«خاسىيەتلىك ياڭيۇ» فىلىمى توغرىسىدا
(بۇ فىلىمنى تەڭرىتاع كىنو سىتودىيىسى 1999-يىلى ئىشلىگەن) سىنارىست- حۇاڭ دەن. رىژىسۇر-جىن لىنى. ئاساسلىق روللاردا:-نازىل، ئەبىجان، لى توڭيى، گۇلزار تۆمۇر قاتارلىقلار فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن گۇلنار، ئەنىۋەر ۋە قازاق مىللىتىدىن ئوغۇل ئادىن، خەنزۇ بالا دەندەنلەر ئۇشتۇمتۇت بىر خىسلەتلىك ياڭيۇنى كۆرۈپ قالىدۇ. ئۇلار بىرلەشمە ئىكىسپىدسىيە ئەتىرتىنى تەشكىللەپ، بۇ ياڭيۇنىڭ چىقىدىغان جايىنى تىپىپ، ياڭيۇنىڭ ناحشا ئىيتالىشىدىكى ئىلمىي سىرنى ئىچىش قارارىغا كىلىدۇ.ئۇلار يەر يۈزى تۇزۇلىشى ئالاھىدە بولعان تۇرپانغا يولعا چىقىپ،بىپايان گۇزەل قازاق يايلىقىدىن ئۆتىدۇ. سەپەر جەريانىدا قەدىمىي قەلئەدە تۇنەيدۇ. زەھەرلىك چايانلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرايدۇ. مىڭبىر جاپا-مۇشەققەت تارتىپ، قىيا تاشلاردىن ئۆتىدۇ. بۆرىلەر بىلەن ئىلىشىدۇ. ئاخىرى ھەر مىللەت ئۆسمۇرلىرىدىن تەشكىللەنگەن بۇ ئىكىسپىدسىيە ئەتىرتى ياڭيۇنىڭ ناحشا ئىيتالىشىدىكى سىرنى تىپىپ چىقىپ، يىپيىڭى بىر ئىلىم-پەن دۇنياسىنى كۆرىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ ئۆگىنىش، ئىجات قىلىش جەھەتتىكى تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن فىلىم بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ بىر قىتىم كۆرىشىگە ئەرزىيدۇ. يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئىلى 2012-يىلى 13-ئاۋغۇست يىزىلدى. قەشقەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-13 04:15 PM
|