مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1659|ئىنكاس: 24

ئەستىن چىقماس‹‹ئانا››ئوبرازلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44955
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5760
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2011-6-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 09:30:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەستىن چىقماس‹‹ئانا››ئوبرازلىرى

خۇرشىدە ئابلىمىت
777.PNG


2010-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈن ناھايتى زور بىر يوقۇتۇش بولدى.چۈنكى بۇ كۈنى<<ئېكراندىكى مېھرىبان ئانا>>دەپ نام ئالغان خارەكتىرى ۋە كەچۈرمىشلىرى بىر-بىرىدىن پەرىقلىنىدىغان نۇرغۇنلىغان ئوبرازلارنى جانلىق،ھېسياتلىق ۋە تەسىرلىك يارىتىپ،خەلقىمىزنىڭ قەلىب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئاتاقلىق سەنئەتكار زۇنۇنقىز ئېلاخۇن ھەممەيلەننى ھەسرەت-نادامەتتە قالدۇرۇپ،بۇ دۇنيادىن جىمجىتلا كېتىپ قالغانىدى.شۇ كۈنى بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆزلىرىمدىن ئىسسىق ياشلار تاراملاپ تۆكۈلدى.مەنلا ئەمەس زۇنۇنقىز ئېلاخۇن ياراتقان ئانا ئوبرازلىرىنى چىن يۈرىكىدىن ياقتۇرىدىغان سان-ساناقسىز كىشلەر سېغىنىش ۋە ھەسرەت ئوتىدا پۇچلاندى.كۈنلەر ئۆتكەنسىرى ئۆمۈر مۇساپىسىدە ئاز بولمىغان رىيازەتلەرنى چەككەن كېيىكى چاغلىرىدا بولسا ئۆزىنىڭ رول ئېلىشتىكى تالانتى بىلەن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا زور تەسىر قوزغاپ،ھەممەيلەننى ھاياجانغا سالغان خۇشخۇي،چىقىشقاق،مېھرىبان،كىچىك پېئېل بۇ ئاتاقلىق سەنئەتكارنىڭ سەھنە ۋە ئېكران ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇنتۇلماس خاتىرلەر بىر-بىرلەپ خىيال ئېكرانىمدىن ئۆتۈپ،مېنى چوڭقۇر سېغىنىشلارغا غەرىق قىلدى...  
******  
ئەلگە تۇنۇلغان داڭلىق سەنئەتكار زۇنۇنقىز ئېلاخۇن1936-يىلى 6-ئايدا غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.ئۇ ئۆزىنىڭ ناخشا ئېيتىشتىكى تەبئىي تالانتى بىلەن1951-يىلى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا ئولكىلىك ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىگە قۇبۇل قىلىنغان.ئۇ 1953-يىلى ئىشلەنگەن<<غېرىپ-سەنەم>>ئوپراسىدا باش رول-سەنەم ئوبرازىنى مۇۋاپىقىيەتلىك يارتىپ ئۆزىنىڭ تۇنجى سەھنە ھاياتىنى باشلىغان.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن زۇنۇنقىز ئېلاخۇن ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ،<<يىتىملار يېشى>>،<<يېڭى يەر>>،<<توي>>،ئاۋغۇست بورانلىرى>>،<<كۆرەش يۇلى>>،<<ئارشىن مال-ئالان>>،<<گۈلدىرى بار،يامغۇرى يوق>>،<<گۈلنىسا>>،<<غۇنچەم>>،<<سىرلىق سومكا>> قاتارلىق كۆپلىگەن ئوپرا ۋە دىراممىلاردا ھەر خىل خارەكتىرگە ۋە كەچۈرمىشكە ئېگە پېرسۇناژلارنىڭ ئوبرازىنى يۇقرى ماھارەت بىلەن يارىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ زور ئالقشىغا سازاۋەر بولدى.
ئەپسۇس، زۇنۇنقىز ئېلاخۇن 1960-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 1970-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە داۋاملاشقان ئاپەتلىك يىللاردا زىيانكەشلىككە ئۇچىراپ ئۆزى سۆيگەن كەسىپتىن ئايرىلىپ قالدى.ئۇنىڭ گۈللەپ ياشناۋاتقان سەھنە ھاياتى تېزلا ئاخىرلاشتى.شۇنىڭ بىلەن يىتىشكەن،ۋايىغا يەتكەن  سەنئەتكار قېقىلىپ-سوقۇلۇپ ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى غۇلجىنىڭ چەت يېزىلىردا ئۆتكۈزدى.قۇرلۇشلاردا ئىشلىدى،ئورما ئورۇپ خامان تەپتى،باشقىلارنىڭ باللىرىنى بېقىپ كىر قاتلىرىنى يۇيدى.بۇنداق جاپالىق،ئازاپلىق،سەرسانلىق كۈنلەر توپتوغرا 10نەچچە يىل داۋاملاشتى.
1979-يىلى ئۇنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرلۈپ،شىنجاڭ ئوپرا ئۆمىكىگە قاتيىپ كەلدى ھەم 1980-يىلى3-ئايدا بۇ ئۆمەك تەييارلىغان <<غېرىپ-سەنەم>>ئوپراسىدا ئىلگىركى<<سەنەم>>ئەمەس،بەلكى غېرىپنىڭ ئاپىسى<<مېھرىبانۇم>>بولۇپ سەھنىدە قايتا جۇلالاندى.شۇنىڭدىن باشلاپ زۇنۇنقىز ئېلاخۇن<<چىن مودەن>>،<<تاشۋاي>>،<<سىز بىزگە ئىشنەمسىز؟>>،<<كېلىنلەر قوزغۇلىڭى>>،<<ئانا ۋە بالا>>،<<كېيىنكى ئاتا>>قاتارلىق دىرامما-ئوپرالاردا خىلمۇ-خىل ئانىلارنىڭ ئوبرازىنى ئىنتايىن تۇرمۇشلۇق،تەسىرلىك يارىتىپ،تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى ھەمدە رول ئېلىشتىكى يۇقرى ماھارىتى بىلەن كەسىپداشلىرىنىڭمۇ چوڭقۇر ھۆرمىتگە سازاۋار بولدى.
زۇنۇنقىز ئېلاخۇن يالغۇز تىياتىر ساھەسىدىلا ئەمەس،كىنو-تېلۋېزىيە ساھەسىدىمۇ بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان سەنئەتكاردۇ.ئۇ 1959 تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيەسى ئىشلىگەن<<بوستانلىقتىكى تەنتەنە>>ناملىق ھېكايە فىلىمدە نىساخان مۇدىرنىڭ ئوبرازىنى ئىنتايىن جانلىق يارىتىش بىلەن ئۆزىنىڭ تۇنجى ئېكران ھاياتىنى باشلىغانىدى.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ،20قىسىملىق تېلۋېزىيە تىياتىرى<<زوزۇڭتاڭ>>دا قۇمۇل ۋاڭىنىڭ ئانىسىنىڭ رولىنى،سەككىز قىسىملىق تېلۋېزىيە تىياتىرى<<تۇتقۇن قىلىنغان قاچقۇن>> دا زورىخان ئانا رولىنى،<<مەلىكە ئاماننىساخان>> ناملىق ھېكايە فىلىم ۋە شۇ ناملىق تېلۋېزىيە تىياتىرىدا  ياغاچچىنىڭ ئايالىنىڭ رولىنى،توققۇز قىسىملىق تېلۋېزىيە تىياتىرى<<تىمتاس گۇگۇم>> دا باش رول-سانىيەنىڭ مومىسىنىڭ رولىنى،<<كەچۈر ئانا>>ناملىق قىسقا تېلۋېزىيە فىلىمىدە ئوغىلى تەرپىدىن كەمسىتىلگەن بىر بىچارە ئانىنىڭ رولىنى،<<يىراققا تارقالغان قۇڭغۇراق ئاۋازى>>ناملىق تېلۋېزىيە فىلىمىدە بالا دەردىدە ساراڭ بولۇپ قالغان  ئانا رولىنى،بۇنىڭدىن باشقا<<ئۆتەڭ مېھرى>>،<<يىراققا يېزىغا مۇھەببەت>>،<<قېرىنداشلىق>>،<<قارماي ھەققىدە ھېكايە>>،<<ئۆچكەن يۇلتۇز>>،<<تەڭرى گۇۋاھ>>،<<ئالىمجان بۇلۇمسىزمۇ؟>>،<<سەرسان روھ>>،<<مۇدىرىمىز دىلبەر>>،<<چىن سۆيگۈ>>،<<كۆزۈمدە لىق ياش>>،<<شىنجاڭ قىزلىرى>>،<<ئانىنىڭ قاتىلى>> قاتارلىق كۆپلىگەن كىنو ۋە تېلۋېزىيە تىياتىرلىرىدا كەچۈرمىشى،پىكىر ھېسياتى،خارەكتىرى ۋە ئادىمىيلىك سۈپىتى بىر-بىرىدىن روشەن پەرىقلىنىدىغان كۆپلىگەن پېرسۇناژلارنىڭ ئوبرازىنى چىن ھېسىيات،يۇقرى ماھارەت بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ يارتىپ،تاماشىبىنلارنىڭ يۇقرى باھاسىغا ۋە ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ،<<ئېكراندىكى مېھرىبان ئانا>>دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى.   
زۇنۇنقىز ئېلاخۇننىڭ بۇ خىل كامالەتكە يەتكەن رول ئېلىش ماھارىتى تاساددىپىي پەيدا بولغان ئەمەس،ئۇ ھەر قانداق بىر ئانىنىڭ ئوبرازىنى تەسىرلىك يارتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن سىنارىيەنى قايتا-قايتا ئوقۇپ،ئوبرازلار ئىچىگە چوڭقۇرلاپ كىرگەن،سەنئەتنىڭ مەنبەسى تۇرمۇش،تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكمىگەن،تۇرمۇشنى چۈشەنمىگەن سەنئەتكارنى ھەقىقىي سەنئەتكار دېگىلى بولمايدۇ.
زۇنۇنقىز ئېلاخۇن جاپالىق يېزا تۇرمۇشىنى ئۇزاق يىل بېشىدىن كەچۈرگەن بولغاچقا،ئاشۇ قايناق ھايات،قىيىن تۇرمۇش ئۇنى تاۋلاپ پىشقان بىر ماھارەت ئىگىسىگە ئايلاندۇرغان.ئۇنىڭدىن باشقا زۇنۇنقىز ئېلاخۇن ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق ئورۇنلاش ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ،ئېتوتچىلىق سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈنمۇ بەلگىلىك تۆھپە قوشتى.ئۇ ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ،<<ھاكىم>>،<<ئۆچىۋاتقان چىراغ>>،<<ئۇچرىشىش>>،<<كېلىن تاللاش>>،<<ماقۇلجان>>،<<ساتراچخانىدا>>،<<ھەشەمەت>> قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئېتوتلاردا ھەرخىل ئانىلارنىڭ ئوبرازىنى تەسىرلىك،قىزىقارلىق ھەم يۇمۇرىستىك ئۇسلۇپتا يارتىپ،كەڭ تاماشىبىنلارغا كۈچلۈك بەددىي زوق ئاتا قىلدى.
ئەپسۇس،مىڭ ئەپسۇس.....سەنئەت كۆكىدە پارلىغان،ئەلنىڭ ئېززەت-ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بۇ ئاتاقلىق كىنۇ ۋە تىياتىر سەنئەتكارى بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى.ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئويلىغان كۆڭلىگە پۈككەن<<تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ ھەقىقىي ھېسىياتى،خوشاللىقى ۋە غەملىرى مۇجەسسەملەنگەن يارقىن ئوبرازلار>>نى يارىتىشتەك ئارمانلىرى ئارمان پېتى قېلىپ قالدى.شۇ تاپتا خەلقىمىز ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن ئۆلمەس ئوبرازلار ئارقىلىق بۇ مۆھتىرەم سەنئەتكارنى تېخىمۇ چوڭقۇر سېغىنماقتا ۋە ياد ئەتمەكتە..........

مەنبەسى:<<تەڭرىتاغ ئېكرانى>>ژۇرنىلىنىڭ 2012يىللىق 1-سانى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ataman26 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-12 12:06 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sizkimbulisiz + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71638
يازما سانى: 1167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1312 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 10:50:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق مۇكەممەل ئانا ئوبرازى ئىكراندا قايتا چىقىپ باقمىدى ... خەق دوراپ بولالمىدى ...

توختىخاچام بۇرۇتلۇق ، قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق. تور ئىسمىم بەك مەتو .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7825
يازما سانى: 864
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7418
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 1930 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2014-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 10:59:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ رەھمەتلىك ئانا مىنىڭ مەرھۇم چوڭ ئانامغا بەكمۇ ئوخشايتتى. ھەر قېتىم كۆرسەم چوڭ ئانامنى كورگەندەكلا ھىسىياتقا كىلىپ قالاتتىم.  '
ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئۇلۇم خەۋىرىنى ئاڭلاپ بەكمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولغان ئىدى.

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 11:03:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ۋاپاسىز ياردىن ۋ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1873
يازما سانى: 602
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6992
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 7885 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 11:16:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەككىز قىسىملىق تېلۋېزىيە تىياتىرى<<تۇتقۇن قىلىنغان قاچقۇن>> دا روزىخان ئانا ئوبرازىنى ياراتقىنى مەرھۇم زۇنۇنقىز ئىلاخۇن ئەمەس بەلكى پاتەم رايىدىن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahliya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-11 11:28 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 11:22:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن  قەلبىمىزگە سىڭىپ كەتكەن ئانا ئوبرازى بولۇپ قالدى . خۇرشىدە خانىمنىڭ ھارماس قەدەملىرى سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنىلا زىيارەت قىلىپ كۆركەم كىتاب قىلىشتىن ئىلىم ساھەسىدىكى بولۇپمۇ تەبىي پەن ساسەسىدىكىلەر ھەققىدىمۇ سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنى تونۇشتۇرغاندەك كىتاب ئىشلەپ بېقىشنى تەكلىپ قىلىمىز . ئۇلارنىڭ ئەمگىگىمۇ بۇلاردىن قېلىشمايتتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1359
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51020
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9844 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 11:23:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ ‹‹يىراقتىن تارالغان قوڭغۇراق ئاۋازى››دېگەن فىلىمدىمۇ چىقىدۇ بۇ مەرھۇمە ئانىمىز،بەك ياخشى رول ئالغان بۇ فىلىمدىمۇ،مۇشۇ فىلىمنى كۆرسەملا،بۇرۇنقى ئۆتمۈشنى ئەسلەپ قالىمەن.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72516
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4204
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 319 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2014-11-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 11:39:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«يىراققا تارالغان قوڭغۇراق ئاۋازى » دېگەن بۇ فىلىم بەكمۇ تەسىرلىك ، مەن ھەر قېتىم كۆرگىنىمدە كۆز ياشلىرىمنى توختىتالماي قالىمەن.

تەخسىكەش،چېقىمخورلار يەر يۈزىدىن تامام يوقالسا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83564
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3106
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2013-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 01:54:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەتلىك  چوڭ  ئاپاشنىڭ  مىھرى ئسسىق   ئىدى   ئۇيغۇر  مىللىتىدىن  چىققان  ئۇنتۇلماس  ئانا ئوبرازى  ياتقان  يىرى  جەننەتتە  قىلسۇن  ئۇلۇغ  اللاھ     ئامېن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26265
يازما سانى: 1253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12338
تۆھپە نۇمۇرى: 567
توردا: 7702 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 02:04:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇم زۇنۇن قىز ئىلاخۇن رول ئالغان «يىراقتىن تارالغان قوڭغۇراق ئاۋازى »دىگەن فىلىمنى كۈرۈپ  بۇ مەرھۇمەگە ھۆرمىتىم ئاشتى

ھايات +كۈرەش دىمەكتۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش