مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1003|ئىنكاس: 17

سەسكىنىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78449
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7592
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 559 سائەت
تىزىم: 2012-4-6
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 10:09:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سەسكىنىش

(ھېكايە)

مەن بىر نەچچە كۈندىن بىرى ئويلاپ،كاللامدا پۈتۈپ قالغان‹‹ زىرىكىش ›› ناملىق ھېكايەمنى يېزىۋاتاتتىم .تۇيۇقسىز يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇدۇل قوشنام ھېكىم سەتەڭ ئىشىكنىمىۇ چەكمەستىن، ئۆيۈمگە ئۈسۈپلا كىرىدى.غۇززىدە ئاچچىقىم كەلدىيۇ،  چاندۇرمىدىم.  ئۇ پات-پات مۇشۇنداق جىددى پەيتلەردە،ھالقىلىق مەزگىللەردە كىرىپ ئارامىمنى بۇزۇپ،ئىشىمنى ئىش قىلمايتى.باش-ئاخىرى يوق،داڭقان پۇتى پاراڭلارنى سېلىپ، ۋاختىمنى ئالاتتى؛ئىچىمنى پۇشۇراتتى.يا ئۆيگە كەرگەن ئادەمنى چىقىپ كەت دېگىنى بولمىسا،يا كىرگەن ئادەم ئۆزىنى ئۆزى سورمىسا.مېھمانمۇ بولار مۇشۇ يېڭى كۆچۈپ كەلگەن قوشنامدەك يۈزى قېلىن مېھمان بولماس.ئۆزىنى ئۆزى سورمايدىغان قوشنىمۇ جانغا ئىكەك ئىكەن.ئۇ مەجبۇرى جېنىڭغا سۈركۈلۈپ،ئارامىڭنى بۇزۇپ تۇرىدىكەن. سېنى پاراكەندە قىلمىسا يىگىنى يىگەن بولمامدىكەن دەيمەن.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم!

-ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام!

-تىنىچ-ئامان تۇردىڭىزىمۇ قوشنام؟

-اللاھ خالىسا.ئۆزىڭىزچۇ؟

-مەن ياخشى.-ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئۆي ئىچىگە بىر قۇر زەڭ قويۇپ چىققتى.ئۇنىڭ مۇشۇنداق سەت قىلىقى بارتى.ھەر قانداق ئۆيگە تۈنجى قېتىم كىرگەن بولسۇن ياكى تالاي قېتىم كىرگەن بولسۇن، سىنجىلاپ بىر قۇر زەڭ سېلىۋالمىسا كۆڭلى ئارام تاپمايتى.دەستۇرخانغا قويۇلغان نانى ئۆرۈپ-چۆرۈپ ئوڭ تەتۈرىگە قارايتى،ناننى پۇراپ باقاتتى.مەن ئۇنىڭ بۇنداق سەت قىلىقىنىڭ بارلىقىنى ئۇ كېلىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىنلا بايقىغان.ئۇنىڭ بۇنداق بىمەنە قىلىقى بىر قىسىم ئائىلە ئىگىللىرىنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويسا، يەنە بىر قىسىم ئائىلە ئىگىللىرىنى خۇشال قىلىۋىتەتتى.ئۇ بۇنداق چاغلاردا بىر خىل ھۇزۇرلۇق تۇيغۇ ئىچىدە كىرىلىپ قوياتتى.ئىچىدىكى شادلىق سىرتىغا تىپەتتى.چىرايىدا ئىپادىلەپ بولغىلى بولماس بىر كۈلكە ئەكس ئېەتتى.ئىچكى ھاياجاندىن قىن-قىنىغا پاتماي قالاتتى.دېمەك ئۇنىڭ ئەنە شۇنداق غەلىتە خاراكتىرى،ئوسال مىجەزى بار ئىدى.

-‹نىمىشقا كىردىڭىز› دەپ سورمايسىزغۇ قوشنام؟-ئۇ شۇنداق دېگىنىچە كۆزلىرىمگە لاپپىدە قارىدى.

-ئۆيگە كىرگەن ئادەمدىن ئۆزى ئېغىز ئاچمىغىچە،نىمىشقا كىرگەنلىكىنى سوراش ئەدەپسىزلىك بولىدۇ.-دىدىم مەن سۆزلىرىمگە، ئۇنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىدىغان سۆزلەرنىڭ ئارىلىشىپ كىتىشىدىن ئېھتىيات قىلىپ.نىمىلا بولمىسۇن ئۇ ماڭا مېھمان،مەن ئاڭا ساھىبىخان ئەمەسمۇ؟

-بۈگۈن قاراڭ قوشنام تولىمۇ بىخارامان،خاتىرجەم ئوخلاپتىمەن.-دەپ سۆز باشلىدى ئۇ تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا.‹‹توۋا بۇ ئادەمگە نىمە بولغاندۇ يەنە؟ ئۇخلىغىنىنى ماڭا سۆزلەپ بىرىپ نىمە قىلىدىغاندۇ لاۋزىلىشىپ، ۋاختىمنى ئېلىپ.مېنى بىكار،زىرىكىپ قالمىسۇن دېگەنمىدۇ؟بۇ دۇنيادا ئۆزىنى سورمايدىغان ھەرقىسما ئادەملەر بولىدىكىنە؟...››.بارغانچە ئىچىم سىقىلىپ كېتىۋاتتى.

-قاراڭ قوشنام،تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بولار-بولمايلا خوتۇنۇم چىرايلىق ياسىنىشقا باشلىدى.گىرىم ئۈستىلى ئالدىدا قانچىلىك ئولتۇرىدىكىن تاڭ،بىر چاغدا پەرىنىڭ ئۆزىلا بولۇپ كېتىپتۇ دەيمەن كاساپەت.بىر ئۇتلام سۇ بىلەن گۈپلا قىلىپ ئوتلىۋەتكۈم كەپكەتتى.ئەسلىدىمۇ تېگىدىن چىرايلىقتى،كۆڭۈل قويۇپ ياسانسا بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىدۇ دەيمەن بۇ خوتۇن.بىر ئوتلاپ سۇ بىلەن قوشۇپلا گۈپلا ئىچىۋەتكۈم كېپكىتىدۇ دەيمەن پات-پات،راستىنى دېسەم قوشنام، مەن خوتۇندىن تەلىيى كەلگەن گۇي

‹‹ قوشنام بۇگۈن ئېلىشىپ قالمىغاندۇ ؟نىمىلەرنى دەپ يۈرىيدۇ ئەمدى. خوتۇنىنىڭ ئىشلىرىنى ماڭا نىمىشقا سۆزلەپ بىرىدۇ،خوتۇنىنى ماڭا نىمىشقا ماختاپ بىرىدۇ دەيمەن ماۋۇ لاۋزا قوشنام؟...شۇلارنى ئويلاۋاتسام ئىچىمدىكىنى تېپىۋالغاندەكلا ئۇلاپسكزلەپ كەتتى:

-بىلىپ تۇرۇپتىمەن،سىز شۇ تاپتا مېنى ‹تازىمۇ بىر لاۋزا ئاداشكەن ماۋۇ› دەۋاتىسىزغۇ؟ چۈنكى مەن سىزگە خوتۇنۇمنى ماختاپ بىرىۋاتىمەن ئەمەسمۇ؟بىلىمەن كونىلارنىڭ‹خوتۇنىنى ماختىغان بىرنچى ئەخمەق،ئۆزىنى ماختىغان ئىككىنچى ئەخمەق› دېگەن ھېكمىتىنى،بىلىمەن قوشنام.مۇنداق تۇرغان بىلەن بېشىمدىن كۆپ ئىشلار ئۆتكەن ئادەم مەن.شۇڭا مېنى ھەرگىزمۇ خاتا چۈشۈنىپ قالماڭ جۇمۇ قوشنام؟سىزگە كۆڭلۈمدىكىنى دېگىم كەلدى شۇ.ھەممە ئادەمگە دىدىم دەپ، گەپ دېگىنى بولمايدۇ دەيمەن بۇ ئاي، بۇ كۈنلەردە.تامنىڭمۇ قۇلىقى بار،ئەمما پۇتى بولمايدۇ.لېكىن قوشنام قۇلاقنىڭ پۇتى بولىدۇ. بىر كۆز يەنە بىر كۆزگە دۈشمەن بولغاچقا ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قاڭشار يارىتىلغان دەيمەن.سىزگە ئىشەنگەچكە كۆڭلۈمدىكىنى دەۋاتىمەن.مېنى خاتا چۈشۈنىپ قالماڭ جۇمۇ؟

-ياق،نىمىلەرنى دەپ يۈرىيسز،سىزنى...

-بولدى،بولدى، گېپىمنى ئارلىماڭ،مەن گەپلىرىمنى دەۋالاي،مەن سۆزلەۋاتقاندا باشقا بىرى گەپ ئارلىسا گېپىمنىڭ داۋامىنى تاپالماي قالىمەن-ئۇ گىپىمنىڭ بىلىگە تىپىپلا،  ئەزمىسىنى ئەزگىنىچە سۆزلەشكە باشلىدى.-قاراڭ،قاراڭ خوتۇنۇم ياسىنىپ،جابدۇنۇپ تەق بولۇپ،بىرىگە تىلفۇن قىلدى-دە،‹مەن تاييار بولدۇم تىز كېلىڭە،دەرۋازىنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇرىمەن› دېدى.مەن ‹كىمۇ ئۇ؟› دەپ سورسام ‹كىم بولاتتى يەنە شۇ كىرىم لوبەن بولمامدۇ؟› دېدى نازلىنىپ تۇرۇپ،گۇينىڭ خوتۇنىنىڭ نازلانغان چاغدىكى ھالىتى جاننى ئېلىپ جاڭگالدا قويىدۇ دەيمەن كاساپەتنىڭ.ئۇ پات-پات ئاشۇ كىرىم لوبەن دېگەنگە تىلفۇن قىلىپ ئۆيدىن چىقىپ كېتەتتى.ياكى كىرىم لوبەن تىلفۇن قىلىپ ئۇنى  ئۆيدىن ئېلىپ چىقىپ كېتەتتى.خوتۇنۇمنىڭ دىيىشىچە، ئۇلار پات-پات يېرىم كېچىلەرگىچە ھەتتا بەزىللىرى تاڭ ئېتىپ كەتكۈچە شىركەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرى ،كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇزاكىرلىشىدىكەن، يىغىن ئاچىدىكەن.ھە راست،بۈگۈنگىچە سىزگە دىمەپتىمەن،سىز يا ئۇقتىڭىز يا ئۇقمىدىڭىز، خوتۇنۇم ئاشۇ كىرىم لوبەننىڭ‹ئەجدىھار›شىركىتىدە ئىشلەيدۇ،كىرىم لوبەنگە كاتىپ بولۇپ.سىزگە دېسەم كاتىپ دېگەننىڭ ئىشى شىركەتنىڭ باشلىقىنىڭكىدىنمۇ تولا بولىدىكەن.شىركەتنىڭ باشلىقى كاتىپ دېگەننى ئۆزى نەگە بارسا بىلە ئېلىپ بارىدىكەن قايلاڭ.بەزىدە ئويلاپ قالىمەن‹مەن خوتۇننى ئۆزۈمگە ئالماي، كىرىم لوبەن دېگەن گۇيغا ئېلىپ بەرگەن بولارمىدىم،بۇ گۇي مېنى موللا پوك-پوك كۆرۈپ قالدىمۇ نىمە›دەپ ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ كېتىمەن،ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ھالدا مۇشتۇمۇللىرىمنى تۈگۈمەن. نىمە ئامال دەيسىز،خىزمەتنىڭ ئېھتىياجى شۇ تۇرسا.‹كىم مېنى كاتىپ خوتۇن ئالسۇن دەپتىكەن›دەپ ئويلايمەن–دە،بېسىقىغا چۈشىمەن،ئاچچىقىم يانىدۇ.خوتۇنۇم بەزىدە ئېغىر ياتقۇدا،بەزىللىرى سەھەردە يەنە بەزىللىرى ئەتىگەندە ئۆيگە كىرىدۇ.بۈگۈنمۇ سەھەردە كىرگەن، پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتىدۇ...ئۇنى ئويغىتىۋەتمەي، قېنىپ ئۇخلىۋالسۇن دەپ سىزنىڭ يېنىڭىزغا يېنىپ كىردىم،ئانچە-مۇنچە گۇڭۇر-مۇڭۇر بولاي دەپ.- مەن شۇ تاپتا ئۇنىڭ خوتۇنى توغرىسدىكى قۇلىقىمغا كىرىپ قالغان كۇسۇر-كۇسۇرلارنىڭ ھەرگىزمۇ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم-دە،چىداپ بولالماي ئۇنىڭ گېپىنى بۆلىۋەتتىم.

-بۇلارنى ماڭا نىمىشقا دەپ يۈرىيسىز؟

-مەن سىزگە باشتا دېگەنغۇ،بۈگۈن خاتىرجەم ئۇخلىدىم دەپ.سەۋەبى مانا.خوتۇن كىرىم لوبەن بىلەن تاڭ ئاتقىچە شىركەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.مەن ئۆيدە خاتىرجەم خورەكنى دۆڭ تارتىم تازا.-ئۇ شۇنداق دەپلا كۈلگىنىچە كۆزلىرىمنىڭ ئىچىگە قارىدى.مەن كۆزلىرىمنى ئۇنىڭ ئۆلۈك كۆزلىرىدىن قاچۇردۇم.كۈلكىسى تولىمۇ سوغاق،يېقىمسىز ئىدى.ئۇنىڭغا بولغان غەزىپىم ئىچىمدىن تېشىمغا تىپىشكە باشلىدى.‹‹ مۇشۇنداقمۇ ماز،لاتا غىلاپ،پەسەندە ئەركىشىلەرمۇ بولىدىكىنە؟ نۇمۇس قىلماي دەۋاتقان گېپىنى خۇمسىنىڭ.سېنىڭ ئەركىشى بولۇپ قالغىنىڭغا لەنەت.‹ئەركەك!› دېگەن نامغا داغ چۈشۈرىدىغان سەندەك ۋىجدانىغا چوچقا سىيىۋەتكەن چۈپرەندىلەرگە لەنەت!...››.

قوشنام خوتۇنىنى پات-پات ماختايتى، چىرايلىقلىقىدىن پەخىرلىنىپ سۆزلەيتى.ئەمدى ئۇنىڭ تېتىقسىز گەپلىرىنى ئاڭلاۋېرىشكە تاقىتىم قالمىغانتى.ئىچىمدىن قاپساپ چىقىۋاتقان غەزەپ-نەپرىتىمنى زورىغا بېسىپ،ئېغىر بىر ئۇھ تارتىم،ئۇلىغا كىچىك تىندىم. مەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي سۈكۈتكە چۆكتۈم؛نىمىمۇ دەيمەن.تەندۇرۇس بىر ئەركەك خوتۇنى توغرىسىدا لاۋزىلىشىپ سۆزلەۋاتسا.ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدىم،ھىچقانداق ئۆزگىرىش يوق،كىرگەن چاغدىكىدىنمۇ خاتىرجەم.دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ لاۋزا ئەركىشىلەر بولىدىكىنە؟ئۇلار زىمىنغا يۈك بولۇپ ياشىغىچە،جەمىيەتنى قاتىلاڭ قىلغۇچە  بىراقلا تۈگۈشۈپ كەتسە بولمامدىغاندۇ؟...

- جىم بولۇپ كەتتىڭىزغۇ قوشنام؟ بىرەر ئىش سىزگە بەك تەسىر قىلدىغۇ دەيمەن؟...-يەنە ئېغىز ئاچتى ھېكىم سەتەڭ.ئۇنىڭ نىمىشقا سەتەڭ ئاتىلىپ قالغانلىقىنى ھىچكىم بىلمەيتى.بەلكىم بىلىشىنى خالىمايدىغاندۇ،شۇڭا بىلمەيدىغاندۇ.بىلىدىغانلارمۇ باردۇ ئەمما دىيىشنى بىئەپ كۆرىدىغاندۇ.

-گىپىڭىزنى بۆلمەي ،ئاڭلاي دىدىم شۇ.

-مۇنداق دەڭ. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس،سىز شۇ تاپتا‹خوتۇنى باشقىلار بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتسە يەنە كېلىپ،يېرىم كېچىلەردە ھەتتا تاڭ ئاتقاندا ئۆيگە كىرسە گەپ قىلمايدىغان  تازا بىر لامزەللىكەن› دەپ ئويلاۋاتقانسىز ھەقىچان؟بۇنى توغرا چۇشەنمىسەم بولمايدۇ،قوشنام.خوتۇنۇم ئىشەنچلىك.مەن ئىشىنىمەن.خوتۇن-باللىرىنى سۆيمىگەن،قەدىرلىمىگە ئەرنى قاندقمۇ ئەر دېگىنى بولسۇن؟ قوشنام.قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭ،بۇرنا كۈنى بىر ئاغىنەم دەپ بەردى:ناھيىلىك مۇئارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سەمەت سېلىمنىڭ خوتۇنى سەلىمەنى نىياز ھاكىم پات-پات ئېلىپ چىقىپ كېتىدىكەن.ئىنساپ قىلسا تۈنتەڭدە، بولمىسا ئەتىسى قوزا چۈش بولغاندا ئەككىلىپ قويىدىكەن.شۇڭا خەقلەر ئارىسىغا ‹مانتىنى بۇزغان پىياز،سەلىمەنى بۇزغان نىياز .›دېگەن قۇشاق تاراپ كېتىپتۇ.مەن ئۆزۈمگە بالا تېپىۋالماي دەپ،ئەقلىمنى تاپقاندىن بىرى‹قارىغۇنىڭ شەھرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىسىۋال› دەيدىغان گەپنى قىبلەنامە قىلىپ ياشاپ كېلىۋاتىمەن،قوشنام...بۇ دۇنيادا ئادەمنى ئەڭ بىقۇۋۇل ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇدىغىنى قۇرۇق سۆز،قۇرۇق تۆھمەت.راستىنى دېسەم توقۇناق بالاغا قېلىشتىن بەك قورقۇمەن.بۇ ئاي،بۇ كۈنلەردە ئادەملەرنىڭ تاپمايدىغان گېپى،قىلمايدىغان ئىشى قالمىدىمىكىن دەيمەن.ھالالاپ،ناكاھلاپ ئالغان خوتۇنلىرىنى ئالماشتۇرىشىدىغان مەلئۇنلارمۇ مەيدىسىنى كىرىپ، مەن ئەركەك دەپ ياشاپ يۈرىشىۋاتىدىغۇ،نۇمۇس قىلىشماي.سىز ئۇقتىڭىزمۇ،ئۇقمىدىڭىزمۇ بىلمەيمەن، رىشىت قىسماق خوتۇنىنى ساقچىخانىدا ئىشلەيدىغان داۋۇت قىماۋاز بىلەن تۇتىۋېلىپ، قويۇپ بىرىمەن دەپ ئوتتۇرىغا چىققاندا، تەشكىلات تارماقلىرى ئۇنىڭغا ‹سەن ئۆستۈرۈش تىزىملىكىدىكى ئۈمىدلىك نامزات،خوتۇنۇڭنى قويۇپ بەرسەڭ سېنى ئۆستۈرمەيمىز ،  سەن پات-يېقىندا بىر ئىدارىغا باشلىق بولىسەن ،ئوبدان ئويلان› دېسە ،ئۇ ھوقۇق جېنى چاپلاشقان مازپاينەك يامانلىتىۋەتكەن خوتۇنىنى بىر كېچىدىلا ناماقۇل بولۇپ ئۆيىگە ياندۇرۇپ كەلدى.شۇنداق قىلىپ ئۇ ھازىر بىر ئىدارىنى بىر قوللۇق سوراۋاتىدۇ.ئاڭلىسام خوتۇنىنىڭ ئاكىسى ھاكىم ياردەمچىسىنىڭ ئەر چىقماي خېلى ئۇزاق ئولتۇرۇپ قالغان ئەتىۋارلىق قىزىنىڭ ئىرىكەن.ئاڭلىسام رىشىت قىسماقنىڭ خوتۇنىنىڭ ئاكىسىمۇ ھوقۇقنى دەپلا ئۆزىدىن ئالتە-يەتتە ياش چوڭ خوتۇننى ئالغانكەن.مانا بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى زەنجىردەك بىر-بىرى بىلەن چېتىلىپ كەتكەن...ئەگەر شۇ زەنجىردىن بىر تال ئۈزۈلۈپ كەتتىمۇ بولدى كارامەتنى شۇ چاغدا كۆرىسىز تېخى...-

قوشنامنىڭ تاپپۇ-تۇپپاڭ سۆزلىرىنى زىرىكىش،قىزىقىش ئىچىدە ئاڭلىدىم.داۋاملىق ئاڭلاۋېرىشكە تاقىتىم قالمىغانتى.شۇڭا ئۇنىڭدىن تىزىراق قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئالدىغا داستۇرخان سېلىپ،چاي تارتىم.ئۇ ئىرىنچەكلىك بىلەن پىيالىدىكى چايدىن بىر نەچچە ئوتلام ئوتلاپ قويۇپ،كۆزلىرىمگە قارىدى-دە،يەنە سۆزلەشكە باشلىدى:

-ئەدەم كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرسە بۇ دۇنيانى قالايمىقانچىلىق بېسىپ كېتىدۇ،ئەدەم ھوقۇقنىڭ كەينىگە كىرسە روھىنى پاسكىنىچىلىق قاپلاپ كېتىدۇ قوشنام.نىمىلەرنى دەپ يۈرىيمەن.ئۆز گېپىمىزگە كېلەيلى قوشنام،بىز دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق ئەمدى-  

دېدى ئۇ ئىرىنچەكلىك بىلەن.ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئادەمنى بىزار قىلىدىغان بىر خىل سەسكىنىشلىك سوغاق نۇر چاقناپ كەتتى.چىرايىدا ئادەمنى شۈركەندۈرىدىغان بىر خىل ئىپادە بارتى.‹‹سەن بىلەن ھازىر ئىلاجىنىڭ يوقىدىن بىر داستۇرخاندا ئولتۇرغان بىلەن دوستلاردىن ئەمەسمىز.بىز دوست بولۇپ باققانمۇ ئەمەس، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ دوستلىشالمايمىز.سەن بىلەن دوستلىشىپ ئىككى دۇنيالىق خورلۇقتا ياشىغىم يوق مېنىڭ.››دېمەكچى بولدۇميۇ، غەزەپ-نەپرىتىمنى زورىغا بېسىۋېلىپ،دېمەكچى بولغان سۆزلىرىمنى ئىچىمگە يۈتىۋەتتىم.ئۇ سۆزلەيتى.مەن ئىپادىسىز ئولتۇرىۋەردىم.ئۆيدىن چىقىپ كەتمەكچىمۇ بولدۇم.لېكىن ئۇنداق قىلسام ئەدەپسىزلىك بولاتتى ،شۇڭا ئۇنداق قىلمىدىم.‹تالا مۈشۈكىنى ئۆي مۈشۈكى قوغۈلاپتۇ››دېگەندەك ئىش بولاۋاتىدىغۇ تازا.مەن قوشنامنىڭ سورغان سۇئاللىرىنى ئاڭلىماسلىققا سېلىپ، جاۋاپ بەرمىدىم.قوشنام ئاخىرى زىرىكتى بولغاي چىقىپ كەتتى.كۈتۈۋاتقىنىممۇ شۇ بولغاچقا،ئۇنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ،ئىشىكنى گۇم قىلىپ تاقىدىم.شۇئان بىر خىل كۆڭۈل ئازادىلىكىگە ئىرىشتىم.دىلىم يۇرۇپ كەتتى.ئېغىر بىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك بولدۇم. چېچىلىپ كەتكەن تەپەككۇرۇم ئەسلىگە كەلدى. ھېكايىنىڭ داۋامىنى يېزىشقا باشلىدىم.ھېكايىنى يېزىپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن،ئەسلىدىكى تىمىسىنى‹‹سەسكىنىش››كە ئۆزگەرتىۋەتتىم-دە، قولۇمدىكى قەلەمنى قويۇپ ،ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم.كۆز ئالدىمدا نىياز ھاكىم،رىشىت قىسماق،جوشنامنىڭ چىرايلىق خوتۇنى...قۇلاق تۈۋىمدە ھېكىم سەتەڭنىڭ، ئادەمنىڭ بىزارلىقىنى قوزغايدىغان، ئىچىنى ئاچچىققا تولدۇرىدىغان سۆزلىرى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-11 10:32 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78604
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3485
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 10:43:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوشنىڭىز نىڭ ئوبرازىنى ياخشى سۈرەتلەپسىز،لىكىن ئاشۇنداق قىلىن ئادەم بىرئوقۇغان بولسا،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82272
يازما سانى: 761
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4224
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 10:58:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىچنىمە ھىس قىلمىدىم بۇ ھېكايىدىن  ئالغا سۈرۈلمەكچى بولغان ئىدىيە نىمە   بىزنىمۇ سەسكىنىڭلا دىمەكچىمۇ ئاپتۇر

ئامالسىز قالغاندا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ،سۈكۈت دەل سەۋىر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81460
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4053
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2012-6-12
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 11:04:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان ھېكايىكەن. ئاپتورى شورلۇقما؟  داۋاملىق تىرىشىڭ،( بۇ ئوقۇمايلا يازغان ئىنكاس ئەمەس جۇما، باشتىن-ئاخىر ئوقۇدۇم، سۆيۈندۈم) ئاۋۇ ئاخىرىدىكى .ئىككىنچى قۇردا جوشنامنىڭ بوپ قاپتۇ، تەھرىرلەپ قويساڭلار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82396
يازما سانى: 369
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4329
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2012-7-2
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 12:01:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
-‹نىمىشقا كىردىڭىز› دەپ سورمايسىزغۇ قوشنام؟-ئۇ شۇنداق دېگىنىچە كۆزلىرىمگە لاپپىدە قارىدى


جڭ قاشاڭڭەن.

سۈكۈت قىلىش جىنايەت ھىساپلىنىدۇ.
‹‹ باغداش مۇنبىرى ››گە يوللانغان  ‹‹بىز ۋە ھوقۇقلىرىمىز ››نى، چوقوم ئوقۇپ چىقىڭ!     http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=11612
http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=11703

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82570
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4389
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 350 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 12:13:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم بەز بولار مانا مۇشۇ «قوشنام» چىلىك  بولار؟ ئىنسان دېگەن بەك قېلىن بولۇپ كەتسە زادى ھېچ بىر شىپا يوق جۇما!

مۇھەببەت بىلەن نەپرەت قوشكېزەك. لېكىن نەپرەت مېھر-مۇھەببەتنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېىتىشكە قادىر.

فورمات

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74255
يازما سانى: 1287
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8326
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 846 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 12:21:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ۋاي-يۈرۈگۈم.....

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82117
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3217
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 01:41:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايىدىكى بەزى ئىشلار ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئاچچىق قىلىدىكەن.....!!!!

ۋاي-يۈرۈگۈم...!!!

ئاھ!! بۇ كۈنلەمۇ ئۆتۈپ كىتەر......

سەھرالىق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24790
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6566
تۆھپە نۇمۇرى: 307
توردا: 940 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 02:28:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكايدىكى ئالغا سۈرۈلگەن ئىدىيە ياخشى....لىكىن......ھېكاينىڭ قۇرۇلمىسى سەل ئاددىمۇ قانداق؟1

دۈشمەنلىرىمگە ئۈزۈم تېتىيمەن، دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم.

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4905
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 02:47:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەن غەيۋەت .

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش