مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5021|ئىنكاس: 61

ئۇيغۇر كىنوچىلىقى توغرىسىدا ئەندىشىلىك خىياللار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83027
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3079
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2012-7-26
ئاخىرقى: 2012-11-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 12:47:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر كىنوچىلىغى توغرىسىدا ئەندىشىلىك خىياللار
دۇنيا كىنوچىلىغى شۇنداق تەرەقىي قىلىپ يۇقىرى باسقۇچقا يەتكەن مۇشۇ پەيتتە ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى  ئۇيغۇر كىنوچىلىقى تۈگۈشۈپ چاڭ-تۇزاڭنىڭ ئارىسىغا كۆمىلىپ قالماقتا، ئەجىبا بىز ئۇيغۇرلار كىنو ئىشلىيەلمەيمىزمۇ؟ كىنو سىتودىيسى يوقمۇ؟ كىنو ئىشلەش ئۈسكۈنىلىرى كاممۇ ياكى ئەسەر كاممۇ؟ بىز قاچانغىچە تۈركىيە ،كورىيە ، ئۆزبەك ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىنولىرىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز. بۇرۇن تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيسىدە گۇاڭچۈنلەن ئىسىملىك بىر رېجسور بولۇپ ئۇيغۇر كىنوچىلىقىغا زور تۆھپە قوشقان، يىل بويى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۇرۈلگەن كىنولارنى ئىشلەپ كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغان، بىراق گۇاڭچۈنلەن پىنسىيەگە چىقىپ رېجسورلۇق ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ قولىغا قالغاندا ،ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنىڭ سانى ۋە سۈپىتى بىراقلا تۆۋەنلەپ كىنوچىلىق ساھەسىدىن  خوشلىشىش گىرداۋىغا كىلىپ قالدى. ئەپسۇس يەنە ئەپسۇس....    ھازىرقى  كىنو ئىشلەش ئۈسكىنلىرى ۋە تېخنىكىلىرىنى بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا غايەت زور دەرىجىدە ئاددىيلاشتى ،كېتىدىغان خىراجەتمۇ كۆپ تۆۋەنلىدى، ھەتتا ئوقۇغۇچى بالىلارمۇ ئۆز ئالدىغا قىسقا فىلىملەرنى ئىشلىمەكتە . ئۇنداقتا بىزنىڭ كىنو سىتودىيىلىرىمىز نىمە ئۈچۈن كىنو ئىشلىيەلمەيدۇ؟
بۇنىڭغا بولغان مېنىڭ شەخسى كۆز قارشىم مۇنداق: ئاساسلىق مەسىلە رەھبەرلىكتە ،چۈنكى،ئۇيغۇر كىنۇچىلىقىغا ھۆكۈمەتتىن بېردىغان ئىقتىساد ئىنتايىن ئاز،چەكلىمە ئىنتايىن كۆپ، سىتودىيە رەھبىرىنىڭ  قابىلىيتى تۆۋەن ، تەرەقىي قىلىش ئالغا ئىنتىلىش نىشانى يوق ، كەسپى باشقۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەن دەپ قارايمەن. بۇنداق رەھبەرلەر ھۆكمەتنىڭ مائاشىنى ئېلىپ كۈنلىرىنى خاتىرجەم  ئۆتكۈزگەنگە خوش، ئۆز يۇرتىنىڭ ،ئۆز مىللىتىڭ كىنوچىلىق ساھاسى نىمە بولۇپ كېتىشى بىلەن كارى يوق. رېجسورلار ۋە ئارتىسلار بولسا مۇشۇ پۇرسەتتە سىرتلاردا ئۆز ئالدىغا پۇل تېپىش بىلەن ئالدىراش. بەلكىم ئۇلار كىنو ئىشلەشكە مەبلەغ كەمچىل دەپ بانا كۆرسىتىشى مۇمكىن ، بۇ ئۇلارنىڭ غايىسىزلىگىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر ئۇلار شەخسى مەنپەئەتكە بىرىلمەي كىنوچىلىقنى راۋاجلاندۇرسا غايەت زور مەبلەققە ئىرىشەلەيدۇ ، ئەجبا ھىندىستانلىق شەخسى رېجسورلار يىلىغا نۇرغۇن كىنولارنى ئىشلەپ نۇرغۇنلىغان قوشۇمچە قىممەت يارىتالايدىكەنغۇ؟ كورىيىلىكلەر بىر نەچچە يۈرۈش ئائىلە كۆرۈنىشى بىلەن بىر نەچچە ماشىنا كۆرىنىشى ئارقىلىق ئۆيدىن سىرتقا چىقمايمۇ ، كۆپ مەبلەغ سالمايمۇ نۇرغۇن نادىر كىنولارنى ئىشلىيەلەيدىكەنغۇ؟ بىز ئاشۇلار نىڭ كىنولىرى ئارقىلىق شۇلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنى بىلىپ يەتتۇق، بىراق بىزنىڭ كىنولىرىمىز يوق بولغاچقا ،ئۇلار بىزنى ھەرگىز چۈشەنمەيدۇ . كىنو بولسا شۇ جاينىڭ شۇ مىللەتنىڭ ئۆرپ-ئادىتى،شانلىق مەدەنىيىتى،دىننىي-ئېتىقادى ۋە ئىجتىمائى ئالاقىنىڭ ئىلگىرى سۈرىلىشىدە كۆپ رول ئوينايدۇ، شۇنداق بولغاچقا بىز نېمە ئۈچۈن كىنوچىلىققا ئەھمىيەت بەرمەيمىز ؟ ئاددىيسى مۇڭغۇللار كىنوچىلىقىمۇ قاتتىق تەرەقى قىلىپ رايون ئاتلاپ ،ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمزغا كېلىپ تۈرلىك كىنو كۆرىنىشلىرىنى سۈرەتكە ئېلىپ كېتىشىپ بارىدۇ، بىز شۇ مۇڭغۇللارنىمۇ دورىيالمامدۇق. ھۆرمەتلىك تورداشلار بىزنىڭ كىنوچىلىق مەسكىسى ئۇزۇندىن بېرى مېنىڭ كاللامغا كىرىۋېلىپ ئاخىرى ئويلىغانلىرىمنى بۇ مۇنبەرگە يوللىدىم ، سىلەرمۇ بۇ توغرىلىق ئويلىغانلىرىڭلارنى ئېيتىپ باقساڭلار!
مەنبە:ئۆز تەپەككۇرۇم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-12 05:24 PM  


foormat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 01:04:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئادەم ئىمانى بىلەن ئادەم .....

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82799
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3691
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 01:07:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغرى پىلاستىنكىلارنىڭ تەسىرى خىلى يامانكەن ،
ئابدۇكىرىم ئابلىشمۇ بۇ يىلقى ئىتوتىنىڭ پىلاستىنكىسىنى چىقارمايدىكەن . مىليون گۈلمۇ ئۇزۇن بولدى يىڭى قىسمى چىقمىدى ،
مىنىڭچە بۇنىڭدا قوللاش كەمچىل ، ھەممەيلەن ئەسلى پىلاستىنكىنى سېتىۋىلىپ ، ئوغرى پىلاستىنكىلارغا قارشى تۇرساق ئەھۋال باشقىچە بولىدۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 205
يازما سانى: 786
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10782
تۆھپە نۇمۇرى: 404
توردا: 2328 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 01:09:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەپنىڭ پوسكاللىسى پۇل يوق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر پىلاستىنكا چىقا چىقمايلا شۇ پىلاستىنكىنىڭ قانۇنسىز نەشىرى بازارغا چىقىپ بولىدۇ، كىشىلەر ئەزان دەپ ئالىدۇ ئۇنى،،ئابدۇكېرىم ئابلىزمۇ دىدىغۇ زىيارەتنى قۇبۇل  قىلغاندا..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83027
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3079
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2012-7-26
ئاخىرقى: 2012-11-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 01:14:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىنوچىلىق پىلاستىنكا سېتىش ئارقىلىق چوڭ قىممەت يارتالمايدۇ. بەلكىم بىرىنچى قىممەت ھەرقايسى چوڭە  تېلۋىزىيە ئىستانلىرىدا قويۇش ھوقوقىدىن كېلىدۇ، ئىككىنچىدىن كىنو شىركەتلىرىنىڭ قويۇش ھوقوقىدىن كېلىدۇ، ئۈچىنچىدىن سىرىتقا ئىمپورت قىلىش ھوقوقىدىن كېلىدۇ،  تۆتىنچىدىن ئاز بولغان قىممەت پىلاستىنكىدىن كېلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1360
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51040
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9859 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 01:15:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
10نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا،ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا ئىشلەنگەن ‹‹تۇتقۇن قىلىنغان قاچقۇن››،‹‹مەلىكە ئاماننىساخان››،‹‹ئەڭ ئاخىرقى كۆل››قاتارلىق بىر قاتار ياخشى بولغان،ئۇيغۇر تارىخى،مەدەنىيتى،ئۆرپ-ئادەتلىرى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كىنۇلار ۋۇجۇدقا چىققان ئىدى،ئۇ كىنۇلار چىققاندىن كېيىن،جەمىيەتتە خېلى كۈچلۈك زىلزىلە پەيدا قىلغان ئىدى.بۇ كىنۇلار بۇرۇن چىققان كىنۇلار بولسىمۇ،كىتابتىكىگە ئوخشاش بولمىغان ئاساستا ئىشلەنگەن بولسىمۇ،لېكىن،ھەممىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،ئۇيغۇر كىنۇچىلىقى بىرخىل چۆكمە ھالەتكە چۈشۈپ قالدى،يېڭى چىققان كىنۇلار ئاساسلىق كۆپ بولغاندا تۆت قىسىمدىن ئېشىپ كەتمىگەن،كەڭ تۇرمۇش قاينىمىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمىگەن،كىنۇلارنىڭ بۇرۇنقى جەلپ قىلىش كۈچى يىلدىن-يىلغا ناچارلاپ كېتىۋارىدۇ.
بىزدە كىنۇ ئىشلەش ئىشى بولسا،نۇرغۇن ياخشى ئەسەرلەر بار،مەسىلەن،يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ ‹‹سەرسان روھ ››رومانى،يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ ‹‹ناتىۋانلار››،‹‹ئامەت ۋە ئاپەت››،‹‹كۆمۈرچى بالا››،ئەختەم ئۆمەرنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى،يەنە نۇرغۇن ياخشى ئەسەرلەر بار،بۇلارنى كىنۇ قىلىپ ئىشلىسە ھەقىتەن ياخشى بولاتتى.
بىر قېتىم ‹‹كىرۇران ››ژۇرنىلىدا ‹‹ناتىۋانلار››رومانىنى ھۆرىيەت كىنۇ ئىشلەش سىتۇدىيىسىنىڭ ئىشلىمەكچى بولغانلىقى،20قىسم بوپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى،4يىل بولدى،بۇ ئىشمۇ جىم تۇرۇۋاتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7438
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 604 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 01:21:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر مۇشۇنداق بىر كىنو ئىشلەش ئۈچۈن بەل باغلىسا مەبلەغنى تاپالايدۇ . ھۆكۈمەت بەرمىسىمۇ دىيارىمىزدىكى ئىخلاس ، ئارمان دىگەن چوڭ شىركەتلەر ئەلۋەتتە ياردەم قىلىدۇ . مۇشۇ خەق ئۆزىگە باش ئاغرىقى تاپقىسى يوق ئوخشايدۇ .
قالغانلىرىنى دىسەك سىنارىيە ، ئارتىس-رىژىسسور دىگەنلەرنى تېزلا تاپقىلى بولىدۇ. قايسى بىر خەۋەردە كۆرسەم داڭلىق رىژىسسور شىرزات ياقۇپ جوڭگو بىلەن كورىيە بىرلىشىپ ئىشلىگەن كىنوغا باش دىژىسسورلۇق قىلىدىكەن. مانا مۇشۇنداق ئۆزىمىزنىڭ داڭلىق ئارتىس ، رىژىسسورلىرىمىز باشقىلارنىڭ كىنوسىنى ئىشلەپ يۈرۈيدۇ .ئەگەر مۇشۇ كىنو سىتودىيەلىرىمىز  كىنو ئىشلەيمەن سەن كېلىپ رول ئېلىپ بەر ياكى رىژىسسورلۇق قىلىپ بەر دىسە ھەرگىز باش تاتماي قىلىدۇ بۇلار.  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur05 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-12 01:27 PM  


زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83027
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3079
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2012-7-26
ئاخىرقى: 2012-11-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 01:27:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىقىقى كىنو چىلىق پىلاستىنكا سېتىپ پۇل تېپىش ئەمەس، ھىندىستانلاردا قانونسىز پىلاستىنكا چىلىق بىزدىن ئاۋالراق ئەۋجى ئالغان. بۇ ھەقىقى كىنوچىلىققا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. بەلكى نادىر كىنولارنى يارتىپ تېلىۋىزىيە، كىنوچىلىق ساھەسىدىكى بازارلارغا كىرىش.
قىساقا فىلىملەر ،سەنئەت كېچىلىەى، ئېتوتلار ئۆلچەمسىز كىنولار چوڭ بازارغا كىرەلمىگەنكىن شۇڭا كىرىم مەنبەسىنى پىلاستىنكا سېتىشقا قاراتقان
3يۇەنلىك پىلاستىنكىلارنىڭ بازاردا يامىرىشى مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ بازار تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ كەمچىللىگىدە . مېنىڭچە ھەقىقى ئۇيغۇر كىنوچىلىغىنىڭ تەرەقى قىلىشى ئۈچۈن ھەممەيلەن ئاۋاز قوشساق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11654
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 01:27:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈرەكتىكى سۆزلەرنى دەپسىز،مەن‹‹غىرىپ سەنەم››نى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن،ئۇ كىنومۇ ماڭا خېلې تەسىر قىلدى.مەن ھازىر ‹‹مىليون گۈل››فىلىمىنى ئىشلەۋاتقانلارغا ھەۋەس قىلىمەن.

سۇمرۇغنىڭ قۇيرىقى بولغىچە خورازنىڭ تاجىسى بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76386
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3508
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 314 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2012-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 01:30:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر كىنۇچىلىقىنى ھۇكۇمەتنىڭ قۇللىشى يىتەرلىك ئەمەس ..كۇڭىۇل بۇلمەيدۇ.... تۇگىدى  ..

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش