« پۇشايمان» دراممىسى توغرىسىدا
(بۇ دراممىنى ئۉچتۇرپان ناھيىلىك سەنئەت ئۆمىگى ئورۇنلىعان.) ئاپتۇرى-ئىبرايىم قۇربان.رىژىسۇر-تۇنىسا ھىزىم. ئاساسلىق روللاردا: ئاكىجاڭ-سەمەت سادىق.تۇحان-ئانارحان توحتى. سەلىمە-مىھرىنسا ئەمەت.ئايزىمحان-تۇنىسا ھىزىم. مىھرىبان-سادەت كىرىم.تۇرسۇن-مەمەت نايۇپ قاتارلىقلار... قىسقىچە مەزمۇنى: ناھىلىك حەلق ئىشلار بۆلىمىنىڭ باشلىقى-ئاكىجاڭ ھوقۇققا ئىگە بولعاندىن كىيىن ئەيشى-ئىشرەت، كەيپى-ساپاعا بىرىلىپ كىتىپ، ھاجەتمەنلەرنىڭ كۆپلىگەن سوۋعا-سالاملىرىنى قوبۇل قىلىپ، ھۇش-كاللىسىنى يوقۇتۇپ، ئۆزىنى بىلمەي قالىدۇ. ئۇ ئۆزگەرگەندىن كىيىن قەدىناس ئايالى-سەلىمەدىن چىنىپ، ئىككى بالىسىعىمۇ قارىماي، ئايالىنىڭ حىتىنى بىرىۋىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئايزىمحاننىڭ تونۇشتۇرشى بىلەن ياش سەتەڭ مىھرىباننى ئۆز نىكاھىعا ئالىدۇ. مىھرىبان ئاكىجاڭنىڭ ئۆيىگە كەلگەندىن كىيىن عادىيىپ يۇرۇپ، ئۆي ئىشلىرىعا قارىماي، بالىسىنى ئۆگەيلەپ، ئاكىجاڭنى بىر كۉنمۇ حاتىرجەم قىلدۇرمايدۇ. بىر كۉنى ئاكىجاڭ دوستلىرى ۋە مىھرىباننىڭ ئاتا-ئانىسى ھەم ئۇرۇق-تۇعقانلىرىنى چاقىرىپ، مىھمان قىلىدۇ. مىھمانلار پىشايۋانلىق ھويلىدا ئولتۇرۇپ، ئۆز ئارا كۆڭۇل ئىچىشىپ، ئۇسۇل-تانسا ئوينىشىدۇ. كۉتمىگەندە ئاكىجاڭ بىر قىز بىلەن تانسا ئويناۋاتقاندا ئۆيدە تاماققا تۇتۇش قىلىۋاتقان مىھرىبان ئاكىجاڭنى كۉنلەپ، جامائەت ئالدىدا ئىرىنىڭ تەستىگىگە بىر شاپىلاق سىلىپ، تىللاپ كىتىدۇ. جامائەت ھەيران بولۇشۇپ ئۆيدىن تارقاپ كىتىشىدۇ.ئاكىجاڭ رەسۋا بولۇپ، ئۇنىڭعا ئاسمان يىراق، يەر قاتتىق بىلىنىپ،قەدىناس ئايالى-سەلىمەنى ئەسلەپ، قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ. «بالا كەلسە، قوشلاپ كەپتۇ» دىگەندەك، ئاكىجاڭنىڭ پاراحورلۇق قىلمىشلىرى ئەل-جامائەت ۋە تەشكىل تەرىپىدىن پاش بولۇپ، ئۇنى ئىستىل تۇزۇتۇش يىعىنىعا قاتناشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاكىجاڭ بەحتلىك ئائىلسى ۋە حىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. بۇ درامما بىزگە ھەر دەرجىلىك كادىرلارنىڭ پاكلىك قۇرلۇشىنى تەشەببۇس قىلىشتا ئىبرەت ئالىدىعان موھىم ئاچچىق ساۋاق بولۇپ، كىشىلەرنى ئىدىيىۋىي تەربىيىگە ئىگە قىلىدىعان موھىم بىر دەرسلىك بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. يازعۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئىلى 2012-يىلى 12-ئاۋعۇست يىزىلدى. قەشقەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-12 04:45 PM
|