مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1179|ئىنكاس: 13

خەير- خوش ئۇستاز، ئامان بولۇڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80765
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4978
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2012-5-29
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 01:33:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خەير- خوش ئۇستاز، ئامان بولۇڭ

ئابدۇقادىر مۇھەممەت ئىمىن

__خەير-خوش ئىنىم ئامان بولۇڭ .

__خەير ئۇستاز ،سىزمۇ ئامان بولۇڭ ؛يولدا ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ .

  قىسقىغىنە ئىككى ئېغىز سۆز،ئاددىيلا قول ئېلىشىشتىن كىيىن ئۇ تاكسىغا قاراپ ئالدىراپ يۈگۈردى .مەنمۇ ئاستا ئارقامغا بۇرۇلدۇم .

  شۇنداق ،تۇنىشىشىمىز قانچىلىك تاسادىبىي بولغان بولسا ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىشىممۇ شۇنچىلىك تاسادىبىي ھەم جىددىي بولدى.

  شۇنداق ،ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم .تۇنۇشقىنىمىزغا تېخى بىر ئايمۇ بولمىغان لېكىن مىنىڭ يۇقالغان ئىشەنچىمنى ،سۇسلاشقان جاسارىتىمنى ئۆزۈمگە قايتۇرۇپ كىلىشىمگە تۈرتكە بولغان روھىي تۈۋرۈكىمدىن ۋاختىنچە ئايرىلدىم .راستىنى ئېيتسام ئۇنى پەقەت كەتكۈزگۈم يوق،ھېچ بولمىسا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەتكۈم ،ئۇنىڭ يېنىدا ئۇزاقراق تۇرغۇم بار . لېكىن بۇ مۇمكىنمۇ؟ ئۇنىڭمۇ ئۆز ئائىلىسى ،شەخسىي تۇرمۇشى بار تۇرسا.

  2ئاي ،ساناقلىقلا 50نەچچە كۈن ،لېكىن بۇ مىنىڭ 2يىللىق گاڭگىراشلىرىمنىڭ ئاخىرلىشىشى ،يۇقالغان ئىشەنچىمنىڭ قايتىپ كىلىشى.

  شۇنداق ، بۇندىن 2يىل بۇرۇن دادامدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدىم ، بۇنىڭلىق بىلەن مەن روھىي جەھەتتىن قاتتىق سىناققا دۇچ كەلدىم . «ئادەم دىگەن ھۆل نەرسە ئۆلمەيدىكەن كۆيەككە »دىگەندەك مەنمۇ ھىجران ئازابىدا ئۆرتەندىم ،كۆز ياشلىرىم تاڭشىنىڭ يامغۇر سۇلىرى بىلەن بىرىكىپ تۈگىدى ؛ ئۇغۇ مەيلى ،ئەمما مەندىكى ئىشەنچ ،جاسارەتلەرمۇ شۇ يامغۇرغا غەرق بولغاندەك ، قەلبىمدىكى ئارزۇ ئارمانلىرىم ئەشۇ يامغۇر تامچىلىرىدا يۇيۇلۇپ  كەتكەندەك ئىدى .

   تاڭشىدىن يۇرتۇمغىچە ،يۇرتۇمدىن پايتەخىت شەھەر بېيجىڭغىچە بولغان 3يىللىق مانا شۇنداق دىلىغۇللۇق ،گاڭگىراشلىقتا ئۆتتى .

  گاھىدا ئۈزۈمگە ئىشەنچ تېپىش ئۈچۈن دوست تۇتاتتىم ،دوستلىرىم ئارىسىدىن ئۈزۈمنى ئىزدەيتتىم ،لېكىن ئەپسۇس ،ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئلگىرىكى ئۈزۈمنى تېپىش تۈگۈل ھازىرقى ئۈزۈمنىمۇ يۇقىتاتتىم .گاھىدا ھاراقتىن تەسەللىي ئىزدەپ كەيىپچىلىك دۇنياسىغا سەپەر قىلاتتىم ؛ مەستچىلىكتە ۋارقىراپ –جارقىراپ؛« قېنى سەن ئۆزۈم ؟ قېنى سەن مەندىكى ئىشەنچ ،جاسارەت ؟قېنى سەن مەندىكى لاۋۇلداۋاپ يانغان ئارزۇ- غايىلەر ؟»دەپ ئىلان چىقىراتتىم . ئەپسۇس ،ئىلانلىرىم جاۋاپسىز قالاتتى .يا گاھىدا قىزلار ئارىسىدىن چىن مۇھەببەتنى ،ھەقىقى ھۆيگۈسىنى ئىزلىدىم ،شۇ ئارقلىق ئۈزۈمگە تەسەللىي ئىزلىمەكچى بولدۇم ؛ لېكىن ،ئەقىدىسىز،ۋاپاسىزلار تەرىپىدىن بۇلغانغان ،باھاسى چۈشكەن ،ئەشۇ مۇھەببەتنىڭ ھەقىقى سۆيگۈسى ماڭا نىسىپ بولمىدى .

  ئاخىرى ھەممىگە ئىقرار بولدۇم . ئۆز ئىشەنچىمنىڭ ،جاسارىتىمنىڭ دادام بىلەن بىرگە كەتكەنلىكىگە ،ئۈزۈمنىڭ شۇنچىلىك ئىرادىسىز بۇلۇپ كەتكەنكىكىمگە ،تىرىكلەر ئالىمىدىن ئۆز ئىشەنچىمنى تاپالمايدىغانلىقىمغا تۇلىمۇ مەيۈسلۈك بىلەن بىچارىلەرچە تەن بەردىم .ئىشەنچىمنى باشقىلاردىن ئىزدەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىمغا ئۆكۈنۈپ ئۆكسۈپ يىغلىدىم .ئاخىر مەنمۇ باشقىلاردەك ئىچىپ –چىكىپ كەيىپ –ساپا دۇنياسىغا غەرق بولدۇم .

  بۇرۇنقىدەك ھەممە نەرسىگە قىززىقىش بىلەن قارايدىغان ، تۇرمۇشۇمدىكى ئىشلارنى قەلەمگە ئېلىپ قۇيىدىغان ئادىتىىمنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدىم . غايە ،ئارزۇ-ئارمانلىرىم ئۈستىدە ئويلىنىپ ،تىنمايدىغان ، شۇ نىشان ئۈچۈن تىرىشىپ كىتاپ- ماتىرىيال كۆرىدىغان شۇ ۋاقىتلىرىمنى ياتاقدا ئاغىنىلەر بىلەن قايسى قىز ساۋاقدېشىمىز چىرايلىق  ،قايسى قىزغا كىيىم يارىشدۇ دىگەندەك  پاراڭلارغا سەرپ قىلاتتىم .

كۈنلەر شۇنداق ئۆتمەكتە ئىدى .

  كەيىپ –ساپا دۇنياسىدا يۈرۈپ ئۆزۈمدىن تېخىمۇ يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىمنى ،تىل قابىلىيىتىمنىڭ ،خەنزۇتىلى سەۋىيەمنىڭ بارغانسىرى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى سەزگىنىمدە ئازاپ ۋە پۇشايمان ئىچىدە قاتتىق –قاتتىق ئىڭراشقا باشلىدىم . ئەپسۇس ،كىچىككەن ئىدىم ،مەندە ھەممىنى قايتىدىن باشلىغۇدەك ئىشەنچ ،بالدۇرقى ئارزۇ –ئۈمىد ئۈچۈن تىنمايدىغان جاسارەت قالمىغان ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە دوستلۇرۇمغا بولغان ئادەمگەرچىلىك قەرزى ،ھاراق سورىنىدا قول تۇتۇشۇپ تۇرۇپ بىرىشكەن ۋەدە –قەسەملەر ،ئارىمىزدىكى مەردانىلىك قاتارلىقلار مىنى تۇسۇپ تۇراتتى.

گاھىدا ھەممىنى قايتىدىن باشلاشنى ئويلايتتىميۇ ،لېكىن ،ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە مېڭىشنى يىڭىدىن ئۆگەنگەن بالىدەك يول تاپالماي تەمتىلەيتتىم ،ئۈمىد ۋە ئۈمىدسىزلىك ئارىسىدا گاڭگىرايتتىم .«ئىشەنچىم نەدە سەن ؟»دەپ ئۆكسۈپ –ئۆكسۈپ يىغلايتتىم .

  شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە دوستۇم ،شۇنداقلا ئاغىنەم ماڭا :«يۈرە ئاداش ،مىنىڭ ئىنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچۇم بېيجىڭغا دوكتۇرلۇق ئىمتاھانى بەرگىلى كەپتۇ ،كۆرۈشۈپ كىلەيلى »دىدى .

  «دوكتۇر»تولۇقسىزدىكى ئارزۇيۇم ،شۇنداقلا غايا –نىشانىم ، شۇڭىلاشقىمىكىن بۇ ئۇنۋاندىكى بىلىم ئىگىسى بىلەن كۆرۈشۈشكە ناھايىتى تىزلا ماقۇل بولدۇم .

  يولدا كەچلىكى توپ ئويناپ ھارغىنىمغا قارىماي  ھەممىنىڭ ئالدىدا يۈگۈرۈپ كىتىۋاتاتتىم ،دوستۇمنىڭ :«ھەي ،ئاداش ،ئۇنىڭ كۆرۈشمەكچى بولغان ئادىمى مەن تۇرسام سەن نىمانچە ئالدىرايسەن ؟»دىگەن سۇئالىغا كۈلكە بىلەنلا جاۋاپ قايتۇراتتىم .  

مەنزىلگە يەتتۇق ؛ ئۇ يەنە بىر مۇئەللىم بىلەن  مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىنىڭ كەينى ئىشىكىدە بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن .ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشتۇق .كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قېلىۋاتاتتىم .

«ئاھ خۇدا ،ئادەم دىگەن بىر –بىرىگە شۇنداق ئوخشىغان بارمۇ ؟»دىدىم ئىچىمدە . چۈنكى  ئالدىمدىكى  رەھمەتلىك دادامنىڭ  ئوتتۇز ياشتىكى كۈلۈمسىرەپ  تۇرغان ھالىتى ئىدى .

ئۆزۈمنى چىمدىپ باقتىم ، ئاغرىدى ،قارىغاندا چۈشۈم ئەمەسكەن ؛ ئەمما بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن ؛مەن كىچە- كۈندۈز سېغىنغان تەلەپچان كۆزلەر ، ماڭا ئىشەنچ –جاسارەت بېغىشلايدىغان ئىللىق كۈلۈمسىرەشلەر ،سەممىمىي تىكىلىشلەر...

كۆز ئالدىمدىكى بۇ مۆجىزىدىن نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم .

«ئەسسالامۇ –ئەلەيكۇم ،ئىنىم قانداقراق ئەھۋالىڭىز ؟» دىگەن سۆز ،سىپايىلىق بىلەن تەڭلەنگەن قوللار مىنى خىيال ۋە ھاياجاندىن  رىئاللىققا قايتۇردى .

  ئۇنىڭغا يېنىش –يېنىشلاپ قارىدىم . ئۇ يەنىلا كۈلۈمسىرىگەن پېتى قۇلۇمنى تۇتۇپ تۇراتتى .

مەنمۇ ئۇنىڭ قۇلىنى سىققاچ «توۋا ،دوكتۇر تۇرۇپ  شۇنچىلىك كەمتەر ئىكەن ھە ؟! بىزنىڭ مەكتەپتىكى ئاسپىرانىتلارنىڭ ھالىغا قاراڭ ،قاچان قارىسا قاپاقنى تۈرۈپ ،سۇئال سورىسا كۈتۈپخانىنى كۆرسىتىپ قويغان »دىگەنلەرنى ئويلۇدۇم .يەنە تۇرۇپ دوستۇمنىڭ يولدا كىلىۋاتقاچ :«كۆرسەڭ ئىشەنمەي قالىسەن ،ئۇ شۇنچىلىك كەمتەر »دىگەن گەپلىرىنىڭ راستلىقىغا ئىشەندىم .

تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يېنىدىكى مۇئەللىمنىڭ :«يۈرۈڭلار ئۇكام ،تاماق يىگەچ پاراڭلىشايلى »دىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى .

يولدا كېتىۋاتىمىز.

