مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2937|ئىنكاس: 26

ئەقىللىق ئانىنىڭ نەسىھىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14593
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1531 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 02:37:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەزكۇر يازما تاتار ئالىمى رىزائىددىن ئىبنى فەخرىددىننىڭ <<ئىلمى ئەخلاق>> ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. بۇ كىتابنى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2006-يىلى8-ئايدا نەشر قىلغان. بىلدۈر تورىنىڭ تورداشلارغا سوۋغىتى


ئەقىللىق ئانىنىڭ نەسىھىتى

ئەقىللىق بىر ئانا قىزىنى ئەرگە بەرگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكىچە نەسىھەت قىلغان ئىكەن:

-ھەي قىزىم، بۈگۈندىن باشلاپ بىزنىڭ قولىمىزدىن كەتتىڭ. باشقا بىر ئادەمگە يارۇ ھەمراھ بولدۇڭ. سەن ئۈچۈن بەخت-ئامەت تىلىگۈچى ئاناڭ تەرىپىدىن سۆزلەنگەن ئۇشبۇ نەسىھەتلەرنى ئېسىڭدە مەھكەم تۇتقايسەن ۋە مۇمكىن بولغاندا پايدىلىنارسەن.

قىزىم، ئېرىڭ دۇنيا سەپىرىدە ساڭا ھەمراھ، قايغۇدا بىللە قايغۇرغۇچى، شادلىقتا بىلە شادلانغۇچى ھەمراھ بولۇش ئۈمۈدى بىلەن سېنى قۇبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئۈمىدىنى ئەسلا يەردە قويمىغايسەن، ئۇ ھەرۋاقىت سەندىن رازى بولۇپ ياشىسۇن.

قىزىم، تېز كۈنلەردە ئائىلە قۇرۇشقا كىرىشىسەن، ئائىلە قۇرۇشتا ئېتىبارغا ئېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەر بار. ئېرىڭنىڭ يېقىنلىرىنى، بولۇپمۇ قېيناناڭ، قېيناتاڭنى ھۆرمەت قىل. ئۇلارنى ئۆز ئاناڭ، ئۆز ئاتاڭدەك كۆر، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى تۇغقانلىرىڭ ھېسابلا، قېينانا-قېيناتاڭنىڭ نەسىھەتلىرىگە ئەمەل قىل. مۇشۇ يېڭى تۇغقانلىرىڭنىڭ مىجەز-خۇلقىنى بىلىۋال ۋە شۇنىڭغا قاراپ مۇئامىلە قىل، ئۇلار بىلەن يامانلىشىپ قېلىشتىن ساقلان، چۈنكى بۇنىڭ ئېغىرلىقى ئېرىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ. سەندىن ئۆتسە يېقىنلىرىڭنىڭ كۆڭلىدە قالار، ئۇلاردىن ئۆتسە سەندىن قىزغىنار. بۇنىڭ قايغۇسى بىلەن ئېرىڭ تاماقتىن قالار ۋە ئاخىر كېسەل بولۇپ قالار. ئەرلەر ئۆز كەسپىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن كۆڭلىنىڭ شاد، تىنىچ بولۇشىغا مۇھتاج. ئائىلىدە ئازىراق قايغۇ بولسا، ئۇلارنىڭ كەسپىگە تەسىر يېتەر.

قىزىم، ئېرىڭدىن ھېچقانداق سىرىڭنى يوشۇرما. ئېرىڭدىن باشقا بىرىگە سىر ئېيتما. باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېرىڭگە قارشى گەپ قىلما، چىرايىڭنى تۈرمە. ئەرلەر خوتۇنى تەرىپىدىن بولغان ئەڭ زور كەمچىلىكلەرنى كەچۈرەلەيدۇ. ئەمما باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئازىراقلا نەرسىنىمۇ ئىچىگە سىغدۇرالمايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە خىلاپ ئىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ھەقتە ئۇلار ئەيىبلىك ئەمەس. ئەگەر يارىماس ئادىتى بولسا، ئۇنى تۈزۈتۈش ئۈچۈن كۆڭلىنى ئاغرىتماستىن ئىش تۇت. قىزىم، ئېرىڭ ياقتۇرمىغان ئىشلاردىن، كۆڭلىگە كېلىدىغان ئادەتلەردىن يىراق بول. ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئىشلارنى قىلما. ئېرىڭنىڭ مېلىنى ئاسىراپ تۇت، ئىسراپ قىلما.

قىزىم، ئۆيۈڭ رەتلىك، ھەر نەرسە ئۆز جايىدا بولسۇن، بالىلىرىڭنى ئېرىڭگە ئامراق، ئېرىڭنى بالىلىرىڭغا كۆيۈمچان قىلىشقا تىرىش. ئاتىلارنىڭ بالىلار بىلەن ئۆزىنى خۇش قىلىشى ئۇلار بىلەن بىللە بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. بالىلىرىنى سۆيىدىغان ئەرلەر كۆپ ھاللاردا ئىنساپلىق بولىدۇ ۋە بالىلىرى بىلەن ئۆزىنى خۇشال قىلىپ باشقا مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرگە كۆز سالمايدۇ.

قىزىم، بۇ ئېيتقان سۆزلىرىمنى بەجا كەلتۈرۈش ئەقىللىق، تەدبىرلىك خوتۇنلار ئۈچۈن ئېغىر ئىش ئەمەس. ئەقىللىق خوتۇنلار كۈچلۈكلەر كۈچى بىلەنمۇ قىلالمىغان ئىشلارنى ئۆز ئەقلىگە تايىنىپ قىلالايدۇ. قىزىم، بەزى ۋاقىتتا ئەرلەر خوتۇنلىرىغا نىسبەتەن تۆۋەن كۆرۈش خاھىشىدا بولىدۇ. دەل شۇ چاغدا مۇشۇ ۋاقىتنى پۇرسەت بىلىپ، ئۇنىڭ ئەيىبلىرى ھەققىدە ئازىراق سۆزلە.

قىزىم، ئائىلە ھەرۋاقىت نېمەت ئەمەس، بەزى چاغلاردا زەھىرى، تىكىنى بولىدۇ. ئېرىڭ بىلەن ئاراڭغا سوغوقچىلىق چۈشسە، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن سۆزلە، قىزىرىشما؛ چىرايىڭنى ۋە ئاۋازىڭنى ئۆزگەرتمە، ھۆرمەت قىل، ئۇ ھەرقانچە ئاچچىقلانسىمۇ قارشى سۆز قىلما. ئەڭ ياخشى خوتۇن ئەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ، ئاچچىقىغا ھاي بەرگەن خوتۇندۇر.

قىزىم، بالاڭ بولسا ئۇلارنىڭ تېنىنى ئاسرا، مەكتەپكە بارغۇچە ئەقلىي جەھەتتىن تەربىيە قىل، ياخشى قىلىقلارغا ئادەتلەندۈر.

ئاياللار توغرۇلۇق ئۇلۇغلارنىڭ ھېكمەتلىرى

‘           ئىنسانلار دۇنياسىنى تۈزەتمەك زۆرۈر بولسا، ئەڭ ئاۋۋال ئائىلىلەرنى گۈزەل خۇلققا ئىگە قىلىش بىلەن

تۈزىتىڭلار، ئائىلە تۈزەلگەندىن كېيىن دۇنيا تۈزىلەر.

‘           بىر كىشى ئۆي سېتىپ پۇلىغا شۇنداق بىر ئۆي ئالمىسا، پۇلىنىڭ بەركىتى بولماس.

‘           ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە مەرھەمەت ۋە مۇھەببەت نەزىرى بىلەن قارىسا، بىر-بىرىگە مۇھەببەت ئىزھار

قىلىشسا، پۈتكۈل گۇناھلىرى بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدىن تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.

ئاياللارغا ئەڭ قىممەتلىك كىشى ئۆزىنىڭ ئېرى، ئەرلەرنىڭ قىممەتلىك كىشىسى ئانىسىدۇر.


ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 03:12:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
          بىر ئانىنىڭ، ياتلىق بولۇش ئالدىدا تۇرغان قىزىغا قىلغان نەسىھىتى

يىگىت چوڭ بولسا ئۆيلىنىدۇ، قىز چوڭ بولسا ياتلىق بولىدۇ. بۇ ئەلمىساقتىن بېرى داۋاملىشىىپ كېلىۋاتقان قائىدە. قىزلېرىمىز ياتلىق بولۇپ
«يىگىت چوڭ بولسا ئۆيلىنىدۇ، قىز چوڭ بولسا ياتلىق بولىدۇ». بۇ ئەلمىساقتىن بېرى داۋاملىشىىپ كېلىۋاتقان قائىدە. قىزلېرىمىز ياتلىق بولۇپ بارغاندىن كېيىن، شۇ ئائىلىدىكى مۇھىتقا كۆنۈپ، تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنى لايىقىدا ئېلىپ كېتەلەمدۇ يۇق؟ بۇ، قىز ياتلىق قىلىدىغان بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ ئورتاق غېمى.
قىزىم، خاپا بولۇپ قالغان چېغىڭىزدا ئېرىڭىزغا گەپ قىلمىسىڭىز قىلماڭكى، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن ھەرگىز سوقۇشماڭ؛ ئېرىڭىزغا مېھرىبان بولۇڭ، ئۇ سىزگە بىر قەدەم يېقىنلاشسا، سىز ئۇنىڭغا ئىككى قەدەم يېقىنلىشىڭ؛
ئۆي دېگەن ئايال كىشىنىڭ قوماندانلىق ئىشتابى، شۇڭا مەيلى قانداق ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئينەزەر، ئۆيىڭىزدىن ئايرىلماڭ. چۈنكى سىزنىڭ چىقىپ كېتىشىڭىز ئاسان بولغان بىلەن، قايتىپ كىرمىكىڭىز تەس؛ بىللە ئۆي تۈتقان ئىكەنسىلەر، دائىم ئابرويىڭلارنى دەپ كىچىككىنە ئىشلاردا چىڭ تۇرۇۋالماڭلار. چۈنكى ئائىلەڭلەردە يۈز-ئابرويىڭلار سىلەرگە نىسبەتەن شۇنچە مۇھىم بولسا، ئۇنداقتا سىلەر سىرتتا قانداق ياشايسىلەر؟
  ئەر كىشىنىڭ پۇلى قانچىلىك كۆپ، مەرتىۋىسى قانچىلىك يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ يەنىلا خوتۇنىنىڭ پاكىز، رەتلىك ۋە مۇلايىم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ خىزمەتتە مەيلى قانچە ئالدىراش بۇلۇڭ، ئۆينىڭ ئىشىنى چوقۇم قىلىشىڭىز، قىلغاندىمۇ ياخشى قىلىشىڭىز، بالىنىمۇ ياخشى تەربىيەلىشىڭىز كېرەك؛ ئېرىڭىز سىز ئويلاپ باقمىغان بىرەر ئىش بىلەن سىزنى خۇشال قىلسا، ئۇنى ماختاشنى ئۇنتۇماڭ، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۇنى مازاق قىلىدىغان، غورورىغا تىگىدىغان سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىڭ؛
  قارىشىڭىزنى، نېمە ئويلاۋاتقانلىقىڭىزنى دېمىسىڭىز، ئۇنى كىم پەرەز قىلالايدۇ؟ شۇڭا قانداق ھېسىياتتا بولۇۋاتقانلىقىڭىزنى ياكى نېمىدىن بىزار بولۇۋاتقانلىقىڭىزنى ۋاقتىدا ئۇنىڭغا ئېيتىڭ، شۇندىلا ئۇ سىزنى چۈشىنىدۇ؛
  ئېرىڭىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوخشاشلا سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلمىغان تەقدىردىمۇ، سىز ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ؛
  ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتۈشنى قارار قىلغان ئىكەنسىز، ئېغىر كۈنلەردە ۋايسىماڭ. سىز ئۇنى تاللىغان ئىكەنسىز، ئۇنىڭدىن ئاغرىنماڭ؛ بۇ ئۆمرىمىزدە قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، بەختلىك، خاتىرجەم ئۆتسەكلا شۇ كۇپايە؛ بالىنى «سېنى تاشلاپ كېتىمەن» دەپ قورقۇتماڭ، خاپا بولۇپ قالغان چېغىڭىزدا ئۇنى ئۆيدىن قوغلىماڭ. چۈنكى بالىدا ھېچ گۇناھ يوق. ئەگەر بالىڭىز راستتىنلا يوقاپ كەتسە، تاغدەك دۇنيامۇ ئازابىڭىزغا دورا بولالمايدۇ؛ بالىنى ھەرگىز ئۇرماڭ، دوستلىرى ياكى ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا تەنبىھ بەرمەڭ؛

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .
foormat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 03:15:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

تىرىشىمەن ...

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 2233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10071
تۆھپە نۇمۇرى: 705
توردا: 7797 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 03:22:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋېلىشقا تىگشلىك سۆزلەركەن

ماڭماي تۇرۇپ ماڭالمايمەن دىمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83421
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3072
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-8-4
ئاخىرقى: 2012-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 03:32:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى ئانىلارمۇ مۇشۇنداق تەربىيە قىلارمۇ قىزلىرىغا ،

ئىتقات ،بىلىم ۋە پۇل ئىنساننى خارلىقتىن ساقلايدۇ

سۆز ئاغزىڭدىن چى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12337
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8602
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 454 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2014-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 03:55:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق نەسىھەت قىلىدىغانلىرىمۇ بار دۇر  بەلكىم .

ئادەم ئىمانى بىلەن ئادەم .....

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82799
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3691
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 04:33:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى بىر قىسىم ئانىلارمۇ شۇنچىلىك تەربىيە قىلالىغان بولسا ...

رۇجەكتىن يىراقلارغا قارا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 1113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14183
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 540 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 04:45:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي تاڭەي ھازىرمۇ شۇندا تەربىيە قىلدىغان ئانىلىرىمىز نەچچىلىكتۇ ،

تۈنۈگۈنگە ئۆكۈنمە-بۈگۈننى چىڭ تۇت-ئەتىنى قەدىرلە

تىېنىڭ بىر ئات ،

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66749
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3081
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2011-11-24
ئاخىرقى: 2012-9-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 05:10:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە ھازىرمۇ بۇنداق ئانىلار با......................ئۇنداق ئۈمىدسىزلىنىپ كەتمەيلى.................

ھاياتتا بەختلىك ياشايمەن دىسەڭ ،گۈززەللىك ئىزدىمەي خۇشلۇق ئزدە .سىنى خۇش قىلغان نەرسىنىڭ ھەممىسى گۈزەل .ۋاھالەنكى گۈزەللىكنىڭ ھەممىسى خۇشلۇق بولىۋەرمەيدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82525
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3526
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 147 سائەت
تىزىم: 2012-7-5
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 05:12:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توي قىلىش يىشىدىكى قىزلىرىمىز كۆرۈشكە تىگىشلىك ،تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە تېما ئىكەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش