ھىندىستان‹‹جۇڭگوغا مەڭگۈ يېتىشەلمەيدۇ››
[ئەنگلىيە ‹‹پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى›› نىڭ 8 - ئاۋغۇستتىكى ماقالىسى] تېمىسى ھىندىستاننىڭ شىركەتلىرى جۇڭگوغا مەڭگۈ يېتىشەلمەيدۇ (ئاپتۇر: لاھور ياكوبۇ ) ھىندىستاننىڭ سودا ساھەسىدىكى سەرخىللىرى داۋوس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىگە ۋە يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن شۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان يىغىنلارغا قاتناشقان چاغلىرىدا دائىم نوپۇس نىسبىتى جەھەتتە ھىندىستان جۇڭگوغا قارىغاندا ئۈستۈنلىككە ئىگە دەيتتى، بۇ گەپ ئۇلارنىڭ دائىم دەيدىغان ئېغىز تىلىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
ئۇلارنىڭ كۆز قارىشى شۇكى، مىليونلىغان ياشلارنىڭ ئەمگەك كۈچى بازىرىغا كىرىشىگە، شۇنداقلا ھىندىستانلىقلارنىڭ كېرىمى ۋە ئامانەت پۇلىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ھىندىستان ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتى چوقۇم يۇقىرىلايدۇ، لېكىن جۇڭگو پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقتىن، ناھايىتى تېزلا ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك ئەھۋالىغا دۇچ كېلىدۇ.
كۆڭۈلدىكىدەك ئەھۋال ئاستىدا، بۇ ئاڭلىماققا بەلكىم توغرىدەك قىلىدۇ، لېكىن ھىندىستاننىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تەكشى ئەمەس. ھىندىستاندا مىليونلىغان بالىلار تويغۇدەك تاماق يېيەلمەيدۇ ياكى مۇنتىزىم تەربىيەگە ئىگە بولالمايدۇ.
ئالدىنقى ھەپتىدە ھىندىستان ھۆكۈمىتى مارىسنى تەكشۈرۈش پىلانىنىڭ تەستىقلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. نۇرغۇن ئوبزورچىلار شۇنىڭغا ئەگىشىپ قاتتىق تەنقىد قىلدى، چۈنكى يەرشارى بويىچە ئېغىر ھالدا ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن بالىلارنىڭ تەخمىنەن يېرىمى ھىندىستاندا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھىندىستانلىقلار ئىچىدە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلمىغانلار ئاران %23، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈپىتى بىردەك ئەمەس، لېكىن جۇڭگودا ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغانلار ھىندىستاندىكىنىڭ ئىككى ھەسسىدىن ئارتۇق. جۇڭگو ھازىر يەنە تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى ئالىي مەكتەپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىۋاتىدۇ، ھىندىستان بولسا، يەنىلا كىشىلەرنىڭ باشلانغۇچ مائارىپىنى تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۈچەۋاتىدۇ.
ھىندىستاننىڭ سودا ساھەسىدىكى نۇرغۇن سەرخىللار ھىندىستاننىڭ نوپۇس نىسبىتى جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى ماختاپ خۇددىي ئىسسىق گاز شارىغا ئوخشاش چوڭايتىۋەتتى، لېكىن خۇددىي ئۇلارنىڭ شىركەتلىرنىڭ پاي باھاسىغا ئوخشاش، بۇ ئىسسىق گاز شارى ھازىر كىچىكلەشكە باشلىدى. پاكىت ھىندىستاننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بەرپا قىلىش جەھەتتە جۇڭگوغا زادىلا يېتىشەلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئۆتكەنكى بىر نەچچە يىلدا، جۇڭگونىڭ دېڭىز بويىدىكى شەھەرلىرىدىكى (ئېكسپورت كارخانىلىرى مەركەزلەشكەن رايونلار) ئىشچىلار مائاشىنىڭ تەخمىنەن %20 ئېشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ تۆۋەن تىرېمىناللىق ياسىمىچىلىقى باشقا جايلارغا يۆتكىلىشكە باشلىدى. ھىندىستانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئۇلارنىڭ نوپۇس نىسبىتى جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇشىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك پۇرسىتىدەك قىلىدۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ تۆۋەن تىرېمىناللىق ياسىمىچىلىقى ھىندىستانغا ئەمەس، بەلكى جۇڭگونىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى ئۆلكىلەرگە، شۇنداقلا ۋېيتنام ، بېنگال ۋە ھىندونېزىيەگە يۆتكەلدى.
ئىقتىساد تەتقىقان ئاپپاراتىنىڭ لۇڭجۇ ئىقتىسادىي خەۋەرلىرىدىكى گې يىخاۋ مۇنداق دەيدۇ، جۇڭگو مائارىپقا مەبلەغ سېلىش جەھەتتە ناھايىتى ياخشى ئىش قىلىۋاتىدۇ، بۇ جۇڭگو ئىشچىلىرىنىڭ 60 ياشتىن ئاشقاندىمۇ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، ھىندىستاننىڭ بۇ جەھەتتە قىلغان ئىشلىرى تېخى ناھايىتى يېتەرسىز.
بۇ يىل يازنىڭ بېشىدا، مەن دېھلى ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان كۈتۈۋاتقاندا، باش بۆلۈمنىڭ شياڭگاڭدىكى Epic گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى Blue J, Ma tan بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. بۇ شىركەت گەيپۇ قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ماركىدىكى كىيىم - كېچەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن، ئۇنىڭ بېنگال دۆلىتىدە 15 مىڭ ئىشچىسى بار ئىكەن، مەن ئۇنى بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى كۆرگەن ئىدىم، شۇ چاغدا ئۇ ماڭا بۇ يىل يازدا مېۋە - چېۋە رەڭگىدىكى پادىچى ئىشتانلىرىنىڭ زاكاز قىلىنىشى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاغرىنغان ھالدا سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.
مەن Blue J, Ma tan نى دېھلىغا بىرەر يېڭى زاۋۇت قۇرۇش ئۈچۈن كەلدىمىكىن دەپتىمەن ، لېكىن Blue J, Ma tan ئامېرىكىلىق بىر مۇھىم خېرىدار بىلەن كەچلىك تاماقنى بىللە يېمەكچى بولغانلىقى ئۈچۈن دېھلىدا پەقەت بىر كېچىلا قوندى، ئۇ ھىندىستاننىڭ ئەمگەك قانۇنى ئادەمنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويىدىغان بولغانلىقتىن، بېنگال دۆلىتىدە چوڭ تىپتىكى زاۋۇت قۇرسا ئادەم ياللاشنىڭ تېخىمۇ ئاسان بولدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇسا ئەخمەت
مەنبەسى تەڭرىتاغ مۇنبىرى