جوڭگوچە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيسى ياخشىمۇ؟ ئامېرىكىچەۋەتەنپەرلىك تەربىيسىمۇ؟ خەۋەرلەرگە قارىغاندا ،تۆنۆگۈن (30-ئىيۇل)ئون مىڭلىغان شىياڭگاڭ ئاھالىرى « دۆلەت تەربىيسى دەرىسلىكى»گە قارشى نامايىش ئېلىپ باردى.كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار باللىرىنى بوۋاقلار ھارۋىسىغا سېلىپ بىرتەرەپلىمە دەرىسلىك-دۆلەت تەربىيسىنىڭ 9-ئايدا قانات يايدۇرۇلدىغانلىقىغا قارشى تۇردى.شىياڭگاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى بۇيىنچە 2015-يىلى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «ئەخلاقى تەربىيەۋە دۆلەت تەربىيسى دەرىسلكى»ئومۇميۈزلۈك ئەمىليلەشتۈرۈلدىكەن، بۇيىلدىن باشلاپ 3يىل ۋاقىت قانات يايدۇرۇش مەزگىلى بۇلۇپ قىسمەن شىياڭگاڭلىقلار«دۆلەت تەربيسى-مىڭە يۇيۇش تەربىيسى»دېگەن پىلاكاتلارنى كۈتۈرۈپ نامايىش قىلغان. دۆلەت تەربىيسى دېگەن نىمە؟ ئۇ نىمشقا شۇنچە بەس-مۇنازىرە قوزغايدۇ.
جوڭگو چوڭ قۇرۇغلۇقىدا پۇقرالار كىچىكىدىن تارتىپ ئىدىيە -ئەخلاق تەربىيسى دەرىسلىكنى قۇبۇل قىلىدۇ،ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۆگىندۇ ۋە يىتىلدۈردۇ، تۇلۇق ئوتتورا مەكتەپنىڭ ئىجىتمائىي پەندە سىياسى -ئىدىيە مۇھىم دەرىسلىك بۇلۇپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندا تەكشۈرۈلدىغان مۇھىم ئۆلچەم ھىساپلىندۇ،ئالى مەكتەپنىڭ زۈرۈر ئوقۇشلۇقلىرى ئىچىدە 4پەندىن يۇقۇرى سىياسىي دەرىسلىكلەرنى تاماملاش كېرەك. قۇيۇپ قۇيۇش شەكىلدىكى ئەخلاقى تەربىيەدۆلىتمىز ئەخلاقى تەربىيە مائارپىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلكى دىيىشكە بۇلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ۋەتەنپەرلىك تەربىيسى نىسبەتەن ئەركىن بۇلۇپ مائارىپ مىنىستىرلىكنىڭ بىرلىككە كەلگەن قاتتىق ئۆلىچىمى يوق ،مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ماتىرياللىرغا نىسبەتەن قاتتىق ئۆلچەممۇ يوق،ئامېركىنىڭ ئەخلاقى تەربىيىە دەرىسلىرىدىن ئاساسلىقى پۇقرالار دەرىسلكى،تارىخ دەرىسى، ئىنسانشۇناسلىق دەرىسى، قاتارلىقلار بار.بۇندىن سىرىت،ئامېركىنىڭ كىنولىرىدا قۇيۇق سىياسىي پۇراق بار بۇلۇپ ،ھوللىۋودنىڭ نۇرغۇن كىنولىرى « ئامېرىكا روھىنى»نى تەشۋىق قىلىدۇ. سىڭدۈرۈش شەكىلدىكى مائارىپ ئامېرىكا ئەخلاقى تەربىيە مائارپنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى ھىساپلىندۇ.
بۇ تىما مۇنازىرگە قۇيۇلغىلى 20نەچچە كۈندىن ئاشقان بۇلۇپ نەتىنجسىگە قارىغاندا ئامېرىكىچە ۋەتەنپەرلىك تەربىيسىنى قوللايدىغانلارنىڭ سانى كۆپرەك ئىكەن.
ئەسكەرتىش:ئىنكاس يېزىشىڭىز زۈرۈر ئەمەس!!! دەلىل -ئىسپاتسىز قالايمىقان جۆيلىمەڭ!
يەرشارى تورىدىن تەرجىمە قىلندى. مەنبە: http://bbs.huanqiu.com/thread-1608310-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-14 11:02 PM
|