مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 754|ئىنكاس: 11

پۇشايمان ياشلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 2272
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4255
تۆھپە نۇمۇرى: 2936
توردا: 10503 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 12:48:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پۇشايمان ياشلىرى

قىزنىڭ قاپقارا كۆزلىرى بىر نوقتىغا تىكىلىپ تۇرغان بۇلۇپ،ئاپىسى بىلەن دادىسنىڭ يېنىغا كىلىپ پەپىلەشلىرى قۇلقىغا كىردىغاندەك قىلمايىتتى...قىزنىڭ دادىسى ئاچچىق ئارلاش ئاپىسغا قاراپ ئېغىر ئۇھسىنىپ قۇياتتى...قىزنىڭ ئاپىسى بولسا قىزنىڭ كارۋېتى بېشىغا كىلىپ ،قىزنىڭ پىشانىسنى يىنىك سىلاپ تۇرۇپ، قىزىغا يېلىنغان ھالدا <<جېنىم قىزىم مىنى كەچۈرۈڭ >>دەپ يېلىنماقتا ئىدى.ئەمما قىزنىڭ قۇلىغا گەپ كىردىغاندەك ئەمەس،قىز خۇددى ئۈسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەك كۆزلىرىنى بىر نوقتىغىلا تىكىپ،ئاپىسنىڭ يىلىنىشلىرىغا پەرۋا قىلىپ قويمايىتتى.قىزىنىڭ پەرۋاسىزلىقىدىن  تەئەججۈپلەنگەن قىزنىڭ ئاپىسى ئاينۇر.ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن خاتا قىلغىنىنى ھىس قىلىپ پۇشايمان قىلماقتا ئىدى.

دادىسى داۋۇت،بىردەم قىزى مەرھابانىڭ قېشىغا كىرسە بىردەم ئايالى سۇپىيەنىڭ قېشىغا كىرىپ،ئىككى ئارلىقتا قاتناپ قىزى بىلەن سۇپىيەنى تەڭ باقاتتى.

ئاينۇر بولسا قىزىنىڭ بۇ پاجىھەگە يۇلۇققىندىن ئۆزىنى توختىماي ئەيىپلەپ،پۇشايمان ياشلىرىدا توختىماي ئۆكسۈپ يىغلايىتتى.


بۇنىڭدىن 11-يىل بۇرۇن ئاينۇر بىلەن داۋۇت خۇدا قوشقان بىر جۈپلەردىن بۇلۇپ،ئىككىسى بىرشەھەردە تۇغۇلۇپ،ئالىي مەكتەپنى تەڭ ئۇقۇپ دىگۈدەك خىزمەتكە چىققان ئىدى.ئاينۇر بىلەن داۋۇت مەكتەپتىكى بىر يېغىلىشتا تۇنۇشۇپ قالغان بۇلۇپ،بىرشەھەرلىك بولغاچقا پات-پات توي-تۈكۈن، كۇچىلاردا دۇقۇرشۇپمۇ قالاتتى.

ئىككىسى مانا مۇشۇنداق تەسادىبىي ئۇچرۇرۇشۇپ قېلىش تۈپەيلى،بىر-بىرىگە كۆڭلى چۈشۈپ قالدى.

مەكتەپتىن باشلاپ بىر-بىرىنى تۇنۇغاچقا ئۇنداق بىرنەچچە يىل يۈرۈپ ،ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماي ،ھەقىقى كۆڭلىنى ئىزھار قىلغاندىن 4-ئاي كىيىن تۇيۇنى قىلدى.توي قىلىپ ئىككىنچى يىلى مەرھابا تۇغۇلدى.بۇلارنىڭ ئائىيلىسكە مەرھابا قۇشۇلۇپ كۈنلىرى  تېخىمۇ بەخىتكە تولدى.داۋۇت مەرھاباغا قەۋەتلا ئامراق ئىدى.ئىشتىن چۈشۈپ كەلدىما،مەرھابا داۋۇتنىڭ قۇلىدىن چۈشمەيىتتى.ئاينۇر بولسا ئۆي ئىشى بىلەن بۇلۇپ، <<ئىشلەپ  بالا بېقىپ ھېرىپ كەتتىم>>دەپ ئانچە-مۇنچە داۋۇتقا قاخشاپ قۇياتتى.

ئەمما تۇلىمۇ مېھرىبانلىق بىلەن داۋۇت بىلەن مەرھاباغا پۈتۈن مۇھەببىتىنى ئاتايىتتى.تۇرمۇشنىڭ بارا-بارا ياخشىلىنى بىلەن ئادەمنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىمۇ كۆپ بۇلىدۇ دەپ،ئاينۇرغا ئازراق ھۇقۇق تىگىپ مۇئاشى ئۆسۈشى بىلەن،كۈندىن-كۈنگە گىپى جىقلاپ،داۋۇتقا ئالغان مۇئاشىنى دەستەك قىلىپ  تۇلا كوتىلدايدىغان بۇلۇپ قالدى.

داۋۇت ئاينۇرنىڭ گىپىگە بەزى پەرۋا قىلماي بەزى رەنجىپ دېگەندەك ئۆتۈۋەردى.ئەمما ئاينۇر كوتۇلداشتىن قىپ قالماي،داۋۇت ئۆيگە كەچ قايتىپ كەلسە ياكى بىرەر ئاغىينىسنىڭكىگە بېرىپ كەلسە،ئاينۇرغا بۇپ بىرەتتى.داۋۇتنىڭ كۆزىگە كىرشىۋېلىپ<<پالانچى ئاغىينىڭىز ئۈچ يۈرۈش ئۆي يەنە ماشىنا ئەپ بۇلۇپتۇ، بىزچۇ؟ماڭا بەرگەن مۇشۇ ئۆي ماشىنىدىن بىلەك ھېچ نىمە يوق>>دەپ تۇلا سۆزلەيىتتى.

داۋۇت ئاينۇرنىڭ ھە دىسىلا ئۆزىدىن يۇقىرى ئالغان ئىككى تۆت تال مائاشىنى دەستەك قىلىپ،سۆزلىشىدىن بىزار بۇلۇپ،ئىشتىن چۈشسە ئۆيگە قايتىشمۇ خوشياقمايدىغان بۇلۇپ قالدى.

يىللار بەرگىدىن تۆكۈلگەن يۇپۇرماقتەك تىز ئۆتمەكتە ئىدى.مەرھابامۇ مەكتەپ يېشىغا يىتىپ قالدى.ئەمما ئاينۇر بارغانچە ئابروي پەرەس بۇلۇپ،داۋۇتقا تاپقان پۇلىنى دەستەك قىلىدىغان ئىللىتىنى  تېخىچە يۇقاتمىغان ئىدى.داۋۇت ئاينۇرنىڭ بۇ مەنمەنچىلىكىدىن  بىزار بۇلۇپ سەۋرى قاچىسى تۇشۇپ،ئۆيدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي  ئارانلا قالغان كۈنلەردە، سۇپىيە بىلىپ تۇنۇشۇپ قالدى.سۇپىيە خۇشخۇي ،ئۇماق  ،مۇلايىم قىز بۇلۇپ، چېھرىدىكى خۇش تەبەسسۇمى قاچانلا قارىسا قۇياشتەك چاقناپ تۇراتتى.


داۋۇت: سۇپىيە بىلەن،بىر ئاغىينىسنىڭ تۇيىدا تۇنۇشۇپ قالغان بۇلۇپ،سۇپىيە ئۇ كۈنى بەك چىرايلىق بۇلۇپ كەتكەن.داۋۇت  سۇپىيەنىڭ  ئۇيغۇر مۇسۇلمان قىزلىرىغا خاس ناھايىتى ئىسىل كىينىشىگە قاراپ،ئۆزىنىڭ ئايالى ئاينۇرنىڭ كىينىشىنى كۆز ئالدىغا كىلىپ،سۇپىيەگە ھۆرمىتى تېخىمۇ ئاشقان ئىدى.

ئەمما ئايالى بولغاچقا سۇپىيەگە مەمنۇنلۇق بىلەنلا قاراپ قۇيۇپ،باشقا خىياللاردا بولماي خىيالىغا يۈگەن سالدى.


رىسىقى قۇشۇلسا بىرئاماللاردا تېپىشىدۇ دەپ،داۋۇت قىزى مەرھابانىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە سوۋغات ئېلىش ئۈچۈن،يالغۇز بازار ئارىلاپ سۇپىيەنىڭ دۇكىنىغا كىرىپ قالدى.ئالدىراش خىرىدارلارغا مال كۆرسىتۋاتقان سۇپىيە ،ھېلىقى كۈندىكىدىنمۇ چىرايلىق بۇلۇپ،كىيىمىگە ماسلاشتۇرغان رەڭدە چەككەن سۇس ھاۋا رەڭلىك  ھىجابى،سۇپىيەگە قەۋەتلا ياراشقان ئىدى.داۋۇت كۆز ئالدىدىكى بۇ قىزنىڭ  ئالدىراشلىقىغا قاراپ،چىقىپ كەتمەكچى بۇپ تۇرغاندا،سۇپىيەنىڭ دىققىتى داۋۇتقا چۈشۈپ:

-ئەپەندىم  سىزگە بىرنەرسە كىرەكمىدى-دېدى.

دۇكاندىن چىقىشقا تەمشەلگەن داۋۇتنىڭ پۇتى كەينىگە يېنىپ،

-بۈگۈن قىزىم 7 -ياشقا كىرگەن ،شۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە كىيىم ئالاي دېگەن ئىدىم.

سۇپىيە چاققانلىق بىلەن داۋۇتنىڭ قىزىغا ماس كەلگۈدەك كىيىمنى تاللاپ كۆرسەتتى.داۋۇت رازىمەنلىك بىلەن كىيىمنى ئېلىپ كەتتى.ئەمما روھى سۇپىيەنىڭ قېشىدا قالغاندەك بۇلۇپ،ئاينۇرنىڭ سۆزلىرى ئۇ قۇلاقتىن كىرىپ بۇ قۇلاقتىن چىقىپ پەرۋا قىلماس بولدى.ئەمما پات-پات سۇپىيەنىڭ دۇكىنىغا بېرىپ قىزىغا بىرنەرسە ئالمىسمۇ ،ئايلىنىپ سۇپىيە بىلەن پاراڭلىشىپ ،سۇپىيەنىڭ تېخى توي قىلمىغان قىز ئىكەنلىكىنى بىلدى.


داۋۇت كۆڭلىدە  سۇپىيەنى ياختۇرۇپ قالغان بولسىمۇ، قىزى مەرھابا ئۈچۈن، قاچانلا ئۆيگە قايتىپ كەلسە ئىككى ئېغىز تاتلىق گەپ قىلىپ، كۆڭلىنى كۆتۈرمەيدىغان،ھەدىسىلا تاپقان پۇلىنى دەستەك قىلىپ ،مەنمەنچىلىك قىلدىغان ئاينۇرغا ئىچ-ئىچىدىن ئۆچ بۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ ،مەكتەپ يېشىغا كىرىپ قالغان قىزى ئۈچۈن ھەممىگە چىداشقا بەل باغلىغان ئىدى.

ئەمما ئاينۇر نەدىن ئاڭلىدى.راس ئاڭلىدىمۇ ياكى داۋۇتنىڭ ئۆيگە ۋاقتىدا  قايتىپ كەلمەسلىكى سەۋەپتىن پەرەز قىلدىمۇ،ئۇنىڭ گۇمانخورلۇقى تۇتۇپ،داۋۇتتىن گەپ ئالماق بۇلۇپ سۆز باشلىدى.

-ۋۇي داۋۇتجان،بۇ كۈنلەردە تالادىن بىرەرسىنى تېپۋالدىقمۇ نېمە؟ماۋۇ ئۆي مېھمان ساراي بۇپ قالغاندەك ياتارغا كىلدىغان بۇپ قالدىڭىز.

داۋۇت ئاينۇرنىڭ بۇ پەرزىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ،

-ۋاي-ۋۇي،نەدىكى يوق گەپنى قىلمىغىنە؟ -دەپ سوغۇق كۈلۈپ قويدى.

داۋۇتنىڭ سۇغۇق كۈلشىدىن ئاينۇر بىرنەرسىنى سەزگەندەك بۇلۇپ،قارسىغا سۆزلەشكە باشلىدى.

داۋۇت ئاينۇرنىڭ سۆزلىرىنى<< راس گەپ قىلمىسام بېسىقمۇغۇدەك>>دەپ ،تەسادىبىي سۇپىيە بىلەن تۇنۇشۇپ قىلىپ،سۇپىيەنى ياختۇرۇپ قالغىنىنى ،ئەمما قىزى ھەم ئائىيلىسى ئۈچۈن،باشقا ئويدا بولماي ئۆيىنى چىرايلىق تۇتۇپ قالغۇسى بارلىقىنى دېدى.

ئاينۇر داۋۇتنىڭ سۆزلىنى ئاڭلاپ،چىداپ تۇرالماي<<سەندىن  ئاجرىشمەن خېتىمنى بەر>>دەپ يىغلاشقا باشلىدى.

داۋۇت بىردەم سۈكۈتتە تۇرۇپ بېقىپ،ئاينۇرنىڭ ئاجراشقۇسى بولسا مۇرادىغا يەتكۈزۈپ قۇيۇپ،مەنمۇ ئۆز بەختىمنى تاپادي دېدى بولغاي،

<<ماقۇل ئاجرىشايلى >>-دېدى.تىرە تارقاڭشىتىپ داۋۇتنى قوقىتىمەن دېگەن ئاينۇر،كۈتۈلمىگەن جاۋاپتىن نىمە قىلارىنى بىلمەي، پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.ۋە بايىقى گىپىدىن يېنۋېلىپ:

-داۋۇتجون،خاتىرجەم بۇلۇڭ،مەن ئاجراشمايمەن سىزنى ئۇنداق تىز مۇرادىڭىزغا يەتكۈزسەم قانداق بۇلىدۇ.

ئاللىقاچان بىرقارارغا كىلىپ بولغان داۋۇت ،ئاينۇرنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ:

-نېمە دېسەڭ دە ئاينۇر سەندىن ئاجراشقىنىم -ئاجراشقان.ئەمدى مەرھابانى دەستەك قىلىپ مېنى قورقىتمەن دېمە؟قىزىمنى ئۆزۈم باقىمەن-دېدى كەسكىنلىك بىلەن:


مانا بۇلارنىڭ نەچچە يىللىق ئائىيلىسى ۋەيران بۇلۇپ،ئاينۇر بىلەن داۋۇت ئاجراشتى.

ئاينۇر مەرھابانى داۋۇتتىن ئۆچ ئېلىشتىكى ياخشى قۇرال بىلىپ، چىڭ تۇرمايلا  بېقىش ھۇقۇقىنى داۋۇتقا بەردى.

داۋۇت مەرھانى ئەگەشتۈرۈپ سۇپىيەنىڭ دۇكىنىغا كىلەتتى.سۇپىيەمۇ داۋۇتنىڭ ئاجرىشىپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ  ھىسداشلىق قىلدى.

بىر يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن، داۋۇت كۆڭلىنى سۇپىيەگە ئىزھار قىلدى.داۋۇتنىڭ قىزغىن مۇئامىلىستىن، ئاللىقاچان كۆڭلى سەزگەن سۇپىيە،تارتىشىپ ئولتۇرمايلا بۇ تويغا قۇشۇلدى.

بۇلار توي قىلدى.داۋۇتنىڭ كۆڭلى تۇلىمۇ خۇشال ئىدى.ئۇ بەخىت پەيزىنى سۈرۈپ،ۋۇجۇدى تىنماي ئەللەيلىنەتتى.سۇپىيە  قۇياشتەك كۈلۈپ تۇردىغان ،ئىللىق چىرايى بىلەن داۋۇتقا خۇشاللىق بېغىشلايىتتى.مەرھابانىمۇ ئۆز قىزى ئورنىدا كۆرۈپ بارلىق مېھرىنى بەرمەك بۇلاتتى.ئەمما مەرھابانىڭ ئاپىسى ئاينۇر،مەرھابانىڭ مەكتىۋىگە بېرىپ،مەرھاباغا سۇپىيەگە يامانلىق قىلىش توغۇرلۇق،ھەر خىل ئاماللارنى ئۆگتەتتى.

مەرھابامۇ ئاپىسى بىلەن دادىسىنىڭ ئاجرىشىپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولغان سۇپىيە دەپ،كىچىكلا تۇرۇپ قەلبىنى ئۆچمەنلىك ئوتلىرى قاپلىغان ئىدى.سۇپىيەنىڭ ئىللىق مېھرىدە بۇ ئوتلار ئۆچۈپ قالاي دېسە،ئاينۇر مەرھاباغا گەپ ئۆگۈتۈپ،ئۆچمەنلىك ئوتلىرنى قايتا تۇتاشتۇراتتى.

مەرھابا  داۋۇت بىلەن سۇپىيە بايقىمىغان ھالدا،ھەرخىل ئۇسسۇل بىلەن ئائىيلىنىڭ خۇشاللىقىنى بۇزماق بۇلاتتى.

2-يىل جەريانىدا 10-ياشقا كىرگەن مەرھابانىڭ قەلبى سۇپىيەگە بولغان ، ئۆچمەنلىك ئوتلىرىدا پۇچلىنىپ،قۇلىدىن كىلدىغان كىچىك ئاماللاردا،بىردەم ئوخشىغان تاماققا تېتىققۇ،تۇزنى  بۇلشىغا سېلىپ،بىردەم سۇپىيەنىڭ گىرىم بۇيۇملىرىغا باشقا نەرسىلەرنى ئارلاشتۇرۇپ،بىردەم ئەتىرگە سىياھ ئارلاشتۇرۋېتىپ ،دېگەندەك بۇ ئائىيلىدە ئانچە-مۇنچە سۈركىلىشلەرنى پەيدا قىلاتتى.

سۇپىيە مەرھاباغا قانچە ۋاي دېسە،مەرھابا شۇنچە سىلكىپ ئۆچمەنلىك قىلاتتى.يىللار تىز ئۆتۈپ سۇپىيەنىڭ مەرھاباغا ئاپا بولغىنىغىمۇ ئىككى يىلدىن ئاشتى.ھەرقانداق ئاماللارنى قىلىپمۇ مەرھابانى ئۆزىگە يىقىن قىلالمىدى.بۇ ئىشلاردىن كۆڭلى يېرىم بولغان سۇپىيە،ئازاپلانغان ھالدا داۋۇتقا <<مەرھابا نېمىشقا ماڭا شۇنچە ئۆچمەنلىك قىلدىغاندۇ؟>>-دېدى.داۋۇتقا ئاينۇرنىڭ مىجەزى بەش قولدەك ئايان بولغىنى ئۈچۈن،سۇپىيەگە چۈشەندۈرۈپ،<<بۇ بالىنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس.ئاينۇر بالىغا گەپ ئۆگەتكەن گەپ شۇڭا سەۋرى قىلىڭ ،چوڭ بولغانسىرى بالىمۇ چۈشىنىدۇ>>-دېدى.

سۇپىيەمۇ مەرھابانىڭ بالدۇرراق ،ئۆزىنى چۈشۈنۈپ ئۆز ئاپىسى ئورنىدا بىلىپ باغرىغا <<ئاپا >>دەپ تاشلىنىشنى ئويلىدى.

سۇپىيەنىڭ بالىغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتى تەسىردە سۇپىيەنىڭ بۇيىدا قالدى. مەرھابا  بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ دەرھال ئاپىسقا تېلفۇن ئۇرۇپ دېدى.ئاينۇر سۇپىيەنىڭ قۇساق كۆتۈرگەنلىك خەۋرىگە چىداپ تۇرالماي،قىزى مەرھاباغا بىرئامال قىلىپ سۇپىيەنىڭ قۇسقىدىكى بالىنى چۈشۈرۋېتىش توغۇرلۇق ،مەرھاباغا يەنە بېسىم قىلدى.مەرھابا ئەمدى 10-ياشقا كىرگەچكە ئاپىسنىڭ گىپىدىن چىقماي،ئاپىسى نېمە دېسە شۇنى قىلاتتى.

مەرھابا قانداق قىلىپ بالىنى چۈشۈرۋېتىش توغۇرلۇق ئوينىلىپ،بىرھەپتە شۇنداق يۇۋاشلاپ،سۇپىيەگە قۇپال تەگمىدى.ئۇ ئاخىر دېھقانچىلىق دورىستىن بىر قۇتا سېتۋېلىپ،ھېچ كۆرمىگەن چاغدا ياتاق ئۆيىگە يۇشۇرۇپ قويدى.


سۇپىيە بۈگۈن قورداق ئەتكەن بۇلۇپ،مەرھابا سۇپىيەنىڭ مىھمانخانا ئۆيگە چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتە،قورداققا دېھقانچىلىق دورۇسنى قۇيۋەتتى.سۇپىيە قورداقنى تاۋاققا ئېلىپ،مەرھاباغا يوغان گۆشتىن بىرپارچە ئېلىپ بەردى.ئۆزىنى تەڭ يىدى.مەرھابا دورىنى قازانغا قويغۇچە  ناھايىتى ئويلانغان بۇلۇپ<<سۇپىيە ئۆلۈپ قالسا مەندىن كۆرىدۇ ،شۇڭا مەنمۇ تەڭ يەپ ئۆلىشىم كىرەك!>>دەپ ئويلىغان ئىدى.شۇڭا ئىككلەنمايلا گۆشنى يىدى.


ئۇزۇن ئۆتمەي داۋۇت قايتىپ كىلىپ قارىسا،ئۆينىڭ ئىچى ھەممىسى قۇسۇق،ئايالى بىلەن قىزى ئېغىزىدىن ماغزاپ ياندۇرۇپ ياتقان.داۋۇت دەرھال جىددى قۇتقۇزۇشقا تېلفۇن ئۇرۇپ قىزى ۋە ئايالىنى دۇختۇرخانىغا ئاپاردى.دۇختۇرلارنىڭ جىددى قۇتقۇزىشى بىلەن،مەرھابا بىلەن سۇپىيە ھايات قالدى.ئەمما سۇپىيەنىڭ بالىسى چۈشۈپ كەتتى.

داۋۇت قىزى بىلەن ئايالىنى زەھەرلىگەن چۇقۇم  ئاينۇر،ئۇنىڭدا قىزىم بەرگەن ئۆينىڭ ئاچقۇچى بۇلىشى مۇمكىن  دەپ،ئاچچىق بىلەن ئاينۇرنىڭ قېشىغا كىلىپ ئاينۇرنىڭ يۈزىگە ئىككى شاپىلاق ئۇردى. تۇيۇقسىز تەككەن ئىككى شاپىلاقتىن ئەس-ھۇشۇنى يۇقاتقان ئاينۇر گاڭگىراپلا قالدى.داۋۇت جان ئاچچىقىدا ۋاقىراپ:

-ئاينۇر سەنمۇ ئادەم بولدىڭما؟ئۆز قىزىڭ بىلەن ئايالىمنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈپ نېمە پايدا ئالماقچىيتىڭ؟

داۋۇتنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ،ئاينۇرنىڭ يۈرىكى قاتتىق سۇقۇپ قۇرقۇش ئىسكەنجگە ئالدى.ۋە  داۋۇتتىن نىمىش بولغىنىنى سورىدى.

-ئېيتىڭە داۋۇت زادى نىمىش بولدى.

-نېمىش بولغىنىنى تېخى مەندىن سوراۋاتامسەن؟

-مەن ھېچ نېمىنى بىلمەيلا سىزدىن ئىككى شاپىلاق يىدىم.بۇ نېمە ئۈچۈن؟

-سېنى ئۆلتۈرۋەتسەممۇ ئازلىق قىلىدۇ؟تېخى بىلمەسكە سېلۋالغىنىڭنى........

داۋۇتنىڭ سۆزىدىن ناھايىتى ئاچچىقى كەلگىننى بىلگەن ئاينۇر،داۋۇتتىن قايتا-قايتا سوراپ بولغان ئىشنى بىلدى.

ئۇ قىزىنىڭ بۇ ئىشىدىن ئاڭلاپ قىزىغا ئۆزىنىڭ زىيانكەشلىك قىلغانلىقى ھىس قىلىپ،داۋۇتقا <<كەچۈرۈڭ،مەن مەرھابانى ئۇنداق قىلا دىمەپتىمەن>>دەپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.

ئاينۇر قىزىنىڭ يېنىغا كەلگەندە مەرھابا ھۇشسىز ياتقان بۇلۇپ،ئۇماق قىزىنىڭ  سارغايغان چېھرىگە ،ھالسىز ياتقان جىسمىگە قاراپ،ئاينۇرنىڭ يۈرىكى قاتتىق تىلغانماقتا ئىدى.قىزىنى مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئۆزى ئىكەنلىكىدىن قاتتتىق ئازاپلىنىپ ئۆزىنى  توختىماي ئەيىپلەيىتتى........ئىسىت ،مەن قانداق ئانا!ئۆز قىزىمنى مۇشۇنداق كۈنگە قويغاندىكىن،مەن ئانا بۇلۇشقا لايىق ئەمەس. <<مېنى كەچۈر قىزىم مەرھابا...!سىنى داداڭ بىلەن بىللە چوڭ قىلىشنىڭ كويىدا،يەنە ئۆزۈمنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىش مەخسىتىدەساڭا بېسىم قىلىپ مۇشۇ كۈنگە قويدۇم.>>مەن قانداق ئانا،ساڭا ياخشى تەربىيلەرنى قىلماي،بىغۇبار دىلىڭغا ئۆچمەنلىك ئوتى تۇتاشتۇرۇپ قەلبىڭنى ئۆچمەنلىك ئۇتىغا پۈركەپتىمەن.قىزىم ئاپاڭنىڭ خاتالىقىنى كەچۈرۈپ ماڭا قاراپ<< ئاپا-ئاپا دېگىنە؟>>دەپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ مەرھابانىڭ يۈزلىرىنى سىلايىتتى...ئاپىسنىڭ كۆز ياشلىرى ، سۆزلىرى مەرھاباغا قىلچە تەسىر قىلمىدى.

مەرھابانىڭ نازۇك بىغۇبار قەلبى ئاينۇرنىڭ نەچچە يىللىق  ئىسكەنجىسى تۈپەيلى،ئازاپ ۋە ئۆچمەنلىك ئوتلىرىدا كۈيۈپ  ئۆلگەندەك قىلاتتى.مەرھاباغا نە... !ئاپىسنىڭ ئۆزىنى ئەيىپلەپ يىغلاپ سۆزلەشلىرى، نە! دادىسنىڭ  يالۋۇرۇپ ،تاتلىق پەپىلەشلىرى... قۇلىقىغا كىرمەيىتتى.مەرھابا كۆزىنى ئاچسا كۆزى قىمىر قىلماي بىر نوقتىغا تىكلەتتى.ئاپىسىنىڭ  يالۋۇرۇپ قىلغان سۆزلىرى، يىغلىغان كۆزلىرىنى مەرھاباغا قىلچە تەسىر قىلماي ،جىمجىتلا تۇرۋالدى.مەرھابا روھى جەھەتتىن بەك تۈگۈشۈپ كەتكەن بۇلۇپ،ئۇنىڭ غەمسىز ئويناپ يۈرۈيدىغان  بىغۇبار چاغلىرى،ئۆچ ئېلىش ئىستىكىدە پۇچلىنىپ،روھى جەھەتتىن بەك چۈشكۈنلەشكەن ئىدى.

ئاينۇر قىزىنىڭ روھى جەھەتتىن تۈگۈشۈپ كەتكەن، بۇ ھالىتىگە قاراپ ئۆزىنىڭ نەقەدەر خاتا قىلغىنىنى ھىس قىلىپ پۇشايمان ياشلىرى تۆكتى.

مەرھابا،سۇپىيەنىڭ كىسىلى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن تەڭ چىقتى.مەرھابا ئاپىسقىمۇ، دادىسقىمۇ گەپ قىلمايىتتى.ئاپىسى مەرھابانى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئەپكىتەي دەپ تارتىشقان بولسىمۇ،مەرھابا<< ياق>> دېگەن تەلەپپۇزدا  باش چايقاپ دادىسنىڭ ئۆيىگە كەتتى.مەرھابانىڭ چۈشكۈن ھالىتى خېلى ئۇزۇن داۋاملاشقاچقا مەكتەپتىنمۇ نەچچە ئاي قالدى.

ئاينۇر بولسا قىزىنىڭ  تاتلىق مېھرى-مۇھەببىتىن ئايرىلىپ ،ئىچىدە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز پۇشايمانغا  قالدى.ئاينۇر بۇنى كىمدىن كۆرىدۇ؟ئۆزىنىڭ ئەقىلسىزلىقىدىن كۆرۈپ پۇشايمان ياشلىرى بىلەن كۆزىنى نەمدەپ خىيالغا چۈمدى.


خاتىمە


ئىنسان دۇنيادا  بىرقەدەمنى خاتا باسسا نۇرغۇن ئازاپلارغا دۇچيار بۇلىدۇ.بۇلۇپمۇ بىر ئايال ھەم ئانا بولغان كىشى،ئۆزىنى كەڭ قۇساقلىقى ئانىلىق مېھرى-مۇھەببىتى بىلەن،باللىرغا ياخشى تەربىيچى ياخشى ئۆلگە بۇلىشى كىرەك.ئانا باللىرنى تەربىيلەشتىكى ئەڭ مۇھىم ئۆلگە،بالا ئانىنىڭ ئىش ھەركىتىگە گەپ سۆزىگە بەك دىققەت قىلىدۇ.ئانا باللىرى ئالدىدا دادىسنىڭ يامان گىپىنى قىلماي،ياخشى تەرەپلىرىنى سۆزلەپ تۇرسا بالىنىڭ نەزرىدە دادىسى قالتىس ئادەم بۇلۇپ،پەخىرلىنىپ دادىسقا بولغان ھۆرمىتى مېھرى-مۇھەببىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ.
ئاينۇردەك خاتا قەدەم بېسىپ،بىلمەسكە سەپ يۈرسە سالقىن شامالدەك ئۆتۈپ كىتدىغان ئىشنى،زورىغا ئىرىنىڭ يۈزىگە سېلىپ،ياتقان يىلاننى چۈچۈتكەندەك ئىش قىلىپ، ئۆيىنىڭ ۋەيران بۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ.
مەن بۇ يەردە ئاينۇرنى مىسال قىلىپ ئاياللارنىڭ پەرزەنىتلىرى ئۈچۈن،كەڭ قۇساقراق بۇلىشى تەركىتلىدىم.بۇنىڭلىق بىلەن ھەرگىزمۇ ئەرلەرنى تالادا كۆڭۈل خۇشى قىلىپ ئويناپ يۈرسە ،ئاياللار كەچۈرۋېتىشى كىرەك دېگىنىم ئەمەس.ئاياللارمۇ مەسئۇلىيەتچانلىقى،مېھرىبانلىقى بىلەن،ئەرلىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلسا،ئەرلەرمۇ پەرزەنىتلىرنىڭ ئائىيلىسنىڭ بەخىتى ئۈچۈن،بارلىقىنى ئاتاپ ئايالى بىلەن ھەم نەپەس بولسا،ئائىيلىسنىڭ بەختى تېخىمۇ مۇستەھكەم بۇلىدۇ.



مەنبە قەلىمىم


ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

ھەي ئىنسانچىلىق

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81958
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3115
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2012-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 01:19:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇتۇن ئالساڭ ئۇرۇپ تۇر

بۇ ئادرىسنى قەتئىي بېسىشقا بۇلمايدۇ.http://bbs.meripetyoli.com

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 3056
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5900
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 3142 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 01:49:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېشىنى يەپتۇ مانا ..نەدىمۇ رەزللىك مىھىر -مۇھەبەتنىڭ ئۈستدىن غالىپ كەلگەن .

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

قايىل قىلىش قۇرق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 911
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13009
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5020 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 05:15:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   خۇدا ئۇرغان بەزى ئاياللارنىڭ تۇمۇرىدا ئېقىۋاتقىنى زەھەرمىكىن دەپ قالىسەن دۇنيا ....................!

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45463
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4071
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 02:04:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 1709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5229
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9609 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 09:45:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىنىڭ شەخشىسەتچىلىكى كىچىك قىز ئۇلارنىڭ قۇربانى بوپتۇ .   

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28813
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5388
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2011-2-2
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 10:07:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
         بۇ تەپسىلاتلارنى قايسى كۈنى ‹ قانۇن ۋە پۇقرا › پىرگراممىسىدا  كۆرگەندەك قىلغاندىم .
   مەسئۇلىيەت  داۋۇت ۋە ئاينۇر ھەر ئىككىلىسىدىلا بار.
   

‹زىمىن نەپەسلەنسە بىزمۇ ياشايمىز، زىمىن نەپەستىن توختىسا بىزمۇ ھالاك بولىمىز...›
      __ جىبران خېلىل جىبران

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13511
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1303 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 09:51:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   شۇڭا؛دەيمىز،مۇھەببەتلەشمەك ئاسان، توي قىلماق تەس.توي قىلماق ئاسان ئەر-خوتۇن بولماق تەس.ئەر-خوتۇن بولماق ئاسان،ئاتا-ئانا بولماق تەس.يەنىمۇ تەس دىسە مىھرىبان ھەمراھ بولماق تەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82272
يازما سانى: 761
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4224
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 03:45:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي خۇدا نىمانداق ئىچىنىشلىق  ئىپلاس خوتۇنكەن ئاۋۇ

ئامالسىز قالغاندا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ،سۈكۈت دەل سەۋىر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79252
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3200
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2012-4-23
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 06:15:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھوقۇق....

تېرىنىڭ قارلىقى ئەيىب ئەمەس،كۆڭۈلنىڭ قارلىقى ئەيىب.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش