگەنلەر مۇبۇھەقتە خەۋەر بېرىشمىدى . بىز مەيلى چىمپىيۇن بولايلى ، بولمايلى مۇسابىقىنى كۆرۈشىمىز ، خەلىقئارا سەۋىينىڭ قانداق بولىدىغانلىقنى بىلىشىمىز ، بۇ ھەقتەمۇنازىرە قىلىشىمىز كېرەك ئىدى . ئەمما ئەپسۇس بۇ ھەقتىكى پاراڭلارمۇ نۆل . بەلكىم بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى نەق مەيداندا كۆرۈش شەرىپىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇرلىرىمىزتولىمۇ ئاز بولۇشى مۇمكىن . ئەمما 2008-يىلىدىكى پۈتۈن جۇڭگۇنى تەۋرىتىۋەت كەنبېيجىڭ ئولىمپىكىنى نەق مەيداندا كۆرگەنلەر ئانچە ئاز ئەمەس . بىراق ھېچىكىم بۇھەقتە نەق مەيدان تەسىراتلىرىنى دەپ باقمىدى .
<يارىتىشىنى مەن ياراتتىم ، يارىلىش ئۆزەڭدىن دەپتىكەن > ئاللاھىمىز . تەن ساپايىمىز ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ داۋاملىق چېىنقمىساق ، ئاسىرمىساق ئۇ ھامان تۈگىشىدۇ . تەن ساپا ئاجىزلاشسا ئىنساننى كېسەل باسىدۇ ، كېسەللەر كۆپەيسە پۈتۈن كېسەل باسقان خەلق ھازىرقى ئىنسانىيەت رىقابەت بەيگىسىدە خارابلىققا يۈزلىنىدۇ . تەنساقلىق تەرەققىياتقا ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ .
ئولىمپكقا قاتنىشش ئۇ بىر نەتىجە ، مىدال ئېلىش بولسا غەلبە . بىراق ئەڭ مۇھىم بولغىنى خەلقىمىز ئىچىدىكى كۆپ قىسىم كىشلىرىمىزنىڭ تەن ساپاسى .بولمىسا ھەر قانچە ئۇلۇغۋار ئارزۇ ئارمانلار بولسىمۇ قۇرۇق شۇئارغا ئايلىنىپقالىدۇ .
ئولىمپىك يەنە داۋاملىشىدۇ ، 2016-يىلى، 2020-يىللىرى يەنە ئۇنىڭىدىن كىيىنمۇ يەنە تۆت يىلىنى بىر دەۋىر قىلىپ ئايلىنىشىمۇمكىن . مەقسەت ئولىمپىكتىلا ئەمەس ، ئەمما نىشان بولسىمۇ بولمايدۇ . ئەگەرخەلىقىمىز بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە تەن ساپاسىنى ئاشۇرسا كەلگۈسىدە ئولىمپىك مۇكاپات سەھنىسىگە بىزمۇ چىقالىشىمىز مۇمكىن .
(تۈگىدى )
2012-يىل 15-ئاۋغۇسىت چاقىلىق
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-15 12:15 PM