كۆيگەن قول
ئابدۇقادىر مۇھەممەت ئىمىن
70نىڭ ئاستا پويىزى ،
قىستا -قىستاڭ ئادەم شۇنچە،
يالغۇزلۇقتا قالدىم مۇڭلىنىپ ،
شۇنچە ئادەم،
كۈلكە پاراڭ .
ئەمما ،
مەن قەيەرگىدۇر قالدىم تاشلىنىپ .
كۈلكە مەندىن يىراق ،
پاراڭلار تاپالماس مىنى ،
قاپلىدى كۆڭۈلنى شۇنچە غېرىپلىق .
***********
تۇيۇقسىزلا كۆزۈم يورۇپ ،
ئۇماق چىراي كۆزگە ئىلىندى ،
بەش -ئالتىدە بارمىكىن يېشى ،
بىر جۈپ بالا ئۆتتى ئالدىمدىن .
قاراپ كەتتىم شۇنچە جانلىنىپ ،
ئەكىس ئىتەر شۇنچە سەبىيلىك .
قۇچىقىمغا ئالغۇم كەلدى .
يېنىشلاپ سۆيگۈم كەلدى .
ئەسكە ئېلىپ سەبىيلىكىمنى ،
گەپكە سېلىپ چۈچۈك تىلنى ،
ئۇزاق -ئۇزاق ئاڭلىغۇم كەلدى .
ئاستا مېڭىپ بارسام قېشىغا ،
خۇدۇكسىراپ يىراققا كەتتى ،
ئۈركىگەندەك ئوۋچىدىن كىيىك .
قېتىپ قالدىم تۇرۇپ ئارقىدىن ،
نىمە سەۋەپ بىلەلمەي پەقەت ،
يوق ئىدى بولمىسا مەندە بىر كىسەل .
مەنمۇ ئۇنىڭ يۇرتدېشى ،
بىر تۇققان قېرىندىشى ،
شۇ ئۇزاق يىراق يولدا ،
ھەم يولداش سەپەردېشى .
شۇ چاغدا كۈزۈم چۈشتى ،
جاراھەتكە تولغان قولغا ،
تاماكا كۆيۈك ئىزى ،
قايناقسۇ ئىزلىرىغا .
كۆزۈمگە لىق ياش كىلىپ ،
يۈرىكىم زار يىغلىدى .
نىمە گۇناھ ،
ئالتە ياشلىق سەبىيدە ،
كىمدۇر شۇنداق باغرى تاش ،
پۇل ئۈچۈن ۋىجدان ساتقان ،
سەبىي بالا دىلىغا ،
چوغ ئازار كۆيۈك ياققان .
ئادەممۇ ؟ يا ئىبلىسمۇ ؟
ۋىجدانىنى ئىت يىگەن .
جاتىمدا تۇرۇپ قالدىم ،
كۆزۈم يەنە شۇ قولدا ،
ياشلىرىم بولۇپ مارجان ،
مۇشتلىرىم ھىم تۈرۈلگەن ،
دىلىمدا ئاچچىق ھەسرەت .
***********
t70نىڭ گۈدەك ئاۋازى ،
مەنزىل قايغا ،سەپەر قاياققا ؟
تىترەر يۈرەك تۇمانلار ئارا ،
ئاخىر بىكەت زادى قەيەردە ؟
2012.8.1
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-13 02:03 AM