مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3089|ئىنكاس: 27

راستىنلا يانفۇن يالغان سۆزلەمدۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 12:31:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                   يانفۇن يالغان سۆزلەمدۇ ياكى يانفۇننى ئىشلەتكەن بىز يالغان سۆزلەمدۇق ؟


      مەن بۇ ھەقتە خىلى بۇرۇن بىر نەسە يازغۇم بار ئىدى ، بىراق ۋاقىت مەسلىسى بولۇپ قىلىپ يازالمىدىم ، بۈگۈنكى ۋاختىمدىن پايدىلىنىپ  مۇنبەرداشلار بىلەن بىللە مۇلاھىزە ئىلىپ بىرىشنى ئويلۇدۇم ،
     جەمىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يانفۇن كىشىلەر ئارسىدا ئاساسەن ئومۇملىشىپ كەتكەن بىر ئالاقە قورالى بولۇپ قالدى ، بۇنىڭ نۇرغۇن ياخشى تەرەپلىرى بولسىمۇ ، يەنە قىسمەن سەۋەنلىكلىرىمۇ بار ئىكەن ، ئەسلى بۇنىڭ ياخشى تەرپىدىن پايدىلىنىپ يامان تەرەپلىرىنى يۇقتۇرمىساق بولاتتى ، يانفۇننى ھازىر كۆپ كىشىلەر << يالغانچىنىڭ ئانىسى >> دەيدىكەن ، زادى كىم يالغانچى ، مۇنبەرداشلارنىڭ پىكرىنى ئالغۇم كىلىپ قالدى . تۆۋەندىكىلىرى ئۆزەم كۆرۈپ ئاڭلىغان  ۋە باشقىلاردىن ئاڭلىغان راس ئىشلار .

                                                             1.

       رامىزاندىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئىككى دوستۇم بىلەن ، بىر تىز تاماقخانىغا تاماق يىگىلى كىرگەن ئىدۇق ، يان تەرەپتىكى ئورۇندا ئولتۇرغان بىرسىنىڭ تىلىفۇنى تۇيۇقسىز سايراپ قالدى ، بۇ تىلىفۇندا << كۆۋرۈك >> دىگەن كىنونىڭ << ئاھ دوسلار خەيىر -خوش >> دىگەن مۇزىكىسى چىقىدىكەن ،  مەن بۇ ناخشىنى بەك ياقتۇرغان بولغاچ ، ئۇلار دىققىتىمنى تارتىپ قالدى ، 40 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئەر بىلەن 30 ياشلار ئەتراپىدا كىلىشكەن بىر چوكان ئولتۇرۇپتۇ ، ئەر تىلىفۇنىنى ئىتتىك ئالدى :
       _ ۋەي
      _ ...............................
      _ مەن ئىشخانىدا ئىشلاۋاتىمەن ئوغلۇم ،
       _ .................................
       _  بىرە سائەتكىچە قايتىمەن ،
      _ ...............................
      _ بولدى ، مىنى تاماققا ساقلىما ، ئاناڭ بىلەن تامىغىڭنى يەۋەرگىن
      _ .....................................
      _ ماقۇل ، خوش ئوغلۇم
     بىز بىر - بىرىمىزگە قارشىپ قالدۇق ، يىنىمىزدا ئولتۇرغان ئوتتۇرياش ئىككى خانىم :
      _ ۋاي بۇ يانفۇننى ، يالغانچىنىڭ بىشىغۇ زادى _ دەپ بىر - بىرىگە غۇدىراپ قويۇپ ئولتۇرۇشتى .

                                                   2 .

    ئايالى كاماندۇرۇپكىغا چىقىپ  ، قايتىدىغان مۆھلەتتىن ئىككى كۈن بۇرۇن قايتىپتۇ ، ئايال يولدىشى بىلەن باللىرىنى تۇيۇقسىز خوش قىلىۋىتىشنى ئويلاپ ئۆيگە خەۋەر بەرمەيلا يولغا چىقىپتۇ ، يولدا ماشىنا بۇزۇلۇپ قىلىپ ، بەك كەچ قاپتۇ ، ئۆيگە كىرگەن ۋاختىدا كەچ سائەت 11 بولغان ئىكەن ، قارسا ئۆيدە ھىچكىم يوق ، شۇنىڭ بىلەن يانفۇنىنى ئىلىپ ئېرىغا تىلىفۇن قىپتۇ :
      _  ۋەي ، قەدىرلىكىم بۇ كىچىدە تىلىفۇن قىپ قاپسىزغۇ
      _ ھە ، سىزنى نىمىش قىلىۋاتىدىكىن دەپ ، نەدە سىز ؟
     _ بۇ چاغدا  نەدىمۇ  بولامەن ، ئۆيدە ،
      _ قايسى ئۆيدە ؟
       _ قايسى ئۆي بولاتتى ئىككىمىزنىڭ ئۆيىدە ، قىزىتىپ قالمىغانسىز ؟ ئەجەپ سوراپ كەتتىڭىز
      _ باللاچۇ ؟
      _ ئۇخلاپ قالدى ، ئويغىتايمۇ
      _ ياق بولدى ،  
   ئايال تىلىفۇننى قويۇپ بەك ئۈمۈدسىزلىنىپتۇ  ھەم غەزەپلىنىپتۇ  بىردەمدىن كىيىن ئۆينىڭ مۇقىم تىلىفۇنىدىن تىلىفۇن قىلىپ :
    _ ھەي ! قايسى ئۆيۈڭدە بولساڭ ماۋۇ ئۆز ئۆيۈڭگە دەرھال قايتىپ كەل ،


                                              3.

        يىقىن ئۆتىدىغان بىر ئەر بىلەن بىر ئايال تاماققا بىللە باماقچى بوپتۇ ، ئەر ئايالنىڭ ئالدىغا ماشىنا ئىلىپ كەپتۇ ، ئايال ماشىنىغا چىقىپ بولۇپ ئەرگە قاراپ :
     _ يولدۇشۇمغا تىلىفۇن قىلىپ باقاي ، ئۇنىڭ نەدىلىكىنى بىلىپ ئاندىن ماڭاي _ دەپ يولدىشىغا تىلىفۇن قىپتۇ
     _ ۋەي ، تىلىفۇن قىپ قاپسىزغۇ ، ئىش بامىتى ،
     _ دوسلۇرۇم چاقىرىپتىكەن ، بىرىپ كىلەي دىگەن ، سىز نەدە ؟
     _ مەن تۇرسۇننىڭ ئۆيىدە ، تۇرسۇن نەچچىمىز بىللە قەرت ئويناۋاتىمىز ، بوپتۇ ، دوسلىرىڭىز چاقاغان بولسا بىرىپ كىلىڭ ، كەچتە ئۆيدە كۆرۈشىلى ،
      _ ماقۇل خوش ئەمىسە
      ئايال تىلىفۇننى قويدى يىنىدىكى ئەر :
     _ نەدىكەن _ دەپ سورىغانتى ، ئايال :
     _ ئۇ سىزنىڭ ئۆيىگىزدە سىز بىلەن قەرت ئويناۋىتىپتۇ


                                       4 .

      بىر كۈنى چۈشتە بىر ئەر ئايالى بىلەن باللىرىغا كەچتە مىھمان قىلىدىغانلىغىنى ئىيتىپ ۋەدە بىرىپ چىقىپ كىتىپتۇ ، ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاختى كەپتۇ ، ئەر كىرمەپتۇ ، ئايالى تىلىفۇن قىپتۇ ، ئەر تىلىفۇننى ئاپتۇ :
      _  نەدە سىز  ئۆيگە كىرمەمسىز ؟ _ دەپ سوراپتۇ ئايال  
      _ مەن ئىشخانىدا ، ھازىرلا كىرمەن _ دەپتۇ ئەر
    ئايال باللىرى بىلەن خىلى ئۇزۇن ساقلىغان بولسىمۇ ، ئەر كىرمەپتۇ ، ئايال يەنە تىلىفۇن قىپتۇ
       _ كەچ بوپ قالدى ، كىرمەمسىز ،
       _ مانا ھازىر ، مەن ئىدارىنىڭ ئالدىدا
    ئايال باللىرىنى ئىلىپ ئىدارىنىڭ ئالدىغا چىقسا ئېرىنىڭ سايىسىمۇ يوق ، يەنە تىلىفۇن قىپتۇ :
    _ مەن ئىدارىڭىزنىڭ ئالدىدا ، سىز زادى نەدە
    _ مەن ئىشخانامدا
    ئەپسۇس ، ئوغلى دادىسىنىڭ ئىشخانىسىغا چىقىپ تاپالماي چىقىپتۇ


                                                  5.


     بىر كۈنى بىر يىگىت يولدا كىتىۋىتىپ ، توي قىلىشقا پۈتۈشكەن قىزىنى يىراقتىن كۆرۈپ قاپتۇ ، چاقىراي دىگۈچە ئۇ قىز ياندىكى بىر قەھۋەخانىغا كىرىپ كىتىپتۇ ،  قىزنىڭ يىنىدا ياش بىر  يىگىتمۇ بار ئىكەن ، شۇنىڭ بىلەن بۇ يىگىت  قىزغا تىلىفۇن قىپتۇ :
      _ ۋەي ، تىچلىقمۇ
      _ تىچلىق ، نىمە قىلىۋاتىسىز _ سوراپتۇ يىگىت چاندۇرماي
       _ دادام بىلەن تاماق يەۋاتقان ،
     _ ھە ، قەھۋەخانىدا تاماق بامىكەن ، دادىڭىز ئەجەپ ياشىرىپ قاپتۇ - ھە
     _ نىمە ؟ سىز نەدە _ ئاڭغىچە يىگىت تىلىفۇننى قويۋىتىپتۇ

     دەپ كەلسەم بۇنداق مىساللار بەك كۆپ ، بەلكىم مۇنبەرداشلارنىڭمۇ بۇ توغۇرلۇق ئاڭلىغانلىرى كۆپتۇ ، زادى يانفۇن يالغانچىمۇ ياكى يانفۇن ئىلەتكەن بىز يالغانچىمۇ ؟
     بۇ تىمامنى ئالدىنقى كۈنى مۇنبەردىشىمىش نازارەتچىنىڭ << يانفۇنۇم >> دىگەن شېئىرىدىن بىر كۇپلىتنى نەقىل ئىلىپ ئاخىرلاشتۇرمەن .

                       ئالدىسام چانماس قەيەردە ، مەن ئەگەر چۆلدە دىسەم ،
                       قاغجىراق سايدا يۈرۈپمۇ ، يايرىدىم كۆلدە دىسەم ،
                       ياماشماستىن تىك چوققىغا  ، مەن قىيا - بەلدە دىسەم ،
                       مەن ئۆزۈم خائىن تۇرۇپ ، ئەسيادىم ئەلدە دىسەم ،
                       چىن پۈتەر ھەركىم گىپىمگە ، قىلما تۆھمەت يانفۇنۇم .



                        مەنبە : nazila998   





كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

كۆپ پۇل تېپىش تۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10064
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9794
تۆھپە نۇمۇرى: 732
توردا: 1055 سائەت
تىزىم: 2010-9-12
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 12:37:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يانفۇندا نىمە گۇناھ ؟ ھەممە گەپ ئۈزىمىزدە تۇرسا .

كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى  باي دادام تور خاتىرىسىدە                       http://baydadam.net/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20572
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4073 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2014-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 12:43:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازماقچى بولغان ۋەقەلىكنى يۇمۇر تەرىقىسىدە يېزىپسىز،بۇمۇ بىر ياخشى ئۇسلۇپ بوپتۇ،ھەم ياخشى چىقىپتۇ.كىشىنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدىغان ئىشلار.بايا تېخى بىر خىزمەتدىشىمىز ئىشخانامغا كىرىپتۇ،قاپاقلىرى ئىششىپ كەتكەن،ئۇيقۇغا تويمىغان ھالدا ئەسنەپ.ئەمما بەكلا روھلۇق،نىمە بولدۇڭ دېسەم.سەت ھىجىيىپ،ئاخشام قالتىس بىر مەيدان ئولتۇرۇپتۇق،ئىچىپ،چېكىپ،ئويناپ......قاتتىق چىشلىۋاپتۇ،ئاخشامقى ئىشلار ئېسىمدە يوق!ھا....ھا....(بۇ بايقۇشنىڭ ئايالى ئېغىر ئاياق،ۋاختى كۈنى يېقىنلاپ قالدى)،بۇ ئۇلۇغ رامىزان كۈنلىردە قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Suchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-10 12:44 PM  


بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!
foormat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 12:46:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7567
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2441 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2013-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 12:47:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يانفون نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمما، گەپ ئۇنى قايسى يولغا، قانداق ئىشلىتىشتە.
دىيانەت، ئىنساپ كۆتۈرۈلۈپ كەتسە، يانفون تېمىدا دىيىلگەندەك رول ئوينايدۇ.
ھەممە گەپ ئىشلەتكەن ئادەمگە باغلىق.

بىرەر ئەسەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن، تۇرمۇشقا چۇڭقۇر چۆكۈش كېرەك، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ياخشى ئەسەرلەرنىڭ مەنبىيى. رەھمت، تېمىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.

ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3429
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27284
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8365 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 12:50:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يانفۇن ئۇ پەقەت بىر ۋاستە.

ئادەمدە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولمىسا ،ھەممە گىپى يالغان بولىدۇ. يالغانچىلىق قىلىپ
كۆنۈپ قالغان ئادەم راست گەپ قىلسىمۇ ھىچ ئىش بولمايدىغان ئىشلاردىمۇ يالغان سۆزلەيدۇ.
باشقىلارنىڭ سەمىمىيىتىدىن گۇمانلانساق ئەڭ ياخشىسى ئالاقىنى توختاتقۇلۇق.
مەيلى قىز-ئوغۇللار ئارىسىدىكى مۇھەببەت بولسۇن،  ياكى ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھ بولسۇن، ۋە ياكى خىزمەتداشلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بولسۇن، سەمىمىيەتسىزلىكىنى بىلگەن ھامان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش كىرەك.

سەمىمىيەتسىز ئەر-ئايالنىڭ كۆپلەپ كىتىشى ھەرقانداق ئادەمدە گۇمانخورلۇق پەيدا قىلىپ قويىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىرىمىز سەمىمىيەتنى ئۆزىمىزدىن باشلىساقلا باشقىلارنىڭ يالغانچىلىقىدىن ئازراق بولسىمۇ قۇتۇلۇپ قالالايمىز.

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47565
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3909
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1332 سائەت
تىزىم: 2011-7-12
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 12:52:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ ياخشى ئۈگىنىۋالدىم .   ھى ھى ھى
  مەنمۇ ئۆزەممۇ بىلمەيلا يالغان گەپ قىلىپ سالىمەن .  خوشام يوق بىرى تېلفۇن قىلىپ چاقىرسا ، چوڭ ئۆيگە ھازىر كەلگەن دەپلا يوق قىلىمەن . ئەمىلىيەتتە كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا مىسرانىمغا چېكەتكىدەك قاراپ ئولتۇرىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 632
يازما سانى: 3050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12784
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 2828 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 01:20:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يالغانچىلىق گۇناھىنى يانفۇنغا ئارتىپ قويساق بولماس .

سۈكۈت ئاجىزلىقتىن ئەمەس ، سەۋىردىن بىشارەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83193
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3033
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-7-29
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 01:36:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسچىللىق بىر پەزىلەت،سۆزلىرىڭدىن ئۈنچىلەر ئۈنسۇن،باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالما،        راسىت سۆزلەشنى ئۆزۆڭگە ئادەت قىل!                                                                                 ئېسىل ياشا!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11654
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 01:54:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلىفۇننى راس سۆزلەتسە چوقۇم راس سۆزلەيدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qog تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-10 04:55 PM  


سۇمرۇغنىڭ قۇيرىقى بولغىچە خورازنىڭ تاجىسى بول!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش