مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 871|ئىنكاس: 8

كەچكى زىياپەت ۋە ساغلاملىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11872
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 982 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 12:40:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كەچكى    زىياپەت   ۋە   ساغلاملىق



جەمئىيەت   تەرەققىياتىنىڭ   تېزلىشىشىگە   ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ  تۇرمۇش قارىشى، خىزمەت، ئۈگىنىش، دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، مېھماندارچىلىق، يېمەك-  ئىچمەك قاتارلىق  تەرەپلەردىمۇ   نۇرغۇنلىغان  ئۆزگۈرۈشلەر   بارلىققا  كەلدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ ئۆزىنى  كۈتۈش، ساقلىقنى  ساقلاش  قارىشى بۇرۇنقىغا  ئوخشىمايدىغان  بولدى، بۇرۇن   داۋالىنىشنى   ئاساس  قىلىدىغان  بولسا، ھازىر ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىدىغان،   ئۆزلىرىنى ئاسراشقا، ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى.
لېكىن يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى تەن ساغلاملىقىغا، جىسمانىي ۋە ئەقلىي  قۇۋۋىتىگە زىيادە ئىشىنىپ كېتىپ، ساغلاملىقىغا ناچار تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر قىسىم ئىللەتلەردىن  خالىي بولالمايۋاتىدۇ. شۇڭا يېقىنقى يىللاردىن بېرى بەزىلەردە 40 ياشقا بارماي تۇرۇپلا يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك -مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى، دىيابېت كېسىلى، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى، ھەزىم  قىلىش ئەزالىرى كېسەللىكلىرى، مەزى بېزى  ياللۇغى، نېرۋا ئاجىزلىقى، قاتارلىق كېسەللىكلەر  كۆپەيمەكتە، ھەتتا بەزىلەر ناچار ئادەتلەر تۈپەيلىدىن كېسەل بولۇپ تۇيۇقسىز ھاياتىدىن ئايرىلماقتا.  كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشى ھەر بىر كىشىنىڭ تۇرمۇش رىتىمى، يېمەك-ئىچمەك، يېتىپ- قوپۇش ئادەتلىرى  ۋە روھىي كەيپىياتى بىلەنمۇ زىچ  مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بولۇپمۇ  ياش  ۋە  ئوتتۇرا ياش  كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا تېخىمۇ شۇنداق. چۈنكى  ئۇلارنىڭ خىزمىتى ئالدىراش، ئائىلىدىكى يۈكى ئېغىر، شۇڭا كۆپىنچە ھاللاردا ئۇلارنىڭ نورمال خىزمەت قىلىش، غىزالىنىش، دەم ئېلىش، چېنىقىش، كۆڭۈل ئېچىش، ئۇخلاش رىتىمى ئاسانلا بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. ئادەتتە كىشىلەرنىڭ ھەرقايسى مەزگىلدىكى  ئەقلىي ۋە جىسمانىي قابىلىيىتى ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەمنىڭ 18 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان مەزگىلى ھەر تەرەپتىن ئەڭ تەرەققىي قىلىدىغان مەزگىلى بولۇپ، 30- 35 ياشقا بارغاندا ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى بارا- بارا تۆۋەنلەشكە بايشلايدۇ. شۇنداقتىمۇ  40 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان مەزگىلى  ئىجابىي  كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ئەڭ ياخشى مەزگىل، 50-  55 ياشقىچە بولغان مەزگىلى ئەسلەش، يىغىنچاقلاش، يەكۈنلەش مەزگىلى بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق مەزگىلى ئاياللارنىڭ 15 ياشتىن 25 ياشقىچە بولۇپ، ياشنىڭ بارا- بارا چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بەدەننىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىدا مەيلى مېڭە  ئىقتىدارى، ئىچكى ئاجراتما ئەزالىرىدا بولسۇن، تەدرىجىي ئاجىزلاش باشلىنىدۇ، بۇ بىر خىل تەبىئىي تەرەققىيات قانۇنىدۇر. بىراق ھەر  بىر  كىشى  ئۆزىنىڭ  تەن  ساغلاملىقىغا كۆپرەك ئەھمىيەت بەرسىلا بەدەننىڭ چېكىنىش خاراكتېرلىك  ئاجىزلىشىش  سۈرئىتىنى  ئاستىلىتىش  تامامامەن مۈمكىن.
ئادەم ھاياتىدا يېمەك- ئىچمەك ئاساسىي شەرتلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. لېكىن  قانداق ئوزۇقلىنىش، قايسى خىلدىكى ئۇزۇقلۇقلارنى ئىستېمال قىلىش ھەر بىر كىشىنىڭ  ئۆز  ئىختىيارىدىكى، ئائىلە  ئىقتىسادىي شارائىتىنىڭ يار بېرىش -بەرمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش. لېكىن مەيلى قانداقلا  بولسۇن، يەپ- ئىچىش، دەم ئېلىش،  ئۇخلاش، خىزمەت قىلىش فىزىئولوگىيىلىك ئوبېيكتىپ  قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم. چۈنكى كىشىلەرنىڭ خاراكتېر، كەيپىيات، ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرى بەدەننىڭ ساغلاملىقىغا، ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىغا قارىتا مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئورگانىزىم تەرتىپلىك ھالەتتىن تەرتىپسىز  ھالەتكە قاراپ ئۆزگۈرۈشكە  باشلايدۇ. بۇ خىل ئۆزگۈرۈش قەدەممۇ قەدەم ئېشىپ بارىدىغان بولغاچقا، بۇ خىل تەرتىپسىزلىك ئادەم  بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاخىرىدا پۈتكۈل بەدەندىكى ئۆزگۈرۈشنى پەيدا قىلىدۇ. ئادەم يېمەك- ئىچمەك ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ  ئاشقازاندا تۇرۇش، ھەزىم  بولۇش ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ، مەسىلەن، شورپا  قاتارلىق سۇيۇق تائاملار  ئون نەچچە مىنۇت تۇرسا، ئۇن- گۈرۈچ تائاملىرى ئىككى، ئۈچ سائەت تۇرىدۇ، گۆش ۋە باشقا ياغلىق  تائاملار ئاشقازاندا ئون نەچچە سائەتتىمۇ چىقىپ بولالمايدۇ، بولۇپمۇ كەچكى ھەر خىل زىياپەتلەردە  كېچىكىپ ئىستېمال قىلىنغان تائاملار تولىمۇ زىيانلىق، چۈنكى يېمەك- ئىچمەكتىن كېيىن ھەزىم  قىلىش سېستىمىلىرى  ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى جانلىنىپ ماددا ئالماشتۇرۇش كۈچەيگەنلىكتىن، كۆپ قان بىلەن تەمىنلەشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ئۈچەي يوللىرىدىكى ھەرىكەتچان مۇسكۇللاردا قانننىڭ  مىقتارى كۆپىيىدۇ، بۇنىڭدىن  مېڭىگە  قان يېتىشمەسلىك،  يۈرەككە  قان يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ.  پۈتۈن بەدەننى قان بىلەن سېستىمىلىق تەمىنلەيدىغان  ئەزا- يۈرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن رەئىس ئەزا مېڭە، يۈرەك، جىگەر قاتارلىق ئەزالارغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغان ئوكسېگىن ۋە باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلار ئازىيىدۇ. مېڭىنىڭ ئىقتىدارىغا  تەسىر يېتىپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، تەپەككۇر قىلىش ئاجىزلىشىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق  كېلىپ چىقىدۇ. چوڭ مېڭىنىڭ بالدۇر قېرىشى يۈز بېرىدۇ. ئەقىل-پاراسەت چېكىنىپ كېتىدۇ، بەدەننىڭ ھەرقايسى كېسەللىكلەرگە بولغان  قارشىلىق  كۈچى ئاجىزلىشىپ ئاسانلا كېسەللىككە  گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا سەكتە بولۇپ قالىدۇ. كەچكى يۇقىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە، ئەمما ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يېمەكلىكلەر ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەر ئاشقازان ئاستى بېزى خىزمىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاشقازان ئاستى بېزى ئىشلەپچىقارغان ئىنسۇلىن بەدەندىكى ئارتۇق  ئىسسىقلىق  ئېنېرگىيىنى  ياققا  ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى تېرە  ئاستى، يۈرەك پەردىسى، قان تومۇرلار  ئىچكى دىۋارى قاتارلىق  ئورۇنلارغا يىغىپ قويىدۇ. كىشىنى سەمىرتىۋېتىدۇ ھەمدە دئىابېت كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. جىگەرنى ياغ قاپلاپ، جىگەر قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەك كەچ ئوزۇقلىنىش سەۋەبىدىن ئاشقازان  كىسلاتاسى زىيادە كۆپيىپ، توقۇلمىلار ۋە ھۈجەيرىلەرنى زەخمىلەندۈرىدۇ، ئادەمنى بالدۇر  قېرىتىۋېتىدۇ، شۇنداقلا قان تومۇرلاردىكى قاننىڭ ئايلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، كىشىدە زىيادە سېزىمچانلىق كېسىلى پەيدا قىلىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇخلاش ۋاقتى كەچ سائەت 9:00 دىن 10:00 ئەتراپىدا بولىدۇ، كەچ سائەت  11:00 دىن ئېشىپ كەتكەندە، ئۇخلاش تەس بولىدۇ. ئادەم ئۇخلىغاندا بەدەندىكى ئوزۇقلۇقنىڭ سەرپ بولۇشى  %3 1 ئەتراپىدا كېمىيىپ، يۈرەكنىڭ سوقۇشى، نەپەسلىنىش ئاستىلايدۇ، مۇسكۇللار بوشىشىپ  بەدەن تېمپېراتۇراسى  ۋە  قان  بېسىمى  ئازراق  تۆۋەنلەيدۇ. كۆپىنچە ئەزالارنىڭ خىزمىتى يېرىم توختىغان، مېڭە نېرۋىلىرىمۇ توزمۇزلانغان ھالەتتە بولىدۇ، مانا بۇ سەۋەبتىن ئادەم بىر كېچە ياخشى ئارام ئېلىپ  ئەتىكى  ئىش- ھەرىكەتكە ياخشى تەييارلىنىدۇ. ئەگەر ھەر خىل زىياپەت، يېمەك- ئىچمەك كەچ  ئورۇنلاشتۇرۇلسا كەچكى ئۇخلاش ۋاقتى ئارقىغا سۆرۈلۈپ كېتىدۇ. قىنىپ ئۇخلاش ۋاقتى قىسقا بولۇپ قالىدۇ ياكى ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل ئىچمەكلەرنى  يېگەندە  بۇ خىل يېمەكلىكلەر ئاشقازاندا تۇرۇپ قالىدۇ- دە، قان ئايلىنىش قايتا جانلىنىپ كېتىپ ئۇخلاش تېخىمۇ قىيىن بولىدۇ.
ئەگەر  ھەمىشە  ئۇيقۇ  نورمال  بولمىسا، كېچىسى  قېنىپ  ئۇخلىمىغاندا ھۈجەيرىلەرنىڭ نورمال پارچىلىنىشىغا تەسىر يېتىپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چېقىرىدۇ، بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورگانىزىملىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، ھەتتا بىر قىسىم  يامان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ، يېقىندىن بېرى بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقاتىدىن قارىغاندا،  كەچكى ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ئاشقازاننىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئاشقازان يارىسى ۋە ئاشقازان راكى پەيدا قىلىدىغان گېننىڭ يېتىلىش پۇرسىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقى  ئىسپاتلانغان.
ئادەم ئۇخلىغاندا كىچىك تەرەت ئاجرىلىپ چىقىشى ئازىيىدۇ. لېكىن ئىشلەپچىقىرىلغان   سۈيدۈكنىڭ سۈيدۈك يوللىرىدا تۇرۇپ قېلىش ۋاقتىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سۈيدۈك  تەركىبىدىكى كالىتسىيلىق  ماددىلار ئاسانلا چۆكمە بولۇپ قېلىپ، ئاز-ئازدىن جۇغلىنىپ تاش پەيدا  قىلىدۇ، كەچكى تائاملارنىڭ تۈرلىرى بەك كۆپ، بەك كەچ تويۇپ يېيىلسە مۇقەرەر ئەتىكى ناشتىغا  تەسىر يېتىدۇ. ناشتا قىلىش ئىنسانلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ناشتا قىلمىغاندا قان سۇيۇقلۇقىنىڭ يېپىشقاقلىقى ھەم قان سۇيۇقلۇقىنىڭ قېتىشى ئېشىپ كېتىدۇ، يۈرەككە ئاقىدىغان قاننىڭ  مىقدارى  كېمىيىپ كېتىدۇ. شۇڭا ناشتا  قىلمايدىغان ئادىتى بار كىشىلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە ۋە ئۆت ياللۇغى،  ئۆت تېشى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.
بىر كۈن  ھېرىپ-چارچاپ كەچتە ياخشى ئارام ئېلىش ئورنىغا كەچلىك تاماقنى  كۆپ يېيىش،  كېچىكىپ يېيىش ئادەم بەدىنىگە، ساغلام ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە زىيانلىق.      
ئەسلىدە مېھماندارچىلىق، دوست- بۇرادەرلەر ئۇچرىشىشى، ئۇرۇق- تۇغقانلارنىڭ بىر يەرگە  جەم  بولۇپ  ئۇچرىشىشى، ئۇرۇق- تۇغقانلارنىڭ بىر  يەرگە جەم بولۇپ ئاز- تولا يەپ- ئېچىپ، ھال- مۇڭ   بولۇپ  سۆھبەت  قۇرۇش  ياخشى  ئىش.بۇ ئارقىلىق ئۆزارا مۇڭدىشىپ شۇ كۈنلەردىكى ئۆزلىرىگە  كەلگەن  خوشاللىق  ياكى   غەم -قايغۇرلارنى ئورتاقلىشىپ، ئۆزلىرىگە  كەلگەن ھەر خىل بېسىملارنى يېنىكلىتىپ  كۆڭۈل ئازادىلىكىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، لېكىن يېقىنقى بىر نەچچە  يىللاردىن  بېرى  ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ھەر خىل زىياپەت، چاي، توي- تۆكۈن، ھەر  خىل  مۇراسىملار، قاتار چايلار ۋە بۇنىڭغا داخىل بولغانلارنىڭ ۋاقىت قارىشىنىڭ  ناچارلىقىدىن  4:00 كە  دەپ چاقىرسا  7:00- 8:00 لەردە ئاران يىغىلىپ تاماقنىڭ بەك كەچ تارتىلىشى  كىشىلەرنىڭ  سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت بولماقتا.
مۇناداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، سالامەتلىكىمىزدىكى يامان ئۆزگۈرۈشلەرنى ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ھەر  خىل  كەچكى زىياپەتلەردىكى يەپ- ئىچىش، كەيپ- ساپالار ئارقىلىق ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز تېپىۋاتىمىز، كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنگەندە ياكى كېسەلخانىدا يېتىپ كېسەلنىڭ بەدەنگە  كەلتۈرگەن ئازابلىرى ئۆزىمىزگە ۋە ئائىلىگە كەلتۈرگەن غەم- ئەندىشىسىنى، داۋالىنىشتىكى  ئېغىر  ئىقتىسادىي چىقىملارنى  تېتىغاندىن كېيىن، ئاندىن كېسەلنىڭ  ئالدىنى ئېلىشنى ئويلاۋاتىمىز. لېكىن ، بۇ چاغدا بەكمۇ كېچىككەن بىولىمىز، بۇ ھەممىگە ئايان، شۇنداقتىمۇ يەنە بەزىلەر ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزنى تارتالمايۋاتىمىز، ھازىر پۇل ئاساسىي بايلىق بولماستىن، بەلكى ساغلاملىق زور بايلىق بولۇپ قالدى. كۈنلىرىمىز  خاتىرجەم، خوشال-خورام، غەم- ئەندىشىسىز ئۆتسە، سالامەتلىكىمىز ياخشى بولسا، گەرچە نۇرغۇن مال-مۈلۈك، پۇل- پېچەكلىرىمىز  بولمىسىمۇ ئۆزىمىزنى  باي دەپ ئاتىساق تامامەن بولىدۇ، چۈنكى بىرەر ئەزايىمىز  كېرەكتىن چىقسا، ئۇنى نەچچە مىليون خەجلەپمۇ  سېتىپ  ئالالمايمىز، ياكى ساق بىرەر ئەزايىمىزنى باشقىلارغا يۇقىرى باھادا سېتىشنى ھەم خالىمايمىز، شۇڭا سالامەتلىك زور  بايلىق.يىغىپ ئېيتقاندا، ھاياتلىقنىڭ دۈشمىنى  بولغان كېسەللىكنى ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ناچار  ئادەتلىرى، تۇرمۇشنىڭ تەرتىپلىك بولماسلىقى، ئاخشىمى كۆپ يەپ، كۆپ ئىچىش، ئەتىسى ناشتا  قىلماسلىق، زىيادە ھېرىپ- چارچاش، ئۇيقۇغا قانماسلىق، زىيادە كەيپ- ساپا، روھىي كەيپىيات   تۇراقلىق بولماسلىق قاتارلىق نورمالسىز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق تاپىدۇ  ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا كەچكى مېھماندارچىلىق ۋە ھەر خىل يەپ- ئىچىشلەر مۇۋاپىق بولغىنى تۈزۈك.



    مەنبەسى:     شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

http://uygur.chinabroadcast.cn/7466/2012/08/09/1350@445394.htm

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78095
يازما سانى: 562
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3460
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 05:18:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدى بىلەن ئىنكاس يېزىۋىتپ ئاندىن ئۇقۇي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11872
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 982 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 01:11:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                 ساغلام تۇرمۇشتىكى 10 چوڭ خاتا قاراش

  مۇتەخەسسىسلەر بۇنداق قاراشنىڭ پۈتۈنلەي  خاتا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. كاربون-سۇ بىرىكمىسىدە، سۇ تەركىبى بولۇپ، قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئازايتقاندا، بەدەن ئېغىرلىقىنى ھەقىقەتەن تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. لېكىن، بەدەن  يېتەرلىك ئېنېرگىيىگە ئىگە بولالمايدۇ
     2-خاتا قاراش: توڭلىتىلغان كۆكتاتلار يېڭى  كۆكتاتقا يەتمەيدۇ
توڭلىتىلغان كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى قايتا-قايتا ئېرىتىپ، قايتا-قايتا توڭلىتىۋەرمەي،  مۇۋاپىق ساقلىسىلا،  ئۇنىڭدىكى  ئوزۇقلۇق تەركىبى  يېڭى كۆكتات ۋە  يېڭى مېۋىلەردىن قېلىشمايدۇ.
    ئادەتتە كۆكتات ۋە  مېۋە-چىۋە  ئۈزۈلۈپ  بىرنەچچە سائەت ئىچىدىلا  توڭلىتىۋېتىلسە،  توڭلىغان كۆكتات ۋە مېۋە- چىۋە ئۆزىدىكى   ئوزۇقلۇق قىممىتىنى  ساقلاپ  قالىدۇ.
  3-خاتا قاراش: مۇھىم يېمەكلىكلەرنىلا  يېيىشنىڭ تامامەن ھاجىتى يوق
  كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئادەتتە كۈندە دېگۈدەك بولكا(نان)قاتارلىق مۇھىم يېمەكلىكلەرنى يەيدۇ. بولكا قاتارلىق مۇھىم يېمەكلىكلەر ئادەمنى مۇھىم  ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلىسىمۇ،  مۇھىم  يېمەكلىكنى پۈتۈنلەي  يېمەيمەن، دېيىش مۇمكىن ئەمەس.  ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنداق قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. پەقەت يېمەكلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىپ، دانلىق ئاشلىقلارنى كۆپرەك يېيىش كېرەك
   4-خاتا قاراش: كەچلىك تاماق ئادەمنى سەمرىتىۋېتىدۇ  
    ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، تاماقنى بەك تويۇپ  يېمىسە ھەم  قوبۇل قىلىنغان  ئىسسىقلىق  ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتمىسىلا، كەچلىك تاماق ئادەمنىڭ  ئېغىرلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدىكەن. كەچتە نېمە يېيىش ھەممىدىن مۇھىم  ئىكەن. بەزىلەر كەچلىك تاماقنى بىر كۈن جاپا تارتىپ ئىشلىگەندىن كېيىنكى راھەتلىنىش دەپ قاراپ، تويغىچە يەپ- ئىچىدۇ. بۇنداق قىلغاندا، بەدەندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىدىكەن  
    5-خاتا قاراش: قانچە ئاز  ئۇخلىسا، ماي  شۇنچە تېز خۇرايدۇ  
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ  قارىشىچە، قانغىچە ئۇخلاش ئورۇقلاش پىلانىنىڭ  كەم بولسا بولمايدىغان مەزمۇنى ئىكەن. ئۇخلىغاندا، ئىسسىقلىقنىڭ خوراش سۈرئىتى تۆۋەنلىسىمۇ، چوڭ مېڭىنى غىدىقلاپ، ئاچلىقتىن سىگنال بېرىدىغان  ھورموننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى  تۆۋەنلىتىدىكەن. بىر سائە  ئاز ئۇخلىغاندىمۇ ھورمون تەڭپۇڭسىزلىشىپ كېتىدىكەن
   6-خاتا قاراش:شاكىلات سالامەتلىككە زىيانلىق
  تەتقىقاتلاردا  ئىسپاتلىنىشىچە، پۇرچاق تەركىبىدە يۈرەك، قان تومۇرلارغا پايدىلىق نۇرغۇن ماددا بار ئىكەن. بۇ  ماددىلار قان بېسىمى ۋە قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدىكەن، ياللۇغنى  قايتۇرىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈنۈمى  ئاسپىرىننىڭكىدىن قېلىشمايدىكەن. ئۇنى بەك كۆپ  ئىستىمال قىلماي،  ھەر كۈنى  قارا شاكىلات شەربىتىدىن ئازراق ئىچسىلا ياكى ئازراق شاكىلات يېسىلا  سالامەتلىككە  ناھايىتى پايدىلىق ئىكەن.
    7-خاتا قاراش: ئەتىگەندە يۈگۈرۈش ھەممە ئادەمگە باپ كېلىدۇ.
    ئەتىگەندە يۈگۈرۈپ چېنىقىشقا ھەممە ئادەم قىزىقىدۇ. چۈنكى، ئۇنداق ناھايىتى  قولايلىق  بولۇپ، مەخسۇس مەيدانلارغا بېرىشنىڭ ياكى مۇرەككەپ جابدۇقلارنى ھازىرلاشنىڭ ھاجىتى يوق
   ئەتىگەندە يۈگۈرۈش ياخشى ئىش  بولسىمۇ ھەممە ئادەمگە باپ كېلىشى ناتايىن. چۈنكى، ئۇ يۇقىرى سىجىللىققا ئىگە تەنھەرىكەت بولۇپ، ھەرىكەت  ئوڭايلا ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدۇ، ھەتتا قان تومۇرلارنى توسۇپ  قويىدۇ  
  7-خاتا قاراش: ئاقسىلنى كۆپ   ئىستىمال قىلىش  مۇسكۇلنىڭ يېتىلىشىنى تېزلىتىدۇ
    بۇ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى شىركەتلىرىنىڭ «قىلتىقى» بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، يۇقىرى سىجىللىققا ئىگە چېنىقىشقا ماسلاشمىغاندا كۆپلەپ  ئاقسىل تولۇقلاش مۇسكۇل توقۇلمىلىرىنى كۇچەيتەلمەيدۇ. ئادەم تېنىگە لازىملىق ئاقسىلغا  كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۇنى ئارتۇقچە تولۇقلىغاندا  ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ  
9- خاتا قاراش: ھاراقنىڭ سالامەتلىككە ھېچقانداق پايدىسى يوق
    بەزىلەر ھاراق ئىچىشنى قەتئىي چەكلەش كېرەك، دەپ قارايدۇ. لېكىن، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇتەخەسسىسلەر بۇرۇنلا ھاراقنى مۇۋاپىق  ئىچىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. مەسىلەن: قىزىل ھاراق يۈرەك ۋە قان ئايلىنىشقا پايدىلىق. ئاق ھاراق ۋە پىۋىنى مۇۋاپىق ئىچكەندە، سالامەتلىككە پايدىلىق. دوختۇرلار ھاراق تاشلاش ھاجەتسىز، ئاچكۆزلۈك قىلىپ كۆپ ئىچمىسىلا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
    10- خىل خاتا قاراش: خولېستېرىن يۈرەك، قان تومۇر  كېسەللىكىنىڭ باش جىنايەتچىسى
بۇنداق قاراش تامامەن خاتا. قاندىكى خولېستېرىننىڭ قويۇقلۇقى ناھايىتى مۇھىم. قاننىڭ  بېسىمى قان تومۇرلارنى تېشىۋېتەلەيدۇ. مۇسكۇل   خولېستېرىن ئارقىلىق بۇ تۆشۈكلەرنى يامايدۇ. ئەگەر، خولېستېرىننىڭ قويۇقلۇقى مۇۋاپىق بولسا، بۇ تۈشۈكچىلەر  پۈتىدۇ؛  قويۇقلۇق دەرىجىسى  بەك  يۇقىرى بولسا، ئاخىر قان تومۇرلار توسۇلۇپ، توسۇلۇش پەيدا بولىدۇ. نورمال  قان بېسىمى 75-115  مىللىمېتىر سىماپ تۈۋرۈكى دائىرىسىدە بولىدۇ. ئەگەر، تۆۋەن قان بېسىمى 90 دىن، يۇقىرى قان بېسىمى 140 ئېشىپ كەتسە خەتەرلىك بولىدۇ.



مەنبە   :  http://www.aypak.com/adebey/10.html

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11872
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 982 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 01:22:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      كەچلىك غىزانىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى ئاسانلا كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ
  

مېدىتسىنا ئالىملىرى ۋە ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىنىشىچە، ئىنسانلاردىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى غىزالىنىش ئادىتىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئامىللار قاندىكى ماينىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىش، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، دىئابىت كېسەللىكى، سېمىزلىك ۋە راك قاتارلىق كېسەللىكلەر ئاساسەن تاماققا چەك قويماسلىقتىن پەيدا بولىدىكەن. بولۇپمۇ كەچلىك تاماقنىڭ لايىقىدا بولماسلىقى ئوڭايلا خىلمۇ-خىل كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولىدىكەن.

  سېمىزلىك كېسىلى. كەچلىك تاماقنى بەك تويۇپ يېگەندە قاندىكى شېكەر مىقدارى، ئامىنو كېسلاتاسى ۋە ياغ كېسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ كېتىدۇ، بۇنىڭغا كەچلىك ھەرىكەتنىڭ ئازىيىشى قوشۇلۇپ ئىنسۇلىننىڭ ياردىمىدە مايغا ئايلىنىپ،ئادەم بارا-بارا سەمرىشكە باشلايدۇ.

  قاندىكى ماي تەركىبىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ۋە يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى. كېلىنىكىلىق تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، كەچلىك تاماقتا دائىم گۆش ئىستېمال قىلىدىغان كىشلەرنىڭ قاندىكى ماي مىقدارى دائىم گۆشسىز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان كىشلەرگە قارىغاندا ئۈچ-تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. شۇڭا قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى، قان بېسىمى يۇقىرى كىشلەر كەچلىك تاماقتا دائىم گۆش ئىستېمال قىلسا كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدىكەن.

  دىئابىت كېسەللىكى. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ئەگەر كەچلىك تاماقنى بەك تويۇپ يېسە، ئېنسۇلىننىڭ تەكرار كۆپلەپ ئاجىرلىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ، نەتىجىدە بۇ، ئېنسۇلىن تەركىبىدىكى Bھۆجەيرىلىرىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىپ، ئاسانلا دىئابىت كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

  تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى. كەچلىك تاماقتا ئىسسىقلىق مىقدارى ھەددىدىن ئارتىپ كەتسە، قاندىكى خولېستېرىن مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ. ھەددىدىن ئارتۇق خولېستېرىن قان دىۋارىدا جۇغلىنىپ، ۋاقىتنىڭ ئۈزىرىشى بىلەن قان-تومۇرلار قېتىشىش ۋە تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ.

  جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى. ئەگەر كەچلىك تاماقنى بەك تويۇپ يېسە جىددىي خارەكتىرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ئوڭايلا ياللۇغلىنىپ، ئۇخلاۋاتقاندا شۈك بولۇپ قېلىشتەك خەتەرلىك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. ئەگەر ئۆت يولىدا تاش بولسا توسۇلۇش، سازاڭسىمان مەددە، ئاستا خارەكتېرلىك ياللۇغلىنىش قاتارلىقلار تۇپەيلىدىن ئاسانلا جىددىي خارەكتىرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى قوزغىلىدۇ.

  ئۈچەي راكى. كەچلىك تاماقنى بەك كەچ يېگەندە قىسمەن ئاقسىل ھەزىم قىلىنمىغانلىقتىن، ئارتۇقچە ئاقسىل ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيىنىڭ رولى ئاستىدا بىر خىل زەھەرلىك ماددا پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئۇخلىغان ۋاقىتتىكى ئۈچەي خىزمىتىنىڭ ئاستىلىشى قوشۇلۇپ زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئۈچەيدە تۇرۇش ۋاقتىنى ئۈزارتىپ، چوڭ ئۈچەي راكىنىڭ پەيدا بولۇشىنى تېزلىتىدۇ.

  سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇش. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، كەچلىك تاماقنى بەك كەچ يېيىش دەل سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈشنى پەيدا قىلىدىكەن. چۈنكى سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا قىلغۇچى ئاساسلىق تەركىب كالىتسىي بولۇپ، يېمەكلىك تەركىبىدىكى كالىيتسىنىڭ بىر قىسمىنى ئۈچەي دىۋارلىرى سۈمۈرگەندىن سىرىت كۆپ قىسمى بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ .ئەگەركەچلىك تاماقنى بەك كەچ يېيىلسە سۈيدۈك بەدەن سىرتىغا ۋاقتىدا چىقىرىلماي سۈيدۈك سۈيدۈك يولىدا تۇرۇپ قېلىپ سۈيدۈكيولىدا تاش پەيدا قىلىدۇ.

  نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلى. كەچلىك تاماقنى بەك تويۇپ يېگەندە ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ، چوڭ مىڭىنىڭ غىدىقلىنىشى بىلەن ئادەمنىڭ ئۇيقۇسى قېچىپ، ئاسانلا نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.




مەنبە   :  http://www.dilqi.com/unwirsal/2012/0513/article_46.html

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11872
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 982 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 08:09:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاماكا چېكىش تۆۋەندىكىدەك ھەر خىل ئىجتىمائى مەسلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ


1.   خىزمەت ئۇرۇنلىرى ۋە ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ ھاۋاسىنى بۇلغاپ، تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ روھى، جىسمانى ساغلاملىقىغا زىيان سالىدۇ، تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىشتەك قانۇنلۇق ھۇقۇقىغا دەخلى- دەرۇز قىلىدۇ.

2.     تاماكا چەككۈچىلەر خالىغان جايغا تۈكۈرۈپ، تاماكا قالدۇقى، سەرەڭگە ياغىچى، تاماكا قېپى قاتارلىقلارنى تاشلاپ، مۇھىت تازلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، كېسەل تارقىتىدۇ؛ ئوت ئاپىتى پارتىلاش قاتارلىق يۇشۇرۇن ئاپەت پەيدا قىلىدۇ.

3.  ئۆسمۈرلەر تاماكا چەكسە، روھى، جىسمانى جەھەتتىن ئۆسۈپ يىتىلىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدۇ، ئىقتىسادى مەنبەسى كەمچىل بولغانلىقتىن ئاسانلا ھەر خىل جىنايەت يۇلىغا كىرىپ قالىدۇ.

4.  چەت ئەل تاماكىسى، كۆك تاماكا پىششىقلاپ ئىشلەش قۇشۇمچە ماتىرياللىرنىڭ كۆپ مىقداردا ئىمپورىت قىلنشى زور مىقداردىكى تاشقى پىرۋوتنى ئىسراپ قىلىپ، تاشقى سودىدىكى ئىمپورىت مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى ۋە تاشقى پېرۋوتنىڭ جىددىيلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5.  كۆك تاماكا تېرىش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشى ئاشلىق، ماي، كېۋەز قاتارلىق دىھقانچىلىق زىرائەتلىرى تېرىلدىغان يەر، ئوغۇت، ئادەم كۈچى ۋە سۇ مەنبەسىنى ئىگەللىۋېلىپ، تاماكا تېرىغۇچىلارنىڭ ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، دۆلەتنىڭ ھەر يىلى ئاشلىق ئىمپورىت قىلىش يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ.

6.  كۆپ مىقداردىكى ياغاچ ماتېرياللىرى تاماكا قۇرۇش، پىششىقلاپ ئىشلەش، تاماكا ئوراش، قەغەز يېشىك ياساشقا ئىشلىتىلىپ، ئورمان بايلىقى ئىسراپ قىلىندۇ.

7.  تاماكا ئەتكەسچىلىكىدىكى زور پايدا تاماكا بازارلىردا ھايانكەشلەر، ساختا مەھسۇلاتلار ۋە ئەتكەسچىلەرنى پەيدا قىلىپ، جىنايى گۇرۇھلار بىلەن ئېلىشىش ۋە دۆلەت باج خادىملىرىغا زىيانكەشلىك قىلىش جىنايى دېلولىرىنى كۆپەيتىۋىتىدۇ.

8.  ئاخپارات ۋاستىلىرنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن تاماكا ئېلانلىرى، رەھبىرى كادىرلارنىڭ تاماكا چېكىشى، جەمئىيەتتە ناتوغرا ئىستىلارنىڭ يامراپ كېتىشىگە تۈرىتكە بۇلۇپ، تاماكا ھاراق بولمىسا ئىش بىجىرمەيدىغان، ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك، خىيانەتچىلىك، پارخورلىقنى ئەۋىج ئالدۇرپ، كادىرلار قۇشۇننى چىرىتىپ، ئىجتىمائى كەيپىياتنى ناچارلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا نوقسان يەتكۈزدۇ.

9.  تاماكا چېكىش ئىقتىسادى قىيىنچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن ئائىلىدە ئىناقسىزلىق، جەميەتتە مۇقۇمسىزلىق ئاممىللىزنى پەيدا قىلىدۇ.

       بەزى كىشلەر « مەن ئۆمۈر بۇيى تاماكا چەكسەممۇ راك كىسىلى بىلەن ئۆلۈشۈم ناتايىن» دېيىشىدۇ، پاكىت ۋە تەتقىقاتلار ئىسپاتلىدىكى، ھەر بىر كىشىنىڭ ئىرسىيتى ۋە تەتقىقاتلار ئىسپاتلىدىكى ھەر بىر كىشىنىڭ ئىرسىيىتى ۋە بەدەن ساپاسى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى كىشلەرنىڭ ئىمونتىت ئىقتىدارى ياخشى بۇلۇپ، تاماكا زەھىرنىڭ ھۈجەيرىلەرنى ۋەيران قىلىشنى تۇسۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بۇلىدۇ. ئادەم بەدىندە كۆپ ھالقىلىق ئارۇماتىك ئاكتىپ فېرمىنىت دەپ ئاتىلدىغان بىر خىل ماددا بۇلۇپ، بەدەندە بۇ ماددىنىڭ مىقدارى ئاز بولسا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بۇلۇش نىسبىتى تۆۋەن، مىقدارى كۆپ بولسا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بۇلۇش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى بۇلىدۇ.

      تاماكا ئسىدا 4000 خىلدىن ئارتۇق خېمىيلىك ماددا بۇلۇپ، ئۇنىڭ 50 خىلدىن كۆپرەكى راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بەدەن ساپاسى ئوخشىمىغالىقتىن 10 پىرسەنىتكە يەتمەيدىغان كىشلەردىلا نىكوتىن تۈردىكى زەھەرلىك ماددىلارغا مەلۇم دەرىجىدە قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارى بولىدىكەن. قالغان 90 پىرسەنىت كىشى ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گېرىپتار بولىدىكەن. مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا ھەر بىر تال تاماكا چەككەندە ئادەمىنىڭ ئۆمىرى 6 مىنوت قىسقىرايدىكەن. بۇ نېمە دېگەن قورقۇنۇچلۇق!

     دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى تەرەقىياتى، مەدەنىيلىك، پاكىز تۇرمۇش مۇھىتى بەرپا قىلىش، كىيىنكى ئەۋلاتلارغا بەخىت يارتىش، ئۆزىمىزنىڭ سالامەتلىكى، ئائىلىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن، شۇنداقلا پۈتكۈل جەمىيەتكە مەسئۇل بۇلۇش ئۈچۈن، تاماكا چەككۈچىلار قەتئي نىيەتكە كېلىپ تاماكا تاشلايلى!



http://www.doratori.com/mod_arti ... article_id-148.html

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11872
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 982 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 08:11:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قورساق ئاغرىۋاتقاندا قول بىلەن چىڭ مۇجىۋىلىشقا بولمايدۇ  


بەزى كىشىلەر قوساق ئاغرىقىنى توختىتىمەن دەپ  ، كۆپ ھاللاردا قولى بىلەن قورسىقىنى چىڭ مۇجىۋالىدۇ . بۇنداق قىلىش تۆۋەندىكىدەك  4 خىل يامان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ  .

1 - تېشىلىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ  . مەسىلەن : ئۈچەيگە سازاڭ مەددە قاپلىشىپ قالغاندا  ، ئۇنىڭ كېلىنكىلىق ئىپادىسى كىندىك ئەتىراپى تۇتقاقلىق ئاغرىيدۇ ،ۋە كۆڭۈل ئېلىشىدۇ   . بۇ چاغدا قول بىلەن چىڭ مۇجىۋىلىنسا ، ئۈچەي يولىدىكى مەددىلەر تېپىچەكلەپ ، قالايمىقان ئۈسۈپ ، ئۈچەينى تېشىۋىتىدۇ  .

2 - قان چىقىشنى كۈچەيتىۋىتىدۇ  . مەسىلەن  : ئاشقازان ، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى سەۋەبلىك قورساق ئاغرىغاندا ، قورساق چىڭ مۇجىۋىلىنسا ، ئۈچەي دىۋارى چىڭقىلىپ ، قان تومۇرلار بۇزۇلۇپ  ، چىقىۋاتقان قان تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ  .

3 - كېسەللىكنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ  . مەسىلەن : سوقۇر ئۈچەي يىرىڭلاپ قالغاندا قورساق قول بىلەن چىڭ مۇجىۋىلىنسا ، يىرىڭلىق ئىششىق بۇزۇلۇپ ، ياللۇغ كېڭىيىپ ، قورساق پەردىسىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ  .

4 - ھاياتىغا خەۋىپ يەتكۈزۈدۇ  . مەسىلەن ، ئۈچەي ئالمىشىپ قالغاندا قورساق قول بىلەن چىڭ مۇجىۋىلىنسا  ، ئۈچەي دىۋارى بۇزۇلۇپ ، ھاياتىغا خەۋىپ يېتىدۇ  .



مەنبە   :   ‹‹  پەرھىز ۋە سالامەتلىك  ››ناملىق  كىتاب  190 - بەت   .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11872
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 982 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 08:09:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
              سالامەتلىك ئەڭ چوڭ دەسمايە


بىلەمسىز؟ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ كىشىلەر ئۆز سالامەتلىكى ئارقىلىق پۇل تاپىدۇ. سالامەتلىكىنى دەسمايە قىلىدۇ. ئەمما سالامەتلىكىگە مەبلەغ سىلىشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ. مەن ئويلايمەنكى، سالامەتلىكىمىزگە سالغان مەبلەغ ئەڭ ئاقىلانە تاللىشىمىزدۇر. تىنىمىز ساق بولىدىكەن بىزنىڭ ھەممە نەرسىمىز بار بولىدۇ. تىنىمىزنى كېسەل چىرمايدىكەن ھەممە نەرسىدىن ئايرىلىپ قالىمىز.
سالامەتلىكىڭىزگە مەبلەغ سىلىڭ. پۈتۈن ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن مەبلەغ سالماقچى بولسىڭىز قىلچە ئىككىلەنمەڭ! تۆۋەندە مەن بىر قانچە تۈرلۈك تەكلىپ بىرىمەن.
1. ساغلاملىقىڭىز، موھىت پاكىزلىقى ئۈچۈن ئائىلىڭىزدىكى ئارتۇقچە قاتناش قۇرالىڭىزنى يوق قىلىڭ! بىر ئائىلىگە نىسبەتەن جىددى ئىشلاردا ئىشلەتكىلى بىر ماشىنا ياكى بىر موتۇسكىلىت بولسا كۇپايە. بۇ بىرىنچىدىن پىيادە مىڭىش قىتىىمىمىزنى كۆپەيتىدۇ. ئىككىنچىدىن بىز ياشاۋاتقان موھىتنىڭ پاكىزلىقغا قوشقان تۆھپىڭىز بولۇپ قالىدۇ. ئۈچىنچىدىن ئاخىرقى ھىساپتا ئائىلە ئىخدىسادىغا بولغان بىسىمنى يىنىكلىتىدۇ.
2. ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن ئىچىملىك سۈيىڭىزنى، يىمەكلىكلىڭىزنى ساپ قىلىڭ! بۇ جەھەتتە مەن ئەيدىۋى سۇ ساپلاشتۇرۇش ئۈسكىنىسى، ئەمۋاي خانىش قازىنى دىگەندەك ئىشلىتىش ئۆمرى ئۈزۈن، ئىشەنچىلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش تەرەپدارى. ئازراق قىممەت بولسا نىمە بوپتۇ. بۇ يەنە ئەڭ ئاخىرىدا ساغلاملىققىلا ئەمەس بەلىكى ئىخدىساتقىمۇ ئىنتايىن چوڭ دەرىجىدە ۋاستىلىك ۋە بىۋاستە ھالدا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
3. بانكىدا جىددى ئەھۋاللاردا ئىشلەتكىلى بىر قىسىم پۇل ئامانەت قويۇڭ. بۇ ئارقىلىق جىىددى ئەھۋاللاردا گاڭگىراپ قالمايمىز.
4. يىتەرلىك جىسمانى سۇغۇرتا سىتىۋىلىڭ. بۇ ئارقىلىق قايتىدىن ئۆزىمىزنى رۇسلىۋىلىشىمىزغا پايدىلىق.
5. مەلۇم مەزگىل جىددى خىزمەت قىلغاندىن كىيىن ئازراق ئارام ئىلىشنى، ئەقلى ئەمگەك بىلەن جىسمانى ئەمگەكنى ماسلاشتۇرۇشنى، يىمەكلىكنى زىيادە ياخشى يىيىشتىن، موھىتى زىيادە ناچار شارائىتتا خىزمەت قىلىشتىن ئۆزىمىزنى تارتىشىمىز كىرەك. بۇمۇ ئاخىرقى ھىساپتا ئۆز سالامەتلىكىمىز ئۈچۈن مەبلەغ سالغىنىمىز بولۇپ قالىدۇ.
سەمىڭىزدە بولسۇن! سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز پەقەت سىزگىلا تەۋە. باشقىلار سىزنىڭ ساقسىزلىقىڭىزنى تارتىشىپ بەرمەيدۇ. سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز سىزنىڭ بىردىن-بىر ئىشەنچىلىك مەبلىغىڭىز. ئەگەر سالامەتلىكىڭىزدىن چاتاق چىقسا، سىزدىكى باشقا مەبلەغلىرىڭىزنىڭ كۆپ قىسمى دوختۇرخانىنىڭ مەبلىغى بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر سىزدە يىتەرلىك سۇغۇرتا بولسا ئۇ باشقا گەپ.



http://www.sugurta.com/forum.php?mod=viewthread&tid=166

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11872
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 982 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 11:21:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       تاتلىق  ئىچىملىكنى كۆپ ئىچسە ئاسانلا يۈرەك كېسىلى پەيدا قىلىدىكەن


[ئامېرىكا قىزىقارلىق ئىلىم-پەن تور بېكىتىنىڭ 13-سېنتەبىر خەۋىرى] قەنتسىز گاز سۈيى   كالورىيەلىك ئادەتتىكى گاز سۈيىدىن ساغلام ھەم پاكىزدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما يېقىنقى  تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئۇزاق مۇددەت قەنتسىز يۇمشاق ئىچىملىك ئىچكەندە يۈرەكنىڭ خەتەرگە ئۇچراش ئېھتىمالى بار ئىكەن.
تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، كۈندە قەنتسىز گاز سۈيى ئىچىدىغان كىشىلەر ئاسانلا   سەكتە، يۈرەك كېسىلى بولۇپ قالىدىكەن، ھەتتا بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدىكەن.
   ئامېرىكا مىئامى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارقىلىشچان كېسەللەر مۇتەخەسسىسى خەنناھ گاردنېر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: تەتقىقاتىمىزنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، كۈندە قەنتسىز يۇمشاق ئىچىملىك ئىچىشنىڭ قان تومۇرلارنىڭ قان يەتكۈزۈش مىقدارى بىلەن يوشۇرۇن باغلىنىشلىقى بار ئىكەن.
   تەتقىقاتچىلار قەنتسىز ئىچىملىك بىلەن ئاددەتتىكى ئىچىملىكنىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن بولغان بولغان مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلىش ئۈچۈن، سەكتە تەتقىقاتىغا قاتناشقان 2564 كىشىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى تەتقىق قىلغان.
  خەنناھ گاردنېر ۋە ئۇنىڭ كەسىپداشلىرى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ھەربىر يۇمشاق ئىچىملىك ئىچكۈچىنىڭ يۈرەك چاستۇتىسىنى، بۇ ئىچىملىكنىڭ تەركىبىدە قەنت ماددىسىنىڭ بار-يوقلۇقى ۋە بۇ پائالىيەتكە قاتناشقۇچىنىڭ ئون يىل ئىچىدە سەكتە ۋە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش قېتىم سانى ھەم يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن بىمارلارنىڭ سانىنى ئانالىز قىلغان.
  تەتقىقاتچىلار ھەربىر كىشىنىڭ دەسلەپكى سالامەتلىك ئەھۋالىنى، يەنى دىيابىت كېسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىمى دېگەندەك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش ئەھۋالىنى نەزەرگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار كۈندە قەنتسىز يۇمشاق ئىچىملىكلەرنى ئىچىدىغانلارنىڭ سەكتە بولۇپ قېلىش ياكى يۈرەك كېسىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ۋە ياكى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنىڭ يۇمشاق ئىچىملىكنى ئىچمەيدىغانلاردىن %43 يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
  تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، قەنتسىز گاز سۈيىنى ئاز ئىچىدىغانلار ۋە ئادەتتىكى ئىچىملىكلەرنى ئىچىدىغانلاردا قان تومۇرى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى يۇقىرى بولمايدىكەن.





http://www.nur.cn/news/2012/09/81579.shtml

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4152
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 209 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 07:53:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولۇپمۇ كەچ قۇرۇندا بەك كۆپ تاماي يېيېشكە بولمايدۇ، يەڭگىل تاماق يېگەن ياخشى تورداشلار؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش