مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1477|ئىنكاس: 9

ئىسلام ئۆلماسى ،ئۇستاز ئىبنىى تەيمىييە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 688
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17238
تۆھپە نۇمۇرى: 2055
توردا: 1219 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 11:51:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

"رەببانىي بىر ئىمام، ئۈممەتنىڭ مۇفتىسى، ئىلىم دېڭىزى، قارىلارنىڭ خۇجىسى، ئۆز دەۋرىنىڭ تەڭداشسىز بىر ئالىمى ئىدى. شەيخۇل ئىسلام قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمانى، زاھىدلارنىڭ يىتەكچىسى، ئابىدلار قاتارىدا مىسالىسز، بىدئەتچىلەرنىڭ دۈشمىنى ۋە مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ بايراقدارى بولغان  ئىبنى تەيمىييەنىڭ نەسەبى تەقىييۇددىن ئەبۇل ئابباس ئەھمەد  ئىبنى شىھابۇددىن ئابدۇلھەلىم  ئىبنى شەيخۇل ئىسلام مەجدۇددىن ئابدۇسسالام  ئىبنى ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ  ئىبنى ئەبۇ قاسىم ئەلخۇدر  ئىبنى مۇھەممەد  ئىبنى ئەلخۇدر  ئىبنى ئەلىي  ئىبنى ئابدۇللاھ  ئىبنى تەيمىييە ئەلھەررانىي ئىدى."

ـ  ئوقۇغۇچىسى  ئىبنى ئابدۇلھادىي

تەقىييۇددين ئەبۇل ئابباس  ئىبنى ئابدۇلھەلىيم  ئىبنى تەيمىييە ھىجىرىيەنىڭ 661 ـ يىلى، رەبىيئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 10 ـ كۈنى (مىلادى 1263 ـ يىلى، ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ 22 ـ كۈنى) دۈشەنبە، ھەرراندا، ئىلىمپەرۋەرلىكى، دىندارلىقى بىلەن مەشھۇر، ھەنبەلىي مەزھىبىگە مەنسۇپ بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. بۇ ئائىلە زىرەكلىك، ئەستە تۇتۇش ۋە ئىنكاسىنىڭ تىزلىكى خۇسۇسىدا تەڭداشسىز بىر ئائىلە بولۇش سۈپىتى بىلەن شۆھرەت قازانغان بولۇپ،  ئىبنى تەيمىييە يۇقىرى بۇ ئالاھىدىلىكلەردە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى. ئۆز دەۋرىنىڭ ئۆلىما، ئۇستازلىرى ئۇنىڭ بۇ دەرىجىدىكى ھەيران قالارلىق ئەستە تۇتۇش كۈچى ۋە قابىلىيىگە ھەيران قالغان. ئۇ بۇ خىل خۇسۇسىيىتى بىلەن دەمەشىق ۋە خوشنا شەھەرلەردە شۆھرەتكە ئىگە بولغان. ھەلەب شەھرىدىن بىر ئۆلىما كىشى ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنى كۆرۈش ئۈچۈن شامغا كىلىدۇ ۋە تېخى بالىلىق يېشىدىكى  ئىبنى تەيمىييەگە ئون ئۈچ دانە ھەدىسنى ئىملا قىلىپ يازدۇرىدۇ.  ئىبنى تەيمىييە ھەدىسلەرنى تاختا ئۈستىگە يازىدۇ، ھەلەبلىك ئالىم ئۇنىڭ يازغان ھەدىسلىرىنى تەكرار ئوقۇۋېلىشىغا پۇرسەت بەرمەستىن ئۆزىگە ئۇ ھەدىسلەرنى يادقا ئوقۇپ بىرىشنى سۆرايدۇ.  ئىبنى تەيمىييە ھەدىسلەرنى يازغان تاختىنى بۇ كىشىگە بىرىدۇ ۋە تىڭشا، دېگەن ھالدا ھەدىسلەرنى ئاڭلىغىنىدىنمۇ چىرايلىق ھالدا يادقا ئوقۇپ بىرىدۇ. ھەلەبلىك ئالىم ئوخشاش ئەھۋالنى ئۆزى تاللىغان بەزى ھەدىس رىۋايەتچىلىرىنى يازدۇرۇپ تۇرۇپ سىناپ باقىدۇ.  ئىبنى تەيمىييە ئوخشاش گۈزەللىكتە يادقا ئوقۇپ بىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەلەبلىك ئالىم "ئەگەر بۇ بالا ياشاپ قالسا ئۇ ناھايىتى زور شۆھرەتكە ئىگە بولىدۇ، بۇنىڭغا ئوخشىغان زىرەك بىر ئىنسان كۆرۈلۈپ باقىمغان" دەيدۇ.

ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئاتىسى مەجدۇددىن بىلەن ئەسىرداش ياشىغان بەزى ئۆلىمالار ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇتلەق (شەرتسىز) مۇجتەھىد ئىپادىسىنى قوللانغان. ئاتىسىمۇ چوڭ ئالىم ئىدى. دەمەشىقتىكى سىقەرىييە مەدرىسىسىنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىقى  ئىبنى تەيمىييەگە ئاتىسىدىن قالغان ئىدى. ئاتىسى ھىجىرىيەنىڭ 682 ـ يىلى (1283م) ۋاپات بولغان. مۇڭغۇللارنىڭ ھەرراننى ئىستىلا قىلىشىدىن كېيىن  ئىبنى تەيمىييە يەتتە يېشىدا چېغىدا ئائىلىسى بىلەن دەمەشىققا (شامغا) ھىجرەت قىلغان.[1]

ئىبنى تەيمىييە دەمەشىق شەھرىدە نۇرغۇن چوڭ ئۆلىمالاردىن دەرس ئالغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىسى ئابدۇلھادىي ئۇنىڭ دەرس ئالغان كىشىلىرىنىڭ سانىنىڭ ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.[2]

ئىبنى تەيمىييە دەسلەپتە قۇرئان كەرىمنى يادلىغان ۋە شۇ دەۋردە مەۋجۇت بولغان بارلىق ئىلىملەرنى ئوقۇغان، ئەرەب تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارغا چوڭقۇر ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، لوغەت ۋە گىرامماتىكا ئىلمىدە يىتەكچى ئورۇنغا ئىگە بىر ئالىم بولغان. ھەتتا سىبەۋەيھنىڭ ئەرەب تىلى گىرامماتىكىسىدا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە كىتابىنى تەتقىق قىلغان، تەنقىد قىلغان ۋە بەزى مەسىلىلەردە ئۇنىڭ قاراشلىرىغا قارشى چىققان. سىبەۋەيھ ئاجىزلىق قىلغان نوقتىلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، خاتالىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. بۇ ئىزدىنىشلىرى ئۇنىڭغا ھاياتى بۇيىچە پۈتۈن يازغان ئەسەرلىرىدە قوللىنىدىغان بىر ئەرەب تىلىدىكى ئىقىتىدارىنى بەخش ئەتكەن.  ئىبنى تەيمىييە ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر مەنسۇر ۋە مەنزۇم مەتىنلىرىدىن چوڭ بىر كىتاب بولغۇدەك قىسمىنى يادلىغان. زەھەبىي (ۋاپاتى 738ھ/1337 ـ 1338م) ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىنى "ئەرەب تىلى ھەققىدىكى مەلۇماتى ھەقىقەتەنمۇ كۈچلۈك ئىدى." .ئىپادىسى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئىبنى تەيمىييە قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىرىگىمۇ جىددى شەكىلدە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە بۇ ھەقتە كۈچ چىقارغان. ھالبۇكى بۇنى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن بايقاش مۇمكىن. ھافىز ئەززەھەبىي " ئىبنى تەيمىييە ئۇزۇن يىللار جۈمە كۈنلىرى قۇرئان كەرىمنى يادقا تەپىسر قىلدى، زىرەكلىكى چاقناپ تۇراتتى. تەپسىر ئىلمىدىكى مەلۇماتى ئاخىرىقى نوقتىغا يەتكەن ئىدى." دەيدۇ. ھافىز ئەلبەرزالىي (738ھ/ 1337 ـ 1338م) ئۇنىڭ تەپسىردە تۇتقان ئورنىنى "تەپسىر توغرىسىدا سۆزلەشكە باشلىغاندا، كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ كۆپلىگى، ئۇسلۇبىنىڭ گۈزەللىكى، بىر تىمىدىكى قاراشلارغا كۆڭۈل بۆلىشىنىڭ ئىسپاتى، زەئىپ (ئاجىز) ۋە باتىل (خاتا) قاراشلارنى مۇئەييەنلەشتۈرىشىدىكى قابىلىيىتى ۋە ھەر ئىلىمدىكى ماھارىتى ئالدىدا ھەيرانلىققا بوغۇلاتتى. ئۇنىڭغا قولاق سالغان ئۇنى ھەيرانلىق ۋە قىزىقىش بىلەن ئاڭلايتتى"، ئىبارىلىرى بىلەن ئىپادىلەيدۇ.  ئىبنى تەيمىييە قۇرئان كەرىمگە دائىر ئۆگەنگەنلىرى بىلەن كۇپايىلەي، پەرۋەردىگارىغا يۈزلىنىپ، قۇرئان كەرىمنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چۈشىنىشىنى ئۆزىگە نىسىپ قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ مۇنداق دەيتتى: "بىز ئايەتنى يۈز قېتىم تەپسىردىن مۇتالىئە قىلاتتى، كېيىن ئاﷲتىن چۈشەنچ ئاتا قىلىشنى تىلەپ: "ئەي ئادەمگە، ئىبراھىمغا ئىلىم بەرگەن ئاﷲىم ماڭىمۇ ئىلىم بەرگىن." دۇئا قىلىمەن. بەزىدە تەنھا ھالدا مەسجىدكە بېرىپ، تۇپراققا يۈزۈمنى سۈرتۇپ، ئاﷲ تائالاغا: "ئەي ئىبراھىمغا ئىلىم بەرگەن زات، ماڭىمۇ ئىنچىگە چۈشەنچە ۋە ئىلىم ئاتا قىلغىن" دەپ دۇئا قىلاتتىم.

ئىبنى ئايبەك ئەسسەفەدىي (763ھ/1262 ـ 1263م)  ئىبنى تەيمىييەدىن تەپسىر ئاڭلىغانلارنىڭ ئېيتىشلىرىغا قارىغاندا  ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دېگەن: "مەن بىر يۈز يىگىرمىچە تەپسىرگە قاراپ چىقىپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ساغلام، دەپ قارالغان قاراشنى تاللايتتىم."  ئىبنى تەيمىييەنىڭ تەپسىردىكى مېتودى سەلەپ ئالىملارنىڭ قاراشلىرى دائىرىسدە قۇرئان كەرىمنى تەپسىر قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ سىرتىغا چىقماسلىقتىن ئىبارەت ئىدى. ئۆزىنىڭ قاراش ۋە دەلىللىرىنى قوشماستىن سەلەپ ئۆلىمالارنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ پۈتۈن ئايەتلىرى ئۈچۈن ئايرىم ـ  ئايرىم تەپسىر قىلىشىغا ھاجەت يوق ئىدى. چۈنكى بەزى ئايەتلەر ھەر قانداق ئىنسان چۈشىنەلىگۈدەك دەرىجىدە ئېنىق ۋە روشەندۇر. بەزى ئايەتلەگە كۆپ ساندىكى مۇپەسسىرلەر ئىزاھاتلارنى بەرگەن. ئەمما بىر قىسىم ئايەتلەر باركى ئۆلىمالارمۇ ئۇ تۈر ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە توختاپ قالغان ياكى ئىختىلاپ قىلىشقان. كۆپىنچە ھاللاردا ئىنسان بۇ تۈردىكى ئايەتلەر ئۈچۈن كۆپلىگەن تەپىسرلەرگە مۇراجىئەت قىلغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ مەزمۇنىغا يىتەلمەيدۇ.

ئىبنى تەيمىييەگە كۆرە قۇرئان كەرىمدە شۇنداق ئايەتلەرمۇ باركى، ئۇلارنىڭ بىرسى تەپسىر قىلىنغىنىدا ئۇ خىلدىكى بىر قاتار ئايەتلەرنى ئۇنىڭغا قىياسلىغان ھالدا تەپسىر قىلىش مۇمكىن. مانا بۇ خىل ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىگە دەلىللەرنى زىكىر قىلىش شەكلى ئارقىلىق ئەھمىيەت بىرىش مۇھىمدۇر. چۈنكى بۇلارنىڭ بىر دانىسى تولۇق مەنىدە چۈشىنىلسە، ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئايەتلەرمۇ شۇ تەرزدە تەپسىر قىلىنىشى مۇمكىن.

ئىبنى تەيمىييە ھەدىس ئىلمى بىلەنمۇ شوغۇللانغان ۋە بۇ ئىلىمگە ناھايىتى بەك ئەھمىيەت بەرگەن. ئوقۇغۇچىسى  ئىبنى ئابدۇلھادىينىڭ ئېيتىشىغا ئاساسلانغاندا ئەھمەد  ئىبنى ھەنبەلنىڭ "مۇسنەد"ىنى ۋە ئالتە ھەدىس كىتاۋىنى ئۇستازلاردىن ئۆگەنگەن. ھافىز ئەززەھەبىي ئۇنىڭ ھەدىس ئىلمىدىكى چوڭقۇر مەلۇماتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئىسكەندەرىييەدە قاماقتىكى مەزگىلىدە سەبتى ۋالىسى ئۇنىڭ خاتىرىسىدىكى (ئېسىدىكى) ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلغۇچىلىرىنى تىلغا ئالغان ھالدا يېزىپ ئەۋەتىشىنى ۋە بۇلارنىڭ رىۋايىتى ئۈچۈن ئۆزىگە ئىجازەت بىرىشىنى تەلەپ قىلغان.  ئىبنى تەيمىييە يادلىغان ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە يېزىپ ئۇنىڭغا ئەۋەتكەن. ئۇ ئەۋەتكەن رىۋايەتلەرنى ۋە رىۋايەت قىلغۇچىلارنى ئەڭ چوڭ ھەدىسشۇناسلارمۇ ئۇنىڭغا ماھىرلىق بىلەن يازالمايتتى. ئۇنىڭ تەبەقات (ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلار قاتلىمى) ۋە ھەدىس ئۇسۇلى (مېتودى) ئىلىملىرىدە يىتىشكەن مۇتەخەسسىس ئىدى. ئۇ سەھىھ ۋە سەھىھ بولمىغان ھەدىسلەرنىڭ رىۋايەتچىلىرىنى ناھايىتى ياخشى بىلەتتى. ئۇنىڭ زامانىدا بۇ تىمىلاردا ئۇنىڭچىلىك ھەتتا ئۇنىڭغا ئىلمىغا يېقىنلاشقان بىرەر ئالىم يوق ئىدى. يادلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىكى ماھارىتى ۋە ھەدىسنى دەلىل كەلتۈرۈشتىكى كۈچى ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇراتتى. ئالتە ھەدىس كىتاۋى ۋە "مۇسنەد"نى ناھايىتى ياخشى بىلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن " ئىبنى تەيمىييە بىلمىگەن ھەدىس، ھەدىس ئەمەس" دېگەن سۆزلەرمۇ مەيدانغا كەلگەن ئىدى. ئەمما شۇنى ئونۇتماسلىق لازىمكى، ئىلىمنى تامامەن بىلىش ئاﷲقا خاس ئىشتۇر. ئۇنىڭ باشقا ئالىملاردىن بۇ يەردىكى پەرقى ئۇنىڭ ئىلىمنى دېڭىزدىن ئۇچلاپ ئېلىشى، باشقىلارنىڭ بولسا ئۆستەڭلەردىن ئېلىشىدىكى پەرقتىن ئىبارەت.

ئىبنى تەيمىييە شەرئىي ئىلىملەردە يۇقىرىقىغا ئوخشاش سەۋىيەلەرگە ئىگە بولغىنىدەك، پەلسەپە، مەنتىق (لوگىكا)، ۋە كالام ئىلىملىرىنىمۇ ئىگەللىگەن. بۇ ئېقىملارنىڭ قاراشلىرىنى بىر ئوبزورچىنىڭ ئۇسلۇبىدا تەنقىد قىلغان. بۇ ئىلىملەرنى تەنقىدلەش يولىدا بىر قاتار قائىدە ـ  پرىنسىپلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ساھەلەردە  ئىبنى تەيمىييەنىڭ قىممەتلىك ئەسەرلىرى بار. "مەنتىقچىلارغا (لوگىكىچىلارغا) رەددىيە"، "مەنتىقنىڭ ئاجىزلىقى"، "جەھمىييەنىڭ ئاساسىنى يىمىرىپ تاشلاش" ۋە "ئەقىل بىلەن شەرئىي دەلىللەرنىڭ زىت ئىكەنلىك قارىشىنى يوققا چىقىرىش توغرىسىد" قاتارلىقلار ئۇنىڭ بۇ ساھەدىكى ئەسەرلىرىنىڭ بىر قىسىمىدۇر.

ئىبنى تەيمىييە پەلسەپە ۋە كالام ئىلىمىلىرى بۇيىچە ئەسەرلەرنى يازغىنىغا قارىماي بۇ ئىلىملەر بىلەن ئېتىشىپ ئازدۇر ـ  كۆپتۇر ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان باشقا ئالىملارغا ئوخشاش پەلسەپىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىمىغان. ئۇنىڭ بۇ ئىلىملەرنى ئۆگۈنىشىدىكى مەقسىتى ئىسلامنىڭ گۈزەللىكلىرىنى، ئىسلام دەۋىتىنى چۈشەندۈرۈش، دىننىڭ ئەمىر ـ  پەرمانلىرى ۋە چەكلىمە، توسۇقلىرىغا بويسۇنۇشنى ئىنسانلارغا تەشۋىق قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇ سەۋەپلىك ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بىدئەتچىلەرگە ۋە دىنسىزلارغا رەددىيە بىرىشكە قارىتىلغان. دەھرىيلەر، قەدەرىيلەر، جەھمىييەلەر، مۇئتەزىلىيلەر، ۋەھدەتۇل ۋۇجۇدچىلار ۋە پەلسەپىچىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك رەددىيە خاراكتىرىدىكى ئەسەرلەرنى يازغان.  ئىبنى تەيمىييە بۇلارنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ: "ئەھلى بىدئەت ۋە دالالەت ھەققىدە كۆپلەپ ئەسەر يېزىشىمنىڭ سەۋەبى بۇلارنىڭ دالالەت تىزمىسىنى بويلاپ دىن سىرتىغا چىققانلىقلىرىنى، پاك ـ  پاكىز ئىسلام دىنىنى ھەرقانداق شەكىلدىكى بىر دىن ۋە قاراش بىلەن يوققا چىقىرىشنى قەستلىگەنلىكلىرىنى ۋە كىشىلەرنى دىننىڭ ئاساسىي مەسىلىلىرىدە شۇبھىلەندۈرۈشكە ئورۇنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىمدىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن كىتاب ۋە سۈننەتتىن يۈز ئۆرۈپ بۇنىڭغا ئوخشىغان كىشىلەرنىڭ قاراشلىرىغا ئەھمىيەت بەرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ دىنسىزلاشقانلىقىنى ئىسپاتلىدىم. دىنسىزلاشمىغان تەقدىردىمۇ دىنىي خۇسۇسلاردا ئىشەنچ ۋە ئېتىقادلىرىنى يوقىتىپ قويغانلىقلىرىنى تونۇپ يەتتىم. مانا بۇ سەۋەپلەر تۈپەيلى غەيرىتىمنىڭ كۆپ قىسمىنى دىننىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە ۋە بىدئەتچىلەرنىڭ قاراشلىرىنى ئاﷲنىڭ مەرھەمىتى بىلەن ئەقلى ۋە قايىل قىلارلىق جاۋابلار بىلەن جاۋابلاندۇرۇشقا سەرپ قىلدىم."..

ئىبنى تەيمىييەنىڭ فىقھىي ئىلمىدىكى ئورنى:  ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئائىلىسى ئەھلى سۈننەتنىڭ ھەنبەلىي مەزھىبىگە مەنسۇپ ئىدى. بۇ مەنسۇپلۇق ئەھمەد  ئىبنى ھەنبەل تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ئاساسلارغا مۇۋاپىق شەكىلدىكى مەنسۇپلۇقتۇر. بۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىمىنى "كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ھېچكىمنىڭ قارىشىنى قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزمەسلىك" شەكلىدىكى قائىدىسى ئارقىلىق خۇلاسىلەش مۇمكىن. ئەھمەد  ئىبنى ھەنبەل بۇنى "ھەدىس سەھىھ بولسا ئۇ مېنىڭ مەزھىبىمدۇر" سۆزى ئارقىلىق بايان قىلىدۇ. بۇ ئالىمنىڭ يۇقىرىقى مېتود بۇيىچە ماڭىدىغانلىقىنى چوڭ دادىسى مەجدۇددىننىڭ 5029 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەرلىرىدىن تاللانمىلار" ناملىق كىتاۋىدىنمۇ چۈشىنىش مۇمكىن. ئەجدادى تەرىپىدىن تۇتۇپ مېڭىلغان مېتود ۋە قاراشلارنىڭ دائىرىسى ئىچىدە  ئىبنى تەيمىييە چوڭ بولدى، يىتىشتى ۋە ئاﷲ تائالا تەرىپىدىن ئۇنىڭغا بەخشەند قىلىنغان تەبىئىي قابىلىيەتلەر بىلەن مۇتلەق مۇجتەھىد سەۋىيەسىگە يەتتى. ھالبۇكى ئۇنىڭ مۇجتەھىدلىكى ھەققىدە شۇ دەۋردىكى ئۆلىمالارنىڭ كۆپىنچىسى بىرلىككە كەلگەن. ھافىز بەرزالىي "ئۇ ئۈستىگە چاڭ ـ  تۇزان قوندۇرۇلماسلىق زۆرۈر بولغان ئىجتىھاد سەۋىيەسىگە يەتكەن ۋە مۇجتەھىدلىكنىڭ شەرتلىرىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان بىر ئىمام ئىدى." دەيدۇ.  ئىبنى ھەجەر ئەلئەسقەلانىي "ئۇ بىر ئىنساندۇر، ئۇنىڭدىن خاتالىقمۇ، توغرىلىقمۇ سادىر بولىدۇ. ئۇنىڭ توغرا قىلغان نوقتىلىرى كۆپتۇر. ئۇلاردىن پايدىلىنىش لازىمدۇر. توغرا قىلغانلىرىنىڭ يۈزى، ھۆرمىتىدىن ئاﷲنىڭ مەرھەمىتىگە ئېرىشىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ. خاتا قىلغان يەرلىرىدە ئۇنىڭغا ئەگىشىلمەيدۇ، ئۇ بۇ ھەقتە ئۆزرىلىكتۇر. چۈنكى ئۇنىڭ دەۋرىدىكى ئۆلىمالار ئۇنىڭدا ئىجتىھادنىڭ شەرتلىرىنىڭ ھازىرلانغانلىقىنى قوبۇل قىلىشقان" دەيدۇ. ھافىز ئەززەھەبىي "ئۇ ھازىر مۇئەييەن بىر ياشقا كىلىپ قالدى. مۇئەييەن بىر مەزھەبنىڭ قاراشلىرىغا كۆرە ئەمەس، دەلىللەر نېمىگە ئىشارە قىلسا شۇ بۇيىچە پەتىۋا بىرىدۇ. ئۇنىڭ سۈننەتكە ۋە سەلەپىيلەرچە مېتودقا ناھايىتى كۆپ پايدىسى بولدى. ئۇ بۇ مېتود بۇيلاپ، دەلىللەر ۋە مۇقەددىمىلەر بىلەن بىرلىكتە بورۇن ھېچكىم ئېلىپ بارمىغان شەكىلدە ھۆكۈملەرنى بەردى." دەيدۇ.

فىقھىي ئىلمىدە بىر قاتار قائىدە ۋە مېتودلارنى مۇئەييەنلەشتۈردى. مەقدىسىينىڭ "ھۆكۈملەر تۆۋرۈگى" ناملىق ئەسىرىنى ئىزاھلاپ چىقتى. بۇ ئىزاھات ھەققىدە مەھمۇت شۇكرى ئەلۇسىي "بۇ ئىزاھتا ھېچقانداق كۆز كۆرۈپ باقمىغان، ھېچقانداق قولاق ئاڭلاپ باقمىغان گۈزەللىكلەرگە ئىگە مەلۇماتلار بار" دەيدۇ. بۇلار بىلەن بىرگە  ئىبنى تەيمىييە ئەھلى سۈننەت تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن تۆت مەزھەب ئىماملىرىنى قاتتىق ھۆرمەت قىلغان. ئىلىم، پەزىلەت، زاھىدلىق ۋە ئىبادەتتە بۇ ئىماملارنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى قوبۇل قىلغان ھالدا "مەشھۇر ئۆلىمالارنى ئەيىپلىمەسلىك توغرىسىدا" ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ چىققان. بۇ ئەسەرنى تۆت مەزھەب ئىمامىنى، ئۇلارنىڭ سادىر قىلغان خاتالىقلىرىنىڭ سەۋەب ۋە ئۆزۈرلىرىنى (شەرئىي باھانىلىرىنى) چۈشەندۈرۈش ۋە ئۇلارنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن يازغان. ھافىز ئەززەھەبىي ئۇنىڭ مەزھەبلەر توغرىسىدىكى يۈنۈلىشىنى مونۇ سۆزلىرى بىلەن ئىپادىلەيدۇ:

" ئىبنى تەيمىييە ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ مەزھەب ۋە قاراشلىرىنى ناھايىتى ياخشى بىلەتتى. بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ئۇ ھەقتىكى تۆت مەزھەبنىڭ قاراشلىرىنىمۇ تىلغا ئالاتتى. ئەمما مۇئەييەن بەزى مەسىلىلەردە ئۇلارغا قارشى يول تۇتقان ۋە كىتاب، سۈننەتتىن ئۆز قارىشىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەرنى كەلتۈرگەن."

ئۇ تارىخ ئىلمىگە باشقا ئىلىملەرگە ئەھمىيەت بەرگەندەك ئەھمىيەت بەرمىگەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي مەشھۇر ئىسلام تارىخچىسى ئەززەھەبىي "ئۇنىڭ تارىخ ۋە سىيرەت (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمەھالى) ئىلىملىرىدىكى مەلۇماتى ئىنسانلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ" دەيدۇ.

خۇلاسىلىگەندە  ئىبنى تەيمىييە ئۆز دەۋرىدە مەۋجۇت بولغان بارلىق ئىلىملەرنى ئىگەللەشكە تىرىشقان. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىلىملەرنىڭ سىرتىدا ئۇسۇلۇل فىقھىي (فىقھىي مېتودلىرى)، تەسەۋۋۇپ، سۇلۇك، خەتتاتلىق، ماتىماتىكا ۋە باشقا ئىلىملەرگىمۇ قىزغىن شەكىلدە كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇ كۆڭۈل بۆلگەن بارلىق ئىلىملەردە تەڭداشسىز دەرىجىگە يىتىشكەن.  ئىبنى سەييىدىنناس (733) ئۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بارلىق ئىلىملەردە ئۆز دەۋرىدىكى كىشىلەردىن يۇقىرى ئورۇندا تۇراتتى. ھېچقانداق كۆز ئۇنىڭغا ئوخشاش بىرىنى، ئۇمۇ ئۆزىگە ئوخشاش بىرىنى كۆرمىگەن ئىدى." ...

ئىبنى تەيمىييە يەنە كىشىلەرنىڭ ھەققىدىن قورقىدىغان، تەقۋا، قانائەتچان ۋە زاھىد بىر كىشى ئىدى. ئوقۇغۇچىسى ھافىز بەززار ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: " ئىبنى تەيمىييەنىڭ گۈزەل ئايالغا، يېقىملىق بىرەر خىزمەتچىگە، ياخشى ئۆي، بوستان ۋە باغچىلارغا قىزىققانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئۇ پول ـ  پىچەك ئۈچۈن كۈچ چىقارمىغان، ئات ـ  ئۇلاغ، نازۇ ـ  نېمەت ۋە چىرايلىق كېيىملەرگە ئىنتىلمىگەن، ھوقۇق ـ  مەنسەپ ئۈچۈن چاپمىغان، ھەتتا مۇباھلىقى چىقىپ تۇرىدىغان بىر قاتار پايدىلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈنمۇ چەكتىن ئاشۇرۇپ كۈچ چىقىرىپ كەتمىگەن." بەززار سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: "بىز ئۇنى دۇنيانىڭ ھۇزۇر ـ  ھالاۋەتلىرى ۋە نېمەتلىرى ھەققىدە ئېغىز ئاچقان، دۇنيالىق سۆزلەر بىلەن مەشغۇل بولغان ۋە مەئىشىتى ئۈچۈن كىشىلەردىن بىر نەرسە تەلەپ قىلغانلىق ئەھۋالدا كۆرۈپ باقمىدۇق. ئۇ پۈتۈن قىزغىنلىقىنى ئاخىرەت ئۈچۈن ۋە ئاﷲقا يېقىنلاشتۇرغۇچى نەرسىلەر ئۈچۈن بېغىشلىدى." تاتار قوماندانى گازان خان مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتەن ۋە تۇپراقلىرىنى ئىستىلا قىلغان چاغدا ئۇنىڭ مۇسۇلمانلارنى ۋە سۇلتاننى گازان خانغا قارشى ئاﷲ يولىدا جىھاد قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىشى ئۇنىڭ قەھرىمانلىقىنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ئىپادىلەپ بىرىدۇ. ئۇ گازان خان بىلەن ئۇچىراشقان. ئۇنى ئەيىپلىگەن ۋە قارشى چىققان.

ئىبنى تەيمىييە ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ رىئال مەسىلىلىرىنى ئىنتايىن ياخشى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، جەمئىيەتنىڭ كېسەللىكلىرىنى چۈشەنگەن ۋە ئىلمىنى، بەدىنىنى ئىنسانلار ئىچىدىن چىققان خەيرلىك ئۈممەت شەرىپىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بېغىشلىغان. ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسقان، شەھەرلەردىكى ۋالىيلار ۋە سۇلتانلارغا نەسىھەت قىلغان، ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنى ئەيىپلىگەن. بۇ تۈردىكى پائالىيەتلىرى سەۋەپلىك ئۇ قانچە قېتىملاپ تۈرمىلەرگە تاشلانغان. ئۇ مەھبۇسلۇق جەريانىدىكى ئەھۋالىدىن رازى بولغان ۋە خەيرلىكنى يالغۇز ئاﷲتىنلا تىلىگەن. ئۇ ئۆز ـ  ئۆزىگە سەبىر ئارقىلىق تەسەللى بىرىپ مۇنداق دېگەن: "دۈشمەنلىرىم ماڭا نېمە قىلالايدۇ؟ مېنىڭ جەننىتىم قەلبىمدە، باغچام كۆكسۈمدىدۇر. مېنى قايەرگىلا ئېلىپ بارمىسۇن ئۇلار مېنىڭ بىلەن بىرگىدۇر. مەھبۇسلۇقۇم ھالاۋەت، ئۆلتۈرۈلۈشۈم شاھادەت، يۇرتۇم سۈرگۈن قىلىنىشىم ساياھەتتۇر." ئۇ مەھبۇسلۇق مەزگىلىدە دۈشمەنلىرىگە "مونۇ قەلئەنى ئالتۇن بىلەن توشقۇزغان تەقدىردىمۇ، قاماققا ئېلىش ئارقىلىق سىز سەۋەپ بولغان ياخشىلىقنى ماڭا بىرەلمىگەن بولار ئىدىڭىز." دېگەن.

تۈرمىگە تاشلىنىشىنىڭ سەۋەبى بەزى ئۆكتىچىلىرىنىڭ ھەسەت قىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى يالغان ـ  ياۋىداقلارنى ئويدۇرۇش ئارقىلىق مەسئۇللارغا شىكايەت قىلىشلىرى ۋە نادان كىشىلەر قاتلىمىنى ئۇنىڭغا قارشى كۈشكۈرتىشىدىن ئىبارەت ئىدى.  ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئاﷲۇ تائالانىڭ سۈپەتلىرىنى مۇناسىپ شەكىلدە مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ئالدىدا ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلار ئۇنىڭ ئاﷲنى جىسىملاشتۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى داۋا قىلغان. بۇ ھەقتە ئەھلى سۈننەت ئالىم ۋە مۇجتەھىدلىرىنىڭ بىرى  ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: "ئۇنىڭ ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان سۆزلەرنىڭ كۆپىنچىسى شەخسىي مۇلاھىزىلەر ئاساسىدا سۆزلەنگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇنى ئاﷲنى جىسىملاشتۇرغۇچى ئىكەنلىكى بىلەن ئەيىپلىگەنلەرنى ھەقسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان سۆزلەر بىلەن تولغان."

ھالبۇكى  ئىبنى تەيمىييە ئاﷲنى جىسىملاشتۇرۇش ئەيىپلەشلىرىگە قارشى نورمالدا بۇخارىينىڭ شەيخى نۇئەيم  ئىبنى ھەمماد ئەلخۇزائىينىڭ مونۇ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرەتتى: "كېمىكى ئاﷲنى مەخلۇققا ئوخشىتىدىكەن كاپىر بولىدۇ، يەنە كېمىكى ئاﷲ تائالانىڭ ئۆزىنى سۈپەتلىگەن بىرەر سۈپەتنى ئىنكار قىلىدىكەن كاپىر بولىدۇ. ئاﷲ ۋە پەيغەمبىرىنىڭ ئاﷲنى سۈپەتلەش ئۈچۈن ئېيتقان بىر سۆزنى قوبۇل قىلىش تەشبىھ (ئوبرازلاشتۇرۇش) ئەمەستۇر."

ئىبنى تەيمىييە بەزىدە ئۆزىنى بىلمەسلەر تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنغاندا ئىسلام ئۆلىمالىرى ئۇنى ھېمايە قىلىش ۋە ئۇنى تونۇتۇش ئۈچۈن ئەسەرلەرنى يېزىشقان.  ئىبنى ناسىرۇددىن (832) "تولۇپ تاشقان رەددىيەلەر" ناملىق كىتاۋىدا 87دانە پەرقلىق مەزھەب ۋە چۈشەنچىدىكى ئالىمنىڭ  ئىبنى تەيمىييەنى ھېچقانداق تەرەددۇتسىز ھالدا شەيخۇل ئسىلام، دەپ قارايدىغانلىقى" ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇلارنى بىر يەرگە جەملىگەن.

ئىبنى تەيمىييەنىڭ ناھايىتى كۆپ ئەسەرلىرى بار بولۇپ، ئەززەھەبىي مىڭ پارچە ئەتراپىدا كىتاۋى بارلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. بۇ ھەقتە "ئەسەرلىرىنى ساناشقا تىرىشسا ياكى باشقا بىرى ساناشنى كۆڭلىگە پۈككەن تەقدىردىمۇ سانىيالمايتتى" دېگەن سۆزلەر ئوتتۇرىغا چىققان. بەش يۈز جىلد ھەجمىدە ئۈچ يۈز پارچە ئەسەر يازغانلىقى ھەققىدە رىۋايەتلەر بار. [قەننۇجى: ئەبجەدۇل ئۇلۇم ـ  بېيرۇت، (ت ي), III, 131]

ئىبنى تەيمىييە ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى ئېنىق ۋە ئاددى ئۇسلۇبتا يېزىلىشىدۇر. بۇنىڭ ئەڭ چوڭ پاكىتى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە قارشى ئېيتىلغان سۆزلەرنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئەسەرلىرىنى ئوقۇلغاندا ئۇنىڭ دىننى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغانلىقى، شەرىئەتنىڭ مەقسەت ۋە مۇددىئالىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چۈشەنگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.  ئىبنى تەيمىييە ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك تەرەپلىرىنىڭ يەنە بىرى، مۇجادىلە ئىچىدىكى جىھادقا تولغان بىر ھاياتنىڭ مەركىزىدە يېزىلغان بولۇشى. ئۇ ئەسەرلىرىدە بىر مەسىلىنى شۇنداق ئەتراپلىق چۈشەندۈرىدۇكى (گويا بىر ئېنسىكلوپىدىيەنىڭ ئۇسلۇبىدا ئىدى)، ئۇ ھەقتە باشقا بىر كىتابقا قاراشقا ھېچقانداق ھاجەت قالمايدۇ.

ئىبنى تەيمىييە ھىجىرىيەنىڭ 726 ـ يىلى، شەئبان ئېيىنىڭ 6 ـ كۈنى (مىلادىي 1326 ـ يىلى ئىيۇل ئېيىنىڭ 8 ـ كۈنى) دەمەشىق قەلئەسىگە قامالغان. ھىجىرىيەنىڭ 728 ـ يىلى زۇلقېئدە ئېيىنىڭ 20 ـ كۈنى (مىلادىي 1328 ـ يىلى ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ 26 ـ كۈنى) يەنى دۈشەنبە كۈنى ۋاپات بولغانغا قەدەر بۇ قەلئەدە ئورۇنسىز، ھەقسىز ھالدا قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلغان. زىنداندىكى مەزگىللىرىدە ئەسەر يېزىش، زىكىر، قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش ۋە ئاﷲ تائالاغا دۇئا قىلىش بىلەن مەشغۇل بولغان. ئۇنىڭ زىنداندىكى مەزگىلىدە يازغان بىر قاتار رىسالىلىرىمۇ بار. [ئەننەدەۋىي، ئا.گ.ئە. بەت ـ 112،113]. ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن كىشىلەر قەلئەگە يۇپۇرۇلغان،  ئىبنى تەيمىييەنىڭ بىر قانچە قېتىم جىنازە نامىزى قىلىنغان. ئۇ ۋاپات بولغان كۈنى بازارلاردىكى دۇككانلار ئېچىلمىغان. جىنازىسىدا ئەرلەردى باشقا ئون بەش مىڭ ئەتراپىدا ئايال بار ئىدى. دەمەشق شەھىرىدىكى بىر قانچە بىدئەتچىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇنىڭ جىنازىسىغا قاتناشمىغان كىشى قالمىغان. تارىخچىلار تارىختا ئەھمەد  ئىبنى ھەنبەلنىڭ جىنازىسىدىن كېيىن، ئۇنىڭ جىنازىسىغا ئەڭ كۆپ كىشى توپلانغانلىقىنى خاتىرىلەرگە ئالغان. يىراق ـ  يېقىن ئىسلام ئەللىرى ۋە يەمەندىن جۇڭگۇغا قەدەر رايۇنلاردا ئۇنىڭغا ئاتاپ غ ئىبنىە جىنازە نامازلىرى ئوقۇلغان. ئەززەھەبىي مۇنداق دەيدۇ: "رۇكۇن بىلەن ماقامى ئىبراھىم ئارىسىدا قەسەم قىلدۇرسا، ئۇنىڭغا ئوخشاش بىرىنى كۆرمىگەنلىكىمگە، ئۇنىڭمۇ ئىلىمدە ئۆزىگە ئوخشاش بىرىنى كۆرمىگەنلىكىگە قەسەم قىلىمەن."

مەنبە ماياك ئىسلام تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-14 12:19 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
möljarli + 33 ھەقىقى ئىمام ........

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 33   باھا خاتىرىسى

دىنىمنىڭ ئۇستۇن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34992
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8429
تۆھپە نۇمۇرى: 208
توردا: 3830 سائەت
تىزىم: 2011-3-23
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 12:31:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى  -مىنىڭ شان-شەرپىم

ھەي ئىنسانچىلىق

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81958
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3115
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2012-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 12:32:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .ياتقان يىرى جەننەتتە بۇلسۇن!

بۇ ئادرىسنى قەتئىي بېسىشقا بۇلمايدۇ.http://bbs.meripetyoli.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82472
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3628
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 02:45:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما يوللاپسىز سىزنى قوللايمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4237
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8951
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 214 سائەت
تىزىم: 2010-7-18
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 03:37:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى كىشلەر ھازىرمۇ قالايمىقان بىلجىرلشىدىكەن مۇشۇ كىشى توغىرسدا ،، نۇنكىن بولسا مۇشۇ كىشگە قارشى ئىقىمدىكىلەرنىڭ ئىدىسىدىنمۇ خەۋەرلەندۈرگەن بولسىڭز ؟؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34138
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4328
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2011-3-17
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 05:49:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79764
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3322
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2014-11-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 12:05:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئالىم دەششەت ئالىم.
يازغان كىتابلىرى ئىنتايىن كۆپ.
قەلەم ۋە قىلىچنى تەڭ قولىغا ئالغان ئالىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73757
يازما سانى: 532
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4180
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 241 سائەت
تىزىم: 2012-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 05:25:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا چىكىپسىز..........

ئادەمدە پاك ۋىجدان بولمىسا ئەگەر،
ئۇ بولۇپ قالمامدۇ مېغىزسىز شاكال.
قىممىتى بولمىغان ئۇنداق شاكالنى،
ئۇچۇرتۇپ كەتمەمدۇ قۇدرەتلىك شامال.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35845
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 592
تۆھپە نۇمۇرى: 5
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2011-3-31
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 05:01:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام دوسلار،بىر مۇھىم گەپ قىلىۋالاي!

ئايال بىز تور بېكىتىنى كۆرۈپ قويساق بولغۇدەك،قىز-ئاياللارغا ئائىت ھەقىقى ئەھمىيەتلىك تىمىلار كۆپ ئىكەن،قىز-ئاياللىرىمىز ئۇچۇن ياخشى سەينا ھازىرلاپتۇ.

www.ayal.biz

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83187
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3344
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2012-7-29
ئاخىرقى: 2013-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 05:51:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ئاللاھ كۆپ ئەجىر ئاتاقىلسۇن،.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش