ماشىنا،يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ۋە مەن
ماي تەپكىسىنى كۈچەپ باسىمەن. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئەڭ يۇقىرى سۈرئەت بىلەن كېتىۋاتقان ماشىنىنىڭ شىددەتلىك ھاياجانلىرى- مېنىڭ ھاياجىنىم!
ماي تەپكىسىنى كۈچەپ باسىمەن. كۆز جىيەكلىرىم كېڭىيىپ، ۋۇجۇدۇمنى قۇرقۇنچ ۋە تەشۋىش ئىگىلەپ يۈرىكىمنىڭ دەھشەتلىك دۈپۈلدەشلىرىگە ئەگىشىپ سېنى بۇرۇنمۇ، ھازىرمۇ، كېيىنمۇ شۇنداق چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن مەڭگۈ ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ھېس قىلىمەن.
ماي تەپكىسىنى كۈچەپ باسىمەن. نۇر ۋە زۇلمەتكە تولغان بۇ رەھىمسىز دۇنيادا سانسىزلىغان ئادەملەرنى ئويلايمەن. ئۆزۈمنىڭ كىملەرنى ياخشى كۆرۈپ، يەنە كىملەردىن قانچىلىك نەپرەتلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمەن.
ماي تەپكىسىنى كۈچەپ باسىمەن. بىردىنلا قەلبىمنى ئاخىرلىشىش تۇيغۇسى چىرمىۋالدى. بارلىق تىرىشچانلىقلىرىم بارلىق ئۇرۇنۇشلىرىمنىڭ ھەممىسى بىكاردەك، زېرىكىش، بۇرۇقتۇملۇققا تولغان بۇ تۇرمۇشىمنىڭ ھېچقانداق مەززىسى يوقتەك، ‹ئۆلۈم› دىن ئىبارەك بۇ قۇرقۇنچلۇق ھەم دەھشەتلىك تاللاشنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ توغرا بىردىنبىر تاللاش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن.
ماي تەپكىسىنى كۈچەپ باسىمەن. ماشىنىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماڭا ئاتا قىلغان شىددەتلىك ھاياجانلىرى شېئىر يازغاندىكى ھاياجان بىلەن نەقەدەر ئوخشاش! ئەي، خەلق! ئەي،قولىغا قەلەم ئالغۇچى! شېئىر يازساڭ شۇنداق ياز!
ماي تەپكىسىنى كۈچەپ باسىمەن. ئېچىنىشلىق بىر قېتىملىق قاتتىق سوقۇلۇش يۈز بەرسە-ھە! ئۇ چاغدا... سېنى توختىماستىن ئويلايدىغان، سەن ۋە ساڭا مۇناسىۋەتلىك سانسىزلىغان ئازاپلىق ئەسلىمىلەرگە لىق تولغان بۇ سېسىق كاللام كۇكۇم تالقان بۇلۇپ كەتسە... سېنى كۆرۈش ئۈچۈنلا يارىتىلغان، بىراق بىر قېتىممۇ سېنى قانغۇدەك كۆرۈۋېلىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولالمىغان بۇ بىچارە لەنىتى كۆزلىرىم قۇيۇلۇپ كەتسە... ساڭا ئاتاپ توختىماستىن خەت يازىدىغان، ساڭا ئاتاپلا شېئىر يازىدىغان بۇ گۇناھكار قوللىرىم سۇنۇپ پارە-پارە بۇلۇپ كەتسە... يەنە .. يەنە ساڭا قاراپ ماڭىدىغان ئاسىي پۇتۇم، سېنى سۆزلەۋاتقان شەرمەندە ئېغىزىم...
ماي تەپكىسىنى كۈچەپ باسىمەن. ئەگەر مەن راسىتنلا ئۆلۈپ كەتسەم، قايسىدۇر بىر ئاقكۆڭۈل ساخاۋەتچى قەلەمدار مېنىڭ بۇ ۋاقىتسىز ئۆلۈمىمدىن قاتتىق ئازاپ ۋە ئېچىنىش ھېس قىلىپ مەن تور دۇنياسىدا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مىسرانىم تورىدا مېنىڭ ئۆلۈمۈم ھەققىدە خەۋەر بىرەر. بەلكىم بۇ خەۋەرنى ئۇققان نۇرغۇنلىغان ئادەملەر چەكسىز ئېچىنىش ئىلكىدە مەن ئۈچۈن ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس قەسىدە، مەرسىيلەرنى پۈتۈپ مېنىڭ باقىي دۇنيادا تىنىچ، خاتىرجەم يېتىشىم ئۈچۈن دۇئاغا قول كۆتۈرىشەر. بۇ خوش-خەۋەردىن ئالەمچە شادلىققا چۆمۈپ، قېنقىنىغا پاتماي قالغان يەنە بىر قىسىم ئادەملەر بولسا نىتزى ‹ ئۆلىدىغانلار ۋاقتىدا ئۆلۈشى كېرەك› دېگەنىدى دەپ قاتتىق ۋاقىرار!
ماي تەپكىسىنى كۈچەپ باسىمەن. بىر قېتىملىق دەھشەتلىك سوقۇلۇشنى خىيال قىلىۋاتىمەن....
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا apsana-977 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-10 08:36 PM