مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3419|ئىنكاس: 21

قەشقەر ئەسكىسار قەلئەسى ۋە قەشقەر يېڭى شەھەر قەلئەسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2113
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10244
تۆھپە نۇمۇرى: 468
توردا: 2715 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2014-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 09:57:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەر ئەسكىسار قەلئەسى ۋە قەشقەر يېڭى شەھەر قەلئەسى



نىياز كېرىم تۆپە ئاتا



    قەدىمكى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئورنى ھازىرقى قەشقەر شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەسكىسار كەنتىنىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ يەر بىلەن ھازىرقى قەشقەر شەھىرى مەركىزىنىڭ ئارلىقى 2.6 كىلومېتىر كېلىدۇ. « ئەسكىسار» دېگەن نام « ئەسكى ھىسار» دىن ئۆزگەرگەن بولۇپ « ئەسكى » دېگەن سۆز « كونا » دېگەن مەنىنى ،  « ھىسار » بولسا « قەلئە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ قەدىمكى شەھەر خارابىسى ئاپتونۇم رايونىمىز بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىنىدىغان ئاسار ئەتىقە ئورۇنلىرىنىڭ بىرى.

     1905- يىلى فىرانسىيىلىك ئارخېلوگ پ.پېللىئوت قەشقەرگە كېلىپ، بۇ قەدىمى شەھەر خارابىسىنى تەكشۈرۈپ، خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان ، بۇ خەرىتىدە كۆرسىتىلىشىچە ، شۇ چاغدىكى كونا شەھەر ئىزىنىڭ ئوتتۇرسىدا –شىمال ۋە غەرىپ تەرىپىدە ئىككى سېپىل قالدۇقى، بۇرجىكىدە كونا شەھەر خارابىسى بار ئىكەن.شىمال تەرەپتىكى سېپىلنىڭ شەرىقتىن غەرىبكە ئۇزۇنلۇقى 287مېتىر ، غەرىب تەرەپتىكى سېپىلنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 215 مېتىر بولۇپ،كۆلىمى تەخمىنەن58 مىڭ 835 كۋادرات مېتىر كېلىدىكەن(83موغا تەڭ ئىكەن) . مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، بۇ دائىرە قەدىمكى شەھەر كۆلىمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگىلا تەڭ  كېلىدىكەن.

      « شىنجاڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» دە شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى سۇلى دۆلىتىنىڭ ۋۇجى شەھىرى كونا شەھەر( بۈگۈنكى قەشقەر شەھىرى) نىڭ جەنۇبىدا ئىكەنلىكى، ئەسكىساردا بۇ قەدىمكى شەھەر خارابىسىنىڭ بارلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئەسكىسارنىڭ 2000يىلدىن ئوشۇق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.« تۈرك ئىنسكوپېدىيىسى» دە بۇ قەلئە توغرىسىدا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «قەدىمكى قەشقەر شەھىرى بۈگۈنكى شەھەردىن كەڭ جاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە كەڭلىكى ئالتە مېتىر، ئېگىزلىكى 12 مېتىر كېلىدىغان بىر سېپىل بىلەن ئورالغانىدى. بۇ يەردە پات – پات بولۇپ تۇرىدىغان يەر تەۋرەشلەردە بۇزۇلغان قەدىمكى شەھەر سۇلتان سەئىدخان بىلەن ئەبۇ بەكرى ئۇرۇشقان مەزگىلدە(1519-1514يىللىرى) پۈتۈنلەي خاراب بولغان. بۈگۈنكى قەشقەر ئەبۇ بەكرى تەرىپىدىن تۈمەن بىلەن قىزىل دەرياسىنىڭ بىرلەشكەن جايىدىكى تىلغ ئوخشاش يەرگە قۇرۇلغان ئىدى.قىرغاقنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي شىمال تەرپى(ئىچكى شەھەر) بۈگۈنكى شەھەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى مەھەللىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»

      «تارىخىي رەشىدى» دە بايان قىلىنىشىچە ، سەئىدخان ھىجىرىيە 920- يىلى (مىلادىيە1514-يىلى) 3-ئايدا سەمەرقەنتتىن قەشقەرگە ھەربىي يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ چاغ بىرزا ئابابەكرى ناھايىتى چوڭ بىر قۇرۇلۇشنى ياسىتىۋاتقان ۋاقىت ئىدى. ئۇ، قەشقەرنىڭ كونا قەلئەسىنى ۋە يېقىن ئەتراپلىرىنى ئاللىبۇرۇن ۋەيران قىلىۋەتكەنىدى. ئۇ سەئىدخاننىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ تۈمەن دەرياسىنىڭ بويىغا يېڭى قەلئە سېلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. ئۇنىڭ كۆلىمى 50 جارىپ( 42مىڭ 950 كۋادرات مېتىر) كېلەتتى. سېپىلنىڭ بەزى جايلىرىنىڭ ئېگىزلىكى 20گەز كېلەتتى. قەلئەنىڭ ھەر بىر بۇرجىكىدە بىردىن راۋاق بولۇپ، راۋاقنىڭ ئايلانمىسى 30 نەچچە گەز كېلەتتى. سېپىل ئۈستىدە تۆت قاتار ئاتلىق ئەسكەر يانداش ماڭالايتتى.

     چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى چيەن لۇڭنىڭ 27- يىلى(1762-يىلى) سەئىدىيە خانلىقىنىڭ سەركەردىسى مىرزا ھەيدەر كوراگان قەشقەردە تۇرغاندا ياساتقان تۆت چوڭ باغنىڭ بىرى بولغان گۈلباغنىڭ ئورنىغا بىر قەلئەنى ئۇيغۇرلار«يۇمىلاق شەھەر» دەپ ئاتاپ كەلدى. بۇ قەلئەنىڭ چۆرىسىنى ئالتە چاقىرىم ئۇزۇنلۇقتىكى سېپىل ئوراپ تۇراتتى. بۇ قەلئە 1827-يىلى جاھانگىر خوجا تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان. داگۇاڭ 8-يىلى (1829-يىلى) چاڭ لىڭ جياڭجۈن بوزغىن( ھازىرقى يېڭى شەھەر) غا بىر قەلئە ياسىتىپ ئۇنى « خۇي ۋۇ ئەن» (قورال كۈچى بىلەن تىنجىتىلغان قەلئە) دەپ ئاتىغان. بۇ قەلئەنى ئۇيغۇرلار« يېڭى شەھەر» دەپ ئاتىغان. بۇ قەلئە پۈتكەندىن كېيىن ، لەينىڭ قەلئەسىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي ۋە مۈلكىي ئەمەلدارلار، ئائىلە-تاۋابىئاتلار، چىرىكلەر ۋە خەنزۇ سودىگەرلەر ئۇ يەرگە كۆچكەن.

يۈملاق شەھەر قەلئەسى داگۇاڭ 18-يىلى (1839-يىلى ) زوھوردىن ھاكىم بەگ تەرىپىدىن غەربىي جەنۇب تەرەپكە كېڭەيتىلىپ، قايتىدىن ياساپ چىقىلغان. كېڭەش مەھكىمىسى قەلئە سىرتىدا قالغاچقا، گۇاڭشۇ 24-يىلى(1899-يىلى) قەلئەنىڭ غەرب تەرىپىگە بىر دەرۋازا ئېچىلىپ ۋە سېپىل سوقۇلۇپ، كېڭەش مەھكىمىسى يۇملاق شەھەر قەلئەسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. بۇ چاغدا قەلئەنىڭ ئايلانمىسى 12.7 چاقىرىم بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈرۈمچى قەلئەسىدىن چوڭ ئىدى. قەلئەنىڭ غەرب تەرىپى ياسىن سەتەڭ قورۇسى( ھازىرقى ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى) ئالدىدىكى كوچىغىچە، شىمال تەرىپى يار باغ كىنوخانىسىغىچە، شەرق تەرىپى تۆشۈك دەرۋازا ۋە قومۇش بازار جامەسىگىچە، جەنۇب تەرىپى ھازىرقى «1- ماي» تىياتىرخانىسىغىچە بولغان.قەلئەنىڭ شەرقى تەرپى كەڭ، غەرب تەرپى تار بولۇپ، ئۇنىڭ يەر كۆلىمى تەخمىنەن تۆت كۇۋادرات كىلومېتىر كېلەتتى. ھېيتگاھ مەيدانى مەركەز قىلىنغان ھازىرقى ئۆستەڭ بويى ۋە ئەنجان رەستىسى شۇ چاغدىكى سودا تىجارىتى مەركەزلەشكەن رايون بولغان.

       يېڭى شەھەر قەلئەسى1829-يىلى سېلىنغان، تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، بۇ قەلئە ئەينى ۋاقىتتا ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە ئەڭ مۇستەھكەم قەلئە بولغان. قەلئە سېپىلى چاسا تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە سوقۇلغان بولۇپ،سېپىلنىڭ ھەر تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن ئىككى چاقىرىم. سېپىل ئۈستىگە ياسالغان قوۋۇقلار ۋە سېپىل سىرتىدىكى خەندەك بۇ شەھەرنىڭ مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەشكىل قىلىدىغان سېغىز توپىدىن خاڭداپ ياسالغان، سېپىلنىڭ قېلىنلىقى 10.68 مېتىر بولۇپ سېپىل ئۈستىدە بىر ئات ھارۋا بىمالال ماڭالايدۇ. سېپىلنىڭ ئېگىزلىكى سېپىل ئاستى كەڭلىكىنىڭ ئىككى ھەسسسىگە باراۋەر كېلىدۇ. سېپىل سىرتىدىكى خەندەكنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلىقى 8.54مېتىر بولۇپ، خەندەك ئىچىدە 1.5 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا سۇ بار. سېپىل خەندەكنىڭ سېپىل تەرەپتىكى قىرغىقىغا سېلىنغان ئوق ئېتىلىدىغان كۇنگۇرلىرى بار 2.1 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تام بولۇپ، بۇ تامدىن بۆسۈپ ئۆتمىسە ، سېپىلغا ھۇجۇم قىلىش ناھايىتى قىيىنغا توختايدۇ.سېپىلنىڭ يۇقىرى تۆپىسىدە بىر دەرۋازا بار، يېڭى شەھەر قەلئەسى سېپىلىنىڭ ئايلانمىسى 4.3 كىلومېتىر. ئەينى ۋاقىتتا مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغان بۇ قەلئە ئەتراپىدا ئون ئورۇندا قاراۋۇل دەرۋازىسى بولۇپ، ئۆتكەن – كۆچكەنلەر قاتتىق تەكشۈرۈلگەن.

شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلەر مۇنبىرى ژورنىلى

مەنبە  : ئەجداد ئۇيغۇر تارىخ تورى
http://ejdad.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=396


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66058
يازما سانى: 373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1891
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1266 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 11:42:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر يوق!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11652
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 12:42:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىدا دىيىلىۋاتقان‹‹ئەسكى ھىسار››يۇمىلاق شەھەر››خارابىللىرى قوغدۇلىدىغان ئورۇن تۇرۇقلۇق،ئەپسۇس ھىچكىم قوغدىمايۋاتىدۇ.يۇقىردا دىيىلگەن ئىككىلى ئورۇنغا ھازىر قالايمىقان قۇرلۇشلار قىلىنىپ تارىخى ئورۇنلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۋەتتى.

سۇمرۇغنىڭ قۇيرىقى بولغىچە خورازنىڭ تاجىسى بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30816
يازما سانى: 427
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8800
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 4802 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 07:33:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zanjir34 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-13 03:55 AM
بىزدىن  كىيىنكى  ئەۋلادلارنىڭ  روھىيتىنى  بىخۇتلاشتۇر ...

جايىدا ئىنكاس بوپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32156
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3365 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 07:39:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكىسار-ئەكسىھىسار دىيلەتتى، پايناپ،ئىت پوقۇلىقى دەپمۇ ئاتىلاتتى،

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78095
يازما سانى: 579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3550
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2013-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 11:11:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79166
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3273
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2012-4-21
ئاخىرقى: 2013-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 12:38:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zanjir34 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-13 03:55 AM
بىزدىن  كىيىنكى  ئەۋلادلارنىڭ  روھىيتىنى  بىخۇتلاشتۇر ...

ئىنكاسنىڭ قاتىلىكەن،ئەگىشىۋالايچۇ........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81329
يازما سانى: 821
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6979
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1214 سائەت
تىزىم: 2012-6-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 01:04:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكىسار قەدىمى شەھرى ------ھازىرقى پەن توچىڭ بۇتخانىسى شۇمۇ ؟

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 4127
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 30687
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 8995 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 01:12:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەدىرلىك مۇنبەرداشلار، ئىلمى مۇنازىرە قىلايلى! گەپ قىلغاندا ئىنكاس يازغاندا ئالدى كەينىمىزگە بېقىپ ،ياخشى ياماننى ئويلىشىپ قىلايلى.‹‹سۆز ئېغىزدىن چىققۇچە ئادەم ئۆزى باشقۇرىدۇ،ئېغىزدىن چىقىپ بولغاندىن كېيىن سۆز ئادەمنى باشقۇرىدۇ››دېگەن ھىكمەت ئىچىگە يوشۇرۇنغان چوڭقۇر مەنانى ئەسلا ئۇنۇتمايلى.بۇ مۇنبەر ئەل ئاغىينىلەر ئىچىشىپ- چېكىشىپ، تاماق يەپ ئولتۇرغان چاغدىكى چاخچاق سورۇنى ئەمەس،بەلكى خەلقارالاشقان مۇنبەر.بەزىلەرنىڭ چىچىپ قويغان پوقتەك سېسىق ئىنكاسلىرىنى ھەممە خالايىق كۆرىدۇ.ئۇ ئارقىلىق مۇنبىرىمىز شەنىگە داغ يېتىدۇ.مۇنبىرىمىزدە بىرسى باشتا  يارامسىز ئىنكاستىن بىرنى يېزىپ سالسا ئاقىۋىتىنى ئويلاشمايلا شۇ ئىنكاسقا ئەگىشىپ قالايمىقان بىلجىرلايدىغان،سۆزلەشنىلا بىلىپ قىلغان سۆزىنىڭ ئۆزىگە قانداق ئاقىبەت كەلتۈرىدىغانلىقنى بىلمەيدىغان ‹‹ئېغىز پالۋانلىرى›،بەكمۇ كۆپ ئىكەن.مەن شۇنى ئ ەسكەرتىپ قوياي.ھەر بىرئەزانىڭ بىزدە ئارخىپى، ئەيپى ئارېسى بار.سىز تورغا تىزىملانغاندا بارلىق ئارخىپلىرىڭىز تېلىگراپ ئىدارىسىغا تاپشۇرۇلغان بولىدۇ.بۇ ماتېريال ئەلۋەتتە قانۇن ئورۇنلىرىدىمۇ بولىدۇ.تور دېگەن مەۋھۇم دۇنيا،باشقىچە ئىسىمدا تىزىملىتىپ كىرىپ ئاغزىمغا كەلگەن ھەرقانداق سۆزنى ئىنكاس قىلىپ يېزىۋەرسەم مېنى ھىچكىم تونۇمايدۇ،قۇتۇلۇپ قالىمەن دەپ خام خىيال قىلماڭ.تور ئادرېسىڭىز ئارقىلىق قايسى ناھىيە ،قايسى شەھەر قايسى يېزا،قايسى كەنىتتىن ئىكەنلىكىڭىز،كىم ئىكەنلىكىڭىزگە قەدەر ھەممىە ئۇچۇرۇڭىز ئارخىپلىشىقلىق، شۇڭا ئىلمى مۇنازىرلىشىڭ،تارىىخقا،سىياسىيغا،مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە تاقىشىدىغان،ۋەتەننىڭ مەنپەتىگە زىيان يېتىدىغان قۇتراتقۇلۇق خاراكتىرىدىكى ئىنكاسلارنى يېزىشتىن قەتئى ساقلىنىڭ.بىز بىرىنچى قېتىم ئىنكاسىڭىزنى يېپىپ قويۇمىز،بۇ بىرىنچى ئاگاھلاندۇرۇش،ئىككىنچى قېتىم ئىنكاسىڭىزنى ئۆچۈرىمىز،بۇ ئككىنچى ئاگاھلاندۇرۇش،ئۈچۈنچى قېتىمدا ئىنكاس يېزىش ھوقۇقىڭىزنى ئېلىپ تاشلايمىز،بۇنىڭدىمۇ تۈزەلمىسىڭىز مىسرانىمدىن قوغلىۋېتىمىز،زىيارەت قىلىشىڭىزنى چەكلەيمىز.شۇڭا ئىنكاستا ھەددىىن ئاشىدىغانلار ئۈچۈن ئاگاھ بېرىش مەقسىدىدە بۇ ئىنكاس يېزىلدى.باياتىن بۇ تېمىدىن ھەددىدىن ئاشقان ئىنكاستىن 4-5نى تازىلىۋەتتىم.ھەممەيلەن دىققەت قىلساق.تازىلانغان ئىنكاسىڭلار ئەخلەتخانىدا بار،‹‹مەن نىمە قىپتمەن›› دەپ كۆك ئۇششۇقلۇق قىلماڭلار يەنە! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-13 01:16 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57398
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5498
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2011-9-21
ئاخىرقى: 2013-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 01:47:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھويلامىنى بىزەپ قويدۇم.كۈرۈپ بىقىڭلار (كۈلگەن  چىراي ئىپادىسى )
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش