مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 645|ئىنكاس: 2

ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19518
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1944 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 09:35:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                     ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىدە< 1>

      ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىدە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاقىنى ئىپادىلەيدىغان مەزمۇنلار؛ ئوقۇقۇچىلار؛-
        1. ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى توغرا ئاتىشى ۋە ئىسىدە ساقلاش.
        2. ئوقۇغۇچىلارغا سەمىمى مۇئامىلە قىلىش. يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي بولۇش.مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئادىل بولۇش.
        3. لەۋزىدە تۇرۇش،ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە كۆرۈلگەن ئوخشاش خاتا ئىشلارغا ئوخشاش پوزىتسىيە تۇتۇش.
        4. تەھدىت خارەكتىلىك سۆزلەرنى ئىشلەتمەلىك.
        5. ئاز ساندىكى ئقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىزامسىزلىقى سەۋەپلىك ھەممە ئوغۇچىنى ئەيىپلىمەسلىك.
        6. كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئوقۇغۇچىلارغا ئاچچىقلانماسلىق.
        7. جامائەتنىڭ ئالدىدا ئوقۇغۇچىنىڭ يۈزىنى چۈشۈرمەسلىك.
        8. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلىرىنى ئاڭلاش،ئۆزىنىڭمۇ مۇستەقىل قارىشىنى ئىپادىلەش.
        9. ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىش. ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىش.
        10. ئوقوغۇچىلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىتىنى ساقلاش.
        11. ئۈگۈنىشنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھى يۈكىگە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق.
        12. ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇئامىلە قىلىش جەريانىدا خاتالىق كۆرۈلسە ئۇنى ئىتراپ قىلىش.
        13. ئوقۇغۇچىلار مۇناسىۋىتىدە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئايرىم سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش.
        14. ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوچوق-ئاشكارە تالاش-تارتىش قىلىشتىن ساقلىنىش،ئايرىم پىكىر ئالماشتۇرۇش.
        15. ئوقۇغۇچىلار بىلەن كەڭ ئۇچرىشىش،ئۆز ئارا سۆزلىشىش.
        16. تەنقىدى خارەتىرلىك پىكىرلەرنى ئازراق ئوتتۇرغا قويۇش.
        17.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر بىر ئۇششاق ھالقىللىرىغا ئارلىششتىن ساقلىنىش.
        18. ئۆزىنى روھلۇق تۇتۇش،ئۆزىنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىغىننى تونۇش.
        19. ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىسى بىلەن ئۇچرۇشۇپ تۇرۇش.
        20. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىللىرىنى ھەل قىلشتا مۇناسىۋەتلىك ئورۇلار بىلەن ئالاقىلىشىشقا دىققەت قىلىش.
        21. مەكتەپنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رۇئايە قىلىش ۋە ماسلىشىش.
        22. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلەش.
              مەنبە؛ ئوقۇتقۇچىلارنى دائىملىق تەربىيلەش جەۋھىرى.
     
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-10 11:12 AM  


كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 939
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7241
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2408 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 01:03:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىلىرىگە ھەرقانچە قىلساقمۇ ئەمەل قىلالمايدىكەنمىز. ھەممىسىگە ئەمەل قىلالىساق، خىېلى بىر ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولالايتتۇق.
ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى بىر تەربىيەلەشتە، ئوقۇتقۇچى مۇنداق بىر قائىدىنى سۆزلىگىنى ئېسىمدە: سىلەر مەكتەپتە ھاجەت خانىغا كىردىڭلار، چىققان چاغدا شۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىڭلاركى، كىيىملىرىڭلارنى ھاجەتخانىدا تۈزەشتۈرۈپ بولوپ ئاندىن چىقىڭلار، ھاجەتخانىدىن چىققاچ كەمەرلەرنى چىڭىتىدىغان، كۆينەكنىڭ پەشلىرىنى قىستۇرىدىغان قىلمىشلاردىن قەتئىي ساقلىنىڭلار.
يېزا مەكتىپىگە بارغاندىن كىيىن، ۋە ھازىر مەكتەپلەرگە خىزمەت تەكشۈرگىلى بارغاندىىن كىيىن شۇنى بايقىدىمكى، بەزى ئوقۇتقۇچىلار، ھەتتا ئايال ئوقۇتقۇچىلارمۇ شۇ ئىشقا دىققەت قىلمايدىكەن.

21- تۈرگە كەلسەك، ئوقۇتقۇچى تۈزۈمگە ئاڭلىق بويسۇنۇش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. مەكتەپ مۇدىرى ئۆزى تۈزگەن، ناباب تۈزۈملەرگە ئۆزىنىڭ قارىشىنى، مەيدانىنى ئېنىق ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلىشى كېرەك.  

ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19518
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1944 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 01:51:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىدە؛-ئوقۇغۇچىغىمۇ،ئوقۇتقۇچىغىمۇ يۇقۇرى تەلەپ قويۇلىدۇ،ئەمما ئوقۇتقۇچىغا قويۇلىدىغان تەلەپ تېخىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ.شۇ مەخسەتتە ئوقۇتقۇچىغا قويۇلغان تەلەپنى ئالدىن تونۇشتۇرغان ئىدىم. شۇڭا تورداشلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈممۈت قىلىمەن.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش