مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3850|ئىنكاس: 35

قىلتاققا چۈشكەن ئەر (ھىكايە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57398
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5498
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2011-9-21
ئاخىرقى: 2013-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 07:30:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
              جەميىتىمىزدىكى بەزىبىر قىسىم باي بۇلۇپ ئۈزىنى بىلەلمەي قالغان ياشلىرىمىزغا ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن بۇ تىمىنى يوللىدىم . خاپا بولماي تەستىقلاپ قۇيارسىلەر ؛ گەرچە ئىجادى تىما بولمىسىمۇ پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ ئويلايمەن ،
                   ئەركىن بۈگۈن ناھايىتى روھلۇق ئىدى، ئۇ يېڭدىن سېتىۋالغان «نىسان» ماركىلىق دالا ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، خىيال بىلەن كېتىۋاتاتتى، ماشىنىنى ناھايىتى ئاستا سىلىق ھەيدەيتتى، ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتقانلارمۇ بىزار بولۇپ، قالايمىقان سېگىنال چالاتتى، لېكىن ئەركىننىڭ پەرۋايى پەلەك، بۇنداق ئېسىل ماشىنا دېگەننى ھەممە ئادەمگە كۆرسىتىش كېرەكتە، ئېسل ماشىنا دېگەننى ئاستا ھەيدىسىمۇ ناھايىتى راھەت بولىدىكەن، مەن ھازىر كىمتىم ؟ ھەيداۋاتقىنىم شىيالى ئەمەس، نىسسان، مانا قولۇمدا شىۋىتسارىيەنىڭ ئالىي دەرىجىلىك قول سائىتى، ئىشلەتكىنىم بولسا يېقىندا چىققان ئالما ماركىلىق 4-ئەۋلات يانفۇن، بۇ كىيملىرىمنى مەخسۇس سېتىش ئورنىدىن بەشمىڭ يۈەنگە سېتىۋالدىم، مېنىڭ سالاپتىم كىمدىنمۇ قېلىشسۇن؟ ئەركىن ماشىنىسىنى قىزىل چىراقتا توختاتتى، ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ بىر مەھەللىك ساۋاقدىشى تۇرسۇن تۇراتتى، تۇرسۇن بولسا ئەپجىقى چىقىپ كېتەي دەپ قالغان شىيالى ماركىلىق ماشىنىدا ئىدى، ئەركىن ئۆزىنى تۇرسۇنغا كۆرسىتىش ئۈچۈن دەرىزىدىن مەسخىرە نەزىرى بىلەن تۇرسۇنغا قاراۋاتاتتى، تۇرسۇن ئەركىننى كۆرگەندىن كېيىن ھىجىيىپ سالام قىلىش بىلەن قېلىپ يىشىل چىراقنىڭ يانغانلىقىنى بىلمەيلا قالدى، ئارقا تەرەپتىن چېلىنغان ماشىنىنىڭ سېگىنال ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئەركىن تۇرسۇنغا قاراپ، يېشىل چىراق ياندى قارىم ھەيدىمەمدىلا مەپىنى دەپ مەسخىرە ئارىلاش كۈلۈپ، ماشىنىغا كۈچەپ ماينى باستىدە ئۆتۈپ كەتتى، خىجىللىقتىن ئۆلگۈدەك بولغان تۇرسۇن، خەپ سېنى بىر باپلىمايدىغان بولسام دەپ ئويلىدى.
           ئەركىن ماشىنىسىنى پاپالو ئىچىملىكخانىسىنىڭ ئالدىغا توختاتتى، سوغۇق ئىچملىكخانىغا كىرىپ مىۋە سۈيى بۇيرۇتتى دە ئۆزىنىڭ تۇرسۇننى ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن قويغانلىقتىن خوشال بولدى. ئىزا تارتقان تۇرسۇن، ئەركىننى تازا بىر باپلاشنى پىلانلىدى، تاشچىلىق قىلىپ ئاز-تولا پۇل تاپقىنىڭغا شۇنچىلىك كۆرەڭلەپ كەتمە، ساپاسىز ئادەمدىگەننىزە، ئىككى نان تاپسا بىر تېلىنى داپ قىلىپ چالىدىكەن ئەمەسمۇ، بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر موتىسىكىلىتىڭمۇ يوق قەلەندەر ئىدىڭ، ئەمدى« نىسسان » ماركىلىق ماشىنا ئالدىم دەپ نېمە ھال بۇ ساڭا، تېخى ھەيدىمەمسەن مەپىنى دەپ مېنى زاڭلىق قىلىۋاتىدۇ.سەندە پۇل بولغان بىلەن ھەقىچان بىلىم يوق، خەپ توختاپ تۇر سېنى بىر باپلىمىسام. تۇرسۇن بىر تونىشىغا تېلېفون قىلدى، -ۋەي، رازىيەمۇ، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ھازىر ۋاقتىڭىز بارمۇ؟-ئۇنداق بولسا ئەزىمەت پولو خانىسىغا بىر كېلىڭ، ئارىدىن يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كىين رازىيەمۇ كەلدى، ئۇلار ئايرىمخانىدا پولو يىگەچ پاراڭلاشتى.
                ئەركىن پاپولو ئىچملىك خانىسىدىن چىقىپ ماشىنىنىسى ئوت ئالدۇرۇپ تۇرىشىغا ئالما 4-ئەۋلات تېلېفونى يېقىملىق سايراپ كەتتى، قارىسا تونىمايدىغان بىر نومۇر ئىدى، ئەركىن بىرەسى تاش خەۋىرى قىلغان چېغى دەپ ئويلاپ قالدى. ئەمما تېلېفۇندا بىر قىزنىڭ ناھايىتى نازۇك ئاۋازى ئاڭلاندى، ۋەي ئەركىنمۇ، ياخشىمۇ سىز؟-ھە.. ھە.. ياخشى- سىز كىم بولىسز؟ -ۋاي تېخى مېنى تونىمىدىڭىزما؟- ھۇ ئەسكى- تونىمىغان بولسىڭىز بوپتۇ، كەلگەندە تونۇپ قالارسىز، مەن سىزنى بېيجىڭ مېھمانخانىسى405-نومۇرلۇق ياتاقتا ساقلايمەن، كەلمەي قالماڭ جۇمۇ، بەي بەي.. دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى. ئەركىن بۇ قىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى پەقەت ئېسىگە ئالالمىدى، ئۇ پەرۋاسىز كەتمەكچى بولدىيۇ لېكىن تېلېفوندىن ئاڭلانغان يېقىملىق ئاۋاز، ئالىي مېھمانخانىنىڭ ياتىقى ئۇنى كېتىش نىيتىدىن ياندۇردى. ئۇ ماشىنىسىنى بۇراپ بېيجىڭ مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا ماشىنىنى توختاتقاندىن كېيىن 405 نومۇرلۇق ياتاقنىڭ ئىشىكىنى چەكتى، دېگەندەك ناھايىتى چىرايلىق، ئوماق بىر قىز ئىشىكنى ئاچتى، قىز شەيتانلىق قىلىپ يەنە ئەركىننى ئېلەشتۈردى، ۋاي ئەركىن ئاكا، ئەجەپمۇ ساقلاتتىڭىزغۇ قېنى كىرىڭ، كىرىڭ دېگەن گەپنى ئاڭلىغان ئەركىن شۇنچە كىرگۈسى بولسىمۇ ئىچىدە ئۇنىڭ لۈكچەكلىرى بولسا پۇللىرىمنى بۇلاپ ئېلىۋالارمۇ دېگەن ئەندىشە ئۇنىڭ كاللىسىدا بار ئىدى، شۇڭلاشقا ئەركىن كىرىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. سىرتقا چىقىپ تاماق يەيلى دېدى ئەركىن. قىز ئاۋازىنى سۈزۈپ، ناھايىتى ناز قىلىق بىلەن:
-ۋاي ئەركىن ئاكا تاماقنىڭ گېپىنى قىلىپ قاپسىز، ئىچىدە يەيدىغان، ئىچىدىغان ھەممە نەرسە باردېدى قىز. ئىچىدە باشقا ئادەم بارمۇ دېدى ئەركىن.
-ۋاي ئەركىن ئاكا، ئىچىدە نېمە ئادەم بولسۇن قېنى كىرىڭ دەپ ئەركىننىڭ قولىنى تۇتۇپلا ياتاققا تارتتى، ئەركىن ياتاققا كىردى ياتاقتا راستىنلا باشقا ئادەم يوق ئىدى، دەرىزە تۈۋىدىكى يۇمىلاق ئۈستەلدە بولسا ھەرخىل يەيدىغان- ئىچىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تەل ئىدى. رازىيە ئەركىننى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، -قېنى ئاكا ئالدى بىلەن تاماق يەۋېلىڭ، -تونۇر كاۋىپى، غاز كاۋىپى-يەرلىك تۇخۇملارمۇ بار، ئالدى بىلەن بىر كۈچلىنىۋېلىڭ، قىزنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغان ئەركىننىڭ شەھۋانى نەپسى تاقىلداپ كەتتى، لېكىن ئۇ بۇ قىزنى راستىنلا تونىمايتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ بىرەر توزاققا چۈشۈپ قېلىىشىنى ئويلاپ، يەنىلا كېتىپ قېلىش خىيالى بار ئىدى. لېكىن،- دېدى ئەركىن قىزغا قاراپ:
-مەن سىزنى ئەزەلدىن تونۇمايدىغان تۇرسام، نېمىشقا مېنى بۈگۈن تۇيۇقسىزلا چاقىرىپ قالدىڭىز، تېلېفون نومۇرۇمنى قانداق بىلدىڭىز؟
-ۋاي ئەركىن ئاكا، سىز مېنى تونىمىغان بىلەن مەن سىزنى تونۇيمەن، ئىشقى پىراقىڭىزدا كۆيۈۋاتقىلى خېلى بولدى، شۇڭلاشقا بۈگۈن قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ سىزنىڭ نومۇرىڭىزنى ئىزدەپ تاپتىم ۋە بۈگۈنلا سىزگە ئۆزۈمنى ئاتا قىلىپ مۇرادىمغا يىتەي دېدىم، قانداق بولماپتىمۇ؟- قىز ئۆزىنى ناھايىتى قىزىق گەپ قىلدىم دەپ ئويلاپ قالدىمۇ ياكى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشكەنلىكىدىن خۇشال بولدىمۇ زىل،نازۇك ئاۋازى بىلەن قاقاقلاپ كۈلۈپلا كەتتى.
           ئەركىن قىزغا قارىدى، ئۇ قىز ناھايىتى چىرايلىق ئىدى، ئۇنىڭ ئوغاقتەك قاپقارا قاشلىرى، ئېھ رەنا ئېلانىدىكى قىزنىڭ كىرپىكىدەك كىرپىكلىرى،بەدىنىگە چىڭ يېپىشقان كىيملىرى، قىزغا ناھايىتىمۇ ياراشقان ئىدى. ئەركىن بۇرۇن خېلى قىزلار بىلەن ئارىلاشقان بولسىمۇ ھازىرغىچە مۇنداق چىرايلىق قىزنى ئۇچرىتىپ باقمىغان ئىدى. بەلكىم دەپ ئويلىدى ئەركىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنى قىزلار ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ دەپ ئاڭلىغاندەك قىلغانتىم، ھازىر مەن خېلى بېيىپ قالدىم بەلكىم مېنى راستىنلا يوشۇرۇن ياخشى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەركىن ئەمدى گۇمانىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى. قىز بىر شۆبى ئىچىملىكنىڭ ئېغىزىنى ئاچتى دە ئەركىنگە سۇندى، ئەركىن بىر يۇتۇم ئىچىپ شۆبى ئىچىملىكىنى قويۇپ قويدى. بولدى بىر دەم ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن يېمەيمىزمۇ دېدى ئەركىن، ۋاييەي ئەسكىلىكىنى بۇنىڭ، ئاپتاپتا بەك قارىداپ كېتىپسىز، ئاۋال يۇيۇنۇپ چىقىۋېلىڭ دېدى، ئەركىن ھىجىيىپ يۇيۇنغىلى مونچىغا كىرىپ كەتتى. ھايال ئۆتمەي يۇيۇنۇپ يېنىپ چىقتى، ئەركىن شىرەدە ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ شۆبىسىنى گۈپلا قىلىپ ئىچىۋەتتى. ئۇ يۇيۇنۇپ چىققاندىن كىين باياتىنقى ئوت كەتكەن تېنى سەل سوۋىغاندەك قىلدى، شۇڭا ھامىنى مېنىڭغۇ دەپ ئويلاپ بىردەم ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشنى لايىق كۆردى.
-تېخى ئىسمىڭىزنى بىلمىدىم ئىسمىڭىز نېمە؟
-ئىسمىم گۈلمىرە.
-ئىسمىڭىزمۇ ئۆزىڭىزگە ئوخشاش چىرايلىق ئىكەن،سىز نېمە ئىش قىلىسىز؟
-ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسدا ئىشلەيمەن.
-قالتىسقۇ، خىزمەت ئورنىڭىزمۇ بەك ياخشى ئىكەن.
ئەركىننىڭ شۇ گەپنى قىلغىنى ئېسىدە تۇردى، ئۇ كۆزىنى ئېچىپ قارىسا يەنىلا شۇ ياتاق ئىكەن، ئەركىننىڭ بەدىنىدە بىرتال كالتا ئىشتانمۇ يوق ئىدى، پورتمال، ئالما ماركىلىق تېلېفون قاتارلىق نەرسىلىرى يوق ئىدى، پەقەت ئىنساپ قىلىپ كىملىكىنى تاشلاپ قويۇپ كەتكەن ئىدى. ئەركىن خىجىللىقىدا يىغلىۋىتىشكە تاس قالدى، كەينىدىن قوغلاپ يىتىششىنى ئويلايتتى لېكىن ئۇ تۇغما ھالەتتە يالىڭاچ ئىدى. ئۇ قانداق قىلىشنى بىلەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن دوستىغا تېلېفون ئېلىشنى ئويلىدى، لېكىن ئۇنىڭ يانفۇنىمۇ يوقتە، مېھمانخانا تېلېفونى پەقەت ئىچكى لىنىيەگىلا ئۇرغىلى بولاتتى. ئەركىن ئەمدى راستىنلا يىغلىۋەتتى. دەرىزىنى ئېچىپ قارىسا يېرىم كېچە بولغاندەك قىلاتتى، ئۇ تاڭنىڭ ئېتىشىنى كۈتتى، بىردەممۇ ئۇخلىيالمىدى، ئۇ سەھەردە ئىشىك تۈۋىگە قۇلىقىنى يېقىپ تۇردى، بىرسىنىڭ ماڭغان ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۇ ئاستا ئىشكتىن بېشىنىلا چىقىرىپ كېتىپ بارغان كىشىنى چاقىردى. كېتىپ بارغان كىشى ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى قارىغاندا ئۇ ساياھەتچىدەك قىلاتتى.
-جېنىم ئاكا، تېلېفونىڭىزنى بىرمىنۇت ئىشلىتىۋالغان بولسام بوپتىكەن.
-تېلېفونۇم ياتاقتا قالدى تۇرۇپ تۇرۇڭ، مەن ھازىر ئېپ چىقىپ بېرەي،- بىردەمدىن كېيىن ھېلىقى كىشى ئەركىنگە تېلېفونىنى ئەچىقىپ بەردى. ئەركىن تېلېفوننى ئېلىپلا بىر دوستىغا تېلېفون قىلدى، تەلىيىگە يارىشا تېلېفون ئۇلاندى، ۋەي كىما دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى، ۋاي ئاداش مەن ئەركىن، ئاداش جىق گەپ قىلىشقا ۋاقتىم يوق، سەن دەرھال كەيگىلى بولىدىغان كىيىملىرىڭدىن بىر قۇر ئېلىپ، ئاياغ ئېلىۋېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالما، دەرھال بېيجىڭ مېھمانخانىسى 405-ياتاققا كەلگىن، ئەمىسە شۇنداق بولسۇن، قالغان گەپنى كېيىن دېيىشەيلى. ئەركىن تېلېفوننى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىپ ئىسەدەپ يىغلىۋەتتى، ئالتە مىڭ يۈەن پۇل دېگەنغۇ كارايىتى چاغلىق ئىدى، لېكىن ئادەم دېگەن شۇنداقمۇ شەرمەندە بولغان بارمۇ؟ بىر سائەتتىن كېيىن ئەركىننىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەن دوستى نىياز يېتىپ كەلدى، ئەركىن مۇنچىنىڭ لۆڭگىسىنى يۆگىۋالغان ئىدى. ئەركىن نىيازنىڭ قولىدىكى كىيىمنى ئېلىپلا دەرھال كىيشكە باشلىدى، كىيىملەرنى كىيىپ بولغاندىن كېيىن، بولغان ئىشلارنى نىيازغا سۆزلەپ بەردى. نىياز دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى ئېيتتى.
- ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا بولمايدۇ،- دېدى ئەركىن.
-نىمىشقا؟
- ھەي ئاداش، بۇ دېگەن ھەممىسى ئۆزەمنىڭ شورى، ئويلاپ باقسام بۇ ئىش ماڭا قاتتىق ئاچچىق ساۋاق بولدى ۋە ھاياتىمدىكى ئەڭ ياخشى بىر دەرس بولدى. كىيىمىمدىن ئايرىلىپ قېلىپ ناھايىتى قورقتۇم، بىرەسى مېنى كېپەنلاۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى. ھەممە گۇناھ ئۆزەمدە ئاداش، مەن ئاز-تولا پۇل تېپىپ كۆرەڭلەپ كەتتىم، بىھۇدە پۇل خەجلەپ ئالىي دەرىجىلىك ماشىنا ئالدىم، بىر ئوبدان تېلېفونۇم بولسىمۇ قىممەت باھالىق تېلېفۇن سېتىۋالدىم، بۇلارنى شۇنداق سېتىۋالسامغۇ مەيلىتى، مەنمۇ ئادەم بالىسى بولغاندىن كېيىن راھەت كۆرۈشۈم كېرەك ئىدى. لېكىن شۇ نەرسىلەرگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئۆزۈمدىن نامرات كىشىلەرنى كەمسىتتىم، نامرات دوستلىرىمنى كۆزگە ئىلمىدىم، مەسخىرە قىلدىم، ئۆزەمنى بەك چوڭ چاغلاپ كېتىپتىمەن، ھەتتا تۆنۈگۈن ساۋاقدىشىمنىڭ شىيالى ماشىنىسىنى مەپە دەپ زاڭلىق قىپتىمەن، مەن مەسخىرە قىلغان كىشىلەر دەرىزىدىن قاراپ مېنىمۇ مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك بىلىندى. بۇ كۈنلەردە مەن بىلەن بىرگە بولغان مېھرىبان ئايالىممۇ كۆزۈمگە سىغمايۋاتقانىدى، قولۇمغا پۇل كىرىپ كۆزۈمگە ماي تولۇپ قالغان ئىدى، بۈگۈن بۇ ماي تازىلاندى. ئۆزەمنىڭ كىملىكىمنى تونۇدۇم، ئۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن نادان، ئەخمەق، بىلىمسىزلىكىمنى تونۇدۇم. ئەگەر مەن ئۈجمە كۆڭۈل بولمىغان بولسام، مېھرىبان ئايالىم مېنى ئۆيدە ساقلاۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان بولسام ئۇ قىز مېنى ھەرگىزمۇ ئالدىيالمايتتى. ھەممىسى ئۆزەمنىڭ شورى ئاداش، بۇ قىزنى ئىزدەشنىمۇ خالىمايمەن ۋە بەلكىم ئۇنىڭغا ئىچىمدە مىننەتدار بولۇشۇم مۇمكىن. مەن بۇنىڭدىن كېيىن يېڭى باشتىن ئادەم بولىمەن.جۈر ئاداش كېتەيلى.

مەنبە: يارىپ تورى


ھويلامىنى بىزەپ قويدۇم.كۈرۈپ بىقىڭلار (كۈلگەن  چىراي ئىپادىسى )
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51532
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5173
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 2331 سائەت
تىزىم: 2011-8-13
ئاخىرقى: 2013-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 08:02:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4309
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 08:13:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

http://www.deathclock.com

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 824
يازما سانى: 1033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13692
تۆھپە نۇمۇرى: 1124
توردا: 6727 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 08:25:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غىزىنى غاز ئۆردىكىنى ئۆردەك قىلىۋىتىپتۇدە بۇ كۆز-كۆزچىنىڭ؟  كونىلارنىڭ بىر گىپى بار‹‹ئۇتكەن كۇنۇڭنى ئۇنۇتما، چىغ چورۇقۇڭنى قۇرۇتما›› دەپ راست ئېيتقان،تېما ئىگىسىگە رەھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qintax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-11 08:25 PM  


سۇ بۇيىدا سۇغا مەن تەشنا، لەۋ يالىسام ئاغزىمغا پەشۋا.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3555
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32482
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3772 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 08:29:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بۇ ھىكايىنى ئوقۇپ تازا كۈلۈپتىمەن ، ئاجايىپ باپلاپتۇ دىسە ، ئادەم ئەسلىنى ئۇنتىمىغان ياخشى ،

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81433
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3103
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2012-6-11
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 08:37:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇتكەن كۇنۇڭنى ئۇنۇتما، چىغ چورۇقۇڭنى قۇرۇتما

ئىللەت تۈزەلمىگ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12088
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8348
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1809 سائەت
تىزىم: 2010-9-29
ئاخىرقى: 2014-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 08:40:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەركىناخۇنما رەسمىي بىي كالا كوڭكىسىكەن .....

كۈنلىشىمدۇر  ھەتتا  مىنىڭ  شامالمۇ، ئامرىغىمنىڭ گۈل مەڭزىگە سۆيدى دەپ. ۋە   بەزىدە   كۈنگە   پەشۋا   ئاتىمەن، ئاپتىپىدا  يارنىڭ  يۈزى  كۆيدى  دەپ.
foormat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 08:49:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78032
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3034
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2012-3-28
ئاخىرقى: 2012-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 09:03:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
munajjim007 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-11 08:37 PM
ئۇتكەن كۇنۇڭنى ئۇنۇتما، چىغ چورۇقۇڭنى قۇرۇتما

كۆرمېگەننې كۆرگېنى قۇرسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82396
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4408
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2012-7-2
ئاخىرقى: 2012-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 09:26:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇنمۇ يوللانغانغۇ بۇ تىما.

سۈكۈت قىلىش جىنايەت ھىساپلىنىدۇ.
‹‹ باغداش مۇنبىرى ››گە يوللانغان  ‹‹بىز ۋە ھوقۇقلىرىمىز ››نى، چوقوم ئوقۇپ چىقىڭ!     http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=11612
http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=11703
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش