جىن سۆيگەن يىگىت
دادامنىڭ خىزمىتى ناھىيە بازىرىغا يۆتكەلگەچكە بىزمۇيېزىدىكى ئۆينى تاشلاپ قۇيۇپ ناھىيە بازىرىغا كۆچۈپ كەلدۇق،بازاردىكى ئۆيىمىزدادامنىڭ ئىدارىسىغا 500نەچچە مىتىرلا كىلەتتى،بىز ئۆينى قۇلىمىزغا ئالغاندىنكېيىن بىر نەچچە كۈن ئۆيلەرنى سۈپۈرۈپ-تازلاپ،يۇغۇشتۇرۇپ دىگەندەك بىر قاتارئىشلارنى قىلغاندىن كېيىن ئۆيمۇ ئەسلى ھالەتكە كىلىپ خېلى ئېچىلىپ قالدى،بۇرۇن بۇئۆيدە باشقىلار ئولتۇرغان ئىكەن كىيىن بىنادىن ئۆي سېتىۋېلىپ بۇ ئۆي بىر يىلغايېقىن تاشلىنىپ قالغان ئىكەن،مەن ئۆيلەرنى يۇغۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن سىڭلىم بىلەن سوقۇشۇپ يۈرۈپ خېلى چىرايلىق بىزەلگەن بىر ئۆينى ئۆزۈم ئىگىلىۋالدىم،شۇنداق قىلىپ كەچمۇ كىرىپ قالدى،كىيملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ بولۇپ،چامدىنىمنى قويغىلى يەرتاپالماي،كارۋاتنىڭ ئاستىغا قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم،كارۋاتنىڭ ئاستىغا قارىسام بىرئاياغ ساندۇقى تۇراتتى،ساندۇقنى ئېلىپ ئېچىنى ئېچىپ قارىسام بىر ئەلبۇم،يەنە بىرنەچچە پارچە قولدا سىزىلغان چۈشەنگىلى بولمايدىغان رەسىملەر،يەنە بىرخاتىرە دەپتەربار ئىكەن.
ئەلبۇمنى ئېچىپ بىر قاتار كۆرۈپ چىقتىم،رەسىمنى كۆرۈۋېتىپ مۇشۇ ئۆيدە بۇرۇن تۇرغان بالىنىڭ قىز دوستى بىلەن چۈشكەن رەسىملىرى بولسا كىرەك دىگەنلەرنى ئويلىدىم.
ئاندىن خاتىرنى قولۇمغا ئېلىپ بىردىن بىر كۆزيۈگۈرتۈشكە باشلىدىم،خاتىرنى ئوقۇۋېتىپ مىنى قورقۇنۇچ بېسىپ كەتتى،ئاخىرنى ئوقۇشقاجۈرئەت قىلالمىدىم،بىرىنجى بېتى مۇشۇنداق قورقۇنۇچلۇق تۇرسا،بۇ كىچىدە ئاخىرىنى ئوقۇشقا قانداقمۇ جۈرئەت قىلاي،خاتىرنى ئاستا ئورنىغا قويۇپ توكنىمۇ ئۆچۈرمەستىن يېتىپ قالدىم،قانداق ئۇخلىغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن.
خاتىرگە مۇنۇلار يېزىلغان ئىدى:
بۇ مىنىڭ ھاياتىمدىكى بىردىن بىر كۈندىلىك خاتىرەم،مەن ئەزەلدىن خاتىرە يېزىپ باقمىغان.ئەمما بۈگۈن بۇ خاتىرنى يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم،چۈنكى مەن كىچىدىن پەقەت ئۇخلىيالمىدىم،كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ خاتىرە ئۆتمۈشۈمنى ئەسلەشكە ئەسقېتىپ قالار،ئەمما كىچىدىن بولغان ئىشلارنى مەڭگۈ ئۇنتالماسلىقىم مۇمكىن.
شۇنداق تاتلىق چۈش كۈرۈۋاتاتتىم،تۇيۇقسىز چۈشۈمدەئاپئاق كىيىم كەيگەن بىر قىز پەيدا بولدى،مەن دەسلەپتە قورقتۇم،ئەمما ئۇنىڭ مەنبىلەن كارى يوق،ماڭا يېقىنلاپ كىلىۋاتاتتى،مەن ئورنۇمدىن جىم تۇردۇم،ئۇ قىز قولۇمدىن تارتىپ مىنى ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى ئەخلەت دۈۋىسىگە ئېلىپ كەلدى،ئاندىن كېيىن مىنى تاماق يىيىشكەتەكلىپ قىلىپ ئالدىمغا بىر توخۇنىڭ سۈڭىكىنى قويدى،مەن يىيىشكە ئۇنمىسام ئۇ قىز:
__يەڭا بەك تەملىك ھېچ نىمە بولمايدۇ،- دېدى.
مەن يىيىشكە قەتئىي ئۇنىماي جاھاللىق قىلىپ تۇردۇم،ئۇ خاپا بولغاندەك قىلىپ كىتىپ قالماقچى بولدى،مەن:
__ بوپتۇ،كەتمەڭ ئەمىسە مەن يەي دەپ بىر پارچە سۆڭەكنى ئېغىزىمغا سېلىپ شۇنداق يۇتۇشۇمغا سۆڭەك گىلىمغا تۇرۇپ قېلىپ ئويغۇنۇپ كەتتىم،بۇ چۈشۈم ئەمەس ئىكەن،راستىنلا مەھەللىمىزنىڭ كەينىدىكى ئەخلەت دۈۋىسىدە ئولتۇرۇپتىمەن،گېلىمغا سۆڭەك تۇرۇپ قالغىنىمۇ راست ئىكەن،مىڭ تەسلىكتە سۈڭەكنى ياندۇرۇپ،ئالدى كەينىمگە قارىماستىنلا يۈگۈرەپ ئۆيگە كەلدىم.
مەن قارا تەرگە چۈمۈلۈپ كەتتىم،قورقۇنۇچ،ۋەھىمە مىنى چىرمىۋالدى،قانداقتۇ بىر كۈچ مىنى كەينىگە تارتىۋاتاتتى،ئېغىزىم بىرەر ئېغىز گەپكە كەلمەيتتى،شۇنچە ۋارقىراي دەيمەن،ئەمما ئۈنۈم چىقمايۋاتىدۇ،
كۆڭلۈمدە ئۆزۈم بىلىدىغان ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇدۇم،بىر چاغ بولغاندا مىنى تۇتۇۋالغان بۇ غايىپ كۈچ
مىنى قويىۋەتتى،ئۈنۈمنى چىقىرىپ :
__دادا !!!،_ دەپ ۋارقىردىم،دەرۋازىنى ئىتتىرسەم ئىتىك تۇرىدۇ،توۋا مەن تالاغا قانداقمۇ چىققاندىمەن،بار كۈچۈم بىلەن دەرۋازىغا ئۇردۇم،دادام يۈگۈرەپ چىقىپ دەرۋازىنى ئاچتى،دادمنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم،بۇ ۋاقىتتا ھۇشۇمدىن كەتكەن ئىدىم.
بۈگۈن سەھەردە كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام ئانام،سىڭلىم قېشىمدا تۇرۇپتۇ، بىچارە ئانام يىغلاپ كەتتى:
__بالام ساڭا زادى نىمە ئىش بولدى؟
نىمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى پەقەت بىلمىدىم،گەپ قىلمايلا تۇرۋالدىم،ئاناممۇ كۆڭلۈمدىكىنى سەزدى بولغاي ئارتۇقچە گەپ قىلماي :<< ياخشى ئارام ئالغىن بالام>>، دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
شۇ تاپتا ئاخشام بولغان ئىشلار بىر بىرلەپ خيالىمدىن كەچمەكتە ئىدى،بىر ۋەھىمە مىنى چىرمىۋالماقتا ئىدى.
يەنە نىمە ئىشلار بۇلىدۇ؟بۇنى بىر ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ.
2000-يىلى11-ئاينىڭ9-كۈنى پەيشەنبە.
ئەتىسى ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ چاي ئېچىپ بۇلۇپ،سىڭلىم بىلەن ئىككىمىز بازار ئايلىنىپ كىلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقتۇق،بازاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ ئۆيگە قايتتۇق،يولدا قايتىشىمداتۇيۇقسىزلا ئاخشام
خاتىردە ئوقۇغان ئىشلار ئىسىمگە كىلىپ قالدى.خاتىرگە يېزىلغان ھېلىقى ئەخلەت دۈۋىسىنى كۈرۈپ كىلىش
ئۈچۈن سىڭلىم بىلەن ئىككىمىز ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى خالتا كوچىدىن ماڭدۇق،
سىڭلىم:
__ئاكا،شۇنچە كەڭرى يول تۇرسا بۇ ئارقا كۇچىدىن نىمىشقا ماڭىمىز،شۇنداق كۆڭلۈم ئايلىنىپ كەتتى،قارا بۇ كۇچىنىڭ مەينەتلىكىنى.
سىڭلىم ھەقىقەتنمۇ توغرا گەپ قىلغان ئىدى،بۇ كۇچىدىكى سېسىق پۇراقلار،ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇراتتى،كۈندۈزى ئادەم يالغۇزمېڭىشتىنمۇ تىنى شۈركىنەتتى.
__ ھە،راستلا مەينەتكەن،بۇ يەرگە يىڭىدا كۆچۈپ كەلدۇق ئەمەسمۇ،ئۆيىمىزنىڭ ئەتراپى بىلەن ياخشىراق تۇنۇشىۋالاي، دەپ مۇشۇ يەردىن ماڭدۇق، ئەمدى بۇ يولدىن ماڭمايلى ھە،ئاپاق سىڭلىم.
__ ماقۇل ئاكا،سەن يېنىمدا بولمىغان بولساڭ بۇ يولدىن مېڭىشتىن راستلا قورقاتتىم.
ئاخىرى ئۆيگە كەلدۇق،مەن ئۇدۇللا ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگەكىرىپ ھېلىقى كۈندىلىك خاتىرنى قۇلۇمغا ئالدىم-دە ۋاراقلاپ كۆرۈشكە باشلىدىم:
ئۈلۈشكۈن بىر كۈن خېلى خاتىرجەم ئۆتكەن ئىدىم،ئاخشام يەنە نەس،باستى.
بۇ ماڭا نىمە كەلگۈلۈك،ياكى ماڭا جىن چاپلىشىپقالدىمۇ؟
ئاخشام ئاغىنە بالىلار بىلەن ئۇزۇنراق پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ،ئۆيگە كەچرەك قايتىپ قالدىم.ئۆينىڭ ئالدىغا كەلسەم سىڭلىم يۈگۈرەپ چىققاندەك كۆرۈندى،مەن بۇ كىچىدە سىڭلىم نەگە بارىدىغاندۇ دەپ ئارقىسىدىن ماڭدىم،سىڭلىم ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى ھېلىقى ئەخلەت دۈۋىسىدە ئولتۇراتتى،يەنە ھۇشۇمنى يۇقۇتۇپ خىيالىي
بىر دۇنياغا كىرىپ كەتتىم،ئۇ نەدىمۇ مىنىڭ سىڭلىم بولسۇن؟
ئۈلۈشكىن كەچ مىنى تاماققا تەكلىپ قىلغان ھېلىقى قىز شۇ ئىكەن،مەندىكى قورقۇنۇچ يوقاپ كەتكەن ئىدى،
مەن ئاستا ئۇنىڭ قېشىغا باردىم،ئۇنىڭ قۇلىدا بىر بۇۋاق شۇنداق تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى،ئۇ قىز بالىنى ماڭا سۇندى،مەن شۇنچە ھۇدۇقۇش ئىچىدە بالىنى قولۇمغائالدىم،ئۇ بۇۋاق تۇيۇقسىز ئويغۇنۇپ كەتتى،دە :
__ دادا ئاخىرى قايتىپ كەپسەن،سىنى بەكمۇ كۆرگۈم كەلدى،_ دەپلا ئۆلۈپ قالدى.
مەن نىمە قىلىشىمنى زادى بىلمىدىم،ھېلىقى قىز ماڭا غەزەپ بىلەن قاراپ :
__بالامنى تۆلەپ بەر!!- دەپ ماڭا قارىدى.
بالىنى شۇنداق كۈچەپ ھېلىقى قىزغا ئاتتىم،پۇت قۇلۇمدا جان قالمىدى،يۈگرەپ قېچىۋاتىمەن،ئۇ قىزمىنى قوغلاۋاتىدۇ،شۇنداق يۈگۈرەپ كىتىۋېتىپ بىر ئادەمگە سوقۇلۇپ يەرگەيېقىلدىم.
ئۇيقۇمدىن چۈچۈپ ئويغاندىم،بۇ چۈشۈم ئەمەس ئىدى،مەن سوقۇلغان ئادەم ئورنىدىن قوپماي ياتاتتى،
مەن ئاستا ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ قارىسام ئۇ بىزنىڭ مەھەللىدىكى ھەركۈنى مەست يۈرىدىغان قاسىم زابوي ئىكەن،قېشىغا بېرىپ :
__رەھمەت ساڭا،سەن بولمىغان بولساڭ مەن نىمىگە سۇقۇلاتتىم،نىمىمۇ بۇلۇپ كىتەتتىم،_دىدىم.
__ ماڭا ھوي ھاراملىق،ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرماي.
ئۇ شۇنداق دەپلا كەشىنى سېلىپ ماڭا ئاتتى،ھېلىمۇ ھەركىتىم چاققان چىقىپتۇ، بولمىسا ئۇنىڭ كەشى بېشىمغا تەككەن بۇلاتتى.
شۇ يۈگۈرگەنچە ئۆيگە كىلىپ توختۇدۇم،كۆزۈمگە ئۇيقۇمۇكەلمىدى،شۇ تاپتا دېرىزەمدە بىرسى ماڭا قاراۋاتىدۇ،تىز بۇياققا چىق دەپ چاقىرۋاتىدۇ،ئۇخلاپ قالساملا ئىش چاتاق،ئۇ مىنىڭ روھىمنى ئېلىپ كىتىدۇ،ئەڭ ياخشىسى ئۇخلىماي دەپ بىر كىچىنى قورقۇنۇچ ئىچىدە ئۆتكۈزدۈم.
ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ نامىزىمنى ئوقۇپ بۇلۇپ يەنەخىياللار سۈرۈۋاتىمەن،ماڭا زادى نىمە بولدى،ئۇدا ئىككى قېتىم مۇشۇنداق قىسمەتكەيۇلۇقتۇم دىسە،بۇ ئىشلارنى ئۆيدىكىلەرگە دەيمۇ،دىمەيمۇ؟
__ ھەي مەمەتجان ئاخۇن ئۆيدە بارمۇ سىلى؟
قوشنىمىزنىڭ بۇئاۋازىدىن چۈچۈپ خياللىرىم نەلەرگىدۇ كىتىپ قالدى،بىرەسى ئۈنلۈكراق گەپ قىلسىمۇ
چۈچۈيدىغان بۇلۇپ قالدىم.
دادام چىقىپ ئىشىكنى ئاچتى.
__مەمەتجان ئاخۇن،ئەتىگەن ماۋۇ بىزنىڭ مەھەللىدىكى قاسىم زابوينىڭ جەسىدى ماۋۇ ئۆينىڭ كەينىدىكى ئەخلەتلىكتىن تېپىلىپتۇ،بىر پارچەسۆڭەكنى چىشلىگىنىچە ئۆلۈپ قاپتىمىش،مەھەللە ئىمامى ھاراق ئىچىپ ئۆلگەن ئادەنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمەيمىز، دەپ تۇرۋېلىپ،ئۆيىدىكىلەرنى بەك تەڭلىكتە قويۇپتۇ،مەھەللەباشقارمىسىدىنمۇ ئىمامغا نەسىھەت قىلىپ گەپكە كىرگۈزەلمەپتىمىش،ئىمانىڭ بولسانامازغا ئۆزۈڭ ئىمام بۇلۇپ ئوقۇش، دەپ تۇرۋاپتىمىش،مەھەللىمىزدە ئۆزلىرى خېلى ئابرويلۇق ئادەم،ئىمام ئاخۇنۇمغا بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپ كۆندۈرسىلە.
__ ئۇ ئىمام بەك جاھىل كىشى،مىنىڭ گىپىمگە كىرەرمۇئەمدى،شۇنداق بولسىمۇ بىر بېرىپ
باقاي،__ دىدى دادام__ھوي،ئوغلۇم دوپپاڭنى كىيىپ چىقە بۇياققا نامازغا بارىمىز.
__ ھە ماقۇل دادا،مانا ھازىر بەش مىنۇتتا تەييار بۇلىمەن.
كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ ئۇدۇل ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق.
دادام بىر خېلى ئۇزۇن سۆزلەپ يۈرۈپ،ئىمام ئاخۇنۇمنى ماقۇلغا كەلتۈردى،گەرچە ماقۇل دىسىمۇ كۆزلىرىدىن
بىرخىل نارازىلىق چىقىپ تۇراتتى،دادامنىڭ ھۆرمىتىنى دەپ گەپكە كۆنگىنى ئىنىق ئىدى.
بۇ ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ ئىمانى ھەقىقەتەن مۇستەھكەم ئىدى،بىزنىڭ مەھەللىدە مەن ئەقلىمگە كىلىپ ئۈچ
ھاراقكەش مەستچىلىكتە ئۆلۈپ كەتتى،بىرسىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرگىلى ئۇنىماي،قوشنامەھەللىدىن ئىمام چاقىرىپ ئەكىلىپ نامىزىنى چۈشۈرگەن ئىدى،ئۇ ۋاقىتتا دادام ئۆيدەيوق ئىدى،كىيىنكى ئىككى زابوينىڭ نامىزىنى
دادامنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ چۈشۈرگەن ئىدى،مان بۇ تۆتىنجى مەستنىڭ نامىزى ئىدى.
2000-يىلى11-ئاينىڭ12-كۈنى يەكشەنبە››
تىنىم شۈركۈنۈپ كەتتى،ئاخىرىنى ئوقايمۇ،ئوقۇمايمۇ؟
خاتىرە خېلى قېلىن بۇلۇپ يېرىمدىن ئارتۇقراقى توشۇپ بولغان ئىدى،خاتىرنى شۇنچىلىك يازغانغا قارىغاندا ئىشلار ئۇنداق ئاسان تۈگۈمەيدىغان ئوخشايدۇ.
قورقۇپ تۇرۇپ يەنە ئوقۇشقا قىزىقىپ قالدىم.
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ،ئاخىرى تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق يۈرىگى بارلار داۋامىنى كۆرۈشنى ئۇنۇتماڭ
مەنبە:ئۆز ئىجادىيتىم
داۋامىنى ۋاقىتىدا يۇللىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
دىئالوگلارنى قۇرلارغا ئايرىم يىزىڭ،تىنىش بەلگىلىرىگە دىققەت قىلغايسىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-10 06:27 PM