ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!!!ھەربىرىڭىزلەرگە خاتىرجەملىك نېسىپ بولسۇن!!!!
سىڭىپ كىر قەلبىمگە يامغۇر تامچىسى
دېرىزەمنىڭ رېتىملىق ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان مۇڭلۇق ،سېھرلىك كۈي مېنى كۆرۈۋاتقان كىتابىمدىن باش كۆتۈرگۈزدى.دېرىزە ئالدىغا كەلدىم،يامغۇر تامچىسى دېرىزەمگە ئۇرۇلۇپ ،يەرگە چۈشۈپ كېتىشكە قىيالمايۋاتقاندەك ،سىيرىلىپ-سىيرىلىپ چۈشۈۋاتاتتى.!~~~~~
پاھ،نىمە دېگەن يېقىشلىق يامغۇر پۇرىقى ھە؟!!،نەمخۇش،جانغا راھەتبەخىش ھاۋا بىلەن تەڭ ئېتىلىپ كىرگەن يامغۇر تامچىسى ئەركىلەپ يۈزلىرىمگە،كۆزلىرىمگە ئۇرۇلۇشقا باشلىدى!!!ياق!!....ياق......قەلبىمگە ئۇرۇلۇشقا باشلىدى.شۇنىڭ بىلەن تەڭ قەلبىمدە ئاجايىپ بىر گۈزەل لىرىكا غەليان كۆتۈرۈشكە باشلىدى.
سىرتقا چىقتىم،كۆز ئالدىمدا ئىېيتقۇسىز بىر گۈزەللىك يېيىلىپ ياتاتتى.پۈتكۈل كائىنات كۆكنىڭ مۇھەببىتى بىلەن يۇيۇنۇپ،مېھىرى تەپتىدە ئەللەيلىنىۋاتاتىتى.يامغۇر تامچىسى بىلەن يۇيۇنغان ياپراقلار،گۈل بەرگىلىرى ئاجايىپ بىر يېشىل گۈزەللكىنىڭ قۇچىقىدا ناز بىلەن جىلۋە قىلىۋېتىپتۇ.
ئاسمانغا قارىدىم،كۆكنىڭ يۈزىنى قارا بۇلۇتلار قاپلاپ تۇرۇپتۇ،ئاسمان غەمكىنلىك بىلەن كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈپ تۇرۇپتۇ.
ياق!!~~ياق!~~`كۆز ياش ئەمەسكەن،زىمىنغا رەھمەت يېغىپ تۇرۇپتۇ،ئاسمان خۇشاللىق بىلەن مېھرى مۇھەببىتنى ھاياتلىق ۋە ئۈمىدنىزىمىنغا تۆكۈپ تۇرۇپتۇ.
يامغۇر!!~~~ئۇ غەمكىن قەلىبلەرنىڭ ھامىيسى،مىسكىن دىللارغا گۈزەللىك ۋە خۇشاللىق بەخىش ئەتكۈچى.ھىجران بىلەن كۆيگەن يۈرەكلەرگە بولسا ۋىسال خەۋرىنى يەتكۈزگۈچى.
يامغۇر!!~~ئۇ ھاياتلقىنىڭ ئەلچىسى!~~~
ئەي يامغۇر !قەلبىمگە شۇنچىلىك ئارام بەردىڭ،سەن نۇرغۇن قەلبلەرگە ئاراملىق بەخش ئىتەلەيسەن ،چۈنكى نۇرغۇنلىغان ئازاپ بىلەن نەمدەلگەن كۆزلەرنىڭ ئازابىنى سەن كۆز يېشىڭ بىلەن قوشۇپلا ئېلىپ كېتەلەيسەن،ئۇلارنىڭ دەرت-ئەلەمنىڭ تاشقىنى بولغان كۆز ياشلىرىنى يوشۇرۇپ قالالايسەن!~~~
ئەي يامغۇر!سەن كۆكنىڭ كۆز يېشى،ئەي ئاسمان ساڭا نىمە بولدى،چاڭقاپ كەتكەن زىمىننى كۆز ياشلىرىڭ بىلەن سوغۇراي دەمسەن ياكى،بىز ئەقىلسىز ئىنسانلارنىڭ ئۆتكۈزۋاتقان خاتالىقلىرىغا چىدىيالماي كۆز يېشى قىلۋاتامسەن!
يامغۇر بارا-بارا كۆچەيمەكتە ،ئەنسىرەپ قالدىم،رەھمەت غەزەپكە ئايلىنىپ قالارمۇ؟
ياغقىن يامغۇر ئۇيقۇدىكىلەرنىڭ ئۇيقۇسىنى ئېچىپ قويغىن!~~
ياغقىن يامغۇر دەرتمەنلەرگە سىرداش بولغىن!
ياغقىن يامغۇر!قەلبىمگە ياغقىن ،قەلبىمگە سىڭىپ كىرىپ ،كۆڭلۈمدىكى بارلىق غەشلىكەرنى ئېلىپ كەتكىن!~~~
ياغ يامغۇر قەلبىمگە ياغ!~~~
قەلبىمگە ئۇرۇلۇۋاتقان يامغۇر تامچىسى دىلىمغا ئىلھاملار تاشلىماقتا،ئەنە شۇ ئىلھامنىڭ تەسىرىدىن تۆۋەندىكى مىسرالارنى تىزىپ چىقتىم.
زىمىنغا كۈلگەن بىر گۈزەل چېھىرنى،
رەھىمسىز بۇلۇتلار ئورىغان دەمدە.
ياش تۆكەر كۆك ئاسمان قىيالماي شۇنداق،
تۇپراقنىڭ يۈزىگە چەكسىز سۈكۈتتە.
تەشنالىق ئورىغان نىمجان بۇ زىمىن،
كۈلىدۇ ۋىلىقلاپ ۋىسال تەپتىدە.
ياشىرار تىنجىقتا ئۇخلىغان تۇپراق،
سۈيۈنەر مەۋجۇدات بەخىت ئىلكىدە.
زىمىنغا سىرغىغان ھەر تامچە ياشتىن،
ئويغىنغار بىغۇبار يېشىل بىر تۇيغۇ.
ئۈن-تىنسىز يېيىلار چەكسىز گۈزەللىك،
چېكىدۇ قەلبنى تاتلىق بىر سەزگۈ.
ياپراقلار مەڭزىدە لىغىرلار ھامان،
گۈللەرنىڭ بەرگىدە نازلىق بىر جىلۋە.
بىر گۈزەل سۆيگۈگە ئورالغان زىمىن،
يۈزىدىن تەپچىيدۇ تەڭداشسىز جىلۋە.
ياغ ئاسمان كۆز يېشى،ياغ يامغۇر بولۇپ،
تاشلانغىن زىمىننىڭ باغرىغا ئەركىن.
سىڭىپ كىر قەلبىمگە يامغۇر تامچىسى،
كۈلسۇن ھەم دىلىممۇ بولمىسۇن غەمكىن.
مەنبەسى:ئۆز قەلىمىم(ئەردەمئاي)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ardamay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-12 12:06 PM