مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 752|ئىنكاس: 11

ئەسىرلەر داۋامىدىكى جىنايەت -سادئىزىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9626
يازما سانى: 512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23665
تۆھپە نۇمۇرى: 3846
توردا: 3748 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 03:19:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسىرلەر داۋامىدىكى جىنايەت -سادئىزىم


ماڭقۇرت-ئېسىنى يوقاتقان، ھەممىنى ئۇنتۇغان ئادەم دېگەن مەنىدە.

1.  ماڭقۇرت قىلىش  ئۇسۇلى-ئالدى بىلەن تۇتقۇننىڭ چېچىنى چۈشۈرۋېتىپ ياش سويۇلغان تۆگىنىڭ بويۇن تېرىسىنى ياكى كالىنىڭ تېرىسىنى بېشىغا قاپلايدۇ. بۇ «شىرە» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭغا كۆندىن يىپ تىلىپ ئۆتكۈزۈپ، ماڭلىيىدىن چەمبەرچاس قىلىپ مەھكەم باغلىۋېتىلىدۇ. ئاندىن مېڭىنى قاينىتىدىغان ئاپتاپقا ئېلىپ چىقىپ پۇت-قوللىرىنى باغلاپ قويىدۇ. تۇتقۇن شۇنىڭ بىلەن ئاستا-ئاستا ئازاپلىنىشقا باشلايدۇ. ئالدى بىلەن خام تېرە ئىسسقتا قۇرۇلۇپ  ئادەمنىڭ بېشىنى قىسىپ ئۇستىخىنى چۇل-چۇل بۇلۇپ كەتكۈدەك ئاغرىتسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆسكەن چاچ كەپلەنگەن تېرىنى بۆسۈپ چىقالماي، كەينىگە قايتىپ تاقىر باشقا خۇددى يىڭنە سانجىغاندەك سانجىلىپ پۈتكۈل نېرۋا سېستىمىسنى ئۆلتۈرىدۇ. يەنە ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقىتىدۇ. بىر ھەپتىدىن كېيىن ياكى ئون نەچچە كۈندىن كېيىن يا ئۆلۈپ قالىدۇ يا ماڭقۇرتقا ئايلىنىدۇ. ئۆلسىغۇ ئازاپتىن قۇتۇلىدۇ، ئەگەر تىرىك قالسا ئىسمى، ئاتا-ئانىسى ۋە پۈتكۈل كەچۈرمىشلىرىنى ئۇنتۇپ پەقەت خوجايىننىڭ دېگىنىنىلا قىلىدىغان قارا كۈچ ماڭقۇرتقا ئايلىنىدۇ.

زومبىيلىق-تىرىك ئۆلۈك دېگەن مەنىدە

2. زومبىيلىق-ماڭقۇرتلىقتىن ئازراقمۇ كەم قالمايدىغان «ئەسىر جىنايىتى» دەپ نام ئالغان بۇ زالىملىق ھەرىكىتى ئەڭ دەسلەپتە ئافرىقا تەبىقىلىرىدە بارلىققا كەلگەن دىيىشىدۇ. قۇلنى زومبىيغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق:
ئالدى بىلەن ئاساسەن ئافرىقا دەريالىرىدا ياشايدىغان ئىككى چىشلىق بېلىقنىڭ دۈمبىسىدىكى قىلتىرىقىنى ئېلىپ كۆزلىگەن كىشىنىڭ تامىقىغا تۇيدۇرماي سېلىۋەتسىلا بولدى، بىر ئازدىن كېيىن تېنىقى توختاپ، بەدىنى كۆكىرىپ، تىلى گەپكە كەلمەي قالىدىكەن. يەرلىككە قۇيۇلغان ئۆلۈكنى تۆت-بەش كۈندىن كېيىن گۇمانلىق تەبىقىنىڭ كىشلىرى يۇشۇرۇن كولاپ ئېلىپ، ئورمانلىققا ئېلىپ بارىدۇ. ئۈستىبېشىغا داب-دۇمباقلارنى ئېسىشقان سېھىرگەر-پالچىلار ھېچكىشى ئاڭلاپ باقمىغان كۈچلۈك دۇئالارنى ئوقۇپ، ياتلاردىن قەتئىي يۇشۇرۇن تۇتقۇچى ئەپسۇنلارنى قوللىنىدۇ. تاڭ ئاتاردا ئۆلۈككە جان كىرگۈزۈلۈپ، ئورنىدىن تۇرغۇزۇلۇپ ماڭدۇرىدۇ، يەتتە ئەزاسى ساق، بىراق مېڭىسىنىڭ يىرىمىدىن كۆپرەكى ئۆلگەن، ئۆز ئىسمىنى، تىگى-تەكتىنى، تۇغۇلغان يۇرتىنى، يىقىن-يىراق كىشلىرىنى بىراقلا ئۇنتۇغان، ئېلىپ بېرىپ ئىشقا سالسا بولغۇدەك بىكارلىق قۇل تەييار بولىدىكەن.
ئەمەلىيەتتە ماڭقۇرتلۇق بىلەن زومبىيلىق سادئىزىمدىن ئۆسۈپ چىققان ئىككى چوڭ شاخ، ئۇلارنىڭ ئىسملىرى ئوخشاش بولمىغان بىلەن زاتى بىر.

تۆۋەندە بىز سادئىزىم توغۇرلۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولىمىز.


سادئىزىم


«يەر يۈزىدە مېنىڭ قەبرەمنىڭ خارابىسىمۇ قالمايدۇ ۋە مەن توغرىسىدىكى خاتىرىلەرنىڭمۇ كىشىلەر يادىدىن مەڭگۈلۈككە يوقىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل»

                                                         -ساد

سادئىزىم-زالىملىق، قانخورلۇق دېگەن مەنىدە. بۇ 18-ئەسىردە ياشىغان ماركىزدە سادنىڭ ئىسمىغا مۇناسىۋەتلىك. ماركىزدە ساد قولىنى قانغا بوياپ ئادەم ئۆلتۈرمىگەن، ئوغرىلىق، قاراقچىلىق قىلمىغان. بىراق، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا پۈتۈن فرانسىيە خەلقى بىلىدىغان شەھۋەتپەرەس بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق چېكىدىن ئاشقان شەھۋەتپەرەس ئىددىيىسىنى يازغۇچىلىق ھاياتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۆز ئەسەرلىرىدە بىمالال ئىپادە قىلدى. كېيىن ئۇنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان نۇرغۇنلىغان ناشايان ئىشلىرى ۋە قارا نىيەتكە تولغان ياۋۇز ئىددىيىسى شۇ ۋاقىتتىكى شۇنداقلا ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زاماندىكى بىر قىسىم ناچار كىشىلەر تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىپ، جەمىئيەتتە نۇرغۇنلىغان ناچار، ئادەم ئۆلتۈرۈش، زوراۋانلىق جىنايەتلەرنىڭ سادىر بۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە چىقارماقتا…

سادئىزىم-تۈۋەندىكى ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.

1.  روھىي كىسەل يەنى ئىچىملىك بىلەن چىكىملىكتىن بولىدىغان سادئىزىم

2.  جەمئىيەتتىكى بولمىغۇر ئۆزگىرىشلەرگە مۇناسىۋەتلىك سادئىزىم

3.  ئۆز ئەتراپىدىكى غەيرىي تەسىردىن پەيدا بولىدىغان سادئىزىم.
تۆۋەندە بىز سادئىزىمنىڭ جەمئىيەتتە پەيدا قىلغان ئەمەلىي زوراۋانلىق دېلولىرىدىن مىسال ئالىمىز:

ئادەم ئادەمنى يەيدىغان ئەھۋال ئىنتايىن ۋەھشىي ھەم رەھىمسىز، بۇ بەلكىم ئىنسانلار مەدەنىيتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى بولىشى مۇمكىن.  ئادەمنىڭ ئادەمنى يېيىشىدىكى سەۋەب ھەرخىل: ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيتى، ياشاش ئۈچۈن، ياكى بولسا ئۆزىنى خوش قىلىش ئۈچۈن، قايسى سەۋەبتىن بولۇشتىن قەتئىينەزەر بۇ خىل قىلمىش كەچۈرگۈسىز قىلمىش. بۇ سادئىزىمنىڭ بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىكى كىشلەرنىڭ روھىيىتىدە پەيدا قىلغان ئەشەددىي زوراۋانلىقى.   چەتئەلنىڭ بىر تور بېكىتىدە ئەڭ تىپىك بولغان ئادەم يېيىش ھادىسلىرىنى ئىنىقلاپ چىققان  ئۇنداقتا بىزمۇ كۆرۈپ باقايلى:

3.jpg


1.   مەخسۇس كىچىك قىزلارنى ئۆلتۈرۈپ يەيدىغان ئادەم


قايسى نۇقتىدىن ئېيتساق، ئالبېرتا ھەقىقىي بىر ھايۋان، ئۇنىڭ لەقىمى"قۇتىرغان ئاينۇرى ئاستىدىكى قاتىل"،"بۆرە ئادەم""بۇرۇكلىنلىق قان ئىچەر".ئۇ بىر خورلىغۇچى، خام خىيال سۈرگۈچى بىمار، ئەڭ ۋەھشىيسى تېخى ئۆزى قىلغان ئىشتىن ئۆزىنى خوش قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ قىلغان قەبىھ ئىشلىرىدىن ھوزۇرلىنىدۇ ھەم قانائەتلىنىدۇ، ئۇ بىر ھالقىسىمان ئادەم ئۆلتۈرىدىغان قاتىل بولۇپلا قالماي كىچىك بالىلارنى خورلىغۇچى، جاھىللىق تەلۋىلىكى ئۇچىغا چىققان قەبىھ ئادەم، ئۇ 300دىن ئارتۇق زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىغا جىنسىي خورلاش ئېلىپ بارغان، ئۇنىڭ ئىچىدە 15 كىچىك بالىنى ئۆلتۈرۋەتكەن، ئۆلتۈرۈپ بولۇپ ئۇلارنى پارچىلاپ يېگەن، ھەددىدىن زىيادە ئۆزىنى قىيناش ئالامەتلىرىمۇ بار، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇ بالىلىرى تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلگەن بولۇپ، كىچىك بالىلارغا ئىنتايىن ئۆچكەن ھەم خورلاپ قىينايدىكەن. ئۇنىڭ بىرىنچى جىنايىتىدە، ئۇ ياخشى ئادەم قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ، جىيەن قىزىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە قاتنىشىمەن دەپ بالىلارنىڭ يىغىلىشىغا كىرىپ شۇيەردىكى بىر قىزنى قىيناپ ئۆلتۈرۋىتىدۇ، ھەم ئۇنى يەۋىتىدۇ، 6يىلدىن كېيىن ئۇ كىچىك قىزنى ئۆلتۈرۈپ يېيىش ،پارچىلاش قىيناش، خورلاش جەريانلىرىنى ھەم ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھوزۇر ئالغانلىقىنى ئىپادىلەپ يېزىپ چىقىدۇ، تېخى ئۇنى شۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ ھەم ئۇلارنى ھاقارەتلەيدۇ، مانا بۇ خەت ئۇنى ئاشكارلاپ قويىدۇ، ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنى تۇتىدۇ، 1936-يىلى 1-ئاينىڭ16-كۈنى، 66ياشلىق ئالبېرتا تۈرمىدە توك ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇلۇپ ئۆلتۈرىلىدۇ.

4.jpg


2.   ياپونىيەلىك قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۆشىنى يېيىشكە ھېرىسمەن ئەر

ياپونىيەلىك ئەر فىرانسىيەگە ئوقۇشقا بارغاندا گوللاندىيەلىك قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، ئاخىرىدا ئۇنى ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى يەيدۇ، ھەتتا بۇ ئىشلىرىنى كىتاب ئىچىدىمۇ يازىدۇ، جىنايەتكە ھۆكۈم قىلىدىغان چاغدا ئۇنىڭ پۇلدار دادىسى تەرىپىدىن ياپونىيەگە قايتۇرۇپ ئەكىلىنىدۇ، 1981-يىلى ئۇ گوللاندىيەلىك قىزنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلىپ، كەينىدىن مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ئىككى كۈندە ئۇنىڭ گۆشىنى يەيدۇ، يازغان كىتابىدا تېخى:"ئاق تەنلىك ئاياللانىڭ گۆشى بەك تەملىككەن، بۇنىڭدىنمۇ ئېسىل نەرسە يوق دەپ"يازىدۇ.ھۆكۈمگە ئېلان قىلىدىغان چاغدا ئۇنى كاللىسىدا چاتاق بار دەپ روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قويىدۇ، ئۇ ئۇيەردە نۇرغۇن كاللىسىدا چاتاق بار يازغۇچى سىياسەتچىلەر بىلەن دوست بولىدۇ، ئارقا تېرىكى كۈچلۈك بولغاچقا 15ئايدىن كېيىن جازاغا ھۆكۈم قىلماستىن قويۇپ بېرىلىدۇ، ھازىر ئۇ داڭلىق يازغۇچى سۈپىتى بىلەن تېلىۋىزور، گېزىتلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭغا قارىسا ھېچكىم ئۇنى ئادەم گۆشىنى يېگەن دەپ قىياس قىلالمايدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئادەم گۆشى يېگەنلىكىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىدۇ.

5.jpg


3.مېيۋىس بەئەينى قەبىھلىكنىڭ نامايەندىسى، ئۇ گەرچە مۈڭگۈلۈك قامىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ قەبىھ ئىش-ئىزلىرى ئەمدى تېخى كىشلەرگە ئاشكارا قىلىندى، 2001-يىلى ئۇ توردا ئۆزىنىڭ ئۆلىشىنى ھەم ئۇنىڭ تەرىپىدىن يېيىلىشىگە قوشۇلىدىغان ئادەم بارمۇ دەپ ئېلان چىقىرىدۇ، تەلىپى 18ياشتىن 30ياشقىچە قاۋۇل ئادەم بولىشى كېرەك دەيدۇ، ئويلىمىغان يەردىن بۇنداق غەيرىي تەلەپكە قوشۇلىدىغان بىر ئەر چىقىدۇ، ئۇلار روژدېستىۋادا كۆرۈشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مېيۋىس قاتىللىق ھەركىتىنى باشلاپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ پارچىلاپ، ئۇنىڭ گۆشىنى پىشۇرغان پارچىلىغان يەرلىرىنى 50پارچە سىنغا ئالىدۇ. بۇ سىنئالغۇلاردا ئۇنىڭ قاتىللىق ھەركىتى بىرمۇ-بىر خاتىرلەنگەن بولۇپ، ئۆلتۈرۈش، پارچىلاش، گۆشىنى پىشۇرۇش،ئىچكى ئەزالىرىنى بىرتەرەپ قىلىش،ئەزالىرىنى توڭلىتىش دېگەندەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۇ سىنئالغۇلارنى باشتىن -ئاخىر كۆرۈپ بولۇشقىمۇ كىشى چىدىمايدۇ، بۇ سىنئالغۇلار باشتىن-ئاخىرى ئىنتايىن قەبىھ بولغاچقا، ساقچىلار ئاشكارلىمىغان بولۇپ، تەكشۈرگۈچى مەسئۇل قانۇن دوختۇرى بۇنى كىتاب قىلىپ چىقارماقچى ھەم كىتاب سىرتىغا 18ياشتىن تۆۋەن كىشلەرنىڭ كۆرۈشى چەكلەنگەن دەپ يېزىپ قويۇلغان، قانۇن دوختۇرى بۇ كىتابنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن پۈتۈن سىنئالغۇنى باشتىن-ئاياق كۆرۈپ چىققان، توڭلاتقۇدىكى جەسەت پارچىسىنىڭ شۇ ئادەمنىڭ ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كۆزىتىش ئارقىلىق، توڭلاتقىدىكى گۆشكە پىچاق-ۋىلكىلارنى سانجىپ ئۈستىگە قىيمىلارنى قۇيۇپ قويغانلىقى، يەنە يېيىش ئاسان بولۇش ئۈچۈن 30كىچىك خالتا جەسەت پارچىسىنى سېلىپ قويغانلىقى، تېخى رەسىمگە تارتىپ تورغا چىقارماقچى بولغانلىقىنى بايقىدى، تېخى جەسەت خالتىلىرىنىڭ ئۈستىگە تاللا بازىرى گۆشلىرىگە ماركا چاپلاپ قويغاندەك ئۆزىنىڭ ماركىلىرىنى چاپلاپ قويغان.

5.jpg


4.   ئامېرىكا ۋىسكونسىن شىتاتى مىرۋوج شەھەرلىك دامور ھالقىسىمان ئادەم ئۆلتۈرىدىغان قاتىل بولۇپ، جەسەت سەۋداسى ھەم ئادەم يېيىشكە خۇمار، بۇ خىل روھىي ھالىتى ئادەتتىن تاشقىرى بىنورمال بولغان بۇ ئەر باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا ھاراقنى بولىشىغا ئىچكۈزۈپ ياكى ئۇيقۇ دورىسىنى يېگۈزۈپ، ئۇخلاپ قېتىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ پارچىلاپ، يەيدىغىننى يەپ ئاشقىننى ئاپىرىپ تەجىربە ئىشلەيدىكەن.ئۇ تۇتۇلغاندىن كېيىن 15ئوخشاش بولمىغان ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.دامور دۇنيادىكى ئەڭ رەھىمسىز، كىشىنى ئەڭ چۆچۈتىدىغان ھالقىسىمان ئۇسۇلدا ئادەم ئۆلتۈرىدىغان قاتىل، گەرچە ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى نورمال ئادەملەرنىڭكىدەك بولسىمۇ،ئۇ كوچىدا كېتىۋاتقان بولسىمۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ ھالقىسىمان ئۇسۇلدا قىلغان قاتىللىق ۋەقەلىرى كىشىنى تىترىتىدۇ، ئۇ ئىنتايىن تاساددىپىي تۇتۇلۇپ قالغان، 1991-يىلى 7-ئاينىڭ بىر ئاخشىمى، ئىككى ساقچى كەچلىك مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان چاغدا، بىر قاراتەنلىك ياش يىگىت ساقچىغا، مېنى بىر قوشنام تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ يۈرىكىمنى سۇغۇرۇپ يەيمەن دەۋاتىدۇ دەيدۇ، بۇ ئۈچىسى بۇ ئىشنى ئېنىقلاش ئۈچۈن قوشنىسىنى ئىزدەپ بارىدۇ، دەل مۇشۇ چاغدا دامورنىڭ ئۆيىگە كىرىدۇ، ئويلاپ باقمىغان يەردىن، ئۇنىڭ ئۆيىدىن نۇرغۇن ئادەم سۆڭىكى، باشلىرىنى كۆرىدۇ، توڭلاتقۇدا بولسا توغراپ قويغان ئادەم گۆشى بىلەن يېڭى جەسەتنىڭ بېشىنى كۆرىدۇ، ئاخىرى ئۇ 1070يىللىق قاماق جازاسىغا تارتىلىدۇ، تۈرمىدە ئۇ ئالاھىدە كۆزىتىش ئۆيىدە تۇرىدىغان بولۇپ، يالغۇز ھەم كۈچلۈك نازارەت ئاستىدا تۇرىدۇ.1994-يىلى تۈمىداشلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تاياق يەپ ھاياتى شۇنداقلا ئاخىرلىشىدۇ.

ئاخىرىدا مەن ماركىزدە سادنىڭ ھاياتلىق، ئۆلۈم، ياشاش ھەققىدىكى قاراشلىىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئۆتىمەن.

ماركىزدە سادنىڭ قارىشىچە، ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئىرادىسى، ئارزۇسى ۋە ھەرىكىتى تەبىئەتنىڭ ئۈزلۈكسىزلىك داۋامىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ. پەقەت ھاياتلىقنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىلا ئاندىن ھەقىقي مەنىگە ئىگە بولغان،  ھاياتىلىقنىڭ قانداق پائالىيەت ئارقىلىق تەبىئەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.

تەبىئەت دۇنياسىنى مەنىگە ئىگە قىلالايدىغان، تەبىئەت دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان نەرسە دەل ماددىنىڭ ئۈزلۈكسىز يىڭىلىنىپ تۇرۇش ھەركىتىدۇر. قاتىللىق، ئۇرۇش، قەسلەپ ئۆلتۈرۈش، زوراۋانلىق... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەبىئەتنىڭ مۇشۇ خىل نىشانىڭ ئەمەلگە ئېىشىى ئۈچۈن خىزمەت قىلدىغان زور شەرتلەر بۇلۇپ، ئۇلار پەقەت ماددىنىڭ يىڭىلىنىش سۈرئىتىنى كۈچەيتىپ بېرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس!

مېھىر-شەپقەت، خەيرخاھلىق ھەم شۇنىڭدەك باشقا بارلىق گۈزەل ئەخلاققا ياتىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى چىن ئەمەس. چۈنكى ئۇ ئاجىز نەرسىلەرنىڭ مەۋجۇت بۇلۇش مۇددىتىنى  ئۇزارتىپ، تەبىئەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى يىڭىلاش جەريانىنى قىسقارتىۋېتىدۇ. شۇڭا مەن دۇنيادىكى بارلىق ئاجىز نەرسىلەردىن ئۆلگۈدەك نەپرەتلىنىمەن.

بۇ دۇنيا ياۋۇزلىققا تولغان دۇنيا. تەبىئەتنىڭ ھەممە يىرى جىنايەت ۋە قەبىھلىككە تولغان. گۈزەل ئەخلاق دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ساختا، ياخشىلىق ۋە ئەخلاقنىڭ ئاخىرى ئۈمۈتسىزلىك بىلەن تۈگەللىنىدۇ، ئۇ ئاخىرى مەغلۇبىيەت ۋە بەرباتلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىراق، ئىنساننىڭ ياۋۇزلىقى، قەبىھلىكى ئىنسانغا بايلىق، خۇشاللىق، ھۇقۇق، ئىمتىياز ئېلىپ كېلەلەيدۇ. ھەم شۇنىڭدەك ئىنساننى تېخىمۇ كۈچلۈك زەردارلارغا ئايلاندۇرالايدۇ.
جىنايەت-ئەخلاق كەم بولغان نەپىسلىك. ئاقكۆڭۈللۇك، ئالىيجاناب پەزىلەت بولمىغان ئۇلۇغلۇق ئەخلاقنىڭ بىر خىل رېتىمدىكى رايىشلىقىنى، زېرىكىشلىك سېھىرى كۈچىنى يوقۇتۇۋېتەلەيدۇ. شۇڭا ياۋۇزلۇق، جىنايەت مەڭگۈ ئەخلاقنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا تىگىشلىك.

پايدىلانمىلار:
1.  قىيادىكى ئوۋچىنىڭ ئاھۇ-زارى (چىڭغىز ئايتماتوف، مۇختار شاخانوف)
2.  بەيدۇ  ۋە چولپانلار تورى
3.  ماكىزدە ساد تەرجىمىھالى-كىتاپ-خەنزۇچە
4.  سادئىزىم نەزەرىيەسى-ئىنگىلىزچە
5.  مېنىڭ كاللام ۋە سىياھ يۇقۇندىلىرى، كومپىيۇتىرغا قارىغاندىكى كۆز نۇرۇمنىڭ ھاياجان ۋە شىددەت بىلەن ئازىيىپ بارغاندىكى قۇرقۇنچلۇق ھالىتى.

مەنبە: ئۆزۈم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-14 05:02 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81460
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4053
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2012-6-12
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 05:15:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشلانغۇچ مەكتەپتە ئەمدى ئەقلىمنى بىلىۋاتقاندا «بىز كومۇنىزم ئىزباسارى بىز» دېگەن ناخشىلارنى ئۆگەتسە نېمە گەپتۇ بۇ ؟ دەيتىم.  مانداق بىر «ئىزم»نىڭ نامىنىمۇ ئەمدى ئاڭلىشىم، لېكىن بۇنداق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەزىللىكلەرنىڭ بولىۋاتقانلىقى مېدىيەلەردىن ئانچە-مۇنچە مەلۇم ئىدى. يازما يازغۇچى خېلى ئىزدىنىپتۇ، شۇنىڭغا كۆرە رەھمەت.

كېيىنكى ئەۋلاتل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95
يازما سانى: 692
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12932
تۆھپە نۇمۇرى: 798
توردا: 4561 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 05:41:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەملەرنىڭ تەبىئىتىدىكى  ۋەھشىلىكلەرگە ھىچنىمە دىگىلى بولمايدۇ ،بىزنىڭ جەمىيىتىمىزدە بىرقىسىملار ئۈزىنىڭ ۋەھشىلىكىنى بالىلار بىلەن ئۆزىنىڭ ئاياللىرىغا ئىشلىتىدۇ

قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىرتەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ ،تىرىشساڭلا ، مۇۋەپىقىيەت قۇچىقىنى كەڭ يايىدىغان پۇرسەت كېلىدۇ

شاكىرە شەبنەم

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2820
يازما سانى: 894
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24044
تۆھپە نۇمۇرى: 434
توردا: 3965 سائەت
تىزىم: 2010-6-16
ئاخىرقى: 2012-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 06:04:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سادئىزىم دەپ زادىلا ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن.يېڭىلىقتىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.مەن بۇنداق ئادەمخور ئادەملەرنى بىنورماللاردىن دەپلا قارايتىم.

قېرىنداشلىرىم،ئۆز تىلىمىز ۋە يېزىقىمىزنى پىششىق ئۆگىنەيلى!

باشقىلار كۆكتە ئ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 2034
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13481
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 2572 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 06:42:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇف، ئارقا بەتتە كۆرۈپ قورقۇپ كېتىپ چىقىرىشقىمۇ پېتىنالمىغان ئىدىم، ئوقۇپ كۆرگىچە شۇ ھالەتلەر كۆز ئالدىمدىن كەچكەنسېرى تەرلەپ كېتىپتىمەن. ھەجەپمۇ قەبىھ ئادەملەر بولىدىكەن دىسە............

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

http://www.airkan.biz/

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37656
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4812
تۆھپە نۇمۇرى: 142
توردا: 1211 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2012-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 07:19:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ ئىنساننىڭ ياۋۇزلىقى، قەبىھلىكى ئىنسانغا بايلىق، خۇشاللىق، ھۇقۇق، ئىمتىياز ئېلىپ كېلەلەيدۇ. ھەم شۇنىڭدەك ئىنساننى تېخىمۇ كۈچلۈك زەردارلارغا ئايلاندۇرالايدۇ. ››
ما پەلسەپەسى بۇلاپ قالامدۇ نىمە؟ ئادەم گۆشىنىڭ تەمى قانداقتۇ؟

http://www.airkan.biz/

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5857
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 455 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 01:04:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭقۇرت قىلىش ئۇسۇلىنى مەن تىخى يىقىندىلا «ئەسىردىن ھالقىغان كۈن» ناملىق روماندا ئۇقىغان ئىدىم. بۇ ھەقىقەتەن بىر خىل جىنايەت ، بىنورماللىق دەپ قارايمەن.

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71638
يازما سانى: 604
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1763
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 599 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 03:07:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا گوگۇلدىن سۈرىتىنى ئىزدەپ يۈرىكىم ئاغزىمغا كەپ قالدى !!! سادئىزىمدىن  خۇدا ساقلىغاي .....

توختىخاچام بۇرۇتلۇق ، قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق. France2006

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 1709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5227
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9609 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 09:24:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىرۋا جەھەتتىن ئەشھەدى تۈگىشىش دەيمىز .   ئۇلار بىر تەرەپتە ئادەم بىر تەرەپتە ئەمەس، ھالەتتە .

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82806
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3646
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 02:26:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەمدى ھاراق تاشلايمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش