|
|
|
|
خىزمەت تىپىش
غوجىدار: ھەممە ئىشنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلىگەچكە،دائىم ئىشسىز قالىدىكەن.بىر قىتىم ئۇ قەدىمى ئاسارە-ئەتىقىلەر دۇككىنىغا ئىشقا چۈشۈپتۇ.بىراق ئىشقا چىققان تۇنجى كۈنىلا بىر قىممەتلىك ساپال قاچىنى چىقىپ قويۇپتۇ. بۇنىڭدىن دۇككان خوجايىنى ناھايىتى خاپا بوپتۇ، ۋە :
ـ بۇ قاچىنىڭ قىممىتىنى بىلەمسەن؟بۇ دىگەن نەچچە ئونمىڭ يۈەنگە يارايدىغان قىممەت بويۇم،مەن بۇ پۇلنى سېنىڭ ھەر ئايلىق ئىش ھەققىڭدىن تۇتىۋالىمەن.ـ ، خوجىدار بۇ گەپنى ئاڭلاپ يېنىك تىنىپتۇ :
ـ ئۇھ، خۇداغا شۈكرى، ھەرنېمە بولسا ئۇزۇن مۇددەتلىك خىزمەت تېپىپتىمەن...
ئخچام خەۋەر
كەترەن مۇخپىرلىق قىلىۋاتقان مەزگىللىرىدە <<ئىخچام بولۇش ھازىرقى زامان ئاخبارات خەۋەرلىرىنىڭ جىنى>> دىگەن پىرىنسىپنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن،خەۋەرلىرىدە بىر سۆزنى قەتئى تەكرارلىمايدىكەن.
بۇ بىر قىتىملىق قاتناش ۋەقەسى توغرىسىدىكى خەۋرىنى مۇشۇ پىرىنسىپقا ئەمەل قىلغان ھالدا مۇنداق يىزىپتۇ. <<ئۆلگۈچى چاقمىقىنى ياندۇرۇپ،باكتا ماي بار يوقلىقىنى تەكشۈرۈپ باقماقچى بولدى. مەرھۇم شۇ يىلى 56 ياشتا ئىدى>>
ساقلاش
تۆمۈر كالا دەرۋازىدىن ئالدىراش كىرگەن مارشالنىڭ ئالدىنى توسۇپ سورىدى:
ـ كىمنى ئىزدەيسىز؟
مارشال:
ـ سىلەرنىڭ دېرىكتورىڭلارنى ئىزدەيدىغان مۇھىم ئىش بار.
تۆمۈر كالا:
ـ كەچۈرۈڭ دېرىكتورىمىز سوتقا كەتكەن ئىدى
مارشال:
ـ مەن سىلەرنىڭ دېرىكتورىڭلارنى ساقلاپتۇرسام بولامدۇ؟
تۆمۈر كالا: ئەلۋەتتە بولىدۇ.
مارشال:
ـ دىرىكتورىڭلار قاچان قايتىپ كىلەر؟
تۆمۈر كالا:
ـ تەلىيى ئوڭدىن كەلسە ئۈچ يىلدا كەپقالا
دىلو مەلۇم قىلىش
مىھرىگىيا ساقچىخانىغا ئالدىراش كىرىپ دىلو مەلۇم قىلدى:
ـ يولداش ساقچى ،بىزنىڭ شىركەتنىڭ كاسسىرى قېچىپ كەتتى!
ساقچى:
ـ بىخەتەرلىك ئىشكاپلىرىڭىزنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟
مىھرىگىيا:
ـ ھەممىنى تەكشۈردۈم لېكىن كاسسىر يوقكەن
كۆرمەپتىمەن
بايخىنىم ماشىنىسىنى ھەيدەپ قىزىل چىراققىمۇ قارىماي بۆسۈپ ئۆتۈپ كىتىپتۇ.بۇنى كۆرگەن قاتناش ساقچىسى:
قىزىل چىراقنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟
بايخىنىم:
قىزىل چىراقنىغۇ كۆرگەنلىكىن سىزنى كۆرمەپتىمەن
تىرىلىش
سەزگۈرى ئادىتى بويىچە ھەر بىر خىزمەتچى بىلەن پاراڭلىشىشقا باشلىدى
ئۇرىزۋانگۈل0995دىن:
سىز ئۆلگەن ئادەمنىڭ تىرىلىشىگە ئىشىنەمسىز؟
ـ ئىشەنمەيمەن،ـ دىدى رىزۋانگۈل0995
سەزگۈرى:
ئەمىسە تۈنۈگۈن مومامنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىمەن دەپ رۇخسەت سورىغان ئىدىڭىز،چۈشتىن كىيىن مومىڭىز سىزنى ئىزدەپ شىركەتكە كەپتىغۇشۇنداق ئىش باما.
پەرىق
زەنجىر34 قۇرلۇش سېخىمىسى سىزغاندا،ئۇنىڭدىكى100+1دىگەن بەلگىنى خاتا ھالدا1+100دەپ يىزىپ قويۇپتۇتۈرگە مەسئۇل ئىجىنىر سۈمەييە ئۇنى قاتتىق ئەيىبلەپتۇ.
ـ بۇ ئىككىسىنىڭ زادى قانداق پەرقى بار؟،ـ دەپ سوراپتۇ زەنجىر34قايىل بولماي.
ـ ئۆزىڭىز ئويلاپ بىقىڭ،بىر قىزنى100قىتىم سۆيۈش بىلەن100قىزنى بىر قىتىمدىن سۆيۈشنىڭ ئارلىقىدا قانچىلىك پەرىق بار؟،ـ دەپ ياندۇرۇپ سوراپتۇ سۈمەييە
ئادەتلەنگەن ئىبارە
سۈمەييا پىراۋا تارقىتىدىغان تارماقتا20يىل ئىشلەپ ئاخىرى توي خېتى بىجىردىغان ئورۇنغا يۆتكۈلۈپ ئىشقا چۈشۈپتۇ.تۇنجى كۈنى توي خېتى بىجىرگىلى كەلگەن بىر جۈپ ياشنىڭ ئىلتىماسىنى كۆرگەن سۈمەييا كۆنۈپ قالغان ئادىتى بويىچە:
ـ سىلەرنىڭ توي خېتى ئېلىشتىكى مۇددىئايىڭلار سودا خاراكتېرلىكمۇ ياكى كۆڭۈل ئىچىش خاراكتېرلىكمۇ دەپتۇ،ـ بۇنى ئاڭلىغان بىر جۈپ ياش ھەيران قاپتۇ
كەمچىللىك
بىر سودا سارىيى خېزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقىرىپتۇ،ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن بوغالتىر ئىشلەشنى تەلەپ قىپتۇ.خادىم قوبۇل قىلغۇچى بوغالتىردىن سوراپتۇ:
ـ تاماكا چىكەمسىز؟
ـ ياق!
ـ ھاراق ئىچەمسىز؟
ـ ياق!
ـ قىمار ئوينامسىز؟
ـ ياق!
ـ ئويۇنغا ئامراقمۇ؟
ـ ياق!
ـ ئۇنداقتا سىزنىڭ ھېچقانداق كەمچىللىكىڭىز يوقمۇ؟
ـ شۇ بىرلا كەمچىللىكىم بار،ئۇ بولسىمۇ يالغانچىلىق
باشقا ئەزالارغىمۇ كېلەر قېتىم يوللايمەن،ئامەت سىلەرگە يار بولسۇن
مەنبە: ئۇزۇن قۇلاق،مۇۋەپپىقىيەت ھەققىدىكى يۇمۇرلار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-14 10:02 PM
|
|
|
|
|
|