پەرزەنىتلەرگە 39 تەكلىپ (سىز قانچىنى قىلالىدىڭىز ؟)
ئابدۇقادىر مۇھەممەتئىمىن
قايسى كۈنى چ چ بوشلۇقۇمنى رەتلەۋېتىپ بىر دوستۇمنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىن بۇيازمىنى كۆرۈپ ياراپ قېلىپ كۆچۈرۈۋالغان ئىدىم .
گەرچە بەزى كۆز قاراشلار ،تەكلىپ –پىكىرلەر بىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىمىزگە ئۇيغۇن بولمىسىمۇ لېكىن كۆپ قىسمى يەنىلا بىزنى ئويغا سالىدۇ . شۇڭا بۇ39تەلەپنى كۆپچىلىككە سۇندۇم .
سەۋىيەم چەكلىك ، تىل بايلىقىم كەمچىل بولغانلىق تۈپەيلى يىتەرسىزلىكلەردىن خالىي بۇلالمىدى .كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپ ــ پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى سورايمەن .
ـــــــــ تەرجىماندىن
1.ئاتا -ئانىڭىزنى قەرەللىك ۋاقىت ئىچىدە دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇڭ .
2.ئاتا –ئانىڭزنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىنى ئۈزۈپ قويماڭ .
3.ئۇلارنىڭ ياش ۋاقتىدىكى ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىڭ .
4.ئۇلارغا ھەمراھ بۇلۇپ ساياھەت رايۇنلىرىنى ئارىلاڭ .
5.ئۇلار بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ دوستلىرىنى يوقلاڭ .
6.پات- پات رەسىمگە تارتىپ قۇيۇڭ .
7.ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۈگىنىۋېلىڭ .
8.ئۇلار بىلەن سەپەرگە چىقىڭ .
9.ئۇلارنىڭ يازغان قىسقا ئۇچۇرىغا ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇڭ .
10.ھەراھىيىڭىزنى ئېلىپ ئۇلارنى يوقلاپ تۇرۇڭ .
11.ئۇلائۈچۈن تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ بىرىڭ .
12.ئۆز قۇلىڭىز بىلەن ئۇلارغا تاماق ئىتىپ بىرىڭ .
13.ئۇلارنىڭ كۆڭۈل تۈگۈنلىرىنى يىشىشكە تىرىشىڭ .
14.ھەر ھەپتىدە ئاز بولغاندا بىرقېتىم ئۇلارغا تىلفۇن قىلىپ تۇرۇڭ .
15.سەميىمىلىك بىلەن ئۇلارغا بولغان مۇھەببىتىڭىزنى ئىپادىلەڭ .
16.ئۇلارنىڭ ئامراق تامىقىنى ئىسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ .
17.ئۇلارنىڭ كەچمىشلىرىنى ئەستايىدىللىق نىلەن ئاڭلاڭ .
18.مۇھىم بولغان پائالىيەتلەرگە ئۇلارنىمۇ قاتناشتۇرۇڭ .
19.بايرام ،دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئۇلارغا ھەمراھ بۇلۇڭ .
20.ئەگەر بويتاق بولسا ياخشى جۆرىدىن بىرنى تېپىپ بىرىڭ .
21.ئۇلارنى سىرتقا تاماق يىيىشكە تەكلىپ قىلىڭ .
22.ئۇلاركۆڭلىدە سىزگە بولغان ئىشەنچنى تۇرغۇزۇڭ .
23.ئۇلارنى سىزنىڭ مەكتەپ (شىركەت)لىرىڭىزنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلىڭ .
24.ئۇلارنىڭ ئالدىدا قول-پۇتلىرىڭىزنى شىلتىماڭ .
25.ئاپىڭىزنى ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرۇڭ .
26.ئۇلار ئۈچۈن سۇغۇرتا سېتىۋېلىڭ .
27.ئۇلارغا ھەرگىزمۇ ئاچچىقلانغان ھالىتىڭىزنى كۆرسەتمەڭ .
28.ئۇلارغا ھەمراھ بۇلۇپ بەدەن چېنىقتۇرۇڭ .
29.ئاپىڭىزغا ئازادە كىيىملەرنى ئېلىپ بىرىڭ .
30.ئاتىڭىزغا قاۋۇل كۆرسىتىدىغان كىيىملەرنى ئىلىپ بىرىڭ .
31.ئاتا –ئانىڭىزبىلەن بىللە ناخشا ئېيتىڭ .
32.ئۇلارغا بىر جۈپ ئەرمەك ھايۋان سوۋغا قىلىڭ .
33.ئۇلارغا توردىن پايدىلىنىشنى ئۆگىتىپ قۇيۇڭ .
34.ئۇلارنى ھويلا –ئارامنىڭ مۇھىتىنى لاھىيەلەشكە ئىلھاملاندۇرۇڭ .
35.ئۇلار بىلەن بىللە ئۆينىڭ چوڭ ئىشلىرىنى قىلىڭ .
36.ئۇلارنى كىنو كۈرۈشكە ئاپىرىڭ .
37.ئۇلارنى پات – پات نەۋرىلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈڭ .
38.ئۇلارنىڭ ئىشتىن سىرتقى ھەۋىسىنى قوللاڭ
39.ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ تۇرۇڭ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-13 02:00 AM