«كىچىككەن توي» دراممىسى توغرىسىدا
(بۇ دراممىنى قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىگى ئورۇنلىغان.)
ئاپتۇرى-مەمەتئېلى زۇنۇن.رىژىسۇر-ئابلىز ئايۇپ.
ئاساسلىق روللاردا:
رەيھان قالىغاچ -تاجىگۉل. قاۋۇل قارام-ئابلاجان.
ئىمىن كاللا-قۇربان ئىسلام.ھوشۇر كاناي-شۆھرەت مىجىت.
نۇردۇن نوحتا-ئابلىكىم.تەۋەككۇل تۆگە-ئابدۇقىيۇم.
سەلىمە سەۋدا-ھۆرىگۇل.شەرۋانىحان-رەشىدەم.
رازىق يىلمان-ئەركىن ئابلىز قاتارلىقلار...
دراممىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
بۇ دراممىدا 1966-يىلدىن 1978-يىلغىچە ئارىلىقتا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەلۇم يېزىسىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلىكلەر قىزىقارلىق، يۇمۇرلۇق ھالدا ئىپادىلەپ بېرىلگەن.
بۇنىڭدا ئىشچان،گۈزەل قىز-رەيھان قالىغاچنى بۇ يېزىدىكى يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا يىگىتلەر بۇ قىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن،ئۇنىڭ پېيىگە چۈشۈشىدۇ ھەتتا سەلىمە سەۋدانىڭ ئېرى-ھوشۇر كانايمۇ خوتۇنىدىن چېنىپ، ئايالى بىلەن ئاجىرشىپ، رەيھاننى قولغا كەلتۈرمەكچى بولىدۇ. رەيھانقىز بولسا، مەھەللىسىدىكى ياخشى كۆرگەن يىگىتى-قاۋۇل قارام بىلەن مۇھەببەت باغلاپ، ئۆمۈرلۈك بىر جۇپلاردىن بولۇشقا بەل باغلاشقان بولسىمۇ، لىكىن توي خېتى بېرىدىغان خەلق ئىشلار كادىرى رەيھانغا كۆزى چۈشۈپ، ھەر خىل بانا قويۇپ،توي خېتى بېرىشنى كىچىكتۈرىۋىتىدۇ. بۇ دەۋىر مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىي مەزگىلى بولغاچقا، ئەر-ئايال دىھقانلار ئېتىزلىقتا شىللىسىدىن قاپ-تاغار چۈشمەي كىچە-كۈندۈز ئىشلەپ، ئاچ قوساق تۇرمۇش كۆچۈرىدۇ. شۇ دەۋىردىكى «سول»چىل سىياسەتنىڭ تۈپەيلىدىن بىچارە دىھقانلار ئوغۇل-قىزلىرىنى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق قىلالماي، تارتقان ئازاپ-ئوقىبەتلىرى رۇشەن ھالدا تەسۋىرلىنىدۇ.
پارتىيە 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇميىغىندىن كىيىن، بۇرۇنقى خاتا سىياسەت-لۇشەنلەرگە خاتىمە بېرىلىپ، دىھقانلارنىڭ شىللىسىدىكى قاپ-تاغار ئېلىپ تاشلىنىدۇ. نىكاھ ئىشلىرىدا ئەركىن نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ئاخىرى رەيھان بىلەن قاۋۇلجانلارمۇ توي قىلىپ، مەخسەت-مۇرادىغا يەتكەنلىكتەك بىر قاتار ۋەقەلىكلەر تەپسىلى، رۇشەن ھالدائىپادىلەپ بىرىلىدۇ.
قىسقىسى،بۇ دراممىدا مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىي جەريانىدىكى دىھقانلارنىڭ جاپالىق تۇرمۇشى كومىدىيىلىك ھالدا تەسۋىرلەپ بېرىلگەن بولۇپ،تاماشىبىنلارنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىعا زوق ئاتا قىلىدۇ.
يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى يېزىلدى. قەشقەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-11 07:20 PM