مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2686|ئىنكاس: 15

(ئىتوت) مېھمان مۇئەللىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8600
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11662
تۆھپە نۇمۇرى: 1080
توردا: 4998 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2014-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 12:29:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

(ئىتوت) مېھمان مۇئەللىم


ئاپتورى: ئەلخۇمار يۈسۈپجان

     ئۇ مۇشۇ ئۆينىڭ ئالدىدا لەيلەپ يۇرگىنىگە خېلى بولغانىدى.ئىشىك ئالدىغا تەشتەكلىك گۇللەر تىزىلغان بۇ ئۆينى ئۇنىڭغا تەقدىر كۆرسەتكەندەكلا ئىدى. بىر نەچچە كۇن ئىلگىرى ئۇ بۇ ئەترەپنى تىمسىقلاپ يۇرۇپ بىر كىچىك بالىنىڭ بۇ ئۆيدىن چىقىپ ئاچقۇچنى گۇلنىڭ ئاستىغا قۇيۇپ قويغىنىنى كۆرگەن.‹‹ئاۋۇ تاشتەكنىڭ ئاستىدا بۇ ئۆينىڭ ئاچقۇچى بار، بۇ ئۆينىڭ بالىسى ئاچقۇچنى شۇ يەرگە قۇيۇپ قويغىنىنى ئۆز كۆزۇم بىلەن كۇرۇپ قالغان،گۇل دىگەننى بەخىتنىڭمۇ بىر نىمىنىڭ سىمولى دىيىشىۋاتاتتى،مۇشۇ يەردىن بولسىمۇ بەختىم باشلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس››،ئۇ ئىچىدە شۇنداق دىگىنىچە بۇ ئۆيدىن چىقىدىغان خۇشاللىقنىڭ لەززىتىگە بىردەملىك چۆمدى، پۇرەكلىپ ناھايىتى چىرايلىق ئېچىلغان بۇ گۇللەر ئۇنىڭغا بۇ ئۆيدىن ئويلىغىنىدىن تاشقىرى بىر نەرسىلەر چىقىپ قالىدىغانلىقىدىن بىشارەت بىرەتتى.ئۇنىڭچە بولغاندا يوقسۇللارنىڭ گۇل ئۆستۇرۇشكە ھەپسىلى بولماسلىقى كىرەك ئىدى،بولغان تەقدىردىمۇ بۇنداق باققان گۇللىرى بۇنداق جۇلالىق بۇلمايتى .ھېلى بىرسى ئۇنىڭغا مۇشۇنداك گۇلدىن بىرەر توننا بەرسە ئۇ ئاۋارە بۇلۇپ قاراپ قۇيامدۇ.مۇشۇنداق ئىشلارنى پەقەت قورسىقى تۇيۇپ قىلىدىغان ئىش تاپالمايۋاتقانلارلا قىلىپ يۇرەتتى .مۇشۇلارنى ئويلاپ مۆلچەرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە يەنە بىر قېتىم ئىشەندى دە قايتا ئىككىلىنىپ قالماسلىققا تىرىشىپ ئۇيان بۇياققىمۇ قارىماستىن ئۇدۇل ئشىكنىڭ ئالدىغا كەلدى.

     -ھەي گۇزەللىكنىڭ ئەلچىللىرى، گۇزەللىكىڭلارنى ماڭا كۆرسىتىڭلاركى ئاستىڭلاردىكى  ئاچقۇچ بۇگۇن چىقماي قالمىسۇن -بىسمىللىھى رەخمانىر رەخىم.

      ئۇ شۇنداق دىگىنىچە تەشتەكنى يۆتكىۋىدى ئاستىدىن ھەقىقەتەن ئاچقۇچ چىقتى.يۇرەكلىرى گۇپۇلدەپ كەتكەنلىكتىن ئۇ ئۆزىنى بېسىۋىلىش ئۇچۇن ئىشىكتىن يىراقراپ تەمكىن قىياپەتتە مىڭىپ يۇردى،ئەتراپ بىخەتە ئىكەنلىكىنى سەزگەندىن كىيىن دەرھال كەينىگە قايرىلىپ ئاچقۇچنى سالدى،بىر ھازا تولغاپ ئاچالمىغاندىن كىيىن يەنە شاپپىدە ئىشىكتىن يىراقلاپ قۇلىنى يانچۇقىغا سىلىپ تۇردى،شۇ ھالەتتە بىر نەچچە دەقىقە ئەتراپقا سەپسەلغاندىن كىيىن شاپپىدە قايرىلىپ كىلىپ داۋاملىق تولغاشقا كىرىشتى. ئاخىرى ئىشىكنى ئاچتى دە كەينىگىمۇ قاراپ قويماي  ئىچىگە شۇڭغۇپ كىرىپ كەتتى.

    دەل ئۇ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن شۇ دەقىقىدە بىر چاقىرىلمىغان مىھماننىڭ بۇ ياققا قاراپ كىلىۋاتقىنىنى خىيالىغا كەلتۇرمىگەنىدى.

     -«كىچىك ئەيسانى مۇشۇ يەگە كۇچۇپ كەپتۇ» دەپ ئاڭلاپ تاپ باستۇرۇپ يىتىپ كەلدىم-دىدى ئەيسا ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ.

    -مۇشۇ كۇنلەردە بىرەر ئۆيگە ئەسسىلا ئەلەيكۇم دەپ كىرگىنىمۇ بولمايدىغان بوپ كەتتى،ھازىر ئۆيلەردىمۇ كامىرا بوپ كەتتىمىكىن، ئىشىكنىڭ ئالدىغا كەپ بولغىچە« ئۆيىمىزنىڭ تېشىدا گۇمانلىق ئادەم تۇرىدۇ »دەپ 110غا تىلفۇن قىپ بولغان،مۇشۇنداق قىلىپ ساقچىغانىلارغىمۇ نەچچە قېتىم مىھمان بولدۇم مەن.مۇشۇ كۇنلەردە تۇزۇك بازار يوق يەنە شۇ قۇيۇپ بولغان كونا خىرىدارلاردىن  باشقىسى بىكار ئوخشايدۇ.ئۆيىنى ئاۋۇسى دەۋاتاتتى –دىدى ئۇ يىراقراى باشقا بىر ئۆي تەرەپكە قاراپ .

     -خەپ كىچىك ئەيسا ،نەچچە قىتىملىقنىڭ قازاسىنى بۇگۇن  بىراقلا ئالمىسام -ئۇ شۇنداق دىگىنىچە بايا قارىغان ئۆي تەرەپكە قاراپ يۇرۇپ كەتتى.

     ‹تۇفى› دەۋەتكەنىدى ئوغرى ئىچى تەرەپتىن چىقىپ ئاچچىقىغا پايلىماي-ئۆينىڭ سىرتىغا  ھەر چىرايلىق گۇللەرنى تىزىپ قويسا ئىچىگە نىم كارامەتلەرنى تىزىۋەتكەندۇ دەپتىمەن.بار يوقىنى ئىشىكنىڭ ئالدىغا تۆكمە قىلىپ كۆرگەزمە قىپتىكەن بۇ .

     ئۇ ئاختۇرۇشقا تىگىشلىك ۋە تىگىشلىك بولمىغان نۇرغۇن يەرنى ئاختۇرۇپمۇ ھىچنىمە تاپالمىغانىدى.مۇشۇ تاپتا داغۋاز،سۆلەتۋاز دىگەن گەپلەرنىڭ مەنىسى تۇنجى قېتىم ھىس قىلىپ تۇيغۇللىرىنى ئالداپ ئۆزىنى روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن ئاۋارە قىلغان  ‹سۆلەتۋاز› ئۆي ئىگىىسىنى گۇللىرى بىلەن قۇشۇپ قاتتىق قاغاۋاتاتتى.ئۇ ئەڭ ئاخىرقى ئۇمىدىنى باغلىغان كىروسلونىڭ تارتمىسدىن بىر كىنىشكىدەك نەرسىنى چىقىرىپ خوش ياقمىغاندەك ئۇقۇدى:‹ ئالى دەرجىلىك ئوقۇتقۇچى قاسىم ھوشۇر ئۇزۇن يىل مائارىپ سېپىدە كۆرەش قىلىپ .... ›–ئۇ خوشماقمىغاچقا ئاخىرىنى ئۇقا-ئۇقىمايلا جايىغا تاشلاپ قويدى.

   - نەگىلا قارىسا كىتاپ بىلەن كىنىشكە –دىدى ئۇ تارتمىنى زەردە بىلەن يېپىپ -بۇ تېخى ئالىسىكەن ،بۇ خەق بار يۇقىنى  كىتاپ كىتاپ قەغەزگە بۇزۇپ چاچامدۇ ھە،بۇ ئۆيدە يەنە بىردەم تۇرسام كىتاپ بېسىۋالمىسۇن،ئىسىت ساڭا قىلغان ئەقىدەم .

  ئۇ تورۇسلارغا قارىغىنىچە شۇنداق دىدى ، قۇرۇق چىقىپ كىتىشكە قەتئى كۆڭلى ئۇنىماي داستىخاندىكى مىۋىلەرنى ئاچكۇزلۇك بىلەن يالمۇغاچ  تىزىلغان گىزەكلەرنى يانچۇقىغا تۇكۇشكە باشلىدى.

   بۇ چاغدا بايامقى مىھمان بايا كەتكەن تەرەپتىن قايتىپ يەنە شۇ ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىغانىدى.

-كىچىك ئەيسا يەنە ئۇيىدە يوقكەن –دىدى ئۇ ئۆز –ئۆزىگە نارازى بولغان قىياپەتتە- مۇشۇ كۇندە ھەممە خەق ئۆيىدە ئولتۇرماي مەندەك بوپ كىتىپ بارامدۇ ھە،ھىچ تۇتۇق بىرىدىغان بىرنى تاپقىنى بولمايدۇ.مۇشۇنداق بولغىنى تۇرسائەتە ئۆگۇن دەرىجەم تۆۋەنلەپ كىچىك ئەيسا مەن بوپ قالامدىم قانداق.

   ئۇ مۇنداقلا قاراپ بايامقى ئۆينىڭ ئالدىدىكى تىزىپ قۇيۇلغان گۇللەرنى كۆردى.

- پاھ نىمىدىگەن چىرايلىق گۇللەر ھە مۇنۇ-دىدى مىھمان گۇللەر ئالدىدا زوڭزۇيۇپ-سۇ ئىچكەنگىمۇ مۇشۇنداق ئىچىلىدىكىنا.ئادەم تۇرۇپ مۇشۇ گۇلچىلىك ئىچىلالمەندە قىززىق.ئۇسۇملۇك بولسام ئىسپىرىتقا چىلايدىغان پاختىلا بۇلارمىدىم ھە.ھەر قانچە بولسىمۇ ئۇسساپلا تۇرامدىم دەيمەندە.باغۋەننىڭ ئۆيىكەن مۇنۇ،كىرىپ بىردەم سايراپ چىقاي،مۇشۇ گۇللارنى سۇغارغاندىكىن مەندەك بۇلبۇلنى سۇغۇرۇپ قويسا ئەجەپ ئەمەس.

    مىھمان ئىشىك چىكەي دەپ قۇلىنى كۇتۇرىشىگە ئوغرىمۇ ئىشىكتىن بېشىنى چىقارغانىدى،تۇيۇقسىز ھالەتتە ھەر ئىككىلىسى بىر بىرىنى كۆرۈپ ھودۇققىنىدىن كەينىگە داجىشتى.ئەلۋەتتە مىھماننى ئۆي ئىگىسى دەپ قالغان ئوغرى قاتتىق ھودۇققانىدى ۋە كەينىگىمۇ چوڭراق داجىغانىدى،شۇ تاپتا ئۇ خۇرجۇن ئېسىپ تۇرغان دىۋانىنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى مۇشۇ ئۆينىڭ خۇجايىنى دەپ قالغان بۇلاتتى،

    مىھمان ‹ئۆي ئىگىسى›نىڭ ھودۇقۇپ كەتكىنىنى كۆرۇپ  ئاۋال سالام بىرىشىپ كۇرۇشۇشنىڭ ئورنىغا ھىجىيىپ چۇشەندۇرۇشكە باشلىدى:

  -قارىسام بۇ گۇللەر باشقىچىلا ،ھەيران بۇلۇپ بۇ ئۆيدە زادى كىم باردۇ دەپ قاراپ تۇرغان،

   ئوغرى ئاچقۇچنى ئېلىش جەريانىدا گۇللەرنى باشقىچە قىلىپ قويغانلىقىنى چۇشەندى،بۇ سەگەك ئۆي ئىگىسىنىڭ ئالدىدا ئۆزىچە ئەمدى ئۇ تۇگەشكەنىدى،مىھماننىڭ ھىجىيىشلىرى ئۇنىڭغا ‹ئەمدى قۇلۇمغا چۇشكەنسەن›دەۋاتقاندەك ئىدى، قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر ئامالى قىچىش ياكى بىر باھانە تېپىش ئىدى ،شۇ چاغدا ئۆزىنى بۇ ئۆيگە بىرەر ئىش بىلەن كەلگەندەك كۆرستىش خىيالى ئۇنىڭ گاراڭلاشقان كاللىسىغا غىل –پال كەلگەندەك بولدى،

-گۇللەر ئۆزى شۇنداقكەن-دىدى ئوغرى گۇلنى ئۆزىنىڭ باشقىچە قىلىپ قويمىغانلىقىنى دۇدۇقلاپ چۇشەندۇرۇپ-مەن سىزنى ئىزدەپ ئۆينىڭ ئىچىدە ساقلاپ ئولتۇرغان.سىز ئاخىرى كەلدىڭىز.

-مىنى ساقلاپ ئولتۇرغانما- مىھماننىڭ ھاياجىنى ھەيرانلىقىنى ئوبدانلا بېسىپ چۇشكەندى . مۇشۇ كەمگە ئۇ نۇرغۇن ئۆيدىن ئۆزىنى رازى قىلىپ چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ لىكىن ئۆزىنىڭ كىلىشىنى  كۇتۇپ ئولتۇرغان ئۆي ئىگىسى مۇشۇ تۇنجىسى ئىدى.

    مىھمان قاتتىق ھاياجانلانغان قىياپەتتە دىدى؛      

- مەن دىمىدىممۇ بۇلبۇلغا تەشنا بۇلۇپ تۇرغان سىنى دەپ . مەنمۇ سىنى بەك ئىزدەپ كەتمىسۇن دەپ  ئۇچۇپلا كىلىشىم مۇشۇ يەرگە.

   ئۇ ئىشىكتىن كىرىپ ئالدىغا بىرقەدەم مىڭىشى بىلەن ئوغرىمۇ كەينىگە بىر قەدەم چىكىنگەنىدى،

  -ۋوي، خاتا تۇنۇپ قالدىم دەپ ئىككىلىنىۋاتامسەن،خاتا ئەمەس مەن شۇ،قارا مەن سىنى تۇنۇپ بولدۇمغۇ،ئازراق ئۇرۇقلاپ قالدىڭمۇ يا خەقنىڭ چاپىنىنى كىيۋالدىڭمۇ،كەل بىر قۇچاقلاپ كۇرۇشەيلى.

  ئۇغرى زورىغا ھىجىيىپ تۇرسىمۇ ناھايىتى قورقىۋاتاتتى، ئۇ بۇ غەلىتە ‹‹ئۆي ئىگىسى ››نىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ خەتەرلىكلىكىنى ھىس قىلىپ،ئۇنى تۇرتۇپلا قېچىپ چىقىپ كەتمەكچى بولدى.ئۇ بىر ئىشىككە بىر ئىشىكنى توسىۋالغان مىھمانغا قارىۋالدى،ئىشىك ئۇچۇق بۇلغاچقا تەلىيى كەلسە مىھماننى تۇرتۇپلا قېچىپ كىتەلەيتى ،ئۇ چاندۇرماي ئۇلۇغ كىچىك بىرنى تىنىۋالدى دە قۇچاقلاپ كۇرۇشۇش ئۇچۇن قۇلىنى ئىچىشقا تەييارلانغان  مىھمانغا قاراپ ئېتىلدى.

   -ئەجەپ سېغىندىمغۇ سىنى-مىھمان شۇنداق دىگىنىچە ئېتىلىپ كەلگەن ئوغرىنى قۇچاقلىۋالدى ۋە قۇچاقلىغان پېتى يىنىككىنە كۆتۇرۇپ ئاندىن يەرگە قوندۇردى،يەلكىسىگە يىنىك بىر نەچچىنى ئۇرۇپمۇ قويدى.ئاندىن قوللىرىنى ئىككى مۇرىسىدىن ئالماي ھەۋەسلەنگەن قىياپەتتە دىدى:   -قارا ئۆزگەرمەي شۇ پېتى تۇرغۇنۇڭنى.مۇشۇنچىۋالا سېغىنغىچە ئۆيگە ئىزدەپ بارساڭ بولمامتى،ئۆزۇڭنى ئىتىپ ئۆرۇۋەتكىنى تاسلا قالدىڭغۇ.

   مىھمان قۇلىنى ئوغرىنىڭ مۇرىسىدىن  ئەمدى چۇشۇرىشىگە خۇدىنى يۇقاتقان ئوغرىمۇ ئازراق ئىسىگە كەلدى،بايا بۇ ئادەم ئۆزىنى ‹تۇتىۋالغاندا›كۆتۇرگەن پېتى يەرگە ئاتسا ئۆزۇمنى ئۇدۇل يەردە كۇرىمەن دەپ ئويلىغانىدى. ئۇ زادى نىمە ئىشلارنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى ئويلاپمۇ يۇرمىدى.قېچىش ئۇچۇن ئاخىرقى غەيرەتكە كىلىپ ئۆزىنى قايتا مىھمانغا ئاتتى،

   مىھمان بۇ قېتىم ئۇنى تېخىمۇ چىڭراق قۇچاقلىدى،كۇتۇرگەن پېىتى بىر ئايلىنىپ ئاندىن يەرگە قوندۇردى.ئاندىن ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالغان ئوغرىغا قاراپ :

-نىمە ،مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدىڭغۇ،بېشىڭ قايدىما-دىدى دوسلارچە، تېخىچىلا كۇرۇشمىگەنلىكى تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يادىغا يەتتى.

-ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم .

   قوللىرىنىڭ  مىھماننىڭ ئالقانلىرى ئاارىسىدا دوسلارچە سىقىلىشى بىلەن قاتتىق  ھەيران ھالەتتىكى ئوغرى ئۆزىمۇ ئاڭقىرالمىغان قانداقتۇر بىر نىجادلىقنىڭ شەپىسىنى تۇيغاندەك بولدى.

   -قانداق ئەھۋالىڭ، ئالدىراشما . ئۆيدىمۇ بىكار ئولتۇرماي ئۆرە تۇرىۋالىدۇ دەيدىغۇ-دىدى مىھمان سەمىمى قىياپەتتە.

- بۇگۇن سەل بىكار بۇلۇپ سىزنى ئىزدەي دەپ....... مەنمۇ تېخى باياملا كەلگەن .قارىسام ئىشىك ئۇچۇق....

   ئۇ ئەسلى ئىشىك ئۇچۇق بولغاچقا كىرگەچ تۇرغان دىمەكچى ئىدى.ئەزەلدىن كۆرۇپ باقمىغان بۇ ‹ئۆي ئىگىسى›ئۆزىنى  تۇنىغان يەردە ئۇمۇ تۇنۇنىسا نىمە بوپتۇ. مىھمان قىياپىتىگە كىرىۋىلىش ئوغرى ئاتالغاندىن كۆپ ياخشىدە.

- ئىشىكنى يېپىۋىتەي دەپ مىڭىپتىكەنسەندە،بولدى سەن ئولتۇرىۋەر مەن يېپىۋىتەي-دىدى مىھمان قوللىرىنى ئوغرىنىڭ قۇلىدىن بۇشۇتۇپ .

   مىھمان قۇلىنى ئوغرىنىڭ قۇلىدىن ئاجرىتىپ ئۇچۇق قالغان ئىشىكنى يېپىۋىتىش ئۇچۇن ماڭغاندا ،ئوغرى بۇلىۋاتقان ئىشلار كاللىسىدا ئاز تولا ئۆتۇشكە باشلىدى:

   ‹ مۇنۇ مىنى ئۆزىنى ئىزدەپ كەلگەن بىرەر مىھمان دەپ قالدى ھە.ئۆيىگە سۇلىۋېلىپ ئاللا كاللا كۇتۇرسە نىمە كۆرگۇلىكتى ماڭا ،ئوغرى ئاتالغىچە مەنمۇ چاندۇرماي مىھماننىڭ رولىنى ئېلىۋىرەي.نىمە بولسا كىيىن كۆرەرمەن›دىگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۇزۇپ ئۇلگۇردى.

   مۇشۇ تاپتا مىھمان بىلەن ئوغرى ئىككىلىسى بىر-بىرىنى مۇشۇ ئۆينىڭ ئىگىسى، ئۆزلىرىنى بولسا بۇ ئۆيگە كەلگەن مىھمان دەپ  بىلەتتى،ئىككىلىسى بىر بىرنى تۇنىمىسىمۇ بۇرۇندىن تۇنۇيدىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالغانىدى،مىھمان ئۆزىنىڭ مىجەزى بۇيىنچە ساھىبخاندىمۇ قىزغىن بۇلۇش ئارقىلىق كۇنۇپ قالغان خۇمارىنى بېسىشقا ،ئوغرى بولسا ئەپلەپ سەپلەپ ئۆزىنىڭ ئوغرى ئىكەنلىكىنى چاندۇرماي،بۇ ئۆيگە باشقا مەقسەتتە كىرىپ قالغان مىھمانلىق سالاھىتى بىلەن چىقىپ كىتىشكە ئالدىرايتى.

     - ئۆزۇڭ يالغۇزما، ئايالىڭ كۇرۇنمەيدىغۇ -دىدى مىھمان ئەتراپقا قارىغاچ ئايال ساھىبخاننىڭ يوقلىقىنى سىزىپ.

     ئوغرى بۇچاغدا ئالدىدىكى بۇ ‹ساھىبخان›نىڭ ئۆزىنى ھەقىقەتەن  تۇنۇيدىغان ياكى خاتا تۇنۇپ قالغانلىقىنى ئاڭقىرالماي كۆپ ئويلانمايلا جاۋاپ بەردى:

      - ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتكەن، كىيىنچە پۇرسەت بولسا بىللە ئەكىلەرمەن.

     - پۇرسەت كۈتۈپ خەققە كۆرسەتمەي ئۆيگە ئەكىرىدىغان ئۇ راس ئايالىڭمۇ يالغىنىمۇ ، ياكى قاتتىق ئۇردۇڭمۇ پۇرسەت بەرمىگۇدەك. بولسا كەچتىلابىرىپ بۇ يەرگە ئەكەل.

   -كەچ بۇلغاندا ئۇنىڭغا بۇ يەردە نىمە بار -بىر ئاز ھەيران بۇلۇپ سۇرىدى ئوغرى –كىيىنچە كۇندۇزدە بىللە ئەكىلەرمەن.

  -ۋاي توۋا .ۋۇي سەن خۇتۇننى كۇندۇزلۇككىلا يىرىم باھادا ئالغانما. سائەتلىككىلا ئالساڭ بولمامتى، گىرىم قىلدۇردىغان  ۋاخلىرىڭ  زايە بولمايتى. توۋا، كەل بۇ يەردە ئولتا.

   ‹ئۆي ئىگىسى›نىڭ ھازىرغىچە تەكەللۇپسىز تۇرغىنىدىن ئىچى پۇشقان مىھمان گاڭگىراپ قالغان ئوغرىغا ئىچ ئاغرىتقان قىياپەتتە ئۇنىڭ دۇمبىسىدىن تۇتۇپ شىرە ئالدىغا قۇيۇلغان كىروسلوغا باشلىغاچ دىدى:      قارا دۇمبىللىرىڭنى ،داق يەردە يېتىۋەرسەڭ مۇشۇنداق بۇلىدۇ، ئايالىڭ بولسا يۇمشاق ئۇرۇن سىلىپ بىرەتتى .يەنە تېخى كەچتە نىم قىلىدۇ دەيسەنغۇھەي .ھىلىمۇ كەتمەپتۇ ئانىسىنىڭكىگە .ھە بوپتۇ كۆڭلۇڭنى يېرېم قىلما .يېنىڭدا مەن بار.ئىچىلىپ يېيىلىپ ئولتۇرىمىز.       بۇ گەپ بىلەن ئۇ بىردىنلا ساھىبخانغا ئايلاندى. ئۇستەلدىكى ئىچىملىكنى ئوغرىنىڭ ئالدىدىكى پىيالىگە قۇيغاندىن كىيىن ئۆزى بىراقلا گۇپۇلتىتىپ ئىچتى. ئۇغرىنىڭ ئەس يادى بۇ نەس باسقان يەردىن ئىتتىكرەك چىقىۋىلىشتا ئىدى.ھازىرلا ‹مەن ماڭايمىكىن› دەپ قوپسا ‹نىمىگە كىلىپ نىمىگە كىتىسەن› دەپ قالسا چاندۇرۇپ قۇيۇشىدىن  ئەنسىرەپ ئامال يوق ئولتۇرغانىدى،مىھمان شۇكلەپ قالغان ئوغرىغا قاراپ سورىدى:

   -نىمە ساقلىغىڭ يوقما،مىنى كۆرۇپ قورقۇپ كەتتىڭمۇ يە؟

    ئۇ بۇ ‹ساھىبخان ›غا كۆڭۈل بۆلگەندەك شەكىلگە كىرمەكچى بۇلۇپ ئونىڭ پىشانىسىنى تۇتۇپ بېقىش ئۇچۇن بىردىنلا ئۇنىڭ يېنىغا يېقىنراق سۇرۇلىۋىدى ئەمدى سۇرىلىشىگە يۇرىكى پوك –پوك تۇرغان ئوغرى ئۇنىڭ ئۆزىگە ‹ئېتىلغىنىنى›كۆرۇپ ئەمدىلا ئېغزىغا ئالغان ئىچىملىكنى چاچراتقىنىچە قۇپۇپ كەتتى،ئۇ گىلىدىكى سۇنى يۇتەلمگەنلىكتىن ھىق تۇتقان ھالدا قۇلى ئاراقىلىق مىھاننى يېقىنلاشماسلىققا شەرەت قىلىدى .ئۇنىڭ نەزىرىدە ‹ئۆي ئىگىسى›نىڭ سۇزۇلغان قۇلى ئۇ ئۇشتۇمتۇت تۇرغاندا چاندۇرماي كىكىردىكىدىن سىقىدىغاندەك بىلىگەنىدى.

   -سىز نىمە قىلماقچى  ؟

   ئوغرىنىڭ ئاۋازى تىترەك ۋە قورقۇنۇچ ئىچىدە چىقتى. مىھمانمۇ دەقىقە ئىچىدە بولغان بۇ كارامەتتىن ھەيرنلىقىنى يىغىشتۇرۇپ بولغىچە ئوغرى زەردە بىلەن سۇرىدى:

  - سىز مىنى تۇتماقچى شۇنداقمۇ؟

  -تۇتۇپ باققانغا نىمە بۇلىدۇ-جاۋاپ بەردى مىھمان ھەيران بۇلۇپ مىھمان،  

-مىنى تۇتىدىغانلىكىڭىزنى بۇرۇنلا بىلەتتىم،

- ھوي نىمانچىلا قىلىسەنھوي ،سەن بىر خۇتۇن كىشى ئەمەسقۇ ئۇيەر بۇ يىرىىڭنى تۇتىۋالغۇدەك ،شۇكلەپ كەتسەڭ مەن پىشانەڭنى تۇتۇپ باقاي دىدىم، كەل ئولتاغىن،ئۇزۇڭ جايىدىمۇ؟

  -مەن چىقىپ كىتىمەن.

-تۆۋە قىلدىم ،ۋوي نىمىنداق تاۋىڭ نازۇك سىنىڭ،مەن تېخى قۇلۇڭنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتقىنىم يوققۇ،ئۇنداق دىسەڭ بولدى مەن چىقىپ كىتەي ،ئۆيگە كەلگەن مىھماننىمۇ بۇنداق قورقۇتۇپ يۇرىدىغان ئىش بولسا،

   ئوغرى ‹مىھمان› دىگەن سۆزدىن سەل پەسكويغا چۇشتى، دىمەك ‹ئۆي ئىگىسى›نىڭ ئۆزىنى ئوغرى ئەمەس ھەقىقەتەن بىر ‹مىھمان› دەپ بىلگىنىگە ئىشەندى،بۇ گەپلەر ئۇنىڭغا ئالدىدىكى بۇ ئادەمنى ئۆيىگە كەلگەن مىھمان ئۇچۇن ئۆز ئۇيىدىنمۇ كىچىشكە رازى مىھماندوست ئادەمدەك كۆرسەتكەنىدى .دىمىسىمۇ ئۆي ئىگىسىنىڭ سۆز ھەركەتلىرى ھىچبىر ئۇنى تۇتۇپلا باغلايدىغاندەك ئەمەس ئىدى،

  -مەن سىزنى راستىنلا تۇنۇيمەن-دىدى ئوغرى ئۆزىنى مىھمان قىلشقا تىخىمۇ ئىشەندۇرۇش ئۇچۇن.

-تۇنۇغاندىكىن يېنىمغا كىلىپ ئولتۇر،تۇنۇشتۇرۇشقا چىققان قىزدەك تارتىنىپ تۇرماي.

   ئوغرى ئاستا ئاستا جايىغا كىلىپ ئولتۇردى.  

-ۋوي تۆۋە سەن ساقدۇرسەن ھە ،ئايالىڭ بار دىدىڭ ھە،ۋوي نىمەنچىۋالا قورقۇيسەن تۇتۇپ بېقىشتىن،بۇ ھالىڭدا ئەركەك چىۋىننىمۇ قوندۇرمايسەن ئۇستى بېشىڭغا.

    مىھمان ‹ئۆي ئىگىسىنىڭ ›بۇ قەدەر تارتىنچاقلىقىدىن ئىچى پۇشۇپ قىزغىنراق كەيپىياپ يارىتىش ئۇچۇن ساھىبخانلىق بىلەن  ئۇستەلگە قۇيۇلغان ناننى ئۇشتۇي دەپ تۇراتتى،ئۇغرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ قۇلىغا ئېسىلدى.

   -ناننى ئۇشتۇماڭ.مۇشۇنداقلا ئولتۇرايلى.

   - مەن ئۆزەمگە ئۇشتۇمۇدۇم. ساڭا ئۇشتۇپ بىرەي دەۋاتىمەن-دىدى مىھمان چېچىلىپ . نىمەنچە قىلىسەنھوي بىر نانغا.

  -شۇ مىنىڭ قورسقىم توق،بولدى قۇيۇپ قۇيۇڭ،بىكار پارچىلانمىسۇن،

  - دادۇيجاڭ ئەكىرىپ بەرگەن نانمىدى بۇ مۇخبىر كىلىدۇ دەپ .ئۆز پېتى قايتۇرۇپ بەرمىسەڭ بولمامتى-دىدى مىھمان ئوغرىنىڭ ئىش بىلمەيدىغاندىغىندىن رەنجىپ- قانداق ئۇيغۇرھوي سەن ،بىزدە مىھمان كەلسەن نان ئۇشتۇيدىغان بىر ئىش بارغۇ،

   لىكىن ئوغرى بۇ گەپلەرنى ساھىبخاننىڭ مىھماندوسلۇقىدىن تارتىنچاق مىھمانغا بولغان رەنجىش دەپ چۇشىنىۋاتاتتى،

-شۇ مەنمۇ مۇخبىر ئەمەس ئۆز ئادەم بولغاندىكىن دەيمەنغۇ،

    مىھمان ھەيرانلىقتىن ئوغرىغا بىر ھازا قاراپ چىقتى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆز –ئۆزىگە دىدى:

   -تازىمۇ بىرسىرىقتالنىڭكىگە كىردىممۇ ھە، نەدە چوڭ بولغان نىمە مۇنۇ ،ھەر قانچە بولسىمۇ ئۆي كەلگەن مىھماننىڭ قۇلىدىنمۇ ناننى تارتىۋلغان بارمۇ.قىنى بىزنىڭ ئەدەپ –ئەخلاقلىمىز ،مۇنۇنۇڭغا زادى بىر تەربىيە قىلماي بولماپتۇ.

    ئۇ ئىچىملىك ئىچىپ ئولتۇرغان ئوغرىغا ئىچ ئاغرىتىش نەزىرى بىلەن بىردەم قارىۋالدى،ئۇنىڭ خۇمارى تۇتقانىدى ،ئۇ بۇ كەمگىچە تېخى ناننى قۇلىدىن تارتىۋالغان ساھىبخاننى كۆرمىگەنىدى،مۇشۇ يەردىلا بىرنى ئىچىۋىلىپ ئاز- پاز سۆزلەپ قۇيۇپ چىقىپ كەتمىسە كۆڭلى ئۇنىمايدىغاندەك ئىدى ،ئۇ بىردىنلا يانچۇغىدىن ئىشىپ قالغان كىچىك پۇتۇلكىلىق ھاراقنى چىقىرىپ ئۇستەلگە توككىدە قويدى.

   - ساڭا زادى پارچىسى بولسا بۇلامدۇ-دىدى ئۇ ئوغرىغا قاراپ-ماۋۇ پارچىلىنىپ بولغىنى ،مەخسۇس ساڭا دەپ پارچىلىغان بۇنى،

     مىھمان ئوغرىنىڭ بىر ئاز تەمتىرەپ دودۇقلاشلىرى بىلەن كارى بولماي ئاۋال ئۆزىگە قۇيغاننى ئالدىراپ ئىچىۋىتپ قىپ قالغان قىسمىنى ئوغرىغا بىراقلا قۇيۇپ تەڭلىدى.نىمىلا دىگەن بىلەن ئوغرى ‹ئۆي ئىگىسى›دىن ئەمدى خېلى خاتىرجەم ئىدى،گەرچە ئۇ بۇنى كۇتمىسىمۇ چاندۇرماسلىق ئۇچۇن بىر ئىككى ئىغىز چىرايلىق گەپ قىلىپ ئاندىن پۇرسەت تېپىپ چىقىپ كەتمەكچى ئىدى.

- سىز ئۇقۇتقۇچىغۇ.مەن مۇشۇ سىلەردەك ئوقۇتقۇچىلارنى قالتىس چوڭ بىلىمەن.

-ئوقۇتقۇچى!-دىدى مىھمان بىر ئاز ھەيران بۇلۇپ ، دىمىسىمۇ ئۇ ھازىر ئۇنىڭغا مىھماندوستلۇق توغرىسىدا ئازدۇر كۆپتۇر سۆزلەپ قويماقچى ئىدى.ئۇ بايامقى جىددىيلىكىنى پەسەيتىپ دىدى:

  -ۋۇي سەن مىنى مەندىن ئوبدان بىلىدىكەنسەنغۇ.ھە مەن ئوقۇتقۇچى،مەخسۇس ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ تەربىيلەيدىغان ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى مەن.

   -يا ق،سىز بەك كەمتەركەنسىز ،سىز دىگەن ئالى ئوقۇتقۇچى.مەن سىزنى ئوبدان بىلىمەن ،سىز دىگەن مائارىپ سېپىدە ئۇزۇن يىل مۇقىم كۆرەش قىلغان ،  بەك كۆپ تەقدىرنامىلەرنى ئالغانغۇ سىز.

   ئوغرى ئۆي ئىگىسىنى تۇنۇغان قىياپەتكە كىرىۋالغان ئىگەن ئۇ توغرۇلۇق ئاز-تولا بىر نەرسە بىلمىسە ۋە بىلگەنلىرىنى دەۋالمىسا بولمايتى.شۇڭا بايا كۆرگەن كىنىشكە ئۇنىڭ يادىغا يەتكەنىدى،ئۇ سەل ھاياجانغانلىقتىن بايامقى كىنىشكىنى ئۇنۇڭغا كۆرسىتىپ ئۆزىنىڭ  ئۆي ئىگىسىنى ھەقىقەتەن  تۇنۇيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ قۇيۇش خىيالىغا كەلدىدە  يېنىدىكى تارتىمىنى ئىتتىكلا ئاچتىيۇ تۇيۇقسىزلا ئۆزىنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقى ئىسىگە كىلىپ غاچچىدە يېپىۋەتتى.‹ئىشەنمىسىڭىز مانا›دىگەن گەپ ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىپ كىتىشكە تاسلا قالغان ئىدى.بۇ ئىشلارغا تازا زەن قۇيۇپ كەتمىگەن مىھمان ئىچىدە:

     ‹ھەي ،مۇنۇ مىنى بىر ئوقۇتقۇچىغا  ئوخشۇتۇپ قالدىمۇ يا راستىنلا ئوقۇتقۇچىدەك كۆرۇنەمدىم،ئوقۇتقۇچى بولسام بۇلۇپ ،چاندۇرماي ئولتۇرىۋەرمەيمۇ،دىمىسىمۇ قايسى ئوقۇتقۇچىدىن كەم ئىدىم ›ئۇ ئىچىدە شۇلارنى خىيالىدىن ئۆتكۇزۇپ ئوغرىنىڭ دىگەنلىرىنى تېخىمۇ راس قىلىپ سۆز باشلىدى:

   -ھە  بۇرۇن راس مەكتەپتە مۇقىم كۇرەش قىلاتتىم-دىدى مىھمان ئوغرىغا قاراپ -ھازىر ئىستىكاملارغا سۇقۇنۇپ كىرىپ پارتىزانچە ئۇرۇش قىلىۋاتىمەن.تەقدىرمە دەيسەنغۇ،تەقدىرنامە  تۇگۇل ئالتۇن ئوردىنلارنى ئالغان مەن.

   -ئوقۇتقۇچىغىمۇ ئوردىن بىرەمدا؟

   -ئۆزەڭ دىدىڭغۇ سەپتە كۆرەش قىلىسەن دەپ ،يىلدا نادان كاللىلاردىن نەچچىنى ئازاد قىلساڭ ئوردىن بەرمەي قالامدۇ .يىلدا بىر مۇنچە كاللىلارنى ئازاد قىلىۋىتپ ئالغان ئالتۇن ئوردىنلىرىم ئاز ئەمەس مىنىڭ.

   -ئاشۇ ئوردىنلار ئالتۇنما؟  

   -ئالتۇن دەيسەنغۇ، ئالتۇن دىگەن نىمە ئۇنىڭ ئالدىدا ،ئالتۇندىنمۇ نەچچە ھەسسە قىممەتلىك ئۇ .

    ئوغرى بۇ گەپتىن قاتتىق ھاياجانلىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە خۇشە دىگىنىچە بىر كۇتۇرۇپلا قۇلىدىكىنى كۈتىرىۋەتتى،

   -يەنە ئازراق بولغان بولسا ئىچەركەنسەن-دىدى مىھمان ئوغرىغا يېقىنلىشىپ ،مەن سىنى ئىچمەيدۇ دەپ ئاياتىن پارچىىلاپ ئەكىرىپتىمەن.

  -ئاشۇ ئالتۇنلارنى ئۆيگە قۇيۇپ قانداق خاتىرجەم يۇرەلەيسىز-دىدى ئوغرى بىر ئاز پۇرۇشكەن  چىرايى ئەسلىگە كىلىشى بىلەنلا.

   -قايسى ئالتۇنلارنى.  

   - بايا ئالتۇن ئوردىن بار دىدىڭىزغۇ.ھىلىمۇ بىرەر ئوغرى كىرىپ ئەپ چىكەتمەپتۇ.

   - تېخى سەن شۇنىڭ كويىدىما، سەن ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بول ، ئەگەر خاتىرجەم بۇلالمساڭ مەن ساڭا ئالدىرماي دەپ بىرەي.ئۆرە تۇرىۋالماي بۇ يەرگە كىلىپ ئولتاغىن.

   بۇ گەپ ئوغرىغا تازا خوش ياققان ئىدى .ئۇ ئىچىدە :      

  ‹‹مۇنۇنىڭ راستلا ئالتۇن ئوردىنلىرى بولسا تازا ئىچكۇزۇپ مەس قىلىپ ئۇ نەرسىللىرىنى نەگە تىقىپ قويغانلىقىنى بىلىۋالمايمەنمۇ››دىگەنلەرنى ئويلىدى ۋە بىردىنلا مىھمانغا ياخشىچاق بۇلۇشقا باشلىدى،

  -قاراڭ ئاڭا، مەن سىلەردەك ئوقۇتقۇچىلارنى ئاجايىپلا  ھۆرمەتلەيمەن،سىلەرنىڭ ئاق خالاتلىق پەرىشتە دەپ نامىڭلار بارغۇ .

-ئاق خالاتلىق ئەمەس ئاق كاچاتلىق پەرىشتە بىز،كۇندە چىرايىمىزغا يۇز ئەللىك گىرام بور قۇنىدۇ بىزنىڭ .ئاۋۇ خالات كىيىپ خەقنىڭ قورسىقىنى تويدۇرىدىغان ئاشپەزلەرنى ئاق خالاتلىق پەرىشتە دەيدۇ.

  -سىلەرمۇ بىلىم بىلەن ئوزۇق بىرىپ تويغۇزىىسىلەرغۇ.  

  -ۋوي-دىدى مىھمان ھەيران بولغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ-ئاچ قالغاندەكلا كۇرۇنگىنىڭ بىلەن سەنمۇ خېلى ئۇزۇقلىنىپتىكەنسەنغۇ.كەل ئولتا،داۋاملىق ئولتۇرىمىز.

   -توختاڭ ، ماڭا رۇخسەت قىلسىڭىز سىرتقا چىقىپ ئانچە مۇنچە بىر نەرسىلەرنى ئەكىرەي . تېخىمۇ ياخشى ئولتۇرىشىمىز ئۇچۇن....

    - ھىلىمۇ ياخشى بۇلىۋاتىدۇغۇ.......

    -ياخشىغۇ بۇلىۋاتىدۇ،لىكىن،،،

    -مەيلى كۆڭلۈڭ ئەمىسە –دىدى مىھمان ئالدىراپ تەكەللۇپنىڭ راسقا ئايلىنىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ-تىزراك كىر جۇمۇ. كاۋاپتىن جىق ئالما.سەيلەردىنمۇ بەك جىق قورىتىۋەتمە ئىسراپ بۇلىدۇ.تۇخۇ ئەكىرگەندىكىن بىلىقتىن ئىككىنىلا ئالساڭ يىتىدۇ.

   ئۇ چىقىپ كىتىۋاتقان ئوغرىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ جىكىلەشنى داۋاملاشتۇردى:

   -ھاراقتىمۇ جىق ئەكىرمە ئالىسى بولغاندىكىن بىرسى بولسىلا يىتىدۇ.

  -نىمانچىۋالا ئامراق ھوي مۇنۇ ئوقۇتقۇچىغا-دىدى مىھمان ئوغرى چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئۆز-ئۆزىگە ،مەن تېخى بۇنى ئاز تولا تەربىيلەپ قۇياي دەپتىمەن،ئۆزلىكىدىن تەربىيلىنىپ ئەليۇلئەلا بوپ بوپتۇ بۇ.بۇنىڭدەك ئوقىغاننى كۆرمىگەن.قارا مىڭىشىنىڭ چاققانلىقىنى، چوڭ يول دىگەندىن سۇغۇردەكلا ئۆتىدىكەنغۇ بۇ -دىدى ئۇ ئۇزاپ كەتكەن ئوغرىغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ.

    ئۇ تۇيۇقسىز ‹ۋوي ›دىگەن ئاۋاز بىلەن كىلىۋاتقان ماشىنىدىن ئۆزىنى دالدا قىلغان بىر ھەركەتنى قىلدى.

  -قانداق شوپۇر ئۇنۇ-دىدى مىھمان ئاچچقلانغان قىياپەتتە  رەنجىگەندەك قىلىپ –ھە مەيلى ئورنۇڭدىن تۇرالىغاندىكىن يۇلۇڭغىن قالما.ئۇ شوپورنىڭ جازاسىنىچۇ خۇدا ئۆزى بىرىدۇ.

   ئۇ ئىشىكنىڭ ئالدىدا تۇرغىنىچە كىتىۋاتقان ئوغرىدىن كۆز ئۇزمەي شۇنداق دەيتتى،‹پاھ›دىدى ئۇئارقىدىن ھەيران بولغان قىياپەتتە.       -كاللىسىنىڭ ئىشلىگىىنى قارا،تامدىن ئارتىلمىسا بۇنچە يولنى  قاچان ئەگىپ بىرىپ بۇلىدۇ،يامىشىپ چىققاندىكىن قاراپ تۇرماي ئۆزەڭنى يەرگە تاشلا.…ھە ياخشى .

    ئوغرىنىڭ قارىسى يۇتكەندىن كىيىن ئۇ ئۆرۇلۇپ  كىروسلۇغا قاراپ ماڭغاچ دىدى:

- نەچچە ۋاقتىن بىرى نەلەردە يۇردۇم ھە،ئەسلى قىلىدىغان ئىش ئوقۇتقۇچىلىقكەن،كۇندىلا بىر ئۆيگە ئائىلە سۆھبىتىگە باراتتىمدە،ئاتا –ئانىلار يىغىنى دىگننى ھەپتىدە بىر ئاشخغانىدىلا ئاچسا....قارا مۇنىڭ ئوقۇتقۇچى دەپ قويسام قىلىدىغان قىلىق تاپالماي كەتكىنىنى،بىر بولسا ئۆمرىدە مەكتەپ يۇزى كۆرمىگەن نىمە بۇ،ئوقۇتقۇچىنى تۇنجى كۆرەۋاتقاچقا بەك ھاياجانلىنىپ كىتىۋاتامدۇ قانداق-ئۇ شۇلارنى دىگىنىچە كىروسلۇغا كىلىپ كىرىلىپ ئولتۇردى-ھە بوپتۇ ،مەن بولمىغان شۇ نەرسە قاپتىكەن ،ئۇنىمۇ بوپ قويغۇلۇق. تۇرۇپلا ئۇنىڭ شىئىر خۇمارى تۇتقان ئىدى،ئۇ كىرسلۇغا يۆلىنىپ كۆزلىرىنى يېرىم يۇمغان ھالەتتە دىكلىماتسىيەسىنى باشلىدى:

                                                              ئوقۇتقۇچى!                                                

ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت،

بۇنىمۇ ئوخشۇتۇپ بوپ قويدۇم بىر رەت.

ئۇمىدىم ،ئارزۇيۇم، غايەم شۇكى،

ئوقۇتقۇچىنىڭ باھانىىسدە،

ھۆرمەتلەرگە سازاۋەر بۇلۇپ،

مىھمان بۇلۇپ ئۆتسەم تائەبەت.

        ئاڭغىچە ئوغرى ئىككى قۇلى ھەتتا ئىغىزىمۇ بىكار قالماي بىر مۇنچە نەرسىلەرنى ئىلىپ كىرىپ كەلدى،مىھمانمۇ ئالدىراپ بېرىپ  ئوغرىنىڭ قولىدىكى ئېلىپ كىيىملىرىنى ئاندا –مۇندا قىقىپ قويدى،ئوغرى ئەكىرگەن نەرسىلەرنى ئۇستەلگە تىزغىچە ئارلىقتا  ھاراقنى ئىلىپ  چۆرگىلىتىپ قارىۋەتكەندىن كىيىن ئېچىپ پىيالىگە قۇيۇپ ئۇلگۇردى.

    -بۇگۇن ياخشى ئۇچراشتۇق .ئۆتكەن قاچان كۇرۇشكەنىدۇق ؟  

    -مىنىڭمۇ تازا يادىمدىن چىقىپ قاپتۇ.

    -قارا ئىككىمىزنىڭ يادىنىڭ ئوخشاشلىقىغا ،قاچان كۇرۇشكەنلىكىمىز ئانچە مۇھىم ئەمەسقۇ،بۇندىن كىيىن پات پاي كۇرۇشۇپ تۇرساقلا بۇلدى،

    -توغرا ،توغرا.

    -ئاۋال مىنىڭ مۇشۇنچىلىك ھۆرمىتىمنى قىلغىنىڭغا  رەخمەت .نىمىلا بولمىسۇن سەن كىمنى ھۆرمەتلەشنى ياخشى بىلىدكەنسەن،ئوقۇغۇچۇللۇرۇمنىڭ ئالدى ئاسمانغا چىقتى ،بىلسەڭ قارا، بىز دىگەن بىر شۇتا ،باشقىلارنى يۇقىرىغا چىقىرىمىزيۇ ئۆزىمىز مىدىرلىماي بىر بۇلۇڭدا تۇرىۋىرىمىز.

    -شوتا ،ئەمىسە ئاۋايلاپ يۇرسىڭىز بۇلىدىكەن جۇمۇ ،بولمسسا بىرەر ئوغرى ئاپىرىپلا تامغا يۇلەيدىغان شۇتا  قىلىۋالىدۇ.

    ئوغرىمۇ ئەمدى ئازراق جانلىنىپ ئۆزى بەرپا قىلغان سورۇننىڭ كەيپىنى كۆتۇرۇشكە تىرىشتى.

    -سەن قاچان قارىسا ئوغرى ئۇنداق قىلىدۇيەي بۇنداق قىلىدۇيەي دەپلا يۇرۇيدىكەنسىنا.سىنى ئوغرى بەك قورقىتىۋەتكەنمۇ قانداق .ئوغرىلار بىزدەك شۇتىلارغا ياماششا ئىشتان كۆڭلەكلىرىنى ئىلىۋېلىپ يالىڭاچ بۇلۇپ چۇشۇپ كىتىدۇ.ئوغرىلارغا خۇخىسى بار شۇتا مەن.

   -دىمىسىمۇ گەپلىرىڭىز سانجىلغاندەكلا چىقىدىكەن،

   -ساڭا ئەمەس ئوغرىلارغا سانجىلمەن دەۋاتىمەن،ئەمىسە بۇنى ئىچىۋىتەي ،ئوقۇتقۇچىنى تىخىمۇ ھۆرمەت قىلىشىڭ ئۇچۇن، خۇشە.

   ئارقىدىنلار ئۇ يەنە بىر پىيالىنى تولدۇرۇپ ئوغرىغا تۇتىدۇ،ئوغرى پىيالىنى قۇلىغا ئالىدۇ ۋە ھەييارلىق بىلەن:

   -سىزگە بولغان ھۆرمىتىمدىن مەن مۇشۇنى سىزگە سۇنسام.

    مىھماننىڭ ئىتىلدىغىنى نۇقۇل ھاراق ئەمەس بەلكى ھاراق بىلەن بۇلىدىغان كەيىپ ئىدى،بۇنداق كەيىپ يالغۇز ئۆزى ئىچكەندە ئەمەس ئىككىسى تەڭ ئىچكەندە بۇلاتتى.

    -ئەتىگەندە ماڭىلا زورلىغىنى تۇردۇڭغۇ ،سەنمۇ ئىچكىن ،بۇنىچۇ بىللە كەيىپ بولمىساڭ لەززىتى بولمايدۇ ،ئۇنىڭ ئۇستىگە  ئوقۇتقۇچىنى دىگەنگە كۆڭلۇڭ بولسا  گۇللەرنى ،تونلارنى مۇنداق پۇل پىچەك دىگەنلەرنى تۇتمامدۇ.

    -گۇل بولغان بولسا مەنمۇ سىزگە گۇل تۇتاتتىم  .

    -گۇل بارغۇ ،ئىشىكنىڭ ئالدىدكى گۇل بولماي نىمە،

    -ئاشۇنى ئۇشتۇسام بۇلامدا؟  

    -ھەي مەندىن سورايسەنغۇ ،گۇل دىگەننىمۇ بىرىدىغان ئادەمدىن سوراپ بىرەمدا،بولدى گۇلنى قۇيۇپ ھارىقىڭغى ئىچكىن،

    -ئۇنداق يىرى بولسا گۇل دىگەن سىزدىن ئايلانسۇن.  

      ئوغرىنىڭ بىر رومكىنىمۇ ئارتۇق ئىچكىسى يوق ئىدى ،ئۇ مۇنۇ كونا زابويدىن بالدۇر مەس بۇلۇپ قېلىشتىن قاتتىق ئەنسىرەيتى–قانداق قىلسام قىلىپ ئۇنىڭغا ياخشىچاق بۇلۇپ ئەپلەپ سەپلەپ ئۆزەم ئىچمەي ئىتتىرەك مەس قىلايچۇ –دىدى ئوغرى ئۆز-ئۆزىگە چىقىپ كىتىۋىتىپ.

      ئوغرى گۇل ئۇزۇش ئۇچۇن چىقىپ كەتكەندە مىھمان ئورنىدىن تۇرۇپ :   

    -مۇنۇ راستىنلا ئوقۇتقۇچى دىگەننى چولپانلاردىن ئارتۇق كۆرىدىكەن ھە،بۇ ھالدا ئوقۇغۇچى بوپ قالسا سىنىپلارغىنىمۇ بىلەت ئېلىپ كىرىدۇ بۇ،توختىماي تاپشۇرۇق ئىشلەيدۇ دە مۇئەللىمنىڭ ئىمزاسىنى ئالىمەندەپ،....

-ھوي راستىنلا ئۇزۇپ كىرىپسەنغۇ –دىدى مىھمان ئوغرىنىڭ گۇللەرنى كۆرۇپ بىر ئاز خۇشال بۇلۇپ- ئۇ گۇلنى قۇلىغا ئېلىپ پۇراپ كۆردى -خاشۇبولغان بولسا ئۆيگە تىزىپ قۇياركەنمەن-دىدى ئاستا ئوغرىغا ئاڭلاتماي-رەخمەت كۆڭلۇڭگە،سەندەكتىن بۇدا بىرنىلا تاپسام ئىشىم پۇتۇپلا بوپتىكەن.كەينىڭدىن قوغلاپ يۇرۇپ ئوقىتىۋالىدىغان بالىكەنسەن جۇمۇ،

    -گۇلنى قۇبۇل قىلغاندىكىن بۇنىمۇ قۇشۇپ قۇبۇل قىلسىڭىز .

    - كۆڭلۇڭنى دەپ گۇلۇڭنى قۇبۇل قىلدىمغۇ،كۆڭۇل دىگەن مۇشۇنداق ئۆتۇشۇپ تۇرمىسا پۇراپ قالىدۇ،ئەمدى سەنمۇ مىنىڭكىنى قۇبۇل قىلىپ قۇلۇڭدىكىنى ئىچىۋەتكىن. ئۇنىڭ ئۇستىگە گۇل بىلەن ھاراقنى بىراقلا قۇبۇل قىلساڭ رىئاكسىيەلىشىپ سۇلىشىپ قالىدۇ.

     ئوغرى ھاراقنى ئامال يوق ئۆزى ئىچىشكە مەجبۇر بولدى،ئۇ بىر مۇنچە چىقىملاربىلەن ئاۋارە بۇلۇپ ھىچقانداق مەقسىتىگە يتىلمەي قىلشتىن ئەنسىرەيتى.

‹‹ھىچبىر مەس بۇلىدىغاندەك ئەمەسقۇ بۇ››دىدى ئوغرى مىھماننىڭ داستىخانغا  ئىشتىھا بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتكىنىگىگە قاراپ جىلى بۇلۇپ.   ‹‹بۇنداق ئىچىشكىنى تۇرسام ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆزۇم مەس بۇلۇپ قالىمەن ،ئەڭ ياخشىسى بۇنىڭ بىلەن تېپىشماق ئويناپ ھىچكىممۇ تاپالمايدىغان قىيىن تېپىشماقلارنى دەپ جازا قىلدۇرۇپ ئىچكۇزمەيمۇ››دەپ ئويلىدى ئوغرى ئاخىرى،

  -ئوقۇتقۇچى دىگەن قالتىس بىلىملىك بۇلىدۇھە ،سىزدىنمەن بىر نەچچە سۇئال سۇراپ باقايمۇ؟

   -سورۇن باشلىنا باشلانمايلا سۇئال سۇراق قىلغىنى تۇردۇڭغۇ،مەنمۇچۇ ھىساپ –كىتاپ بىرىپ قالماي دەپ خەقنىڭ داستىخىدا ئالدىراپ ئولتۇرمايمەن زادى.

  -ياق سىز خاتا چۇشىنىپ قالماڭ.تېخىمۇ ياخشى ئولتۇرىشىمىز ئۇچۇن بىز بىر ئويۇن ئوينايلى،مەن بىر تېپىشماق دەي ،سىز تېپىڭ ،تاپالىسىڭىز مەن بىرنى ئىچەي ،تاپالمىسىڭىز سىز ئىچىڭ،قانداق.

  -ئىچىدىغان ئىش بولسىلا مەيلىغۇ ،بوپتۇ سۇرا.  

بىرنچى سۇئال ،دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭ ئەمىسە ،ئاسماندا كۇن پەيدا بولغانغا قانچە يىل بولدى؟

   -كۇننىڭ يېشىنى سۇرۇشتە قىپ قالپسەنغۇ،قىرى بولسا ئوتىدا كۇيۇپ يۇرمەي دىدىڭمۇ.

  -سىز زادى بىلەمسىز بىلمەمسىز؟ ئىنىق يېشىنى دەپ بىرىسىز جۇمۇ.

  -ھوي ھازىر خەقلەر ئۆزىنىڭ ئايالىنىڭمۇ ئىنىق يېشىنى بىلمەيدۇ،كۇننىڭ ئىنىق يېشىنى قانداق بىلىمەن مەن،ئەقلىمنى بىلسەملا بېشىمغا بۇ كۈن چۇشكىنى تۇرۇپتىكەن مىنىڭ.

   -بىلمىسىڭىز ھىچقىسى يوق،بىرنى ئىچىۋەتسىڭىزلا بولدى.

   -توختا ،كۇننىڭ پەيدا بولغىنىغا قارا،بۇيىل دەل 2012يىل بولدى،

   -قانداق-دىدى ئوغرى ھەيران بۇلۇپ.

   - بۇ ناھيىتى ئاددىيغۇ،كۇن پەيدا بولغاندىن كىيىن ئادەملەر ئاندىن كۇن ساناشقا باشلىغاندۇ،ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۇن بولمىسا  نىمىنى سانايتى.ئاشۇنداق ساناپ يۇرۇپ  ھازىرغىچە 2012يىل ئۆتكەندىكىن دىمەككۇن ساناشقا باشلىغىنى 2012 يىل بولدى دىگەن گەپ ، كۇننىڭ پەيدا بولغىنىغىمۇ 2012 يىل بولدىدۇ دە.بۇ خۇددى 20گە كىرگەن بالا تۇغۇلغىنىغا 20 يىل بولغاندەكلا ئاددى ئىشقۇ.ئەمدى بۇنى ئۆزەڭ ئىچىۋىتەرسەن؟

   -راس بەك ئاددى سۇئال سۇراپ قۇيۇپتىمەن. بۇدا بىرنى دەۋالسىڭىز بىۋاقلا ئىچەي.

   -ساڭا رۇمكىمۇ كەتمىگۇدەك.سۇرا بوپتۇ.     

مىھمان  مۇنداقلا دەپ قويغان ھەزىل گىپىگە ئوغرىنىڭ ھىچقانداق گۇمانلانمايلا ئىشەنگىنىگە قاراپ ئۇنىڭ ناھايىتى بىلىمسىزلىكىنى ھىس قىلغانىدى،

-ئاي نوچىمۇ كۇنمۇ؟-سورىدى ئۇغرى بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن.ئۇنىڭچە بۇ ھىچقانداق ئادەم جاۋاپ بىرەلمەيدىغان سۇئال ئىدى،

  -سەن نىمە بۇ ئاي كۇنلا بىلەن قالدىڭ ئەمدى.ئاي بىلەن كۇن دىگەن توخۇ بولمىسا ئۆز ئارا سۇقىشىدىغان؟

   -مەسىلەن سۇقۇشتى دەپ تۇرايلى،سۇقۇسسا قايسى نوچى؟

   -ئاي نوچى.

   -نىمىشقا ؟   

    -ئاي كەچتە قورقماي چىقالايدۇ،كۇن كەچتە چىقالامدۇ.قايسىسى قورقماس بولسا شۇ نوچىدە،

  -مۇشۇ توغرىما ؟

- توغرىما دەيسەنغۇ ،مەن تېپىۋالغان گەپ ئەمەس بۇ،نۇرغۇن گىئولوگلار بار ،مەخسۇس ئاي -قۇياش دىگەنلەرنىڭ ئاسماندا نىمە ئىشلارنى قىپ يۇرۇيدىغانلىقىنى تەتقىت قىلىدىغان ،ئاشۇلار ئىسپاتلاپ چىقارغان گەپ بۇ.مەنمۇ تەپسىلى چۇشەندۇرۇپ دەپ بەردىمغۇ،ئىشەنمىسەڭ مەن قانداق قىلىمەن،

   -بۇ قېتىم يەنە ئاددىيسىنى سوراپ قاپتىمەن،بۇدا بىرنى ،دەۋالسىڭىز ئۇچنى بىراقلا ئىچەيچۇ.

  -سورا.

  -مەن مۇشۇ شىئىر،نەسىر –پەسىر دىگەنلەرنى ئاڭلىغان،سىز ماڭا نەسىردىن بىرنى ئوقۇپ بىرىڭ، كۈلدۇرۇپ ئۆلتۇردىغىنى.

-ھەي نەسىر دىگەنمۇ كۇلكىلىك بۇلامدۇ؟

-سىز بىلمەيدىغان نەرسىمۇ باركەن ھە،ئاخىرى بىرنى ئىچىدىغان بولدىڭىز دە،

  -سەن بىلىپ دەۋاتامسەن بىلمەيلا دەۋاتامسەن ،نەسىر دىگەن قانداق نىمە بىلەمسەن.

  -قانداق نىمىلىكىنى ئەمەس ئاشۇ  نەسىردىن قىزىقىنى دەپ بەرسىڭىزلا بۇلىدۇ.

  -نەسىردىن قىزىقىنى ؟بىلىدىم ،نەسىردىن قىزىقى دىگەن نەسىردىن ئەپەندىغۇ.كۇلتۇرۇپ ئۆلتۇرىدىغىنى ئاشۇ.

   -نەسىر دىگەن ئوقۇيدىغان نىمىدۇ؟  

   -نەسىردىن ئەپەندىنىڭ يۇمۇرلىرىنى ئوقۇماي غاجامدۇ.نەسىردىن ئەپەندىنىڭ يازغانلىرىنى قىسقارتىپ نەسىر دەيدۇ.قانداق، نەسىردىن قىزىقىنى بىلەمدىكەنمەن.

   -ئەمىسە نەسىر دىگەن ئەپەندىملا يازىدىغان نىمىما.  

مەن تېخى ھەممە ئادەم يازسا بۇلىۋىدۇ دەيمەن،ئىچىم پۇشۇپ قالغاندا مەنمۇ بىرنى يېزىپ باقاي دىگەن.

   -ھەممە ئادەم يېزىۋىردىغان باغاق ئەمەس ئۇ .مۇشۇ تۇرقۇڭدا بىر نەرسە يازىدىغان بولساڭ ئەپەندىم كىلىپ ئۈستۇڭگە مىنىپلىۋالىدۇ،چۆللەردە چاڭتۇ ماڭاتتى دە سەن بىرلا قېتىمدا بىراقلا ئىچكەندىكىن.

    مىھماننىڭ بۇ ئەخمەقنى ئىشەككە ئوخشىتىۋالغانلىقىنى ئوغرى چۇشەنمىگەنىدى،چۇشەنسىمۇ بۇنىڭغا كۇڭۇل بۇلۇپ يۇرمەيتى،ئۇ خىيالنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغىنىدىن ئىچى پۇشۇپ  بۇ ئادەمنىڭ قانداق قىلىپ ھەممە سۇئالىغا جاۋاپ بىرىۋەتكىنىدىن ھەيران ئىدى.

    -سىزئەجەپ ھەممىنى بىلدىكەنسىزا،ھە راس سىز ئالىممۇ يا؟

    -مەخسۇس ئالىم يىتىشتۇرىمەن مەن،سىز ئالىممۇ دەيسەنغۇ،مىنى پارچىلىسىا ئالىمدىن نەچچىسى چىقىدۇ.

   -ھازىر ئۇيغۇرلادا ئالىملار يامان جىق دەيدۇ ھە،

   -ۋوي قۇم،مەسىلەن مەخمۇد قەشقىرى،سادىر پالۋان،ناۋايى ،ئىدىسون دىگەندەك.

   -ئاغزىڭىزغا كەلگەننى دەپ قويغىڭىزغۇ دەيمەن،

   -ئىشەنمىسەڭ تىلغۇن بىرەي مۇشۇگىلا كەلسۇن-دىدى مىھمان يانچۇغىدىن تىلغۇننى چىقىرىپ،

   -بولدى بولدى ئىشەندىم،ئىسمى سەل بىزنىڭكىگە ئوخشىمايدىكەن،ھە راس ئىدىسۇن دىگەن ياپۇنلۇقتۇ؟

   -ياپۇندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بىلەن ئۆزى ئۇيغۇر ئۇ.ئەسلى ئىسمى تۇرسۇن.ئاتا ئانىسى ‹ئېتى تۇرسۇن› دەپ يۇرگەچكە ياپۇنلۇقلار‹ئېتى تۇرسۇن ›دىگەنگە تىلى كەلمەي ئىدىسۇن دەۋالغان گەپ.

   -سىزگە ھەقىقەتەنمۇ قايىل بولدۇم ،ھەقىقەتەن جىمى بىلىملەرنى ئىگەللەپ بوپسىز ،ئەمدى مۇشۇنى سىزگە بىر تۇتىۋالمىسام كۆڭلۇم ئۇنىمايدۇ،كۆڭلۇم،كۆڭلۈمنى يەردە قويمىسىڭىز--ئوغرى شۇنداق دىگىنىچە تولدۇرۇپ قۇيۇلغان يوغان ئىستاكاننى مىھمانغا تۇتىدۇ.

   - مۇشۇنىڭ ھەممىسى سىنىڭ كۆڭلۇڭما ،نىمانچىۋالا جىق كۆڭۇل بۇ،بار كۆڭلۇڭنىڭ ھەممىنى خەققە بىرىۋىتىپ ئۆزۇڭ كوچىغا چىقىپ كۇڭۇل تىلەمسەن، ئاۋال ئۆزۇڭگە ئازراق كۆڭۇل قاچىلىۋال.ئاندىن كىيىن ماڭا تۇتساڭمۇ بۇلىدىغۇ،قېنى ئەمىسە بىر ئىچىۋاتكىن ،بىلىمنىڭ ھۆرمىتى ئۇچۇن، خوشە!

   -بۇ يامان جىق بوپ كىتىپتۇ ،ئىچىپ بۇلارمەنمۇ؟-دىدى ئوغرى بايامدىن بىرى ئۆزى تولدۇرغان يوغان ئىستاكانغا قاراپ.  

  - نىمە دەپ ئىچىپ بۇلالمىغۇدەكسەن ،ئىچىڭدە ھىچنىمە يوق قۇپ –قۇرۇقلىكەنغۇ، مەخسۇس سەندەك ئىچى كاۋاكلار مۇشۇنداق لىقلاپ ئىچمىىسە ئىچى توشماي بىر نىمە ئىچكەندەك بولمايدۇ.باشقا ئىش بولسا زورلىمايتىم ،بىلىمنىڭ ھۆرمىتى بوپ قالدى ،قېنى خوش.

    ئوغرى ھاراقنى تەستە ئىچىپ بۇلۇپ چىرايىنى پۇرۇشتۇرۇپ بىر ھازا تۇرىۋالغاندىن كىيىن سۇرايدۇ:

   -سىزدە راسلا شۇنداق ئالتۇن ئوردىنلار بارما؟

   -ماڭا تېخى قايىل بولماپسەندە ، مەندىلا ئەمەس ھەر قانداق ئۇقۇتقۇچىدا بار ئۇ.           

   -سىلەرگە مەكتەپتىن تارقىتامدا، ئەجەپ مەن ئاڭلاپ باقماپتىمەنغۇ.  

   -سەن ئۆمرۇڭدە مەكتەپكە ئائىت بىرەر خەۋەر ئاڭلىغاندەك قىلمايسەن.

   -ئالتۇندىن ئوردىن بىرىدىغان ئىش بولسا ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولاركەنمەن.دادام بىر ۋاقىتتا يول مىڭىپ بىرەر مەكتەپكە ئەكىرىپ قۇياي دىگەن، مەن قەتئى ئۇنىمىغان ،ھەر شۇجاڭلار دادامنىڭ گىپىنى يىرمايتى.

   -بۇنچىۋالا زايە بوپ كەتكىچە بارساڭ بولمامتى-دىدى مىھمان تەنە قىلغان ھالدا- كەينىڭگە ھارۋىدىن بىرنى چىگسەمەكتەپنىڭ قاتناش قۇرالى بۇلاتتىڭ،داداڭ يول ماڭالىغاندىكىن تۇياقلىرى ساڭىمۇ ئاز-تۇلا ئىرسىيەت قالغاندۇ.داداڭمۇ تازا ئاۋازى بار نەسىللىككەن مانا،ئۆزەڭ دىدىڭغۇ ئاۋازىنى ھىچكىم يارالمايدۇ دەپ.مەكتەپتە مەخسۇس گىلاستۇكلۇقلارنى تۇشىغاندىكىن قىزىل مەپىدەكلا كۇرۇنەتتىڭ. بالىلار بوردا قاشقا سىزىپ ‹ئاق پىشانىلىك پەرىشتە› قىلىۋالاتتى.

    ئوغرىنىڭ ئىچىدىكى تەقەززالىق بايا بىراقلا ئىچكەن ھاراققا قۇشۇلۇپ ئۇنى خېلى بىئارام قىلغانىدى، ئونىڭ ئالتۇندىن باشقا قۇرۇق گەپ قىلىشقا ھەپسىلى قالمىغانىدى،

  -سىز ئالتۇنلىرىڭىزنى مۇشۇ ئۆيىڭىزگە قۇيۇپ قويدىڭىز دەيلى-دىدى ئوغرى مىھمانغا يېقىنلىشىپ ئۇنىڭ مۇرىسىگە قۇلىنى تاشلاپ.

  -ھوي بۇ ئۆزەڭنىڭ ئۆيىغۇ-دىدى مىھمان ھەيران بۇلۇپ،

  -رەخمەت مۇشۇنچىلىك دىگىنىڭىزگە-دىدى ئوغرى ئۇنى تېخىمۇ دوست تارتىپ-مەنمۇ سىز بىلەن سىنىڭ مىنىڭ دىمەي ئۆتۇشنى خالايمەن.مەن دىمەكچى ئەگەر بىر ئوغرى كىرىپ قالسا ئۆيىڭىزدىن ئالتۇنلارنى ئېلىۋالمامدۇ؟

  -ھىلىغۇ ئوغرىكەن ،بىرەر فىلوتمۇ ئالىمەن دەپ ئالالمايدۇ ئۇنى ،رادارغا چۇشمەۇدىغان بايلىق ئۇ، شۇ ئوقۇتقۇچى دىگەننىڭ ئالتۇنلىرىچۇ مانا بۇ يەردە بۇلىدۇ-ئۇ شۇنداق دىگىنىچە  قۇلى بىلەن مەيدىسىگە ئۇردى.

   -مەيدە يانچۇقىڭىزدا ھىچنىمە يوققۇ.  

   -ھەي مەن ماۋۇ يۇرەكتە دەۋاتىمەن.

   -قۇرۇق گەپ قىلمەڭا يۇرەكتە ئالتۇن نىمىش قىلىدۇ،

   -يۇرەك دىگەن ئالتۇندەك ساپ بولمىسا ئوقۇتقۇچى ئوقۇتقۇچى بۇلامدۇ،ئاشۇنداق يۇرەكنى مۇشۇ كەسىپ ئوردىن قىلىپ بەرگەن بىزگە.شۇڭىچۇ مەن خەق سوراپ قالسا مۇشتۇمدەك ئالتۇن ئوردىن بار دەۋىرىمەن.

ئوغرى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بېشىنى قاماللىغىنىچە زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ قالدى،ئارتۇقچە بىر مۇنچە چىقىملار بايا ئىچكەن ھاراق بىلەن قۇشۇلۇپ ئۇنىڭ كاللىسىغا چىققانىدى.مىھمان بولسا ئۇنى داۋاملىق كىلىپ ئولتۇرۇشقا ئۇندەۋاتاتتى،

   -ئەتىگەندىن بىرى نىمە دەيدىكىن دەپتىمەن-دىدى ئوغرى  مىھمانغا نارازى بولغان قىياپەتتە قاراپ:

- يۇرەكتە بولسا نىمە پايدىسى ،يا ئۇنى ئېلىپ خەجلىگىنى بولمىسا،مىنىڭ يۇرۇگۇممىچۇ  ئالتۇن كۇمۇش دىگەنگە توشاقلىق

-ئۇ شۇنداق دەپ مەيدىسىگە قاتتىق نەچچىنى ئۇرغانىدى بۇ ئۇرۇش بىلەن ئاران تۇرغان بىئاراملىقى قۇشۇلۇپلا كۆڭلى ئېلىشىپ ئاغزىنى ئەتتى.

   مىھمان دەرھال ئۇنى يۇلەپ ئەمدى قۇپۇرۇشىغا ئۇ كەينىگە ئۆرۇلگەن پېتى قۇسىۋەتتى،

   -ھەي كۆزۇڭگە قاراپ قەي قىل .ھەممىسى كىيىمىڭگە چۇشتى،

   ئۇ سۇ ئەكەلمەكچى بۇلۇپ ئۇستەلنىڭ يېنىغا بىرىىپ كىلىشىگە ئوغرى تۇرۇشقىمۇ خوش ياقماستىن  يەردە  بايامقى ئۆزىنىڭ قۇسىقىنىڭ ئۇستىدىلا يېتىۋالغانىدى،كۆپ ئۆتمەيلا ئۇنىڭدىن خۇرەك ئاۋازى چىقىشقا باشلىدى.

   بۇ ۋاقىتقىچە بۇ ئىككىلىسى قارشى تەرەپنىڭ ئۆي ئىگىسى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانمىغانىدى،مىھمانمۇ ئوغرىنىڭ ناھايىتى نادان بولغىنى بىلەن بۇ سورۇننىڭ قاندۇقتۇر بىرەر مەقسەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى  بىلمەيتى.ئوغرىمۇ بايا بولغان بىرمۇنچە پاراڭلاردىن ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۆزىنى ئوغرى دەپ ئازراقمۇ  گۇمانلىنىپ قويمىغانلىقىدىن ئاللىقاچان خاتىرجەم بۇلۇپ بىردەم بولسىمۇ ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ دەردىنى چىقىرىشقا جۇرئەت قىلغانىدى.

    -بۇنىڭ كاللىسىغا بىر نەرسە سىڭمەمدىكىن دىسەم ئىچىگە سىڭمەيدىكەنغۇ-دىدى مىھمان ئوغرىنىڭ يېنىغا كىلىپ -قارا بىچارىنىڭ ھالىغا،ئۆزىنىڭ قۇسىقىغا يېتىۋالغىنىنى قارا،بوپتۇ بۇنداقلا چىقىپ كەتسەم سەت بولمىسۇن،بىلىمنىڭ ھۆرمىتى ئۇچۇن بولسىمۇ ياتقۇزۇپ قۇيۇپ چىقىپ كىتەي.


    -ئىچى قۇپقۇرۇقمىكىن دىسەم خېلى ئېغىرى باركەن بولمىسا- ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ئوغرىنى كىرسلونىڭ كەينىگە سۆرەپ ئاپاردى .ئاندىن ئىشتان پايپاق ،ئاياغلىرىنى سالدۇرپ يىرىم يالىغاچ قالغان ئوغرىنىڭ ئۈستىگە بىر چەتتە تۇرغان ئاق ئەدىيالنى يېپىپ قۇيدى ۋە چىقىپ كىتىشكە تەمشىەلدى.

   -ھوي راس ،مۇنۇ گۇللەرنى ماڭا سوۋغا قىلغان ئىدى -دىدى مىھمان ئۇستەلدىكى گۇللەرگە قاراپ-ئەتە ئۆگۇن ئىچىىم پۇشقاندا ‹‹ئۆتكەندە ماڭا بەرگەن گۇلۇڭ ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ›› دەپ كىرىشكە يەنە لازىم بۇلا، بۇ گۇللەرنى كۆرۇپ مىنى سىغىنغاچ تۇرسۇن-ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ئوغرى ئۇزگەن گۇللەرنى ئوغرىنىڭ يېنىغا قۇيۇپ چىقىپ كەتتى،

     بىردەمدىن كىيىن ئىشىك ئېچىلىپ بىرئادەم كىرىپ كەلدى.ئۆيدىكى قالايمىقانچىلىق ۋە ھاراق بۇسىنى كۇرۇپ ھەيران قالغىنىچە ئۇ يەر بۇ يەرە قاراپ كىروسلۇنىڭ كەينىگە كالگەندە قورققىنىدىن ۋاقىرىۋەتتى. ئۇستەل ئۇستىدىكى ‹‹ئاخىرقى زىياپەت›› ، ئاپپاق ‹‹كىپەنلىككە›› ئورالغان بىر ‹‹جەسەت›› ۋە ‹‹جەسەت›› يېنىغا قۇيۇلغان‹‹دەپنە گۇللىرى››قاتارلىقلار ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىغا ئۇلىشىپ  كىلىپ  ئۇنىڭغا بۇ ئۆيدە يېقىندا قانداقتۇر بىر يۇقىتىشنىڭ بولغانلىقىنى ھىس قىلدۇردى.ئۇ دەرھال تىلغۇننى قولىغا ئىلىپ ساقچىغا ئۇردى:   

    -ۋەي ساقچىمۇ .ددددد دەرھال كىلىڭلار ،ئۈيۇمدە بىر ئۇلۇك تۇرىدۇ.....نىمە ئۇلۇكلىكىنى مەن نەدىن بىلەي،ئىشقىلىپ تىرىكلا بىر ئادەمنىڭ ئۇلۇكى . ئاپپاق نەسىگە ئوراقلىق ،يەنە يېنىدا بىر دەستە گۇل تۇرىدۇ...........ياق ياق مەن قەبرىستاندا ئەمەس ،راستىنلا ئۆيۇمدە .سىلەر تىز كىلىڭلار. خوش.

     ئۆي ئىگىسى جەسەتنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇنى بوش تۇرتۇپ باتى،ئاندىن ئۇنىڭ مەيدىسگە بېشىنى قۇيۇپ يۇرەك سۇقىشىنى تىڭشاپ باقماقچى بۇلدى،ئۇ بېشىنى قۇيۇپ بىر ھازا تۇرىشىغا ئۇيقۇچىلىقتىكى ئوغرى بىردىنلا ئۇنىڭ مەيدىسىگە قۇيۇلغان بېشىنى قۇچاقلىۋىلىپ جۆيلۇشكە باشلىدى:

- مىنىڭ ئالتۇنۇم ،مىنىڭ يۇرۇگۇمدىكى ئالتۇنۇم،

    قاتتىق قورقۇپ كەتكەن ئۆي ئىگىسى ۋاقىرغىنىچە ئۆزىنى ئاران چەتكە ئالدى.ئويغۇنۇپ ئىسىگە كەلگەن ئوغرىمۇ دەرھال  ئەدىيالنى يېپىنچا قىلدى،چۇنكى ئۇنىدا شۇ ئەدىيالدىن  باشقا بىر كالتە ئىشتانلا قالغانىدى،

    -ھېلىقى ،ئىسمى نىمە ئىدى ،ھە راست ،قاسىمكام قېنى؟

    -قاسىم دىگەن مەن.  

    -ياق سىز ئەمەس.مەن بايا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىچىشكەن،ئۇ بۇ ئۆينىڭ ئىگىسىغۇ ،سىز ئوغرى ئەمەسسىز.

    -ھەي ،مەن بۇ ئۆينىڭ ئىگىسى مەن ،ئوغرى دىگەن ئۆزەڭ،

    -سىز ئۆينىڭ ئىگىسىما ،ئەمىسە ئۇچۇ،

    -كىم؟

    -قاراڭ ئاۋۇ؟   

     ئۆي ئىگىسى ئوغرى كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىشى بىلەن ئوغرى پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئىشىككە قاراپ قاچتى.ئۆزىنى ئۆي ئىگىسى دەۋاتقان  بۇ ئادەم ئۇنىڭ ئوغرى ئىكەنلىكىنى ئاللىبۇرۇن بىلۋالغان يەردە ئۇنىڭغا ئۆي ئىگىسىنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىپ قېچىشتىن باشقا ئامال قالمىغانىدى.

     ئۆي ئىگىسى ‹توختا› دىگىنىچە  ئۇغرىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ چىقتى،نقر نەچچە سىكونىت ئۆتمەيلا ئۇ ئوغرى ئارتىۋالغان ئەدىيالنى تارتىۋىلىپ ئالدىراش يېنىپ كىردى- ئەمدى يالىڭاچ قاچقىنىڭنى بىر كۆرەي-ئۇ شۇنداق دىگەچ كىروسلۇنىڭ ئاستىغا تىقىپ قوغان تاياقنى سۇغۇرۇپ ئالدى ۋە  يەنە قوغلاپ چىقىپ كەتتى.

(تۈگىدى)


ئاپتور: ئاتۇش شەھەر ئازاق يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-15 04:51 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
HENRY + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

يىگىت قەسەم ئىچمەيدۇ، يىگىتنىڭ سۆزى قەسەم~!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71638
يازما سانى: 1167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1312 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 01:37:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاھاھاھاھاھااھاھا !!!! ئادەمنى كۈلدۈرۈپ ساراڭ قىلغۇدەك بوپتۇ . بۇنى چوڭ ئەيسانىڭ ئېتوتى قىلسا بولغىدەك .

توختىخاچام بۇرۇتلۇق ، قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق. تور ئىسمىم بەك مەتو .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11656
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 01:38:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى ياخشى چىققان ئەسەركەن،ئىتوت دىسە كىرىپ قاپتىمەن كۆزۈم ئاغرىپكەتتى،كۆپ قىسىملىق ئىتوتكەن ئەسلى!

سۇمرۇغنىڭ قۇيرىقى بولغىچە خورازنىڭ تاجىسى بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 02:02:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىخى بارلىققا كەلمىگەن تۆرەلمە ئىتوت

Made in Answer

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74963
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3340
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2014-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 02:07:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   
  
  خالمۇرات ئاجايىپ ئويناۋەتتى بۇ ئىتوتنى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73395
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3755
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2012-1-18
ئاخىرقى: 2013-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 02:08:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رومانمىكىن دەپتىمەن تىخى

بىراۋ دېدى تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدەبار ،
مەن دېدىمكى تۇخۇمنىڭ ئەشۇ تاشتا دەردى بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 02:34:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۇيۇۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋ ئىتوتنى مۇنداق كۆرسە ھەجەپ تەسكەنغۇ؛

ھىجاب ئاتا بوۋاڭدىن،ئەرەپلەردىن قالغانمۇ دىگۈچىلەرگە بىر كەلىمە سۆز،جەھەننەم ساڭا ئەبۇجەھىلدىن قالغانمۇ؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83340
يازما سانى: 558
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4277
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 06:34:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا ئۇزۇن تىزلىپتۇ بۇ ئىتوت مىنىڭ كۇزۇم چارچاپ قالدى .بولسا سىن قىلىپ بەرسە ئاڭلىساق بولاتتىكەن.

دوسلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3901
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 08:30:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىتوت  ئەسەرلىرىنى ئوقۇش  بەك قىيىنكەن  ،  ئەڭ  ياخشى  ئۇسۇل  تەييارنى  كۆرۈش  ئىكەن  .
تېما ئىگىسىگە   رەھمەت   .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 2858
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5768
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9897 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 08:39:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىتوت سەھنىدىكى كىچىك دىرامما بولغىنى بىلەن ئۇنىڭ كىشىلەرگە ئىلىپ كىىلىدىغان مەنپەتى جىق . ئۇ خەلقدىن چىقىپ خەلققە قايتىدۇ .  ئەسىرىڭىزنى دىيالوگ شەكلىدە يەنى پىرسۇناز شەكلىدە ئايرىسىڭىز تىخىمۇ ئىنىق بولىدىكەن .

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش