مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1421|ئىنكاس: 14

يۈرەك تاشقى كېسەللىكلىرى ھەققىدىكى كىتاب نەشىردىن چىقتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71289
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3097
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 12:09:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى» نەشىر قىلغان « كۆپ ئۇچرايدىغان يۈرەك تاشقى كېسەللىكلىرى توغرىسىدا ساۋات » ناملىق كىتاب يېقىندا نەشردىن چىقتى.
مەزكۇر كىتابتا يۈرەك ئاناتومىيەسى توغرىسىدىكى ئاساسى بىلىم،  تۈرلۈك يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش ئالامەتلىرى، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش ئۇسۇللىرى ئەتراپلىق بايان قىلىنغان .  
كىتابتا يەنە « ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە كەسپىي ئاتالغۇلار » دىن 400 دىن ئارتۇقى قوشۇمچە قىلىنغان بولۇپ مەزكۇر كىتاب دوختۇرلار ئۈچۈن قورال كىتاب بولۇپلا قالماي يۈرەك كېسەللىكى بىمارلىرى ئۈچۈنمۇ ياخشى يېتەكچى بولالايدۇ.  
كىتابنىڭ مۇقاۋىسىدىن كەسمە:

كىتابتىكى مەزمۇنلار:


  • يۈرەك ئاناتومىيەسى توغرىسىدا بىلىملەر
  • ئارتېرىيە كانىلى ئېتىلمەسلىك
  • دالانچىلار ئارا پاسىلى كەمتۈكلۈكى
  • قېرىنچىلار ئارا پاسىلى كەمتۈكلۈكى
  • ئىككى قاناتلىق قاپقاق تارىيىش
  • ئىككى قـاناتلـىـق قاپـقاقنـىڭ يېپـىلىشى تـولۇق بولماسلىق
  • ئۈچ قاناتلىق قاپقاق تارىيىش
  • ئۈچ قاناتلىق قاپقاقنىڭ يېپىلىشى تولۇق بولماسلىق
  • ئائورتا قاپقىقى تارىيىش
  • ئائورتا قاپقىقىنىڭ يېپىلىشى تولۇق بولماسلىق
  • قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان يۈرەك كېسەللىكى
  • تاجسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى
  • يۈرەك ئۆسمە كېسەللىكلىرى
  • يۈرەك سىرتقى زەخىمىسى كېسەللىكلىرى
  • يۈرەك كېــسىــلى بىمارلىــرى ئوپېراتسىيە قىلىنىپ بالنىتسىدىن چىققانـدىن كېيـىن دىققەت قىــلىـدىغـان ئىشلار
  • بىرىنچى. تۇغما يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى ئوپېراتسىيە قىلىـنىـپ بالنىتـسىدىن چىقـقاندىن كېيـىن دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
  • ئىككـىـنچى. يۈرەك قاپقاق ئالماشـتـۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان بىمارلار بالنىـتسـىدىن چىقـقـاندىن كېيىن دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
  • ئۈچىنچى. تاجسىمان ئارتېرىيەگە كۆۋرۈك سېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان بىمارلار بالنىتسىدىن چىققاندىن كېيىن دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
  • ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە كەسپىي ئاتالغۇلار سۆزلۈكى


مەزكۇر كىتاب جايلاردىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا سېتىلىدۇ، باھاسى 23.00 يۈەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-15 04:18 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 556
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3940
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 880 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 12:27:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلۋىلىشقا تىگىشلىك ساۋاتلاركەن ....  

دەرت-ئەلەم كەلمىگىچە، بەندە خۇدا دەپ يىغلىماس! ـــــــــــــــ جودا

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1065
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 31187
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 7480 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 12:39:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىنقى يىللارنىڭ بېشىدا،تاغام شۇنداق ساغلام كىشى ئىدى،ئۇنىڭ ئۆمرىدە بىرەر چوڭ كېسىلى بارلىقىنى بىلمەيتۇق،پەقەت چىشى پات-پات ئاغرىپ قالاتتى.
قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقى بولغان بىر كۈنلەردە،ئەتىگىنى بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپتۇ،مەنمۇ چوڭ ئۆيدىن ئەتىگىنى ئۆيگە قايتىپ كەلگەن ئىدىم،تاغام بىلەن شەھەردىكى مەلۇم بىر يەردىكى لىكسىيە ئاڭلىغىلى باردۇق،بارغۇچە نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىشتۇق،ساپساقلا كىشى ئىدى،ماڭا ئاكىلىق مېھرىنى بەرگەن،كىچىگىدىن باشلاپلا،نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆگەنگەن تىرىشچان ياش ئىدى.
لېكسىيە چۈشكىچە داۋاملاشتى،ئۇنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇم،ئاكىلىق مېھرى بىلەن قاراش تا ھازىرغا كەلگۈچە يادىمدىن چىقمايدۇ،چۈشلىكى خوشلاشتىم،كەچ بولغاندا ئاڭلىسام،يۈرىكى تۇيۇقسىز ئاغرىپ كېتىپتۇ،ئاغرىققا پايلىماي،ماشىندا دوختۇرخانىغا كېتىپتۇ،بىڭتۈەننىڭ دوختۇرخانىسىغا بېرىپتۇ،‹‹يۈرەك سانجىقى››دەپتۇ،تېز بار دەپتۇ كالۋا دوختۇر،يا بىرەر تۇققىنىڭنى چاقىرغىن،سەن ماشىنا ھەيدىسەڭ بولمايدۇ دېمەپتۇ.تاغام ماشىننى ھەيدەپتۇ،يول بەك ئەسكى بولغاچقا،ماشىننى 20مىنۇت ھەيدەپ،ھەيدەۋاتقان پېتى شۇ يەردە قازا قىپتۇ.
تۇيۇقسىز يېرىم كېچىدە خەۋەر كەلدى،دادام بىلەن باردىم،يۈرىكىم ئېچىشتى،چوڭ دوختۇرخانىغا ئاپاردۇق يەنە ئىشەنمەي،ئۇ يەردىمۇ ئەسۋابدا تەكشۈرەپ تۈگەپ كېتىپتۇ دېدى.
مەنمۇ پىخسىكا بىلىملىرىنى خېلى ئۆگەنگەن،بەندىنىڭ ھامان رىزقى توشقاندا،تۈگەپ كېتىدىغانلىقىنىمۇ ئۇقىمەن،ھەربىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىسى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىمەن،لېكىن،شۇ كالۋا دوختۇرنىڭ ئەسكەرتىش بۇيرۇقىنى تۈزۈك بەرمەيلا،تاغامنىڭ تۇيۇقسىز مەن ئاڭلاپمۇ باقمىغان يۈرەك كېسىلى بىلەن تۈگەپ كەتكىننى ئويلىسام ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بولىدۇ.

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى رايىش ۋە تىنچ كېلىدۇ،ئېلىشقا تېگىشلىك ھېساب-كىتابنىمۇ ئاللانىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى دەپ قارايدۇ.
-مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83608
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3128
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2012-8-7
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 12:46:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولىدىغان  كىتاپ  ئىكەن  .بىزنىڭ   بۇ  يەرگە  كەلسە  بىرنى  سىتىۋالاي  .

ئەركزات ئۇچۇر- ئېلانچىلىقى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 634
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 44488
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6299 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 01:12:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  يۈرەك-ئادەم ئورگانىزىمىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەزا. باشقا ھەرقانداق ئەزا ئارام ئالسا ئالىدۇكى، يۈرەك بىر ئۆمۈر تىپىرلاپلا تۇرىدۇ.  ئۇ قاچان ئارام ئالسا، بىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا ئەسر بولىمىز......
    بۇنداق ياخشى  قورال كىتاب ھەر بىر ئائىلىدە بولۇشقا مۇناسىپ. بىر ۋاقىتلىق دورىمۇ كەلمەيدىغان تەننەرىق بىلەن قولغا كېلىدىغان بۇ كىتابنى سېتىۋېلىشقا ئالدىراۋاتىمەن.

ئەركزات مەن ياشايدىغان ئەركىم بىلەن،
دوستلىشىمەن دوستنى سۆيگەن ھەر كىم بىلەن.
مەۋجۇت ئەمەس لۇغىتىمدە شاھ يا گاداي،
ئەركزات مەن ئۆز قىممىتىم -نەرقىم بىلەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2975
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12304
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 1830 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 01:17:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈرەك قىل قان تومور كىسەللىكلىرى،ئەرلەر كىسەللىكلىرى،ئاياللار كىسەللىكلىرى توغورلوقمۇ سىستىمىلىق ماتىرىياللار تۈزۈلسە ياكى تەرجىمە قىلىنسا بولاتتى.
临床医学(三基训练)‹‹ كىلىنىك ئۈچ ئاساسى مەشىق›› دىگەندەك مانداق كىتابلارنى  نىمىشقا ئۇيغۇرچە نەشىر قىلدۇرمايدۇ ؟بازىرى بولمايدۇ دىگەننىڭ ئۆزى يالغان.چۈنكى ئەينى ۋاقىتتىكى بىر تەرجىمە نەشىرى ئۆزىنىڭ باھاسىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى باھادا سىتىلدى.كىيىن شۇ نەچچە ھەسسە يۇقىرى  باھادىمۇ يوق تاپقىلى بولمايدۇ مانا...
ئەتراپىمىزدا ھازىر ئەڭ كۆپ كۆرىلىۋاتقان كىسەللىكلەر يۈرەك تاشقى كىسەللىكلىرى بولماستىن يۈرەك قىل قان تومور كىسەللىكلىرى بولماقتا.بۇ كىتابنىڭ بازارغا سىلىنغىنىمۇ مۇشۇ جەھەتتىكى ئىھتىياجنى تولدوروشتا ياخشى بوپتۇ.لىكىن بۇ زۆرۈر ئىھتىياج ئەمەستە.
كىتابخانىغا ئۇيغۇرچە نەشىرى سىلىنغان تۇتامغا چىققۇدەك تىببىي قوللانما كىتابلاردىن قايسى بار بىر دەپ بىرىڭلار ماڭ دوسلار...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdukorax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-15 01:21 AM  


سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت...
ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا...
ئۈمىدسىزلىك ئىمانسىزلىق.
ئۈمىدنىڭ تومورى ئۈزۈلسە ھاياتلىقنىڭ ئۇمۇرتقىسى سۇنىدۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71289
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3097
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 01:19:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ARKZAT يوللىغان ۋاقتى  2012-8-15 01:12 AM
يۈرەك-ئادەم ئورگانىزىمىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەزا. باشقا ھە ...

سىز قەشقەر شەھرىدىن باشقا جايدا بولسىڭىز 5 تىن ئارتۇق زاكاس قىلسىڭىز ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرەي.
چ چ 358252912   yolyar@qq.com

بەلكىم شۇنداقتۇ ~

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 1331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6223
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 416 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 02:03:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا تەشەككۇر

بىر كۈن شۇنداق ۋاقىت بولىدۇ كۆزگە - كۆزلەر قادىلىدۇ `
كۆرىمىز ، ھىم ~ كىمنىڭ كۆزىدىن ياشلار ئاقىدۇ !


ANSWER   ( جاۋاب )

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11872
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 982 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 08:11:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈرەك ئادەمنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدا توختىماستىن سوقۇپ تۇرىدۇ. ھەم چارچاپمۇ قالمايدۇ.

يۈرەكنىڭ ھەرقېتىملىق سوقۇشىنىڭ كونكرېت جەريانىنى قىسقارتىپ مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ: ئالدى بىلەن يۈرەك ئۇچى دالانچىسى قىسقىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يۈرەك ئىككى قېرىنچىسى بوشىشىدۇ. ئارقىدىنلا يۈرەك ئىككى دالانچىسى بوشىشىش بىلەن تەڭ يۈرەك ئىككى قېرىنچىسى قىسقىرىدۇ. ئاندىن كېيىن پۈتۈن يۈرەك بوشىشىدۇ. يۈرەك مانا مۇشۇنداق رىتىملىق ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدۇ. ئەگەر يۈرەك رىتىمى مىنۇت/قېتىم 75 بولسا يۈرەكنىڭ بىر قېتىم سوقۇشى ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت 0.8 سېكۇنت بولىدۇ. بۇنىڭدا يۈرەك دالانچىسى پەقەت 0.1 سېكۇنت خىزمەت قىلىپ (قىسقىرىپ)، 0.7 سېكۇنت ئارام ئالىدۇ. (بوشىشىدۇ). يۈرەك قېرىنچىسى 0.3 سېكۇنت خىزمەت قىلىپ، 0.5 سېكۇنت ئارام ئالىدۇ. بۇنىڭ يۈرەك بىر قېتىم سوققاندا يۈرەك دالانچىسى ۋە يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ بوشىشىش مەزگىلى قىسقىرىش مەزگىلىدىن ئۇزۇنراق بولىدىغانلىقىنى، نەتىجىدە يۈرەك مۇسكۇلى يېتەرلىك دەرىجىدە ئارام ئالىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك قان يۈرەككە تولۇق قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەمنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىدە يۈرەك توختىماستىن سوقىدۇ، ھەم چارچاپمۇ قالمايدۇ.


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 1709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5225
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9608 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 08:45:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈرەك ئۇ ئىنساننى قان بىلەن ھەركەتلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ماتور .  ئاڭلىشىمچە ئادەمنىڭ يۈرىلى زەخمىلەنسە ياكى يارلانسا ياكى توختاپ قالسىمۇ بەدەندىكى باشقا ئورگانىزىم ئەزالىرى دەرھال توختاپ قالمايدىكەن . يەنى ئۇلارنىڭ توختاپ قىلىشىغا يۈرەك توختاپ 2 مىنۇت ئىچىدە پۈتۈن بەدەن ئاندىن ھەرىكەتتىن توختايدىكەن . ئەمما مىڭىنى بىر پاي ئوق بىلەن تاڭ قىلىپ  ئاتسا ئادەم ئورگانىزىم ھەرىكى دەرھال توختايدىكەن .
________
يۈرەك كىسەللىكى توغۇرسىدا  تىببىي ماتىريالنىڭ تەرقىمە قىلىنىپ بازارغا سىلىنىشى ئۆز ھاياتىنى قەدىرلەيدىغان كىشىلەرنى خوشال قىلىدۇ .ھەم تىببى جەھەتتە ئۇيغۇرچە چۈشىنىش ھاسىل قىلىش بىز ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ئىش . بۇنىڭدىن كىيىن باشقا تىببىي جەھەتتىكى ماتىرياللارنىڭ نەشىر قىلىنىپ كەڭ خەلق ئاممىسىغا يۈز كۈرىشىنى ئارزۇ قىلىمەن ھەم ئۈمۈد قىلىمەن .

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش