گۈللىرىڭ ئېچىلسا قايتىپ كېلىمەن
سېنى ھەر سېغىنغاندا گۈللىكىڭگە مۇھەببەت نەپەسلىرىمدىن بىر جۈملە تۆكۈپ قويدۇم .سەن تېرىغان گۈللەرنى ئاينىپ تۇرسۇن دەپ.............
(1)
سەن مېنى شېئىر پۇراپ تۇر،شېئىرلىرىڭ خۇددى ئۆزەڭدەك تاتلىق بولسۇن دەيسەن . توختىماي يېزىشقا دەۋەت قىلىسەن،يازىمەن..ھالبۇكى ھەر دەقىقە يازغانلىرىمغا سېنىڭ ھىدلىرىڭ قۇشۇلۇپ كىتىدۇ،سېنىڭ بولغىنىڭدىن ھېچ زېرىكمىسەممۇ،ئەمما سېنىڭ زېرىكىپ قېلىشىڭدىن قورقىمەن ....
ھازىر تەڭ كېچە..سىرتتا قاتتىق يامغۇر تاراسلاپ چۈشۈپ تۇرىدۇ،يامغۇرغا ئامراقلىقىمدا يېپىنچامنى ئارتىپ دەرىزىنى ئېچىپ كېچە ئاسمىنىنى تاماشا قىلغاچ يامغۇرنىڭ پۇرىقىنى ھىدلىدىم .يامغۇرنىڭ نەمخۇش پۇراقلىرى لىرىك خىياللىرىمنى ئويغاتقان دەقىقىلەردە،سەن بىلەن مۇڭدىشىپ چىقتىم .شۇتاپ روجەكتىن ئېقىپ چۈشكەن يامغۇر تامچىسىغا ئايلىنىپ كىرىشىڭنى تىلەپ شىرىن ھېسلارغا چۈمۈلدم .تاراسلاپ يېغىۋاتقان يامغۇر ئاۋازى كۈيلەرگە ئايلىنىپ خىياللار قوينىغا باشلىغان دەمدە ھەممە سۈكۈتكە ،جىمجىتلىققا چۆكۈپ كەتتى .خىياللىرىمنىڭ ئەكىس ساداسىنى ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدىكى بۇ جىمجىتلىق ئىچىدىن مۇھەببەت يولى كۆرۈنۈشكە باشلىدى،مەنمۇ قوللىرىنى سوزۇپ ، شۇ لىرىكاڭغا ئەگىشىپ سەن تامان يۈرۈپ كەتتىم .
(3)
تاڭ ئېتىشقا ئازلا قاپتۇ،ساڭا قالدۇرغان خەتلىرىمنى كۆرگەندە سېنىڭ قانچىلىك بەخىت ئىچىگە چۆكۈپ ،شوخلۇق بىلەن مېنى ئەركىلەتكەن چىراي ئىپادەڭنى مەن ئاللىقاچان قىياس قىلىپ بولدۇم .
(4)
جېنىم سائەت توققۇزدىن ئاشتى،
ھېچ كەلمىدى سېنىڭدىن خەۋەر.
ساقلاش ئۈچۈن تۇرىمەن كۈتۈپ،
بىلىپ قالغىن بىتاقەت قەدەر.
كۆيمەكتە مەشۇقنىڭ باغرىداكۈيلەر،
مەۋجۇت ھەم سەن ئۇقىمىغان قۇرلار.
باشقىچە بىر ھىلال يايرايدۇ تىنماي،
قىلچىلىك كۆرۈنمەس ئازاب كۈلپەتلەر.
5
مەن كەتتىم .ساڭا ھەممە ھەممىنى قۇيۇپ كەتتىم .سېنىڭدىكى بارلىق سېغىنىش ۋە سۈيۈشلەرنى ئۈزۈم يادىكار قىلىپ ساڭا ئازراقمۇ قۇيۇپ قويمىدىم .سېنىڭ سېنى كۆرۈپ تۇراي جېنىم دېگىنىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرالماسلىقمنى قالدۇرۇپ كەتتىم.
ساڭا ئاتاپ يازغان لىرىكىلىرىمنى بەت ئارىلاپ ئۇقۇشلارنى قالدۇرۇپ كەتتىم،سېنىڭ ئەركىلىتىشلىرىڭنى مۇھەببەتلىك كۈلۈشلىرىڭنى يادىكار قىلىپ يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قېتىغا سېلىپ ئېلىپ كەتتىم .سەن كۆرمىگەن باشقا بىر قۇياش بالقىيدىغان ،رەڭگىدىن مېنى قارارلىق باسقان يەرگە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم .مېنى تۇيدۇرمايلا كۆيدۈرۋالغىنىڭنى ئەستىلىك قىلىپ قالدۇرۇپ كەتتىم.سەن كۆرگەن قاچانلا قارىسا يىغا ۋە كۈلكە ئارىلاش تۇرىدىغان مەسۇم ئۇماقلىقىمنى ساڭا قۇيۇپ قۇيۇپ كەتتىم .يۈرەكتىن يۈرەككە يول ئاچقان تاتلىق ئەركىلەشلىرىمنى قالدۇرۇپ كەتتىم .سەن بىلەن پۈتۈشكەن مۇھەببەت قۇرلىرىمىزنى سېنىڭ داۋام قىلىشىڭغا قالدۇرۇپ كەتتىم.ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت سېنى كۆرەلمەسلىگىمدىن يىغلاشلىرىمنى ئۆزۈم ئېلىپ كەتتىم .بارلىقى يېنىڭدا پەرۋانە بولغان ساڭا ئاشىقلىقىمنى قالدۇرۇپ كەتتىم.قالدۇرۇپ كەتكەنلىرىمنى ئەستىلىك قىلىپ ،ئەپكەتكەنلىرىمنى مەندىن سوراپ سالمىغىن .چۈنكى ھەممىسى سەن ماڭا قالدۇرغان، بەرگەنلىرىڭ ئىچىدە ھېچ ئەرزىمەس نەرسىلەر ....
6
مۇباداسەن مېنى سۆيسەڭ چىن دىلدىن ،
ھەر قەدەم تىنىغىڭ ماڭا تەئەللۇق.
بارلىقىڭ-شېئىردا قىياس بولغاندەك،
سېغىنساڭ ئەركىلەت يىغلاپ سالمىغىن.
مۇبادا سەن مېنى سۆيسەڭ چىن دىلدىن،
ساڭىلا تەئەللۇق يازغان قۇرلىرىم،
ھەر تىنىق ھەر قۇردا سېنىڭ ئىزىڭ بار،
بىھۇدە ئىزتىراپ، پىراق چەكمىگىن .
سەن ئۈچۈن ياشىدىم ،ياشايمەن دىدىم،
سەن ئۈچۈن ھەممىنى باشتىن باشلىدىم.
شېئىردا بەك ئاددى يازغان قۇرلىرىم،
ئېھتىمال سەن مېنى سىزىپ تۈگەتتىڭ.
(7)
بۈگۈن كېچە مەن يالغۇز،چىدالمىدىم يۈرىگىم ئىسيان قىلىپ تۇرماقتا،سېنى سېغىنىپ چەكسىزلىك ئىچىگە شۇڭغۇپ باقتىم،چەكسىز كەتكەن كائىناتتا ھەممە نەرسە شۇنچىلىك گۈزەل بۈگۈن ،ئەمما ئۇلارنىڭ گۈزەللىگى سېنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭنىڭ ئالدىدا ھېچ سايىۋەن بۇلالمىدى .
سېنى سېغىنىپ ئىشىك تۈۋىمگە چىقىپ ئاياغ ئاۋازىڭنى تىڭشىدىم . ھېچبىر ئىشىك چىكىلمىدى ،ھېچبىر يىنىككىنە ماڭغان ئاياغ تىۋىشلىرىڭ ئاڭلانمىدى ....بىلدىم سەن بۇ يەردە ئەمەس ئىكەنسەن .بولمىسا ئاللىقاچان يېنىمدا ھازىر ئىدىڭ.
سېنى سېغىنىپ ئالبۇملىرىمىزنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ چىقتىم .كۈلكەڭنى ،ئەركىلىتشلىرىڭنى سېغىنىشىمدىن ئۆلەي دىگىنىمدىن قاراپ تۇرغان سۈرىتىڭنى قۇچاقلاپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتىم .
سېنى سېغىنىپ قۇلۇمغا قەلەم ئالدىم .سەن يوق يازغان مۇھەببەتلىك قۇرلىرىم پەقەت قولاشمىدى يىرتتىم يىرتتىم ..لېكىن يەنىلا يېزىشنى داۋام قىلىپ تۇرىمەن .
ھازىر سېنى سېغىنىپ ئۇخلىماق بۇلۇپ تۇرىمەن ،چۈشلىرىمدە قايتىپ كىلىشىڭنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكىنىم كۈتكەن .