مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1090|ئىنكاس: 37

تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇھاببەت ئۈلۈمنىڭ يەنە بىر ئىس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65194
يازما سانى: 397
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5613
تۆھپە نۇمۇرى: 539
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2012-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 12:23:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن




قىزىم، بۈگۈن سىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ! بۈگۈن سەن ئۈچۈن شام ياقمىدىم، ساڭا تورت يىگۈزمىدىم، پەقەت ساڭا ئۈنسىز تىلەك تىلىدىم!

قىزىم، بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈڭ. سەن بىريىل ئىلگىرى يىغا بىلەن يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقانىدىڭ. ئاشۇ چاغدىكى يىغاڭنى ئاڭلاپ قۇرسىقى ئاچقان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىغان ئىكەنمەن. ئەمدى چۈشەندىمكى، سەن شۇيىغاڭ ئارقىلىق ماڭا مۇھىم بىر ھەقىقەتنى تۇنۇتماقچى بولغان ئىكەنسەن. يەنى،<< دادا، مەن تۇغۇلدۇم، بىر يۈكىڭىز ئىككى، بىر غېمىڭىز ئون بولدى. ئەمدى يۈرىكىڭىزنىڭ بىر پارچىسى مەن ئۈچۈن كۆيىدۇ>> دىمەكچى بولغان، ئەمما شۇ سۆزلىرىڭنى ئىزھار قىلالماي يىغلىغان ئىكەنسەن.

قىزىم، سىنىڭ ئاشۇ يىغاڭغا ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ھېكمەت، يەشكەنچە ئادەمنىڭ قەلبىنى شىرىن ھېس-تۇيغۇلارغا ئوراپ، مەڭگۈلۈك ئۈمۈتۋارلىققا ئېرىشتۈرىدىغان سىر يۇشۇرۇنغان ئىكەن. دىمىسىمۇ تۇنجى يىغاڭ مىنىڭ قەلبىمدە بارغانچە كۈمۈلۈپ كەتكەن ھېس-تۇيغۇلىرىمنى ئويغاتتى، قېتىپ قاتمال بولۇپ قالغان يۈرۈكۈمنى باھارنىڭ ئىللىق ئاپتىپىدەك سۆيۈپ ئۈتۈپ، قەلبىمدىكى چىگىش تۈگۈنلەرنى يەشتى، ئادىمىيلىك بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدىكى چېگرادا تېنەپ قالغىنىمدا مەنزىلىمنى يۇرۇتۇپ، ئەرلىك مەسئۇلىيەت بىلەن ئاتىلىق مەجبۇرىيەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى. سىنىڭ شۇ يىغاڭ مىنىڭ بىر قىزغا دادا، بەخىتلىك، ئىللىق، ئىناق بىر ئائىلىگە باش بولغانلىقىمنى ئەسلەتتى.

قىزىم، سەن مىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ بولغان<<دادا>> نامىغا مۇيەسسەر قىلدىڭ! ئەمدى چۈشۈنۈپ يەتتىمكى، بۇ نامنىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن بىللە، دادا بولغۇچىغا قۇيۇلىدىغان تەلەپلەر شۇ كىشىنى ئاۋايلاپ قەدەم بېسىشقا، ھەر ئىشنى ئويلىنىپ قىلىشقا ئۈندەيدىكەن. قاچان، قەيەردە، قانداق ۋاقىتتا بولسۇن خوتۇن، بالا، ئائىلىنى ھەردائىم ئەستى چىقارماسلىقنى تەلەپ قىلىدىكەن. مەن بىر بالىغا دادا بۇلۇپ  ئادىمىيلىكتىن ئۇرۇن ئالغان بولسام، شۇنداق دىيەلەيمەنكى، دادام ئون بالىغا دادا بۇلۇپ، ئاللىبۇرۇن ئادىمىيلىكتىن كۈتۈرلۈپ، پەرىشتە قاتارىدىن ئۇرۇن ئالغان ئىكەن....

قىزىم، مەن ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ قۇرغاننى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئانا-بالا ئىككىڭلار بىلەن بەخىتلىك، گۈزەل چاغلاردىمۇ، ئېغىر دەملەردىمۇ بىللە بۇلۇپ، قار-يامغۇردا، پىژغىرىم ئاپتاپتا سىلەر ئۈچۈن كۈنلۈك بۇلىمەن، دۇنيادىكى بارلىق خۇشاللىقلارنى سىلەرگە ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن تىرشىمەن، ھەرقاچان، ھەرقانداق يەردە كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، ھەرقانداق ئېغىر كۈنلەردە سىلەرنى قوغداپ، ئائىلىدە ياخشى ئەر، ياخشى دادا، جەمىيەتتە لاياقەتلىك بىر ئىنسان بۇلۇپ ياشاشقا تىرشىمەن.

قىزىم، بەلكىم سىنىڭ قەدەملىرىڭنى ئاران يۆتكەپ، تۇنجى بۇلۇپ چىققان چۈچۈك تىلىڭ بىلەن<< دادا>> دىگەنچە كىلىپ، قانداقتۇر بىر خىياللار بىلەن ساڭگىلاپ قالغان بېشىمنى قايتا-قايتا كۈتۈرۈپ قۇيۇشۇڭ بىزنى مۇنداقلا كۈلدۈرۈش ئۈچۈن قىلغان ئادىتىڭ بولماستىن بەلكى بىرە يۇشۇرۇن مەنىنى بىلدۈرسە كىرەك. بەلكىم، <<بېشىڭنى كۆتۈر دادا، مەن سىنىڭ يۈزۈڭنى يۇرۇق، بېشىڭنى ئىگىز قىلىدىغان قىزىڭ بۇلىمەن>> دىمەكچى دۇرسەن. بەلكىم،<< بېشىڭنى كۆتۈر دادا، ھاياتقا، كەلگۈسىگە كۈلۈپ قارا، مىنىڭ پارلاق بەختىمنى كۆر>> دىمەكچىدۇرسەن.

قىزىم، تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن! سىنى توققان ئاناڭنىڭ سىنى تۇققان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن!




Photo1396.JPG








خاتىرەمدىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-12 12:33 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 100 مۇبارەك بولسۇن!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

مەن قاچان ئەخمەق بۇلىدىكەنمە، قىزلارغا ئالدىنىپ قالىمە.قىزلار قاچان ئەقلىدىن ئازىدىكەن، ماڭا ئىشىنىپ قالىدۇ.

SUBAT

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82271
يازما سانى: 285
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 377
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2012-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 12:37:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
مۇشۇ يەرگە بىر نەرسە يېزىپ قويساڭ دوستلىرىڭ كۆرەلەيدۇ دەيدىغۇ ! ھى ھى ھى

مۇھاببەت ئۈلۈمنىڭ يەنە بىر ئىس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65194
يازما سانى: 397
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5613
تۆھپە نۇمۇرى: 539
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2012-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 12:40:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىرشاد يوللىغان ۋاقتى  2012-8-12 12:37 AM
خوتەننىڭ ئۇلۇغ ئاتا دىگەن يىرىدە تارتىلغان رەسىمكەندە ...

بىلىپ قاپسىزدە!

مەن قاچان ئەخمەق بۇلىدىكەنمە، قىزلارغا ئالدىنىپ قالىمە.قىزلار قاچان ئەقلىدىن ئازىدىكەن، ماڭا ئىشىنىپ قالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82722
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3547
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2012-11-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 12:42:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرزەنت تۇغۇلغان كۈن بىزنىڭ ئەرلىك كامالەتكە قاراپ يۈزلەنگەن كۈنىمىزدۇر!

ھايات ئىزدەنگۈچىلەر ئۈچۈن بىر  جەننەت

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 2985
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 312
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1021 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 12:45:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۆزلىرىڭىز مەنىلىك ھەم بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ ،ئاتا -ئانىلار ئۈچۈن بالا ئۇلارنىڭ بايلىقى ،بالا بار ئۆي بازار ،بالا يوق ئۆي مازار، دەپ توغرا ئېيتقان كونىلار ،باللىرىمىز بىزگە تۇرمۇشنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3798
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 12:46:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 6551
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 86846
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7366 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 12:47:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ھەم ئانىسىنىڭ تەۋەللۈتىنىڭ بىر يىللىقغا مۇبارەكلەر بولسۇن! ئاتىنىڭ مىھرى قىزغا قۇياش بولسا ،ئانىنىڭ مىھرى ھەتتا باھاردۇر. بەختىڭلارغا بەخىت قوشۇلۇپ ھاياتىڭلار خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتسۇن.
(ئۇماق قىزىڭىزنىڭ يامان كۆزدىن يىراق بولۇشى ئۈچۈن تالىق رەسىمىنى چىقىرۋەتكەيسىز.چۈنكى كۆز تېگىش بەك ياماندۇر.)

قېنى مېنىڭ ئەكىس سادايىم...!

SUBAT

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82271
يازما سانى: 285
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 377
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2012-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 12:56:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
مۇشۇ يەرگە بىر نەرسە يېزىپ قويساڭ دوستلىرىڭ كۆرەلەيدۇ دەيدىغۇ ! ھى ھى ھى

يىراقنى كۆرگۈم ب

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 21635
تۆھپە نۇمۇرى: 582
توردا: 3554 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 01:00:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
turkinaz0992 + 30 ئەجرىڭىزگە رەھمەت
sazguri + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 40   باھا خاتىرىسى

يىللارنى ئۆتكۈزدۈم لىۋىمنى تامچىپ، ئايلارنى سانىماق تەس ئىكەن ئاندىن. ھەپتىلەر كەلگەندە خىيالچان بولۇپ، مىنۇتلار كەلگەندە ئۇيقۇدىن قالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83564
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3103
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 01:19:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىڭىز نىڭ  تۇغۇلغان  كۈنىگە  مۇبارەك  بولسۇن  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش