مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3397|ئىنكاس: 22

ئايال كىم، ئەر كىم؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14593
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1531 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 01:37:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەزكۇر يازما تاتار ئالىمى رىزائىددىن ئىبنى فەخرىددىننىڭ <<ئىلمى ئەخلاق>> ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. بۇ كىتابنى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2006-يىلى8-ئايدا نەشر قىلغان. (بىلدۈر ئازغىنە ئەجىر قىلىپ سىلەرگە سۇندى)


توي – نىكاھ

دۇنيادا ياشىغۇچى ئادەملەر ئەگەر تېنى سالامەت بولسىلا، ئۆزىگە ئۆمۈرلۈك جورا تاللىشى زۆرۈر، بۇ ھەممە ئادەمگە مەلۇم.

كىشىلەر بازارغا بارغان چاغلىرىدا ھەمراھىنىڭ ياخشى، ئۆزىگە يارايدىغان بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. كۆڭلىگە ياقمىغان ئادەم بىلەن بىللە يۈرۈشتىن ساقلىنىدۇ. ھالبۇكى، ھاياتلىق ھەمراھى 5-10 چاقىرىم يەردىكى بازارغا بېرىش ياكى بىر نەچچە كېچە-كۈندۈز سەپەردە بىللە يۈرۈش ئۈچۈن تاللانغان ھەمراھ ئەمەس. بەلكى ئۇ بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈپ، بىللە كۈن ئۆتكۈزىدىغان ھەمراھدۇر.

ئۆيلەنگۈچى ئەر ئۈچۈن كېرەك بولغان كۆزىتىشلەر ياتلىق بولغۇچى ئايالغىمۇ زۆرۆردۇر. ھەمراھىنىڭ ياخشى بولىشىنىلا تەكشۈرۈش يىتەرلىك ئەمەس، ئۇنىڭ مىجەز-خۇلقىنى بىلىشكە تىرىشىش، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇشقا يارايدىغان-يارىمايدىغانلىقىنىمۇ تەكشۈرۈپ كۆرۈش لازىم. شۇ سەۋەبتىن ياتلىق بولغۇچى قىز كەلگۈسى ئېرىنىڭ ئۆزىگە ھەمدە ئۆزىنىڭ ئەشۇ ئەرگە مۇۋاپىق كېلىش-كەلمەسلىكىنىمۇ ھېسابقا ئېلىش كېرەك. شۇڭا، بۇ يەردە ئايال بىلەن ئەرنىڭ كىم ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ بىر-بىرى توغرىسىدىكى ۋەزىپىلىرى سۆزلىنىدۇ.


ئايال كىم

ئايال – يوسۇن بويىچە بىر ئەرنىڭ تىرىكلىك ھەمراھى، ئېرىنىڭ ئۆيىگە ۋە ھويلىسىغا خوجا بولۇپ تۇرغۇچى، ئېرىنىڭ كۆڭۈلسىز ۋە ھەسرەتلىك چاغلىرىدا ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرگۈچى، ھەرقانداق قىلىپ بولسۇن، ئۇنى خۇشال قىلىشقا تىرىشقۇچىدۇر.

ئايال – ئېرىنىڭ مال-مۈلكىنى ساقلىغۇچى، پۇلنى تېجەپ خىراجەت قىلىشقا تىرىشقۇچى؛ ئېرىنىڭ، بالىلىرىنىڭ بەدەن ۋە كۆڭلىنى ئاسىراپ ئۆستۈرگۈچى، ئېرىدە بولغان بۇزۇق ئادەت، بۇزۇق مىجەزنى تۈگىتىشكە سەۋەب بولغۇچىدۇر.

ئايال – ئەرنىڭ قاتتىق كۆڭلىنى يۇمشاتقۇچى، ئائىلىنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرغۇچى، بۇزۇپ چېچىشتىن ساقلىنىپ كەلگۈسى ئۈچۈن مال يىغقۇچىدۇر. ئايال پات-پات ئويناپ تۇرىدىغان قونچاق ئەمەس، بۈگىنى كىيىپ ئەتىسى سالىدىغان كىيىم ئەمەس، ئايال ھايۋان ئەمەسكى، ئۆزىگە يارىسا بېقىپ-ئىشلىتىپ، ئۆزىگە يارىمىسا بازارغا ئاپىرىپ سېتىۋىتىدىغان. ئايال خىزمەتكار ئەمەسكى – ياخشى ئىشلىسە ئۆيدە ئەپقېلىپ، ياخشى ئىشلىمىسە قوغلىۋىتىدىغان؛ بەلكى ئۇ ئەر ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك ھەمراھدۇر.


ئەر كىم

ئەر – يوسۇن بويىچە ئايالىنى ئۆزىگە ھەمراھ بولۇشقا قۇبۇل قىلغۇچىدۇر. ئاتا-ئانىسىدىن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېرىدىن ئايرىلىپ، ئۆزىگە يار بولغان ئايالنى ھۆرمەت قىلغۇچى ۋە تەربىيە قىلغۇچىدۇر.

ئەر ئۆز ئايالىنى مۇشەققەت، زىيان-زەخمەتلەردىن ئاسرىغۇچى؛ ئايالىنىڭ بىلىپ-بىلمەي قىلغان ئىشلىرىنى كەچۈرۈپ، ياخشى نەسىھەت قىلغۇچى ۋە ھەرۋاقىت ئايالىنى شەپقەت قانىتى ئاستىدا تەربىيە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئەر ئايالغا نىسبەتەن ھەرۋاقىت ياخشىلىق قىلغۇچى، ئۆز ئايالىنى كۈچى يەتمەيدىغان خىزمەتلەرنى بېجىرىشكە زورلىماسلىقى، ئايالىغا نىسبەتەن قاتتىق كۆڭۈل بولۇشتىن ۋە ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندە قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەي يۈرۈشتىن ساقلىنىشى لازىم.

ئەر ئۆزىنى خوجايىن بىلىپ، ھەرۋاقىت ئۆز مۇرادىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشماستىن، بەلكى يوسۇن ۋە ئەخلاققا خىلاپ بولمىغان ئەھۋالدا ئايالىنىڭ ئارزۇ-ئۈمۈدلىرىنىمۇ بەجا كەلتۈرىشى كېرەك. ئۆيدە بار-يوق نەرسىلەر ھەققىدە ئايالىنى تەڭلىكتە قويماسلىقى كېرەك.


قىزغىنلىق

ئەر بىلەن ئايالنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، نىكاھ ئەدەبلىرىنى بىلىش كېرەك. ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئۆزى ۋە بالىلىرى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان نىكاھدا ھەر ئىككى تەرەپتە قىزغىنلىق، مىجەز-خۇلق جەھەتتە مۇۋاپىقلىق، ياش جەھەتتە مۇناسىپلىق، نەسەب جەھەتتە بىر-بىرىدىن يىراق بولۇش كېرەك.

ئەر بىلەن ئايال توي قىلىشنى ئارزۇ قىلسا ۋە ئۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن زۆرۈر دەپ بىلسە، توي قىلىشى لازىم. ئەگەر ھەر ئىككىسى ياكى بىرى نىكاھنى ئۆزىگە زۆرۈر تاپمىسا ۋە ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان بولسا، ئۇنداق نىكاھدا پايدا يوق.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆيلەنگۈچى يىگىت بىلەن قىز بىر-بىرىنى قىزغىن ياقتۇرىشى لازىم. ھەر ئىككىسى ياكى بىرى ئىككىنچىسىنى كۆڭۈل بېرىپ سۆيمىسە، ئۇ نىكاھدا پايدا يوق. بىر-بىرىگە قىزغىنلىقى ۋە مۇھەببىتى بولمىغان قىز-يىگىتنى نىكاھ بىلەن باغلاپ جەم قىلىپ قويۇش بىر-بىرىگە دۈشمەن بولغان ئىككى ئادەمنى بىر ئۆيگە قاماپ قويغانغا ئوخشاشلا بىر ئىش. كەپتەر بىلەن قارچىغا، تومۇچۇق بىلەن مۈشۈكياپىلاق بىر قەپەستە ياشىيالمايدۇ. ئىت بىلەن تۈلكە، مۈشۈك بىلەن كىرپە بىر يەردە كۈن ئۆتكۈزەلمەيدۇ. ئارىسىدا بىر-بىرىگە قىزغىنلىق ۋە مۇھەببەت بولمىغان ئەر بىلەن ئايالمۇ بىرگە تىرىكچىلىك قىلالمايدۇ. تىرىكچىلىك قىلسىمۇ راھەت كۆرەلمەيدۇ، شۇنداقلا بىر ئۆمۈر قايغۇ-ھەسرەت بىلەن ئۆتىدۇ.

ئۆزى ئاڭلىمىغان-بىلمىگەن، ئۆزى ئارزۇ قىلمىغان ۋە مۇھەببىتى چۈشمىگەن يىگىتلەرگە قىزلارنى زورلاپ بېرىشكە ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق. قىزلارنى زورلاپ نىكاھلىغۇچى بىر-بىرىگە مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئىككى ئارىدا دۈشمەنلىك قىلىپ، ئىككى تەرەپنى ئالداپ كېلىشتۈرگۈچىلەر ئەڭ چوڭ زالىم ۋە خائىندۇر. بىر قىزنى ئۆزى ئارزۇ قىلمىغان ئادەمگە زورلاپ بېرىش-شۇ قىزنى ئۆلتۈرۈش بىلەن تەڭ رەھىمسىزلىكتۇر. قىزلارنىڭ ئارىسىدا ئاشۇنداق زورلاپ ئەرگە بېرىش بىلەن ئۆمۈر بويى ئۆلۈم قايغۇسىنى چېكىپ ئۆتىدىغانلار كۆپ.


مۇۋاپىق بولۇش

توي قىلغۇچى قىز-يىگىت مىجەز-خۇلقى جەھەتتە بىر-بىرىگە مۇۋاپىق بولۇش كېرەك. بىر-بىرىنىڭ مىجەز-خۇلقىنى ياقتۇرمىغان ئادەملەر بىر چاقىرىم يەرگىمۇ بىللە بارالمايدۇ. ئۇنداقتا، مىجەز-خۇلقى بىر-بىرىگە مۇۋاپىق بولمىغان قىز بىلەن يىگىت دۇنيا سەپىرىدە قانداقمۇ بىرگە بولالىسۇن ۋە قانداقمۇ بىرجان-بىر تەن بولالىسۇن؟

يۈزىنى، بويىنى بىر قېتىم كۆرۈش بىلەنلا قىز-يىگىت بىر-بىرىنىڭ مىجەز خۇلقىنى بىلىپ ۋە سىناپ بولالمايدۇ. شۇڭا، تېخىمۇ ئەتىراپلىق چۈشىنىشكە، كۆپىرەك بىلىشكە تىرىشىش زۆرۈر. سۈتنى سېغىپ ئىچىش ئۈچۈن سىيىر ئالماقچى بولغان ئادەممۇ بۇ سىيىر ھەققىدە بىلگەنلەردىن ئۇزاق ۋاقىتقىچە سۈرۈشتۈرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئۆمۈر بويى بىللە تۇرىدىغان ۋە بىللە ياشايدىغان ئادەم ھەققىدە سوراش ۋە ئۇنىڭ ھالىنى ئوچۇق بىلىش ئۈچۈن كۆپىرەك سۈرۈشتە قىلىش كېرەك. مىجەز-خۇلقىنىڭ ئوخشاشلىقىنى بىلىشنىڭ ئورنىغا بولغۇسى ئەرنىڭ مېلىنى، كىيىم-كېچەك، ئۆي-جاھازىلىرىنى، ئاتا-ئانىسىنى تەكشۈرۈش بىلەنلا قانائەتلەنسە، ئاخىر بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلىپ ئۆز-ئۆزىنى قارغاپ ئۆتەر. مىجەز-خۇلقى مۇۋاپىق بولمىغان ھالدا پەقەت پۇل-مال، بايلىققا قىزىقىپ، شۆھرەت-دەرىجە ئىزدەپ، قىزىنى ياتلىق قىلغۇچىلار ئادەم بالىسى بىلەن سودا قىلغۇچىلاردۇر. چۈنكى بۇ ھەقىقى مەنىدىكى نىكاھ ئەمەس.


ياش جەھەتتىكى مۇناسىۋەت

تويلىشىدىغانلار بەك قېرى ياكى بەك ياش بولماسلىقى، شۇنداقلا نىلاھ قىلىنغۇچى قىز بىلەن يىگىتنىڭ يېشى بىر-بىرىگە مۇۋاپىق بولۇش كېرەك. توي قىلغۇچى قىز بىلەن يىگىت ئوتتۇرىسىدىكى ياش مۇناسىۋىتىنىڭ نورمال بولۇشىنى تەبىئەت بەلگىلەيدۇ. تەبىئەتكە خىلاپ نىكاھ ئىشەنچىلىك نىكاھ ئەمەس.

ئىلىم ئەھلى ۋە تېۋىپلار نىكاھ ۋاقتىنى قىزلار ئۈچۈن 18-30 ياش ئارىسىدا، يىگىتلەر ئۈچۈن 25-37 ياش ئارىسىدا بولۇشى مۇۋاپىق دەپ قارايدۇ. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن قىزلار 19 ياشقا، يىگىتلەر 25 ياشقا يەتمەستىن بۇرۇن ھەم قىزلار 25 ياشتىن، يىگتلەر 40 ياشتىن كېيىن بولغان نىكاھلار ۋاقىتسىز نىكاھدۇر. تويلاشقۇچى يىگىت-قىز ئوتتۇرىسىدىكى ياش مۇناسىۋىتىنى ئىلىم ئەھلى ۋە تېۋىپلار «قىز ئۆزىگە ئەر بولغۇسى يىگىتتىن ئالتە ياش ئەتىراپىدا كىچىك بولۇشى لازىم، ئەمما 10 ياشتىن ئارتۇق پەرق مۇۋاپىق ئەمەس» دەيدۇ.


جورىلىق

ئۈمۈرلۈك ھەمراھلار، يەنى ئەر-ئايال ئارىسىدا قاچانكى باراۋەرلىك بولسا، شۇ چاغدا بىرلىك ۋە دوستلۇق بولىدۇ. بولمىسا، ئارىدا كەمسىتىش يۈز بېرىپ، شۇ سەۋەبتىن ئائىلە بۇزىلىدۇ. شۇڭا، بايلىق، تەلىم-تەربىيە توغرىسىدا يىگىت بىلەن قىز باراۋەر بولۇشى كېرەك. تەربىيە كۆرگەن، بىلىملىك، گۈزەل خۇلقلۇق قىز بىلەن يىگىتنى تەڭ سانىماسلىققا ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق.

دۇنيانىڭ راھىتى بايلىقتا ئەمەس، بەلكى كۆڭۈل تىنىچلىقىدىدۇر. لېكىن، ياشلىق سەۋەنلىكى سەۋەبىدىن بەزى يىگىت، قىزلار ئۆزىگە جورا بولىدىغانلارنى جورا كۆرمەسلىكى، جورا بولمايدىغانلارنى جورا ھېسابلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، قىز-يىگىتلەر نىكاھ توغرىسىدا چوڭلار ۋە تەجرىبىلىك كىشىلەرنىڭ سۆزىنى ياخشى ئاڭلىشى، ماھارەت بىلەن كۆزىتىشى كېرەك.


نەسەب جەھەتتە يىراقلىق

يېقىن قېرىنداشلار ئارىسىدا  بولغان نىكاھ قىز-يىگىتنىڭ ئۆزى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈنمۇ زىيانلىق. بۇنداق نىكاھدا كۆپ ھاللاردا بالىلارنىڭ زەئىپ، ئەزالىرى كەمتۈك ياكى كېسەلچان بولدىغانلىقى سىناقتا ئىسپاتلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، نىكاھ قىلىنغۇسى ئەر بىلەن ئايال قېرىنداشلىق، مەملىكەت، ئىقلىم جەھەتلەردىن  مۇمكىنقەدەر يىراق بولۇشى لازىم.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-12 05:41 PM  


ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78604
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3451
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 198 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 02:25:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدۇق،رەھمەت!

شۇنچە كۆپ ھەرىلەر بىر كۆنەكتە بىر-بىرىنى چېقىشمايدىكەن،
ۋە لىكىن ئادەملەر بۇ دۇنياغا پىتىشمايدىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83194
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3127
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2012-7-29
ئاخىرقى: 2013-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 02:28:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زور چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق رەخمەت

ئۇيغۇردەك ياشا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5577
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32286
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3425 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 02:30:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزكۇر يازمىنى بىر قۇر ئوقۇپلا بەك تەسىلەندىم. دىمەك ،ھازىركى جەمىيتىمىزدىكى ئەر-ئاياللار مۇشۇ تىمىدىكى مەسئۇلىيەت-مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلقشقا تىرشىپ باقالىسىا ياخشى بولاتتى.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9428
يازما سانى: 1135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10391
تۆھپە نۇمۇرى: 480
توردا: 3256 سائەت
تىزىم: 2010-9-7
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 02:53:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدىم  رەخمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78095
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3550
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2013-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 02:57:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلۋالدىم رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81951
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3559
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 598 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 03:18:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81158
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3124
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 03:28:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىدىن چوڭ خاتۇن ئېلىش مۇۋاپىق مۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15158
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8112
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2012-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 04:19:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلىق ئۇقۇملاركەن ..رەھمەت سىزگە !

دۇنيا بىر كۈندۇر ، ئۇ بولسىمۇ بۈگۈندۇر !!

ئوتياق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13482
يازما سانى: 3785
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16600
تۆھپە نۇمۇرى: 1089
توردا: 637 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2014-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 06:27:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىشكە تىگىشلىك ھىكمەتلەر ئىكەن. ئەجرىڭىزگە رەھمەت !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش