مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 512|ئىنكاس: 13

ئاياللىق سەنئىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28813
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5388
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2011-2-2
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 10:59:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                      ئاياللىق سەنئىتى
                                  201109021257377565.jpg

            
                 ھازىرقى ۋاقىتتا بەزى يىگىتلەرنىڭ ئۆيلىنىشكە كۆنمەيۋاتقانلىقىنىڭ قىسمەن سەۋەبچىسى ئۆزىمىز ئەمەسمۇ؟ ھازىرقى قىممەتچىلىك دەۋردە ، بىز ئاياللارنىڭ <بەر--بەر؟>، <ئېلىپ كەل!> دەپ تۇرۇشىمىزمۇ بەزىلەرنى چۆچۈتۈپ قويماقتا.
               
                _قانداق قىلىپ ئۆيلىنەرسەن ؟ ئاياللارنىڭ تەلىپى كۆپ، بازاردا قىممەتچىلىك، ئۆي ئىشلىرىغا ئېگىلگۈسى كەلمەيدۇ.
      
            ئەرلەرنى نېكاھتىن ئۈركۈتمەسلىك، ئۆينىڭ كېرەكسىز نەرسىلەردىن خالىي بولۇشى ئۈچۈنمۇ ئايال ياخشى ئايال بولۇشى كېرەك . ۋاقىتنىلا ئەمەس، پۇلنىمۇ تېجەشنى بىلگەن ،ئۆي ئىشلىرىنى ئۆزىگە ئازاب ئەمەس ، خوشاللىق دەپ قوبۇل قىلغان ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنى تەڭپۇڭ تۇتۇشنى بىلگەن ئايال ئەلۋەتتە، ياخشى ئايالدۇر . ئاۋۋال ئايال سەھەر تۇرۇشى كېرەك . ئايال كېچىكىپ  تۇرسا ، ئائىلە ھاياتىنىڭ تەرتىپى بۇزۇلىدۇ. كۆپ يەرلەردە ئائىلىنىڭ شۇ كۈنلۈك پىلانى سەھەردە ، ھەممەيلەن ناشتىغا ئولتۇرغاندا تۈزۈلىدۇ. ياخشى ئايال ئۆزى ئۆيدە قالسا ياكى كۆپچىلىك قاتارىدا ئىشقا كەتسىمۇ ، نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. ياخشى ئايالغا سەھەردە ھەممەيلەن ئۆز < رىشتىسىنى باغلاپ كېتىدۇ>.
                                                           
                 توغرا ، ھەممىدىن ئەتىگەن تۇرىدىغان ، لېكىن نە ناشتىسى، نە چۈشلۈكى ۋاقتىدا تەييار بولمايدىغان ئاياللارمۇ بار . بۇ ئۇلارنىڭ ۋاقىت تەرتىپىنى بىلمەسلىكىدىن ، ۋاقىتنى ئورۇنسىز ئىشلارغا سەرپ قىلىپ ، ئاساسى ئىشلارغا كەلگەندە ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىدىن بولغان . بۇنداق ئاياللار باشقىلار ( ئائىلە ئەزالىرى)نىڭ ناشتا ياكى چۈشلۈكىنى ساقلىتىش بىلەن ئۇلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئوغرىلايدۇ. ئېرىڭىز سىرتتا ناشتا قىلسا ياكى چۈشلۈك تاماق يىسە ، بۇنىڭغا سەۋەبكار ئۆزىڭىز ئەمەسمۇ ؟ ئۇلار پۇلنى خەجلىۋەتسىمۇ ، لېكىن ۋاقىتنى ئۇتىدۇ -دە!
     
                كۆپلىگەن ئاياللار ئىقتىساد قىلىش ، تىجەش دىگەندە ئاساسەن كېرەكلىك مەھسۇلاتنى ئەرزانغا ئېلىشنى چۈشىنىدۇ . بەزى ۋاقىتلاردا < ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق> دىگەن ماقالىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ . بىر يەردە تىيىن  پۇللارنى تىجەپ ، باشقا يەردە چوڭ پۇللارنى ھېچ ئويلىماي سەرپ قىلىدۇ. ئەتراپىڭىزغا بىر قاراڭ : كۆزىڭىزگە ياخشى كۆرۈنگەنلىكى ئۈچۈنلا ئېلىنغان بۇيۇملار ياكى ھازىر زۆرۈر بولسىمۇ< ئۆتكەن بازاردا بۇ بۇيۇم پالان پۇل ئىدى !> دەپ ئالغانلىرىڭىز ئاز ئەمەستۇر - ھە!
   
                 ھەربىر ئايال ئۆز ئۆيى ، ئۆز مەمىلكىتىدە ئۆز ئائىلە ئەزالىرىغا قاراپ ياشاشنى بىلىشى كېرەك . ھەركىم < يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇشى > كېرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى ئايال باي كىشلەرنىڭ ھاياتىغا ھەۋەس بىلەن قاراپلا قالماي، ئۆز سەرپ - خىراجەتلىرىنىڭ ھېسابىنىمۇ ياخشى بىلىشى كېرەك .
                  
                     ھازىرقى ئاياللارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك بىرەر ئورۇندا ئىشلەيدىغانلىقى ئۈچۈنمۇ ، سەرپ -خىراجەتلەر نورمىسىنىڭ قانچىلىك بولدىغانلىقىنى ياخش بىلىشىدۇ . ئىستېھزارلىق كۈلۈشكە ئالدىرماڭ . ھېساب - كىتابنى ياخشى بىلىدىغان ئائىلىلەردە كېلىشمەسلىك بولماسلىقى ئېنىق . راستتە ، قولىغا پۇل چۈشكەن ئايال ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ، كېيىن قولىغا يەنە قاچان چۈشىدىغانلىقىنى ، شۇ مۇددەت ئىچىدە نېمىلەرنى ئېلىش  زۆرۈرلىكىنى قايتا - قايتا مۆلچەرلەيدۇ . پۇلنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ زۆرۈرلىرى ئىچىدىن ئەڭ زۆرۈرىنى ئايرىپ چىقىدۇ . بولمىسىچۇ؟ ئەگەر ھېساب - كىتابنى نەرسىلەرنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن قىلىشقا باشلىسا ، ئاخىرى مەبلىغى ئەڭ زۆرۈر نەرسىلەرگە ، مەسىلەن ، ئوزۇق - تۈلۈك، سوپۇن ، بالىلارنىڭ دەپتەرلىرىگە يەتمەي قالىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ . قاراپ تۇرۇڭكى ، ئائىلىدە يەنە نىزا چىقىدۇ . سىز نېمە دىسىڭىز دەڭ ، لېكىن پىكىرىمىزچە ، ئايالغا ھېساب- كىتاب دەپتىرى ناھايتى كېرەك . شۇنىڭدا ئېرى ئىشىنىپ تاپشۇرغان پۇلنى ئورنىدا سەرپ قىلىشقا تېز ئۈگىنىدۇ . قانداقلا بولمىسۇن ، كونىلار < ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، ئەرنى يەر قىلغانمۇ خوتۇن > دەپ بىكار ئېيتمىغان . چىۋەر ، تېجەشلىك ، سەرەمجان ئايال ئېرىنىڭ تاپقىنىغا قوشىدۇ . ئۇنداق بولمىسا ئېرىنىڭ بېشىنى قەرزدىن كۆتۈرگۈزمەيدۇ .ئۆيدە تەرتىپ ، سەرەمجانلىق بولسا ، يەنە ئايال ياخشى خۇلقلۇق پاراسەتلىك بولسا كىرىمى ئۇنچە كۆپ بولمىغان ئائىلىلەردىمۇ  ئۆي ئۈچۈن كېرەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشىش مۈمكىن .

            مەنبە : < ئاياللارنىڭ بەخىت قۇياشى>
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zufri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-10 11:00 AM  


12I221056-T08_lit.jpg
‹زىمىن نەپەسلەنسە بىزمۇ ياشايمىز، زىمىن نەپەستىن توختىسا بىزمۇ ھالاك بولىمىز...›
      __ جىبران خېلىل جىبران

ئەردەمئاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41612
يازما سانى: 786
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8387
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 628 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 11:31:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايال بىر ئائىلىنىڭ گۈللىنىشى ۋە خاراپ بولۇشىدا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ.بىر دىيانەتلىك ئايال ئائىلىنى رەتكە سالالايدۇ  بار-يوقنى چاندۇرمايدۇ~~~~~~~~

ھەربىر قەلب گۈزەل بولغاندىلا پۈتكۈل ھاياتلىق گۈزەللىككە تولىدۇ! مېھرى مۇھەببەت بىلەن تولسۇن كەڭ ئالەم!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4182
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 234 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 12:03:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىز-ئاياللار تىز كىرىڭلار  مەن ئاستا چىكىتەي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11872
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 982 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 12:08:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقىي ئايالنىڭ مەنىسى

ھالۋىنى تولا يىگۈزۈپ زاڭ تېتىتىپ قويمايدىغان، ۋاقتى كەلگەندە قەھرىنىمۇ شېرىن ھېس قىلدۇرالايدىغان ئايال ھەقىقىي پەزىلەتلىك ئايال، سۆيگەن يارىنىڭ يەلكىسىگە يۆلىنىشنى بىلىدىغان ھەمدە يىقىلغان يارىنى پۈتۈن جىسمى بىلەن يۆلەشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقىي ۋاپادار ئايال.

راستنى ھامان راسىت دەيدىغان، لېكىن ئۆزگىنىڭ زىل كۆڭلىنى ئايايدىغان يەردە چىن مەۋقەسىنى باشقىچە ئۇسۇلدا ئىپادىلەشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقىي سەمىمىي ئايال.

كۆڭلى بولمىسا، پادىشاھنىمۇ رەت قىلىپ، ئىشقى باغلانسا، كۆك نامراتنىڭمۇ ئايىغىغا باش قويالايدىغان ئايال ھەقىقىي ئىپپەتلىك ئايال  .


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 2418
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 24680
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 4396 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 12:13:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىنىڭ باش ئاخىرىغا قىستۇرغان رەسىمىڭىزنىڭ ئورنىغا ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ياخشى رەسىملەر بار ئىدى ، سىز ھىس قىلالماپسىز ،

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11872
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 982 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 12:25:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەقىللىق ئاياللار ئائىلىۋىي بەختنى قانداق يارىتىدۇ

ئاياللار ئائىلىنىڭ بەختىنى بەرپا قىلغۇچى ئۇلۇغ شەخس. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چېچەن- چىۋەرلىكى، چەكسىز مېھىر- مۇھەببىتى ۋە ئىللىق چېھرى ۋە ئەقىل- پاراسىتى بىلەن ئائىلە ئەزالىرىغا خۇشاللىق بېغىشلىغۇچىلاردۇر.
كۆپ جەھەتلەردە ئوخشايدىغان ئايرىم جەھەتلەردە پەرقلىنىدىغان ئاياللار.
تويدىن كېيىن تۇرمۇش ئادىتى، خاراكتېرى، قىزىقىشى ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئادەم بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئەگەر ئايال ئېرىنى ئۆزىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزگەرتمەكچى بولسا، ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ئېرىنىڭ نارازىلىقى ۋە بىزار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چوڭ ئىشلاردە بىرلىككە كېلىپ، كىچىك ئىشلاردا پەرقنى ساقلاپ قالغاندىلا ئاندىن بۇ ئائىلە ئىناق بولىدۇ.
ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقاتمىغان ئايال.
ئشەنچ ئەسلىدىنلا بىرخىل سېھرى كۈچ. ئەگەردە سىز ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئېتراپ قىلسىڭىز، ئۇنداقتا باشقىلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىز. ئۆزىگە ئىشىنىش تاشقى كۆرۈنۈشتىلا ئىپادىلىنىشتىن باشقا، يەنە ئۈزلۈكسىز ھالدا بىلىم ئاشۇرۇش، ساپانى يۇقىرى كۆتۈرۈش، پەزىلەتلىك بولۇش قاتارلىقلاردىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
ئائىلىسىدىكىلەرنى سۆيۈش بىلەن ئۆزىنىمۇ سۆيەلەيدىغان ئايال.
ئاياللارنىڭ تويدىن كېيىن ئېرىنى، بالىلىرىنى سۆيۈش تەبئىي ئىش، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. ئۆزىنى قەدىرلىگەنلىك ئەمەلىيەتتە ئائىلىنى قەدىرلىگەنلىك.
چوڭ ئىشلارغا ئالدىراپ قالمايدىغان، كىچىك ئىشلاردا ھېسابلىشىپ كەتمەيدىغان ئايال.
تويدىن كىيىن ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ پىكرىنىڭ بىردەك بولماسلىقى دائىم بولىدىغان ئەھۋال. چوڭ ئىشلاردا پىرىنسىپنى تەكىتلەش، ھودۇقۇپ كەتمەسلىك،كىچىك ئىشلاردا ئەڭ ياخشىسى بەك ھېسابلىشىپ كەتمەسلىك كېرەك. ئەگەر ھەمىشە كىچىككىنە ئشلاردىمۇ جاڭجاڭلاشسا ۋاقىت ئۆتكەنسىرى مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىشىنى،ھېسسىياتىڭ سۇسلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بەلگىلىك دەرىجىدە ئائىلىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئايال.
ئائىلىنى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلىك ئائىلە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ بولۇشى زۆرۈر. ئاياللار بىر مۇنەۋۋەر«غوجىدار»بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. ئائىلە مەيلى قانچىلىك ياخشى خاتىرجەم تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئاياللار يەنىلا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىشى كېرەك. ئەر-خوتۇننىڭ قوش شەمشەردەك ماسلىشىشى بولسا بىر مۇكەممەل ماسلىشىشتۇر. توي قىلغان ئاياللار ئائىلە باشقۇرۇشقا دائىر بىلىملەرنى كۆپرەك ئىگەللەپ، ئۆزىنى ئازادە، خۇشال ئائىلە ئىشلىرىنى ماھىرلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ،غەم-قايغۇدا چارىسىز قېلىشتىن كۆڭۈل پاراكەندىچىلىكىدىن ساقلىنىش كېرەك.
ئۆزىنىڭ قىزىقىش، ھەۋىسىنى ساقلاپ قالغان ئايال.
ئاياللار توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى قىزىقىشىنى ساقلاپ قالغىنى ياخشى، بولمىسا ئۇلاردا ئائىلىگە كەلگەن كىچىككىنە كۆڭۈلسىزلىك سەۋەبىدىن ناھايىتى ئاسانلا ئۈمىدسىزلىنىش، ئىچى سىقىلىش يۈز بېرىدۇ. تويدىن كىيىن ئاياللار ئۆزىنىڭ نورمال دوستلۇق چەمبىرىكىنى ھاسىل قىلىش كېرەك.



مەنبە   :       http://uygur.chinabroadcast.cn/7466/2012/07/30/1349@444541.htm

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

چــــــــــــــــــــــــــوغ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 1616
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8589
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 500 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 12:32:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللىق سەنئىتى دەپمۇ سەنئەت باما ھازىر؟مەن بىلمەيدىغان ئىشلار بەك كۆپمۇ نىمە؟

قۇربان ھىيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!كەلدى ئايەم كۈلدى ئالەم.خۇشال كۈنلەر!

فورمات

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74255
يازما سانى: 1287
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8326
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 846 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 12:33:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77422
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3108
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2012-3-14
ئاخىرقى: 2012-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 12:53:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇتىمىنى بارلىق قىز ئاياللار كۆرسە ياخشى بولاتتى

卐创造历史+征服未来=统治者卐

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 3052
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5886
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 3142 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 03:32:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايال دىگەن مۇشۇنداق بۇلۇشى كېرەك .....بەزى ئاياللارغا ئىش قىلپ توۋا دىسە بۇلىدۇ ..ئەتگىنى يولدىشى بىلەن بىللە قوپدىغان ...بېشى يەيدۇ ئۇنداق نۇمۇسسز ئاياللار ..ئاللا ئاللا يولدىشدىنغۇ نۇمۇس قىلمسۇن ،قىيىن ئاتا-ئانسدىن نۇمۇس قىلسچۇ كاشكى ..

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش