سەبىى قەلبىم
نەسىر
سەن مېنى سۆيىمەن دېدىڭ ...سەن مېنى ياخشى كۆرىمەن دېدىڭ...
مەن ئىشەندىم،ساڭا قايىل بولدۇم ،ماڭا دېگەن شېرىن شېكەر سۆزلىرىڭگە خۇددى يىپقا تىزغان مەرۋايىت مارجاندەك سۆزلىرىڭگە ئىشەندىم.
ھەي ! مەن نېمە دېگەن ساددا ؟ نېمە دېگەن گۈدەك؟ سېنىڭ بۇ نېمە قىلغىنىڭ ،ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن ؟ ماڭا نېمىشقا بۇنداق ۋاپاسىزلىق قىلىسەن؟ سېنىڭ تېگى-تېگىڭگە سىڭىپ كەتكەن يالغانچلق ، مەككارلىقىڭنى بىلگەندە خۇددى تېگى يوق ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك كۆزۈم قاراڭغۇلۇشۇپ يەرگە كىرىپ كىتىۋاتقاندەك ھس قىلماقتىمەن...
سەن مېنىڭ ئالدىمدا ھىلىگەر تۈلكىنىڭ رولىنى ئويناپسەن ئەمەسمۇ؟
ماڭا دېگەن شېرىن سۆزلىرىڭنى يەنە كىملەردۇر بىراۋلارغا دەيدىكەنسەن ئەمەسمۇ؟
سېنىڭ ئۈژمە كۆڭۈل شاختىن-شاخقا قونۇپ يۈرۈيدغان قۇش ئىكەنلىكىڭنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن ئەمەسمۇ؟
ئەرۋاھ ،بولسام ئىدى ،ۋاپاسىزلىقمۇ ،تاشلىۋىتشمۇ، تاشلاشمۇ بولمىغان ئەركىن چەكسىز ئاسماندا لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرسەم... ئەرۋا بولسام ئىدى ،ئۇچۇپ بېرىپ سېنىڭ قانداق قۇش ئىكەنىلكىڭنى بىلسەم ...ئەرۋاھ ،بولسام ئىدى ،قىزىل گۈل بولۇپ ،خۇش پۇراق ھىدىلىرمنى ساڭا پۇراتسام ....
ھەي ! ئەپسۇس شىرىن ھەم تاتلىق خىيالىرىم ،ساڭا قىلغان ئەقىدەم تاش تاۋۇتقا سالغان ئۆلۈكتەك ،مامكاپنىڭ يۇمشاق توزانىلىردەك توزۇپ كەتتى....
مېنىڭ قانچىلىك ئازاپلىنىۋاتقانلىقىمنى بىلەمسەن ؟ كۆزۈمدە ياش ئەمەس يۈركىمدە قان ،كۈلكىنىڭ ھەمىسى كۈلكە ئەمەس ئىكەن ...دەردىمنى ئىنسان بىلمىدى ،كىچىكىنە مۇشتۇمىمدەك يۈرگۈمنى ئېغىر تاشلار بېسىۋالدى ..
بۇ ،ئېغىر ھەم چوڭ تاشلارنى كۆتۈرەلمىدىم ،ماڭا ئېغىر كەلدى،
<<پەرھات- شېرىن>> داستانىدەك ھەقىقى چىن سۆيگۈ ۋاپا، چىن ئاشىقى ئۈچۈن قۇربان بېردىغان مۇھەبەت ئەمدى قالماپتۇ ....
ئەمدى مەن ئىشەنمەيمەن ،بۇ سەبىى قەلبىم سېنىڭ ھىلىگەرلىكە تولغان نىقابىىڭ ئاستىدا پۇچلانمسۇن!.
ئاپتۇرى:مايىرە
سەمىمى ئەسكەرتىش:لىرىك تىلغا،تەسەۋۋۇرغا باي ئىكەنسىز لېكىن ئىملاغا پەقەت دىققەت قىلمايدىكەنسىز.ھەر بىر نەسىرىڭىزنى 15مىنۇتتىن ۋاقىت چىقىرىپ تەھرىرىلىدىم.سوزۇق تاۋۇشنى چالا ئۇردىكەنسىز.بىر ھەرپ قوش كېلىدىغان يەرلەردە بىرىنىلا ئۇرۇپ قويۇدىكەنسىز دىققەت قىلىڭ-تەھرىر ئاكىڭىزدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-11 11:32 AM