|
|
|
|
چىمبۇلاق تورى تومۇزنىڭ 14- كۈنى (14- ئاۋغۇست) تەنتەربىيە خەۋىرى : باياتىن ئاياغلاشقان جوڭگۇ پۇتبۇلچىلار جەمئىيىتى 2012- يىللىق ب دەرىجىلىك كوماندىلار بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 17 - ئايلانمىسىدا شىنجاڭ كوماندىسى مىھمان بولۇپ تىيەنجىن كوماندىسىنىڭ مەيدانىدا ئۇچىراشتى .
يامغۇرلۇق ھاۋارايىدا ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ چىرايلىق بىر مەيدان مۇسابىقىنى تاماشىبىنلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى ، شىنجاڭ كوماندىسى 52 مىنۇت بولغاندا 6- نۇمۇرلۇق ماھىر ئەسەتجاننىڭ بىر توپ ئۇرىشى بىلەن غەلبە قىلىپ مىھمان مەيداندىكى قىممەتلىك 3 نۇمۇرنى ئېلىپ شەرەپ قۇچتى .
شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇندىن كېينكى ئىشلىرىغا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى ، غەلبىلەرنى تىلەيمىز !
|
|
|
|
|
|