مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2270|ئىنكاس: 18

ئاۋازلىق ئەسەر «قەشقەردىكى يەر شارى» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆچمىسىلا ئۈمىد

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18579
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10079
تۆھپە نۇمۇرى: 760
توردا: 1682 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2013-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 01:59:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەرداشلارنىڭ تەكلىپ-پىكىر، تەنقىدلەرنى بەرگەنلىكىگە كۆپتىن كۆپ رەخمەت. دېمىسىمۇ ئۆزۈم خوتەندىن بولغاچقا يەرلىك شىۋەم ئېغىرراق بولۇشى مۇمكىن. بۇنى ئۆزۈممۇ ھېس قىلىمەن. ئەلۋەتتە، ئۆلچەملىك، باشقىلار ياقتۇرىدىغان ئاۋازغا ئىگە بولۇش ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەجرىبەم كەمچىل، مەشىق ئاز بولغاچقا ئاۋازىمدا نۇرغۇن سەۋەنلىكلەر ساقلانغان.
ئادەم يېقىلىپ يۈرۈپ يول تاپىدۇ، باشقىلارنىڭ تەنقىد، تەنبىھىنى ئاڭلاپ يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلايدۇ.  مەن تورداشلارنىڭ سەمىمىي تەنقىدلىرىدىن نۇرغۇن كەمچىلىكلىرىمنى ھېس قىلدىم. بولسا تورداشلار بۇنىڭدىن كېيىن كۆرسەتمە ۋە پىكىرلىرىنى مەندىن ئايىمىغاي.  بەلكىم مۇنبەرداشلارنىڭ شۇ تەنقىدلىرى تۈپەيلى ئاۋازىم سۈپەتلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.  
تۆۋەندە ئۆزۈمنىڭ بۇرۇن ئاۋازغا ئالغان ئىككى ئاۋازلىق ئەسىرىمنى باھالىشىڭلارغا سۇنىمەن.
مۇنبەرداشلارغا رەخمەت.

مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرى:  

1
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://m.djvdj.com/m/e7dae897f237eecfed7c76cf9d0e868824/www.djvdj.com.mp3

2
«قەشقەردىكى يەر شارى» ئادىل تۇنىياز

http://www.wdcp.tk/md5.php/10687961/1344619296.mp3


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قايتماس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-11 04:04 AM  


Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1225
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 36647
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 8025 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 09:46:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋازىڭىز ياخشى چىقىپتۇ،يەرلىك شېۋىس بولسىمۇ،مۇشۇنداق ئەسەرنى ئوقۇپ،بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا سۇنغىنىڭىزنىڭ ئۆزى چوڭ بىر ئىش،سىزدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇم،مۇمكىن بولسا،شېئىر ئوقۇغاندا،پۈتكۈل ھېسىيات بىلەن ئوقۇسىڭىز،دېكىلماتسىيە قىلغاندا،ئاۋاز تېمبىرى جانلىق چىقسا،چاستۇتا ئازراق تۆۋەن بولۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ.
ئادىرل تۇنىيازنىڭ شېئىرىغا قوشقان مۇزىكا قاملاشماي قاپتۇ،بۇ مېنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم،ئۇنداق شېئىرلارغا ئىنتايىن غېرىب مۇزىكىلارنى قوشسىڭىز تېخىمۇ ياخشى چىقىدۇ دەپ ئويلايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81433
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3087
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-6-11
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 11:32:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋازىڭىزنى يانە ئاڭلىدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81433
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3087
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-6-11
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 11:43:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋازىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ،يەرلىك شېۋىس بولغان بولسىمۇ،بولسا ‹‹ر››ھەرىپىنى ئۆلچەملىك چىقارغان بولسىڭىز!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1007
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6408
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 11:51:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شىئىرنى بۇرۇن ئاڭلىغان بەكلا ياخشى شىئىركەن . نۇرغۇن دۆلەتلەر تىلغا ئېلىنىكەن .

قەشقەردىكى يەرشارى

ئادىل تۇنىياز

سالام ئۇيغۇر دېگەندە قۇياش،
سالام ئۇيغۇر دېگەندە تارىخ،
قەشقەر شەھىرى ئوخشار قەسىرگە.
يۇلتۇزلار پەرۋاز قىلار تاڭ سەھەردە،                                            
پەسىللەر پەرۋاز قىلار دەرەخلەردە،
بۇ شەھەر پەرۋاز قىلار چۆچەكلەردە.
بۇ يەردىكى ئادەملەر
پەرۋاز قىلار يۈرەكلەردە.
ئات قوشۇلغان
قىزىل سايىۋەنلىك مەپە
تاڭ سەھەردە ئۆتتى يېنىمدىن،
جىرىڭلىتىپ قوڭغۇرىقىنى.
سېۋىتىنى قويۇپ بېشىغا
گىردە سېتىپ يۈرگەن بىر بالا
تاڭ سەھەردە ئۆتتى يېنىمدىن.
قۇشلار،
ھارۋا،
سۇمبۇل چاچلىق ئايال،
يەنە بىر ئايال،
كۆز،
ئەتلەس كۆڭلەك،
ساقال،
تاڭ سەھەردە ئۆتتى يېنىمدىن.
مەن
كىشىلەر چاي ئىچىۋاتقان،
مۇڭدىشىۋاتقان،
يۆتەلگەن،
چەينەك جوغىسىنى
پىيالىگە تەگكۈزۈپ
چاي قۇيغان،
چاي شامىسىنى پۈۋلەۋاتقان،
كىشىلەر بىر – بىرىگە بېقىپ
گەپلەشكەن،
سەنلەشكەن،
قايناق بىر چايخانا ئالدىدىن ئۆتكەچ،
كىملىكىمنى بىلىندۈرمەستىن
ئوغرىلىقچە كۆيۈپ يۈرىمەن.
كوچىدىكى ھەممە نەرسىگە
قاراپ – قاراپ يەنىلا تويماي
نۇردەك ئۈنسىز سۆيۈپ يۈرىمەن.
سۆيىمەن
ئاي نۇرىدا تۇرغان ئاق تېرەكلەرنى،
جىمجىت تۇرغان كۆلەڭگىسىنى،
ئېرىپ كەتكەن كۆلەڭگىسىنى.
سۆيىمەن سىنتەبىردە ياغقان يامغۇرنى،
ماي يولدا جىم ياتقان يامغۇرنى،
ئۈنسىز يىغلاۋاتقان يامغۇرنى.
ئەينەكلەرنىڭ سۇنۇقلىرىغا
نۇر مارجىنى چاچقان يامغۇرنى.
سۆيىمەن مەسچىتتىن يانغۇچىلارغا
خۇدانىڭ قوللىرىدىن ئاققان يامغۇرنى.
سۆيىمەن ئۇندىكى قارنى، شامالنى.
چىملىقلاردا، ئېرىق بويىدا
سازاڭ تېرىپ يۈرگەن باھارنى.
12- ئاينى، 12 ئاينى،
چوڭ كوچىنى، خالتا كوچىنى،
تىلەمچىنى، پالچى ئايالنى،
تەشتەكلىك، تەشتەكسىز دەرىزىلەرنى،
سېنى ھەم ئۇنى.
سۆيىمەن
مىلادىدىن بۇرۇنقى
ۋە كېيىنكى تارىخنى،
سۆيىمەن تارىخنىڭ كەلگۈسىنىمۇ.
بېكەتتە
بايا ماڭا ئەنجۈر ساتقان چال
(ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك )
ئەنجۈر ساتتى يەنە بىر نۆۋەت.
بارلىقىنى بىلمەس ئۇ مەندە
ئەنجۈردىنمۇ شېرىن مۇھەببەت.
تونۇش مەن بۇ مۇھەببەت بىلەن
تونۇشلارغا، نا تونۇشلارغا،
كوچىدىكى ئاپتوبۇسلارغا.
ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون سىمىدەك
تۇتىشارمەن مۇھەببەت بىلەن
قەشقەردىنمۇ يىراق جايلارغا.
لاتۋىيىگە، فىرانسىيىگە،
شىمالىي قۇتۇپتىكى ئېسكىمۇسلارغا،
ئاق تەنلىكلەر ئارىسىدىكى
يۇلتۇزلۇق كېچىدەك ئۆچمەس نېگىرغا.
ئاتلانتىك ئوكيان بويلىرىدىكى
غارغالتىغا، بېلىقچى قىزغا.
يىراق چىلى ئورمىنىدىكى
يېنىك، جىمجىت ئاي نۇرلىرىغا.
سۇ ئۈستىدە كەچكى شەپەق
قىزىلگۈل بولۇپ ئېچىلىپ قالغان
گۇگۇمدىكى نىل دەرياسىغا.
مەن بۇ كىچىك زېمىندا تۇرۇپ
تارىم دەرياسىنىڭ دولقۇنى بولۇپ
كېتەلەيمەن دېڭىزلارغا قوشۇلۇپ.
مەن
ئالتاي ئورمىنىدىكى بىر يۇلتۇز بولۇپ
بېرەلەيمەن پەلەستىنلىك ئايالغا
مەھبۇبىنىڭ قەبرىسىنى يورۇتۇپ.
مەن
بەخت تىلەيمەن ئەيسا تىلىدا
كرېست كۆتۈتۈپ ئىرۇسالىمغا
كېتىۋاتقان ياش يەھۇدىيغا.
مەن تەكلىماكاننىڭ تومۇز پەسلىدە
سالام بېرىمەن قۇمنىڭ رەڭگىدە،
ياۋروپانىڭ يېشىل رەڭگىگە.
ھاۋا بولۇپ كۈلۈمسىرەيمەن
كەڭ زېمىننىڭ ھەممە يېرىگە.
مەن نۇر چېچېپ تۇرغان بىر چېكىت،
يەر شارىنىڭ خەرىتىسىدە.
قەشقەر
ماڭا ئوخشاش كىچىك بىر شەھەر .
2
ھېيىتگاھ بازىرى
جىمجىت يۈرەكتەك
جىمجىتقىنا مەسچىت مۇنارى
كۆز
سۆزلىيەلەيدىغان كۆز
خۇدا
بەندىسىز خۇدا
دۇنيا
ئاغزى بار دۇنيا
ناخشا
ئېيتىلمىغان ناخشا

ھېيىتگاھ بازىرى ئالامەت بازار،
ئۇيغۇر ئۇيغۇرغا قىستىلىپ بارار
ئاشىقلار گۈل ئالغىلى كېلەر،
كۆزسىزلەر كۆز ئالغىلى كېلەر،
سۈكۈتلەر سۆز ئالغىلى كېلەر
ئەرلەر جاننى سېتىپ نان ئالىدۇ،
ئوسما سېتىپ ئالىدۇ ئايال
يىگىتلەر يۆلىنىپ رېشاتكىلارغا
يات بىر شەھەردە تۇرغانغا ئوخشاش،
كۆزىتەر ھەممىنى بىپەرۋا، قىيپاش
بىر بوۋاق كوچىغا چىقار يالىڭاچ،
چوڭلار ئۆرە – تۆپە بولۇپ تۇشمۇتۇش
شۇ ھامان كەيدۈرمەك بولار ئۈستىۋاش.
قاراڭغۇ شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرىدا
ئادەملەر يۈرىكىدىن كۆرإنەر قۇياش.
ھېيىتگاھ مۇنارى،
ئۈنسىز دۈپۈلدەۋاتقان
يۈرەككە ئوخشاش .
3
ساقىنامە
بىر توپ ئورۇق پەرىشتىلەردەك
مەغرۇر بىز ھەم،
بىچارە بىز ھەم
توختىماي جىرىڭلار كۆڭۈل تېلېفونى،
ئىھ ، ئۇنى ئالغىلى چىقمايدۇ ئادەم…
قات – قات غېرىبلىق
مىڭلىغان سۈپسۈزۈك ئادەملەر ئارا…
ئۇزاتقىن ساقى
تولدۇرۇپ قەدەھكە دەل – دەرەخلەرنى،
يامغۇرنى، پاتقاقنى، ئاينى
قەشقەرنىڭ ئاي تۇغقان كوچىلىرىنى،
ئادەملەر مىغىلداپ تۇرغان بېكەتنى
توشقۇزۇپ ئەسەبىي قىزغىنلىقىڭغا
بوراننى قەدەھكە سالغاندەك سېلىپ
ئۇزاتقىن لىپمۇ لىق قەدەھنى ماڭا
ئۇزاتقىن ئەسەبىي قىزغىنلىقىڭنى…
بىر نۆۋەت ئەپۇ قىل لوگىكاشۇناس،
بىزنىڭ ساقىمىز
ئۇزاتسۇن بىر قەدەھ بىمەنە خىيال،
غالجىرلىق كەم بولدى بىزدە ئېھتىمال.
ئۇچرىتىپ قالساقلا ئۆز- ئۆزىمىزنى،
يۇمماقچى بولىمىز كۆزىمىزنى.
ئاجايىپ سۆلەتلىك روھىي كېسەللەر
ئۈستەلدە، كوچىدا، ئېسىل كىتاپتا
ۋە ياكى ئوقۇمۇشلۇق ئادەملەر ئارا
خىزىردەك يولۇقۇپ تۇرىدۇ دائىم…
قايتتىممەن تەڭشىلىپ قاۋاقخانىدىن،
ئۆچمەكتە يۇلتۇزلار،
ياندۇرغان شاملارمۇ سەن ماڭا ئاتاپ،
ئۆچۈشكە باشلىدى ئاستا پىلىلداپ…
قۇياش
قۇياشنىڭ كېسىك قۇيرۇقىدەك
ئۇچۇپ يۈرەر قاۋاقخانىدا…
قاۋاقخانا
كالا كۆزلۈك جۇۋاندەك
ئەركەكلەرنى قىلار مەھلىيا
شارابلارنىڭ خۇشبۇي بەرگىگە،
قەدەھلەرنىڭ ئوتتەك لېۋىگە،
يىغلاۋاتقان شامنىڭ كۆزىگە،
كۆمۈلىدۇ ئەرلەرنىڭ تېنى
نە سەۋەپتىن ئىچتىڭ قەلەندەر؟
بەك ۋاپاسىز چۈنكى ئادەملەر
ئىچمەيلىمۇ بۈگۈن،
نېمىشقا؟
ئىش ھەققىمنى ئالدىم قولۇمغا.
سىزچۇ ئەپەندى؟
كىم ئىچىدۇ ئىچمەي تارىخچى.
سەنچۇ ھوي بالا،
چوڭلاردىن سورا
جان كەيپلىك، جانان كەيپلىك،
تۈننىڭ قارا چاچلىرى
يوتىسىدا يەلپۈنەر ئىللىق.
كوچىدىكى قاراڭغۇلۇقتا
يۇلتۇز قىزلار تۇرىدۇ كۈلۈپ.
سەن بىلمەيسەن،
ئېتىڭ نېمە، ئۆيۈڭ قاياندا،
سەن بارمۇ – يوق مۇشۇ جاھاندا.
ئۇخلىغىنىڭ يادىڭدا پەقەت
بىر كېچىدەك، بىرەر سائەتتەك،
بىر ئەسىردەك، ئىككى ئەسىردەك.
سەن كۆزۈڭنى ئاچقان ۋاقىتتا
كوچىدىكى مۇنار ئۈستىدە
قىيسىق قۇياش تۇرار ساڭگىلاپ
گىرە سېلىپ ئاق كۆڭۈل يارغا،
يىغلىۋالغۇڭ كېلىدۇ راسا.
دوستۇڭنىمۇ، دۈشمىنىڭنىمۇ
تىللىۋالغۇڭ كېلىدۇ راسا.
باي بولماقچى بولغان سودىگەر
ئەتلەس ساتماي سېتىش كېرەك مەي.
توي لەززىتى مەيدە ئەمەسمۇ،
ئۇسسىساڭمۇ ئىچىش كېرەك مەي.
يول سۈپۈرگۈچى
مەنسىپىنى قۇتلار مەي بىلەن
بىر كوچىغا باش بولغان كۈنى.
كاتتا ئەمەلدار،
ئەمىلىدىن ئايرىلغان كۈنى
مەيخانىدا يىتتۈرۈپ قويار
ئۇزۇن يىللىق سالاپىتىنى.
تەستىقلايدۇ مەستلىكتە سوتچى
ئۆز – ئۆزىنىڭ جازا خېتىنى.
مەست دوختۇر
نىرۋا كېسەل كىرسە ئۇشتۇمتۇت
چېكىسىگە سۈركەپ قويار يود.
يېشىلەلمەي ئوغرى مەستلىكتىن
ئاپتوبۇستا دەلدەڭلەپ تۇرۇپ
يانچۇقلارغا ئۇزىتىدۇ پۇت.
مەيخانىغا كىرسە قەلەندەر
كۆرۈنىدۇ مەيخانا ئىچى
ئوردىسىدەك ئەڭ سېخى شاھنىڭ.
مەست بولغاندا ئاقىل تارىخچى
يىلنامىلەر مەست بولار بىر – بىر
تاپالمايدۇ ئۆز تارىخىنى…
سەن كېتىسەن مەي ئىچمەس شائىر
چوڭ شەھەردىن خىلۋەت دالىغا.
بۇلاق يېنىك شىلدىرلاپ تۇرار،
كەيپ بولغۇڭ كەلمەس زادىلا.
سەن يىغلايسەن، ئوخشار تەبىئەت
باغرى يۇمشاق ئاق دىل ئانىغا.
شەيتان
قەشقەردىكى قاۋاقخانىدا …
4
قۇشلار
ۋەتەنسىز قۇشلار
پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار.
سەرسان شامال كۈتۈرۈپ يۈرەر
غازىڭىنى ئۆز ۋەتىنىنىڭ.
غېرىبلىقتەك
ئېگىز بىنا.
قوشنا ئۆيدىكى ئادەم.
تام.
ئىككىنچى قېتىملىق ئۆرپ – ئادەت.
توي.
ناتونۇش دەپنە مۇراسىمى.
قۇشلارنىڭ يېشى.
ئەينەك غېرىبلىق.
قول يەتمەس ئىشىك.
كارىۋات.
قاچقان ئۇيقۇ.
ئوچۇق دەرىزىدىكى
ئاپئاق ساڭگىلاپ تۇرغان
ۋەتەننىڭ مۇزلىغان قولى.
غەم تولغان كۈلدان.
ئايرۇپىلان.
دېڭىز.
قۇشلارنىڭ يېشى.
ھەممە يەردە يات ئادەم.
مەيلى تۇر پارىژنىڭ گۈزىلى بىلەن،
يەنىلا ئۆزۈڭنىڭ ئەمەستەك كۈلكەڭ.
ئەسلەيسەن نەم قىلىپ قول ياغلىقىڭنى.
ۋەتەندە دەردىڭمۇ ئۆزۈڭنىڭ دەردى،
ۋەتەندە يىغاڭمۇ ئۆز تىلىڭ بىلەن
مىليونىر بوپكەتكىن بەرىبىر يەرلىك
قەلەندەر ئالدىدا بىر كەپەڭمۇ يوق
ھەر كىم باقالايدۇ كۆزإڭگە سوغۇق
مەيلى سەن شاراب ئىچ ئالتۇن قەدەھتە،
بىر كۆپۈك چىقسىلا ئۈستىگە لەيلەپ
ئوقۇساڭ يېزىلغان ۋەتەن دېگەن خەت.
بېرلىن ئاسمىنىدا كۆرىسەن ھەر كەچ
جىمىكى يۇلتۇزدىن ئۇيغۇر كۆزىنى.
مۇقەددەس بۈۋى مەريەم چىركاۋى
كۆرۈنەر سەن ئۆسكەن تار كوچىدىكى
كىچىك بىر مەسچىتتەك ئۇيغۇرۇڭ سالغان.
ھەج قىلىپ مەككىگە بارساڭ مۇبادا،
تۇيۇلار يۇرتۇڭدا قالغاندەك خۇدا.
مۇبادا دوزاختا بولسىمۇ ۋەتەن،
مەڭگۈ بىر مۇھاجىر جەننەتكىمۇ سەن.
ۋەتەن، ئاھ ۋەتەن،
چىرايلىقتۇر ھەممە نەرسىسى،
چىرايلىق ئۇنىڭ قايغۇسىمۇ ھەم.
گۆھەردۇر، ئالمىدۇر، خۇش پۇراق گۈلدۈر،
ۋەتەن دالىسىدا كۆرگەن توڭ تىزەك.
ئەيسادۇر، مۇسادۇر يۇرتۇڭ ئادىمى،
يات يۇرتتا تۇغقانمۇ تۇيۇلماس دوستتەك.
ۋەتەندە بىر ناتونۇش بالا
يۈگۈرۈپ ئۆتكەن بولسا ئالدىڭدىن
يۈز يىلدىمۇ چىقماس يادىڭدىن.
تىللاپ سالغان بولسا ئىلگىرى
ئۆز ئېلىڭدە ئۆز تىلىڭدا ئۆز؛
تاپالمايسەن دۇنيادا ھازىر
شۇ تىلدىنمۇ گۈزەلرەك بىر سۆز.
شېئىرىنى ئوقۇساڭ بەزەن
گېزىتلەردىن پاز ياكى تاگورنىڭ؛
تېتىمايدۇ ساڭا ئۇ قىلچە،
ئۆز يۇرتۇڭدا ئېيتقان قوشاقچە.
ئۇزاتقاندا ئەزرائىل بىر كۈن
دەستە تىزىپ ئۆلۈم گۈلىدىن،
سەن ئۆزإڭگە توقۇيسەن كېپەن
ۋەتەندىكى خىياللار بىلەن.
يات تۇپراققا كۆمۈلگەندە سەن
كۆمۈلىدۇ قەلبىڭگە ۋەتەن…
سېغىنغاندا قەشقەرنى
چەت ئەلدىكى ھەر بىر مۇھاجىر
شۇنداق يازار خەت يازسا ئاخىر.
5
چەكسىز نۇر
قەشقەردىكى ئاياللار
قەشقەردىكى ئەرلەرنىڭ چۈشى.

تاپىنىڭ نۇر، قاناتلىرىڭ نۇر،
كۆلەڭگەڭ نۇر، يۇپۇرمىقىڭ نۇر،
ئاۋازىڭ نۇر، خۇش پۇرىقىڭ نۇر.
بارچە ئەرلەر چەكسىز سوزۇلغان
قاپقاراڭغۇ تاغ جىلغىسىدۇر.
قەشقەر گويا ئورمانلىق،
سەھەر سېنىڭ ئىزىڭ ئەمەسمۇ؟
ئويغا چۆكسەڭ خىيالىڭ گۇگۇم،
تۈن كېچىلەر چېچىڭ ئەمەسمۇ؟
ئاڭلىنىدۇ خىلۋەت تېنىڭدىن
شىلدىرلىشى بۇلاق سۈيىنىڭ.
تېنىڭ مۇنبەت ئېكىنزار گويا
گۈل ئېچىلغان پۇتلىرىڭ ئارا.
سەن بولىسەن كىچىك ئالمىلىق،
سەن گوياكى سۈزۈك مۇزىكا.
سەن ئەرشتىن چۈشكەن پەرىشتە،
مەن ئۇيقۇغا كەتكەن ۋاقىتتا.
سەن گوياكى بىر تال چۈمۈلە،
مەنىسى يوق خەت يېزىپ يۈرگەن.
سەن گوياكى نامسىز چىغىر يول،
ئەرلەر دائىم ئېزىقىپ يۈرگەن
ئايال، ئەر ۋە كەچتىكى كارىۋات،
يىنىك، پىنھان چېلىنغان بەدەن،
ئۇپرىماس ساز، مەستخۇش مۇزىكا.
ئېھ، يالىڭاچ نۇمۇسچان خىيال،
ئېھ، ئۆزىنى يوقاتقان دۇنيا.
نەرە تارتقان قىلىچلىق ئەرلەر
قان ئىچىگە يىقىلار بىر- بىر،
قۇل بولىمىز ئاستا بەك ئاستا.
ئۇ بىر ئايال مۇلايىم قاتىل،
ئەر ئۆلىدۇ نەيرەڭ بىلەنلا.
ئايال، ئېھ ئايال،
ئايال، ئايال، يوللاردا ئايال،
ئەبەدىيلىك نۇرلاردا ئايال.
بۇ ئالەمنىڭ غېرىبلىقىدىن
قۇتۇلۇشقا تاپالماي ئامال،
ساڭا مۇھتاج بولدۇم ئېھ ئايال.
بىر جۈپ گۈزەل ئالتۇن كەشنى مەن
كۆمۈپ قويدۇم شېئىرلىرىمغا.
ۋە ئالتۇندىن ياساپ بىر كىشەن
كۆمۈپ قويدۇم شېئىرلىرىمغا.

غېرىبلىقنىڭ سوغۇق نۇرلىرى
چاقناتماقتا مېنى خانەمدە.
ئاھ، جىمجىتلىق،
سەن بەك ئېغىر قىز،
مۇزلىغان تېنىڭ.
رەسىمدىكى ئايال چولپاننىڭ
كىيىملىرى نېپىز بەك نىپىز
توساتتىنلا مىدىرلاپ تامدا
يېشىۋەتتى باغىردىقىنى،
ئاندىن، ئاستا – ئاستا…
بىر ئوغۇل بالا،
قوش قولىدا سىقىمداپ
ھېچكىشىدىن قىلماستىن ھايا
ئانىسىنى ئەممەكتە تازا.
چەكسىز ئايال.
يات مەدەنىيەت.
ئىشىكسىز كوچا.
مۇنچىدىكى قىزنىڭ يوتىسى
نۇر چاچىدۇ ئەرلەر شەھىرىگە.
سانسىزلىغان ئىزىمىز قالدى،
تالاي كەچتە ئاشۇ كوچىدا.
بەردىم گۈزەل كۆپ سۈكۈتلەرنى،
بىرلا سۆزنى بەرمىدىم ئەمما.
ماڭغىنىمدا بىرگە سەن بىلەن،
يوق تۇيۇلار ياكى سەن يا مەن.
خىيال دەيمەن ئىشەنگۈم كەلمەي
ئىككىمىزدىن بىرسىمىز جەزمەن.
خىياللىرىم سەن ھەققىدىكى
پارە – پارە سۇنغان ئەينەكتۇر.
ئاۋازىڭ بار، يوقتۇر ھېچنېمەڭ،
بار پەقەتلا تالا – تالا نۇر.
كۆزۈڭدە لىق بىر كوزا سۇ بار،
قېنىپ – قېنىپ ئىچىپ بولۇپلا
چېقىۋەتكۈم كېلىدۇ دەرھال.
بار سېنىڭدە نازۇك بىر يۈرەك،
تەكچىدىكى جانان چىنىدەك.
دەيمەن ھېچكىم تەگكۈزمىسۇن قول
ئۇ چىنىگە مېنىڭدىن بۆلەك.
سەن مەن ئۈچۈن بىر پارچە شېئىر،
ئىزدەيمەن ئۇنىڭدىن پىكىر،
بار پەقەتلا تاتلىق ھېسسىيات.
قەشقەردىكى ئاياللار
ئەرلەر قۇرغان دۆلەتتە ياشار،
يوق مۇستەقىل پادىشاھلىقى.
چۈشۈرىدۇ تەختتىن ئۇلار،
ۋە شاھ قىلار خالىسا سېنى.
بەرگەن چاغدا ئۇلار ھېسسىيات،
ئايلىنىدۇ ئەرلەر شائىرغا.
ئېرىشىدۇ نوبېلغا ھەتتا.
ئەگەر ئۇلار قىلمىسا ئىنساپ،
ئايلىنىدۇ ئاقىل ساراڭغا.
كىردى ئۆيگە ھارغىن مۇئەللىم ،
چايغا ئوخشاش ئىسسىق بىر ئايال
ئېلىپ كىردى پىيالىدە چاي.
قايتتى ئۆيگە كاۋاپچى يىگىت،
ئاغىچىسى چىقىپ خۇش چىراي
قوللىرىغا سۆيدى ئېڭىشىپ.
رومان يازار يازغۇچى ئەختەم،
ئورىگىنالىنى رەتلەپ خانىمى
كۆچۈرىدۇ ياندا پەم بىلەن.
ھەسرەتلەنسە تارىخچى بوۋاي،
مومىيىمۇ چېكەر بىرگە غەم.
كوچا – كوچا يەنە بىر كوچا،
بىر توپ ئايال چۈشكەن پاراڭغا.
ئاڭلىلىمۇ چىرايلىق قوشنام،
گۈللۈك، نېپىز قەغەزدەك ئىشتان
ئەنقەرەدە بوپتىمىش مودا.
قىزنىڭ قېشى شالاڭمۇ نېمە؟
باردىلىمۇ ئاخشامقى تويغا.
چېچەن دېگەن ئاشۇ ئەخمەق خەق،
تەنگە سىڭگەن نېنىنى يېمەي
ئۇرۇش قىپتۇ دەيدۇ يېقىندا.
ئەر چىقماپتۇ سەنئەتچى قىزغا…
غەمكىن شائىر يوللايدۇ سالام
پۈتكۈل قەشقەر گۈزەللىرىگە.
ھېيتگاھتا نان تىلەپ يۈرگەن
يۈزى تارىخ مىسكىن مومايغا.
لەڭپۇڭچىغا، ئاشپەز ئايالغا،
ئۆپكە – ھېسىپ ساتقۇچىلارغا.
ئۇيغۇر شىپاخانىسىنىڭ
ئاياللار بۆلۈمىدىكى
ھەر بىر بىمارغا.
يول – يوللاردا كېتىۋاتقان
تۆت پەسىلنىڭ باغچىسى بولمىش
گۈل بەدەنلىك قىز – جۇۋانلارغا.
سالام بېرەر ئوتتۇرا ئاسىيا،
سالام يوللار بىپايان دۇنيا،
قەشقەردىكى قىز – ئاياللارغا
* * *
مەپە ۋە سەھەر .
ئاق قاشقىلىق ئاتنىڭ كۆزىگە
چۆكۈپ كەتتى قۇياشلىق شەھەر.
ئادەم ۋە ئالەم
يارىتىدۇ ئۆز تارىخىنى
ئېقىپ كەتكەن يۇلتۇزغا قەدەر.
يەر شارىنىڭ بىر بۇرجىكىدە
نۇرلانماقتا قەدىمىي قەشقەر.


زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.

فورمات

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74255
يازما سانى: 1258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8328
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 846 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 12:08:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 2929
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 27786
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 4731 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 01:38:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىنقى قېتىملىققا قارىغاندا ئاۋازىڭىزنىڭ سۈزۈكلىكى ياخشىلىنىپتۇ .
يەنە ئازراقلا كۈچىسىڭىز ئورتاق تىلغا ماس كىلىدىكەن ، ئاۋازىڭىز خۇددى مەھمۇد مەخسۇتنىڭكىدەك يىقىملىق ئاڭلىندىكەن .

يوقاتقاندىن كىيىنلا ئاندىن شۇ نەرسىنىڭ قەدرى ئۆتىلىدۇ .

مىللەتسۆيەرلەر ۋە  دىنسۆيەرلەر

سەھرالىق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24790
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6570
تۆھپە نۇمۇرى: 307
توردا: 940 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2012-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 02:42:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئادىل تۇنيازنىىڭ شىئىرلىرى ئۆزگىچەدە .........ھەر ئاڭلىسام ، ئۇقۇسام ئۇقۇغۇم كىلىپ تۇردۇ.....تىما ئىگسىگە رەھمەت.....

دۈشمەنلىرىمگە ئۈزۈم تېتىيمەن، دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9636
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10251
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 1734 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2013-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 10:53:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈرەكنى يارىدىغان شىئېر بۇ، لىكىن مىنىڭچىمۇ ئاشۇ ‹‹ ر ››  سەل ماسلاشماپتىمۇ نىمە؟

مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەرنىڭ كەينىدە بىر ئايال بولغان بولىدۇ. لېكىن بۇ ئايال ئۇنىڭ ئايالى بولماستىن، بەلكى قېيىن ئانىسىدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57210
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3450
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2337 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 01:58:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ، مۇمكىن بولسا مۇنبەرگە مۇشۇنداق ئاۋازلىق شىئىرلاردىن كۆپرەك يوللانسا، دائىم ناخشا ئاڭلىغىچە شىئىرمۇ ئاڭلىساق ياىشى بولاتتى؛ چۈنكى، مەنمۇ شىئىرغا ئامراق؛

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش