دۆلىتىمىز قانۇنلىردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداشقا دائىر ماددىلار
ئىلىمىز كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بۇلۇپ پارتىيە ۋە دۆلەت ئەزەلدىن مىللەتلەرنىڭ باراۋەر، تىنىچ ،ئىتتىپاق ھالدا تەرەققى قىلىپ گۇللىنىشىگە كۇڭۇل بۇلۇپ كەلدى .ئالاقىدار قانۇنلاردا مەخسۇس ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنى قۇغدايدىغان بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپەتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قۇغداشقا تىرىشتى .تۆۋەندە بىز ئىلىمىزنىڭ قانۇنلىردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپەتىگە مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنى كۇرۇپ چىقايلى .بۇ ماددىلار بىزنىڭ دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان قانۇن بەلگىلىمىللىرنى چۇشۇنۇشىمىزگە ۋە ئۆز ھوقۇقىمىزنى قانۇنى يول بىلەن قۇغدىشىمىزغا ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت مۇقىم تىنىچ بۇلۇشىغا پايدىسى بولىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئاساسى قانۇنىنىڭ 4-ماددىسىدا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىدە ھەممە مىللەتباپباراۋەر .دۆلەت ئاز سانلىققانۇنلۇق ھۇقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ .مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك .ئىتتىپاقلىق ،ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قوغدايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ .ھەر قانداقمىللەتنى كەمسىتىش ۋە ئېزىشنى مەنئى قىلىدۇ .مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىبۇزىدىغانۋە مىللى بۆلگىنچىلىك قىلىدىغان قىلمىشلارنى مەنئى قىلىدۇ .
دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئىھتىياجىغا قاراپ ،ئازسانلىقمىللەت رايۇنلىرىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىتىزلىتىشكەياردەم بىرىدۇ .
ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا تېروتورىيلىكئاپتونومىيەيولغا قۇيۇلىدۇ ،ئاپتونومىيە ئورگىنى تەسىس قىلىندۇ ،ئاپتۇنۇمىيەھۇقۇقىيۈرگىزىلىدۇ .مىللى ئاپتۇنۇم جايلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا خەلقجۇمھۇرىيتىنىڭئايرىلماس قىسىمىدۇر .
مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز تىل _يېزىقىنى قوللنىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ،ئۆزلىرىنىڭ ئۆرۈپ_ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئەركىنلكىگە ئىگە. »دىيىلگەن .
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئاساسى قانۇنىنىڭ 36-ماددىسىدا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭپۇقرالىرى دىنىي ئىتقاد ئەركىنلكىگە ئىگە . ھەر قانداق دۆلەت ئورگىنى ،ئىجىتىمائىيتەشكىلات ۋە شەخىسنىڭ پۇقرالارنى دىنغائىتقاد قىلىشقا ياكى ئىتقاد قىلماسلىققازورلىشىغا ،دىنغا ئىتقاد قىلىدىغانپۇقرالارنىمۇ ،دىنغا ئىتقاد قىلمايدىغانپۇقرالارنىمۇ كەمسىتىشكە يول قۇيۇلمايدۇ .
دۆلەت نۇرمال دىنىي پائالىيەتنى قوغدايدۇ .ھەر قانداق كىشىنىڭ دىندىنپايدىلىنىپجەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان ،پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىريەتكۈزدىغان ،دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە دەخلى قىلىدىغان ھەركەتلەردە بۇلۇشىغا يولقويمايدۇ . دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي ئىشلار چەت ئەل كۈچلىرىگە بېقىنمايدۇ .» دىيىلگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئاساسى قانۇنىنىڭ 52-ماددسىدا« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى پۇقرالىرىنىڭدۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە پۈتۈنمەملىكىتىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقنى قوغداشمەجبۇرىيتى بار .»دىيىلگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئاساسى قانۇنىنىڭ 59-ماددسىدا«مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيى ئۆلكە ،ئاپتۇنۇم رايۇن ،بىۋاستە قاراشلىقزەھەرلەر ،ئالاھىدە مەمۇرىي رايۇنلار ۋە ئارمىيەسايلىغان ۋەكىللەردىن تەركىب تاپىدۇ .ئۇنىڭدا ھەممە ئاز سانلىق مىللەتنىڭ مۇۋاپىقساندا ۋەكىلى بۇلۇشى كېرەك . مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرنى سايلاشقامەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدائىمىي كومتېتى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ . مەملىكەتلىكخەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە ئۇلارنى سايلاش چارىسى قانۇندابەلگىلىنىدۇ. » دىيلگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئاساسى قانۇنىنىڭ112-ماددىسدا« ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ،ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق ۋە ئاپتۇنۇم ناھىيلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەخەلق ھۈكۈمەتلىرى مىللىي ئاپتۇنۇم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرىدۇر .»دىيىلگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئاساسى قانۇنىنىڭ 113-ماددىسدا « ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ،ئاپتۇنۇم ئوبلاستىلق ۋە ئاپتۇنۇم ناھىيلىك خەلققۇرۇلتايلىرىدا ،تېرتورىيلىك ئاپتونومىينى يولغا قويغان مىللەتنىڭ ۋەكىللىرىدىنباشقا ،شۇ مەمۇرىي رايۇندا ئولتۇراقلاشقان باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ مۇۋاپىق سانداۋەكىلى بۇلۇشى كىرەك.
ئاپتونوم رايۇنلۇق ،ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق ،ئاپتونوم ناھىيلىك خەلق قۇرلتىيى دائىمىيكومتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىقى ياكى مۇئاۋىن مۇدىرلىقىنى ئۆتىگۈچىلەر ئىچىدەتېرىتورىيلىك ئاپتونومنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ پۇقرالىرى بۇلىشى كىرەك . »دىيىلگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئاساسى قانۇنىنىڭ114-ماددىسدا« ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ رەئىيسى ،ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ باشلىقى ،ئاپتونوم ناھىينىڭ ھاكىمىتېررىتورىيلىك ئاپتونومىينى يولغا قويغان مىللەت پۇقرالىرىدىن بۇلىدۇ .»دىيىلگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئاساسى قانۇنىنىڭ 115-ماددىسىدا « ئاپتونوم رايون ،ئاپتونومئوبلاست ۋە ئاپتونوم ناھىيلەرنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئاساسي قانۇننىڭ 3-باب 5.پاراگرافىدا بەلگىلەنگەن يەرلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقوقنى يۈرگىزىدۇ .شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،ئاساسي قانۇن ، مىللى تېر تورىيلىك ئاپتونومىيە قانۇنىۋە باشقا قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھۇقۇق دائىرىسى بۇيىچە ئاپتونومىيە ھۇقۇقىنىيۈرگىزىدۇ ،دۆلەتنىڭ قانۇن ،سىياسەتلىرنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپئىجرا قىلىدۇ. » دىيىلگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئاساسى قانۇنىنىڭ 116-ماددىسدا « مىللى ئاپتونوم جايلارنىڭخەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ سىياسى ،ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەتئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن .ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملارنى چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق .ئاپتونوم رايۇنلارنىڭ ئاپتونومىيە نىزاملىرى ۋە يەككە نىزاملىرى مەملىكەتلىك خەلققۇرۇلتىي دائىمىي كومتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن كۈچكە ئىگە بۇلىدۇ .ئاپتونوم ئوبلاست ،ئاپتونوم ناھىيلەرنىڭ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملىرى ئۆلكىلىك ياكىئاپتونوم رايۇنلۇق ىەلق قۇرلتىيى دائىمىي كومتىتىنىڭ تەستىقى بىلەن كۈچكە ئىگەبولىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كوتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ. » دىيلگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئاساسى قانۇنىنىڭ 117-ماددىسدا « مىللى ئاپتونوم جايلارنىڭئاپتونومىيە ئورگانلىرى يەرلىك مالىيەنى باشقۇردىغان ئاپتونومىيە ھۇقۇقىغا ئىگە .دۆلەتنىڭ مالىيە تۈزۈلمىسى بۇيىچە مىللىي ئاپتونوم جايلارغا تەئەللۇق بولغانلىكىمالىيە كىرىمىنى مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز ئالدىغائورونلاشتۇرىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ. »دىيلگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئاساسى قانۇنىنىڭ 118-ماددىسىدا « مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەت پىلانىنىڭ يىتەكچىلىكىدەيەرلىك ئىقتىسادىي قۇرلۇش ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئۇرۇنلاشتۇرىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ . دۆلەتمىللىي ئاپتونوم جايلاردا بايلىق ئېچىش ۋە كارخانا قۇرۇشتا ،مللىي ئاپتونوم جاينىڭمەنپەئىتىگە ئىتىبار بىرىشى كىرەك .»دىيلگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئاساسى قانۇنىنىڭ119-ماددىسىدا « مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىنىڭ مائارىپ ،پەن ،مەدىنىيەت ،سەھىيە ،تەنتەربىيە ئىشلىرنى باشقۇرۇش ،مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىئاسىراش ۋە رەتلەش ،مىللىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشتە ئۆز ئالدىغائىش كۈرىدۇ.» دىيىلگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئاساسى قانۇنىنىڭ 120-ماددىسىدا « مىللىي ئاپتونومجايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ ھەربىي تۈزۈمى ۋە ئۆز جايىنڭ جەمئىيەتئامانلىقىنى ساقلايدىغان جامائەت خەۋىپسىزلىكى قىسىمىنى تەشكىل قىلسا بۇلىدۇ » دىيلگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئاساسى قانۇنىنىڭ 121-ماددىسدا « مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ۋەزىپە ئىجرا قلىشتا ،شۇمىللىي ئاپتونوم جاينىڭ ئاپتونومىيە نىزامىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە ،شۇ جايدا كەڭقوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل تىل _يېزىقنى قولىنىدۇ .» دىيىلگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئاساسى قانۇنىنىڭ 122-ماددىسدا « دۆلەت ئاز سانلىقمىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى تىز راۋاجلاندۇرۇشىغا مالىيە ،ئەشيا ،تېخنىكا جەھەتتىن ۋە باشقا جەھەتلەردىن ياردەم بىرىدۇ . دۆلەت مىللىي ئاپتونومجايلارنىڭ شۇ جايدىكى مىللەتلەردىن ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى ،ئختىساسلىق كەسپىيخادىملارنى ۋە تېخنىك ئىشچىلارنى كۆپلەر يىتىشتۈرۈشكە ياردەم بىرىدۇ. » دىيىلگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئاساسى قانۇنىنىڭ 134- ماددىسدا « ھەر مىللەت پۇقرالىرى ئۆزىنىڭ مىللىيتىل يېزىقى بىلەن دەۋالىشىشقا ھوقۇقلۇق .خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىشمەھكىمىلىرى شۇ جايدا كەڭ قوللۇنىلىدىغان تىل- يېزىقنى بىلمەيدىغان داۋا ئىشتىركچىللىرىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى كېرەك . ئاز سانلىق مىللەتلەرئولتۇراقلاشقان ياكى مىللەتلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان جايلاردا قاراپ چىقىش ئىشلىرىشۇ جايدا كەڭ قوللۇنىلىدىغان تىل بىلەن ئېلىپ بېرلىشى كېرەك ؛ ئەيىپلەشنامە ، ھۆكۇمنامە ، ئېلان ۋە باشقا ھۆججەتلەر ئەمىلىي ئېتىياجغا قاراپ ، شۇ جايدا كەڭقوللۇنىلىدىغان بىر خېل ياكى بىر نەچچە خېل يېزىق بىلەن جاكارلىنىشى كېرەك. » دىيىلگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ كىرىش سۆزىدە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە بەرپا قىلغان، بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي مەسىلىسىنى ماركسىزم-لېنىنىزم بويىچە ھەل قىلىدىغان تۈپ سىياسىتى، دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى. مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش، ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىش، ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش دېمەكتۇر. مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنىڭ يولغا قويۇلۇشى دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىدۇ دېگەن روھنى، دۆلەت مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى قەتئىي يولغا قويىدۇ، دېگەن پرىنسىپنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇش، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللىي مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە غايەت زور رول ئوينىدى. بۇنىڭدىن كېيىن مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇلۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بۇ تۈزۈمنىڭ دۆلەتنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى جەريانىدىكى رولى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇلىدۇ. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى قەتئىي يولغا قويۇش ئۈچۈن، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ دۆلەتنىڭ قانۇن، سىياسەتلىرىنى ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىجرا قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرت؛ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەر دەرىجىلىك كادىرلىرىنى، تۈرلۈك كەسپىي خادىملىرىنى ۋە تېخنىك ئىشچىلىرىنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈش شەرت؛ مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلار ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى تىرىشىپ راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇشى شەرت؛ دۆلەت خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا ئاساسەن، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىگە تىرىشىپ ياردەم بېرىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش كۈرىشىدە، چوڭ مىللەتچىلىككە، ئاساسلىقى چوڭ خەنزۇچىلىققا قارشى تۇرۇش لازىم، يەرلىك مىللەتچىلىككىمۇ قارشى تۇرۇش لازىم. مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى ھەر مىللەت خەلقى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى ۋە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىدا مېڭىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە ۋە قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئىتتىپاقلاشقان، گۈللەنگەن مىللىي ئاپتونومىيىلىك جاي قۇرۇپ، مىللەتلەرنى ئورتاق گۈللەندۈرۈش، ۋەتىنىمىزنى باي - قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي سوتسىيالىستىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش يولىدا تىرىشىپ كۈرەش قىلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتىكى تۈپ قانۇن . » دىيىلگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ 9 - ماددىسدا « يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ۋە مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللىي مۇناسىۋىتىنى قوغدايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ، ھەر قانداق مىللەتنى كەمسىتىش ۋە ئېزىشنى مەنئى قىلىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان قىلمىشلارنى مەنئى قىلىدۇ» دىيىلگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ 10- ماددىسدا «مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە، ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.» دىيلگەن .
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ 11 - ماددىسدا « مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھەر قانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىمۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنىمۇ كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتنى قوغدايدۇ. ھەر قانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، پۇقرالارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ. دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي ئىشلار چەت ئەل كۈچلىرىگە بېقىنمايدۇ.»دىيىلگەن .
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ 16 - ماددىسدا «مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرىدا، تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ ۋەكىللىرى بولغاندىن تاشقىرى، شۇ مەمۇرىي رايوندا ئولتۇراقلاشقان باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ مۇۋاپىق ساندا ۋەكىلى بولۇشى كېرەك. مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرىدا، تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەت ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ ئىگىلەشكە تېگىشلىك سانى ۋە نىسبىتىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇندا بەلگىلەنگەن پرىنسىپقا ئاساسەن بەلگىلەيدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيىلىك جاينىڭ خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدا تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەت پۇقراسىدىن بولغان مۇدىر ياكى مۇئاۋىن مۇدىرلار بولۇشى لازىم.» دىيىلگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ 17 - ماددىسدا «ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم ناھىيىنىڭ ھاكىمى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ پۇقرالىرىدىن بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەركىبىدىكى باشقا خادىملار ئىچىدە تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتنىڭ خادىملىرى مۇۋاپىق ساندا بولۇشى كېرەك. مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق ھۆكۈمەتلىرىدە ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم ناھىيىنىڭ ھاكىمى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم ناھىيىنىڭ ھاكىمى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.» دىيىلگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ 18 - ماددىسدا « مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قارىمىقىدىكى خىزمەت تارماقلىرىنىڭ كادىرلىرى ئىچىدە تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتنىڭ خادىملىرى مۇۋاپىق ساندا بولۇشى كېرەك.» دىيلگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ 21 - ماددىسدا « مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشتا، شۇ مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە نىزامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل تىل - يېزىقنى قوللىنىدۇ؛ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا ئورتاق قوللىنىلىدىغان بىر نەچچە خىل تىل - يېزىقنى تەڭ قوللىنىدىغانلىرى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ تىل - يېزىقىنى ئاساس قىلسا بولىدۇ.» دىيلگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ 23 - ماددىسدا « مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئادەم ئېلىشتا، ئالدى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئالىدۇ ھەمدە يېزىلار ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسىدىن ئالسا بولىدۇ.» دىيلگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ28 - ماددىسدا « ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۆز جايىنىڭ تەبىئىي بايلىقىنى باشقۇرىدۇ ۋە مۇھاپىزەت قىلىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش پىلانىغا ئاساسەن، شۇ جاي ئاچسا بولىدىغان تەبىئىي بايلىقنى ئالدى بىلەن مۇۋاپىق ئاچىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ.» دىيلگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ37 - ماددىسدا « مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مىللىي مائارىپنى ئۆز ئالدىغا راۋاجلاندۇرىدۇ، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىدۇ، تۈرلۈك مەكتەپلەرنى ئاچىدۇ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئادەتتىكى يۇقىرى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپنى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مائارىپىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، شارائىت ۋە ئېھتىياجغا قاراپ ئالىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن كەسپىي خادىملارنى يېتىشتۈرىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئاز سانلىق مىللەت چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار، تارقاق ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەت تاغلىق رايونلىرىدا ياتاقلىق بولۇش ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش ئاساس قىلىنغان ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مىللىي باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئېچىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇشنى تامالىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. مەكتەپ باشقۇرۇش خىراجىتى ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى شۇ جاينىڭ مالىيەسىدىن ھەل قىلىنىدۇ، شۇ جاينىڭ مالىيەسىدە قىيىنچىلىق بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك مالىيەدىن ياردەم بېرىلىشى كېرەك. ئاساسلىقى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەر (سىنىپلار) ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىن شارائىتى بارلىرى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى دەرسلىكلەرنى قوللىنىشى ھەمدە ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا دەرس ئۆتۈشى كېرەك؛ ئەھۋالغا قاراپ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقى ياكى يۇقىرى يىللىقىدىن باشلاپ خەنزۇ تىلى دەرسى تەسىس قىلىپ، مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان پۇتۇڭخۇانى ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى كېڭەيتىشى لازىم. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى دەرسلىك ۋە نەشر بۇيۇملىرىنى تۈزۈش، تەرجىمە قىلىش ۋە نەشر قىلىش خىزمىتىنى مالىيە جەھەتتىن قوللىشى كېرەك.» دىيلگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ47 - ماددىسدا « مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى دېلو سوتلاش ۋە تەپتىش قىلىشتا، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىلنى قوللىنىشى ھەمدە شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقىنى پىششىق بىلىدىغان خادىملارنى مۇۋاپىق سەپلىشى كېرەك. شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل - يېزىقنى بىلمەيدىغان دەۋا ئىشتىراكچىلىرىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى كېرەك. قانۇن ھۆججەتلىرىدە ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل يېزىقنى قوللىنىشى كېرەك. ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىپ دەۋالىشىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.» دىيلگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ48 - ماددىسدا « ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنى بىرلىكتە گۈللەندۈرىدۇ. ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنى بىرلىكتە گۈللەندۈرىدۇ.» دىيلگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ49 - ماددىسدا « مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ھەر مىللەت كادىرلىرىغا بىر - بىرىنىڭ تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش ھەققىدە تەربىيە ۋە ئىلھام بېرىدۇ. خەنزۇ كادىرلار شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشى، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىمۇ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان پۇتۇڭخۇانى ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى ئۆگىنىشى كېرەك.» دىيلگەن.
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى2012-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۇنى 38-نۇمۇرلۇق « ئاز سانلىق مىللەت ئىشلىرىنىڭ 12-بەش يىللىق پىلان» نى بېسىپ تارقاتتى. پىلاندا 12- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئېلىمىز ئاز سانلىق مىللەت ئىشلىرىنىڭ ئاساسلىق تەرەققىيات نىشانى ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
پىلاندا مىللىي رايونلار بەش ئاپتونوم رايون، 30 ئاپتونوم ئوبلاست، 117 ئاپتونوم ناھىيە، ئۈچ ئاپتونوم خوشۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ،دەپ كۆرسىتىلدى. پىلاندا 12- بەش يىلدا ئېلىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئىشلىرى ئاساسلىقى مۇنداق بەش تەرەپنى تەرەققىيات نىشانى قىلىدۇ.بۇ پىلاننىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە :
1. مىللىي رايونلار ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. رايوننىڭ كىشى بېشى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى بىلەن بولغان پەرقى كۆرۈنەرلىك كىچىكلىتىلىدۇ. ئۇل ئەسلىھەلىرى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئۆزگىچە ئۈستۈنلۈككە ئىگە كەسىپلەر سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلىدۇ. شەھەر بازارلىشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئاشۇرۇلىدۇ. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى سىجىل ياخشىلىنىدۇ. سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلىدۇ.
2. مىللىي رايونلاردىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. شەھەر يېزا ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى بىلەن بولغان پەرقى كۆرۈنەرلىك كىچىكلىتىلىدۇ. شەھەر بازارلاردا ئىشسىزلىقنى تىزىمغا ئالدۇرۇش نىسبىتى %5 ئىچىدە تىزگىنلىنىدۇ. چارۋىچىلىق رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت نامرات رايونلىرىدىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ.
3. مىللىي رايونلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارى روشەن دەرىجىدە كۈچەيتىلىدۇ. مائارىپ، مەدەنىيەت مۇلازىمىتى، داۋالاش سەھىيە، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ساھەلەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بولغان پەرقى كۆرۈنەرلىك كىچىكلىتىلىدۇ. توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تۇراقلىشىش نىسبىتى %90 دىن ئۆستۈرۈلىدۇ. شەھەر يېزىلارنىڭ ئۈچ تۈرلۈك ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى ئۈچ پوئىنىت ئۆستۈرۈلىدۇ. يېڭىچە يېزا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئومۇمىيلاشتۇرۈلىدۇ.
4. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئۈنۈملۈك قوغدىلىدۇ، ۋارىسىلىق قىلىنىدۇ ۋە نۇرلاندۇرۇلىدۇ. ھەر قايسى مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى تېخىمۇ بېيىتىلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ھوقۇقى ھەقىقىي قوغدىلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا بىر قەدەر چوڭ قەدەم تاشلىنىدۇ. تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى تېخىمۇ زور رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ.
5. مىللەت نەزەرىيەسى سىياسەت سىستېمىسى ۋە مىللەتلەر قانۇن، قائىدە نىزام سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەلەشتۈرۈلىدۇ. مىللەتلەر ئىشلىرى مۇلازىمەت سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەلەشتۈرۈلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئەت كاپالىتى يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىدا يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ئىناقلاشتۇرۇلىدۇ.
پىلاندا مالىيە سىياسىتى، مەبلەغ سېلىش، كەسىپ سىياسىتى، پۇل مۇئامىلە سىياسىتى، ئېكولوگىيەلىك تولۇقلىما بېرىش سىياسىتى، مائارىپ پەن تېخنىكا سىياسىتى، مەدەنىيەت سىياسىتى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىياسىتى، كادىرلار ئىختىساسلىقلار سىياسىتى، نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىتى قاتارلىق سىياسەت تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. پىلاندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاز سانلىق مىللەت ئىشلىرى پىلانىدىكى يولغا قويۇش رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى، خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت ئىشلىرى پىلانىنى يولغا قويۇشتىكى ماسلاشتۇرۇش ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمى ۋە نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. پىلاننى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىغا بولغان نازارەت قىلىپ باھالاش ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مائارىپ قانۇنىڭ9-ماددىسدا« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىدا تەربىيىلىنىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. پۇقرالار مىللىتى، ئىرقى، جىنسى، كەسپى، مال – مۈلۈك ئەھۋالى، دىننىي ئېتىقادى قاتارلىقلارغا قارىماي، تەربىيىلىنىش پۇرسىتىدىن قانۇن بويىچە باراۋەر بەھرىمەن بولىدۇ.» دىيىلگەن .
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئورتاق تىل يىزىق قانۇنىنىڭ 8-ماددىسدا « ھەممە مىللەت ئۆز تىل يىزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە. ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىنى قوللىنىشتا ئاساسىي قانۇن، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇن ۋە باشقا قانۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر ئاساس قىلىنىدۇ. » دىيلگەن.
جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 11-ماددىسدا « ھەر مىللەت پۇقرالىرى ھەق تەلەپ دەۋا ئىشلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تىل - يېزىقى بىلەن ئېلىپ بېرىشقا ھوقۇقلۇق. ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ياكى مىللەتلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان جايلاردا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى سوت قىلىشتا ۋە قانۇن ھۆججەتلىرىنى ئېلان قىلىشتا شۇ جايدىكى مىللەتلەر كەڭ قوللىنىدىغان تىل - يېزىقنى ئىشلىتىشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەر كەڭ قوللىنىلىدىغان تىل - يېزىقنى بىلمەيدىغان دەۋا ئىشتىراكچىلىرىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى لازىم» دىيلگەن .
جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 9- ماددىسىدا « ھەر مىللەت پۇقرالىرى ئۆز مىللىتىنىڭ تىل – يېزىقى بىلەن دەۋالىشىشقا ھوقۇقلۇق. خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان تىل – يېزىقنى بىلمەيدىغان دەۋا ئىشتىراكچىلىرىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى لازىم. ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ياكى مىللەتلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان جايلاردا، شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان تىل بىلەن سوراق قىلىنىشى، ھۆكۈمەتنامە، ئېلان ۋە باشقا ھۆججەتلەر شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان يېزىق بىلەن جاكارلىنىشى كېرەك.» دىيىلگەن.
جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ251- ماددىسدا «قانۇنسىز يوللار بىلەن پۇقرالارنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلغان ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ» دىيلگەن.
جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ249- ماددىسدا «مىللىي ئۆچمەنلىككە ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەكك سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.»دىيلگەن.
جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ250- ماددىسدا « نەشىر بۇيۇملىرىغا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىدىغان ۋە ھاقارەتلەيدىغان مەزمۇنلارنى بېسىپ چىقارغانلاردىن قىلمىشى قەبىھ، ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جفزاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ» دىيلگەن.
يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقىدار باشقا قانۇن نىزاملىردا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھۇقۇقىنى قۇغدايدىغان يەنە نۇرۇغۇن ماددىلار بار.بۇ مەزمۇنلارنى ئۇگۇنۇش ۋە چۇشۇنۇش بىزنىڭ دۆلەتنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قۇغداشتىكى سىياسىتىنى ۋە ئىرادىسىنى بىلىشىمىزگە ،ئۆزىمىزنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپەتىمىزنى قانۇن بۇيىنچە قۇغدىشىمىزغا پايدىسى بار.
قانۇنچىلىق تەشۋىقاتىنى كۇچەيتىپ خەلقنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپەتىنى قۇغداشقا ئورتاق كۇچ چىقىرايلى !
بەختىيار ئادۇۋكات
مەسلىھەت بىرىش تۇرلىرى : نىكاھ ،جىنايى ئىشلار ،قەرىز ئىشلرى ،قاتناش ۋەقەلىرى،توختام ماجرالىرى قاتارلىق تورلۇك قانۇنى ئىشلار .
24 سائەت قانۇندىن مەسلىھەت بىرىش تىلفۇنى: ،18299819854
توردا مەسلھەت بىرىلمەيدۇ .
بەزى تورداشلار قايتا قايتا ئەسكەرتىشكە قارىماي تۇردا مەسلىھەت سورىماقتا .ئالاھىدە ئەسكەرتىدىغىنىم ھازىرچە تۇردا مەسلىھەت بىرىلمەيدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-15 12:01 AM