باشقىچە ھاياجان بىلەن كېتىۋاتىمەن . ئۇ مەن بىلەن ياندىشىپ كېلىۋاتىدۇ . تۇرۇپ –تۇرۇپ مەندىن مەكتىپىم ،ئۆگىنىش توغرۇلۇق ئۇنى –بۇنى سوراپ قۇيىدۇ . مەنمۇ تارتىنماي جاۋاپ بىرىمەن. ئۇنىڭ چىرايىنىڭلا ئەمەس بەلكى  ئېغىر –بېسىق مىجەزىنىڭمۇ  دادامغا نەقەدەر ئوخشايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم . ھاياتتا ئوخشاشلىق نەقەدەر كۆپ ھە!

شۇ تاپتا شۇنچىلىك خۇشال ئىدىم . خۇددى يۈتتۈرگەن نەرسەم قايتىپ كەلگەندەك ،قايغۇ –ھەسرەتلىرىم يىراققا كىتىۋاتقاندەك ئىدىم . تۇيۇقسىز نەدىن كەلگەن جۈرئەتكىن ئۇنىڭ مۈرىسىدىن  قۇلۇمنى ئارتۇلدۇرۇپ ماڭدىم ، ئۇمۇ كۈلۈمسىرەپ قۇيۇپ گىپىنى داۋاملاشتۇردى .

شۇ تاپتا كۆزۈمدە لىق ياش ، كۆز چانىقىمدىن ئېتىلىپ چىقايلا دەپ قالغان ياشلىرىمنى چاچلىرىمنى قايرىغان بۇلۇپ ئاستا سۈرتتۈم .

  ئاشخانا .

  ئۇنىڭ بىلەن يەنىلا يانمۇ –يان . ئۇنىڭ قىسقا ئەمما مەنىلىك سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ ئولتۇرىمەن .

   مەنمۇ دادام بىلەن پاراڭلىشىپ تۈگىتەلمىگەن ،پىكىرلىشىپ ئايىغى چىقمىغان سۇئاللىرىمنى ئۇنىڭدىن سۇراشقا باشلىدىم . ئەلۋەتتە ،سۇئاللىرىم جاۋاپسىز قالمايتتى .ئاددىي  ئەمما مېغىزلىق جاۋاپلار مىنى قايىل قىلاتتى .

   ئاخرلاشمايدىغان زىياپەت يوق دىگەندەك بۇ قىتىملىق ئۇچرىشىشىمىزمۇ مىنىڭ قىيماسلىقىم بىلەن ئاخىرلاشتى . راستىنى دىسەم پەقەتلا كەتكۈم يوق ئىدى . بىراق ئامال يوقتە .

مېڭىش ئالدىدا ئۇنىڭدىن :«مۇئەللىم ،سىلىنى يەنە ئىزدەپ كەلسەم بۇلامدۇ ؟»دەپ سورىسام ،ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ :«ئەلۋەتتە بۇلىدۇ ، سىز ئۈچۈن 24سائەت ئەلا مۇلازىمەت قىلىمەن ،ئىنىم »دىدى؛ بۇ جاۋاپتىن شۇنچە سۈيۈندۈم . چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن پىكىرلىشىپ قانمىغان ،پاراڭلىرىغا تويمىغان ئىدىم .ماڭا خۇددى  گاڭگىرىغان روھىم ئۇنىڭ يېنىدىن ئەسلىگە قايتىدىغاندەك ، يۇقالغان ئىشەنچىم دەل مۇشۇ يەردىكىدەك بىلىنەتتى .

  يولدا كىتىۋېتىپ ئۇنىڭ :«ئىنىم ،سىزدەك خەنزۇتىلى سەۋىيەسى ياخشى (ئەمەلىيەتتى قانچلىك ئىكەنلىكى ئۆزۈمگە ئايان )ئادەم گۆھەر ھىساپلىنىدۇ . تېخىمۇ تىرىشىپ نۇر چېچىڭ ،ھەرگىزمۇ كىرەكسىز چالما بۇلۇپ قالماڭ . » دىگەن گەپلىرى قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلايتتى .( شۇنداق ، مەن گۆھەر ئىدىم ، دادام شۇنداق دىگەن ، تۇلۇقسىز ،تۇلۇق ئوتتۇرىدىكى ئۇستازلىرىممۇ شۇنداق دىگەن ، مەن بىر مەزگىل خېلىلا چاقنىغان ، ئەمما بىر مەھەللىك گاڭگىراشلىرىم مىنى كىرەكسىز چالمىغا ئايلاندۇرۇپ قويغىلى تاس قالدى،ئەمدى بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويماسلىقىم كىرەك .....  )

   مەكتەپكە قايتقاندىن كىيىن خىيالچان بۇلۇپ قالدىم .باشقىلارغا كۆپ گەپ قىلشىنى خالىمايدىغان ،دوستلۇرۇم چاقىرغان سورۇنلارغا بارمايدىغان ،پۇرسەت تاپساملا ئۇنىڭ يېنىغا بېرىشنى ،ئۇنىڭ بىلەن بىردەم ئۇزاقراق پاراڭلىشىشنى، شۇ ئارقىلىق 3يىلىلق گاڭگىراشلىرىمغا خاتىمە بىرىپ ، يۈتكەن ئۆزۈمنى ئىزدەشنى ،دىلىغۇللىقلىرىمنى چۆرىۋېتىشنى ئويلايدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدىم .

  بىر نەچچە قېتىملىق كۆرۈشۈشتىن كىيىن مەندە راستىنلا ئۆزگىرىش يۈز بىرىشكە باشلىدى .

  ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە ساندۇقۇمنىڭ تىگىگە كىرىپ كەتكىلى 2يىلدىن ئاشقان ،تۇپا –چاڭ باسقان شىئېر خاتىرەمنى  قايتىدىن قۇلۇمغا ئالدىم .

  ئۇنىڭ دەۋىتىدە ئېنگىلىزتىلى  ئۆگىنىشكە باشلىدىم .

  قىقىسى ،تۇمان قاپلىۋالغان يوللۇرۇم ئۇنىڭ ياردېمىدە يورىدى ، يۇقالغان ئىشەنچىم قايتىپ كىلىپ بۇرۇنقىدەك ۋاقىتنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدىغان بولدۇم .

  ئاتمۇ مۆدۇرلۈپ كېتىدىغۇ ، خاتالىشىش قورقۇنۇچلۇق ئەمەس ، تۈزىتەلمەسلىك قورقۇنۇچلۇق .

شۇڭا مەنمۇ ئاز –ئازدىن ئەسلىمگە قايتىپ ،ئۆزۈمنى قايتىدىن چاقنىتىشقا ئاتلاندىم .

   كۈنلەر شۇ تەرەققىدە ئۆتمەكتە . مەنمۇ بۇ مەنىلىك كۈنلىرىمدىن مەمنۇن ئىدىم .

   تۇيۇقسىز ئۇ شىنجاڭغا قايتماقچى بولۇپ قالدى.

شۇنچە ئاددىي ، شۇنچە قىسقا خوشلاشتۇق .

يېنىپ –يېنىپ قۇچاقلاشمىدۇق ، ئەمما قەلبىمىدىكى ھۆرمەت ۋە مىننەتدارلىق ئۇنىڭغا ئايان .

   دەبدەبىلىك تىلەكلەرنى تىلەشمىدۇق . ئەمما كۆڭلىمدىكى تىلەكلىرىمنى ، قىيالماسلىقلىرىنى ئۇ ئوبدان بىلىدۇ .

   ئۇ بىكەتكە يول ئالدى ،مەنمۇ مەكتەپ تەرەپكە بۇرۇلدۇم ، ئالدىمدىكى يوللار شۇنچىلىك راۋان ،شۇنچىلىك يۇرۇق ئىدى . مېڭىۋاتقاچ ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم:

ـ ئامان بۇلۇڭ ئۇستازىم ، ئۇلۇغ خۇدا سىزنى ساق- سالامەت مەنزىلگە يىتىشكە نىسىپ قىلغاي .

مەن ۋە ماڭا ئوخشاش گاڭگىراشتا قالغانلار سىزدەك كەمتەر ھەم مۇلايىم يول باشلىغۇچىغا مۇھتاج . ئاللا سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي ، مەنزىلىڭىز راۋان بولغاي ....

2012.5.16بېيجىڭ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-13 01:58 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
musilina + 200 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

قىياس ئۇچۇر تورىغا مەرھەممەت!! www.qiyas.cn  99780397  چ چ توپ نۇمۇرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44955
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5764
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2011-6-19
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 02:38:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەت شەكلىنى تەھرىرلەپ قويساڭلار بوپتىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78095
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3550
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2013-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 10:53:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەت شەكلىنى تەھرىرلەپ قۇيۇڭلار باشقۇرغۇچىلار

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12725
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31729
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4657 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 12:38:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پاتقان ۋاقىتتا،ئۇنىڭغا ئۈمىد،ئىشەنچ ئاتا قىلىپ ،چىقىش يولى كۆرسەتكەن كىشى - چاقناپ تۇرغان قۇياشقا ئوخشايدۇ....

ئادەم ئۆزىگە  ئىشەنچ باغلىغاندىلا،ھاياتقا كۈلۈپ باقالايدۇ.....

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-13 12:39 PM  


مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57398
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5498
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2011-9-21
ئاخىرقى: 2013-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 01:40:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ كومپىيۇتىرمدا مەسلە بارمۇ يا ، تىما شۇنداقمۇ خەت شەكلى نورمال ئەمەسقۇ !!!

ھويلامىنى بىزەپ قويدۇم.كۈرۈپ بىقىڭلار (كۈلگەن  چىراي ئىپادىسى )

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2574
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 09:24:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋاملىق يوللاپ تۇراسىز

Made in Answer

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80765
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4978
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2012-5-29
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 08:53:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ANSWER يوللىغان ۋاقتى  2012-8-13 09:24 PM
داۋاملىق يوللاپ تۇراسىز

ياخشى تۇرۋاتامسىز ؟ ئۇزۇن بولدى كۆرمىدىم ، نىمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش ؟ سالامەت تۇرىۋاتامسىز ؟

قىياس ئۇچۇر تورىغا مەرھەممەت!! www.qiyas.cn  99780397  چ چ توپ نۇمۇرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82709
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3060
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2013-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 09:17:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاداش،مېنىڭمۇ سىزدەك بىر ئۇستازىم بولغان ،ئوقۇۋېتىپ كۆزۈمگە ياشلار كەلدى،مەنمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلغىلى نەچچە يىل بوپتۇ ،ئاشۇ مۇئەللىم بولغاچقا ئىچكىرگە كىلىپ ئوقۇشقا پۇرسەت بولغان ئىدى،ھەر يىلى يوقلاپ تۇرىمەن .ئاشۇ ئۇلۇغ ئۇستازلار قەلبىمىزدە ھەرۋاقىت يېبىمىزدا بىزنىڭ قىلالايدىغنىمىز ئۇلارنىڭ ئەجرىنى يەردە قويماسلىق.تېرىشايلى ئاداش!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82709
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3060
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2013-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 09:17:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاداش،مېنىڭمۇ سىزدەك بىر ئۇستازىم بولغان ،ئوقۇۋېتىپ كۆزۈمگە ياشلار كەلدى،مەنمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلغىلى نەچچە يىل بوپتۇ ،ئاشۇ مۇئەللىم بولغاچقا ئىچكىرگە كىلىپ ئوقۇشقا پۇرسەت بولغان ئىدى،ھەر يىلى يوقلاپ تۇرىمەن .ئاشۇ ئۇلۇغ ئۇستازلار قەلبىمىزدە ھەرۋاقىت يېبىمىزدا بىزنىڭ قىلالايدىغنىمىز ئۇلارنىڭ ئەجرىنى يەردە قويماسلىق.تېرىشايلى ئاداش!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82709
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3060
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2013-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 09:17:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاداش،مېنىڭمۇ سىزدەك بىر ئۇستازىم بولغان ،ئوقۇۋېتىپ كۆزۈمگە ياشلار كەلدى،مەنمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلغىلى نەچچە يىل بوپتۇ ،ئاشۇ مۇئەللىم بولغاچقا ئىچكىرگە كىلىپ ئوقۇشقا پۇرسەت بولغان ئىدى،ھەر يىلى يوقلاپ تۇرىمەن .ئاشۇ ئۇلۇغ ئۇستازلار قەلبىمىزدە ھەرۋاقىت يېبىمىزدا بىزنىڭ قىلالايدىغنىمىز ئۇلارنىڭ ئەجرىنى يەردە قويماسلىق.تېرىشايلى ئاداش!(كەچۈرۈڭلار تور سۈرئېتى ئاستا بوپقېلىپ جىق چىكىپ ساپتىمەن) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   OMAK7 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-8 09:23 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش