مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 397|ئىنكاس: 4

(دىلسىرى)سوغدىيانە ۋە ئۇنىڭ سەرگۈزەشتىللىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دىلنىڭ سىر دىشى -

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 183
يازما سانى: 1701
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13071
تۆھپە نۇمۇرى: 403
توردا: 1073 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 03:58:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سوغدىيانە ۋە ئۇنىڭ سەرگۈزەشتىللىرى


سىرلىق ۋاراقچە



كېچە سائەت 12لەردىن ئاشقان ئىدى،ياتاقنىڭ بىر بۇلۇڭغا قۇيۇلغان كارۋات ئۈستىدە ،كونىراپ ئەبجىقى چىقىپ كىتەي دىگەن تىلفۇننى مىجىقلاپ ،ئېكرانىغا سىنچىلاپ قاراپ ئولتۇراتتىم ،ئەتراپ شۇنچىلىك جىمجىت ئىدى،ھېلىقى چىراقمۇ قېرىشقاندەك خىرە ياناتتى ،ئەتىراپمىدا ھېچقانداق ئادىم يوق بولغاچقا ،بىر قورقۇنۇچ ،ۋەھىمە ئىچىدە قالغان ئىدىم ،خۇددى بىرسى دېرىزە تەرەپىتىن ياتاققا كىرىپ مىنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قۇيۇدىغاندەك بىرخىل خىيال كاللامغا كىرىۋالغان ئىدى،ئازىراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن چېكەمدىن تەر ئېقىلىپ ئاغزىمغا كىرىپ كىتىۋاتاتىى ،تۇرۇپلا كاللامنى يىغدىم ،ھەممە يادىمغا كەلدى،ئەسلىدە بۈگۈن مەن مۇھابىتىم بىلەن كۆرۈشىدىغان كۈن بۇلۇپ ،شۇڭا ئۇنى ياتاختا ساقلاپ تىلفۇنغا قاراپ ئولتۇراتتىم ،ئىشىك يىنىككىنە تىرىقشىپ كەتتى ،خۇددى بىرسى كىلىپ مىنى يەۋاتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتىدە مەن شۇھامان تىلفۇننى قۇلۇمغا ئېلىپ ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىشقا باشلىدىم .

ـ ۋەي ،مەن قارشى تەرەپنىڭ زىپ ئاۋازىنى ئاڭلغان ئىدىم ،بۇ دەل مىنىڭ يىگىتىم ئىدى.

ـ مەن ياتاقتا،تىزراق كىلىڭە قورقۇپ جېنىم چىقاي دىدى ـــــــــ مەن ئۇنڭغا يىلىنش ،يالۋۇرۇش تەلەپپۇزىدا گەپ قىلدىم .

ـ سەنلامكىن چىققىنە .

ـ ھازىر سائەت 12دىن ئاشقان تۇرسا ،سىرىتقا چىقسام قورقىمەنكەن ـــــ مۇشۇنداق دىگىنىمچە ئۇنىڭغا بىرمۇنچە يالۋۇرۇپ كىتىپتىمەن.

ھېلىقى ئىشىك تۇيۇقسىز ھېچنىمىگە ئوخشىمايدىغان جاراڭلاپ كەتتى ،مىنىڭ يۈرۈگىم قورقىنىدىن قارىتلا قىلىپ تاسلا قالدىم ،تىنىقىتىن توختاپ قالغىلى قىل قالدىم،بۇ ئاۋاز بارغانچە كۈچىيپ ،قۇلاقلىرىمنى يېرىېۋەتىكىلى قىل قالغان ئىدى.ئاۋازئاخىرى ئاللا قاياقلارغا غايىپ بۇلۇپ ئەتىراپنى جىمجىتلىق قاپلاپ كەتتى ،مەن شۇچاغدا قورقۇنۇش دەككە-دۈككە ئىچىدە ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدىم.

مەن تۇرۇپلا كۆزۈمنى ئاچىتىم ،دېرىزە تەرەپكە قارىدىم ،ئەتىراپ ئايدىڭ ئىدى،كوچىلاردا ماشنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئوقتەك ئاڭلىنىپ تۇراتتى،كارۋىتىمدىن بوينۇمنى پەسكە سوزۇپ قارىدىم ،ياتاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى دىگىدەك ئىشقا كىتىپ بولغان ئىدى،مەن ئەنەشۇ تەختىراۋاندەك كارۋاتتا يالغۇز ياتاتتىم ،قوشكىشلىك كارۋاتنىڭ ئۈستى تەرپىدە تۇرىدىغان بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتىۋالغان ئىدىم ،بېشىم خۇددى ئۆزۈمنىڭ ئەمەستەك قادىلىپ ئاغرىيتى،ھەتتا يۈزمنى سىلىسام قولۇمغا ھۆل تامچىلار ئۇرۇناتتى ،ياشلىرىمنى سۈرۈتكەچ ھەممە يادىمغا كەلدى،توغرا مىنى قارا بېسىپتۇ ،ھېلىقى چۈشنى تۇلۇق ئەسلىيەلىدىم ،ھېلىقى مۇھابىتىمنىڭ سىمايى كۆزئالدىمغا كەلدى،كارۋىتمدا سوزۇلۇپ ياتقانچە بىر سائەت ۋاقتىنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتىم .بىر يەرلەردىن ھىلىقى ئىشىكنىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى،ئۇ دەل مىنىڭ قول تىلفۇنۇم ئىدى.

ـ كىم ــــ مىنىڭ ئاۋازىم ئاران-ئاران تەمتىرەپ چىقاتتى.

ـ نىمانداق تىلفۇننى ئالمايسىزـــــ ئاپام يانارتاغدەك پارتىلاشقا باشلىدى.

ـ  ئاپا ئۇخماي قاپتىمەن،خاتا قىپتىمەن ــــ مەن ئارانلا چۈشەنچە بېرەلىدىم .

ـ ئەتىگەن تىلفۇن ئۇرسام ئالمايسىز ،كارتىڭىزغا 1000كوي سېلىلىپ قويدۇم ،مالنى بۈگۈندىن قالماي سېلىۋېتىڭ ،بۈگۈندىن قالمىسۇن ــــ ئاپام كىچىك بالىغا گەپ قىلغاندەك قايتا-قايتا جىكىلىپ كەتكەن ئىدى.

ـ چۈشەندىم .

ـ راسىت بەش كوي قاپتۇ،نىمە يەۋاتىسىز .

ـ ھەممەىنى ئېلىۋالغان بەرىبىر ئىشلەتكەندىن كىيىن ،ئاپا ئەمسە خوش .ـ --- مەن تىلفۇننى قويۇۋتىشكە تەييارلانغان ئىدىم .

ـ قاچانلاردا كىلدىغان بولدىڭىز .

ـ ئاپا ئاز قالدى،بارىمەن ـــــــــ مەن تىلفۇننى بېسىۋېتىپ چۇڭقۇر-چۇڭقۇر تىنىپ كەتتىم ،تەختىراۋاندىن چۈشۈپ ،ئىشكاپتىكى كىتاپلىرىمنى يىغشتۇرغىلى باردىم ،باشلىرىم تاراسلاپ قاتتىق ئاغرىيتى ،بەزىدە ئۆزۈمنىڭ مۆرۈسىدىكى نەرسىنىڭ تولىمۇ ئېغىردەك تۇيۇلۇپ كارۋىتىمدا يېتىپمۇ قالاتتىم ،شۇنچىلىك ياخشى كۆرۈش،چىدىماسلىق ،بىريىلنىڭ ئالدىدىكى تۇغۇلغان كۈن ماجىراسىدا ،ئاشۇ بىر مىنۇتلۇق قارارىم ھەممىنى يوق قىلغان ئىدى،دەل ئاشۇ چۈشۈمدىكى يىگىت ماڭا چىكى يوق باش ئاغرىغىنى قالدۇرۇپ ئۆزىنىڭ يالغۇز دۇنياسىغا كىتىپ قالغان ئىدى.تىتىرەك ئولۇشۇپ كەتكەن قولۇمدا ،ئىشكاپنىڭ ئىچىدىكى ساينىڭ تېشىدەك ،قالايمىقان يېتىپ كەتكەن كىتاپلىرىمنى رەتلەۋاتىمەن،ئوماق كاللام ھېلىقى چۈشۈمدىكى يىگىتنى خىيال قىلىۋاتقان ئىدى،مۇشۇ خىيالنى قىلغانچە ھېلىقى رەتلەكلىك كىتاپلىرىم تېخىمۇ چېچىلىپ مىدىرلاپ پەقەت جايىدا جىم تۇرمايتى ،بەزىدە چۈڭقۇر نەپەس ئېلىپ ئىچىمگە «ئۇف»تارتىپ قويسام ،بېشىمنىڭ ئاغرىقى قۇيۇپ بېرەتتىم ،تۇرۇپلا ئۇنىڭ ماڭا باتناپ تۇرغان چىرايى ئاللىقاياقلارغا غايىپ بولغان ئىدى.قىسقىسى روزى ھېيىتنى مەن ئۈچۈن مۇشۇ ئازاپ دەرياسىغا توشۇپ كەتكەن ،ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەككە-يىگانە يالغۇز ئۆتكۈزگىم يوق ئىدى،كۇچاغا قايتىدىغان بولغاندىن ئېلىۋېلىشقا تىگىشلىك رومان ،پىروگىرامما كىتاپلىرىمنى رەتلىك تىزدىم ،بەزى كىتاپلرىمنىڭ تاشلىرىنى توپا بېسىپ كەتسە ،يەنە بەزىللىرىنىڭ ۋاراقلىرى قاتلىنىىپ كەتكەن ئىدى،تۇيۇقسىز ئىشكاپتىن بىرمۇنچە ئا تۆت تىپلىق قەغەز پوككىدە چۈشكەن ئىدى.كۈندۈزىمۇ قورقۇپ يۈرۈگىم ئېغىپ كەتكلى تاسلا قالدى،مەن دەرھاللا ئالدى-كەينىمگەئۆرۈلۈپقارىدىم بىراق ياتاقتا مەندىن باشقا ھېچكىمنىڭ سايىسى كۆرۈمەيتى ،مەن ئىشكىنى ئېچىپ كارىدورغا چىقتىم ،ناتۇنۇش قىز تىلفۇندا مۇڭ پارالارنى سېلىۋاتاتتىىى ،مەن ئالدىمغا مېڭىپ تازلىق ئۆيىگە كىردىم ،بىرقانچە قىز كىر يۇيىۋاتقان ئىدى، دىمەك پاكىت شۇنى ئىسپاتلايدىكى ئۇمىنىڭ چۈشۈم ئەمەس ئىدى.مەن قايىتىپ كىرىپ ھېلىقى قەغەزنى ۋاراقلىدىم .ئىچىدە مۇنداق خەت يېزىلغان ئىدى.

ئوماق سىڭلىم يېقىندىن بىرى تولا چۆچۈيدىغان،قورقۇپ ئەندىكىپلا يۇرۇپ قالدىڭ شۇنداقمۇ؟مەن مۇشۇ قۇرلانى ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ھېلىق ئا 4تىپلىق قەغەزگە قاراپ ھەي،جىن ئالۋاستى مەن ھەقەتەنمۇ شۇنداق بۇلۇپ قالدىم دەپ ئۈنلۈك ۋارقىرىۋەتكەن ئىدىم ،يەنە ھاياجېنىمنى بېسىپ خەتنى داۋاملاشتۇردۇم ،ھەتتا مۇشۇۋاراقچىنى كۆرۈپ يۈرىگىڭ ئاغزىڭغا تىقىلىپ قالغان بۇلىشى مۇمكىن ،ئوماق سڭلىم كۆپ ئويلاپ كەتمە ،ئوشۇقچە ھاياجانلىنىپ كەتمە ،مىنىڭ ساڭا دەيدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم ،ھەم سىرلىرىم بار ،بىراق ئارلىقىمىز تولىمۇ يىراق بولغاچقا ساڭا دىيىشكە پۇرسەت تاپالماي،ئاخىرى مۇشۇ خەتلەرنى يېزىشقا ئورۇندۇم ،بۇ خەتلەر ئاسماندىن ئۇچۇپ كەلمىدى،پەقەت سىنىڭ ئۆز سىڭلىڭ دىلخۇمار ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى خالاس.

ھەتتا كەپسىزسىڭلىنىڭ ئېسىدىن بۇ ئىشلار ئاللىقاچان كۆتۈرلۈپ كەتكەن بۇلىشى مۇمكىن،

ئوماق سڭلىم،ئۈچ-تۆت يىلدىن بۇيان مەن ساڭا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن،جېنىم ئۇكام،قىسقىغىنە تۆت يىل ئىچىدە ئادەم دىگەن سەندەكمۇ ئۆزگىرىپ كىتەمدۇ ؟قېنى سەندىكى شوخلۇق،كەپسىزلىكچۇ،چاققانلىقچۇ،ئالغا ئىلگىرلەش ئۈچۈن ئىزچىل تىرشىدىغان جۇشقۇن روھىڭ قېنى ،ھازىرنىڭ ئۆزىدە سەن ئەينەككە بىر قاراپ باققىنە ،قىپقىزىل قانغا چىلاپ قويغان كۆزۈڭ ،كۆزۈڭنىڭ ئەتىراپىدىكى ئويمانلىشىپ كەتكەن كۆك،پەسكە ساڭگىلاپ گۇناھكارلارچە تۇرغان قاپاقلىرىڭ ،بىلەمسەن شۇنى ئۇلار بىرلىشىپ سەندىكى ،ئوماقلىقنى ،تەبىيلىكنى تارتىۋالغىلى ۋاتىدۇ ،ھەم مۇشۇ تۆت يىلدىن بىرى ئىزچىل كۆرەش قىلماقتا،يىلدىن يىلغا شۇنچىلىك ئېغىرلاپ كەتتىڭ،ئاغزىڭدا كۈلۈپ گەپ قىلغىنىڭ بىلەن روھىڭ قانچىلىك چۈشۈپ ئېغىرلاپ كەتىڭ بەلكىم ئۆزۈڭ سەزگەنسەن،ھەتتا بەزىدە ئۆزۈڭ دەۋاتقان سۆزۈڭنى ئنىكار قىلىپ ،بايا نىمە دىگىنىڭنى ئۇنتۇپ قېلىپ ھاماقەتلەرچە ھىجىيىپ تۇرىۋالىسەن،بەلىكىم ئايىقى چىقماس يولنى تولا مېڭىپ پۇتلۇرۇڭ قاپىرىپ كەتكەندۇ،ئەتىراپىڭدىكىلەر ساڭا قاراپ نىمە دەيدىكىن دەپ قاراپ ئولتۇرسا،سەن ئۆمچۈكتەك تورلارنى توقۇپ چەكسىز خىياللارنى سۈرۈپ ،بىر نۇقتىغا قاراپ ئولتۇرىسەن ،خۇددى ئەتىراپىڭدا ئادەم يوقتەك،دوسلۇرۇڭمۇ ئاز ئەمەس ،تولىسى ئۇلاردىن ئايرىلىپ يالغۇز خىيال سۈرۈپ ماڭىسەن،ھەتتا ئېزىپ قېلىپ چاشقاندەك تىمسىقىلاپمۇ كەتتىڭ ،بىلەمسەن سىنىڭ ھازىقى ھالىتىڭنى ئويلىسام ،بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغۇم،ياكى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغۇم كىلىدۇ ،2008يىلدىكى ،شوخ،يۇمۇرىستىك ،چاقپەلەكتەك ھالىتىڭ قېنى،ھازىرغۇ كىتاپلىرىڭنى توپا باسىدىغان بۇلۇپ قالدى،بۇرۇن كىتاپنى قولۇڭغا ئالساڭ تىل ئاڭلىمىغىچە ئورنىڭدىن تۇرمايتىڭ ،ھەتتا كېچىللىرى رومان كىتاپلارنى يوتقىنىڭغا سولاپ ئېلىكتىريورىقىدا كۆرۈپ ،ئاپاڭ تەرپىدىن سوزۇلۇپ كەتكەن قۇلاقلىرىڭ نەلەردە تنىەپ ئورنى تاپالماي يۈرىدىغاندۇ دەيمەن،ئۇكام ئويلارە ھەرقانچە قىلساڭمۇ تۈنۈگۈنكى ئۇ بىر تارىختىن ئىبارەت ،سەن ئۆلىۋالساڭمۇ ئۇ ئۆزگىرىپ قالمايدۇ ،چۈنكى ئۇ ئاللىقاچان يارىتىلىپ بۈتىلىپ بولغان.سەن،مېڭڭىسى تۇتمايدىغان كىچىك بالا ،بۈگۈن ئۈچۈن باش قاتۇرساڭ ئويلانساڭ بۇلاتتى،سىنى ئىچىمدە تولا تىللاپ ،تولا ئويلىىغانچە جۇدۇنۇم ئۆرلەيدىغان بۇلۇپ قالدى،ئەسلى ساڭا دەيدىغان نۇرغۇن گەپ بارئىدى،ھازىرمۇ جۇدۇنۇمنى تۇتقۇزۇپ كونا يۆتىلىمنى قوزغىۋەتتىڭ،شۇڭا مەن تىللاشتىن توختاپ قالدىم .

2012-يىلى5-ئاي

سوغدىيانەدىن

خەتنى ئوقۇپ بۇلۇپ ياقامنى تۇتۇپ كەتتىم ،ئىچىمدە يۆتىلىڭ تۇتمىغان بولسا مىنى قانغۇچە تىللاپ پۇخادىن چىقىۋالاكەنسەن دەپ غۇدىراپ قويدۇم،لىكىن خەتلەر تولىمۇ چىرايلىق ،رەتلىك يېزىلغان ئىدى،قۇرلىرىمۇ ئاستۈن-ئۈستىن بۇلۇپ كەتمىگەن بۇلۇپ بىر تىزىق مارجاندەكلا چىققان ،مەن كىرش سۆزقىسىمدىكى مۇشۇ مەزمۇنلارنى قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقىپ كۆزلۈرۈمگە سۈرۈتكىدەك بۇلۇپ كەتتىم ،سوغدىيانە مەيلى كىم بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇمىنىڭ تۇنۇيدىغان،ياق تۇنۇيدىغانلام ئەمەس،پىششىق بىلىدىغان بىر ئىنسان ئىدى،ئۇ مىنى ماختىمىدى ،كۆككىمۇ كۆتۈرمىگەن ئىدى،بەلىكىم ئۇ مىنىڭ كىيىنكى ئەڭ سۆيۈملۈك ئادەملىرىمنىڭ بىرى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.راسىت گەپنى قىلسام مىنىڭ ھېچىقانداق بىردوستۇم،ئاپامنىڭ مىنىڭ قولاقلىرىمنى سوزۇپ كىتىدىغان مىجەزى بارلىقىنى بىلمەيتى.

ئادەتتە مەن كىچىك ۋاقتىمدىكى كەپسىزلىكىمدىن كىلىپ چىقىدىغان،مۇشۇنداق كۆڭۈل ئاغرىقىمنى ھېچكىمگە تىنمايتىم،سوغدىيانە دىگەندەك مىنىڭ مىجەزىم غايەت زور ئۆزگىرىپ كەتتى،ھەتتا كۈندە تۇردىغان ئادەمسىز ياتىقىمدىمۇ قورۇنۇپ،تارتىنىپ ئولتۇراتتىم ،ئادەتتە ياتاقداشلىرىم كېچىللىرى ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ كىلەتتى،ئادەم يوق چاغلاردىن پايدىلىنىپ ئەينەككە قاراپ ،مەن كىم دىگەن سۇئالنى توختىماي تەكرارلايىم،ئۆزۈمنىڭ غەلىتە مىجەزلىك ئىنسانغا ئايلىىنىپ قالغانلىقىمدىن نۇمۇس قىلىپ ،ئۆز-ئۆزۈمگە خىتاپ قىلىپ كوچىدىكى كۈچۈكلەرگە ھەۋەسمۇ قىلىپ قالاتىىم،مەن خىيالىمدىن قايتىپ كىلىپ ھېلىقى ئا4 تىپلىق قەغەزنى ئۆرۈشكە باشلىدىم ،خەت بۇرۇنقىدەكلا باش تېمىسىز باشلانغان ئىدى.

ئوماق سىڭلىم ئۆتكەندە تولا تىللاپ ،يۆتىلىم تۇتۇپ كىتىپ خەتنى داۋاملاشتۇرالمىدىم ،بىلەمسەن ھايات دىگەن راستىنلا ئەگىرى توقاي بۇلىدىكەن،ئەگەر سەن ھاياتلا بولساڭ كۆرمىگەننى كۆرىسەنكەن،يىمگەننى يەپ،ئىچمىگەننى ئىچىپ باقىدىكەنسەن،ساڭا بۇ رەڭدار دۇنيادا ئاجايىپ غارايىپ ئادەملەر قەدەمدە بىر دىگىدەك ئۇچىراپ تۇرىدىكەن،بەزىدە تاغدەك ئىشەنگەن ئادىمىڭ ،سىنىڭ قولۇڭدىن يىتلەپ ئاپىرىپ ئەخلەت-يۇندىلارغا مىلەپ قۇيۇپ ئالدى كەينىڭگە قارىماي كىتىپ قالىدىكەن،ئەمدى ئۆزۈم توغرۇلۇق ئازراق چۈشەنچە بولسىمۇ بېرىپ ئۆتەي ،بولمىسا سەن ئالۋاستى ئوخشايدۇ دەپ چۈشڭدىمۇ جۆيلۈپ كەتمە .مەن ئاجايىپ ئالى مەلۇماتلىقمۇئەمەس،پەقەت باشلانغۇچنى يېرىم ياتا ،قېچىپ يۇرۇپ تاماملىغان بىر قارا تۈۋرۈك.بۇيىل 26ياشقا كىردىم ،ئىسمىم سوغدىيانە،ساڭا دىسەم مۇشۇ ياشقىچە كۆرمىگەننى كۆرۈپ كەتتىم،بەزىدە تارتىپ كەتكەن خورلۇقلىرىمغا چىدىماي ،ئۆلىۋالغۇم ،ھاياتتىن ئۈمۈدۈمنى ئۈزگىم كىلىدۇ،بىراق نەچچە رەت ئارقامغا يانغىنىمنى ئۆزۈممۇ ساناپ تۈگۈتەلمەيمەن،ساڭا دەيدىغان نۇرغۇن يۈرەك سۆلىرىم ،يەنە قىسمەتلىرىممۇ بار ،بىراق كونا يۆتىلىم يەنە تۇتۇپ كەتتى ،شۇڭا خەتنى داۋاملاشتۇرالمىدىم،ئەگەر قىسمەتلىرمنى ،ھىكايىللىرىمنى ئاڭلاشنى خالىمىساڭ ،مەن جايىمدا توختاپ قالىمەن،ئەكىسچە بولسا بۇدا قېتىم سەن كۇچاغا قايتىقاندا ساڭا داۋاملىق سۆزلەپ بېرىمەن.

2012-يىلى5-ئاي

خەتكە ئوخشاشلا چىسىلا سېلىنغان ئىدى،ئېسىمگە ئانچە-مۇنچە كەلدى،مەن ئالدىنقى قېتىم يۇرۇتقا قايتقان ئىدىم،بۇ خەت بەلكىم شۇ چاغدىلا ماڭا بېرىلگەن بۇلىشى مۇمكىن،مەن ھېلىقى ۋاراقچىنى داۋاملىق ۋاراقلىدىم ،ئارقىسىدا توشقىچە كىيىمنىڭ ھەرخىل پاسوندىكى رەسىملىرى،قىزلارنىڭ ھەرخىل چىراي ئىپادىللىرى تۇراتتى ،مەن بەزى رەسىمدىكى ئۆلچەم بىرلىكلىرىگە قاراپ سوغدىيانەنى بىر كىيىم لاھىلىگۈچىسى دەپ پەرەز قىلدىم .

مەن كىتاپلىرىمنى رەتلەپ بۇلۇپ ئۇدۇل دۇكانغا مال سالغىلى توپ تارقىىتىدىغان دۇكانغا باردىم ،مىڭ كوي پۇلىنى 3مىنۇت ئىچىدە خەجلەپ ئىڭكىنى قاتلىۋەتتىم،كوچا ئاپتۇزىدا كىلىۋاتقاچ كونا خىياللىرىمنى سۈرۈشكە باشلىدىم ،تۇرۇپلا سوغدىيانەنىڭ مىنىڭ سىنى بوغۇپ ئۆلتۈرگىم كىلىدۇياكى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋاتقىم كىلىدۇ دىگەن سۆزلىرىنى ئويلاپ ،ماڭا ماگىنىتىتەك چاپلىشىۋالغان خىيالىمنى تىرىپىراڭ قىلىۋاتتىم ،ئاشۇ خەتلەردە شۇنچىلىك ئېنىق چىقىپ تۇرۇپتىكىن سوغدىيانە مىنى كۇچاغا تارتىۋاتتى،بەلكىم ئۇنىڭ ماڭا دەيدىغان سىرلىرى بۇلىشى مۇمكىن.

بىر ھەپتە كۆلنىڭ سۈيىدەك تىپتىنىچ جىمجىت ئۆتۈپ كەتتى ،سوغدىيانە خۇددى چۈشۈمدىكىدەك بارا-بار غايىپ بۇلۇشقا باشلىدى،مەن پات-پات ئۇنىڭ خەتلىرىنى ئېلىپ ئوقۇپ قۇياتتىم،بىراق مەندە ئازراقمۇ ئۆزگىرىش ياكى يېڭىلىقمۇ يوق ئىدى.

ئاپامغا ئۈچ-تۆت كۈندە بىرە قېتىم تىلفۇن قىلىپ قۇياتتىم ،بىراق ئاپام ماڭا سودىنىڭ گىپى بولمىسا ئەھۋال سوراپمۇ تىلفۇن قىلمايتى،بىراق مەن ئاپامنىڭ ھەرگىزمۇ ئۆگەي بالىسى ئەمەس ئىدىم .

مانا مەن بۈگۈن ئادىتىم بويىچە ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراپ تىلفۇن قىلدىم ،ئۇ تىلفۇندا بىر مۇنچە قاھشاپ،بىھۇدە ئەنسىرەپ كەتتى،سەۋەبى مىنىڭ ئورۇقلاپ كىتىش مەسىلەم بولدى،ئاشۇ تىپتىنىچ ئۆتۈپ كەتكەن بىر ھەپتىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئاپامنىڭ دۇكان خوشنىسى بىلەن  ئۇچىرىشىپ قالغان ئىدىم،ئاشۇ قىز بىر مۇنچە كۆپتۈرۈپ ئورۇقلاپ يوقاپ كىتەي دەپتۇ دەپ چەكىتىن ئاشۇرىۋەتكەن بۇلىشى مۇمكىن.

مەن  پويىسزئىستانىسىغا بېرىپ بېلەت ئېلىپ كەلدىم،چۈنكى مەن ئۆيگە قايىتمىسام دادام قېرىغاندا ساقىلىنى سۆرەپ كىلىشى مۇمكىن ئىدى،مانا ئىككى كۈنلا قالغان ئىدى،كۇچادا مىنى قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرىدۇ،بۇنى ھېچكىم بىلمەيتى،بىر بارغانچە قايتىپ كىلەلەمدىم بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ .

مەن سوغدىيانەنىڭ چىراينى ھەرخىل شەكىلدە قىياس قىلاتتىم ،بىراق ھەر قېتىم خىيال قىلغىنىمدا مىنىڭ سىنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغۇم ياكى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگىم كىلىدۇ دىگەن قۇرلارقۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ خىيالىمنى ئالىقاياقلارغا ئۇچۇرۋىتەتتى ،دەرھاللا خىيالىمدىن توختاپ قالاتتىم.

بۈگۈن مانا بىركۈن قالغان ئىدى،روزا تۇتۇش ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇردۇم بىراق قورسىقىم پەقەت ئاچمايتى،مۇشۇ چەكسىز خىياللىرىم ۋاقىت دىگەننى ناھايتى تىزلا ئۆتكۈزىۋەتتى،بىردەمدىلا ۋاقىت توشۇپ قالدى،ئاخىرى ھېچنىمە يىمەي،سۇمۇ ئىچمەي روزا تۇتىۋاتتىم ،يېنىمدا خېلىلا كۆپ پۇل بار بىراق ئاشۇ چۈشۈمدىن كىيىن  ئىشتھاسزلىنىپ كەتتىم ،بەزىدە ھەرخىل تاماقلارنى يىگىم كىلەتتى،يەنە شۇ تاماقنى كۆرسەم بېشىم قېيىپ تۇيۇپ قالاتتىم،شۇڭا ئۇقىز غايىۋىلارچە تەسۋىرلىگەندەك ئورۇقلاپ كەتكەن بۇلىشىم مۇمكىن ئىدى،بۇنداق ئەھۋاللار بۇرۇن تەكرارلىنىپ باققان ،بەزىدە يېنىمدا پۇل قالماي قىينىلىپ كەتكەن ۋاقىتلىرىممۇ ئازئەمەس ئىدى.

سەھەر تۇرۇپ كىتاپخانىلارنى توختىماي ئايلاندىم ،مەيلى نىمىلام بولسۇن بۇ شەھەردە نۇرغۇنلىغان كۆڭۈللۈك ھەم كۆڭۈلسىزئىشلاريۈزبەرگەنئىدى،ھەممەنەرسىللىرىمنىيىغشتۇرۇپ بولدۇم،مىنى ئەڭ ئەنسىرتىدىغىنى كۆزۈمنىڭ قىزىلى ئىدى،ھازىرقى قانغا توشۇپ كەتكەن كۆزلۈرۈمنى بۇلۇپمۇ ئاپام ،داداملار كۆرسە،ئىچى سېرىلىپ يىغلاپ تاشلىشى مۇمكىن،ماڭىمۇ ۋاقىت ھەم قىستاپ كىتىپ ئامال يوق سائەت -سائەتلەپ ئولتۇرۇپ ئۆگۈنىۋاتقان دەرىسلىرىمنى ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمىسىز ھالەتتە ئاران ،ئاران تۈگەتتىم،ئەمدى پويىزدا بارغىچە ئۇخلاپ بارساممۇ كارقىلماسلىقى ئېنىقلا م ئىدى،بولدىلا كەلگەننى كۆرەمەن،خەيرى-خوش ئۈرۈمچى،ئاخىرى خوشلاشتىم ،2يىل بۇرۇن قانچىلىك تىنىچ ھالەتتە كەلگەن بولسام شۇنچىلىك تىنىچ ھالەتتە كەتمەكچى بولدۇم ،شۇڭا نۇرغۇن تۇنۇش،سىرداشلىرىمىغا خوشمۇ دىمىدىم،چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىدىن تىپتىنىچ ھالەتتە يوقاپ كەتمەكچى ،ماڭا ياردەم قىلغان،دوسلۇققولىنى سۇنغان ئاشۇ دوسلۇرۇمدىن تولىمۇ سۆيۈنىمەن،ئۇلارنى مەڭگۈ ئەسلەپ تۇرىمەن.سوغدىيانە مىنى ئات-ئارىدا ئىزدىشى مۇمكىن ،مەيلى قانداق نەتىجە بولسۇن كىينىكى تەپسىلاتىنى داۋاملىق يوللاپ تىزلا خۇلاسە چىقىرىمەن،ئەمسە مەن كەتتىم خوش .


   دىلسىرىدىن


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىلسىرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-12 04:00 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Dakyanos + 50 ئېلھام يەنە قوزغىلىپت.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

1›مەن يىقلىپ كەتتىم ،بۇرنۇمدىن قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىۋاتىدۇ ،لىكىن ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم ،قان توختايدىغاندەك ئەمەس ،مەن يەنىلا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن .
2›ئەمدى تىرىشمىسام نەپىرەتتىن ئۆلۈپ كىتىشىم مۇمكىن.

فورمات

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74255
يازما سانى: 1287
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8326
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 846 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 05:43:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5859
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 455 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 06:10:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىلسىرى قەلەم تۇختاپ قالمىسۇن، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلۇشىنى تىلەيمەن.

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

SUBAT

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82271
يازما سانى: 285
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 377
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2012-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 06:15:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
مۇشۇ يەرگە بىر نەرسە يېزىپ قويساڭ دوستلىرىڭ كۆرەلەيدۇ دەيدىغۇ ! ھى ھى ھى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 971
يازما سانى: 918
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13438
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 1613 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 07:33:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باكەنلا ھە دىلسىرى............ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۈشمىگىنى..........ئىنكاسلاردىن قارىغاندا ئاغرىپ قالدىڭىزمۇ نىمە؟ ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش