مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7035|ئىنكاس: 66

جىن سۆيگەن يىگىت (2-قىسىم)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ۋەتەنسىزنىڭ نىمىسى بار؟

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30001
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4516
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 240 سائەت
تىزىم: 2011-2-11
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 05:47:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،سىلەرنى ھەقىقەتەن ساقلىتىپ قويدۇم، خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەچكە،ھەم يازمىلىرىم ئىشخانىدىكى كومپىيوتېردا بولغاچقا ۋاقتىدا يوللاشقا شارائىت بولمىدى،تورداشلارنىڭ نۇرغۇن ئىنكاس ئۇچۇرلىرىنى كۆردۈم،بەزى تورداشلار ساڭا جىن چاپلىشىپ قالدىمۇ دىسە،يەنە بەزى تورداشلار گېلىغا سۆڭەك تۇرۇپ قېلىپ ئۆلۈپ قاپتۇ دەپ ئىنكاس ھەم ئۇچۇرلارنى يازدى،يەنە بەزى تورداشلار ھىكايەمنىڭ ئاىىرىدىن ئۈمۈدىنى ئۈزدى،سىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن.
ھىكايىدىكى جىن ماڭ چاپلىشىپ قېلىپ بەكمۇ تەس ئاجرىدىم جۇما،ھەقىنى ياز يالغاننى يازساڭ سىنىمۇ ساراڭ قىلىپ قۇيىمەن دەپ ھەركۈنى كىچە مىنى قورۇتۇپ تۇخۇ يۈرەك قىلىپ قويدى،ئازراق دىققەت قىلمىسام ئىش چاتاقتەك تۇرىدۇ.چاق چاق ھە
ئەمىسە ھىكايەمنى باشلىدىم،ئالدىنقى تىمىدا ئىنكاس شەكىلدە يازغان ئىدىم،بەزى تورداشلار ئىنكاسلارغا دىققەت قىلماي ئاخىرى يوق دەيدۇ،شۇڭا ھەممىنى تىما شەكىلدە يوللاي دەپ بىرىنجى قىسىمنىمۇ قۇشۇپ يوللۇدۇ،ئېسىڭلاردىن كۆتۈرلۈپ كەتكەن بولسا يەنە بىر قېتىم چۈشۈنۈپ ئوقۇۋېلىڭلار !


جىن سۆيگەن يىگىت


دادامنىڭ خىزمىتى ناھىيە بازىرىغا يۆتكەلگەچكە بىزمۇيېزىدىكى ئۆينى تاشلاپ قۇيۇپ ناھىيە بازىرىغا كۆچۈپ كەلدۇق،بازاردىكى ئۆيىمىزدادامنىڭ ئىدارىسىغا 500نەچچە مىتىرلا كىلەتتى،بىز ئۆينى قۇلىمىزغا ئالغاندىنكېيىن بىر نەچچە كۈن ئۆيلەرنى سۈپۈرۈپ-تازلاپ،يۇغۇشتۇرۇپ دىگەندەك بىر قاتارئىشلارنى قىلغاندىن كېيىن ئۆيمۇ ئەسلى ھالەتكە كىلىپ خېلى ئېچىلىپ قالدى،بۇرۇن بۇئۆيدە باشقىلار ئولتۇرغان ئىكەن كىيىن بىنادىن ئۆي سېتىۋېلىپ بۇ ئۆي بىر يىلغايېقىن تاشلىنىپ قالغان ئىكەن،مەن ئۆيلەرنى يۇغۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن سىڭلىم بىلەن سوقۇشۇپ يۈرۈپ خېلى چىرايلىق بىزەلگەن بىر ئۆينى ئۆزۈم ئىگىلىۋالدىم،شۇنداق قىلىپ كەچمۇ كىرىپ قالدى،كىيملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ بولۇپ،چامدىنىمنى قويغىلى يەرتاپالماي،كارۋاتنىڭ ئاستىغا قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم،كارۋاتنىڭ ئاستىغا قارىسام بىرئاياغ ساندۇقى تۇراتتى،ساندۇقنى ئېلىپ ئېچىنى ئېچىپ قارىسام بىر ئەلبۇم،يەنە بىرنەچچە پارچە قولدا سىزىلغان چۈشەنگىلى بولمايدىغان رەسىملەر،يەنە بىرخاتىرە دەپتەربار ئىكەن.

ئەلبۇمنى ئېچىپ بىر قاتار كۆرۈپ چىقتىم،رەسىمنى كۆرۈۋېتىپ مۇشۇ ئۆيدە بۇرۇن تۇرغان بالىنىڭ قىز دوستى بىلەن چۈشكەن رەسىملىرى بولسا كىرەك دىگەنلەرنى ئويلىدىم.

ئاندىن خاتىرنى قولۇمغا ئېلىپ بىردىن بىر كۆزيۈگۈرتۈشكە باشلىدىم،خاتىرنى ئوقۇۋېتىپ مىنى قورقۇنۇچ بېسىپ كەتتى،ئاخىرنى ئوقۇشقاجۈرئەت قىلالمىدىم،بىرىنجى بېتى مۇشۇنداق قورقۇنۇچلۇق تۇرسا،بۇ كىچىدە ئاخىرىنى ئوقۇشقا قانداقمۇ جۈرئەت قىلاي،خاتىرنى ئاستا ئورنىغا قويۇپ توكنىمۇ ئۆچۈرمەستىن يېتىپ قالدىم،قانداق ئۇخلىغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن.

خاتىرگە مۇنۇلار يېزىلغان ئىدى:


بۇ مىنىڭ ھاياتىمدىكى بىردىن بىر كۈندىلىك خاتىرەم،مەن ئەزەلدىن خاتىرە يېزىپ باقمىغان.ئەمما بۈگۈن بۇ خاتىرنى يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم،چۈنكى مەن كىچىدىن پەقەت ئۇخلىيالمىدىم،كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ خاتىرە ئۆتمۈشۈمنى ئەسلەشكە ئەسقېتىپ قالار،ئەمما كىچىدىن بولغان ئىشلارنى مەڭگۈ ئۇنتالماسلىقىم مۇمكىن.


شۇنداق تاتلىق چۈش كۈرۈۋاتاتتىم،تۇيۇقسىز چۈشۈمدەئاپئاق كىيىم كەيگەن بىر قىز پەيدا بولدى،مەن دەسلەپتە قورقتۇم،ئەمما ئۇنىڭ مەنبىلەن كارى يوق،ماڭا يېقىنلاپ كىلىۋاتاتتى،مەن ئورنۇمدىن جىم تۇردۇم،ئۇ قىز قولۇمدىن تارتىپ مىنى ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى ئەخلەت دۈۋىسىگە ئېلىپ كەلدى،ئاندىن كېيىن مىنى تاماق يىيىشكەتەكلىپ قىلىپ ئالدىمغا بىر توخۇنىڭ سۈڭىكىنى قويدى،مەن يىيىشكە ئۇنمىسام ئۇ قىز:

__يەڭا بەك تەملىك ھېچ نىمە بولمايدۇ،- دېدى.


مەن يىيىشكە قەتئىي ئۇنىماي جاھاللىق قىلىپ تۇردۇم،ئۇ خاپا بولغاندەك قىلىپ كىتىپ قالماقچى بولدى،مەن:


__ بوپتۇ،كەتمەڭ ئەمىسە مەن يەي دەپ بىر پارچە سۆڭەكنى ئېغىزىمغا سېلىپ شۇنداق يۇتۇشۇمغا سۆڭەك گىلىمغا تۇرۇپ قېلىپ ئويغۇنۇپ كەتتىم،بۇ چۈشۈم ئەمەس ئىكەن،راستىنلا مەھەللىمىزنىڭ كەينىدىكى ئەخلەت دۈۋىسىدە ئولتۇرۇپتىمەن،گېلىمغا سۆڭەك تۇرۇپ قالغىنىمۇ راست ئىكەن،مىڭ تەسلىكتە سۈڭەكنى ياندۇرۇپ،ئالدى كەينىمگە قارىماستىنلا يۈگۈرەپ ئۆيگە كەلدىم.

مەن قارا تەرگە چۈمۈلۈپ كەتتىم،قورقۇنۇچ،ۋەھىمە مىنى چىرمىۋالدى،قانداقتۇ بىر كۈچ مىنى كەينىگە تارتىۋاتاتتى،ئېغىزىم بىرەر ئېغىز گەپكە كەلمەيتتى،شۇنچە ۋارقىراي دەيمەن،ئەمما ئۈنۈم چىقمايۋاتىدۇ،

كۆڭلۈمدە ئۆزۈم بىلىدىغان ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇدۇم،بىر چاغ بولغاندا مىنى تۇتۇۋالغان بۇ غايىپ كۈچ

مىنى قويىۋەتتى،ئۈنۈمنى چىقىرىپ :


__دادا !!!،_  دەپ ۋارقىردىم،دەرۋازىنى ئىتتىرسەم ئىتىك تۇرىدۇ،توۋا مەن تالاغا قانداقمۇ چىققاندىمەن،بار كۈچۈم بىلەن دەرۋازىغا ئۇردۇم،دادام يۈگۈرەپ چىقىپ دەرۋازىنى ئاچتى،دادمنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم،بۇ ۋاقىتتا ھۇشۇمدىن كەتكەن ئىدىم.


بۈگۈن سەھەردە كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام ئانام،سىڭلىم قېشىمدا تۇرۇپتۇ، بىچارە ئانام يىغلاپ كەتتى:


__بالام  ساڭا زادى نىمە ئىش بولدى؟


نىمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى پەقەت بىلمىدىم،گەپ قىلمايلا تۇرۋالدىم،ئاناممۇ كۆڭلۈمدىكىنى سەزدى بولغاي ئارتۇقچە گەپ قىلماي :<< ياخشى ئارام ئالغىن بالام>>، دەپ قويۇپ  چىقىپ كەتتى.

شۇ تاپتا ئاخشام بولغان ئىشلار بىر بىرلەپ خيالىمدىن كەچمەكتە ئىدى،بىر ۋەھىمە مىنى چىرمىۋالماقتا ئىدى.

يەنە نىمە ئىشلار بۇلىدۇ؟بۇنى بىر ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ.


2000-يىلى11-ئاينىڭ9-كۈنى پەيشەنبە.


ئەتىسى ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ چاي ئېچىپ بۇلۇپ،سىڭلىم بىلەن ئىككىمىز بازار ئايلىنىپ كىلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقتۇق،بازاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ ئۆيگە قايتتۇق،يولدا قايتىشىمداتۇيۇقسىزلا ئاخشام

خاتىردە ئوقۇغان ئىشلار ئىسىمگە كىلىپ قالدى.خاتىرگە يېزىلغان ھېلىقى ئەخلەت دۈۋىسىنى كۈرۈپ كىلىش

ئۈچۈن سىڭلىم بىلەن ئىككىمىز ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى خالتا كوچىدىن ماڭدۇق،


سىڭلىم:

__ئاكا،شۇنچە كەڭرى يول تۇرسا بۇ ئارقا كۇچىدىن نىمىشقا ماڭىمىز،شۇنداق كۆڭلۈم ئايلىنىپ كەتتى،قارا بۇ كۇچىنىڭ مەينەتلىكىنى.


سىڭلىم ھەقىقەتنمۇ توغرا گەپ قىلغان ئىدى،بۇ كۇچىدىكى سېسىق پۇراقلار،ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇراتتى،كۈندۈزى ئادەم يالغۇزمېڭىشتىنمۇ تىنى شۈركىنەتتى.


__ ھە،راستلا مەينەتكەن،بۇ يەرگە يىڭىدا كۆچۈپ كەلدۇق ئەمەسمۇ،ئۆيىمىزنىڭ ئەتراپى بىلەن ياخشىراق تۇنۇشىۋالاي، دەپ مۇشۇ يەردىن ماڭدۇق، ئەمدى بۇ يولدىن ماڭمايلى ھە،ئاپاق سىڭلىم.


