مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3394|ئىنكاس: 29

سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81119
يازما سانى: 621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6055
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 334 سائەت
تىزىم: 2012-6-5
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 08:46:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشى

   
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئەڭ قەدىمقى زاماندىن تارتىپ شامان دىنىغا ئېتقات قىلىپ كەلگەندى. بۇ دىن كۆك تەڭرىچىلىك دىنى دەپمۇ ئاتىلىپ.ھونلار دەۋرىدىن تارتىپ (مىلادىدىن بىرنەچچە ئەسىر بۇرۇنلا)مىلادىنىڭxئەسىرگىچە پۈتۈن تۈركى خەلىقلەرنىڭ كۆپ قېسىمى ئېتقات قىلىپ كەلگەن دىن بولغان.
شەرقى ئۇيغۇرلار (ھازىرقى موڭغۇلىيە ۋە ئۇنىڭغا قوشنا بولغان جايلاردا ياشىغان ئۇيغۇرلار)مىلادىنىڭ 8-ئەسىردە ئۇيغۇر- ئۇرخۇن قاغانلىقىنىڭ قاغانى بوگو قاغاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن شامان دىنىدىن چىقىپ مانى دىنىغا ئېتقات قىلىشقا باشلىغان .غەربى ئۇيغۇرلاردىن تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبى(تارىم ۋادىسى)دا ياشىغانلىرى مىلادىنىڭ 1ئەسىردىن باشلاپ شامان دىنىدىن چىقىپ بۇددا دىنىغا ئېتقات قىلىشقا باشلىغان.( بۇددا دىنىنىڭ ياراتقۇچىسى ساكيا مۇنىدىن كىيىن قالسا بۇددا دىنىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان كۇچا كۈسەن خاندانلىقىدىن چىققان كومراجىۋامۇ ئۇيغۇر ئىدى)
مىلادىنىڭ 840-يىلى شەرقى ئۇيغۇرلار غەرىپكە كۆچكەندىن كىيىن قىسقا بىر مۇددەت مانىي ئېتقادىدا قالغان بولسىمۇ(تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىغا كۆچكەنلىرى)غەربى ئۇيغۇرلار ئارسىدا (بۇلۇپمۇ تارىم ۋادىسىدا)چۇڭقۇريىلتىز تارىتقان بۇددا دىنىنىڭ تەسىرىدە مانىي دىنىدىن چىقىپ بۇددا دىنىغا ئېتقات قىلىشقا باشلىغان.
مىلادى 10-ئەسىردە (سۇتۇق بۇغراخان مۇسۇلمان بۇلۇشتۇن بۇرۇن)ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىك قىسىمى بۇددا دىنىدا ئىدى.
بۇددا دىنى مىلادىدىن 4ئەسىر بۇرۇن ھىندىستاندا پەيدا بۇلۇپ مىلادىنىڭ 2-ئەسىرىگە كەلگەندە ئاسىيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرگە تارقالغان.
(بۇددا)دىگەن سۆز (ئاڭ-سىزىم،ئەس-ھۇش)دىگەن مەناغا ئىگە ئىمىش، بۇددا دىنىنى تارقاتقان كىشى ساكيامونى (مەنىسى ساكلارنىڭ ئەۋلىياسى ئۇ مىلادىدىن 565يىل بۇرۇن تۇغۇلۇپ مىلادىدىن 485يىل بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن)بۇلۇپ ئۇ ھىمالايا تىغىنىڭ باغرىدا ياشىغان(ھازىرقى نېپال)شاكى قەبىلىسىنىڭ بەگچىكى ئىدى.ساكيامۇنى ياش چىغىدىلا ئۆزى قىينالغان مەسىلىلەر (ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلىشى،قېرىشى ئاغرىشى ئۆلۈشى ۋە خىلمۇخىل دەرىت-ئەلەملەرنى تارتىشى قاتارلىق مەسلىلەر)گە توغرا جاۋاپ تىپىپ ئىنسانلارنى قانداق قىلغاندا ئازاپۈئۇقۇبەتتىن قۇتۇلدۇرغىلى بۇلدىغانلىقى تۇغرىسىدا ئولانغان.ئۇ ئاخىر29ياشقا كىرگەندە يېرىم كىچىدە ئاتقا مىنىپ باشقا بىر قەبىلىنىڭ ئورمانلىقىغا كەتكەن.ئۇ ئورمانلىقتا 6يىل دەرۋىش بۇلۇپ ياشىغان.ئۇبىر لىپا دەرخنىڭ تۈۋىدە چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇپ ئەگەرئۈزۈل-كىسىل ئەقلى-ھۇشۇمغا كەلمىسەم (ئويغانمىسام)،ئۇستىخانلىرىم پارە-پارە بۇلۇپ كەتسە كىتىدۇكى،ئورنۇمدىن قوپمايمەن دەپ قەسەم ئېچكەن.
ئۇ35ياشقا كىرگەن يىلى ،كېچىدە بىريۇرۇق يۇلتۇز شەرىق تەرەپتە كۆرۈنۈش بەرگەنمىش ،شۇچاغدا ئۇ تۇيۇقسىزلا ئىشنىڭ يولىنى تېپىپ بۇددا دىنىنى ئىجاد قىلغانمىش.
شۇنىڭدىن باشلاپ ساكيامونى ھىندى يىرىم ئارىلىنىڭ نۇرغۇن جايلىرغا بېرىپ بۇددا ئەقىدىلرىنى تارقاتقان.
بۇددا دىنى ھىندىستاندىكى ماۋرىيە خانلىقىنىڭ (مىلادىدىن 230يىل بۇرۇنقى چاغدىن مىلادىدىن 185يىل بۇرۇنقى چاغقىچە ھۈكۈم سۈرگەن)خانى ئاسوكا دەۋرىدە (مىلادىدىن بۇرۇنقى 273-يىلدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 237-يىلغىچە)كەشمىر ،كاندارا (ھازىرقى پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر ئۆلكىسىگە توغرا كىلىدۇ)قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.ئاسوكا ھىندىستاننىڭ جەنۇبى قىسمى بىلەن شىمالى قىسمىنى ئاساسەن بىرلىككە كەلتۈرگەن.ئۇ مىلادىدىن 260يىل بۇۇرۇن بۇددا دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلگەن ۋە ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى ئارقىلىق بۇددا دىنىنى تەشۋىق قىلغان.
بۇددا دىنى كۇشان ئېمپىريىسى (مىلادىدىن 50 يىل بۇرۇنقى چاغدىن مىلادىنىڭ 420-يىلىغىچە ھۈكۈم سۈرگەن )دەۋىردە ،ھىندىستاندىن باشقا جايلارغا خېلى جىددى سۈرئەتتە تارقىلىشقا باشلىغان. ئۇيغۇرلار ئارىسىغا بولسا كۇشان ئىمپىراتۇرى قەنشقا 3 بىربۈلۈم مەشھۇر بۇددا سىرامانلىرى (راھىبلىرى)نى باشلاپ ئۆزى خوتەنگە كەلگەن.
بۇددا دىنى مىلادىنىڭ 1-ئەسىردىن 4-ئەسىرىگىچە بولغان مەزگىلدە خوتەن،قەشقەر ،كۇچا،تۇرپان قاتارلىق جايلاردا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىغا تارقىلىپ ھۈكۈمران دىن سۈپىتىدە ئورۇن ئالغان.
بۇددا دىنى ئاۋال خوتەنگە تارقالغان بولسىمۇ،ئەمما كۇچا 4-ئەسىردە بۇددىزىمنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنگە ئايلانغان.شۇچاغدا كۇچادا يۈزلىگەن بۇددا ئېبادەتخانىللىرى ،10مىڭ راھىپ ۋە راھىبە بولغان.ياپۇنىيە تارىخچىسى يۈشى لىياۋتى (غەرىپتە بۇددىزىم )ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق يازىدۇ:*كۇچادا بۇددانىڭ راۋاجلىنىپ يۈكسەك پەللىگە يىتەلىشى بىرتەرەپتىن ئۇنىڭ جۇغراپىيلىك ئورنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا يەنە بىرتەرەپتىن ئۇنىڭ پەزىلەتلىك ئالى مۇقام راھىبلىرىنىڭ بولغانلىقى ،يەنە بىرتەرەپتىن بۇ راھىبلارنىڭ خان تەرپىدىن ھىمايە قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن بولغان …..قايتىپ كەلگەندە (كوماراجىۋا ھىندىستاندىن قايتىپ كەلگەندە )كۇچا خانى بەگ چوڭ ئاقسۇغا بىرىپ ئۇنى قارشى ئالغان.خان كوماراجىۋا ئۈچۈن شىر شەكىدە ئالتۇن تەخىت ياسىتىپ ،تەخىت ئۈستىنى روم دۇخاۋىسى بىلەن قاپلاتقان ،خان كوماراجىۋانىڭ تەخىتكە چىقىپ ئولتۇرىشىنى ئۆتۈنگەن.*
ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىنى خەنزۇلارغا تۇنۇشتۇرۇشتا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغان .بۇنىڭدا كۇچالىق مەشھۇر بۇددىس،شائىر،ئۇلۇغ تەرجىمان كوماراجىۋا(بۇ ئىسىم ھىندىچە)نىڭ مىلادىنىڭ 5-ئەسىرىدە چاڭئەنگە كىلىپ ناھايىتى نۇرغۇن بۇددا نوملىرىنى ھىندىچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغانلىقنى ئەسكە ئېلىشى يىتەرلىك.
بۇددا دىنى نىمە ئۈچۈن ئاسىيا دىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تارقىلىپ كەتتى بۇنىڭ سەۋەپلىرى بار.
بۇددا دىنىدا بۇدۇنيادا ياخشىلىق قىلغانلار ئۇدۇنيادا ھالاۋىتىنى كۆرىدۇ،يامانلىق قىلغانلار ئۇدۇنيادا ئازابىنى تارتىدۇ،دىگەن قاراش تەرغىپ قىلىنغان.لىكىن بۇددا دىنىنى كىشىلەرنى ئازاپ-ئۇقۇبەتتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلسىمۇ ،كۆرەشنى ئىنكارقىلىدۇ.شۇڭا ھىندىستاندىكى ياكى ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەردىكى ھۈكۈمىران ئەزگۈچىلەر بولسۇن تۇلا چاغلاردا بۇددا دىنىدىن پايدىلىنىپ ئۆزھۈكۈمىرانلىقىنى چىڭىتىش ۋە ئۇنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزارتىشقا تىرىشقان. شۇڭا بۇددا دىنى ئەڭ دەسلەپ ھۈكمىران خانلار ۋە بەگلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئىرىشكەن.ئۇلار ئاۋام خەلىقنى شۇدىنغا ئېشەندۈرۈش ئۈچۈن بارلىق چارە تەدبىرىنى قوللانغان.
بۇددا دىنى پەيدا بولغاندىن كىيىنلا بىرنەچچە ئىقىمغا ئايرىلغان.ئۇنىڭ بىرى ماخىيانا (قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا كىچىك كولۇڭگو دەپ ئاتىلىدۇ)ئېقىمى ھىساپلىنىدۇ.
ياپۇنىيە تارىخچىسى يۈشى لىياۋنىڭ (غەرىپتە بۇددىزىم)ناملىق ئەسىرىدىكى پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا ،ئۇيغۇرلار ماخيانا ئېقىمىغا ئىتقات قىلغانكەن.
ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بۇلۇشتىن بۇرۇن ئېتقات قىلغان بۇددا دىنى توغىرسىدا ئېيتىدىغانلىقىمىز ھازىرچە شۈنچىلىك.
تۈۋەندە سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مۇسۇلمان بۇلىشى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام دىنىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۆرەشلىرى توغرىسىدا توختىلىمىز.
سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغانلىقى توغرىسىدا بەزى رىۋايەتلەر مەۋجۈت.بۇ توغرىسىدا گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.بىرقەدەر ئېشەنچىلىك بولغان تارىخ پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا،سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مۇسۇلمان بۇلۇشىدا ئەبۇ ناسىر سامانى رول ئوينىغان.ئەبۇناسىر سامانى ئەسلىدە سامانىلار پاتىشاھلىقى (مىلادىنىڭ 870 -يىلدىن مىلادىنىڭ 1000-يىلىغىچە ھۈكۈم سۈرگەن)نىڭ شاھزادىسى ئىدى.ئۇ سامانى پاتىشاھى ناسىر 3نىڭ ۋاقتىدا (مىلادىنىڭ 914-يىلىدىن 943-يىلىغىچە پاتىشاھ بولغان)سامانلارنىڭ ھۆكۈمىران تەبىقىسى ئىچىدە يۈزبەرگەن ئىچكى كۆرەشتە ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچىراپ قاراخانلارنىڭ پايتەختى قەشقەرگە قىچىپ كەلگەنكەن. ئۇنى ئوغۇلچاق قانات ئاستىغا ئېلىپ قەشقەرنىڭ شىمالىدىكى ئاتۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان.بەزى تارىخچىلار ئەبۇ ناسىر ساماننىڭ قەشقەرگە كېلىشىدىكى سەۋەبىنى يۇقارقىدەك چۈشەندۈرىدۇ.
بەزى تارىخچىلار بولسا ئۇنىڭ ئەكسىچە ئەبۇ ناسىر سامانىنى سامانى پادىشاھى ناسىر 1سۇتوق بۇغراخاننى مۇسۇلمان قىلىش مەقسىتىدە بۇخارادىن قەشقەرگە يولغا سالغان دەپ چۈشەندۈرىدۇ.
يۇقارقى ئىككى خىل قاراشنىڭ قايسى توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكىدىن قەتئىينەزەر سۇتۇق بۇغراخاننى مۇسۇلمان قىلغان كىشى بەرىبىر ئەبۇ ناسىر سامانى بۇلۇپ چىقىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىنى ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى مۇكەممەل بىلىدىغان ئەبۇ ناسىر سامانى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاتۇشنىڭ ئارغۇ دىگەن يۇرىتنىڭ شىمالىدىكى تاغلارغا ئوۋغا چىققان ياش شاھزادە سۇتۇق بۇغراخانغا يۇلۇقىدۇ.ئۇنىڭ بىلەن تۇنىشىدۇ.بۇ ئىككى شەخىس ئارسىدىكى ئارلىق بارغانسىرى قۇيۇقلىشىدۇ.ئاخىرى سۇتۇق بۇغراخان ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ تەسىرىدە مۇسۇلمان بۇلىدۇ.سۇتۇق بۇغراخان مۇسۇلمان بۇلۇشتىن بۇرۇن ،قەشقەردە ئىسلام دىنىغا كىرىپ (يۇشۇرۇن ھالدا بولسا كىرەك)مۇسۇلمان بولغانلارمۇ ئاز بولمىسا كىرەك.سۇتۇق بۇغراخان مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىن قاتتىق كۆرەشلەردىن كىيىن تاغىسى ئوغۇلچاتنى يىڭىپ (ئوغۇلچاقنى ئۆلتۈرگەن بۇلىشى مۇمكىن)قاراخانلار تەخىتكە چىقىدۇ.مانا شۇ ۋەقە مىلادىنىڭ 920-يىلى يۈز بەگەن .
ئىسلام دىنى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ بۇددىست ئۇيغۇرلارغا قارشى توختىماي ئېلىپ باغان  كۆرەشلىرى ئارقىلىق قەشقەر،يەكەن،ئاقسۇ،بالاساغۇن ،بارىسغان (ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقى)قاتارلىق جايلاردا يەتتە سۇدىكى شامان دىنىغا ئېتقات قىلدىغان قارلۇقلار ئارسىغا يىلتىز تارتىشقا باشلايدۇ.
بۇددىست ئۇيغۇرلار سۇتۇق بۇغراخانغا ناھايىتى قاتتىق قارىشلىق كۆرسىتىدۇ.سۇتۇق بۇغراخان مىلادىنىڭ 943-يىلى بالا ساغۇننى ئىسلام دىنىغا قارىشلىق كۆرسەتكەن دۈشمەنلىرىنىڭ قۇلىدىن تارتىۋالىدۇ.
سۇتۇق بۇغراخان مىلادىنىڭ 920-يىلى مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىن قاراخانلار بىلەن سامانلارنىڭ مۇناسىۋىتى خىلى يىقىنچىلىققا قاراپ تەرەققى قىلغان.مىلادىنىڭ 921-يىلى سامانلارنىڭ خوراسان ئۆلكۈسىدە كۈتۈرۈلگەن ئاسىي شىئەلەر ئىسسىيانىنى باستۇرۇپ بىرىش ئۈچۈن سۇتۇق بۇغراخان خۇراسانغا كەلگەن.قاراخانلاردا ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى ۋە سۇتۇق بۇغراخاننىڭ سامانىلار ئېچىدىكى ئىسسىيانلارنى باستۇرىشىغا كۈچ چىقارغانلىقىدىن مەمنۇن بولغان سامانلار پادىشالىقى سۇتۇق بۇغراخانغا كۆپ جەھەتتىن ياردەم قىلدى .شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ماۋرەئوننەھرى،خوراسان،ئافغانىستان قاتارلىق جايلاردىن قەشقەرگە نۇرغۇن ئالىملار كەلدى.مانا شۇ مۇسۇلمان ئالىملىرى سۇتۇق بۇغراخانغا( ئابدىكىرىم) دىگەن ئاتنى قويغان.سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدە (مىلادى 920-يىلدىن 956-يىىلغىچە)قۇيدۇرۇلغان تىللا پۇللار ھازىر لىنىنگىرات موزىيدا ساقلانماقتا.
سۇتۇق بۇغراخان نىمە ئۈچۈن بۇددا دىنىنى تەرىك ئىتىپ مۇسۇلمان بولدى؟دۇنيادا سەۋەپسىز بىرەر ئېش بولمىغاندەك 10-ئەسىردە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بۇلىشىدا ناھايىتى چوڭ سەۋەپلەر بار.كۆپچىلىكى بۇددا دىنىغا ئېتقات قىلغان ئۇيغۇرھۈكۈمىرانلىرى بۇددا دىنىدىن پايدىلىنىپ خەلىق ئۈستىدىكى ھۈكۈمىرانلىقنى چىڭىتىش ۋە ئۇزارتىشنى ئويلىغان.ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىغا ئىتقات قىلغاندىن كىيىن جەڭگىۋارلىقىنى يۇقىتىشقا باشلىغان.چۈنكى بۇددا دىنى تەركى دۇنياچىلىقنى تەرغىپ قىلىپ كۆرەش قىلىشنى تەشەببۇش قىلمايتى.ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنىڭ بۇددا دىنىغا قارىغاندا جەڭگىۋار،ھەق دىن ئىكەنلىكىنى بايقاپ ،بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلاردا ئىسلام دىنىغا كىرىش تۇيغۇسى ئويغاندى.
يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ھۆكۈمرانلىرى شامان،بۇددا ،زوروئاستىر،مانى ،مانى خرىستىيان قاتارلىق دىنلارغا ئىشنىدىغان ئۇيغۇرلارنى دىنى جەھەتتە بىرلا دىنغا ئىشىنىدىغان قىلغاندا ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئارسىدىكى دىنى ئايرىمىچىلىق ئاساسىدا پەيدا بولغان زىدىيەتنى تۈگىتىپ بىرلىككە كەلگەن كۈچلۈك دۆلەت قۇرغىلى بۇلىدىغانلىقىنى چۇڭقۇر ھىس قىلغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرەپلەر ئىسلام دىنىنى ئاسىيادىكى خەلىقلەر ئارسىغا ئۇمۇمى يۈزلۈك چۇڭقۇر يىلتىز تارىتقۇزۇش ئۈچۈن قۇرال كۈچى ئىشلىتىشتىن كۈرە دىپلۇماتىيە تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن.8-ئەسىردە ئەرەپلەر ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرىنى مۇسۇلمان قىلىشقا كۈچەپلا قالماستىن شەرقى ئاسىيادا ياشايدىغان شەرقي تۈركلەرنىمۇ ،شەرقى ئۇيغۇرلارنىمۇ مۇسۇلمان قىلىشقا تىرىشىپ،ئۇلارنىڭ ئىسلامنىڭ پارلاق سايىسى ئاستىدا ياشىشى ئۈچۈن كۆپ دەۋەتلەرنى ئېلىپ بارغان. .مەسلەن ئەرەپ ئۆممەۋىيلەر خەلپىلىكىنىڭ خەلپىسى ھىشام(724-743)مىلادىنىڭ 730-يىلى شەرقى تۈرۈكلەرنىڭ پايتەختى ئوتوكۈنگە ئەلچى ئەۋەتىپ شەرقى تۈرۈك قاغانى بىلگە قاغاننى شامان دىنىدىن چىقىپ ئىسلام دىنىغا كىرىشكە دەۋەت قىلغان بولسا ،ئەرەپ ئابباسلەر خەلپىلىكى (750-1258)نىڭ تۇنجى خەلىپىسى ئابدۇللا بىننى ئابباس مىلادىنىڭ 750-يىلى تامىم بىننى بەھرئەل مۇتاۋۋىنى ئۇيغۇر- ئۇرخۇن قاغانىنىڭ پايتەختى قارابالسۇنغا ئەۋەتىپ قاغان بايانچۇرنى مۇسۇلمان بۇلۇشقا ئۈندىگەن.شەرقى تۈرۈكلەرمۇ شەرقى ئۇيغۇرلارمۇ ئەرەپ ئەلچىللىرىگە ئۈزۈرخالىق ئىيتىپ تۈرلۈك سەۋەپلەرگە شامان دىنىنى تەرىك ئىتىپ ئىسلام دىنىغا كىرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
10-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئىسلام دىنى دۇنياۋى دىنغا ئايلىنىپ ئاسىيا ئافرىقا ،ياۋرۇپادا ناھايىتى چوڭ تەسىر ۋە ئابرۇيغا ئىگە بولغاندى
مەنبە:ئەجداد ئۇيغۇر تارىخى تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-13 12:41 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
awyamatka + 20 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 09:21:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تىما!بۇ بوۋىمىزنى ئەيىبلەيدىغانلار مۇشۇ تىمىدىن ئۆزۈڭلارغا جاۋاب تاپقايسىلەر!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2975
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12386
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 1923 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 11:18:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈرۈك دىمەي تۈرك دەپ يازغايسىز...
يەنە بىرى مەن سۇلتان سۇتۇق بۇغرا خان ۋە ئۇيغۇرلار تۈركى خەلىقلەر ئىچىدە ئاۋۋال ئسىلامنى قۇبۇل قىلغۇچىلار دەپ ئاڭلىغان بىلىدىغانلار بولسا ئىنىق جاۋاپ بەرگەن بولسا...

سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت...
ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا...
ئۈمىدسىزلىك ئىمانسىزلىق.
ئۈمىدنىڭ تومورى ئۈزۈلسە ھاياتلىقنىڭ ئۇمۇرتقىسى سۇنىدۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80386
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5222
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 542 سائەت
تىزىم: 2012-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 11:49:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم تېما ئىگىسى، بۈگۈن يۇقاپ كىتىپتىكەنسىز، ئەسلى ماۋۇ تېمىنى ئېلىپ كەپسىز ھە.
بەك ياخشى مەزمۇنكەن، تۇلۇق ئوقۇدۇم، ئەسلى مۇنداق تېمىلار كۆپرەك بولسا ياخشىدى.

ئەيىپ- نوقسانلارنى ئاۋۋال ئۆزىڭىزدىن ئىزلەڭ، غەيۋەت قىلماڭ، ئاچچىقىم كىلىپ قالىدۇ

ئۇيغۇر مەن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13512
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9835
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 355 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2014-11-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 12:03:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tumurkala يوللىغان ۋاقتى  2012-8-12 09:21 PM
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تىما!بۇ بوۋىمىزنى ئەيىبلەيدىغا ...

مانا    ئاخىرى   تالاش  تارتىشقا  جاۋاپ  چىقىپتۇ  ...             ھەقىقەتەن  ياخشى تىما

ھاياتمەن قوينۇڭدا ياشاپ ئۆزگىچە ئۆزگە يولدا ماڭىمەن دادىل ماختاش تىللاش ،قارغاش بەرىبىرئۆز ئەقىدەم ئۇزەمگە ئادىل       --- ئۇچقۇن---

☆☆しovのyou☆☆

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13085
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31213
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2010-10-7
ئاخىرقى: 2013-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 12:26:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتەنلىكلەرنى جاھىل دىيىش مۇشۇ دەۋېردە لەقەم بولۇپ قېلىممىدىكى دەيمەن ... ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلماي قارشىلىشىپ 50يىلدىن كىيىن شىنجاڭدىكى ئەڭ كىيىن ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان ۋىلايەت مۇشۇ يۇرتۇمكەن ...
ئۈزۈممۇ شۇ خوتەنلىك جاھىللاردىن بولىمەن ... ھى ھى ھى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-13 12:27 AM  


ئـــەي ئــــەزىز كـېـرىـيـە! قـۇمـغـا يـەم بـولـۇش سـېنـىڭ قـىسـمـىتـىڭـمـىدى؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1358
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51017
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9841 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 12:40:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتۇش ئۆزىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي،100يىلدىن بېرى،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ھاياتىدىكى،مەدەنىي ھاياتىدىكى قوشقان تۆھپىسى ئاز ئەمەس،دۇنيادا ئىنتايىن كەم كۆرىلىدىغان،زور ھادىسە يۈز بەرگەن يەر بۇ،مەسىلەن،سۇتۇق بۇغراخان ياش سەركەردە،ياش چاغلىرىدا،تەختكە ئولتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن خەلقىنى ئۆزىگە قوشاپ‹‹ئاللاھۇ ئەكبەر››كەلىمىسىگە يىغقان،تارىختا پەيغەمبىرىم گەرچە قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرى كېلىپ پەيغەمبىرىمگە ئۆز خەلقى بىلەن ئىمان ئېيتقان بولسىمۇ،ئەمما،خاقانلار،شاھلار سۇلتانلار ئۆز خەلقىنى باشلاپ ئىسلام دىنغا كىرگەن ئىش مۇشۇ زېمىندا كۆرۈلگەن.شۇنىڭ بەركىتى....
-زاھىر داموللا ھاجىم.
ئاپتۇر:مىسىر ئەزھەر ئۇنۋىرسىنتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى،يەتتە تىل ئۆگەنگەن،مىراجنىڭ پاي چەك قوشقۇچىسى،مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمدىن قالسا،ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان يەنە داڭلىق ئىسلام ئالىمىدۇر.يۇقۇرقى نۇتۇق ئاتۇشتىكى بىر دەپنە مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن.

jarulla77 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 01:01:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4803
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 757 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 01:06:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەچچە كۈن بۇرۇن يوللغان قاراخانىلار خانلىقىنىڭ خاقانلىرى دىگەن تېما بىلەن بۇ تېما ئۇخشاشلا ئەجداد ئۇيغۇر تارىخى توردىن كۆچۈرۇپ كىلىنىپتۇ. مەن بۇ يەردە كۆچۈرۇپ كىنلىنگەنلىكى ھەققىدە ئارتۇق سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن. چۈنكى ئەسلى قائىدە بۇيىچە باشقا مۇنبەرلەردىن تېما كۆچۈرۇپ كىلىشكە بولمايدىغان بولسىمۇ لىكىن يەنىلا تېمىنىڭ ئەھمىيتىنى نەزەردە تۇتۇپ بۇ ھەقتە ئارتۇق سۆزلەشنىڭ تازا مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. ئەمما تەكىتلەپ ئۈتۈشكە تىگىشلىك بىر مەسلە بۇ ئىككى تېمىدا ئۇخشاشلا قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ نامى تۇغرا تىلغا ئېلىنمىغان. «قارخانىلار» ياكى «قارىخانىلار» دەپ ئېلىنغان. بۇ مېنىڭچە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسلە، تارىخىمىزدىكى مۇھىم ھەم سەلتەنەتلىك بىر ھاكىميەتنىڭ نامىنى ۋارىس بولغۇچى بىزلەرنىڭ تۇغرا ئاتىماسلىقىمىز مۇۋاپىق ئەمەس شۇڭا تېمىنى ئىلىپ كەلگۈچىنىڭ ئەسلى مەنبەدىكى ئاپتورغا بۇنى ئەسكەرتىپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئۇنىڭدىن باشقا تېمىدا بەزى تارىخى ساۋاد خاتالىقى بار ئىكەن. ئالدى بىلەن سۇتۇق بۇغراخان ئۇيغۇرلارنى ئىتقاد جەھەتتە بىرلىككە كەلتۇرگۈچى ئەمەس، بەلكى تۇنجى بۇلۇپ ئىسلامى ھاكىميەت قۇرغۇچى ۋە ئىسلامنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىمغا ئۇمۇملىششىغا ئاساس سالغۇچى. چۈنكى قاراخانىلار تاكى ھالاك بولغۇچە ئاقسۇنىڭ شىمالى ،قۇمۇلنىڭ شەرقىدىكى ئۇيغۇرلار يەنىلا ئەسلىدىكى بۇددا دىنىدا قىلىۋەرگەن. بۇ بۆلەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئسلامغا مۇشەررەپ بۇلۇشى چاغاتاي خانلىقنىڭ خانى تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ جىھاد ئۇرۇشلىرىنىڭ تۆھپلىرىدىندۇر. ھالبۇكى تۇغلۇق تۆمۈرخاننى ئىسلامغا دەۋەت قىلغۇچى جالالىدىن كەتىكى دىگەن كىشى. ئۇنىڭ تۆھپىسى ئەبۇناسىر سامانى بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-13 01:09 AM  


سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!
foormat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 01:18:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش