پارىخور ئەمەلدارنىڭ ئۆلۈمىگە مەرسىيە
( ساتېرا )
كىتىپ قالدىڭ قىران ياشتا، ئېزىلدى زەپ يۈرەك باشلىق،
ئەمەل-مەنسەپ گۈلۈڭ راسا ئېچىلغاندا پورەك باشلىق،
ئۆلۈمىڭمۇ بولۇپ ئۆتتى مىسالى توي-كورەك باشلىق،
كالا باقماي ساغاتتۇق سۈت، ئىدىڭ ئارقا تىرەك باشلىق،
بولۇر ئەمدى يەنە كىممۇ بىزلەرگە يار-يۆلەك باشلىق؟!
ۋاپات بولغاچ تۇيۇقسىزلا بېرەلمىدۇق ساڭا رېزا ،
ئىلغاپ يۈرمەس ئېكەن نامرات ۋە يا باي دەپ ئەجەل-قازا ،
قىلالىغان قاچان كىملەر شۇ ئەزرائىل بىلەن نىزا !؟
ئېكەن ئادەت : تىرىككە توي ، ئۆلگەنلەرگە ئېچىش ھازا ،
كۆمۈپ قويدۇق مۇسۇبەتتە تىلەپ دۇئا-تىلەك باشلىق.
دۇرۇس خىسلەت ئەمەس ئەسلى، ئۆلۈكنىڭ كەينىدىن سۆزلەش ،
قارا كۈندە قىلىشمۇ سەت قوشاق توقۇپ كۆڭۈلنى غەش ،
مېنىڭدە يوق، بېراق زىنھار تېرىقتەك پايدىنى كۆزلەش،
بېراۋلارغا بېرىپ سانجىق، دىلىغا غۇم-ئازار ئەيلەش ،
تېگىل گەپنى دېگۈم كەلدى، نىيەت يوقتۇر بۆلەك باشلىق.
قەدىر ئەھۋال ئىدى ھالىڭ، نېچۈنكى تېز بېيىپ كەتتىڭ ،
قاچان پۇلغا ھېرىس بولدۇڭ ، ھالال يولدىن قېيىپ كەتتىڭ ،
سېزىك تارتىپ بېسات-ۋەجگە ، دىيانەتتىن ھېيىپ كەتتىڭ ،
مانا تۆت گەز خەسە-گەزمالدىن «كۆڭلەك »مۇ كىيىپ كەتتىڭ ،
بولامدىكەن ئۇ ئالەمدە مالۇ-دۇنيا كېرەك باشلىق؟!
«بىكار » پۇللار كىرىپ تۇردى، گويا سەلدەك تۈمەن كويلاپ،
كۈنۈڭ ئۆتتى قۇرۇپ بەزمە، ھاراق-تانسا ، قىمار قوغلاپ،
كېچەلەرنىڭ پاۋانى بوپ، سەتەڭ ئىزلەپ ، جۇۋان «ئوۋلاپ» ،
ئىشىق-شەھۋەت كوچىسىنى بولۇپ سەۋدا كۈنۈم بويلاپ ،
كەيىپ-ساپا سۈرۈش بىلەن چىقارغان نام ۋەلەك باشلىق.
خىيانەتنى بىلىپ ئەمچەك ، ئۆمۈر بويى شوراپ ئۆتتۈڭ ،
قاچان پارا كېرەركىن دەپ تەمە بىرلە سوراپ ئۆتتۈڭ ،
بالا نەپسىڭ يەنە تويماي ، ئىشىك ياقنى ماراپ ئۆتتۈڭ ،
بېرىپ سوۋغات ، ئەمەل ئۆرلەش ئۈچۈن چېچىڭ تاراپ ئۆتتۈڭ ،
قىلاتتىڭ يوق «توساق»لارنى شۇئان كولاپ ئورەك باشلىق.
ھاراممۇ خوپ ياراشۇركەن، سىڭىپ سۇدەك ئەجەپ ياققان ،
گېلىڭ تويسا كۆزۈڭ تويماي، يۇتۇۋەردىڭ يۇھا-ئوپقان ،
تولا سەمىرىپ قورساق سالدىڭ، يىيىش دېسە ئۆزۈڭ ئاتقان ،
ھەسەت ئىچىرە تۇتار ياقا، سىياقىڭدىن تۇلۇم چاشقان ،
ئەشۇ تۇرقۇڭ ئايال بولساڭ، تۇغاتتىڭ ئۈچكېزەك باشلىق!
سېنىڭ سادىق ئوقۇڭ ئىدۇق ، قايان ئاتساڭ شۇيان چۈشكەن ،
قارا بوياپ ئاپئاق يىپنى، توزاقلارغا كۇلا ئەشكەن ،
كۆزۈڭ چۈشسە كىمنىڭ مالى، ئىككىلەنمەي تېمى تەشكەن ،
تۇتۇپ ھەتتا قىزىنىمۇ ساڭا جابدۇپ كېيىم يەشكەن ،
خەمەكلەرگە نېمە كۈن بار، قۇرۇپ قالدى پىلەك باشلىق !؟...
مەنبە : ئىجادىيەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زامانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-12 11:57 PM