|
|
|
|
يەنە بىر ئۇسولدا قورالسىز ھۆججەت يۇشۇرۇش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار قاغىمۇ بىلگىننى چىللاپتۇ دىگەندەك مەنمۇ بىلگىنىمچە سۆزلەپ دوسلارغا قورالسىز ھۆججەت يۇشۇرۇش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۈتەي . بۇ ئۇسۇل بىلىۋالساق بەك ئاسان ھەم قولايلىق
بىرىنچى قەدەمدە يۇشۇرماقچى بولغان ھۆججەت ساندۇقىنى ئاچىمىز مەسىلەن تۈۋەندىكىدەك قىزىلغا بۇيالغان ھۆججەت ساندۇقىنى يۇشۇرۇپ باقايلى
ئىككىنچى قەدەمدە يۇقارقى بىز يۇشۇرماقچى بولغان ھۆججەت ساندۇقىنىڭ ئوڭنى بېسىپ تۇرۇپ 属性غا كىرىمىز ، كىرگەندىن كىيىن تۈۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ . قىزىلغا بۇيالغان ئورۇنغا توغرا بەلگىسى ئۇرۇپ قويىمىز . ئاندىن مۇقىملاپ چىكىنىمىز . ئەمدى قاراپ باقىدىغان بولساق يۇقارقى بىز يۇشۇرماقچى بولغان ھۆججەت ساندۇقى يوقاپ كىتىدۇ . ئاللىقاچان يۇشۇرۇن ھالەتكە ئۆتكەن بولىدۇ .
ئەسكەرتىش : بەزى كومپىيوتېرلاردا ھۆججەت خاسلىقى بويىچە تەڭشەشتە پۇتۇنلەي يوقاپ كەتمەي شۇ يۇشۇرغان ھۆججەت ساندۇقىنى سۇسلاپ كۆرۈندۇ بۇ ھەقتە ئايرىم چۈشەنچە بېرىلىدۇ ھۆججەت ساندۇقىنى ئەسلىگە ئەكىلىش ئۇسولىدا.
ئەمدى بىز بايىقى يۇشۇرغان ھۆججەت ساندۇقىنى ئەسلىگە ئەكىلىش ئۇسولى ئۈستىدە توختىلايلى . ئەمدى بىز شۇ يۇشۇرغان ھۆججەت ساندۇقى بار ئورۇننى ئېچىپ تۈۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىمىز . قىزىلغا بۇيالغان ئورۇننى ئاچىمىز 工具 - 文件夹选页 你还 نى ئاچىمىز
ئاندىن تۈۋەندىكىدەك تاللاش چىقىدۇ . 查看نى چەكسەك مەن ئەستىدا قىزىلغا بۇياپ قويغان ئىككى تاللاشتىن تەڭشەپ بىكىتىمىز مەسىلەن مۇنداق
يۇقارقى رەسىمدىكىدەك بىز ئۈستىكىنى تاللىساق بىز يۇشۇرۇپ قويغان ھۆججەت ساندۇقى كۆرۈنمەيدۇ . ئاستىدىكىنى تاللاپ قويۇپ مۇقىملىساق بىز يۇشۇرۇپ قويغان ھۆججەت ساندۇقى كۆرۈنىدۇ ئەمما سۇس ھالەتتە كۆرىنىدۇ بىز بۇنى قېنىق قىلىش (ئەسلىگە ئەكىلىش) ئۈچۈن باشتىكى تۈۋەندىكى ئۇسولنى قوللىنىمىز يەنى
隐藏 تۈرىدىكى تاللاقنى بىكار قىلىۋېتىپ مۇقىملاپ چىكىنىمىز . يۇشۇرغان ھۆججەت ساندۇقى ئەسلىدىكى رايوندا كۆرىنىدۇ . دوسلارغا يەنە بىر ئىشنى تەكىتلەپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ . بەزى تورداشلار ئىنكاس يىزىپ سورىشى مۇمكىن بىز يۇشۇرۇپ قويغان ھۆججەت ساندۇقىنى يۇشۇرۇپ قويغانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالساق قانداق قىلىمىز دەپ . سىز ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايسىز شۇ يۇشۇرغان ھۆججەت ساندۇقى بار رايون ئىچىدىكى بەت يۈزى ئاستىدا كۈندە سىزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ . سىز تۈۋەندىكى تاللاقنى تاللاپ قويسىڭىز
دوستلارغا ئامەت تىلەيمەن . دوستلاردىن كۈتىدىغان ئۈمۈدىم ئىنكاس يازغۇڭىز بولمىسا قالايمىقان ئىنكاس يازماڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-14 12:40 PM
|
|
|
|
|
|