مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1078|ئىنكاس: 14

ئىسلامدا روزا ھېيت ئەنئەنىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دۇبەي،مىسىرغا ۋىزا،بىلەت بىجىر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11366
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9183
تۆھپە نۇمۇرى: 530
توردا: 263 سائەت
تىزىم: 2010-9-24
ئاخىرقى: 2012-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 07:23:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىسلامدا روزا ھېيت ئەنئەنىسى




(مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار ۋە قائىدىلەر)




بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم




  بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.




  ھېيت دېگەن ئەرەبچە سۆز بولۇپ قايتا ۋە تەكرار كېلىشنى بىلدۈرىدۇ. ھەر بىر مىللەتنىڭ مەلۇم مۇناسىۋەتلەردە تەبرىكلەيدىغان ھېيت-ئايەملىرى بولىدۇ، بۇ بارلىق ئىنسانلار جەمئىيەتلىرىدە بار ئەنئەنە، چۈنكى ئىنسان تەبىئىتى مەلۇم مۇناسىۋەتلىك كۈنلەردە توپلىشپ خوشال-خۇرام ۋاقىت كەچۈرۈشنى ياقتۇرىدۇ. بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتىمۇ روزا ۋە قۇربان ھېيتىدىن ئىبارەتتۇر. مۇسۇلمانلار بۇ ھېيتلارنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشى، روھىنى ھېس قىلىشى كېرەك، چۈنكى بۇ ئىسلام ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرى.




ئىسلامدا روزا ھېيت ئەنئەنىسى


  ئىسلام ئەھلىنىڭ تەبرىكلەيدىغان بايرىمى روزا ۋە قۇربان ھېيتىدىن ئىبارەت پەقەت ئىككى ھېيتتۇر، بۇنىڭدا مۇسۇلمانلار باشقا مىللەتلەردىن ئالاھىدە ئايرىلىپ تۇرىدۇ.


  روزا ھېيت كۈنى روزا تۇتقان مۇسۇلمان، ئەھلى ئىيمانلارغا جانابى ئاللاھ تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان كاتتا مۇكاپات كۈنىدۇر، رامىزان بىر ئاي ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بويىچە كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىسى ناماز ئوقۇپ تەقۋادارلىق قىلىشقا، ئۆز نەپسىنى تىزگىنلەشكە، ئاللاھدىن باشقىغا قۇل بولۇپ قالماسلىققا ئېغىر مەشىق ئېلىپ بېرىپ ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان مۆمىنلەر رامزاندىن كۆزلەنگەن نەپسىنى تىزگىنلەش، ئىرادە ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت كاتتا نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن شاد-خۇراملىققا چۆمۈشى، تەنتەنىلىك بايرام قىلىشى ئۇلارنىڭ ھەققىدۇر.


  شەھۋانىي لەززەتلەرگە چۆمگەن، نەپسىنىڭ ئارقىدىن يۈرىدىغان، ئەخلاقسىزلىق ئەۋج ئالغان بۇ دەۋردە پۈتۈن پەزىلەتلەرنىڭ خېمىرتۇرۇچى بولغان تەقۋادارلىقنى يېتىلدۈرىۋالغانلىقى، نەپس ۋە شەھۋەتكە قارىتا قىلغان ھەل قىلغۇچ جەڭدىكى غەلىبىسى مۆمىنلەرنىڭ بىر -بىرىنى تەبرىكلىشىگە ئەرزىيدىغان چوڭ غەلىبىدۇر.


  ھېيت كۈنى نامازغا چىققاندا جامائەتلەر گۈرۈپ-گۈرۈپ بولۇپ:"ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللەھىلھەمد" دەپ تەكبىر ئېيتىشى، مۇسۇلمانلار دىيارىدىكى ھەر بىر كوچا-رەستىلەرنىڭ تەنتەنە شادلىقىدىن خالىي قالماسلىقى ئۈچۈن جامائەتنىڭ نامازغا بارغاندا بىر كوچىدىن، قايتقاندا باشقا بىر كوچىدىن قايتىشى، ھېيت نامىزىنى چوڭ مەيدانلارغا يىغىلىپ ئوقۇشى، ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن، چوڭ بولسۇن كىچىك بولسۇن ھەتتاكى ھەيزدار قىز-ئاياللارغىچە ھەممەيلەننىڭ ھېيت نامىزى سورۇنىغا قاتنىشىپ ئومۇميۈزلۈك تەبرىكلىشى مانا بۇ ئۇلۇغ غەلىبىنىڭ شادلىقىنى ئىزھار قىلىشتۇر.


  مۆمىنلەر رامزاندا دىللىرىنى يېڭىلىغاندىن كېيىن روزا ھېيتتىكى تەبرىكلەشتە يۇيۇنۇپ ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپ ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتە تولۇق يېڭىلانغانلىقنى ئىزھار قىلىشىدۇ.


  بۇ غەلىبىنىڭ شاد-خۇراملىقى نامراتلارغىمۇ ئومۇملىشىپ مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ئومۇميۈزلۈك تەنتەنىگە چۆمۈشى ئۈچۈن ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغىچە سەدىقە پىترى ئادا قىلىنىپ، بۇ خۇشاللىقتىن مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىكى ھەر بىر شەخس بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان.


  جانابى ئاللاھنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان مەرھەمىتى ۋە ئىلتىپاتىنىڭ جۈملىسىدىن بۇ ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇشنى ھارام قىلغانلىقىدۇر، بۇ شۈنى كۆرسىتىدۇكى، ئاللاھ تائالا بۇ ھېيت كۈنىدە ئېغىز ئېچىش ياكى ئاچماسلىقنى ئىنساننىڭ ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرمەي، بەلكى ئۇنىڭغا ئېغىز ئېچىشنى مەجبۇرىي قىلىۋەتكەن. پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنى تەكىتلەش ئۈچۈن روزا ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن ناشتا قىلىۋېتىپ ماڭغان ۋە بىزگە بۇنى سۈننەت قىلغان.


  ئىسلام ئۈممىتى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قارىتا شاراپەتلىك ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئورتاھال ئۈممەتتۇر، شۇڭا خوشاللىق، يېڭى چىرايلىق كىيىم كىيىش، پەزىلەتنى قولدىن بەرمىگەن ھالدا كۆڭۈل ئېچىش، لەززەتلىك ھالال نازۇ-نېمەتلەرنى ئىستىمال قىلىش قاتارلىق ھايات لەززىتىدىن ئۆزىنى مەھرۇم قىلماسلىقى كېرەك، بۇ ئىسلام دىنىدا شاد-خۇراملىقنىڭ ئىبادەت بىلەن بولغان گىرەلەشمە مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ مەنىنى ئېنىق ئىزھار قىلىش ئۈچۈن بىزنىڭ ئۈلگىمىز پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئايەم كۈنلىرىدە ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن بىللە ھەبەشلەرنىڭ (ھارام ئارىلاشمىغان) ئويۇنىنى كۆرۈپ تاماشا قىلغان، پاكىز ناخشا-قوشاق ئاڭلىغان، ھېيت كۈنىدە: «يەھۇدىيلار بىزنىڭ دىنىمىزدا كەڭچىلىك بارلىقىنى بىلىپ قالسۇن، مەن كەڭچىلىك دىنى بولغان ئىسلام دىنى بىلەن ئەۋەتىلدىم» دېگەن.(ئىمام ئەھمەد مۇسنەدىدە رىۋايەت قىلغان. 24899-ھەدىس. ئىسنادى ھەسەن.)


  تەقۋادارلىق خاپىلىق چىراي بولۇشتا، قوشۇمىنى تۈرۈپ يۈرۈشتە دەپ ئويلاپ قالغانلارمۇ ئىسلام دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىدىن يىراقلاشقانلاردۇر، ئەكسىچە كۆڭۈل ئاچىمىز دەپ ھارام تاماشا، ئەيش-ئىشرەت ۋە ئىسراپخورلۇق قىلغانلارمۇ ئوخشاشلا ئىسلام دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىدىن يىراقلاشقانلاردۇر.


  ئەمەلىيەتتە بىر ئاي داۋاملاشقان بۇ ئېغىر مەشق يىلنىڭ قالغان 11 ئېيىدا نەپسىنى يېڭىش ئۈچۈن چېنىقىش بولغاچقا رامىزان چىقىپ كېتىشى بىلەنلا بىر ئاي ئىچىدە قىلىپ كېلىۋاتقان پەزىلەتلەرنى تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ، بەلكى بۇ پەزىلەتلەرنى يىل بويى ھەمرا قىلىپ مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ.


  رامزاندا ئېلىپ بېرىلغان مەشق، ئاشقازان مەشقى ئەمەس ئىرادە مەشقىدۇر، رامزاندا تاۋلانغان بۇ ئىرادە باشقا ئايلاردا چوقۇم ئۆزىنىڭ چېنىققانلىقىنى كۆرسىتىشى، گۇناھ-مەسىيەتلەرگە يېقىن كېلىپ قالماي، رامىزاندىكى پەزىلەتلىك كەيپىياتىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىشى لازىم.


  بىز رامزاننىڭ كۈندۈزىدە روزا تۇتقان، كېچىسى نامازدا تۇرغان بارلىق مۆمىن مۇسۇلمانلارنى بۇ چوڭ ئۇتۇق بىلەن قىزغىن تەبرىكلەيمىز، ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنىڭ روزىلىرىمىزنى، نامازلىرىمىزنى، رۇكۇئلىرىمىزنى ۋە سەجدىلىرىمىزنى قوبۇل قىلغاي، ئاي ئاخىرىدا ھەقىقى شاد-خۇراملىققا چۆمۈشىمىز ئۈچۈن ھەممىمىزنى جەننىتىگە مۇيەسسەر قىلغاي، دوزاختىن ئازات قىلىۋەتكەي! ئامىن.


  روزا ھېيت ئايەم مۇناسىۋىتى بىلەن مىللىتىمىزنى شۇنداقلا ئاللاھنىڭ زېمىنىدىكى بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز، ئاللاھ تائالا بارلىق مۇسۇلمانلارنى بىرلىك-باراۋەرلىككە، ھەقىقىي شادلىققا ئېرىشتۈرگەي، تېخىمۇ كۆپ سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشقا، تىرىشىپ قولدىن كەتكەن ئىززىتىنى قايتۇرۇۋېلىشقا مۇۋەپپەق قىلغاي! بۇ ئۇلۇغ ئايەم ئىسلام ئۈممىتىگە خەيرلىك بولغاي، بەرىكەت ئېلىپ كەلگەي! ئامىن.




روزى ھېيتقا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار ۋە قائىدىلەر تۆۋەندىكىچە:



1-مۇسۇلمانلار ھېيت -ئايەملىرىدە باشقىلاردىن ئايرىلىپ تۇرۇشى كېرەك.


    پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئى ئەبۇ بەكىر! ھەرقانداق بىر قەۋمنىڭ ھېيت-ئايىمى بولىدۇ، بۇ بولسا بىزنىڭ ھېيتىمىزدۇر» دېگەن.(سەھىھەين: بۇخارى 952-ھەدىس. مۇسلىم: 892-ھەدىس)


  بۇنىڭغا ئاساسەن مۇسۇلمانلار ھېيت-ئايەم تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە باشقا يات مىللەتلەردىن ئايرىم ۋە ئالاھىدە بولۇشى، يات مىللەتلەرنىڭ ھېيت-بايراملىرىنى كىيىم كىيىشتە، ياسىنىشتا، يېمەك -ئىچمەكتە ۋە خوشاللىق ئىزھار قىلىش قاتارلىق بارلىق جەھەتلەردە دورىماسلىقى ۋە ئۇلارغا قېتىلماسلىقى كېرەك. كىچىك بالىلارنىمۇ باشقىلارنىڭ ھېيتلىرىغا قاتناشتۇرماسلىق كېرەك.


  پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىگە بارغاندىن كېيىن مەدىنىلىكلەرگە: «ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ بۇرۇنقى ئىككى ھېيتىڭلارنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق ھېيتنى ئالماشتۇرۇپ بەردى، قۇربانلىق كۈنى ۋە روزا ھېيت كۈنى» دېگەن(ئەبۇ داۋۇد 1134-ھەدىس. ھاپىز ئىبنى ھەجەر: ئىسنادى سەھىھ دېگەن).


2-ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇش ھارام. چۈنكى بۇ يەپ-ئىچىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش كۈنلىرىدۇر.


  زۇھرىي، ئىبنى ئەزھەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازادگەردىسى ئەبۇ ئۇبەيدتىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ قۇربان ھېيت كۈنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىللە بولغان ئىدى. ئۇ ھېيت نامىزىنى خۇتبىدىن بۇرۇن ئوقۇدى، ئاندىن جامائەتكە خۇتبە سۆزلەپ: ئى خالايىق! رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سىلەرنى بۇ ئىككى كۈندە روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەن، بىرى: روزاڭلاردىن ئېغىز ئاچقان (روزا ھېيت) كۈن، يەنە بىرى: قۇربانلىقىڭلارنى يەيدىغان (قۇربان ھېيت) كۈن، دېدى.(سەھىھەين: بۇخارى 5571-ھەدىس. مۇسلىم: 1137-ھەدىس)


  يەنە مۇنداق دېگەن: «تەشرىيق كۈنلىرى(ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىن تۆتىنچى كۈنىگە قەدەر) يەپ ئىچىش ۋە ئاللاھنى زىكىر قىلىش كۈنىدۇر».(سەھىھۇ مۇسلىم 1143-ھەدىس).


3-ھېيت نامىزىنى ئوقۇش.


  ھېيت نامىزىنى ئوقۇش ۋاجىبتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەپ بۇيرىغان: (پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن)(ئەلكەۋسەر سۈرىسى 2-ئايەت). شۇڭا ھەر بىر مۇسۇلمان كىشى ھېيت نامىزىغا قاتنىشىشى ۋە ئۇنىڭدىكى ساۋاب ۋە بەرىكەتكە نائىل بولىشى كېرەك. ھېيت نامىزىنى ئوقۇيالمىغان كىشى ئۇنى كېيىن قازا قىلىدۇ. ئاياللارمۇ چىقىپ قاتناشسا سۈننەتكە مۇۋاپىق بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللارنىمۇ ئېلىپ چىقىشقا بۇيرىغان. ھەتتا كىيىمى يوقلارنى باشقىلاردىن ئۆتنە ئېلىپ كىيىپ چىقىشقا، ھەيزدارلارنىڭمۇ چىقىپ نېرىراق تۇرۇپ نامازنى كۆرۈشىگە ۋە خۇتبە ئاڭلىشىنى بۇيرىغان.


  ھەفسە بىنتى سىيرىين رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىز ياش قىزلىرىمىزنى ئىككى ھېيت نامىزىغا چىقىشىدىن توسايتتۇق، بەنى خەلەفنىڭ قەسرىگە چۈشكەن بىر ئايالنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە: ئۇ ئايالنىڭ ھەمشىرىسىنىڭ ئېرى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئون ئىككى جەڭگە قاتنىشىپتىكەن، ھەمشىرىسىمۇ ئېرى بىلەن بىرلىكتە ئالتە جەڭگە قاتناشقان ئىكەن. ھەمشىرىسى ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: بىز جاراھەتلەرنى داۋالاپ كېسەللەرگە قارايتتۇق. مەن رەسۇلۇللاھدىن: بىرەرىمىزنىڭ پۈركەنچىسى بولمىسا ھېيت نامازلىرىغا چىقمىسىمۇ بولامدۇ؟ دەپ سورىسام، رەسۇلۇللاھ: «دوستى ئۇنىڭغا پۈركەنجىلىرىدىن كىيدۈرۈپ قويسۇن دە، ئۇمۇ ياخشى سورۇنلارغا ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دۇئالىرىغا ھازىر بولسۇن» دېدى. ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا كەلگەندە ئۇنىڭدىن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سىز بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغانمۇ؟ دەپ سورىساق، ئۇ: ھەئە، ئاتام پىدا بولسۇن،- ئۇممۇ ئەتىييە قاچانلا رەسۇلۇللاھنى تىلغا ئالسا ئاتام پىدا بولسۇن دەيدىغان ئىدى. -رەسۇلۇللاھ: «چىمىلداقتا ئولتۇرىدىغان بويىغا يېتىپ قالغان قىزلار-ياكى بويىغا يېتىپ قالغان قىزلار ۋە چىمىلداقتا ئولتۇرىدىغان قىز-چوكانلار-ۋە ھەيزدارلار چىقىپ ياخشى سورۇنلارغا، مۇئمىنلەرنىڭ دۇئالىرىغا ھازىر بولسۇن، ھەيزدار ئاياللار ناماز ئوقۇيدىغان جايدىن ئايرىلىپ تۇرسۇن» دېگەن. دېدى. مەن: ھەيزدار ئاياللارمۇ چىقامدۇ!؟ دېسەم، ئۇ: ھەيزدار ئاياللار ئەرافاتقا، مۇنداق، مۇنداق يەرلەرگە چىقىدىغۇ، دېدى.(سەھىھەين: بۇخارى: 1652-ھەدىس. مۇسلىم: 890-ھەدىس. لەپزى بۇخارىينىڭ.)


بۇمۇ بۇ نامازنىڭ ۋاجىبلىقىنى بىلدۈرىدۇ.


  ھېيت نامىزىنى كۈن بىر نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەندە ئوقۇيدۇ. ئەڭ كەچ بولغاندا كۈن تىكلەشكىچە ئوقۇسا بولىدۇ. ھېيت نامىزى ئىككى رەكئەت بولىدۇ، نامازدىن كېيىن خۇتبە ئوقۇلىدۇ. خۇتبە ئوقۇلۇۋاتقاندا ئالدىراش ئىشى بارلار قايتىپ كەتسە بولىدۇ. ھەدىستە بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىنغان.


4-يۇيۇنۇش.


  بارلىق ئالىملار ھېيت نامىزىغا يۇيۇنۇشنى مۇستەھەب دەپ قارىغان.


5-روزا ھېيتتا ناشتا قىلىۋېتىپ نامازغا مېڭىش، قۇربان ھېيتتا ناشتا قىلماي تۇرۇپ ناماز ئوقۇپ ئاندىن قۇربانلىقىنىڭ گۆشى بىلەن ناشتا قىلىش مۇستەھەب. "پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزا ھېيت كۈنى ناشتا قىلماي نامازغا ماڭمايتتى، قۇربان ھېيت كۈنى نامازدىن قايتمىغىچە ناشتا قىلمايتتى"(تىرمىزى 542-ھەدىس. ئىبنى ھىببان سەھىھ دەپ باھالىغان.).


  ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئەبۇ بەكىر رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇنىڭ ئاتىسى  ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزى ھېيت نامىزىغا بىرنەچچە تال خورما يېمەستىن ماڭمايتتى،(سەھىھۇل بۇخارى: 953-ھەدىس)


  مۇرەججە ئىبنى رەجائ مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلغان: ئۇبەيدۇللاھ ماڭا سۆزلەپ بەردىكى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: ئۇ خورمىلارنى تاق يەيتتى، دەپ سۆزلەپ بەرگەن.


بۇ كۈنلەردە روزا تۇتۇش چەكلەنگەن بولغاچقا بۇنى تەكىتلەش ئۈچۈن ناشتا قىلىۋېتىش كېرەك.




6-ھېيت كۈنىدە تەكبىر ئېيتىش.


  روزا ھېيتنىڭ ھارپىسى كەچ يەنى رامزاننىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن ئولتۇرغاندىن تارتىپ تاكى ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغىچە تەكبىر ئېيتىش مۇستەھەب بولىدۇ، ھېيت نامىزىدىن كېيىن تەكبىر ئېيتىلمايدۇ، بۇ مۇھىم سۈننەتلەرنىڭ بىرى. بۇ تەكبىر ئۈنلۈك كوچا-بازار ھەممە جايلاردا ئېيتىلىدۇ. ئۈنلۈك ئېيتىشتىن مەقسەت: ئىسلام پائالىيەتلىرىنى ئېلان قىلىش ۋە ئاللاھنى ئۇلۇغلاشنى ئىزھار قىلىش، شۇنداقلا غاپىللارنى ئويغۇتۇشتۇر. جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: )ئاللاھ رامىزان روزىسىنىڭ سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ تەكبىر ئېيتىشىڭلارنى، شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ.)(بەقەرە سۈرىسى 185-ئايەتنىڭ بىر قىسمى). ئىمام زوھرى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: "كىشىلەر ئۆيلىرىدىن چىقىپ ناماز ئوقۇيدىغان جايغا كەلگىچە ۋە ئىمام نامازغا چىققۇچە تەكبىر ئېيتىشاتتى، ئىمام ناماز ئوقۇشقا چىقسا جىم بولىشاتتى"(ئىرۋائۇل غالىيل). تەكبىرنى مۇنداق دەپ ئېيتىدۇ: "ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللەھىلھەمد" بۇ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد قاتارلىق بەزى ساھابىلاردىن رىۋايەت قىلىنغان.(مۇسەننەفى ئىبنى ئەبى شەيبە 1/490-بەت 5653-نومۇر). ساھابىلاردىن يەنە باشقىچە تەكبىر ئېيتىش ئۇسۇللىرىمۇ كەلگەن.


7-ئۆزئارا تەبرىكلەش.


  ئايەملىرىگە مۇبارەك بولسۇن! ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن!دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تەبرىكلىشىش بۇ ھېيتتا قىلىنىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىملىرىدىن بىرىدۇر. بۇنىڭ ئىجتىمائىي رولى كۆپ. ساھابىلارمۇ بىر-بىرىنى: ئاللاھ بىزدىنمۇ، سىلەردىنمۇ قوبۇل قىلسۇن! دەپ تەبرىكلەشكەن. (فەتھۇل بارى).


  يەنە بۇ كۈنلەردە سىلە-رەھىم قىلىنىدۇ، كىشىلەر ئۆز-ئارا ئاداۋەتلىرىنى يۇيۇپ سالاملىشىدۇ.


8-ھېيت كۈنىدە چىرايلىق ياسىنىش ۋە پاكىزلىنىش.


جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممنىڭ ئىككى ھېيت ۋە جۈمە كۈنىدە كىيىدىغان بىر تونى بار ئىدى.(سەھىھۇ ئىبنى خۇزەيمە3/132-بەت 1766-ھەدىس).


  ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمامۇ ھېيت كۈنىدە ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيەتتى(بەيھەقى سۈنەنۇل كۇبرادا رىۋايەت قىلغان. 3/281-بەت. 5938-نومۇر).


  شۇڭا ھەر بىر مۇسۇلمان كىشى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشى كىيىملىرىنى كىيىشى كېرەك. لېكىن ئاياللار زىننەتلىنىپ چىقسا بولمايدۇ، ئەتىر چېچىپ چىقسا بولمايدۇ، بەلكى تولۇق يۆگىنىپ گىرىم قىلماي چىقىشى، تار ۋە يېرىم يالىڭاچ كىيىم كىيمەسلىكى، ئەرلەرگە سۈركەلمەي ئەرلەردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.


9-ھېيت نامىزىغا بېرىشتا بىر يولدىن بېرىپ باشقا يولدىن قايتىش سۈننەتتۇر.


  سەئىيد ئىبنى ھارىس رىۋايەت قىلىدۇكى، جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھېيت نامىزىدىن قايتقاندا يولنى ئۆزگەرتەتتى.(سەھىھۇل بۇخارى 986-ھەدىس)


  ئالىملار نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن يەكۈنلەرنى چىقىرىپ باققان.  مەسىلەن: يول بىلەن پەرىشتىلەر، جىنلار بۇلارغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ، پەرىشتىلەر ئۇچراپ دۇئا قىلىشىدۇ... قانداقلا بولمىسۇن باشقا يولدىن قايتىش مۇستەھەب ئىشتۇر.


10-كىشىلەرنى سەدىقە بېرىشكە بۇيرۇش سۈننەت.


  ھەسەن ئىبنى مۇسلىم تاۋۇستىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: مەن روزى ھېيت نامىزىنى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، ئەبۇ بەكىر، ئۆمەر ۋە ئوسمانلار بىلەن بىللە ئوقۇغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى نامازنى ئوقۇپ ئاندىن كېيىن خۇتبە سۆزلەيتتى. مەن قاراپ تۇرسام رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (مۇنبەردىن چۈشۈپ) جامائەتكە قولى بىلەن قوزغالماسلىققا ئىشارەت قىلىپ بىلال بىلەن سەپلەرنى يېرىپ ئۆتۈپ ئاياللار تەرەپكە كېلىپ: ]ئى پەيغەمبەر! مۆمىن ئاياللار ساڭا كېلىپ، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، ئوغرىلىق قىلماسلىققا، زىنا قىلماسلىققا، بالىلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىككە، باشقىلارنىڭ بالىسىنى يالغاندىن ئەرلىرىنىڭ بالىسى قىلىۋالماسلىققا، سەن بۇيرۇغان ياخشى ئىشلاردىن باش تارتماسلىققا ساڭا بەيئەت قىلسا، ئۇلار بىلەن بەيئەتلەشكىن، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر)( مۇمتەھىنە سۈرىسى 10-11-12-ئايەتلەر.) دېگەن ئايەتنى ئاخىرغىچە ئوقۇپ ئاندىن ئۇلارغا: «سىلەر ئاشۇلارغا بەيئەت قىلدىڭلارمۇ؟» دېۋىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن باشقا ھېچكىم جاۋاب بەرمەي بىر ئايال: ھەئە، يا رەسۇلەللاھ! دېدى. -ھەسەن ئۇ ئايالنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدۇ-ئاندىن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللارغا: «ئۇنداق بولسا سەدىقە قىلىڭلار!» دېگەن ئىدى، بىلال كىيىمىنى يايدى، ئاياللار كۆزسىز ۋە كۆزلۈك ئۈزۈكلىرىنى بىلالنىڭ كىيىمىگە تاشلىغىلى تۇردى.(سەھىھەين: بۇخارى 4895-ھەدىس. مۇسلىم 884-ھەدىس)


11-ھېيت نامىزىدىن ئىلگىرى ياكى كېيىن نەپلە ناماز ئوقۇلمايدۇ.


  سەئىيد ئىبنى جۇبەير ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلال بىلەن روزى ھېيت نامىزىغا چىقىپ ئىككى رەكئەت ھېيت نامىزى ئوقۇدى، ھېيت نامىزىنىڭ ئالدى-كەينىدە ناماز ئوقۇمىدى. (سەھىھەين: بۇخارى 989-ھەدىس. مۇسلىم 884-ھەدىس)


  ئەبۇل مۇئەللا مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلغان: مەن سەئىيدتىن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ھېيت نامىزىدىن ئىلگىرى نەپلە ناماز ئوقۇشنى يامان كۆرگەنلىكىنى ئاڭلىغان.(سەھىھۇل بۇخارى)


  ئوچۇق مەيداندا ئوقۇسا شۇنداق، ئەمما ھېيت نامىزىنى مەسجىدتە ئوقۇسا ئالدىدا ئىككى رەكئەت تەھىييەتۇل مەسجىد نامىزىنى ئوقۇيدۇ.




ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.




مىلادىيە 2006- 10- 23


ھىجرىيە 1427- شەۋۋال( 10)- 1





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   manzilga تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-14 07:31 PM  


دۇبەيگە،مىسىر ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئەزان باھا،تېز سۈرەتتە ۋىزا،بىلەت بىجىرىلدۇ.چچ763778494

كېيىنكى ئەۋلاتل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95
يازما سانى: 692
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12932
تۆھپە نۇمۇرى: 798
توردا: 4561 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 08:33:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ بەلەن تېما بولۇپتۇ  قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن

قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىرتەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ ،تىرىشساڭلا ، مۇۋەپىقىيەت قۇچىقىنى كەڭ يايىدىغان پۇرسەت كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4282
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 234 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 08:40:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ  ........ئاران ئۇقۇپ بولدۇم ياخشى تېمىكەن رەخمەت بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaliptax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-14 08:41 PM  


زەنجىردەك بوغارمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81203
يازما سانى: 1598
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5432
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 637 سائەت
تىزىم: 2012-6-7
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 08:49:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىۋاندىن  ئۇرۇن  ئەپ  قۇيۇپ  ھېلى  ئۆيگە  چىققاندا  ئوقايچۇ ،.،،،.

قاغا ئۇچسا  قاناتىگە قاراڭلار ، گۇناھ قىلسا زەنجىر بىلەن  باغلاپ  تاناۋىنى  تارتىڭلار !!!!

ھەي ئىنسانچىلىق

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81958
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3115
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2012-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 09:25:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدىم رەھمەت سىز گە ئاللاھ كۆپلەپ ئەجىر لەر  بەرسۇن

بۇ ئادرىسنى قەتئىي بېسىشقا بۇلمايدۇ.http://bbs.meripetyoli.com

ئەقىلسىز دوستۇڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 2337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25795
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3135 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 11:22:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ئەنئەنىلەر ئىكەنغۇ بۇ ، سىزگە كۆپ رەخمەت ، قەلىمىڭىز ھارمىسۇن

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

بەلكىم شۇنداقتۇ ~

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 1346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6252
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 427 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 01:34:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى تىما بوپتۇ ، ئاللاھ ئەجىرلەرنى بەرگەي . مۇشۇنداق ئىسىل تىمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇراسىز !

بىر كۈن شۇنداق ۋاقىت بولىدۇ كۆزگە - كۆزلەر قادىلىدۇ `
كۆرىمىز ، ھىم ~ كىمنىڭ كۆزىدىن ياشلار ئاقىدۇ !


ANSWER   ( جاۋاب )

ئاپتاپ+جەڭگاھ= ھاياتى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15985
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7075 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 07:47:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھۆكىمەتڭنىڭ كادىرلارنى ھىيىت نامىزى ئوقۇمايسەن دىگىنە تازا قايىل ئەمەس ، ... نىمىشقا  ھىيىت نامىزىدا قويۇپ بىرىلىدۇ ئەمسە .............

ئىنكاسىمنى قەتئى نەقىل ئالماڭ ، نەقىل ئالغان ئادەم چوقۇم ئادەم ئەمەس ، چۈنكى ئەسكەرتىشنى كۆردىڭىز ئەمەسمۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 1709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5229
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9609 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 09:08:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆرەلمەسلەر چىدىماپتۇ دىگەندەك  بۇيىلمۇ تىخىمۇ چىدىمىدى .  چۈنكى بىر ئوبدان تىننچنى ئەبەدى مۇقىملىققا تاقاشتۇرۋالدى . ئەسلى تىنىچ يەرنى تىنىچ ئەمەس دەپ كوچىلىغاننىڭ نىمە پايدىسى ...
_____________________________
بۇنىڭغا ئاساسەن مۇسۇلمانلار ھېيت-ئايەم تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە باشقا يات مىللەتلەردىن ئايرىم ۋە ئالاھىدە بولۇشى، يات مىللەتلەرنىڭ ھېيت-بايراملىرىنى كىيىم كىيىشتە، ياسىنىشتا، يېمەك -ئىچمەكتە ۋە خوشاللىق ئىزھار قىلىش قاتارلىق بارلىق جەھەتلەردە دورىماسلىقى ۋە ئۇلارغا قېتىلماسلىقى كېرەك. كىچىك بالىلارنىمۇ باشقىلارنىڭ ھېيتلىرىغا قاتناشتۇرماسلىق كېرەك. ____مۇشۇ قاتتىق ئەمەل قىلىنسا بولاتتى . ئەپسۇس مىللىتىمنىڭ قىيامەتتە قانداق ھالەتتە قۇپۇشى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ .   ئاللاھ ساقلىسۇن .

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78604
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3485
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 11:01:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ئەنئەنىلەر ئىكەن ،ئۆزلىرىگەرەھمەت!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش