بىلىملىك پادىچى
(چۆچەك)
ئابدۇمىجىت مۇھەممەد
بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا، بىر بوۋاي ئۆتكەن بولۇپ ئۇنىڭ دۇنيالىقتا پەقەت بىرتاللا ئوغلى بارئىكەن. بۇ بوۋاي تاپقان تەرگىنىنى موشۇ يالغۇز ئوغلىغا سەرىپ قىلىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنىڭ ئۆمىرىنىڭ ئۇزاق قالمىغىنىغا كۆزى يەتكەن بۇ بوۋاي بارلىق بىساتلىرىنى سىتىپ ئوغلىنى داڭلىق بىر ئوستازدا ئوقۇتۇپ، بىلىمنى ئوغلىغا مىراس قالدۇرماقچى بوپتۇ ھەم ئۇغلىنى داڭلىق بىر بىلىم يۇرتىلدىكى ، يىتىشكەن ئالىمنىڭ يىنىغا ئەۋەتىپتۇ. ئارىدىن نورغۇن ۋاقىتلار ئۆتۈپ يىگىت مەكتەپ پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەپتۇ ھەم ئۆزىنى ساقلاپ ئىشىك تۈۋىدە ئولتۇرغان ئاجىز دادىسى بىلەن ئۇچىرىشىپتۇ.
بۇۋاي ئوغلىنىڭ كۆزىگە بىرھازا تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندىن كىيىن؛
نىمىلەرنى ئۈگىنىپ كەلدىڭ ؟ - ئوغلۇم دەپ سوراپتۇ ئۆمۈد بىلەن.
ئۈگىنىشكە تىگىشلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۈگەندىم، -دادا دەپتۇ ئوغۇل .
- ئەمما سەن ئۆگەتكىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنىمۇ ئۈگەندىڭمۇ؟- دەپ سوراپتۇ بوۋاي بالىسىنىڭ ئازغۇن ئەپتىگە قاراپ.
–ماڭ ئوغلۇم قايتىپ بىرىپ ئۇستازىڭنى ئىزدە، ئۇنىڭدىن ئۈگەتكىلى بولمايدىغان ئىلىملەرنىمۇ ئۈگەن.
يىگىت ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۇستازىنىڭ يىنىغا قايتىپ بىرىپتۇ ھەم ئۇنىڭدىن ئۆزىگە ئۈگەتكىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنىمۇ ئۈگىتپ قويۇشنى سوراپتۇ.
ئۇستازى شاگىرىتنىڭ ئاتىسىنىڭ ئەقلىگە ئاپرىن ئىيتىپتۇ ھەم شاگىرىتىغا قاراپ :
-ئۇنداقتا بۇ 400 قوي پادىسىنى ھەيدەپ قەيەردە ئىگىزتاغ بولسا شۇ تاغقا ياماش، شۇيەردە ياشا ھەم بۇ قويلارنىڭ سانى 1000غا يەتكەندە قايتىپ كەل دەپتۇ.
شۇنداق قىلىپ يىگىت تاغقا چىقىپ پادىچى بوپتۇ.تاغدا ئۇ دەسلەپ ئۆمىرىدىكى ئەڭ جىمجىت، زىرىكىشلىك مىنۇتلارغا دۈچ كەپتۇ. ئۇ تاغلارغا قاراپ ۋاقىراپتۇ ئەكىس سادادىن باشقىنى ئاڭلىماپتۇ. كىيىنچە قويلارغا قاراپ سۆزلەيدىغان بوپتۇ. قۇيلارمۇ ئۇنىڭ تلىنى چۈشەنمىگەچكە ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۇنىڭ قاراپ تۇرۇپتۇ. ھەتتا ئۇنى دۆت كۆرگەندەك تەرەپ تەرەپلەرگە پىتىراپ كىتىپتۇ. بارا بارا يىگىت ئۆگەنگەن بىلىملەر ئۇنتۇلۇپ، شەخسىيەتچىل، مەنمەنچىلىك ۋە پەخىرلىنىش تويغۇلىرى يوقاپ تولىمۇ جىمغۇر بولۇپ قاپتۇ ھەم بارا بارا قويغا ئوخشاش جىمجىت تەپەككۇر قىلدىغان، تىنىمسىز ئىزدىنىدىغان، ھايات يوللىرىنى ئىزدەيدىغان، قورساق، خىزمەت، ھايات دەرىتلىرىنى ئونتۇپ ئۇلۇغ ھەقىقىەتلەر ھەققىدە ئويلىنىدىغان بوپتۇ. ئويلانغانسىرى بىر ئۇلۇغ ھەقىقەتنى تونۇپ يىتىشكە باشلاپتۇ. شۇنداق قىلىپ بارغانسىرى ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكىنى بىلنمەيدىغان. ئەتىراپدىكى تاغلار، گىياھلار ،ھايۋاناتلار، قۇشلار ھەتتا قۇرۇت قۇڭغۇزلارنىڭ ھەركەتلرىنىمۇ چۈشىنەلەيدىغان بوپتۇ. بىركۈنى ئۇ ئەتىراپدىكى تاغلارنىڭ تۈزۈۈلۈش قانۇنىيەتلىرى ھەققىدە ئويلىنىۋىتىپ تويۇقسىز كۆز ئالدىدىكى جىلغىدا ئوتلاۋاتقان قويلىرىنىڭ نەچچە مىڭغا يەتكەنلىگىنى بايقاپتۇ –دە دەرھال ئۇستازىنىڭ يىىىغا قايتپتۇ. ھەم تىزلانغان ھالدا :
-رەھمەت ئۇستازىم مانا ئەمدى نىمىنىڭ ئۈگەتكىلى بولمايدىغان بىلىم ئىگەنلىگىنى تونۇپ يەتتىم دەپتۇ. ھەم ئۇستازىنىڭ ئىللىق كۆزىدىكى بىرتامچە ياشدىن مىھرىبان ئاتىسىدىن ئايرىلغىنىى ھېس قىلىپ يىتىپتۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابدۇمىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-11 12:39 AM