__ ماقۇل ئاكا،سەن يېنىمدا بولمىغان بولساڭ بۇ يولدىن مېڭىشتىن راستلا قورقاتتىم.


ئاخىرى ئۆيگە كەلدۇق،مەن ئۇدۇللا ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگەكىرىپ ھېلىقى كۈندىلىك خاتىرنى قۇلۇمغا ئالدىم-دە ۋاراقلاپ كۆرۈشكە باشلىدىم:


ئۈلۈشكۈن بىر كۈن خېلى خاتىرجەم ئۆتكەن ئىدىم،ئاخشام يەنە نەس،باستى.

بۇ ماڭا نىمە كەلگۈلۈك،ياكى ماڭا جىن چاپلىشىپقالدىمۇ؟

ئاخشام ئاغىنە بالىلار بىلەن ئۇزۇنراق پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ،ئۆيگە كەچرەك قايتىپ قالدىم.ئۆينىڭ ئالدىغا كەلسەم سىڭلىم يۈگۈرەپ چىققاندەك كۆرۈندى،مەن بۇ كىچىدە سىڭلىم نەگە بارىدىغاندۇ دەپ ئارقىسىدىن ماڭدىم،سىڭلىم ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى ھېلىقى ئەخلەت دۈۋىسىدە ئولتۇراتتى،يەنە ھۇشۇمنى يۇقۇتۇپ خىيالىي

بىر دۇنياغا كىرىپ كەتتىم،ئۇ نەدىمۇ مىنىڭ سىڭلىم بولسۇن؟

ئۈلۈشكىن كەچ مىنى تاماققا تەكلىپ قىلغان ھېلىقى قىز شۇ ئىكەن،مەندىكى قورقۇنۇچ يوقاپ كەتكەن ئىدى،


مەن ئاستا ئۇنىڭ قېشىغا باردىم،ئۇنىڭ قۇلىدا بىر بۇۋاق شۇنداق تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى،ئۇ قىز بالىنى ماڭا سۇندى،مەن شۇنچە ھۇدۇقۇش ئىچىدە بالىنى قولۇمغائالدىم،ئۇ بۇۋاق تۇيۇقسىز ئويغۇنۇپ كەتتى،دە :


__ دادا  ئاخىرى قايتىپ كەپسەن،سىنى بەكمۇ كۆرگۈم كەلدى،_ دەپلا ئۆلۈپ قالدى.

مەن نىمە قىلىشىمنى زادى بىلمىدىم،ھېلىقى قىز ماڭا غەزەپ بىلەن قاراپ :


__بالامنى تۆلەپ بەر!!- دەپ ماڭا قارىدى.


بالىنى شۇنداق كۈچەپ ھېلىقى قىزغا ئاتتىم،پۇت قۇلۇمدا جان قالمىدى،يۈگرەپ قېچىۋاتىمەن،ئۇ قىزمىنى قوغلاۋاتىدۇ،شۇنداق يۈگۈرەپ كىتىۋېتىپ بىر ئادەمگە سوقۇلۇپ يەرگەيېقىلدىم.


ئۇيقۇمدىن چۈچۈپ ئويغاندىم،بۇ چۈشۈم ئەمەس ئىدى،مەن سوقۇلغان ئادەم ئورنىدىن قوپماي ياتاتتى،

مەن ئاستا ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ قارىسام ئۇ بىزنىڭ مەھەللىدىكى ھەركۈنى مەست يۈرىدىغان قاسىم زابوي ئىكەن،قېشىغا بېرىپ :


__رەھمەت ساڭا،سەن بولمىغان بولساڭ مەن نىمىگە سۇقۇلاتتىم،نىمىمۇ بۇلۇپ كىتەتتىم،_دىدىم.


__ ماڭا ھوي ھاراملىق،ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرماي.


ئۇ شۇنداق دەپلا كەشىنى سېلىپ ماڭا ئاتتى،ھېلىمۇ ھەركىتىم چاققان چىقىپتۇ، بولمىسا ئۇنىڭ كەشى بېشىمغا تەككەن بۇلاتتى.


شۇ يۈگۈرگەنچە ئۆيگە كىلىپ توختۇدۇم،كۆزۈمگە ئۇيقۇمۇكەلمىدى،شۇ تاپتا دېرىزەمدە بىرسى ماڭا قاراۋاتىدۇ،تىز بۇياققا چىق دەپ چاقىرۋاتىدۇ،ئۇخلاپ قالساملا ئىش چاتاق،ئۇ مىنىڭ روھىمنى ئېلىپ كىتىدۇ،ئەڭ ياخشىسى ئۇخلىماي دەپ بىر كىچىنى قورقۇنۇچ ئىچىدە ئۆتكۈزدۈم.


ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ نامىزىمنى ئوقۇپ بۇلۇپ يەنەخىياللار سۈرۈۋاتىمەن،ماڭا زادى نىمە بولدى،ئۇدا ئىككى قېتىم مۇشۇنداق قىسمەتكەيۇلۇقتۇم دىسە،بۇ ئىشلارنى ئۆيدىكىلەرگە دەيمۇ،دىمەيمۇ؟


__ ھەي مەمەتجان ئاخۇن ئۆيدە بارمۇ سىلى؟


قوشنىمىزنىڭ بۇئاۋازىدىن چۈچۈپ خياللىرىم نەلەرگىدۇ كىتىپ قالدى،بىرەسى ئۈنلۈكراق گەپ قىلسىمۇ

چۈچۈيدىغان بۇلۇپ قالدىم.


دادام چىقىپ ئىشىكنى ئاچتى.


__مەمەتجان ئاخۇن،ئەتىگەن ماۋۇ بىزنىڭ مەھەللىدىكى قاسىم زابوينىڭ جەسىدى ماۋۇ ئۆينىڭ كەينىدىكى ئەخلەتلىكتىن تېپىلىپتۇ،بىر پارچەسۆڭەكنى چىشلىگىنىچە ئۆلۈپ قاپتىمىش،مەھەللە ئىمامى ھاراق ئىچىپ ئۆلگەن ئادەنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمەيمىز، دەپ تۇرۋېلىپ،ئۆيىدىكىلەرنى بەك تەڭلىكتە قويۇپتۇ،مەھەللەباشقارمىسىدىنمۇ ئىمامغا نەسىھەت قىلىپ گەپكە كىرگۈزەلمەپتىمىش،ئىمانىڭ بولسانامازغا ئۆزۈڭ ئىمام بۇلۇپ ئوقۇش، دەپ تۇرۋاپتىمىش،مەھەللىمىزدە ئۆزلىرى خېلى ئابرويلۇق ئادەم،ئىمام ئاخۇنۇمغا بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپ كۆندۈرسىلە.


__ ئۇ ئىمام بەك جاھىل كىشى،مىنىڭ گىپىمگە كىرەرمۇئەمدى،شۇنداق بولسىمۇ بىر بېرىپ

باقاي،__ دىدى دادام__ھوي،ئوغلۇم دوپپاڭنى كىيىپ چىقە بۇياققا  نامازغا بارىمىز.


__ ھە ماقۇل دادا،مانا ھازىر بەش مىنۇتتا تەييار بۇلىمەن.


كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ ئۇدۇل ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق.


دادام بىر خېلى ئۇزۇن سۆزلەپ يۈرۈپ،ئىمام ئاخۇنۇمنى ماقۇلغا كەلتۈردى،گەرچە ماقۇل دىسىمۇ كۆزلىرىدىن

بىرخىل نارازىلىق چىقىپ تۇراتتى،دادامنىڭ ھۆرمىتىنى دەپ گەپكە كۆنگىنى ئىنىق ئىدى.


بۇ ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ ئىمانى ھەقىقەتەن مۇستەھكەم ئىدى،بىزنىڭ مەھەللىدە مەن ئەقلىمگە كىلىپ ئۈچ

ھاراقكەش مەستچىلىكتە ئۆلۈپ كەتتى،بىرسىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرگىلى ئۇنىماي،قوشنامەھەللىدىن ئىمام چاقىرىپ ئەكىلىپ نامىزىنى چۈشۈرگەن ئىدى،ئۇ ۋاقىتتا دادام ئۆيدەيوق ئىدى،كىيىنكى ئىككى زابوينىڭ نامىزىنى

دادامنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ چۈشۈرگەن ئىدى،مان بۇ تۆتىنجى مەستنىڭ نامىزى ئىدى.

2000-يىلى11-ئاينىڭ12-كۈنى  يەكشەنبە››


تىنىم شۈركۈنۈپ كەتتى،ئاخىرىنى ئوقايمۇ،ئوقۇمايمۇ؟

خاتىرە خېلى قېلىن بۇلۇپ يېرىمدىن ئارتۇقراقى توشۇپ بولغان ئىدى،خاتىرنى شۇنچىلىك يازغانغا قارىغاندا ئىشلار ئۇنداق ئاسان تۈگۈمەيدىغان ئوخشايدۇ.

قورقۇپ تۇرۇپ يەنە ئوقۇشقا قىزىقىپ قالدىم.


   ‹‹كىچىدىن مىنى قار بېسىپ قالدى،چۈشۈمدە يەنە شۇ قىز ماڭا كۈلۈمسىرەپ كىلىۋاتىدۇ، مەن قېچىۋاتىمەن.

چۈنكى مەن ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشكەندىن باشلاپ ھازىرغىچە مەيلى ئوڭۇم بولسۇن ياكى چۈشۈم بولسۇن ئۇ پەقەت ئاپئاق كىيىملا كىيەتتى،ھەمىشە كىچىدىلا كۈرەتتىم،كۈندۈزى بىرەر قېتىم كۆرۈش نىسىپ بولمايتتى،ئەجىبا مەن قورقمامدىم، مانا مەن دەپ مەيدىسىگە مۇشلايدىغان نوچىلار بولسىمۇ مىنىڭ ئورنۇمدابولسا قورقۇپ جېنى چىقىپ كەتكەن بۇلاتتى.


قېچىپ كىتىۋېتىپ بىر قەبرىستانلىققا كىلىپ قالدىم،ئەقلىم ھەيران بۇ قەبرىستانلىقتا بىرمۇ خادا كۆرۈنمەيتتى، ئالدىمغا بىرنەچچە قەدەم ماڭدىم،پۇتۇم تۇيۇقسىز بىر ئورەككە چۈشۈپ كەتتى،پۇتۇمنى شۇنداق كۈچەپ تارتساممۇ تارتالمىدىم، تۇيۇقسىز ئالدىمدا ھېلىقى قىز پەيدا بولدى،ئۇ قۇلىنى ماڭائۇزاتتى،مەن قۇلۇمنى بەردىم،قەبرىلەردىن نۇرغۇن بۇۋاقلار چىقىپ ماڭا قاراپ كىلىۋاتاتتى،بۇ بۇۋاقلارنىڭ چوڭى بىر ئىككى ياش كىچىكلىرى بىر نەچچە ئايلىق ئىدى،ھەممىسى نورمال ئادەملەردەك گەپ قىلاتتى،ماڭالايتتى،ئۇ قىز بىر بالىنىڭ قۇلىدىن يىتىلەپ مىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ:


- دادا دىگىنە ئوغلۇم،ئۇ سىنىڭ داداڭ ،دىدى.


-مەن ئەمدى 23كە كىردىم،بۇ يىل تېخى ئوقۇش پۈتتۈرۈپكەلگەن تۇرسام،تېخى تويمۇ قىلمىغان تۇرسام،بۇ نەدىمۇ مىنىڭ بالام بولسۇن؟

-زۇۋانىڭنى يىغ،مەندىن كەچمەكچىمىدىڭ،__ دىدى ھېلىقى بۇۋاق.

ھېلىقى قىز ئارىغا چۈشۈپ،بۇ بالىلارغا ئىگە بۇلامسەن-يوق؟__ دىدى ماڭا قاراپ غەزەب بىلەن.


-ماقۇل مەن ئىگە بۇلاي،


بۇۋاقنى قولۇمغا ئالدىم،ئۇ بۇۋاق بوينۇمغا ئېسلىپ يىغلاپ كەتتى،بىردەمدىن كىيىن يىغلاشتىن توختاپ قالدى.

ئۇ بۇۋاق ئۆلۈپ قالغان ئىدى،ئۇ قىز يەنە بۇرۇنقىدەكلا ماڭا غەزەب بىلەن قاراپ:

__ بالامنى قايتۇرۇپ بەر !!__دەپ ماڭا قارىدى،مەن بالىنى تاشلاپ قويۇپ قاچتىم،بۇ قەبرىستانلىقتا پەقەت بۇۋاقلاربارئىدى.


ئالدىمدىكى قەبرىدىن نۇرغۇن بۇۋاقلار چىقىپ ئالدىمنى توستى.


قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرسام بىر دوختۇر بىرسىۋەتتە بىر نەچچە بۇۋاقلارنى ئەكىلىپ يەرنى كولاپ كۆمدى،ئەتراپىمدىكى گۆردىن چىققان بۇۋاقلارمۇ جىم تۇرۋاتاتتى.دوختۇر بۇۋاقلارنى كۆمۈپ بۇلۇشىغا كۆمگەن يەردىن تىرىلىپ چىقىپ ھېلىقى دوختۇرنىڭ بوينىغا ئېسىلىۋېلىپ قۇيۇپ بەرگىلى ئۇنمىدى،ئۇدوختۇ تۇيۇقسىز مىنى كۆرۈپ قالدى،دە:

__ھەممىنى قىلغان سەن ئىكەندە،خەپ سىنى ئۆلتۈرۋەتمىسەم ،__دەپ قولىدا پىچاق ئالدىمغا يۈگرەپ كىلىپ پىچاقىنى قۇرسۇقۇمغا تىقىۋەتتى.


چۈشۈمدىن قورقۇپ ئويغۇنۇپ كەتتىم،پۈتۈن بەدىنىم تىكەنلىشىپ كەتتى،ئورنۇمدىن تۇرۇپ بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن يېتىپ قالدىم،كۆزۈم ئەمدى ئۇيقۇغا بېرىشىغا بىرى مىنى چاقىردى،ياتقان يىرىمدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتىم،دېرىزە تۈۋىدە بىرسى ماڭا قاراپ تۇراتتى،ئۇ مىنى چاقىردى،مىنىڭ بېشىمغاپۈتۈلگىنى شۇ ئوخشايدۇ،بىر بېرىپ باقايچۇ ،دىگەن نىيەتتە ئاستا ئۇنىڭ قېشىغا يىنىك قەدەملەر بىلەن سىرتقا چىقتىم،بۇ خىيالىي تۇيغۇمۇ ئەمەس،چۈشمۇ ئەمەس، رىئاللىق ئىدى.


ئۇ قىز بىلەن پاراڭلاشتىم،ئۇ ئەسلى ئالۋاستى ئىكەن،كىچىك ۋاقتىدا بىزنىڭ مەھەللىدىكى ئىمام ئاخۇنۇم بۇ ئالۋاستىنىڭ چېچىنى كىسىۋالغاچقا ئۇ ئۆز قەۋمى ئارىسىغا قايتالماي يۈرۈپتۇ.ئۇ :


__ سىلەر ئىنسانلار بىزنى يامان كۆرۈسىلەر،بىزدىن سىلەرگە ھېچ قانداق يامانلىق كەلمەيدۇ،سىلەرنى قورقۇتۇپ قويغانلىقىمىز ئۈچۈنلابىزنى يامان كۆرۈسىلەر،ئەمما سىلەر ئىنسانلار بىزدىنمۇ بەتبەشىرە ئىكەنسىلەر.


__ قانداق ؟__دەپ سورىدىم مەن .


   __ مەن سەرسان تۇرمۇشۇمنى باشلىغان كۈنلەردە بىر ئەخلەت دۈۋىسىگە كىلىپ ماكانلاشتىم،بىز ئادەتتە سىلەرگە كۆرۈنمەي يۈرىمىز، تۇيۇقسىز بېشىمغا بىر خالتا تەگدى، بۇرنۇمغا گۆشنىڭ پۇرىقى پۇرىدى،قۇرسۇقۇمنىڭ ئاچلىقىدا خالتىنى ئېچىپ قارىسام بىر بۇۋاق بالىنىڭ جەسىدى تۇرىدۇ، توۋا دەپ قالدىم،بىز ھەرقانچە ئىمانسىز مەخلۇقلار بولساقمۇ بۇنداق قەبىھ ئىشلارنى قىلمايمىز.


بالىنى قۇلۇمغا ئالدىم دە شەھەرنىڭ چېتىدىكى بىريەرنى تېپىپ شۇ يەرگە كۆمدۈم،كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ يەرگە كۆمۈلگەن بالىلارنىڭ جەسىدى بارغانسىرى كۆپەيدى،شۇندىن باشلاپ بۇ يەر بۇۋاقلارقەبرىستانلىقى بۇلۇپ شەكىللەندى،

مەنمۇ شۇ يەرنى ماكان تۇتتۇم،نىمە ئىش بولغىنىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن بۇ بۇۋاقلار بىردىن بىر تىرىلىپ مىنى ئانا دەپ چاقىرىشقاباشلىدى، شۇنداق قىلىپ مەن ئۇلارغا ئانا بولدۇم،سەن بايا چۈشۈڭدە كۆرگەن قەبرىستانلىق دەل مىنىڭ ماكانىمدۇر.


بىر كىچە شۇنداق مۇڭدۇشۇپ چىقتىم،ئۇ گەرچە ئالۋاستى پۇشتىدىن بولسىمۇ ئارىمىزدىكى نۇرغۇن ئادەملەردىن

مىڭ ياخشى ئىدى،تۇيۇقسىزبامداتقا ئەزان چاقىرىلدى،ئۇ شۇ زامانلا يوقاپ كەتتى


2000-يىلى11-ئاينىڭ13-كۈنىدۈشەنبە››


بۇ ئابزاسلارنى ئوقۇۋېتىپ كۆزۈمگە لىق ياشلاركەلدى،جەمئىيتىمىزدىكى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچماي تۇرۇپلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان بۇۋاقلارغا، ھالال  جۈپ بولماي تۇرۇپ زىناخورلۇق قىلىپ بۇيىدا قېلىۋاتقان پەسلەرگە، ئەركەكلىكىنى يۇقۇتۇپ مىللىتىمىزنىڭ يىلتىزىنى چىرىتىۋاتقان مازلارغا ئېچىنىپ يىغلىدىم.


  ‹‹مەن كۈتكەن كەچ يەنە بولدى، ھېلىقى قىزنىڭ تىزراق كىلىشىنى تۆت كۈزۈم بىلەن كۈتتۈم، چۈنكى مەن ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم، بۇرۇنقى قورقۇش يوقالغان ئىدى. ئۇ كەچ سائەت9لاردىن ئاشقاندا پەيدا بولدى، بىز مەھەللىنىڭ دوقمىشىدىكى سۆگەت ئاستىدا بىرگەپاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق، مەن ئۇنىڭدىن نىمە ئۈچۈن ماڭا تۇنجى قېتىم سۈڭەك يىگۈزۈشتىكى مەقسىتىنى سورىدىم.


ئۇ ماڭا تىكىلىپ قارىغاندىن كىيىن:

__ مىنىڭمۇ ئۇنداق نەرسىلەرنى يىگۈم بارمۇ؟ مىنىڭمۇ ئىللىق ئائىلەمگە قايتقۇم بار، ئەمما قايتالمايمەن،چۈنكى چېچىم يوق. ئاشۇ چېچىمنى قايتۇرۋالسام ئۆيگە قايتىپ كەتكەن بۇلاتتىم، بۇنداق پەسكەشلىككە تولغان ئىنسانلار ئارىسىدا ياشىمىغان بۇلاتتىم، ئەگەربۇ ئىنسانلار دۇنياسىدىن ئايرىلسام ئىككىنجى ئىنسانلار ئارىسىغا قەدەم باسمايمەن.


مەن يەنە ئۇنىڭدىن سورىدىم:

__ نىمە ئۈچۈن مىنىڭ كەينىمگە كىرىۋالىسەن،مەندىن باشقا ئادەمنى تاپساڭ بولمامدۇ؟

-سىنى كۆزەتكىلى ئۇزۇن ۋاقىتلار بولدى،سىنى ماڭا بىردىن _ بىر ياردەم قىلالايدىغان ئادەم، دەپ ئويلۇدۇم، شۇڭا سىنى تاللىدىم،سىنى تۇنجى قېتىم قورقۇتۇپ قويدۇم،مىنى كەچۈرگىن،ماڭا ياردەم قىلىشنى خالامسەن، ئەگەر خالىمىساڭ بۇندىن كىيىن سىنى ئىزدىمەي، سەنمۇ خاتىرجەم يۈرگىن.


__ دىگىنە قېنى قۇلۇمدىن كەلسە ساڭا چۇقۇم ياردەم قىلىمەن؟


__چېچىمنى قايتۇرۇپ كىلىشىمگە ياردەم قىلغىن، سەن نىمە دىسەڭ ساڭا شۇنى قىلىپ بىرىشكە رازى، بۇ ياخشىلىقىڭنى بىر ئۆمۈر ئۇنۇتمايمەن.


__ قانداق ئېزدەيمەن سىنىڭ چېچىڭنى؟


__ ھېلىقى سىلىنىڭ مەھەللىدىكى ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيىدىكى قۇرئاننىڭ ئېچىدە ساقلاقلىق، شۇ يەردىن

ئەچىقىپ بەرسەڭلا بولىدۇ.


مەن ئۆزۈمگە نۇرغۇن سۇئاللارنى قويدۇم،ئەگەر ئەچىقىپ بەرمىسەم مەن بىر ئۆمۈ بۇنىڭدىن قۇتۇلالمايمەن، جىن_ شاياتۇنلار يالغانچى كىلىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم،گەرچە بۇ خالىمىساڭ مەيلى،بۇندىن كىيىن سىنى ئىزدىمەيمەن، دىگىنى بىلەن مەندىن ئۆچ ئالسىچۇ؟ ئەچىقىپ بىرەي دىسەم بۇ ئالىدىغاننى ئېلىپ بۇلۇپ ماڭايامانلىق قىلسىچۇ؟ھەي........


مەن ئاخىرى بىر قارارغا كىلىپ ئۇنىڭ شەرتىگە ماقۇل دىدىم، ھەم كۆڭلۈمدىكى گۇمانلىرىمنى ئۇنىڭغا دىدىم،ئۇ ماڭا شۇنداق يالۋۇرۇپ ماڭانۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەردى. ئۇ مەن ئۇچراتقان ئىنساللارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ياخشىسى ئىكەنسەن ،-دىدى.


بىر ھازا مۇڭداشقاندىن كېيىن ئۇ:

__مىنى باللىرىم چاقىرۋاتىدۇ،بېرىپ كىلەيلىمۇ؟ دىدى.


__ھە بۇلىدۇ،ئەمما ئۇيەرگە قانداق بېرىپ بۇلىمەن؟

__ كۆزۈڭنى يۇم،_ دىدى ئۇ ماڭا كۈلۈمسىرەپ.


مەن كۆزۈمنى شۇنداق يۇمۇشىمغا بىر دەمدە بۇۋاقلار قەبرىستانلىقىغا كىلىپ قالدۇق،نۇرغۇن بۇۋاقلار كىلىپ بىزنى ئورىۋالدى،ئۇ بىر بالىنى قۇچقىغا ئالغىنىچە :

__مۇشۇ بالىلارنى دىسەم ھەرگىز بۇ يەردىن ئايرىلغۇم يوق ئەمما مەن كەتمىسەم بولمايدۇ،_دىدى.

مەن ئۇنىڭدىن بۇنچە كۆپ بالىلارنى قەيەردىن ئېلىپ كەلگەنلىكىنى سورۇدۇم،

__بۇ بالىلارنىڭ كۆپۈنچىسى دوختۇرخانىدىن كەلگەن،ھامىلدار ئاياللار،ئالدۇرۋەتكەن بالىلار،نىكاھسىز تۇغۇلغانلىرى ناھايتى كۆپ،بۇ دۇنياغا كۆز ئاچماستىنلا ئەخلەتخانىلارغا، يۇندا كاتەكلىرىگەتاشلىنىدۇ،ھەتتا بۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيدۇ.


-ئەسلى ئىشنىڭ تىگىمۇنداق ئىكەندە،ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىم بارغانسىرى ئاشتى ،ئىنسانلارمۇ قىلالمىغان ئىشنى مۇشۇ ئالۋاستى،ياق مۇشۇ قىز قىلىدى، راستلام مىھرىبان،كۈيۈمچان،قىز ئىكەن.ئۇبىز ئىنسانلارنىڭ نۇمۇسىنى يەرگە كۈمۈپ شۇنداق ياخشى ئىش قىلىۋاتسا، مەن ئۇنىڭغاياردەم قىلالمىسام مىنىڭ ھايۋاندىن نىمە پەرقىم قالسۇن.


2000-يىلى11-ئاينىڭ14-كۈنى سەيشەنبە››


دەرھال ھېلىقى ساندۇقتىكى قولدا سىزىلغان رەسىم يادىمغا كەلدى دە بىر قۇر كۆزۈتۈپ چىقىشقا باشلىدىم،بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم،ئۇ رەسىم خاتىرىدە تىلغا ئېلىنغان  قەبرىستانلىق ئىكەن،بىر ئۇزۇن چاچ ئايالغا نۇرغۇن بۇۋاقلار ئېسلىۋېلىپ يىغلاۋاتقان رەسىم ئىكەن.


تۈنۈگۈن كەچ مەن ئۇئالۋاستى بىلەن يەنە كۆرۈشتۈم،مەن ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالغان ئىدىم،مەن ئۇنىڭ كۆزىگەتىكىلىپ تۇرۇپ :

ئەگەر مەن سىنىڭ چېچىڭنى ئەكىلىپ بەرسەم نىمە دىسەم شۇنى قىلىشقا رازىمۇ دىدىم.

ئۇ بىردەم تۇرغاندىن كىيىن ھەئە،چۇقۇم سىنى رازى قىلىمەن دىدى

-ئەمىسە مىنىڭ قېشىمداقالغىن،بۇلامدۇ؟

-نىمىشقا ئۇنداق دەيسەن؟

-سەندىن ئايرىلغۇم يوق،سىنى ياقتۇرۇپ قالدىم.

-ئەمما مەن ساڭا ماس كەلمەيمەن،بىزنىڭ قەۋم ئەزەلدىن ئىنساللار بىلەن ئالاقە قىلمايدۇ،ئەمما مەن ساڭاھەممىنى قىلىپ بىرەي دەپ ۋەدە بىرىپتىمەن،ئەگەر خالىساڭ مەن ئىنساللار ئارىسىدىن چىرايى ماڭا ئوخشايدىغان بىرىنى تۇنۇيمەن،شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرغىن بۇلامدۇ؟

مەن نىمە دىيىشنى بىلەلمىدىم،ئۇ كۆزۈمگە تىكىلىپ تۇراتتى،كۆزلىرىدىن بىرخىل مەيۈسلۈك چىقىپ تۇراتتى.مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ ئۇنىڭ شەرتىگە كۆندۈم.ئامال يوق،ئىككىمىز ئىككى دۇنياداياشاۋاتقانلار،ھەر قانچە ئىش بولسىمۇ چىدىمىسام بولمايدۇ.مەن بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇنىڭ چېچىنى قايتۇرۇپ كىلىشىگە ياردەم بىرەي،بېشىمغا كەلگەننى كۆرەرمەن.2000-يىلى11-ئاينىڭ15-كۈنىچارشەنبە››

بۇ يىگىتكە توۋا دەپقالدىم،بىر ئالۋاستى بىلەن بىرگە ئۆتۈشكە قانداقمۇ كۆڭلى كۆتۈرگەندۇ.

ئاخىرىدا يەنە نىمە ئىشلاربۇلىدۇ؟

‹‹بۈگۈن چاچنى قايتۇرۇپ كىلىش ئۈچۈن مەھەللە ئىمام ئاخۇنۇمىنىڭ ئۆيىگە باردىم،ئۆيىگە ئاستا تۇيدۇرماستىن كىردىم،ئۆينىڭ ئىچىگە بىر قاتار كۆز يۈگۈرتكەندىن كىيىن ئىچكىركى ئۆينىڭ ئىچىدەبىر تەكچىنى كۆردۈم،ئۇ يەردە بىر ياغلىققا چىگىگلىك بىر نەرسە تۇراتتى،مەن ئاشۇقۇرئان شۇ بولسا كېرەك دىگەنلەرنى ئويلۇدۇم.دەل شۇ پەيىتتە بىرسىنىڭ يۆتەلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى،قارىسام ئىمام ئاخۇنۇم ئىكەن.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوغلۇم قانداق ئەھۋالىڭ

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،ئاللاغاشۈكرى ،قەدىر ئەھۋال

-ئۆزىڭىزمۇ ياخشى تۇرۋاتامسىز؟

-ئاللاغا شۈكرى

-قەدىمىڭ يىتىپ قاپتىغۇئوغلۇم؟

-ھە،بازارغاماڭغانتىم،سىلىنى يوقلاپ ئۆتۈپ كىتەي دەپ كىرگەنتىم.

-ھە،مەنمۇ بازارغا ماڭايدەپ تۇرغان،يۈرە ئەمىسە ئىككىمىز بىرگە ماڭايلى.

-بۇلىدۇ.

بىز شۇنداق قىلىپ بازارغاماڭدۇق،يېرىم يولغا كەلگەندە مەن مۇشۇ دۇكانغا كىرەتتىم دەپلا چۈشۈپ قالدىم،دۇكان ئىچىگە كىرىپ ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ سايىسى يۇقاپ كەتكۈچە ساقلاپ تۇردۇم،دە ئارقامغا يېنىپ ھېلىقى ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيىگە كەلدىم،ئىمام ئاخۇنۇم ئادەتتە ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە قۇلۇپ سالمايلا ماڭاتتى،مەن ئاستا ئۆيىگە كىرىپ ھېلىقى ياغلىققا چىگىگلىك قۇرئاننى ئاچتىم،راستىنلا قۇرئاننىڭ ئىچىدە بىر سىقىم ئاپئاق چاچ تۇراتتى،مەن چاچنى ئېلىپلا يانجۇقۇمغا سالدىم دە قۇرئاننى ئەسلىدىكى ئورنىغا قۇيۇپ،چىقىپ كەتتىم.2000-يىلى11-ئاينىڭ15-كۈنى چارشەنبە››

‹‹تۈنۈگۈن كەچ مەن ھېلىقى سۆگەتنىڭ قېشىدا ھېلىقى قىزنى ساقلىدىم،ئۇ خۇفتەمدىن كېيىن قېشىمدا پەيدابولدى.مەن يانجۇقۇمدىن چاچنى ئېلىپ ئۇنىڭغا تەڭلىدىم،ئۇ ئېلىشقا تەمشىلىۋىدى مەن ئۇنىڭغا

-ئاللاھ نامىدىن قەسەم قىلغىن،ماڭا زىيانكەشلىك قىلمىغىن،ماڭا ھېچ نىمە كىرەك ئەمەس،ماڭا خاتىرجەم تۇرمۇش كىرەك،بۇلامدۇ؟

-ساڭا قەسەم قىلىپ بىرەي،ئىككىنجىلەپ ئىنساللار دۇنياسىغا قەدەم باسمايمەن.

مەن چاچنى ئۇنىڭ قۇلىغاتۇتقۇزدۇم،تۇيۇقسىز بىر چىقىرغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇ يوقاپ كەتتى،يۈرۈگۈم توختىماي سوقۇۋاتىدۇ.ئورنۇمدا بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن يۈرۈگۈم خېلى جايىغا چۈشۈپ قالدى.

يىنىك قەدەملەر بىلەن ئۆيگەكىرىپ ئۇخلاپ قالدىم،ئۇ چۈشۈمگە كىردى

-رەخمەت ساڭا،مەن قىلغان ياخشىلىقىڭنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن.

-خالىغان ۋاقىتتا مەن سىنىئىزدەپ كىلىپ ياخشىلىقىڭغا جاۋاب قايتۇرىمەن

دەپ قويۇپلا يوقاپكەتتى.2000-يىلى11-ئاينىڭ16-كۈنى پەيشەنبە››


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-13 05:59 PM  


ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulqinay + 100 ياخشى جىن چىقىپ قالسۇ.
gamken + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
rivayat1986 + 300 ئارانما ؟ قىنى ئاخىرى .
barquk8 + 100 ئەجرىڭىزگە رەھمەت

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 600   باھا خاتىرىسى

ۋەتىنىڭنى سۆي،مىللىتىڭىنى سۆي،بىرلىك غەلبە،بىز ئىتتىپاقلاشساقلا ئاخىرقى غەلبە بىزگە مەنسۇپ،كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ھۇررا!!!

بىز ھەممىمىز قايتقۇچىلارمىز !!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12341
يازما سانى: 850
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11196
تۆھپە نۇمۇرى: 1449
توردا: 637 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 06:10:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرىنجى قىسىمىنى ئوقۇپ بولغان ئىككىنجى قىسىمىنى يامان تەستە يوللىدىڭىز جۇمۇ ....

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 622
يازما سانى: 1775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17081
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 10405 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 06:21:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە ئاخىرى بارمۇ يوق  ،بولسا ئاخىرىغا تەشنامەن

ھاياتتا ئىككى يول بار: بىرى، تەن ئۈچۈن ياشاش؛ يەنە بىرى، روھ ئۈچۈن ياشاش. ئەگەر، تەن ئۈچۈن ياشىسا، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تەن شادلىقى تولىمۇ ئاجىز-زەئىپ كېلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ ئاجىزلاپ بارىدۇ، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەكسىچە، مۇبادا، روھ-م

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77782
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3224
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2012-3-22
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 06:21:12 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Way ahiri bamuya?muxuning bilan tugidimu?

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66058
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1793
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 897 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 06:26:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يانا بامۇ يا ؟

ھىچكىمنىڭ ھىچكى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11987
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9275
تۆھپە نۇمۇرى: 441
توردا: 1026 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 06:28:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى بارمۇ .بۇنداقلا تۈگىتىپ قويماڭ جۇمۇ  ..

ۋەتەن ساتقان خائىنلارنى تۇپراقمۇ ئۆز قوينىغا ئالمايدۇ............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60874
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3352
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 06:37:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداقلا تۈگەپ كەتمىگەندۇبۇنچىلىك ئاز يەرنى ھەدەمگە دەپ بەرسەم ئۇخلاتمايدۇ ئۇ،مۇشۇنچىلىك يەرنىلا يېزىپ يوللاپتىمۇ دەپ خەپ

داۋامىنى تېزراق يوللىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن،ناھايتى زور ئۈمۈت بىلەن ئولتۇرغان،ئىككى كۈننىڭ ياقى يازمىغاندىكىن چوقۇم تۇللۇق يوللايدۇ دەپ.

تەڭ ئىككىمىز تەڭرى ئالدىدا، ۋە لېكىن تەڭ ئەمەس دەۋىر ئالدىدا. كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن، ئاخىرى تەڭ بولىمىز قەبرە ئالدىدا.

بەخىت دىگەن نېمە؟

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48304
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4404
تۆھپە نۇمۇرى: 485
توردا: 935 سائەت
تىزىم: 2011-7-18
ئاخىرقى: 2012-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 06:41:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە داۋامىچۇ؟ مۇشۇنداقلا تۇگەپ كەتمىگەندۇ؟

مەن  سۆيۈملۈك ئاچامدىن پەخىرلىنمەن. ئاچام بولغاچقىلا دۇنيادا ياشغۇم كېلدۇ، ئى اللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ -ئىمان، ھىدايەت نۇرى ئاتا قىلغايسەن. ئامىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80163
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3253
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2012-5-15
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 06:49:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈگىدى...؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28813
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5390
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2011-2-2
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 06:53:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    بۇنداقلا تۈگەپ كەتمەس؟

‹زىمىن نەپەسلەنسە بىزمۇ ياشايمىز، زىمىن نەپەستىن توختىسا بىزمۇ ھالاك بولىمىز...›
      __ جىبران خېلىل جىبران
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش