مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: باھادىر

قازاقىستاندىكى ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىق ئائىلىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83754
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3137
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2012-8-10
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 11:32:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولدى، بولدى، ئۇيغۇر- قازاق تالاشمايلى!

                                                        تالاشقانغا تا .. ق يوق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64654
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3406
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 02:06:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئىستىمال قىلىۋاتقان ئەينەك قۇتىدىقى  ھەسەللەرنى ھەسەل دەپ ئاتاشقىمۇ بولمايدۇ.ئەڭ ياخشىسى ئىستىمال قىلمىغان تۇزۇك.پارچە ھەسەل سېتىۋاتقانلارنىڭ ئەڭ ئېسىل قىممەت ھەسىلىمۇ.ئىشەنچىلىك ئەمەس ..چۇنكى ھەسەل باققۇچىلار.ئاساسەن ھەسەلنى كونەكتىن سۇزۇشتىن ئىلگىرى ھەسەلنىڭ جەۋھىرىنى ئېلىۋالىدۇ .ھەسەل جەۋھىرىنىڭ بازاردا سېتىلىشى كىلوسى400    500يۇھن ئەتراپىدا بىز ئىستىمال قىلىۋاتقان ھەسەل پەقەت..ھەسەل قىيامى خالاس ئۇنىڭ ھىچقانداق شىپالىق رولى بولمايدۇ...ھەقىقى ساپ ھەسەل ھەسەل جەۋھىرى ئېلىۋېلىنمىغان ھەسەل..بۇ ھەسەلنى پەقەت ئاللادىن قورقىدىغان .كىشىنىڭ ھەققىنى يىيىشتىن قورقىدىغان.كىشىلەرلا ساپ ئىشلەيدۇ .يەنە بەلكىم يىمەكلىككە بەك دىققەت قىلىدىغان دولەتلەردە ساپ ھەسەل بولىشى مۇمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11872
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 982 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 02:21:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەبىئى يېمەكلىك  -ھەسەل

ھەسەل-ھەسەل ھەرىسى ئۆسۈملۈك گۈل چىڭى شىرنىلىرىنى شوراپ ،ئۇنى ئۆز تىنىدىكى ئاجرالمىلار بىلەن بىرىكتۈرۈپ چىقارغان سەر خىل ماددىلارنىڭ تەبىئى تويۇنغان ئىرىتمىسى بولۇپ، رەڭگى ئاق، كەھرىۋا قاتارلىق 7 خىل رەڭدە، تەركىۋىدە ئادەم بەدىنىگە ئىھتىياجلىق  بولغان  سۇ،كاربۇن سۇبىرىكمىلىرى ،كىسلاتا تۈرىدىكى بىرىكمىلەر،ۋىتامىنلار،مىنىرال ماددىلار، ئاقسىللار،ھىدروكسى مېتىلول، فۇرفۇرال، ھەرخىل  خۇشپۇراقلار بولۇپ  180  خىلدىن ئارتۇق تەركىپتىن تۈزۈلگەن . ھەسەل ھەرىىسنىڭ ئوزۇقلىنىشىغا ئاساسەن ،ھەسەلنىڭ تۈرىمۇ بىرنەچچە خىل بولىدۇ.تەبىېئى ھەسەلنى زاۋۇت ياكى ئادەم كۈچى ئارقىلىق ياسىغىلى بولمايدۇ. ئۇ پەقەت بىر مۆجىزە، خالاس.

ھەسەلنى تونۇش
‹1›.رەڭگى :ھەسەل مەنبەسىنىڭ  ئوخشىماسلىغىغا قاراپ سۈزۈك ئاقۇشرەڭلىك،ئاق رەڭلىك،سۇس كەھرىۋا رەڭلىك، كەھرىۋا رەڭدىن تۇتۇق قوڭۇر رەڭلىك قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ.

‹2›.پۇرىقى:قايسى خىل ئۆسۈملۈك گۈلىنىڭ ھەسىلى بولسا شۇ خىل ئۆسۈملۈك   گۈلىنىڭ پۇرىقى بولىدۇ.پۇرىغاندا چۈچۈمەل ماددىلارنىڭ ،ئىسپىرىتلىق   ئىچىملىكنىڭ،ئىچىغان ماددىلارنىڭ ۋە باشقا ماددىلارىڭ پۇرىقى بولمايدۇ.

‹3›.تەمى: ھەسەل تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىغىغا قاراپ  شىرىن، يىقىملىق شىرىن،ئىنتاين شىرىن ،بەزىلىرىدە سەل قىرتاق تەم بولىدۇ.

‹4›.ھالىتى: كۆپ قىسمى يىپىشقاق، ئىقىشچان  ھەم ئىرىشچان كىلىدۇ ، بىر قىسمى كىرىستال ھالەتتە ،ھەتتا پۈتۈنلەي كىرىستال ھالەتتە بولىدۇ. تىمپىراتۇرىسى 13 سىلسى گىرادۇستىن تۆۋەنلىگەندە قىتىشقا باشلاپ ،تۇتۇق مايسىمان ھالەتكە كىرىدۇ. شىكەر ئارىلاشتۇرغان ھەسەلنىڭ كىرىستاللىنىش دەرجىسى بىر قەدەر تۆۋەن، ساپ شىكەر ھەسىلى كىرىستالاشمايدۇ.ھەسەلدە ئۆلۈك ھەرە لىچىنكىلىرى،كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان غەيرى  ماددىلار بولماسلىقى كىرەك.

‹5›.دەرجىسى:فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك ئالاھىدىلىگىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، بىرىنجى دەرجىلىك ھەسەل،ئىككىنجى دەرجىلىك ھەسەل دەپ ئىككى دەرجىگە ئايرىلىدۇ.

‹6›.سۇ تەركىۋى: بىرىنجى دەرجىلىك ھەسەلنىڭ سۇ تەركىۋى تۆۋەن (ئاز)، ئىككىنجى دەرىجىلىك ھەسەلنىڭ سۇ تەركىۋى يۇقىرى (كۆپ) .ھەسەل تەركىۋىدىكى سۇ مىقتارى قەنچە تۆۋەن بولسا ،ھەسەل شۈنچە پىشقان ، دەرجىسى يۇقىرى ، ساقلاش ۋاختىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ.ئەگەر ھەسەل تەركىۋىدىكى سۇ مىقدارى يۇقۇرى بولسا، مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ ئۆسۈشى ئەۋىج ئىلىپ ،ھەسەلنىڭ ئاسان ئىچىپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ،ساقلاش ۋە ئىشلىتىشكە سەلبى تەسىر كۆرسىتىدۇ.

‹7›.ھەسەلنىڭ تۈرى: ھەسەل –ھەسەل ھەرىسى توپلىغان ھەسەل مەنبەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يەككە ئۆسۈملۈك  گۈل شىرنىسىدىن يىغىلغان ھەسەل، ئارىلاشما ئۆسۈملۈك گۈل شىرنىسىدىن  يىغىلغان ھەسەل،سۈيۇق ھەسەل ۋە كىرىستال ھەسەل ،ھەرە كۆنىكىدىن ئايرىپ ئالغان ھەسەل ،پىشقان ھەسەل ۋە خام ھەسەل، قىنىق رەڭ ھەسەل ۋە سۇس رەڭ ھەسەل ،ئەتىياز،ياز،كۈز،قىش پەسلىدە  يىققان ھەسەل... قاتارلىق ھەر خىل تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ.

ھەسەل سۈپىتى
(1)ھەسەلنىڭ رەڭگى ،پۇرۇقى، تەمى، ھالىتى
(2)تەركىۋىدىكى سۇ
(3)مىۋە شىكىرى،ئۈزۈم شىكىرى،قومۇش شىكىرى،مالتۇزا
(4)بىئولۇگىيىلىك ئىنىزىملار
(5)كىسلىتالىق دەرجىسى
(6)نىسبى زىچلىقى
(7)قويۇقلۇقى
(8)ھىدروكسى مېتىلول فورفۇرال
(9)كىراخمال ۋە دىكىستىرىن
(10)كۈل مىقدارى قاتارلىقلار ھەسەلنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەشتىكى مۇھىم ئامىللاردۇر.

تەبىئى ھەسەلنىڭ شىپالىق رولى

(1).باكتىرىيىگە  قارشى تۇرىدۇ.
(2)ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجىرلىپ چىقىشىنى تەڭشەپ ،ئاشقازان ئۈچەينىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاپ ،قەۋىزىيەت ۋە ئىچ سۈرۈشنى داۋالايدۇ.
(3).قان شىكىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
(4).ھۈجەيرىنىڭ ئۆسۈشى ۋە بۆلۈنىشىنى تىزلىتىپ ،جاراھەتلەرنى ساقايتىدۇ.
(5).قان ئايلىنىش سىىستىمىسىغا قوش يۆنىلىشلىك رول ئويناپ ،يۈرەكنى كۈچلەندۈرىدۇ ھەم تاجىسىمان قان تومۇرنى كىڭەيتىدۇ. يۈرەك سانجىقىنى داۋالايدۇ.
(6).تەبئېى ھەسەل،تەبىېى ئوزۇقلۇق ۋە تەبىئىېى تەڭدىشى يوق ئۇنىۋىرسال دورىدۇر.


مەنبە    :   تور   

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75434
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3454
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2012-2-11
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 08:29:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۇجۇن   مېنېڭ  ئازراق  يېگۇم  كېلېۋاتېدۇ  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش